< قوش ئامەت > رىستۇرانىدىكى بولمىغۇر قىلىقلار
بۈگۈن يىقىن بىر دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى . 
مەن بۇ مەرىكىگە بالدۇراق بىرىپ دوستۇمغا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن چۈشلۈك تامقىمنى ئالدىراپ يىدىم -دە دوستۇمنىڭ تەكلىۋى بويىچە دوپپامنى كىيىپ ، شىم -كاستۇمنى ئۇچامغا ساپتىمدە تىلفۇن قىلدىم . 
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، قانداق ئەھۋال؟ 
دوستۇم خاپا بولغان ھالدا ؛--ئادۇش!!! باركەنمىز --ھە؟؟؟  < ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ > دەپ يىقىن ئاغىنە بولغاندىكىن بالدۇراق بىرىپ  قارىشىپ بىرەي دىمەي ئەمدى تىلفۇن قىلامسىلە ؟ سىلنىمۇ كۆرۈپ قويدۇق جۇما !!! 
مەن خىجىل بولغان تەلەپپۇزدا ؛--خاپا بولماڭلار ئاداش ، مىنىڭمۇ شۇ ئىشىم ئالدىراش بولۇپ قىلىپ .......مىھمانلار كىلىۋاتامدۇ ؟دەپ سورىدىم . 
--ھەممە مىھمانلار كىلىپ بولۇپ سىلگىلا قاراپ قالدۇق جۇما !تىزراق كىلىڭلار ،سىلە ياردەملىشىدىغان ئىشلار بار . 
--مەنمۇ ھازىرلا ماڭاي دەپ تۇرغان ، خوش دىدىمدە تىلفۇننى قويۇپ سىرىتقا چىقىپ تاكسى توستۇم . 
مەن < قوش ئامەت رىستۇرانى > غا كىلىپ دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم . 
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، مۇبارەك بولسۇن . 
---ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . رەخمەت ئاداش .ھەر نىمە بولسا  كەلدىڭ . قىنى زالغا كىرىلى ! 
مەن رىستۇراننىڭ ئىچىگە كىردىم . قارىسام كەلگەن مىھماننىڭ تايىنى يوق ، بەزى ئۈستەللەردە بىر-ئىككىدىن ئادەم ئولتۇراتتى . 
--ئادوش !!1 قىنى مىنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مىھمانلار ؟ دىدىم تەنە قىلىپ . 
--ئاشۇنداق دىمىسەم كەچتە كىلىسىلە  ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ . بىلمەمدىم مەن سىلنى ؟دىدى ھىجيىپ تۇرۇپ. 
بىز پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق ، دوستۇمنىڭ بىر جۇپ ئوغلى كىلىپ قالدى .---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدى چوڭ ئوغۇل. 
ئارقىدىنلا كىچىكىمۇ ئاكىسىنى دوراپ قولىنى تەڭلىدى . 
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . نىمانچە ئوماق بولۇپ كەتتى بۇ بالىلار ؟؟ 
دوستۇم بۇ بالىلارنى ھەقىقى مىللى خاسلىقىمىز بىلەن كىيىندۈرگەن بولۇپ  ئوخشاش دوپپا ، ئۇچىسىغا مىللى قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كانىۋاي كۆينەك ، قارا شىم -كاستۇم كىيگۈزگەن بولۇپ بۇ بالىلارغا ئۆزىمىزگە خاس بۇ كىيىم -كىچەكلەر بەكمۇ ياراشقان ئىدى . 
--ئەسسالام   دىگەن زىل ئاۋاز بىلەن ئارقامغا بۇرۇلدۇم . 
قارىسام دوستۇمنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . 
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! تونىيالمايلا قالدىمغۇ؟؟؟ 
مەن بۇ خانىم بىلەن ئامان -ئىسەنلىك سوراشقاندىن كىيىن ---ھەي ئۆزىمىزنىڭ بۇ يارىشىملىق كىيىملىرىمىزگە نىمە يەتسۇن ؟؟؟؟؟؟ دوپپا ،ئەتلەس كۆينەك سىزگە بەكلا يارىشىپتۇ .دىيشىمگە ؛--مۇشۇ ئاغىنىڭىز زورلاپ كىيگۈزدى دەڭا ! ئۇنداق بولمىغان بولسا مىنىڭ ئەسلىدە تاللىغان كىيمنى كىيگەن بولسام دوسىت -دۇشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم . 
دوستۇمنىڭ ئاچچىغى كەلدى بولغاي ؛--ھىلى بىكار ،جۇما  ! بىر چىرايلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرى تۇرسا ، يەنە نىمنى كىيەتتىڭ ؟؟ خوتۇن خەق دىگەننىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىگەن شۇ --دە .ھەي بىز قانداق كىيىنسەك 
پەرزەنىتلىرىمىزمۇ شۇنداق كىيىملەر بىلەن چوڭ بولىدۇ .ئۆزىمىز توي تۆكۈنلەردە ياۋرۇپا پوسۇنىدىكى يىرىم -يالىڭاچ بىر نىملەرنى كىيىمىزۇ --يەنە ئەۋلاتلاردىن نىمە دەپ ئاغرىنىمىز ؟ ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز ؟ 
مەن دوستۇمغا تەسەللى بىرىپ --بولدى قىلە ئاداش .ئاۋال توي تۈگسۇن قالغان گەپلەر كىيىن بولسۇن دەپ دوستۇمنى سىرتقا ئىلىپ چىكەتتىم . 
دوستۇم سىرىتقا چىقىپ بىر تال تاماكا چىكىپ جىلە بولغان ھالدا؛ ھەي  مۇشۇ خوتۇن خەقنىزە !!! ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى  ، ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى  مەسخىرە قىلغان ئادەم بىلەن دوئىلغا چىققۇم كىلىدۇ مىنىڭ . 
--بولدى قىلە ئاداش! خوتۇن خەق بىلەن تەڭ بولماي . قىنى دىگىنە بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ؟ 
-- ئۈلۈشكۈن سىلە بىلەن دىيىشكەنگە ئوخشاش . مەن كىلدىغان مىھمانلارنىڭ سانىنى ئۆلچەم قىلىپ 100 دانە ئەر-ئايالچە دوپپا تەييارلىدىم .مەرىكىگە كەلگەن مىھمانلارغا ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ ، ئۇلارغا مىللى خاسلقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇراي دەيمەن .خوتۇنغىمۇ مەجبۇرلاپ يۈرۈپ بۇ كىيىمنى كىيگۈزدۈم . 
مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن قاتتىق خۇشال بولۇپ ؛-يارايسەن ئاداش ! ئاخىرى ئۆزۈڭ ئويلىغان ئىشتىن بىرنى قىپسەن .ئەتلەس كوينەك ، دوپپا --ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراسى . قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلاسى ئەمەسمۇ ؟؟؟ 
--توغرا دەيسەن . دىدى دوستۇم مۈرەمنى شاپىلاقلاپ ؛-مىھمانلار كەلگىلى تۇرۇپتۇ .بىز ئىچىگە كىرىپ دوپپىلارنى تەييارلايلى دىدى . 
بىز زالغا كىرىپ يىشكتىكى دوپپىلارنى ئىلىپ تەييار قىلدۇق .مىھمانلار بىر-بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى .دوستۇم مىھمانلار بىلەن كۆرۈشكەچ بىشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ زالغا باشلايتى . 
مەن يەنە بىر يەشىك ئايالچە دوپپىلارنى دوستۇمنىڭ ئايال نەفىسە خانىمغا ئىۋەتىپ بەردىم .ئايال مىھمانلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى كالتە چاچ ، چاچلىرىنى ھەر خىل رەڭلەردە بويىۋالغان بولۇپ بىشىغا كىيدۈرۈپ قويغان دوپپا ئۇلارغا قەتئى ياراشمىغاندەك قىلاتتى .بۇ ھالەت ماڭا چەتئەللەردىن كەلگەن چەتئەللىك مىھمانلارغا ھۆرمەت سۈپتىدە دوپپا كىيدۈرۈپ قويغان مەنزىرىنى ئەسلىتىپ قويدى ، 
مىھمانلار ئاياغلاشقان بولسا كىرەك دوپپىلارمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى . 
مەن زالغا كىرىپ دوسىتلىرىم ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدىم . ھەممىمىزنىڭ بىشدا دوپپا ، چىھرىدە كۈلكە . 
مەن بۇ مەنزىرلەردىن زوق ئىلىپ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ شاھىدى بولغان دوپپىغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئىشىپ كىتىۋاتاتتى . 
ئولتۇرغان ئاغىنلەردىن بىرسى ؛--مەرىكە باشلىنىشقا خىلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ .ناماز ئوقۇيدىغانلار سىرىتقا چىقىپ ئوقۇپ كىرەيلى دىدى . 
بەش-ئالتە يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ساھىپخاندىن سوراپ سوراپ سىرتقا مىڭىشتى. 
ئۈستەلدە دوستۇم ،مەن ،يەنە بىرەيلەن ئۈچىمىزلا قالدۇق .دوستۇمنى بىرسى چاقىرىپ سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى . 
مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئاز زىرىكىپ ئەتراپتىكى ئاياللار ئولتۇرغان ئۈستەلگە قارىدىم .بىز سوۋغا قىلغان دوپپىلار بەزىلەرنىڭ بىشىدا ،بەزىلەرنىڭ قولىدا ، بىر قانچە دوپپا تاماق شىرەسى ئۈستىدە تۇراتتى . 
ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى باشلىرىنى بىر يەرگە يىغۋىلىپ پارڭلىشىۋاتقان بولسا كىرەك نىمگىدۇر خۇشاللىغىنى باسالماي ھىجىيشىپ كۈلۈشەتتى . 
يان تەرەپ ئۈستەلدىكى ئاياللارنىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق  پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرىشكە باشلىدى . 
--ھەي نۇربىيە ئاداش ! دوپپىنى بىشىڭغا چۆكۈرۈپ كىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ سەھرالىقتەك ؟؟؟دىدى چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بويىۋالغان  كالتە چاچ سىمىز ئايال. 
--ئاداش  مازاق قىلمىغىنا ! بۇمۇ دوستىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ ؟ بىزنى ئەزىز مىھمىنى بىلىپ بىشمىزغا قوندۇرۇپ قويسا ئىلىۋەتسەم سەت بولار ؟؟؟ 
--مۇشۇ ئالتە كويلۇق دوپپىنى بىشىمىزغا قوندۇرۋىلىپ ھىلى سورۇندا پىرقىراپ يۈرسەك بىزگە چىرايلىق تۇرارمۇ خان؟؟؟ دەپ تەنە قىلدى سىمىز ئايال . 
--ھەجەپ سەن مۇشۇ دوپپا بىلەن بىلەنلا قالدىڭغۇ ئاداش ؟ قارا نەفىسە دوسىتىمىزغا ، ئەتلەس كوينىگى ، دوپپىسى بەكلا يارىشىپتغۇ ؟ خۇددى توزدەكلا .دىدى نۇربىيە ئىسملىك ئايال . 
---سەن بەك مەتۇ جۇما ئاداش ! دىدى سىمىز ئايال سەت ھىجىيىپ ؛--ئۇنىڭ كىيۋالغان دوپپىسىغا قارىما .دوپپىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئورناتقان قاداق ئالتۇنلارغا قارا !ئاشۇ دوپپىدىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسىلا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ دوستۇم . ئۇ ئاشۇ ئالتۇنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ دوپپا كىيمىسە تارىخىدا ئۇ قاچان دوپپا كىيىپ باققان؟؟؟ 
--ئۇغۇ راسىت دىدى نۇربىيە ئىسىملىك ئايال سولاشقان ھالدا بىشدىكى دوپپىنى بىشىدىن ئىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى . 
بۇ پاراڭلاردىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىر -ئىككى ئىغىز تىللىغۇم كەلدى . بىراق ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ، مىللى كىملىگىنى ئاللىقاچان يوقۇتۇپ قويغان بۇنداق ئادەملەرگە ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت بولسا كىرەك . 
سەھنىدە رىياسەتچى قىزنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن قاينام -تاشقىنلىق ناخشا ساداسى باشلىنىپ كەتتى .ناخشا ساداسى قۇلاقنى ياراتتى . 
توۋا!!!!!! دىدىم ئىچىمدە .ناخشا -مۇزىكا ئەسلىدە ئادەمگە ھوزۇر ، غەمكىن كۆڭۈللەرگە شاتلىق ئاتا قىلاتتى . 
لىكىن بۇ ناخشا -مۇزىكىلار ئادەمنىڭ تىنىچ ، نۇرمال نىرۋىلىرىنى چارچىتىپ ئەسەبىلەشتۈرۋىتەتتى . 
ناخشا باشلىنىش بىلەنلا ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردىكى خانىم -قىزلار مەيداندا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . 
باياتىن ناماز ئوقۇشقا ئالدىرىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ناخشا مۇزىكىنىڭ سىھرى كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي مەيداندا پىرقىراپ يۈرۈشەتتى . 
رىستۇراننىڭ زالى ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ كۆپلۈگىدىن كىچىكلىك قىلۋاتاتتى .مەن بۇ يەردە <مىللىتىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىرلىغىنى ، دىيارىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇل ماكانى > ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم . 
ئۇسۇلغا چۈشكۈچىلەر قولىنى كۆتۈرسە چۈشۈرۈلمەي ، قولىنى چۈشۈرگەنلەر چىقرالماي مەيداندا قىستىلىشىپ يۈرەتتى .قىستاڭچىلىقتا بەزىلەرنىڭ قوللىرى يەنە بەزىلەرنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىگە تىكتىپمۇ قالاتتى  . 
مەن بۇ ئەبجەش ئوينالغان ئۇسۇللاردىن بىزار بولۇپ باشقا ياققا قارىدىم ،قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم .ئۇدۇلدىكى ئادەمسىز شىرەلەرنىڭ ئاستىدا بىر قازچە دوپپا تاشلىنىپ تۇراتتى .تاماق توشقۇزىۋىتىلگەن شىرەلەردىمۇ بىر -ئىككى دوپپا تاماق ئىشىندىلىرى يىنىدا خورلانغان ھالدا تۇراتتى . 
بۇ ئۈستەللەرنىڭ < ئەزىز > مىھمانلىرى ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . 
مەن دوستۇمنى چاقىرىپ شىرە ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى خارلانغان دوپپىلارنى كۆرسەتتىم . 
دوستۇم بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى . بىز بۇ دوپپىلارنى بىر -بىرلەپ تىرىپ قاتلاپ يىشىككە سالدۇق .دوستۇم سىرىتقا چىقىپ تاماكىسىنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى .دە--مۇشۇنداق خەقنىمۇ ھۆرمەتلەپ دوپپا سوۋغا قىپتىمەن . 
ئىسىت !!! سورۇندىلا بىر تىللاي دەپ ئويلىغان . ئۆزەمنى بىسۋالدىم .دىدى دوستۇم  ئاچچىغىنى باسالماي . 
--ئاداش ! بىز خاتا قىپتۇق ! دىدىم مەن ھەسرەت بىلەن ؛---ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ، مىللى ئۆرپ-ئادىتى، شەرمى -ھايا ، ئەخلاقىنى يوقاتقان ئاشۇنداق بىر قىسىم مىھمانلارغا ئۆزىمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان دوپپىمىزنى سوۋغا قىلىش --ئەڭ زور خاتالىق .  بۇ خۇددى تىزەككە قىزىل گۈل سانجىپ قويغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !!! دىدىم ئاچچىغىمدا . 
قارا ئاداش !مىھمانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس .شەرمى -ھايا ،ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان يىگىتلىرىمىز ، قىز -ئاياللىرىمىز بۇ ئەزىز دوپپىدىن پەخىرلىنىپ بىشىدىن ئالماي كىيپ ئولتۇرۇپتۇ .دىدى دوستۇم مەمنۇن بولغان ھالدا . 
--بۇنىڭدىكى ئاسالىق سەۋەپ يەنىلا ئائىلە تەربىيسىدە دىدىم دوستۇمغا قاراپ ؛--باياتىنقىدەك ئۆزىنىڭ ئەجدات مىراسى بولغان دوپپىنى مازاق قىلىپ ، ئۆز كىملىگنى ئۇنتۇپ چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ ئالۋاستىلارچە 
ياشاۋاتقان ئاشۇ خانىملار ---مىللى ئەخلاققا ، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە پەرۋاسىز قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتىلارنىڭ ، ئانىلارنىڭ ،ئەرلىك غورۇرى بارغانچە يۇقاپ كىتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ مەھسۇلى . 
ئەڭ ئىچىنارلىغى ،مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى . بۇ ئەۋلاتلار  بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مىللى ئەخلاقىمىزدىن مۇستەسنا ھالەتتە ياشايدۇ . 
ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگىنى ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان يۈتتۈرۈپ قويغان تۇرسا ، بۇ كىملىكنى ئەۋلاتلىرىدىن ئىزلەپ تىپىش مۆمكىنمۇ؟؟؟؟ 
دوستۇم بۇ سۆزۇمنى ئاڭلاپ ؛--توغرا دەيسەن دوستۇم دەپ مۈرەمگە شاپىلاقلىدى . 
بۇ مەرىكىدىن رايىم يانغان ھالەتتە قايتتىم . 
يازمامنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مۇراجەت قىلغۇ كەلدى . 
--ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزنى قەدىرلەيلى .ئەۋلاتلىرىمىز مىللى خاسلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن . 
ئەۋلاتلىرىمىز دوپپىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان ، قەدىرلەپ كىيدىغان بولسۇن . 
بىز پەقەت مىللى كىملىگىمىزنى ئاشۇ دوپپا ئارقىلىقلا نامايەن قىلالايمىز . 
مەنبە ؛  ئۆزەم    ئىبراھىمجان ئىرپانى