بەخىتسىز سۆيگۈ
كىرىپ قاپسەن چۈشۈمگە يەنە،
ئىلگىرىكدەك يېقملىق كۈلۈپ.
خالمايتىم سېنى كۈرۈشنى،
كەتكەن ئىدىڭ قەلبمدە ئۈلۈپ.
كۈلكەڭ بىلەن كۈلگەندەك بولدى،
مىسكىنلىككە تولغان ئالەممۇ.
خىرە-شىرە چاقنىدى قايتا،
ئۈمۈدسىزلىك ئالغان كۈلكەممۇ.
ھېس قىلىمەن ئۈزۈمنى دائىم،
بىر سېنىڭدىن چەكسىز يىراقتا.
خالمايمەن يېقنلىششنى،
مەيلى يۈرسەم شۇنداق پىراقتا.
كۈرۈنمەيدۇ خۇشاللىق ئەسلا،
كەلگۈسىمز غۇۋا-تۇمانلىق.
كەتمەكچىمەن يىراقلاپ سەندىن،
كەلگۈسڭگە تىلەپ ئامانلىق.
ئايلانمىقى باردۇر ئۆتمۈشكە،
مۇھەببەتنڭ ئاخىر بىر كۈنى.
بەخىتلىك بول دەيمەن پىچىرلاپ،
سەن يادىمغا كەلگەن كۈن-تۈنى.
مەنبەسى:ئۈزۈم