مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 10

ۋەيران بولغان باغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 06:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە يوللاندى:                    ( مىكروھىكايە)                    
  ئىدارىمىزنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىدا خېلە چوڭ بىر باغ بار ئىدى،باغدا ھەر خىل مىۋىلەر  بار بۇلۇپ،ياز كىلىش بىلەن  ، ئىدارىمىز ئائىللىكلەر قوروسى يېشىللىققا پۈركىنىپ،يازنىڭ راپائىتىنى ھەممىيلەن كۈرەتتۇق،ئەمما؛
  —ئاخشام مۇھەممەدكامنىڭ ئايالى ئۈزۈمدىن بىر داس ئۈزۈپ ئەكىرىپ كەتتى.
  —پاتەمخاننىڭ ئوغلى ئالما ئالىمەن دەپ ئالما شېخىنى سۇندۇردى.
  —توۋا پىشمىغان ئۈرۈكنى شۇنداقمۇ قېقىۋاتقان بارمۇ؟!
—ئا جۈجاڭ يۇقۇرىغا 10يىشىك ئالما سوغا قىپتۇ.
—    جېرىمانە قۇيۇش كېرەك.
—     مائاشىنى تۇتىلى.
—    يىللىق باھالاشقا چېتىش لازىم....
بۇ مىھرى ئىسسىق باغ ئىدارىمىزدىكىلەرگە مىۋىلىرىنى تەقدىم ئىتىش بىلەن بىرگە باش ئاغرىقى تېپىپ بەردى.باغنىڭ مىۋىلىرىنى قانچىلىك يېۋىلىش مەسلىسىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ،ئىدارىدىكى خىزمەتداشلار ئوتتۇرىسىدا ،رەھبەرلەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن تالاش–تارتىش ۋە  قوساق كۈپىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،قانداق قىلىش كېرەك؟
   باغنىڭ ئەدىپىنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بەردى.
بىركۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر تېرەكتۇر شۇنداق ھارماي ئىشلىدىكى،باغنى تۈپ تۈز قىلىپ تاشلىدى.ئىدارە رەھبەرلىكى باغدىن كىلىپ چىققان ‹‹مەسىلىنى ھەل قىلىش›› ئۈچۈن ،ئىشخانا مۇدىرنى ئالماشتۇرغان ئىدى. يېڭى مۇدىر مەسىلىنى ناھايىتى ‹‹تىز سۈرئەتتە›› ھەل قىلدى،ھەممىيلەننىڭ ئاغزى بېسىقتى،باغمۇ بېسىقتى.
  يىل ئاخىردىكى ‹‹يىللىق خىزمەتنى خۇلاسىلاش يىغىنى››دا.
  ئويلىمىغان يەردىن  ئىككى ئىشخانا مۇدىرى بنلەن بىللە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.بىرى سابىق ئىشخانا مۇدىرى.يەنە بىرى ھازىرقى ئىشخانا مۇدىرى.سابىق ئىشخانا مۇدىرى باغنى بىنا قىلدۇرغان،ئۇنىڭ باغ بىنا قىلدۇرۇش جەريانىدا باغقا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى مەن بولغۇچى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ،بۇ مۇدىرىمىزدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن.مانا باغ بىنا قىلدۇرغان گۇنايىغا ئەمىلىدىن قېلىپ يېنىمدا تاماكىسىنى پۇقۇرتۇپ چىكىپ ئولتۇرىدۇ.ھازىرقى ئىشخانا مۇدىرىمىز بولسا شۇ دەقىقىدە مۇكاپاتلاش سەھنىسىدە ، يىللىق خىزمەت ئىلغارى بۇلۇپ، مۇكاپات قۇبۇل قىلىۋاتماقتا.مەن يىغىندا ئولتۇرالماي ،يانچۇقۇمدىن تاماكامنى ئىزدەپ سىرىتقا ماڭدىم،سىرىتتا، باغ ئورنىغا ئالماشقان قاقاس تۈزلەڭلىك  كۈزۈمگە بىرىنچى بولۇپ چېلىقتى،تۈغزلەڭلىكتە بولسا سۇلىياۋ خالتىلار تەبىئەتنىڭ لەرزان شامىلىدا لەيلەپ يۇرەتتى.
             مەنبە:ئۆزۈم                                                                  

مۇيۇنچۇر

پەقەتلا سەن ئۈچۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1389
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6011
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 06:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا تىمىنى قايتا بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولساڭلا.

مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش يالغانچىلىق

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6438 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 06:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەپتۇ ھىكايىڭىز ؟

ئابدۇ.....

ھايات ئىنسانغا پ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1750
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 06:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئانچە چۈشىنەلمىدىمغۇ ... ...  [s:182]  [s:182]  [s:182]  [s:182]  [s:182]

قاراڭغۇلۇق ئىچىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن ، ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىشىنى پەقەت ئۇلۇغ اللاھتىن باشقا ھېچقانداق كىشى بىلمەيدۇ ، ئۆزۈممۇ شۇنداق !

زىمىن ، قارا ئاد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1575
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7499
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 08:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ باغدىمۇ بىر << راخمان>> بولغان بولسا ۋەقەلىكى قالتىس چىقاتتى... [s:179]

90- يىللارنىڭ بالىلىرىغا نىمىشقىكىن ئىچىم ئاغرىيدۇ.......ئاز ئويناپ ،تىرىشىڭلار ئۇكىلىرىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41147
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2011-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 08:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاددي بولسىمۇ خىلى روشەن سېلىشتۇرما بوپتۇ،قېنى يەنىمۇ تىرىشىڭ~!

گۈلۈڭنىڭمۇ باغر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37642
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1617
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2011-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 09:18:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل.....
خېلى كەڭ مەنىگە ئېگە ئىكەن...
بۇزۇپ ۋەيران قىلىۋەتسە نەپ يېتىدۇ،ئەمما تىكىپ قويسا دۇمبا تاياق....
تىكىشنى بىلىدىغان ،يىيەلمەيدىغانلار بىلەن تىكىشنى بىلمەيدىغان،يىيىشنى بىلىدىغان ھەم تىككەنلەرنى كۆرەلمەيدىغانلار روشەن سېلىشتۇرما بوپتۇ...
ئېھ! قاقاسلىققا ئايلىنىش ئالدىدىكى باغۇ بوستانىم [s:162]

ئىپپەت نومۇس ۋەتەن ساڭا،قوغدىمىقىڭ ھەق، شۇ ۋەتەندىن رەزىللەرنى قوغلىمىقىڭ ھەق. قىز دىگەننىڭ ئەزىزلىگى ئاشۇ خىسلەتتە، ئويۇننىمۇ شۇ مىزاندا ئوينىمىقىڭ ھەق!!!

تەپەككۇرسىز ھاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4806
تۆھپە نۇمۇرى: 128
توردا: 2375 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 12:31:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە ئىككى خوشنام ۋارقىرىشىپلا كەتتى. سەۋەبىنى ئۇقسام، بىرسىنىڭ بالىسى قورودىكى نوتا ئۈژمىنىڭ شېقىنى ژىرىۋېتىپتۇمىش. بۇ ئۈژمىنىمۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىتتىرۋەتمىسەك چاتاق بولامدۇ نىمە؟ [s:123]

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 04:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ تىرىشىڭ،لېكىن ئانچە چۈشەنمىدىم [s:148]

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31330
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6361 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 05:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تېمىكەنغۇ؟ شۇنداقلارمۇ جىق زادى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش