ماتىرىيال سۈرەت
تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيبېي شەھىرىدىكى 16 ياشلىق قىز ئادەتتە كارۋىتىدە يېتىپ تۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۇششاق يىمەكلىك يەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇلىقىنى تازلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىپ كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ قۇلىقىدىن 30 دىن ئارتۇق چۈمىلىنى تېپىپ چىققان بولۇپ، قۇلاقنىڭ ئىچىدە بەلكىم «چۈمىلە ئۇۋىسى» بولىشى مومكىن ئىكەن.
دوختۇر يەنە چۈمۈلە قۇلاققا كىرىپ كەتسە، قۇلاق پەردىسىنى يېۋىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش سېزىمى تەسىرگە ئۇچراپ، مۇشۇ سەۋەپلىك بىمارلار ئاڭلىيالماس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بۇ خىلدىكى ھاشارەتلەتنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، قۇلاققا ئاۋۋال ئىككى تېمىم سالات مېيى تېمىتىپ، چۈمۈلىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن دوختۇرخانىغا كىلىپ دوختۇردىن مەسلىھەت ئىلىپ داۋالىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى قىچىشقىنىدىن پارتىلاپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، ئۆزى كارۋىتىدە يىمەكلىك يىگەچ قۇلىقىنى كولاشقا ئادەتلىنىپ قالغاچقا بەلكىم ئۇششاق يىمەكلىك ئارىسىدىكى چۈمۈلە ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كەتكەن بولىشى مومكىن ئىكەن. قىزچاقنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەلگەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئىلگىرى بىر نەچچە تال چۈمىلىنىڭ قىزچاقنىڭ قۇلىقىدىن مېڭىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەن.
دوختۇرنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرىشى ئارقىسىدا، قىزچاقنىڭ سول قۇلىقىدىن تەخمىنەن 5-6 تال، ئوڭ قۇلىقىدىن تەخمىنەن 20 نەچچە تال چۈمىلە چىققان بولۇپ، ئوتتۇرا قۇلاق يولى ئېغىر دەرىجىدە قىزىرىپ، ئىشىپ، ياللۇغلانغان. دوختۇر قىزنىڭ قۇلىقىدىكى چۈمىلىنى تازلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇلىقىغا دورا سېلىپ قويغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، قىزنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كەتكەن چۈمىلىلەر ئاساسەن ئۆلگەن بولۇپ، بىراق قىز دائىم قۇلاق دورىسىنى قۇلىقىغا تېمىتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.
دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، چۈمۈلە قۇلاق ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، قۇلاق پەردىسى تەرىپىدىن توسۇلۇپ قېلىنىدىكەن. شۇڭا مېڭىگە كىرىپ كېتەلمەيدىكەن. ئەگەر ئادەمنىڭ قۇلاق پەردىسى چۈمۈلە تەرىپىدىن زەخمىلەندۈرۈلسە، ئادەمدە قاتتىق ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدىكەن. دوختۇر يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئەگەر بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، قۇلاققا سالات مېيى تېمىتىپ، چۈمۈلە قاتارلىق قۇرت تۈرىدىكى ھاشارەتلەرنى ئاۋۋال تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرخانىغا كىلىپ داالىنىشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ھەرگىزمۇ ئالاقەزادە بولۇپ قۇلاقنى خالىغانچە كولىماسلىق كېرەك، دېگەن. دوختۇر ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ: «چۈمۈلىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، قۇلاققا كىرگەندىن كېيىن قۇلاق ئاجرىتىپ چىقارغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرگە ئۇۋا سالمايدۇ. قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرگەن چۈمۈلىلەر يىمەكلىك ئىزدەشكە مەسئول ئىشچى چۈمىلىلەر بولىشى مومكىن» دېدى.
مەنبە: نۇر تورى
http://www.nur.cn/html/news/22477.shtml