ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خىروئىن چىكىش ۋە خىروئىن سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار:
1. زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانى 20 مىڭدىن 25 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن؛
2. زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلار سانى 100 مىڭ ئەتىراپىدا ئىكەن؛
3. زەھەرلىك چىكىملىك سودىسى بىلەن تۇتۇلۇپ قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلار سانى 7~10 مىڭ ئىكەن؛
4. Bates Gill ۋە سوڭ گاڭنىڭ <<شىنجاڭدىكى ئەيدىز>> دىگەن ماقالىسىدا بايان قىلىشىچە، 2005-يىلى پۈتۈن جۇڭگۇدىكى تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر چەككۇچىلەرنىڭ سانى 1.16 مىلىيۇن بولۇپ، 2004-يىلىغا نىسبەتەن 100 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. ئۇيغۇر ئىلىدە بولسا تىزىمغا ئىلىنغان زەگەر چەككۇچىلەرنىڭ سانى 25664 يەتكەن، ئەمەلى سان 180 مىڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
5. خىروئىن چەككۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ 70% خىروئىننى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئىكەن؛
6. بۇ 70% خىرويىننى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەخمىنەن 61% بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن؛
7. بۇ 61% بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكۇچى ئۇيغۇر ئىچىدە 60% تىدىن ئارتۇقى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن.
دوكتۇر مەمەت ئىمىننىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ناملىق ماقالىسىدىن ئۈزۈندە .
مەنبەسى : بۆرە يار بىلوگى (
http://borayar.web-64.com/?cat=1 )