مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 21573|ئىنكاس: 71

ۋىجدان (مۇكاپاتلىق ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21401
تۆھپە نۇمۇرى: 3694
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 03:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ۋىجدان

(پوۋسىت)



1


   ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدا ئادەم دىڭىز ئارسىدا كىتىۋاتىمەن. مەندىن باشقا ھەممە ئادەم شۇنداق ئالدىراشتەك قىلاتتى. دۈملەپ قويغان تونۇردەك قايناۋاتقان ، ئىسسىق تەپتىدىن ، ئاپتاپتىن قېچىپ ھەممە ئادەم يول ياقىسىدىكى باراقسان سۆگەت سايىسىدا بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ ماڭاتتى. شۇنچە ئادەملەر ئارسىدا سوقۇلۇپ ، ھەممىنىڭ ئاخىردا قېلىۋاتاتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق. قىززىق ئاپتاپ ئادەمنى ئىزىپ تېخىمۇ روھسىز، ھارغىن قىلىۋاتاتتى.

مۇراد بىلەن دىيىشىپ قويغان ، كىتاپخانائالدىدىكى گۈللۈككە كىلىپ چوڭ دەرەخ سايىسىدىكى تاش ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم.ئۆزۈمدەك ھەممە نەرسەم تەل ، ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ، سۆلەتۋاز بايۋەتچىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىمنى ئويلاپ باقمىغانئىدىم. يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالساملا 5-4 يۈز يۈەن گەپ يوق چىقاتتى. <<ھايىت>> دىسەم <<ھۇيىت>> دەپلا ئالدىمغا دوستلىرىم سەپ بۇلۇپ تىزىلىپ كىتەتتى. بىراق ئەمدىچۇ؟ بۇ دوستلىرىمنىڭ بىرىمۇ يوق. كونىلارنىڭ دوستنى باشقا كۈن چۈشكەندە سىنا دىگىنى راست ئىكەن. ھازىر مۇرادتىن باشقا ئاغىنىللىرىممۇ قالمىدى. بىراق ئۇمۇ بەزىدە مەندىن ئۆزىنى ئەپ قاچىدىغان بۇلۇۋالدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ تىلغۇنىدىن قانچىلىك زىرىكىدىغان بولسام ، ھازىر ئۇنىڭ تىلغۇن قىلىشىغا شۇنچە تەققازار بۇلۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. قايسى كۈنى چ چ دا تۇنۇشۇپ قالغان قىزلار بىلەن بۈگۈن كەچ دىباغا كىرىشنى دىيشىپ قويغان ئىدۇق. بۇرۇن بۇنداق ئولتۇرۇشلاردا مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى چىقىم مەندىن دەپ ، پۇلنى غازاڭدەك شاراقلىتىپ خەجلەيتىم. لىكىن ئەمدىلىكتە پۇل يوق، مۇرادنىڭ قولىغا قاراشلىق بۇلۇپ قىلىۋاتىمەن.

ئۇ ئەتىگەن <<ئاداش كەچتە خەجلەيدىغان بۇلنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن. سەنمۇ پۇل تاپقاندا ئۆتۈشۈپ كىتەرمىز>> دىگەن ئىدى. بۇرۇن يېنىمدا پۇل بولسا ، بىرەر ئاغىنەم سورىسا، ئالە ئاداش بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىزدەك ئاغىنىلەر ئەس قاتىمىسا كىم ئەس قاتىدۇ؟ دەپ ئۇلارغا ئايىماي بىرەتتىم. مۇرادقىمۇ نەچچە قېتىم پۇل بىرىپ تۇرغىنىم ئىسىمدە يوق. ھەتتا نەچچە قېتىم ئۇ خىجالەتچىلىكتە قالغاندا ،دادامنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلاپ ئېىلىپ چىقىپ بىرەتتىم.  ئۇنىڭدىن ئۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ باقمىدىم. بۈگۈن ئۇنىڭ<< ئۆتۈشۈپ كىتەرمىز>> دىگەن گىپى غەلىتە ئاڭلىنىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ دىگىنى بۈگۈن قىلغىنىمنى قايتۇر دىگىنى ئىدى.

چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دىسەم بىر پۇل يوق ، دەپ ئۇچامغا قارسا قىممەت باھالىق كىيىم، بىراق يانچۇقتا بىر موچەننىڭ تايىنى يوق. كوچىدا قەلەندەرلەردەك ئولتۇرۇشلىرىمدىن ، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپ، مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيىلىپ، ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ، ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىۋاتاتتىم.

ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ، ئۇيۇن تاماششىنى يولىدىراق ئوينىغان بولسام، مۇشۇ كۈن يوق. دادامنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلىمىگەن بولسام ، ھازىرقىدەك خەقنىڭ ئالدىدا خىجالەت بۇلىدىغان بالا ئەمستىم مەن.  مەنمۇ دادا پۇل، ئاپا پۇل دىسەم ئايماي بىرەتتى. شۇ كۈنكى ھاراقنى نىمىشقىمۇ ئۇنچە كۆپ ئىچكەندىمەن. نىمىشقىمۇ ئۇلارغا ھېلىقىدە گەپلەرنى قىلغان بولغىيتىم.بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.

قولۇمدىكى تاماكىنى كۈچەپ كۈچەپ شوراپ ، ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تاماكا ئىسى بىلەن سىرىتقا پۈۋلەيتىم. ھازىر شۇنداق ئۆيگە قايتىپ كەتكۈللىرىم كىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ قويۇپ، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قانداقمۇ بارالايمەن. ھەي دۇنيا ، سەن نىمانچە رەھىمسىز. سەنمۇ پۇلى بارلارغا تاتلىق ، پۇلى يوقلارغا ئاچچىق تېتىيدىكەنسەن. سىنىڭ بۇ قەدەر ئاچچىق ئىكەنلىكىڭنى ھىس قىلماپتىكەنمەن. ئۇھ، ھامما ئاچاڭدىن پۇل سوراپ شۈمشەيگىچە ، ھالال ئىشلەپ مۈكچەي دەپ ئەسلى كونىلارنىڭ گىپى بىكار ئېيتىلماپتىكەن. داۋاملىق خەقتىن پۇل سوراپ خەجلىگىلى بولمايدىكەن. دادامنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە دىسەمغۇ پۇلدىن قىسىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . لىكىن، ئەگەر دادام مىنىڭ چوڭ سۆزلەپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ، ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى بىلىدىغان بولسا، مىنى تېخىمۇ يارماس چاغلىمامدۇ...

مۇشۇلارنى ئويلىسام، بولدى قىل . ئويناۋاتقان بۇ ئويۇنلىرىڭنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. ئويناپ نىمە كۆردىڭ؟ دەيتىم_يۇ، بىراق ئىچىمدە بىر كۈچ ئوينا ، سەن تېخى ياش تۇرساڭ ، ياشلىقىڭدا قانغۇدەك ئوينىۋال. ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا دەيتى.

كوچىدىن گۈللۈك تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان مۇراتنى كۆرۈپ ، خۇددى ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەندە بىر يۇتۇم سۇغا ئۇچىرغاندەك كۆڭلۈم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى. ئۇنڭغا قاراپ، قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنى ئۆزۈم تەرەپكە چاقىردىم. ئۇ يانچۇقىدىن بىر تال تاماكىنى ئېلىپ تۇتاشتۇرغىنىچە ، يولنىڭ ئۇ تەرپىدىن مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نىشە خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، تاماكىنى توختىماي نەچچە قاپنى بىر چىكىۋىتەتتى. گەرچە ئۇ مەندىن 3 ياش چوڭ بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ يۈزى كوسا بولغاچقا ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق ، ۋىجىك گەۋدىسى ئۇنى مەندىن خېلىلا كىچىك كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ پۇت قوللىرى ناھايتى چاققان بۇلۇپ،  ئۇنى ئاغىنلەر بىلەن چىڭلۇڭ دەپ قوياتتۇق. ئۇ بۇ چاققانلقىدىن <<ئۈنۈملۈك>> پايدىلىنىپ ، ئۆزىگە چۇشلۇق << كىرىم>> قىلاتتى. ئۇ يېنىدىن سۈركىلىپ ئۆتكەن ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن، پۇل قاپچۇقى، تاماكىسى، يان تېلغۇنى دىگەندەك نەرسىلەرنى ناھايتى چاققانلىق بىلەن تۇيدۇرماي ئېلىۋالاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوغىرلىق قىلىپ خەجلىمىسىمۇ، ھەرگىز پۇلدىن قىسىلىپ قالمايتى. ئۇنىڭ دادىسى چوڭ سودىگەرلەرنىڭ بىرى . مۇرادقا پۇلنى ئايىماي بىرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئاپىسى ئۈگەي بولغاچ دادىسى سودا ئىشلىرى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە، ئايلاپ ، يىللاپ ئۆيگە قايتىپ كەلمەيتى. ئۈگەي ئاپىسى ئۇنىڭغا پۇل بەرمەيتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ يولنى تاللىۋالغان ئىدى. پات-پات مەن دادامنىڭ يانچۇقىدىن ، ئۇ كىم ئۇچىرسا شۇنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلاپ ، كۈنلەپ كۈنلەپ ئۆيگە كىرمەي جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەتتۇق. مۇرادنىڭ بۇ ئادىتى ئۇنىڭغا ئەتىراپىدىكى ھەر قانداق بىر شەيئىنى كۈزۈتىشتەك ئادەتنى يىتىلدۈرگەن ئىدى.

مۇراد يۈگۈرگىنىچە ئالدىمغا كەلدى. ئۇ تېخى پۈتۈنلەي چىكىپ بولالمىغان تاماكىسىنى كۈچەپ بىرنى شورىۋىتىپ، يەرگە تاشلىغىنچە ، مايلاپ پارقىرتىۋەتكەن پەتىنكىسى بىلەن مىجىۋەتتى-دە، قولۇمدىن تارتىپ تۇرغۇزدى.

     _ ئاداش تۇرە ئورنىڭدىن. يۈرە،_ دىدى ئۇ مىنى ئالدىغا سۆرەپ. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى ئاۋازىنى بىرى ئاڭلاپ قالسا ، مۇھىم بىر مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ قالىدىغاندەك شۇنداق ئىھتىياتچانلىق بىلەن تۈۋەن چىقىۋاتاتتى.
     _ نەگە بارىمىز؟ نىمانداق ئۆپكىسى چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك ھودۇقىسەن. بىرەرسى قوغلاپ كىلىۋاتامدۇ يا؟_ دىدىم مەن ئۇنىڭ ھازىرقى بۇ ھالتىدىن ئەجەپلىنىپ.
    _ قارا ئاۋۇ قىزنى كۆردىڭمۇ؟_ مۇراد گۈللىكنىڭ چېتىدە  ، خۇددى بىرەرسى ئاۋارە قىلمىسۇن دىگەندەك ، خالىيراق بىر تاش ئورۇندۇقتا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان  چىرايلىق بىر قىزنى كۆرسىتپ گىپىنى داۋام قىلدى،_ قارا ئاداش ، قارىغۇ مۇشۇككە ئۈلۈك چاشقان ئۇچىراپتۇ دىگەن مۇشۇدە.
    _ نىمىلەرنى دەيدىغانسەن. گەپنى ئوچۇق قىلە. نىمە مۈشۈككە ، ئۈلۈك چاشقانكەن. ئۇ قىزغا كۆزۈڭ چۈشۋاتامدۇ_يا؟ ھەي بۇ ئۇنداق بىز گەپ قىلساق، سۈينى چىقىرىپ ھىجىرىپ بىرىدىغان قىزلارغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھېلى ئەدىپىمىزنى يەپ قالمايلى. قارا ئۇ قىزنىڭ كېينىۋېلىشلىرىغا ، نە ئۇچۇق قالغان يېرى يوق. بېشىدىكى ئارتىۋالغان رومىلىغا قارا.
   _ سەنمۇ زە ، ئۆزۈڭنىڭ كۆزى چۇشۇپتۇ مانا. گەپلەرنى نەلەرگە ئەپ كەتتىڭ. بۈگۈن ئۇنداق ئىشقا تاۋۇم يوق. سەن بۇ يەردىكى چوڭ پۇرسەتنى كۆرەلمەي قاپسەن. قارا  ئۇ قىزنىڭ يېنىدىكى سومكىغا، كۆردىڭمۇ؟ ئۇچۇق قويۇپ ئۆزى بولسا قولىدىكى ئاۋۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتۇ. سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كەتسىمۇ تۇيمايدىغاندەك قىلىدۇ بۇ كىتاپ خالتىسى ھاجى بۈۋى.قارا بۇ يەردە سەن، مەن يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم يوق.  بۈگۈن كەچ خەجلەيدىغان پۇل ئاداش ئاۋۇ.
  _ نىمە. ئۇنىڭ سومكىسىنى ئوغىرلىماقچىمۇ سەن؟ بولدى قىلە ، ئۇ قىز بالا تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزغا قارسىلا ئادەم ئەيمىنگىدەك تۇردۇ.
  _ئادىشوي. بۈگۈن پۇل تاپالمىدىم . دادام يوق ، ھېلىقى خوتۇندىن پۇل چىقمايدۇ. كەچتە قىزلارنىڭ ئالدىدا يانچۇقنى تەتۈرگە ئۆرۈپ قويغىلى بولماس. سەن يا داداڭدىن پۇل ئالالمايسەن. ھازىر يانچۇقلىرىمىزغا چاشقان كىرسىمۇ يامانلاپ يېنىپ چىقىدۇ. بۈگۈن مۇشۇ خېنىمنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تۇرايلى.
  _ سەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىمەن دەۋاتاتتىڭغۇ؟ پۇل تاپالمىدىڭما؟
  _ مانا ئامالىنى قلىۋاتمامدىم. بولدى قىلە جىق گەپ قىلماي سەن ئەتىراپقا قاراپ تۇر. ئۇ قىزنىڭ ئاۋۇ ئىسىل پورتىمالى سىرتىدىن كۆرۈنۈپلا تۇردۇ. شۇنى ئېلىپلا كىلەي. ئىچىدە چۇقۇم جىق پۇل بار.

بۈگۈن مۇرادقا تۇنجى قېتىم شىرىك بۇلۇشۇم. ئۇنڭغا بولدى قىلە، ھەممە يېرىمىز بىجىرىم ئەر كىشى تۇرۇپ قىز بالىنىڭ پۇلىنى ئوغىرلاپ خەجلەيدىغان بالىلارمۇ بىز. بۈگۈن ئاشۇ سېرىق قۇشقاچ ئېزىتقۇلار بىلەن دىباغا كىرمىسەك نىمە بوپتۇ. شۇ نىجىس پۇلنى خەجلىمىسەك نىمە بوپتۇ. دىگۈم كەلدىيۇ، بىراق مۇشۇ دەم بۇ ھاۋايى نەپىسىم بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى. تونۇشقان ھېلىقى قىزلارنىڭ ۋىسالىغا يىتىشكە ئالدىرايتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يانچۇق تومىراق تۇرمىسا ئۇلار ئادەمنى كۆزگە ئىلمايتى.

ھەي ، مۇشۇ قىز بالا شەيتان دىسە نىمە گەپكىن دەپتىكەنمەن. راست شەيتان خەقكەن بۇ. مەندەك بىر بايۋەتچىنى بۇ يەردە ئوغۇرلىققا شىرىك قىلىۋەتتى مانا.

مۇراد قىز تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىكى، بېشىغا ئارتىۋالغان ياغلىقى ئۇنىڭ ئاشۇ 14 كۈنلۈك تۇلۇن ئايدەك يۈزىنىلا كۆرسىتىپ تۇراتتى. قىزلار بۇنداق كىينىۋالسىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە باشقىچە ئىسىق كۆزىنىدىكەن. ئۇ قولىدىكى كىتاپ ئىچىگە شۇنداق كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئاشۇ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ھالىتى ئادەمنى مەھلىيا قىلاتتى. توۋا، ھازىرمۇ مۇشۇنداق كىتاپ ئوقۇيدىغان قىزلارمۇ بار ئىكەن ھە، ئارلارشقان قىزلارنىڭ جىقلىقىدا ، پۈتۈن قىزلارنى جەمىيەتكە چىقىپ ئالا_چىپار كىيىنىپ، بىز يىگىتلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدىغۇ دەپتىمەن .....نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم. كىم بىلىدۇ. بۇ قىزمۇ بۇنداق كىيىنىۋالغىنى بىلەن ، قانداقلىقى ئۆزىگە ئايان . تېخى مۇشۇنداق كىيىنىۋېلىپ ئوينايدىغان قىزلاردىن قوقسا بۇلىدۇ. ھازىر ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدىغان زامان بوپ كەتتى.

مۇراد قىز تەرەپكە يېقىنلاشقانسىرى يۈركىم بەك تىز سوقۇپ كىتىۋاتاتتى. خۇددى بىر يەردىن بىرەر ساقچى كىلىپ، ياكى بىرەرسى كىلىپ بىزنى ئوغىرى دەپلا ئېتىۋىتىدىغاندەك ياكى تىللاپ خەقنىڭ ئالدىدا شەرمەندە قىلىۋىتىدىغاندەك يۈركىم جىغىلدايتى. بۇرۇنلاردا دادامنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئوغۇرلايتىم. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇنداق ئوغۇرلىق قىلىشىمنى ، بۇلۇپمۇ قىزلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم.

مۇراد ھېلىقى قىزنىڭ ئارقا تەرپىدىن ئاستاغىنە كەلدى_دە، قىزنىڭ ئارقا تەرپىگىرەك قويۇلغان، ئاغزى ئوچۇق قالغان سومكىسىدىن تۇيدۇرماستىنلا چاققانلىق بىلەن پورتمالنى ئېلىپلا قوينىغا سېلىۋالدى. مەن قىزنى كۆرۈپ قېلىپ ئوغۇرنى تۇتۇڭلار دەپ ۋارقىرىۋىتىدىغاندەك ياكى بىزنى ئاغزىنى بۇزۇپلا تىللىۋىتىدىغاندەك قورقۇپ كىتىۋاتاتتىم. چىڭلوڭ دەپ بىكار نام ئالمىغان بۇ ئاداش . ھېلىقى قىز خۇددى بۇ دۇنيا بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك. خۇددى، بۇ يەردە قولىدىكى كىتاپ بىلەن ئۆزىلا باردەك، قولىدىكى كىتاپ بىلەن قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ ھال مۇڭ بۇلۇشىۋاتقاندەك ، ياندىكى سومكا خىيالىغىمۇ كىرمەيۋاتاتتى.

مۇراد پورتمالنى ئالدى-دە، بىرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك ، قوينىدىن ھازىرلا چۈشۈپ قالىدىغاندەك ئۇنى چىڭ تۇتقىنىچە ئالدىمغا كەلدى. قىزنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ئىككىمىز دەرھاللا گۈللىكتىن كوچىغا چىقىۋالدۇق. كوچىغا چىققۇچە كۆزۈم ئارقامدا ئىدى.ئۇ قىزنى يۈگۈرۈپ كىلىپلا بىزنى تۇتىۋالىدىغاندەك، يۈركىم بەك تىز سوقۇپ، پۇتۇمدا جان قالمايۋاتاتتى. بىراق ئۇ قىز يەنىلا ھېلىقى كىتاپنىڭ ئىچىدىن چىقالمايۋاتاتتى.

توۋا، بۇ قىزنى بۇنچە ئەسىرا قىلىپ ، سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىۋەتكۈدەك قانداق كىتاپ بولغىيتى ئۇ؟ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن يۈركىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم. ھىچ نىمىدىن قىسىلمىغان بايۋەتچە ، ئۇيۇن - تاماششا، قىزلار ئۈچۈن بۈگۈن ئوغۇرلىق قىلىۋاتاتتىم.ئىلگىرى دادامنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئوغىرلىسام بەك قورقاتتىم. بۈگۈنكى قورقۇش ئۇ چاغدىكىگە ئوخشىمايتى.

  _ قارا ئاداش بۇ پورتمالغا، ئىسىللىقىدىن ئىچىدە چۇقۇم جىق پۇل بولىشى مۇمكىن،_مۇراد شۇنداق دىگىنىچە قوينىدىن پورتمالنى چىقاردى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەركىتى ئۇڭۇشلۇق تاماملانغاندەك ناھايتى خۇشال كۆرىنەتتى.

   _ئاۋۋال ئېچىپ قاراپ باقمامدۇق. تېشى پال-پال ئىچى غال-غال دەپ ئىچىدە بىر موچەنمۇ يوقمۇ تېخى.

مۇراد پورتمالنى بىرى كۆرۈپ قالمىسۇن دىگەندەك قىلىپ، ئاۋايلاپ ئاچتى. پاھ، پورتمالنىڭ ئىچىدىكى پۇلدىن ، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالغان ئىدى. مۇراد پۇلنى ئېلىپ سانىۋىدى پۇل جەمئى بەش مىڭ ئۈچ يۈز يۈەن ئىدى.

   _ مۇراد ئاداش، بىر قىز بالىنىڭ يېنىدىمۇ مۇشۇنداق جىق پۇل بۇلامدۇ؟ بۇ پۇلنى بۇ قىز بىرەر نەرسىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ياكى بانكىغا قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان بولغىمىيتى؟ ياكى بۇ ئۇنىڭ مۇئاشىمۇ يا؟ ئاداش بۇ پۇل بەك جىق ئىكەن.  بولدى ، پورتىمالنى ئاپىرىپ قويلى. بىرەر ھاجىتىگە ئىشلىتىدىغان پۇل بۇلۇپ قالسا، ئۇ خىجالەت بۇلۇپ قالمىسۇن،_دىدىم مەن بىر خىل قورقۇش، ئەنسىرەس ئىچىدە.
  _ ئوغول بالىدەك گەپ قىلە ئاداش. ئوغول بالا دىگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدىغان. پۇل جىق بولمىغان بولسا مەنمۇ ئوغۇرلىمايتىم. ئاتايىتىن ئوغۇرلاپ سىنىڭچە 2-3 يۈز يۈەن ئوغۇرلىسام بولدىكەن دە. دادامنىڭ يانچۇقى ئەمەس بۇ، كۈندە ئاز ئازدىن ئوغۇرلاي دەيدىغان. سەن بىلەن بىز جىنىمىزدا بۇنچىلىك پۇلنى بىر ۋاخ تاماقنىڭ ئورنىدا خەجلىۋىتىمىز. ئۇ قىز ئۇچۈن بۇ قانچىلىك پۇل ئىدى.بۇ پۇل بىلەن نەچچە كۈن يايراپ پۇخادىن چىققۇچە ، قىزلارنى ئالقىنىمىزدا ئوينىتالايمىز ئادىشوي.

مۇراد ھازىر پۇل تېپىپ ، كەچتە قانغۇدەك ئوينىۋالىدىغىنىغا خۇشتەك قىلاتتى. بىراق مىنىڭ ھازىر پۈتۈن خىيالىم ھېلىقى قىزدا قالغان ئىدى.

بۇ قىز بۇ پۇلنى بىرەر مۇھىم ئىشقا ئىشلىتىدىغان بولغىيمىتى؟ ئۇ پۇلنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ ، قانداق بۇلۇپ كىتىپ بارىدىغاندۇ؟ مۇراتتىن پورتمالنى ئېلىپ  ئۇ قىزغا ئاپىرىپ بىرەيمۇ؟ لىكىن نىمە دەپ ئاپىرىپ بىرىمەن؟ پورتمىلىڭىزنى ئوغۇرلىساق ئىچىدە جىق پۇل بار ئىكەن ، قوقۇپ كىتىپ ئەكەلدىم دەمدىم. بۇنداق دىسەم ئۇ قىز مىنى ساراڭ بوپ قاپتۇ دىمەمدۇ.

پورتمالدىكى باشقا نەرسىلەرگە قارىدىم. پورتمالدا كىملىك، ئۈچ تال بانكا كارتىسى، بىر تال كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كارتىسى ۋە بىر پارچە رەسىم تۇراتتى. قىزنىڭ ئىسمىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە كىمىككە قارىدىم. ئىسمى ئەچەپ چىرايلىقكىنە، مەندىن تۆت ياش چوڭ ئىكەن. كىملىكىنى پورتمالغا سېلىپ قويۇپ، پورتمال ئىچىدىكى رەسىمنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇ ھېلىقى قىزغا شۇنداق ئوخشايدىغان، شۇنداق چىرايلىق بىر ئايالنىڭ رەسىمى ئىدى. ئاپىسى بولسا كىرەك، دىگەن پەرەز بىلەن رەسىمنىڭ ئارقىسىغا قارىدىم. رەسىمنىڭ كەينىدە ، مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك، مىھرىبان ، قەدىرلىك ئانا ئاللاھ سىنىڭ ياتقان يېرىڭنى جەننەت قىلسۇن(ئامىن) ، دىگەن خەت يېزىقلىق تۇراتتى.

ئاپىسى ئىكەن_دە، بىچارە قىزنىڭ ئاپىسى يوق ئوخشىمامدۇ؟ بىز بۈگۈن ئاپىسى يوق بىر قىزنىڭ پورتمىلىنى ئوغۇرلاپتۇق. بىز نىمە دىگەن ئىنساپسىز...

   _ نىمىگە قاراۋاتىسەن؟ پورتمالدا يەنە باشقا نەرسىلەرمۇ بارمىكەن؟ ئۇ بانكا كارتىللىرىنى تاشلىۋەت ، بەربىر ئۇنى ئالالمايمىز.

  _ ئاداش بۇ قىزنىڭ ئاپىسى يوق قىزكەن.  يۈرە بولدى پۇلنى ئاپىرىپ بىرەيلى. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ھايات تۇرۇپ، ئانىسى يوق بىر ئاجىز قىزنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلامدۇق؟

  _ يەنە شۇ گەپنى قىلىۋاتىسەنغۇ. ئوغۇرلىق قىلغاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ. كىمدە پۇل بولسا شۇنىڭكىنى ئوغۇرلايدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئانىسى يوقكەن، بۇنىڭ كىسىلى بارئىكەن، بۇ بەك نامىرات ئىكەن دىسەك قانداقمۇ بىر ئىشنى قىلغىلى بۇلىدۇ. سىنىڭ ھەممە يېرىڭ بۇلىدۇ، شۇ بەزى بىر ھالقىلىق يەردە باغىرى يۇمشاقلىق قىلىپ تۇرۋالسەن. ئەسلى ساڭا دىمەيلا، ئاۋۋال ئىشنى پۈتكۈزۈپ ئاندىن يېنىڭغا كەلسەم بوپتىكەن.

مۇراد مەندىن نارازى بۇلۇپ خاپا بولغاندەك سۆزلەپ كەتتى. ئۇنڭغا  قاراپ ئىچىمدە قىلىپ بولغان ئىش بولغاندىكىن بولدىلا دىدىم - دە، باشقا گەپ قىلمىدىم.

  _ ئەمسە بۇ پورتمالنى مەن ئېلىپ قالاي.
  _ مەيلى. قىزلارغا بىر نەرسە سوۋغا قىلىشقا ئامىراق ئىدىڭ، كەچتە بىرەر قىزغا سوۋغا قىلساڭ، خۇشلىقىدا سىنى بىرنى سۆيۈپ قويسا ئەجەپ ئەمەس.

مۇراد ناھايتى خۇشالدەك قىلاتتى. ھازىر كەچتىكى ئويۇن تاماششا ھەرگىزمۇ خىيالىمدا يوق ئىدى. كاللامدا ھېلىقى قىزلا بار. ئىچىمگە نۇرغۇن چۈمۈلىلەر كىرىپ ئۆمۈلەۋاتقاندەك، يۈركىمنى يوغان بىر تاش بېسىۋالغاندەك بەك بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم.



2





   پۇل دىگەن نىمانچە بەلەن نەرسىدۇر.  ئىلگىرى بۇنداق بەش مىڭ يۈەندىن نەچچىنى خەجلىۋەتكىنىم يادىمدا يوق. ئۇ چاغلاردا پۇل ئاپام بىلەن دادامنىڭ يانچۇقىدىن چىققاچقىمىكىن، قەدىرنى بىلمەپتىكەنمەن. كونىلارنىڭ پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا ، پۇل شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالار، دىگەن گەپلىرى ھەق ئېيتىلغان گەپلەر ئىكەن. مۇراد بىلەن تۇنجى قېتىم <قان تەرىم> بىلەن تاپقان بەش مىڭ يۈەننىڭ شاكىلى بىلەن مېغىزىنى ئايرىپ ، تازا يايرىۋالغان ئىدۇق. ھارام نەرسىنىڭ بەركىتى بولمايدۇ دەپ، بىر ھەپتىگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، ئايرىپ ئېلىپ قالغان مىڭ يۈەندىن باشقا ، پۇلنىڭ ھەممىنى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي خەجلەپ بولغان ئىدۇق. ھىساپلاپ كەلسەك نىمىلەرگە خەجلىۋەتتۇقكىن تاڭ؟ ئىشقىلىپ ھازىر يانچۇق يەنە تەتۈر ئۆرىگلىك ئىدى. بىز كىرمىگەن مىھمانخانا ، رىستۇران، قاۋاقخانا، دىبا قالمىغان ئىدى. پۇلنى كۆرسە قىزلارمۇ باشقىچە بۇلۇپ كىتىدۇ دىسە، ھېلىقى بىز بىلەن تۇنۇشقان قىزلار پۇلىمىزنى كۆرۈپ ، بارلىق خۇلۇق ، مىجەزلىرىنى كۆرسىتىپ، بىزنى قوپقۇرۇق قىلىپ قويدى. توۋا بۇرۇن بەك كۆپ قىزلار بىلەن ئارلاشقان ئىدىم. بىراق بۇ قىزلار ھىچ قايسىسىغا ئوخشىمايدۇ. ھەممە جەھەتتە تەڭ يىتىشكەن، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە بىزنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. ئوغىرى قېرىسا موللا بۇلۇر، جالاپ قېرىسا بۈۋى بۇلۇر دەپ ئۇلارنىڭ كىينىشلىرىدىن ھايالىق قىزلارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشلىرىچۇ تېخى. مۇرادقا جەننەتنىڭ پەيزىنى سۈرەيلى  قاپاق ياساڭلار دىسەم. ئارىسىدىكى بىر قىز يۈزىنى قىزارتماي تۇرۇپلا << ۋاي بىزنىڭمۇ جەننەت پەيزى سۈرگىچىلىكىمىز بار. قاپاق دىگەندىن گۈل چىقىرىۋىتىمىز بىز >> دەپ قاپاق ياساپ شوراشلىرى . ئۇنىڭدىن كىيىنكى كەيىپلىرى...ھەي ھەي ھەي..... بەك پەيزى قىزلاركەن جىمۇ...بەش مىڭ يۈەننى خەجلەپ بەرگىنىمگە رازى بولغۇدەكلا....

خىياللىرىمدىن لەززەتلىنىپ كىتىۋاتاتتىم. ياتاققا كىرىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. ئۇھ، قانغۇدەك بىر ئۇخلاي ئەمدى...

ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ، دەسلەپ قىلغان ئىشىم ، مۇشۇ ئۆينى ئىجارە ئېلىش بولغان ئىدى. كاللام ئىشلەپ يېرىم  يىللىق ئىجارە پۇلىنى بىراقلا تاپشۇرۇپ قويۇپتىكەنمەن. بولمىسا كوچىلاردا سەرسان بۇلۇپ يۈرەرمىتىمكىن. كىچىك بىر ئېغىزلىق ياتاق ئۆي ، ئاشخانا ، تازلىق ئۆيىدىن ئىبارەت بۇ ئۆيدە بىر قوش كىشلىك كارۋات، كىيىم ئىشكاۋى، تىلىۋۇزۇردىن باشقا ھىچ نەرسە يوق ئىدى. بۇ ئۆي ئادەمگە شۇنداق سوغوق كۆرنەتتى. بۇ ئۆيگە كىرسەملا ئۆيۈمنى سېغىناتتىم. ئاپامنى سېغىناتتىم. ئۆيگە قايتقۇللىرىم كىلەتتى. دادامنىڭ مىنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن چاغدا، ئاپامنىڭ ماڭا ئۆتۈنۈش ، يالۋۇرۇش ، ئۈمۈدسىزلىنىش نەزىردە قاراپ تۇرغان ئاشۇ بىر جۈپ نۇرسىز كۆزى ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە ، تارازىسى تەڭشەلمىگەن لەگلەكتەك يەڭداپ دەسسەپ، ئۆينى ئاران تېپىپ كىردىم-دە، دادامنىڭ ئالدىدا تۈۋى بۇشاپ كەتكەن تېرەكتەك لىڭشىپ تۇرۇپ، جۈجاڭ دادا، ئارقا ئىشكتىن كىرگەن ھاراقلىرىڭ باردۇ؟ ئېلىپ چىققىنە ، بۇ قېلىن دورسىدىن سەنمۇ ئازىراق يۈتىۋال. دىگىنىمنى بىلىمەن. دادامنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاچىراپ ، ئاچچىغىدا كىلىپ كاچىتىمغا بىرنى سالغىنىچە<< ھۇ يارماس، سەندەك بىر نىمە بازاردا بىر موچەنگە ئون، سىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ ، ماڭا نىمە خوۋلۇق كۆرسەتتىڭ. ماڭا قىلىپ بەرگىنىڭ قالمىدى. ياخشى ئوقۇ دىسەم ئوقۇمىساڭ، ئالى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويسام، ئۇ يەردىمۇ ئوقۇماي ، ئويناپ يۈردىڭغۇ. يۈزۈمنى تۆكۈپلا بولدۇڭ سەن! >>

ئەزەلدىن ئۇرۇپ باقمىغان دادامنىڭ، مىنى بىر كاچات سېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ تاياق ماڭا شۇنداق ھار كەلگەن ھەم بىر ئاز قورققان ئىدىم.

     _ چىكەتسەم چىقىپ كىتىپتىمەن! بۇ ئۆيۈڭگە مەنمۇ ئاشىق ئەمەس. سەنمۇ دادا بولدۇڭمۇ؟ قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھىچ گەپ يوق، ئۆچىكىنىڭ ئېچىلىپ قالسا ھۇيت ھۇيت ، دەپ سەن مەس كىرسەڭ گەپ يوق ، مەن كىرسەم نىمە بوپتۇ؟ سەن بولمىساڭمۇ مەن ياشىيالايمەن. مىنى ئەمدى كۆرىمەن دەپ ئويلاشما! سەن ماڭا ھەقىقى بىر كۆيىنىپ باقتىڭما؟! كەچكىچە ئىدارىدە يىغىن باركەن ، باشلىقلار كىلىدىكەن كۈتۈۋالىمىز، كاماندۇرۇپكىغا چىقىمەن دەپ نەچچە كۈنلەپ ئۆيگە كەلمەيسەن. ئاپامچۇ، ئۇمۇ كەچتە دوختۇرخانىدا ئىسمىنا ئىشلەيدىكەنمەن دەپ ئالدىراش، ھەر ئىككىڭلار ئالدىراش . مەن بۇ يوغان ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇر تۆت تامغا قاراپ ئولتۇرامدىم. سىلەرنىڭ دىدارىڭلارنى ئايدا نەچچە قېتىم ئاران كۆرىمەن. ھەر قېتىم پەيدا بولساڭلار تۇتام - تۇتام پۇل بىرىسىلەر. ماڭا سىلەرنىڭ ئازىراق ۋاقتىڭلار كىرەك. ماڭا ھەمراھ بولسىكەن ، مەن بىلەن مۇڭداشسىكەن دەيمەن. راست دەيسەن مەن يارىماس. لىكىن ئۆزۈڭلارغا سۇئال قويۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەمدى مەندىن نۇمۇس قىلىۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟ بىلەمسەن مەنمۇ سەندىن نۇمۇس قىلىمەن!

مەسلىكتە دەۋاتقان گەپلىرىم ھەقىقى يۈرەك سۆزۈممۇ ياكى مەسلىكتىن ، ئاچچىقتىن چىقىۋاتامدۇ بىلەلمىدىم . لىكىن كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈۋاتاتتى. شۇنداق دىگىنىمچە سىرىتقا قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن ئارقامغا شۇنداق قارۋىدىم ، بىچارە ئاپام ئاشۇ بىر جۈپ نۇرسىز كۆزى ئۇنداق قىلما بالام، بىز خاتا قىلىپتۇق، بىزنى كەچۈر، دەۋاتقاندەك ئۆتۈنۈش، يالۋۇرۇش، نەزىرىدە قاراپ يىغلىغىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى.دادام بولسا ئارقامدىن كەلگەنچە<<توزكور گۇي! ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئەكەل، پۇلۇڭ تۈگىگەندە قانداق قىلىسەنكى مەن بىر كۆرەي>>دىۋىدى . مەنمۇ دادامغا مەسلىكتىكى<<قورقماس>> روھ بىلەن يانچۇقۇمدىن ئاچقۇچنى ئالدىم - دە، شىرەگە پاققىدە قويۇپ، ئالە! كوچىدا قەلەندەر بۇلۇپ كەتسەممۇ ، ئۆيۈڭگە دەسىمەيمەن. دىگىنىمچە چىقىپ كەتكەن ئىدىم.

دادامنىڭ <<سەندەك بىر نىمە بارزاردا بىر موچەنگە ئون>> دىگەن گىپى ھازىرغىچە قولاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. بۇ گەپتىن ئۆزۈمنى بەكلا يارىماس ھىس قىلاتتىم. بۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى. ئۇھ، بولدىلا بۇ ئىشلارنى ئويلىماي، بىچارە ئاپام ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلارغا نىمىشقىمۇ ئۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەندىمەن؟ دادام ئاپاملارنىڭ ماڭا قانچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەر قانچە قاقشاتساممۇ ، ئاپام ھەر قېتىم دادام ئالدىدا ياخشى گىپىمنى قىلىپ چاپان يېپىپ تۇرۋالاتتىغۇ، ئۇلارنىڭ مىنى قانچىلىك ئەتىۋارلايدىغىنىنى بىلمىسەم كاشكى.....ھەي...مەن راست توزكور ئەبلەخ ئىكەنمەن.

كارۋاتتا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرىلىپ، زادىلا ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى. ئاچچىقتىن بىر تال تاماكا ئېلىپ چىكىش ئۈچۈن ، تىلىۋۇزۇر يېنىغا قويۇپ قويغان تاماكا تەرەپكە باردىم. تىلىۋۇزۇر يېنىدا ھېلىقى چىرايلىق ، ئىسىل پورتمال تۇراتتى. پورتمالنى كۆرۈپ ھېلىقى قىز ئىسىمگە كەلدى.ئۇنىڭ بېشىدىكى ئارتىۋالغان رومىلى ئارسىدىن كۆرنىپ تۇردىغان ھېلىقى 15 كۈنلۈك تۇلۇن ئايدەك گۈزەل يۈزى، شۇ كىتاپ ئوقۇغاندىكى ھالىتى كۆز ئالىمغا كەلدى.

ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ دەپ، شۇنچە پۇللارنى خەجلىگۈچە ئەجەپ بۇ قىز ئىسىمگە كەپمۇ قويماپتۇ دىسە، ئۇ پۇللارنىڭ بۇ قىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئەجەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە، ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن بۇ قىزنى. پورتمالنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ قانداق بۇلۇپ كەتكەندۇ؟ ھەقىچان بىزنى مىڭنى قاغاپ، تىللىۋەتكەندۇ...توۋا ، بىز بۇ قىزنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىپ نىمىگە ئىشلەتتۇق؟ يا بىر باي بۇلۇپ قالماپتۇق، يا بۇرىنقىدىن ئۆزگىرىپ قالماپتۇق، يەنىلا شۇ ئىلگىركى ھالىتىمدە تۇرىمەن.

پورتمالنى ئاچتىم-دە، ئىچىدىكى نەرسىلەرگە يەنە بىر سەپ سالدىم.ئاچسىلا كۆزگە چېلىقىدىغان ھېلىقى بىر پارچە سۈرەت، يەنى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ  رەسىمى تۇراتتى. سۈرەتكە بىر ھازا قاراپ تۇردۇم.سۈرەت خۇددى ماڭا ، بالام بۇ پورتمالنى قىزىمغا قايتۇرۇپ بىرىڭ، دەپ ماڭا يالۋۇرىۋاتقاندەك قارايتى.

پورتمالنى ئۇنڭغا ئاپىرىپ بىرەيمۇ؟ بىچارە قىزغا ، پورتمالدىكى مۇشۇ سۈرەت بەلكى ھېلىقى بەش مىڭ يۈەندىنمۇ قىممەتلىك بولۇشى مۇمكىن ، بىراق ئۇنى نەدىن تاپىمەن؟ بۇنچە چوڭ شەھەردە ئۇنى ئىزدەش، دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەس ئىش بولمامدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پورتمالنى ئۇنىڭغا نىمە دەپ بىرىمەن...پورتمالدىكى ھېلىقى كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كارتىسىنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇ كارتا دەل ھېلىقى گۈللۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكى، كىتاپخانىنىڭ ئىدى. كۆڭلىم بىر نەرسىنى سەزگەندەك ۋىللىدە يۇرۇپ كەتتى.

توغىرا ئۇ كۈنىمۇ ئۇ قىز شۇ يەردە كىتاپ ئوقۇۋېتىپتىكەن. بۇ كارتىدىن قارىغاندا ، ئۇ قىز داۋاملىق شۇ يەردىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدۇ دىگەن گەپ. ئۇ چۇقۇم شۇ يەرگە يەنە بارىدۇ. ئاۋۋال ئۇ قىزنى تاپاي ئاندىن قالغىنى بىر گەپ بۇلار...

پورتمالنى ئالدىم دە، سىرتقا ماڭدىم. قاق چۈش ۋاقتى بولغاچقا، قۇياش پۈتۈن ئىسىقلىقىنى زىمىنغا سېخىلىق بىلەن چېچىۋەتكەن ئىدى. كوچىدا ئادەملەر ئىسسىقتىن سىرىتقا چىققۇسى كەلمىگەندەك ، ئادەم ئاز ئىدى. خىيالىمدا ئۇ قىز چۇقۇم شۇ يەردە بار، ئۇ بۇلۇپ قالسا، پورتمالنى نىمە دەپ بىرەرمەن؟ ئۇنىڭغا راستىنى دەيمۇ ياكى تېپىۋالغان ئىدىم،  پورتمالنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئاساسەن ، سىزنى بۇ يەرگە ئىزدەپ كەلدىم دەيمۇ؟ راستىنى دىسەم بولمايدۇ. چوپچوڭ ئوغول بالا تۇرۇپ ئوغىرلىغان ئىدىم دەپ قانداقمۇ ئېيتاي. ئۇنى تېپىۋالدىم دەي ، شۇنداق دەي....خىيال بىلەن گۈللۈككىمۇ بىردەمدىلا كىلىپ قالغان ئىدىم.

گۈللۈككە بىر خىل ئۈمۈد بىلەن بىر قۇر قاراپ چىقتىم. بىراق ھازىر يۈركىم بىر خىل ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى. گۈللۈكتە بىرمۇ ئىنسان يوق. ئۇدۇلدىكى كىتاپخانىغا قارىدىم. كىتاپخانا ئۇچۇق ئىدى. ئۇ شۇ يەردىمىدۇ؟ ئۈمۈد بىلەن قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم ۋە كىتاپخانىغا كىردىم.

مەكتەپتە ئوقۇغاندىن تارتىپ تاكى جەمىيەتكە چىقىپ كەتكۈچە، كىتاپخانا دىگەن يەرگە دەسسەپمۇ باقماپتىكەنمەن. كىتاپخانىغا دەسسەش تۈگۈل، مەكتەپتە بەرگەن دەرىسلىك كىتاپلارنىمۇ قولۇمغا ئالمىغان ئىدىم.كىتاپخانا ئىچىگە كىرىپ، كۆڭلىم باشقىچە بىر خىل بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. بۇ يەر بەكلا جىمجىت بۇلۇپ، مەندەك ئادەم بۇ يەردە زىرىكىش ھىس قىلاتتى. ئىچىدە بىر قانچەيلەن كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارسىدا ھېلىقى قىز بارمىدۇ؟ دىگەن ئۈمۈدتە ھەممىسىگە قاراپ چىقتىم. لىكىن ئۇ يەنىلا يوق. ئاخىرقى ئۈمۈدۈممۇ يوققا چىقتى.

بەلكىم ئۇ ئۆيگە كەتكەندۇ، چۈشتىن كىيىنلەردە كىلىپ قالار، ئۇ چۇقۇم كىلىدۇ. ئۇنى ساقلاپ تۇراي. ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بىرۋاتىمەن.پۇل ئېلىش ئورنىدا ئولتۇرغان ، كىتاپخانا خىزمەتچىسىنىڭ قېشىغا كەلدىم-دە، ئۇ ئايالغا ھېلىقى كارتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
   _ بۇ سىلەرنىڭ كىتاپخانىنىڭ ئارىيەت كارتىسىمۇ؟
ھېلىقى ئايال كارتىنى قولىغا ئېلىپ ، قارىۋەتكەندىن كىيىن:
  _ ھەئە بىزنىڭكى ئىكەن. بىراق بۇ كارتىنىڭ ئىگىسى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كىلىپ ئۇنى يۈتۈپ كەتتى دىگەن ئىدى. سىز نەدىن تېپىۋالدىڭىز؟،_ دىدى ئۇ بىر خىل گۇمانسىراش نەزىرى بىلەن .  
   _ نىمە ، سىز بۇ كارتىنىڭ ئىگىسىنى تۇنۇمسىز؟
   _ ئەلۋەتتە. كىتاپخانىمىز تارقىدىغان ئارىيەت كارتىسىدا نۇمۇر ۋە كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى بۇلىدۇ. شۇلارغا قاراپ ئۇ كارتىنىڭ كىمنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلۇپمۇ بۇ كارتىنىڭ ئىگىسىنى كىتاپخانىدىكى ھەممەيلەن بىلىمىز. ئۇ قىز تۆت كۈننىڭ ئالدىدا كىلىپ ، ھەدە ئارىيەت كارتام يۇقاپ كەتتى، قايتا بىرنى بىجىرىپ بەرسىڭىز دەپ كەپتىكەن، باشقا بىرنى بىجىرىپ بەرگەن ئىدىم.ئۇ كۈندە دىگۈدەك كىلىدۇ. بىراق شۇ كارتىنى بىجىرىپ كەتكەن پېتى كەلمىدى،_ئايال ماڭا قاراپ تازا سۆزلەۋاتاتتى. ھازىر ئۇ  قىزنى تونۇغۇنىدىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دەسلەپكى گەپلىرىدىن كۆڭلىم ۋىللىدە يۇرىغاندەك بولغان ئىدى، بىراق كىيىنكى گەپلىرىدىن يەنە ئۈمۈدسىزلىنىۋاتاتتىم،_ ئۇ ئادەتتە كەلسە مەن بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىپ ، مۇڭدىشىپ كىتەتتى.

ئۇ ھېلىقى پۇل توغۇرلىق بىرەر ئىشقا دۇچار بولغانمىدۇ؟ ئۇنڭغا ئۇ پۇل جىددى لازىم بولسا، بىرەر خىجالەتچىلىك تارتىپ قېلىۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇ ئايالدىن يەنىمۇ چوڭقۇرراق گەپ ئېلىش مەقسىتىدە سورىدىم:
  _ قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا يېقىن ئۆتىدىكەنسىز _ دە؟
  _ ياقەي، ئانچە ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا پاراڭلىشىمىز ، ئۇنىڭ بەكلا ئىچى كۈچلۈك ۋە ئاغزى چىڭ. ئۇ ئوقۇغان كىتاپلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بىرىدۇ. سىز ئۇنىڭ نىمىسى؟ ئۇنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭىز بارمىدى؟
_ ھە...مەن...مەن ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساقدېشىم. ئۇ بۇ كارتىسىنى قايسى كۈنىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەن، مەن تېپىۋالغان. ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا مۇشۇ يەرگىلا كەلگەن ئىدىم . ئۇنىڭ ئۆينى بىلەمسىز؟ كارتىدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نەرسە بار ئىدى بىرىدىغان.
_ ئۇ ئەجەپ ماڭا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى دىمىگەن . ئۇ ماڭا ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقىنى ئېيتقان. سىز قايسى ئالى مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان؟ ئۇنىڭ ئۆيىنى مەن بىلمەيمەن. باشقا ئىشىڭىز بولمىسا چىقىپ كىتىڭ، باشقىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشىغا دەخلى قىلماي.
ئايالنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە ئۆچۈپ بىردىنلا ئۆڭۈپ، سوغوقتا قالغان لەڭپۇڭنىڭ ئېقىدەك بۇلۇپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭ گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتاتتىم. نىمانچە ئالى مەكتەپ دىگەندىمەن. باشلانغۇچتىكى دىسەمچۇ، ياكى بىرەر دوستى دىگەن بولسام تېخىمۇ جىق ئىشلارنى بىلىۋالار ئىكەنمەن. بولدى قىلاي يەنە گەپ قىلسام مىنى تىللاپ چىقىرۋەتمىسۇن بۇ خوتۇن.
  _ خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ ئاچا، مىنىڭ باشقا نىيتىم يوق. پەقەت خەقنىڭ نەرسىسىنى قايتۇرۇپ بىرەي دەپتىكەنمەن. ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك دىگەن مۇشۇ دە. ئاۋارە قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ،_ ئۇنىڭ گىپىدىن تە بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇ گىپىمدىن ئۆزىمۇ خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ:
  _ لىكىن ئۇ چۇقۇم كىلىدۇ. ئۇ كىتاپخانىدىن ئارىيەت ئالغان كىتاپتىنى ، ھەر قانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ ، ۋاقتىدا ئېلىپ كىلىدۇ. ئۆگۈنلىككە ئۇ كىتاپ قايتۇرغىلى كىلىشى مۇمكىن،_ دەۋەتتى.
   ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن خۇش بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ رەھمەت دىگىنىمچە چىقىپ كەتتىم . قىزنىڭ دىرىكىنى ئالالىغىنىمدىن خۇش ئىدىم.ھېلىقى ئايالنىڭ گىپىدىن ئۇ قىزنى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم.پورتمالنى سىلاپ قويۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدىم. ياتاققا بارغۇچە ھېلقى قىز بىلەن كۆرۈشكەندىكى كۆرۈنۈشنى پەرەز قىلاتتىم.ئۇنىڭغا پورتمالنى نىمە دەپ بىرىشنى ئويلايتىم. ئۇنىڭ ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ماڭا دوست بۇلۇپ قالايلى، دەۋاتقانلىرىنى خىيالى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرەتتىم.

ئىسىقتا كىتاپخانىغا بېرىپ كەلگۈچە ، پۇت - قولۇمدا پەقەتلا جان قالمىغان ئىدى.ياتاققا كىردىم-دە، تىلغۇنۇمنى ئىتىپلا ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ھىچ نەرسىنى ئويلىماي ئۇخلاشقا باشلىدىم. شۇ ئۇخلىغانچە، ئەتىسى چۈشكە يېقىن كارۋاتقا چاپلىشىپ تازا ئۇخلاپتىمەن.تولا ئۇخلاپ قورسىقىم ئېچىپ ، باشلىرىم قېيىپ ، ئاغىرىپ كىتىۋاتاتتى.يۇيىنىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، سىرىتقا بىر نەرسە يىۋېلىش ئۈچۈن مېڭىشقا تەمشىلۋىدىم ، ئاڭغىچە مۇراد چىقىپ كەلدى.

  _ ئاداش، تىلغۇنۇڭنى ئىتىپ ، ئۆيگە سولنىۋېلىپ نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ يۈرە، بۈگۈن تازا قانغۇدەك بىر ئوينايلى. قارا بۇ نىمە؟ _ دىدى ئۇ قولىدىكى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا كۆرسىتىپ ، تاناپتەك ئىنچىكە بوينىنى ئېتىپ، چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان كۆزلىرىنى قىسىپ. ئۇنىڭ قولىدىكى دادىسىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. بۇرۇنلاردا بەزىدە مەن ، بەزىدە ئۇ دادىللىرىمىزنىڭ ماشىنىسىنى ئوغۇرلىقچە ھەيدەپ چىقىپ ، مۇزىكا دىگەننى قۇلاقنى يارغۇدەك قويۇپ، شەھەرنى ئايلىنىپ قىزلارغا كۆز- كۆز قىلىپ، زىرىكىپ ، تاپىنى قىچىشىپ  قالغان قىزلارنى <ئوۋلايتۇق>. ئۇلارنى ماشىنىغا چىقىرىپ يىزىنىڭ خالى جايلىرىدا ئويناپ كىلەتتۇق. تۈنۈگۈن ئۇ دادام بۈگۈن ئىچكىردىن قايتىپ كىلىدىكەن، دەپ بىز بىلەن بالدۇرلا خوشلىشىپ كىتىپ قالغان ئىدى.  ئۇ دادىسىدىن بەك قورقىدىغان بۇلۇپ ، ئۇ قايتىپ كەلگەنلەردە يېنىدىن ئايرىلماي، بۇ يەردىكى سودا ئىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىك بۇلۇپ <جىم> يۈرەتتى.
  _ پاھ ، ئاداش تازا زىرىكىپ تۇراتتىم ، كۆڭلىمدىكىدەك ئىش قىلىپسەن جىمۇ. داداڭ كۆرۈپ قالمىدىما؟
  _ دىسەم ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن، ماشىنىنى دادام ئۆزى بەردى،_ دىدى ئۇ مەيدىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ،_ ئەتىگەن دادامغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ، چىرايلىقچە دادا بۈگۈن بىر ئاغىنەمنىڭ تويى ئىدى، ماشىنىنى بىر كۈن ئىشلىتىپ تۇراي، دىيشىمگە بوپتۇ ئالە، ئاستىراق ھەيدە دەپلا بىرۋەتتى قارا. كەيپى چاغ بولسا كىرەك ئۇ قېرۋاينىڭ.
  _ ئەمسە نىمىگە قاراپ تۇرمىز، يۈرە قوڭىدىن ئىس چىقىرىپ تازا يايرايلى. شۇنداق پۇت - قوللىرىم قىچىشىپ تۇراتتى مەن ھەيدەي جىمۇ.

مۇرادنىڭ دادىسى چوڭ سودىگەر بۇلۇپ، ماشىنىللىرى جىق ئىدى. بۈگۈن مۇرادنىڭ ھەيدەپ چىققىنى ئادەتتە دادىسى ھەيدەيدىغان ، مىرسىدىس  ماركىلىق ، قىممەت ماشىنىسى ئىدى. ماشىنىنى ھەيدەپ ئاۋال ئاشخانىدىن بىرگە بېرىپ تاماق يەۋالدۇق دە، مۇزىكىنى بولىشىغا قويۇپ، شەھەر كوچىللىرىنى سالقىن ئايلىنىشقا باشلىدۇق. قەيەردە قىز بالىلار بولسا ، شۇ يەردە سىگىنال بىرىپ، مۇزىكىنى چىڭ قىلىپ غۇييىدە ئۆتۈپ كىتەتتۇق. ئۇلار كەينىمىزدىن ، ئالىيىپ، قاشلىرىنى سۈزۈپ ، ھېجىيىپ قاراپ قېلىشاتتى.

  _ ئاداش ئاۋۇ ئىككى قىزنىڭ يېنىغىراق ھەيدىگىنە ، خېلى بوپ قويدىغان قىزلار ئىكەن. بىر ئەخمەق قىلىۋىتەيلى.
  مۇراد ئالدىمىزدا كىتىۋاتقان ئىككى قىزنى كۆرسەتتى.
  _ ئاداش ئاۋۇ ئۇرۇقىنىڭ تېخىمۇ پەيزى بارمۇ نىمە؟ - دىدىم مەن ماشىنىنى ئۇلار تەرەپكە سۈرۈپ.
  _ ئاداش ئۇ بەك ئۇرۇقكەن، قولغا چىقمايدۇ،_ دىدى ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ.
  _ ئاتنىڭ قورىقى ياخشى ، جۇۋاننىڭ ئۇرۇقى ئاداش،_ چاقچاقلىرىمىغا ئۆزىمىز ھوزىرلىنىپ كۈلەتتۇق.
  ئۇلارنىڭ بىرى ئورۇق ئىگىز ، چېچىنى سېرىق بويۋالغان ، قۇلقىغا تەرەكتۇرنىڭ كەينى چاقىدەك يوغان ھالقا ئېسىۋالغان، تازا چاپلىشىپ تۇرىدىغان پادىچىلار شىمى كىيۋالغان ئىدى. ئۇچىسىدىكى يېڭى يوق كۆينەكتىن قولتىقىدىكى جىمى ئالامەت كۆرىنىپ تۇراتتى. يەنە بىرى ھاجى خېنىمدەك كىيىنىۋالغىنى بىلەن ، ئۇنىڭمۇ ئۇچىسىدىكى نىپىز كىيمىدىن ، ئىچى مانا مەن دەپلا كۆرنىپ تۇراتتى. مەن ماشىنىنى يول ياقىسىغا سۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ بىردەم ئالدىغا ، بىردەم ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، شوخ دىسكونى قويۇپ مېڭىۋاتاتتىم. مۇراد ماشىنىنىڭ دەرىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىگىنىچە:
  _ خانقىزلار نەگە بارىسىلەر ؟ بىز ئاپىرىپ قويلى،_ دىدى ئۇ ھىجىيىپ.
  _ بولدى رەھمەت ، ئۆزىمىزنىڭ پۇتى بار،_ دىدى ئۇلار قاشلىرىنى سۈزۈپ ، گىرىمنى بۇلىشىغا قىلىپ، ئالا-چىپار بۇياپ ، قەيەردىلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان كۆزلىرىنى ئوينىتىپ. دۇشمەننىڭ سۆزى يامان ، جالاپنىڭ كۆزى دەپ ئۇ قىزلارنىڭ كۆزىلىرى ئويناپ تۇراتتى.
  _ ئاداش ، ھالى چوڭ خېنىملار ئىكەن. بىزنى ياراتمىغان ئوخشايدۇ.ماشىنىمىز يارىمىغان چېغى. قارىغاندا ئالدىغا ئايرۇپىلان ئېلىپ كىلىدىغانلار بار ئوخشايدۇ.
ئۇلار گىپىمىزدىن تۇمۇشقلىرىنى ئۇچلاپ، قاپاقلىرىنى سۈزۈپ:
  _ ئايرۇپىلان دەپ قاپسىز ، ئاۋياماتكا دەڭە بىي.،_ ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشىۋەتكەندىن كىين،_ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ، ماشىنا ئېلىپ كىلىدىغانلار ئۆچىرەت تۇرۇغلۇق، سىلەرمۇ تىلغۇن نۇمۇرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار ،ئۆچىرىتىڭلار تەگكەندە ، تىلغۇن قىلايلى ھە. ۋەيىت.
ئۇلار خۇددى بىزنى گەپتە يېڭىۋالغاندەك ، قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
  _ ماڭا قالىسىلا خېنىم، ما بىزنىمۇ ، ئۆچىرەت بىلەن ساقلاپ تۇرۋاتقان قىزلار باتى، شۇلارنىڭ ھاجىتىدىن بى چىقىۋىتىپ كىلىلى ھە ، ئىش بولسا مانا ماۋۇ تىلغۇن نۇمۇرۇم ، چاڭخۇ قىلىۋەتسىڭىز قايتۇرمەن . بىراق ۋاقتىم چىقامدۇ چىقمامدۇ بىلمەيمەن،- مۇراد تەنە ئارلاش شۇنداق دىدى - دە، ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ئۇلارغا كىمنىڭدۇر بىرنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. بىز بىر-بىرىمىزگە كۈلۈشكىنىمىزچە قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ ، كىتىپ قالدۇق. ئۇلار بولسا ھېلىقى تىلغۇن نۇمۇرنى بەس- بەس بىلەن تىلغۇنىغا كىرگۈزۈش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ ، كەتكىنمىزنىمۇ بىلمەي قېلىشتى.

بىز ماشىنى سالقىن ھەيدەپ ، خەلىق مەيدانى تەرەپكە ماڭدۇق. خەلىق مەيدانى ئالدىدىكى تاللا بازىرىدىن قولىدا نەرسە كىرەك كۆتۈرگىنىچە ، شۇنداق چىرايلىق بىر قىز چىقىپ كىلىۋاتاتتى. مۇراد ئىككىلىمىز ئۇنىڭغا قاراپ ، ئاغزىمىزنى ئېچىپلا تۇرۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇ قىز ئۇچىسىغا ئاددىغىنە كىيۋالغان، كىينىشلىرىدىن ، بايامقى قىزلارغا ئوخشايدىغان قىزلاردەك قىلمايتى.

  _ نىمە دىگەن چىرايلىق قىز ئاداش بۇ.
  _ شۇنى دىگىنە ، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يىتىپ ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىتى.
  _ نىمىلەرنى دەيدىغانسەن . ئوغول بالىدەك گەپ قىلە،بىزنىڭ قولىمىزدىن قايسى بىر قىز بالا قېچىپ قۇتىلالىغان. مىنىڭ ھۈنىرىمنى كۆر. ماشىنىنى يېنىغىراق ھەيدە.
مەن ماشىنىنى قىزنىڭ يېنىغىراق ھەيدىدىم ۋە بايا ھېلىقى ئىككى قىزغا قىلغان گەپنى بۇ قىزغىمۇ دىدۇق. بىراق بۇ قىزنىڭ غەزەپ چىقىپ تۇرغان ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزى بىلەن شۇنداق بىر سەت ئالايدىكى ، ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىپ كىتەتتى. ئۇ شۇنداق ئالىيىپ قويۇپ ، يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى.
  _ مۇراد قارى ، ھۈنۈرىڭلار قېنى؟ ئەگەر مۇشۇ قىزنى بىر ئېغىز گەپ قىلدۇرالىساڭ ، بۈگۈن سىنى مىھمان قىلىمەن.
  _ گىپىڭ گەپ ھە، قاراپ تۇر ئەمسە. مۇزىكىنى سەل بوشىراق قىلە.
مەن مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى سەل پەسەيتىۋىتىپ ، قىز تەرەپكە ماشىنىنى يەنە سۈردىم. مۇراد دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ، ھېلىقى قىزغا قارىدى-دە:
  _ ماڭا قارىڭە قىزچاق، نەگە بارسىز ؟ بىز ئاپىرىپ قويايلى دىدىمغۇ، - مۇراد ھەدەپ ئۇ قىزغا گەپ قىلاتتى. بىراق ئۇ قىز قاپقارا ئەگىم قاشلىرىنى ئوتتۇرسىغا يىغىپ ، قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە گەپمۇ قىلماي ئالدىغا قاراپ كىتىۋەردى.
  _ ئاداش گاچا ئوخشايدۇ بۇ قىز، - دىدىم مەن ئۇ قىزنى تېخىمۇ جىلە قىلىپ.
  _ ئۇنداق ئەمەستۇ، بۇنداق چىرايلىق قىز بالا گاچا بولسا، بولدى مەن ئاۋازىمنى بۇ قىزغا بىرىشكە رازى ئىدىم.  
  _ توۋا دىگىنە ئاداش ، سەن ئاۋازىڭنى بەرسەڭ، بۇنداق چىرايلىق قىز ، سەندەك قېرى ئۆدەكتەك گەپ قىلسا ھەممە ئادەم قېچىپ كەتمىسۇن.
ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈشىپ كەتتۇق. بىز ئۇنىڭغا قانچە چاقچاقلارنى قىلغانسىرى، ئۇ شۇنچە جىلە بۇلۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاپئاق يۈزلىرى ئاچچىقتىن قىزىرىپ، يىغلىغۇدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ئەگەر يەنە چاقچاق قىلساق ئۇ پارتىلايدىغاندەك قىلاتتى.
  _ ئاداش بولدى قىلە ، بۇ قىز گەپ قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. سەنمۇ ئۇتتۇردۇڭ . مىنى ئەمدى سەن مىھمان قىل،_دىدىم مەن مۇرادقا قاراپ.
  _ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، توختا ھە ، يەنە بىر سىناپ باقايلى. ئۆزىنى كۆرسىتۋاتقان ئوخشايدۇ. گەپ قىلمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي،_ مۇراد دەرىزىدىن بېشىنى قايتا چىقاردى-دە،_ ئەمسە تىلغۇن نۇمۇرىمنى دەپ بىرەي يېزىۋالامسىز ئاپپاق قىز، بىرەر ئىش بولسا تىلغۇن قىلسىڭىز، ئالدىڭىزغىلا ئۈنىمەن. سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا.
ئۇ قىز ئاخىرى چىدىمىدى بولغاي، ئاخىرى پارتىلدى. ئۇ چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن بىزگە قارىدى_دە:
  _ بۇنداق ماز چاقچاقلىرىڭنى بېرىپ ئاچاڭغا ياكى سىڭلىڭغا قىلىپ بەر لاتىلار! ھېلىقىدەك قىزلارغا ئوخشىتىۋاتقان بۇلاشساڭ، دەپ قويۇش ئوخشىمايدىكەن دەپ. قىزلار ھەرقايسىڭدەك بىر نىملەرنىڭ دەدىدە، بىر تاياقتا ھەيدىلىپ ، ئەسكى سانىلىپ كىتىۋاتىمىز. بىكا بۇلۇپ قېلىشقان بۇلۇشساڭ ، بۇنداق تېتىقسىز ئۇيۇنلىرىڭنى ، ئوينايدىغان يەرگە بېرىپ ئوينا!
ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى. ئۇنىڭ گىپى نىرۋىمىزغا تەگكەن ئىدى.
  _ ئاداش ما قانجۇق نىمە دەيدۇ،- دىدىم مەن ئۇ قىزنىڭ گىپىگە ئاچچىغىم كىلىپ.
  _ گەپ قىلغانغا خوش بولاۋە پاسكىنا بۇزۇق. ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرسىتىپ، يوغان گەپ قىلىپ كەتمە. كىم بىلىدۇ سەنمۇ تايىنلىق بىر نىمە!
ئۇ قىز يىغلىغۇدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.لىكىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن تىتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.
  _ ئىسىت! ھەر قايسىڭنىڭ ئوغول بالا بۇلۇپ قالغىنىڭ، ھەر قايسىڭنى يوغىنتىۋاتقان داداڭنىڭ ئىككى تۆت تال  پۇلىغۇ تايىنلىق، ئىسىل ماشىنىغا چىقىۋېلىشقىنىڭ بىلەن پوقنى ئوتتىردىن ئىككى قىلىشالمايسەن، جەمىيتىمىز ھەر قايسىڭدەك بىر نىمىلەرنىڭ دەستىدىن بۇزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئوغوللار ھەر قايسىڭدەك بۇلىدىغان بولسا ، ھۆ!! گەپ قىلماي دىگەن بىراق ئۆزۈڭ مەجبۇرلاشتىڭ. ئاللاھ بىزنىڭكىدىن ئارتۇق قىلىپ قويغان، نۇرغۇن قىزلىرىمىزنى بۇزۇۋاتقان ھېلىقى بىر نىمەڭنى توغراپ - توغراپ ئاغىزىڭغا سەپ قويسا ئاندىن دەردى چىقىدۇ ئادەمنىڭ! سەندەك بىر نىملەردىن قىز بالا ياخشى. ئىسىت ئاناڭنىڭ سىلەرنى ئوغول دەپ تۇغقىنى. ئىمانى يوق لاتىلار، جەمىيەتنىڭ پارازىت قۇرۇتلىرى،___ قىزنىڭ ئاغزىدىن غەزەپ ۋە ئاچچىق سۆزلەر قىزىغان قازاننىڭ قومىچىدەك كەينى كەينىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئالدىغا كىلىۋاتقان تاكسىنى توسۇپلا چىقىپ كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ گەپلىرى تاپىنىمدىن كىرىپ ، مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى.
  _ ئاناڭنى پاسكىنا، ئەجەپ ئاغزى يامان نىمكىنە بۇ. كەينىگە چۈشە نەگە باردىكىن، ئۆينى كۆرىۋالايلى ، خەپ بىر كۈنى كۆرسىتىپ قويمىسام ، يوغان سۆزلىگىنىگە، ئەجەپ قوسقىم كۆپتىيا، بۇ قانجۇقنىڭ گىپى يۇرتۇم سودا سۈيى ئىچسەممۇ سىڭمەيدۇ ئاداش،__ مۇراد ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.
  _ ئەجەپ يامان نىمىكىنا بۇ ، بولدى قىلايلى ئاداش، نەدىكى بىر ئوبداق كىتىۋاتقان قىزغا چاقچاق قىلغۇچە بىزمۇ غىتىمىزنى چىڭ قىسىپ ، يولىمىزغا ماڭساقمۇ بوپتىكەن،_ دىدىم مەن مۇرادقا قاراپ.

ئۇ قىزنىڭ گىپى بىلەن كەيپىمىز ئۇچقان ئىدى. مۇراد بىلەن بىردەم كوچا ئايلىنىپ بىلىيارتخانىدا بىر ئاز ئويناپ ئاندىن تورخانىغا كىردۇق. ئۇ يەردە قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، مۇرادنىڭ داداىسى تىلغۇن قىلىپ ، يىزىدىكى بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ كىلىدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنى ئېلىپ كىلىشنى بۇيرىدى. مۇراد بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ كەلگۈچە يېرىم كىچىدىن ئاشقان ئىدى. مۇراد مىنى ياتاققا ئاپىرىپ قويۇپ ،ئۆيىگە كەتتى.

كارۋاتتا ئۆزۈمنى تاشلاپ ، بىردەم خىيال سۈردۈم. خىيالىمغا ، كۈندۈزدە بىزنى تىللغان قىزنىڭ گەپلىرى كىرىۋېلىپ باراتتى.

ئەجەپ ئاغزى يامان قىزكىنە ئۇ، ئۇنداق قىزلارنى كۆرمەپتىكەنمەن . ئۇممۇ بىزنى دادامدەكلا يارىماس، داشقالغا چىقىرىۋەتتى. راستىنلا يارماسمۇ نىمە مەن؟... ئۇ قىزنىڭ گەپلىرى مىنى قاتتىق ئويلاندۇرۋاتاتتى. ئۇھ، سائەت 1 دىن ئېشىپتۇ ئۇخلايچۇ...نىمانداق دىمىق ئىسسىقتۇ....يا ئۇخلىغىلى بولمىغان ، مانا ئەمسە دەپ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپلا ئۇخلايمەن....

ئىسىقتا دىمىم تۇتىلىپ ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرىلىپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. ئۇياق - بۇياققا ئۆرىلىپ، ياستۇقنىڭ ئاستىغا قولۇمنى سالسام ، قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك بولدى. قولۇمغا ئېلىپ قارۋىدىم. ھېلقى پورتمال ئىدى.

راست ، ئەتە بۇ پورتمالنى ئاپىرىپ بەرگىلى بارىمەن. ئۇ قىز ئەتە كىتاپخانىغا كىلەمۇ يا؟...ھېلىقى ئايالنىڭ گىپى بۇيچە بولغاندىغۇ ، ئۇ ئەتە چۇقۇم كىلىدىغاندەك...ۋاي ئەجەپ بۇ پورتمال بىلەن قالدىم. بەلكىم ئۇ قىز ئاللىقاچان بۇنى ئۇنتۇپمۇ قالغاندۇ. ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك دەپ، ئۇنىڭغا ياخشلىق قىلدىم دەپ ، كىيىن ئۆزۈم بالاغا قالماي ... ئەتە تاڭ ئاتقاندا بىر گەپ بولار، ئۇيقۇمنى ئۇخلاي، ئەجەپ ھېرىپتىمەن بۈگۈن...


3



ئاخشام كەچ ياتقاچقىمىكىن ، بۈگۈن پەقەتلا قوپقۇم كەلمەيۋاتاتتى. كۆزۈمنى ئېچىپلا ، ئۇدۇلىمدا ھېلىقى پورتمال تۇراتتى.

ئەتتىگەندىلا يەنە سەنغۇ . پورتمالنى كۆرۈپ يەنە ھېلىقى قىزنىڭ كىتاپ ئوقۇغاندىكى ھالىتى، مۇراد ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ پورتمىلىنى ئوغۇرلىغاندىكى ئىشلار ، پورتمالنىڭ ئىچىدىكى ھېلىقى رەسىم ، رەسىم كەينىگە يېزىقلىق خەتلەر ئىسىمگە كەلدى.

بىچارە قىز ، ئۇنىڭ ئاپىسى يوق ئىكەن. بۇ رەسىمنى پورتمىلىغا سېلىپ ساقلىغانغا قارىغاندا، بۇ رەسىم ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئىچىمدە بىر كۈچ ، بۇ پورتمالنى ئاپىرىپ بىرىشكە ئۈندەيتى ، بۇنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەر، دەپ چاقىراتتى. ئۇ قىزغا ئاپىرىپ بىرەي. دەرھال سائەتكە قاردىم. سائەت 10 بۇلاي دىگەن ئىدى. ھازىرلا كىتاپخانىغا باراي...


كىتاپخانا ئالدىغا كەلدىم. قولۇمدا ھېلىقى پورتمال بار ئىدى. كىتاپخانا ئەينىكىدىن ئىچىگە قاردىم. ئەتىگەن بولغاچقا كىتاپخاندا ئادەملەر خېلى كۆپ ئىدى. بىراق ئۇلار ئارسىدا قىز يوق.

ئادەم قانداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشسا ، دۇنيادىكى ئادەملەرنى ئۆزىگە ئوخشاشمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن. كىشلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش ، ئويناپ، كۈلۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزدىغۇ، تاپقىنىنى تاماششا ئۈچۈن خەجلەيدىغۇ دەپ ئويلايتىم. بىراق كىتاپخانىدىكى ئادەملەرگە قاراپ، بۇ خىيالىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم. بۇ جىمجىت كىتاپخانىدا ئولتۇرۇپ ، زىرىكمەمدىغاندۇ بۇلار؟ مىنى ئەكىرىپ قويدىغان بولسا، بىر مىنۇتقا قالماي، بېشىم ئاغىرىپ يېنىپ چىقاتتىم.

كىتاپخانا خىزمەتچىسىدىن ، قىزنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ مىنى كۆرۈپلا تونىدى بولغاي، سورايدىغان سۇئالىمنى بىلىۋالغاندەكلا، قولىدىكى رەتلەۋاتقان كىتاپلىرىدىن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي تۇرۇپ، ئۇ تېخى كەلمىدى، سەل تۇرۇپ كىلەمىكىن دىدى - دە، يەنە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋەردى. قارىغاندا ئالدىنقى كۈنى ئۇنى خېلى زىرىكتۈرگەن بولسام كىرەك، ياكى ئۇنڭغا بەرگەن تەسىرىم ياخشى بولمىغان بولسا كىرەك، ياكى ئۇ مىنى يەنە ئۆتكەنكىدەك جىق گەپ قىلىپ مىنى ئاۋەرە قىلمىسۇن دىدىمۇ ئىشقىلىپ ، ئۇنىڭ سۇئالسىزلا بەرگەن جاۋابىغا ، ئىپادىسىزلا گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم.

مەن گۈللۇك تەرەپكە ئۆتۈپ ، ئۇ يەردە قىزنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. بۇ يەردە كىتاپخانا ئالدى ، ناھايتى ئېنىق كۆرنەتتى.

بۇ ئىشىم توغرمىدۇ؟ ئەگەر مەن بۇ پورتمالنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرسەم ، ئىچىدىكى بەش مىڭ يۈەن پۇلۇمنى تۆلەپ بەر ، دەپ ماڭا ئېسىلىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ يۈتكەن مالنىڭ سېپى ئالتۇن دەپ ، ھالىنى چوڭ قىلىپ تۇرۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈم ئوسال بۇلۇپ قالماي....ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ بولدۇم ، يەنە نىمىگە ئىككىلىنەي، ئۇ ئۇنى-بۇنى دىگەن چاغدا بىر گەپ بۇلار، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ باھانىدا تونۇشۇپ قالسام ، ئۇنداق چىرايلىق قىزلارنى ئالقىنىمدا ئوينىتىۋالمامدىم.

ئۇ قىزنىڭ ، كىتاپ ئوقۇغاندىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى. يۈگۈرەپ يولغا چىقىۋېتىپ كەينىمگە قاراپ يۈركىم باشقىچە رىتىم ۋە سىزىمدا سوقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتىگە قاراپ ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پورتمالنى مۇرادىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ، ئاپىرىپ بەرگۈم كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتى شۇ چاغدىكى غەيرىتىمنى سۇندۇرۇپ، ئىشەنچىمنى يۇقىتىپ ، ئۆزۈمگە لەنەتلەر ئۇقۇتقان ئىدى.

  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم. _ تورغاينىڭكىدىن زىل ، تەمبۈرنىڭ ئاۋازىدىن جاراڭلىق بىر قىزنىڭ ئاۋازى خيالىمنى بۇزىۋەتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئالدىمدا ھېلىقى قىز تۇراتتى. ئۇنى كۆرۈپ يۈركىم بىردىنلا تىز-تىز سوقۇپ كەتتى. ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرمىگەچكە، ئۇنىڭ بۇ قەدەر چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمىغان ئىدىم. مىنى ئۇ چاغدا مەھلىيا قىلغىنى ئۇنىڭ ھېلىقى كىتاپ ئوقۇغان چاغدىكى ھالىتى ئىدى. ئۇنىڭ بېشىغا ئارتىۋالغان ھالىرەڭ رومىلى ئۇنىڭ ئاپئاق سۈتتەك يۈزىگە شۇنداق ياراشقان ئىدى. قىزنىڭ كۆزىدە خەتەرگە يۇلۇققان توشقاننىڭ كۆزىدىكى ھۇشيارلىق، ئۈركىگەن كىيىكنىڭ كۆزىدىكى يىتىرقاش، قوزىسىنى يالاۋاتقان قوينىڭ كۆزىدىكى مۇلايىملىق ئەكىس ئىتەتتى.
  _ ياخشىمۇ سىز،_ دىدىم مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن.
  _ ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام. كىتاپخانىدىكى تۇرسۇنگۇل ھەدەمنىڭ ئېيتىشچە مىنى ئىزدەپتىكەنسىز، ماڭا بىرىدىغان مۇھىم نەرسە بار دەپسىز،_دىدى ئۇ بىر خىل سۇئال نەزىرىدە ماڭا قاراپ. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ساپ ۋە تەبىئى ، گوياكى ياش دەرەخنىڭ نوتىسىدەك ئەۋرىشىم ئىدى. خۇددى يىراقتىن ئاڭلانغان نەي ئاۋازلىرىدەك ئادەمگە بىر خىل ھوزور ۋە ئارام بېغىشلايتى.
  _ ھە. شۇ...شۇنداق. سىزنى ساقلاۋاتقان ئىدىم، سىزنى ئىزدەۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولدى،_ توۋا، مۇشۇ ۋاقىتقىچە نۇرغۇن قىزلارغا گەپ قىلىپ ، چاقچاق قىلىپ بۈگۈنكىدەك بىر قىزنىڭ ئالدىدا ئاۋازىم تىتىرەپ، ھۇدۇقۇم باقمىغان ئىدىم. بۇ قىزدا نىمە سىھرى كۈچ باردۇر ئەمدى. ئۇنىڭدىن ئەجەپ يېتىرقاپ ، خىجىل بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن دىسە...گىپىمنى تۈگىتىپ قىزنىڭ كۆزىگە قارىۋىدىم ، ئۇنىڭ قىياقتەك قاشلىرى ئارسىدىكى ئوقيا كىرپكلىك كۆزلىرى، مەندىن ماڭا بىرىدىغان نەرسىنى يەنى ماڭا تەۋە نەرسىنى بىرىۋىتىڭ ، مەن كىتەي دەۋاتقاندەك ماڭا گەپ قىلماستىن قاراپ تۇراتتى. ئەسلى قىزنى ئاز - تولا گەپكە سېلىپ ، تۇنۇشىۋالغۇدەك بولسا تۇنۇشۇپ، باشقا قىزلاردەك ئەخمەق قىلغۇدەك بولسا ئەخمەق قىلىپ ئىچ پۇشقىمنى چىقىرارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق قىزدىكى تەقى- تۇرۇق، گەپ - سۆز ، چىراي- ئىپادە مىنىڭ بۇ خىياللىرىمنى كۆڭلىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈۋەتكەن ئىدى. يانچۇقۇمدىن دەرھال ھېلىقى پورتمالنى ئالدىم - دە، قىزغا تەڭلىدىم.
  _ بۇ پورتمال سىزنىڭمۇ؟ مەن بۇنى يولدىن تېپىۋالغان ئىدىم . قارسام ئىچىدىغۇ ئانچە مۇھىم نەرسە يوقتەك قىلدى . لىكىن مەن ئۈچۈن مۇھىم بولمىغان نەرسە، بۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن جېنىدىنمۇ قىممەتلىك بۇلۇشى مۇمكىن دەپ سىزنى ئىزدىگەن ئىدىم ،_ گىپىم شۇنداق قولاشتىكى ، بۇ يالغان گەپنى دىگۈچە زادىلا دۇدۇقلىماي، تەمتىرمەيلا دەۋەتتىم. ئاخىردا دىگەن گىپىم ئەجەپ قاملاشتى، ئەجەپمۇ بىر ئىلمى گەپ قىلىۋەتتىم دىسە...بىراق سەل ئەنسىرەۋاتاتتىم . قىزنىڭ ئىچىدە پۇل بار ئىدى ، دەپ مىنى ئوغىرى تۇتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتاتتىم.

قىز پورتمالنى كۆرۈپ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ قارماققا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇ پورتمالنى قولىغا ئالدى_دە، ئالدى ئارقىسىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن:
  _ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن،_ دىدى ئۇ ماڭا قاراپ ، سەدەپتەك تەكشى چىشلىرىنى ئېچىپ.
  _ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ بىرەر نەرسىڭىز يۈتتىمىكىن؟
بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپلا يۈركىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. مەن نىمانچە ئەخمەق، بۇ گەپنى نىمىشقا دەيمەن؟ ئەگەر ئۇ ئىچىدە پۇل بارئىدى، يوق تۇردۇ، سىز ئېلىۋاپسىز، دەپ تۇرۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ساراڭ بۇلۇپ قېلىۋاتامدىم نىمە...ئەگەر مۇشۇ ئىشلىرىمنى مۇراد بىلىدىغان بولسا ، قوڭىچە كۈلۈپ ، مىنى مازاق قىلىشى مۇمكىن. دىمىسىمۇ ئوغۇرلايدىغىنىنى ئوغۇرلاپ، گۆشىنى يىۋېلىپ ، سۆڭكىنى ئەكلىپ بەرگەندەكلا ئىش قىلىۋاتىمەنغۇ مەن.

ئۇ قىز پورتمالنى ئېچىپ قارىۋەتكەندىن كىين چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ:
  _ ياق. ھىچ نىمە يۈتمەپتۇ. يۈتسىمۇ كارايىتى چاغلىق، بالا قازا شۇنىڭ بىلەن كىتەر. مۇشۇ سۈرەت يۈتمىگەن بولسىلا ، قالغان نەرسە مەن ئۈچۈن ئانچە مۇھىم نەرسە ئەمەس.

ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ جاۋاپ مىنى ھەيران قالدۇرۋەتتى. بەش مىڭ يۈەن پۇلى يۈتسە، يەنە ھىچ ھىش بولمغاندەك، ھىچ نەرسەم يۈتمەپتۇ دەيدۇ يا، ئۇ قەستەن دەۋاتامدىغاندۇ ياكى ئىچىدە پۇل بارلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەس بولغيمىىتى، ياكى ئۇ پۇل بۇ قىز ئۈچۈن ھىچ قانچىلىك پۇل ئەمەسمىدۇ؟...ئەجىبا ئاپىسىنىڭ ئۇ سۈرىتى ھېلىقى پۇللاردىنمۇ مۇھىممىدۇ؟...مەندىنمۇ ئۆتە ساراڭمۇ نىمە بۇ قىز...
  _ ئەجەپ ھاڭۋېقىپ قاراپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ چىرايىڭىز باشقىچە بۇلۇپ كىتىپتۇ، مىجەزىڭىز يوقمۇيا؟_ دىدى ئۇ پورتمالىنى ئىتىپ ماڭا قارىغىنچە.
  _ ھە، ياق. ھىچ ئىش يوق. بىرەر نەرسىڭىز يۈتمىگەن بولسا ياخشى . ئۇ سۈرەت سىزگە شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ ئۇ كىم؟
گەرچە بىلسەممۇ، ئۇنىڭدىن بۇ سۈرەتنى نىمە ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگۈم كىلىۋاتاتتى. ھەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا ئايرىلغۇم يوق ئىدى.
_ شۇنداق ئۇ مىنىڭ ئاپام،_ دىدى ئۇ ،_ئۇ مەن كىچىك چاغدىلا كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بۇلۇپ كىتىپتىكەن. ئاپامنىڭ سىماسىنى ئەسلەتكۈدەك نەرسىدىن ، پەقەت مۇشۇ بىر پارچە سۈرىتىلام قالغان. بۇ سۈرەت ماڭا مەدەتكار، مىنىڭ سىردىشىم.
ئۇنىڭ كۆزىدىكى كۈلۈمسىرەش نەلەگىدۇر غايىپ بولغاندى، چاناقلىرىدا بىلىنەر - بىلىنمەس سۈزۈك ياش لىغىلداپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن بۇ گەپنى سورىغانغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم.
_ كەچۈرۈڭ ، سورىمىسام بوپتىكەن. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.
_ ھىچقىسى يوق. ئاللاھ بەرگەن جاننى ئاللاھ ئۆزى يەنە ئېلىپ كىتىدۇ. بۇ جان بىزگە ئامانەت. بۇ دۇنيادا ھەمىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىمىز. ئاللاھنىڭ ئاپامنى جەننەتتە قىلىشىنى تىلەيمەن . ئاپام بىلەن ئاخىرەتتە ھامىنى ئۇچىرشىمىز. بۇ دۇنيادا ئاپام ئۇچۈن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىم ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككە رەكەت ناماز ئۆتۈپ قويۇش خالاس،_ دىدى ئۇ ئۈمۈدۋارلىق بىلەن كۈلۈمسرەپ تۇرۇپ.

ئاغزى ئېچىلسىلا ئاۋۋال ئاللاھ دەپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان بۇ قىز قارى قىزمۇ نىمە؟..ئاللاھنى ياد ئىتىپ تۇرغاچقا چىرايىدىن شۇنداق نۇر يېغىپ تۇرامدىغاندۇ؟...

_ سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ئاللاھ ھەممە ياخشى يامان ئىشلارنى كۆرۈپ ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، بەندىدىن يۇشۇرغان بىلەن ئاللاھتىن يۇشۇرۇپ بۇلالمايدىكەنمىز. قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىزغا ئاللاھنىڭ سىزگە رەھمەت قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇنىڭدىن باشقا رەھمىتىمنى بىلدۈرگۈدەك نەرسەم يوق . پىشىن نامىزى بولغۇچە ئۆيگە بارمىسام بولمايدۇ. ئاللاھقا ئامانەت ، ئاللاھ خالىسا يەنە كۆرشىپ قالارمىز.

ئۇنىڭ بىلەن بۇنچە تىز خوشلاشقۇم يوق ئىدى.قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى يەنە بىردەم ئاڭلغۇم بار ئىدى. لىكىن ئۇنىڭدىن بىر خىل تارتىنىپ تۇراتتىم.
ھەي بايۋەتچە، نى نى قىزلارنى ئۆزۈڭگە قارتىپ، ئالدىدا قوچقاچتەك سۆزلەپ ، ئۇلارنى ئالقىنىڭدا ئوينىتاتتىڭ. ئەمدى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا نىمانداق تەمتىرەپ ، جىددىيلىشىدىغانسەن...ئۇ قىزغا قارساملا ھېيىقىدىكەنمەنغۇ تاڭ...بەلكىم بۇ ئىماننىڭ كۈچى بولسا كىرەك. ئۇنىڭدىكى ئىمان مىنى ھېيىقتۇرۋاتقان بولسا كىرەك....

ئۇ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتىم. ئۇنى كەينىگە قاراپ قويسىكەن دىگەننى بەكمۇ ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم. ئۇنى بۇنچە تىز كىتىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن يەنە قايتا ئۇچىرشىدىغان پۇرسەت بۇلۇپ قالارمۇ؟...جەمىيەتتە ئۇنىڭدەك قىزلارمۇ بار دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. گۈل گۈلى بىلەن ئادەم خىلى بىلەن دەپ، مەنمۇ شۇ ئۆزۈمنىڭ خىلىدىكى ئادەملەرنىلا تۇنۇيدىغان ئوخشايمەن...ئۇنىڭ ئاللاھ ھەممە ياخشى يامان ئىشلارنى كۆرۈ پ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ، بەندىدىن يۇشۇرغان بىلەن ئاللاھتىن يۇشۇرۇپ بولالمايمىز ، دىگەن گىپى خۇددى مىنى دەۋاتقاندەكلا تۇيلۇپ كىتىۋاتاتتى.

بۇ قارى خېنىمنىڭ گىپىنىڭ ئەجەپ جېنى بار ئىكەن. كۆڭلىمنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدىيا...ھازىرقى جا قارى خېنىم ئەمەس، جىڭ قارى خېنىم ئوخشايدۇ...شۇنداق قىلىپ كەتتى بۇ قىز...ئوبدانىراق تونۇشاي دىسەم، كۆڭلىمدە تېخى مىنى بىرەر ۋاخ تاماققا تەكلىپ قالسا ، ھال مۇڭ ئولتۇرشۇپ كىتەرمىز دەپتىمەن...ئەمدى نىمىش قىلسام بۇلار؟ تورخانىغا باراي...مۇراد شۇ يەردىمۇ تېخى...تومۇچۇقلىرىمنىڭ كۆرگىسى كىلىپ كەتتى ھەقىچان...

پورتمالنى ئۇ قىزغا بىرىپ ئۆزۈمنى شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قلىۋاتقان بولساممۇ، لىكىن كۆڭلىمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا غەش ئىدى.


4



ئىسسىق ، دىمىق ياتاقتىن چىقىپ ، ئەتتىگەندە ھاۋا يەپ ، بىردەم سالقىنداش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتىم . كوچىدا كىتىۋاتىمەن. ئەتىگەنكى ھاۋا شۇنداق ساپ ، سالقىن بۇلۇپ ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايتى. ئالدىراش ئىشقا كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارسىدا قەدەملىرىمنى نىشانسىز سۆرەپ كىتىۋاتىمەن. ئۇنى - بۇنى خىيال قىلىپ ، يەنە ھېلىقى گۈللۈككە كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن.

توۋا، پۇتۇم مۇشۇ يەرگە كۈنۈپ قاپتۇ جىمۇ. مېڭىپ ، مېڭىپ يەنە مۇشۇ يەرگە كىلىپ قاپتىمەن. كەلگەندىكىن بىردەم ئولتۇراي.

گۈللۇكتىكى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم . يان تەرپىمدىكى ئۇرۇندۇققا قاراپ ، ھېلىقى قىز ئىسىمگە كەلدى. ئۇنىڭ شۇ ئورۇندۇقتائولتۇرۇپ ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ ، كىتاپ ئوقۇۋاتقان ھېلىقى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى....خۇددى ھازىرمۇ شۇ يەردە شۇ كۈنكىدەك كىتاپ ئوقۇۋاتقاندەك كۆرنۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ كىلىشكەن قامىتى، بۇلاقتەك چىرايلىق كۆزلىرى، سۇتتەك ئاق يۈزلىرى، يېقىملىق زىل ئاۋازى كۆز ئالدىمغا كىلەتتى. ئۇ قىز كىتاپخانىغا كەلگەنمىدۇ؟ ئۇ قىزنى يەنە بىر كۆرۋالسام بوپتىكەن. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى يەنە بىر ئاڭلىسام بوپتىكەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسا ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر خىل ئېچىلىپ قالىدىكەن.... لىكىن ئۇ مەندەك بىر ئۇيۇن قېپى ، قۇرۇق سۆلەت بايۋەتچىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كىتىپ پاراڭلىشامتى....ئۇنىڭدىكى ئېغىر بېسىقلىق، تەمكىنلىك، چىرايىدىكى ئادەمنى ئەيمىندۈردىغان سۈر، ئادەمنى ئۇنىڭدىن ھېيىقتۇراتتى. ئەگەر ھەممە قىز ئۇنىڭدەك بولىدىغان بولسا....

_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم. _تۇنۇش ، زىل ، مۇلايىم ئاۋازدىن يۈركىم غارتتىدە قىلىپ ، خىيالىمنى ئۈزۈپ ئارقامغا قاردىم. ئارقامدا ھېلىقى سۇمباتلىق قىز قولىدا كىتاپ كۆتۈرگىنىچە ، ماڭا قاراپ تۇراتتى. زامان ئاخىرى بولدىمۇ نىمە؟...توۋا، جىننىڭ گىپىنى قىلساڭ جىن كىلىدۇ دەپ ، بۇ قىزنى خىيال قىلسام ئالدىمدىلا تۇردىيا....قولۇمدىكى چىكىۋاتقان تاماكامنى تاشلىۋىتىپ ، دەرھال ئورنىمدىن تۇردۇم-دە، ئۇنىڭغا قاراپ:
_ ياخشىمۇ سىز،_ دىدىم.
_ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام،-دىدى ئۇ ئارقىدىنلا،_ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام دەڭ. قۇرئان كەرىمنىڭ تۆتىنجى سۈرە، 86 - ئايەتتە<<سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭلار(يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋە رەھمۇتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار(يەنى ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام دەڭلار) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن(يەنى بەندىللىرىنىڭ چوڭ كىچىك ئىشلىرىدىن ) ھىساپ ئالغۇچىدۇر>>دىگەن ئىدى. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ، بۇنى بىلىشىمىز ھەم ئەمەل قىلىشىمىز كىرەك.

ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن ، خىجىل بۇلۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم. لىكىن چاندۇرماي، ئۆزۈمنى ئوسال ئەھۋالدىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن:
  _ ئەمدى شۇ ، ھازىرقى زاماندا ياخشىمۇسىز، تىچلىقمۇ دەپ كۆنۈپ قالغاندىكىن، قېرى ئادەملەردەك ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دىسە ، غەيرى ئاڭلىنىدىكەن،_ دىدىم چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ.
  _ غەيرى ئاڭلىنىدىكەن دەڭ. ئەسلى دىگەنلىكتىن غەيرى ئاڭلانمايدۇ، دىمىگەنلىكتىن غەيرى ئاڭلىنىدۇ. بىر سالام بىرىشنىمۇ ئەمدى قېرى ياشقا ئايرىغىلى تۇرساق، يەنە ئايرىمىغان نىمە ئىشلىرىمىز قالغاندۇ؟
بۇ ھاجىمە خېنىمغا گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمامدۇ نىمە؟ گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتمىسەم ، ئاغزى ئېچلسىلا ئاللاھ، قۇرئان كەرىم دىن گەپ ئاچسا، ئادەم خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەن. ئىمانى ئەجەپ كۈچلۈك قىزكىنە بۇ.....
  _ ئەتتىگەندىلا بۇ ياققا كىلىپ قاپسىز، كىتاپ ئارىيەت ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟_ دىدىم مەن گەپنى قەستەن باشقا  ياققا بۇراپ.
  _ شۇنداق . كىتاپ ئارىيەت ئالغان، گۈللۈككتە ئولتۇرۇپ ئوقۇي دەپ كەلسەم، بۇ يەردە ئولتۇرۇپسىز. سالام قلىپ قوياي دەپ يېنىڭىزغا كلىۋېدىم. ئۆزىڭىزچۇ؟ ئەتتىگەندە بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز؟ _ ئۇنىڭ ياندۇرۇپ سورىغان سۇئالىغا دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي ئىىتتىكلا:
  _ مەنمۇ بىكارچىلىقتا زىرىكىپ، ھاۋا يەي دەپ چىققان.
  _ چوپچوڭلا بىر ئوغول بالا بىكارچىلىقتا ،دىسە ئەجەپ سەت تۇردىكەن. قاراڭ ئاۋۇ چۈمۈلىلەرگە، بۇ بىر توپ چۈمۈلە قىشلىق تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلىقتىكى ئۇزۇقنى سۆرەپ جاپا تارتىۋاتقان شۇ دەقىقىدە، سىز بىكارچىلىقتا تاماكىڭىزنى شوراپ ئۇلارغا قاراپ ئولتۇرۈپسىز ،_ دىدى قىز يەردىكى بىر توپ چۈمۈلىلەرنى كۆرسىتىپ.

قىزنىڭ كىنايە ئارلاش قىلغان گىپىدىن ، مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان ياكى ئاگاھلاندۇرۋاتقانلىقنى بىلەلمىدىم.

  _ مەن ئۇنداق ئەتەمنى ئويلاپ كەتمەيمەن. بارىغان پەتە، يوقىغا ئەتە ، كىمىنى كەينىدىن ئەۋەتە دەپ بارىغا شۇكىرى قىلىپ ، قانائەت قىلىپ ياشايمەن. مەن كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس بۈگۈنۈم ئۈچۈن ، ئەتە ئۈچۈن ئەمەس ھازىر ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەم. ماڭا نىسپەتەن بۈگۈنۈم خۇشال ئۆتسە ھىساپ. ئەتە نىمشلار بۇلىدۇ بۇنى ھىچكىم بىلىپ بولالمايدۇ.
  _ بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ ئارمانلىرى بولمايدۇ، كەلگۈسى بولمامدۇ؟ ئەجىبا سىزنىڭ بىرەر ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزمۇ يوقما؟
  _ ئارزۇ ئارمانلىرىم ئەلۋەتتە بار. ئۆمۈرۈم بۇلۇپ، جىق پۇل تاپسام، ئىسىل ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ ، ساياھەت قىلسام، مۇشۇنداق ياشاپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق.
  _ قۇرۇق سۆزگە ئۆي پۈتسە، ئىشەك ھاڭرىغانغا شەھەر پۈتكەن بۇلاتتى،- دىدى قىز باشقا گەپ قىلمايلا ، مىنى مەسخىرە قىلغاندەكلا ، ئىپادىسىز كۈلۈپ قويۇپ. لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەندەك بىر بىجىرىم كىشىنىڭ بىكار تەلەتلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، مەندەك بىر يىگىتنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان بۇ گەپلەردىن ئۈمۈدسىزلىنىۋاتقاندەك ، مەندەك بىر كەلگۈسىدىكى ئاتىغا، ئۆينىڭ تۈۋرىكىگە لەنەتلەر ئوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ بىكار - تەلەتلىكىگە نۇمۇس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا نىمىشقا بۇنداق دىگەندىمەن؟ سودا قىلىمەن دەپ قويسام ، بۇ قىز مىنى تەكشۈرۈپ باقامتى...ئۆزۈمدىن كەتتى، لىكىن بۇ قىزنى كۆرسەملا يالغان گەپ قىلغۇم كەلمەيدۇ دىسە، توۋا. بۇ قىزدا زادى قانداق سىھرى كۈچ باردۇ؟ ....

  _ مەن قايتاي. سەل تۇرۇپ ئازىراق ئىشىم بار ئىدى. ئاللاھقا ئامانەت،- دىدى ئۇ بىر پەس جىمجىتلىقتىن، مېڭىشقا تەمشىلىپ.
  _ نىمانچە ئالدىرايسىز. كىلىشىڭىزدىن كىتىشىڭىز تىزغۇ. بۇ يەردە كىتاپ ئوقۇمامسىز؟
  _ بولدى ئۆيگە بېرىپ ئوقۇي. بۇ يەردە ئادەملەر جىقلىشىپ كەتتى. ئادەتتە كىتاپ ئوقۇسام كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپ ، يېنىمغا قويغان نەرسىللىرىمنى ئۇنتۇپلا قالىدىكەنمەن...
  _ ھەئە. سىز شۇنداق ئىكەنسىز. ئالدىنقى قېتىممۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىكەنسىز. ھەتتا پورتمىلىڭىزنى ئې.....
گىپىمنىڭ ئاخىرنى ئىتتىكلا يۇتىۋەتتىم. ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ ، ئۆزۈمنى ئاشكارلىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم. ۋاي خۇدا، نىمىلەرنى دەۋەتتىم. ئۇ سىزىپ قالارمۇ؟ ... بۇ قىز مەندىن گەپ ئېلىۋاتقاندەكلا ، ئۇ گەپلەرنى ماڭا دىگەندەكلا دىدىيا... ئۇ چۇقۇم بىر ئىشنى بىلىدۇ....
  _ مىنىڭ نەرزىرىمدە ئوغول بالا دىگەن، قىلغان ئىشىنى قىلدىم، دەپ ئىتىراپ قىلالىغاندىلا ئاندىن ئوغول بالا بۇلىدۇ. ۋىجدانى ئۇلارنى ھەقنى سۆزلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. مەيلى ئۇنىڭ قىلغان ئىشى توغىرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن راست گەپ قىلغاندىلا قارشى تەرەپنىڭ كەچۈرشىگە ئىرشەلەيدۇ. ئۆزىمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايدۇ. رەسۇلىللاھىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام <<راست گەپ كىشىلەرنى ياخشى يولغا يىتەكلەيدۇ. ياخشى كىشلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدۇ. بىر ئادەم دائىم راست گەپ قىلسا، بارغانسىرى راستچىللاردىن بۇلىدۇ. يالغان گەپ كىشىنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ كىشلەرنى دۇزاخقا باشلايدۇ>>دىگەن ئىكەن. ئاللاھمۇ راستچىل كىشلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇنىڭ ھىچ مۇناسىۋەتسىزلا قىلغان بۇ گىپى ، ماڭا قارتىپلا ئېيتىلغاندەك ، گىپىمنىڭ ئاخىرنى بىلىپ بولغاندەك تۇيلىۋاتاتتى. بۇ قىز پورتمالىنى بىزنىڭ ئوغۇرلىغىنىمىزنى بىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ گىپى توغىرا، ئوغول بالا تۇرۇپ ، قىلغان ئىشىمن قىلدىم دىيەلمەيۋاتىمەن. ئۇنىڭغا پورتمالنىڭ ئىشىنى ئېيتايمۇ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ ئەسكىلىك قىلپ، ئېسىلىۋالىدىغاندەك قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا راست گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كەچۈرشىگە ئىرشىۋالسام ، ئۆزۈممۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايتىم. ھەر قېتىم بۇ قىزنى كۆرسەملا ، شۇ ئوغۇرلۇق قىلغان ئىش ئىسىمگە كىلىدۇ. بۇ قىزنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرەي. ئۇنىڭغا لازىم بولىدىغان پۇل بولسا دىيەلمەي، ماڭا مۇشۇ ئۇسۇلدا بىشارەت بىرىۋاتسا كىرەك....بىراق ھازىر يېنىمدا ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسا...يېنىمدا ئۇ پۇلدىن ئايرىپ ئېلىپ قالغان، مۇراد ماڭا بەرگەن مىڭ يۈەندەك پۇل بار شۇ....

  _ ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىز، چىرايىڭىز تاتىرىپ كەتتى. بۇ گەپلىرىمنى ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ھە ، سىز راستچىل بالا ، سىزگە ئىشىنىمەن.
  _ ياقەي، مەن نىمىشقا ئۆزۈمگە ئېلىپ كەتكۈدەكمەن. مىنىڭ يالغان گەپ بىلەن خوشۇم يوق. ئەزەلدىن راست گەپ قىلىمەن. ئۈستىمىزدە ئاللاھ تۇرسا ، يالغان گەپ قىلىپ نىمە قىلاي.
بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ ، ئىچىمدە تۆۋە قىلدىم . مەن راستچىلمۇ؟ مانا ھازىر قاراپ تۇرۇپ ، يالغان گەپ قىلدىم. ئۇ قىزنىڭ دىگىنىدەك گۇناھ قىلدىم. ئەزەلدىن راست گەپ قىلىپ باققان يېرىم يوققۇ تېخى مىنىڭ. ئاتا-ئانامغا داۋاملىق يالغان سۆزلەيمەن، بۇرۇن ئوقۇتقۇچىللىرىمغىمۇ يالغان سۆزلەيتىم. تۇنۇشۇپ ئويناپ يۈرگەن قىزلارغىمۇ راست گەپ قىلىپ باقمىدىم. ئاللاھ گۇناھىمنى كەچۈرسۇن...
  _ بەندە گۇناھلىرىغا ئاللاھنى شىرىك قىلسا بولمايدۇ. بۇ بەك چوڭ گۇناھ. بەك جىق سۆزلەپ كەتتىم. ئەمدى مەن ماڭاي. سەل تۇرۇپ دەرىس ئالغىلى باراتتىم. كىچىكىپ قالماي.
  _ سىز مەكتەپتە ئوقۇمسىز؟ سىز ئوقۇغۇچىمۇ؟
ئۇنىڭ دەرىس ئالغىلى بارىمەن دىگىنىدىن ، ئۇنىڭ بۇ يېشىدا ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزەي دىگەن بۇلاتتى. يەنىلا مەكتەپتە ئوقۇمدىغاندۇ؟ دەپ ئەجەپلىنىپ سوردىم.
  _ ياقەي . مەن بىر شاگىرىت. ئاللاھنىڭ يولىدا بىلىم ئېلىۋاتقان مۆئىمىن بەندە خالاس. مەكتەپتە ئوقۇمايمەن.
قىز پىسىڭڭىدە كۈلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالۇچىدەك قىزىل كالپۇكلىرى يېڭى ئېچىلغان قىزىل گۈلنىڭ غونچىسىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ كەتتى.
  _ بوپتۇ، مەنمۇ سىزنى گەپكە تۇتۇپ ئىشىڭزغا دەخلى قىلماي . يەنە كۆرشۈپ قالارمىز.
  _ ئاللاھ خالىسا. ئەمسە ئاللاھقا ئامانەت.

قىز كەتتى. ئۇنىڭ كىلىشكەن زىلۋا قامىتى ، ئادەم دىڭىزى ئارسىدا غايىپ بولغۇچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم.


يانچۇقۇمدىن بىر تال تاماكىنى ئېلىپ شۇرىغىنىمچە ئولتۇرۋالدىم. يەردە ھېلىقى بىر توپ چۈمۈلىلەر يەنىلا ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى. چۈمۈلىلەرگە قاراپ، قىزنىڭ بايا دىگەنلىرى ئىسىمگە كىلىۋاتاتتى.

مەن نىمانچە بىكار تەلەت. مۇشۇ چۈمۈلىلەرچىلىكمۇ بۇلالمايدىكەنمەن. بۇ قىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز گىپى شۇنداق ئۇرۇنلۇق...ئۇنىڭغا بەش مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرەي. مۇرادتىن ئېلىپ تۇراي. ئۇنىڭ ھازىر دادىسى بولغاندىكىن ئۇنچىلىك پۇلنى بىرىپ تۇرالايدۇ. بولمىسا مەن ئۇنى ھەر قېتىم كۆرسەم ، ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالىدىكەنمەن. مەنمۇ بىر مۇسۇلمانغۇ.. مەنمۇ بىر ئاللاھنىڭ بەندىسىغۇ...ئاللاھ ئالدىدا بىر گۇناھىمنى بولسىمۇ يۇياي...

يانچۇقۇمدىن تىلغۇنۇمنى ئالدىم-دە، مۇرادنىڭ نۇمۇرىن باستىم. ئۇنىڭدىن بەش مىڭ يۈەن سورىۋىدىم ، دادىسى يېنىدا بولغاچ ئۇ بىرىپ تۇردىغان بولدى. ئۇنىڭغا پۇلنى ھېلىقى قىزغا قايتۇرۇپ بىردىغان گەپنى قىلمىدىم. ئۇنىڭغا ئېيتسام ئۇنىڭ ئۇنىمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

مۇراد دادىسىدىن بەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ ، كەچتە يېنىمغا كەلدى. گەرچە ئۇ ئېنىق دىمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ پۇلنى قاچاندا بولسا قايتۇرۇپ بىرىشىمنى ئەسكەرتتى. ئۇ پۇل ئىشىغا كەلگەندە پىتنىڭ ئۈچىيگە ھىسىپ قۇيغاندەكلا ئىش قىلاتتى. بىراق ئۇنىڭ ھالقىلىق يەردە ئادەمگە ئەس قاتىدىغان مىجەزىنى ياقتۇراتتىم. ئۇ پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى بەك كوچىلاپ سوراۋەرگەچكە، ئاخىرى گەپنىڭ راستىنى دەۋەتتىم.

  _ نىمە! مىڭەڭنى قاغا چوقۇپ قويمىغاندۇ، پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىمەن دەيسەنغۇ. كاللاڭ ئىشلىمەيدىغان بىر نىمە ئىكەنسەن. پورتمالنى قايتۇرۇپ بەردىم دە، سەندەكمۇ ئەخمەق ئادەم بارمىدۇ. ئەمدى بولغاندا پۇلنى ئاپىرىپ بىرىمەن دەپ قوپۇپسەن. ئۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ يا؟ مۇشۇ پۇل ئارقىلىق ئۇنى قولغا كەلتۈرەي دەمسەن.
مۇراد ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.
  _ ئاداش ئۇ قىزنى بىر قانچە قېتىم ئۇچىرتىپ قالدىم. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساڭ سەنمۇ چۇقۇم مەندەك ئويلايتىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پۇللارنى بىزنىڭ ئالغىنىمىزنى بىلىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ پۇلنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرمىسەم ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالىمەن. ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بۇلۇپ قالمايلى.
  _ ھوي، كۈن قاياقتىن چىقتى ئەمدى. ئاللاھ ، گۇناھ دىگىلى چۈشتۈڭغۇ، ئىككى كۈن كۆرۈشمىسەم، ئۇ قارى خېنىم سىنى قارى موللام قىلىۋىتىپتىغۇ. ئەتە ئۆگۈن ، يوتازىدەك يوغان سەللىدىن بىرنى كىيىپ، قارا چاپاننىڭ ئىچىگە كىرىپ قارى بۇلۇپ كەتسەڭ.ھاھاھا..
ئۇنىڭ مازاق قىلىپ كۈلۈشلىرىدىن، مەسخرە ئارلاش قىلغان بۇ گىپىدىن تە بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم.
- ئىشقىلىپ ، نىمە دىسەڭ مەيلى، بۇ پۇلنى ماڭا بىرىپ تۇرغان بول . ساڭا قايتۇرۇپ بىرىمەن. قالغان ئىشقا سەن ئارلاشما.
  _ قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل. ئىشقىلىپ ساڭا دەپ قوياي. ئۇ قىزنىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دىسەڭ بۇنداق قىلما.

مۇراد مەندىن قېيدىغاندەك چىقىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ گەپلىرىمۇ ئۇرۇنلۇقتەك ئىدى. پۇلنى ھازىر ئاپىرىپ بەرسەممۇ بۇ بىر ئەخمەقلىق. لىكىن ئۇ قىزغا پۇلنى بىرىۋەتمىسەم ئىچىم ئارام تاپمايدىغاندەك ئىدى. مۇراد بەرگەن بەش مىڭ يۈەنگە ، بىز ئوغورلاپ خەجلىگەن بەش مىڭ يۈەندىن ئېلىپ قالغان مىڭ يۈەندەك پۇلنىڭ ئۈچ يۈز يۈەننى ئايرىپ قوشتۇم -دە، ئەتە قىزغا ئاپىرىپ بىرىش ئۈچۈن ئېلىپ قويدۇم.

كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ تاماكا چىكىشكە باشلىدىم. خىياللىرىم يۈگەنسىز ، ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى. ھېلى ھېلىقى قىزنى خىيال قىلسام ، ھېلى مۇرادنىڭ گەپلىرى، ھېلى ئاتا-ئانامنى خىيال قىلاتتىم. خىياللار بىلەن چىكىپ تۈگەپ قالاي دەپ قالغان قىززىق تاماكا كۈلىنى قېقىشقا ئۈلگۈرمەيلا، بىلىكىمگە چۈشۈپ بىلىكمنى كۆيدۈرۋەتتى. پا پا پا.... دىدىم دە ، ئورنىمدىن تۇرۇپ چىچاڭشىپ كەتتىم.كۆيۈپ ئېچىشىپ كەتكەن يەرگە چىدىماي كۆزۈمدىن ياش قۇيلىپ كەتتى.

پا ، ئەجەپ قىززىقكىنە، قولۇمنى خېلىلا كۆيدۈرۋەتتى . نىمە تولا خىيال مەندە، مۇشۇ قىزغا ئۇچىرغاندىن بېرى جىق ئىشلارنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن. بۇرۇن ئۇيۇن تاماششىدىن باشقىنى خىيال قىلمايتىم. قولۇم خېلىلا ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى. تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ، چىش پاستىسىدىن ئازىراق چىقىرىپ كۆيگەن يەرگە سۈرتىۋېلىپ، كارۋاتقا يەنە ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
توۋا ، كىچىككىنە تاماكا كۈلى قولۇمنى كۆيدۈرگەنگە چىدىيالماي كۆزۈمدىن ياش قۇيلۇپ كەتتى. دوزاخ ئوتى بەك يامان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇنىڭ كۆيدۈرۈشلىرىگە ئادەم قانداق چىدايدىغاندۇ؟ تۆۋە قىلاي. دوزاختىن ساقلىنىاي. دوزاخ ئوتىدىن ساقلىناي. ئىلگىرى نىمىشقا دوزاخ ئوتىنىڭ بارلىقىنى ئويلىمىغان بولاتتىم. ئۇ قىز ئىسىمگە سېلىۋاتىدۇ. مىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭ، دەپ ئاگاھلاندۇرۋاتىدۇ. لىكىن مەن دىنىم ئىسلام ، مەن دىگەن مۇسۇلمان دەپ يۈرگىنىم بىلەن ، بىراق دىنىمنى قانچىلىك چۈشىنىدىغاندىمەن؟ مۇسۇلمانلار ئادا قلىشقا تىگىشلىك ھەقنى بىلمەيمەن. نىمىشقا؟ بەلكىم ماڭا ئەزەلدىن بۇنى ئۈگىتىدىغان ئادەمنىىڭ يوقلىقىدىندۇر. ماڭا ئۈگۈتىشكە تىگىشلىك بولغان دادامنىڭ ئالدىراشلىقىدۇر. ياكى ئۆزۈم ئۈگىنەي دىمىگەندىمەن. ئاللاھقا تۆۋە قىلاي... ئۇ چۇقۇم تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئاۋۋال ھېلىقى قىزنى پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىشتىن باشلاي. ئاللاھنىڭ ئاشۇنداق بىر مۆئىمىن بەندىسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاپ ماڭا نىمە ۋاپا كىلەر؟


5



كۈن چۈش بولغۇچە ئۇيقۇمنى ئاچالماي، كارۋاتقا چاپلىشىپ ، ياتىدىغان ئادەم بۈگۈن سەھەردىلا ئۇيقۇم ئېچىلپ كەتتى.ئۆزۈمنى ئۇيقىغا شۇنچە زورلىساممۇ، بىر كۈچ مىنى قوپۇشقا زورلايتى. سەھەردە تۇرۇپلا ، سىرىتتىن ئازىراق ناشتا قىلىۋېلىپ، ھېلىقى گۈللۈككە قاراپ ماڭدىم. مەيلى ئۇ قىز كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا پۇلنى بىرىشنى قارار قىلغان ئىدىم. ئەتتىگەندە بەزى كىشىلەر بىر خىل جىددىيلىك ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خىزمەتكە كىتىۋاتاتتى. ئۇقۇغۇچىلار بولسا ، شوخلۇق، كۈلكە چاقچاقلار بىلەن مەكتەپكە كىتىۋاتاتتى. سەھەردە ئالدىراش كىتىۋاتقان ماشىنىلار ، تاكسىلار بىر - بىرىگە يول بەرمەي ، سىگىنال بىرىپ، شەھەرنى بىرخىل ئاۋاتلاشتۇرۋەتكەن ئىدى. ئەتتىگەندىكى ھاۋانىڭ بۇنچە ساپ، ئادەمگە بۇنچە زوق بېغىشلايدىغانلىقىنى بۈگۈن ھىس قىلىۋاتاتتىم. گۈللۈككە كىلىپ تاش ئورۇندۇققا كىلپ ئولتۇردۇم. يانچۇقۇمدىكى پۇلنى پات - پات سىلاپ قوياتتىم . بۇ پۇلنى قىزغا بىرىۋىتىشنى ئويلىسام ، تۇرۇپ ئىككىلەنسەم ، تۇرۇپ ئۆزۈمدىن خۇش بۇلاتتىم . بەزىدە قىزغا پۇلنى بەرسەم مىنى نىمە دەپ ئويلاپ قالار؟ دىگەننىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزەتتىم. كىتاپخانا ئەمدى ئېچىلغان بولسا كىرەك، ئىچىدە خىزمەتچىلەردىن باشقا ئادەملەر يوق ئىدى. خىزمەتچىلەر يەرنى سۈرتۈپ، كىتاپ رەتلەۋاتاتتى. كىتاپخانا تەرەپكە قاراپ سۇزۇلغان ئىككى كوچىغا بويۇنداپ قاراپ قوياتتىم . ئالدىراش كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارسىدىن ، بىر سىمانى ئىزدەيتىم. ئۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىرىنى كۆرسەم يۈركىم تىز سوقۇپ كىتەتتى. لىكىن ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندە بولسا، ئۈمۈدسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم. ئەتىگەنلىك ئىشقا بېرىش دولقۇنى پەسىيىپ، كوچىدا ئاندا- ساندا بازار ئايلىنىش ئۈچۈن چىققان كشىلەردىن باشقا ئادەملەر قالمىغان ئىدى. كىتاپخانىغىمۇ بىردىن ئىككىدىن ئادەملەر كىرىشكە باشلاۋاتاتتى. لىكىن ھېلىقى قىز ئۇلارنىڭ ئارسىدا يوق.

ئۇ كىلەرمۇ؟ ئەگەر ئۇ كەلمىسە قانداق قىلارمەن؟ ھىچقىسى يوق ، ھازىر كەلمىسە ، چۈشتىن كىين كىلەر، بۈگۈن كەلمىسە ئەتە كىلەر. ئۇنىڭ چۇقۇم كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭغا پۇلنى بىرىۋەتسەملا ئىشىم تۈگەيدۇ. بۇ پۇل ماڭا تەۋە ئەمەس. بۇ ھارام نەرسە ماڭا ۋاپا قىلمايدۇ.

قىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ يانچۇقۇمدىكى بىر قاپ تاماكىنى چىكىپ بۇلاي دىگەن ئىدىم. ئۇ چۈش بۇلۇپ كەتسىمۇ كىلەي دىمەيدىغۇ. ئۇنى چۈشتىن كىيىن كىلەرمۇ ؟ دىگەن ئۈمۈد بىلەن ، چۈشلۈك تاماقنى يېقىن ئەتىراپتىن يەپ ئۇنى يەنە ساقلىدىم. دۇنيادا بىر ئادەمنى ساقلاشنىڭ بۇنچە تەس ھەم زىرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھىس قلىۋاتاتتىم.

كىتاپخانا خىزمەتچىللىرى كىتاپخانىدىكى ئادەملەرگە كىتاپخانىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى بىردىن ئىككىدىن ھەيدىگلى تۇردى. ئۇلارمۇ بىردىن ئىككىدىن چىقىپ ، ھەر تەرەپكە مەنزىل ئالغىلى تۇردى.

كىتاپخانا تاقالدى. بۈگۈن ئۇ قىز كەلمىدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۇممۇ يوققا چىقتى. لىكىن يەنە ئەتە بارغۇ ، دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ كوچىدا كىتىۋاتىمەن. بۈگۈن ياتاققا قايىتقۇم كەلمەيۋاتاتتى. كىچىچە تورخانىدا تۈنەش ئۈچۈن، مۇراد بىلەن داۋاملىق كىرىدىغان تورخانىغا كىرىدىم. ئەتىسى يەنە كىتاپخانا ئالدىغا بېرىپ ، ئۇ قىزنى ساقلىدىم. توۋا، بۇ قىزنى ئىزدىگەندە ئۇچىرماي ، نەدە خىيال بىلەن ئولتۇرغاندا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ بۈگۈنمۇ كەلمىدى.

ئۇنى ساقلاۋاتقىنىمغا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى. ئۇنىڭ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئۈچ كۈن جەريانىدا مۇراد دادىسىغا ياردەملىشىپ ، ئىچكىرگە مال سالغاچقا ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىدىم. ئۆزۈم يالغۇز گۈللۈكتە ئۇ قىزنى ساقلايتىم.

بۈگۈن سەھەردە گۈللۈككە كەلدىم. پۇتۇم ، كاللام ، ھەممە يېرىم بۇ يەرگە كۈنۈپ قالغاندەكلا ، يول بويى خىياللار بىلەن مېڭىپ ، مۇشۇ يەرگە كىلىپ ، تەبىئىيلا مۇشۇ يەردە توختايتىم. گۈللۈكتە بۈگۈن سەل ئادەم جىقتەك ئىدى. جۈپ_جۈپ ئولتۇرغان قىز - يىگىتلەر ، ئارام ئېلىش ئۈچۈن يالغۇز ئولتۇرۋالغانلارمۇ بار ئىدى. بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى چىرايلىق بولغاچقا ، كۆپ قىسىم ياشلار مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئارام ئالاتتى. ھەر خىل ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر، يوغان سايە تاشلاپ تۇرغان مەجنۇنتال ۋە سۆگەتلەر ، كۆپكۈك كۆككۈرۈپ تۇرغان چىملار، يىلاندەك تولغۇنۇپ تۇرغان تاش يوللار، ھەر بىر سۆگەت سايىسىغا قويۇلغان يۇمىلاق تاش ئورۇندۇقلار، گۈللەر ئارسىدا بىر- برىنى قوغلىشپ ئويناۋاتقان كىپىنەكلەر ئادەمگە بىرخىل ھوزۇر بېغىشلايتى. شەھەرنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن ، كاتەكتەك بىنا ئۆيلەردىن زىرىككەن شەھەر خەلىقى ، بۇ يەرنى ئارام ئالىدىغان يەر قىلپ تاللايتى. گەرچە يىزىلاردىكى تەبىئى مەنزىرلىك جايلارغا يەتمىسىمۇ، لىكىن شەھەردىكى ھاۋالىق، مەنزىرلىك جايلارنىڭ بىرى ئىدى. مەن داۋاملىق ئولتۇردىغان تاش ئورۇندۇقتا بىرجۈپ قىز - يىگىت ئولتۇرۋالغان ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سەل ئۇ تەرپىگىرەك قويۇلغان تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئورۇدۇقتا ئولتۇرۇپلا كۆزۈم كىتاپخانىنىڭ ئىچىگە تاشلاندى. بۇ چوڭ، ئازادە، ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرىدىغان يېرى سىرتىدىن كۆرنۈپ تۇردىغان كىتاپخانىدا ئادەملەر ئاز ئىدى. يول بويى كەلگۈچە ئۇنى كىتاپخانىدا بولسىكەن دىگەننى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بىراق ئۇ يوق ئىدى.

ئۇ بۈگۈنمۇ كەلمەسمۇ؟ ئۇ كىتاپنى ئارىيەت ئېلىۋېلىپ ، ئۆيىدىلا ئوقۇۋاتامدىغاندۇ يا؟ ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ ئۇ قىز ياكى بىرەر يەردە ئىشلىسە ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ ، كىلەلمەيۋاتامدۇ يا؟...ياق. مىنىڭچە ئۇ بىرەر يەردە خىزمەت قىلمايدۇ. ھەم كىتاپخانىدىكى ھېلىقى ئايالمۇ ، ھېلىقى چاغدا ئۇنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان دىگەن تۇرسا. مىنىڭچە ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالغان گەپ....ئۇنىڭ ئاپىسى بولمىسا ، دادىسى بىلەن بىللە تۇرىدغاندۇ، مىنىڭچە ئۇنىڭمۇ مۇرادنىڭكىدەك بىر ئۆگەي ئاپىسى بۇلىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈگەي ئاپىسى ئەسكى بولسا ئۇنى سىرىتقا چىقارماي ئۆيگە سولىۋالدىمۇ يا...

كاللام نۇرغۇن چىگىش، زىدىيەتلىك خىياللارغا تۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ قىز كەلمىگەنسىرى ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيتىم. ئۇنىڭ زادى قانداق قىز ئىكەنلىكىگە قىزىقاتتىم. ئۇنى كەلسىكەن دەپ ئىچىمدە ئاللاھتىن تىلەۋاتاتتىم.

  _ ھوي بايۋەتچە بىگىم. يالغۇز قاپلىغۇ؟ يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولدىكەن ھە، قۇچىقاچلىرى تاشلىۋەتمىگەندۇ.

ئەركىلەپ ، زاڭلىق ئارلاش تەلەپپۇزدا چىقىۋاتقان بىر قىزنىڭ نازۇك ئاۋازلىرى، خىياللىرىمنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى. ئالدىمدا چېچىنى ھازىرلا پاختا ئاتىدىغان ماشىنىدا ئېتىپ، توبادەك قىلىۋالغان، يۈزلىرىنى ئۇن خالىتىسىغا مىلەپ چىققاندەك ، ئاپئاق ئاقارتىپ قاپقارا تىرىللرىنى يۈشۇرۇپ بولالمىغان ، ئاغزىنى قان ئىچىۋالغاندەك قىزارتىۋالغان ، بىر غېرىچ يوپكا كىيىپ ، پۇتىغا ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيۋالغان ، نىپىز ئىچىدىكى جىمى ئالامەت كۆرنىپ تۇردىغان مايكا كىيۋالغان بىر قىز پوپوتاڭنى چارسىلدىتىپ ماڭا قاراپ ، دىماقلىرىنى قېقىپ، قاشلىرىنى سۈزۈپ تۇراتتى. پاقا سوزۇلۇپ يىلان بۇلالماس، مۇماي ياسىنىپ جۇۋان دىگەندەك ، ئۇ شۇنچە ياسانغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭدىن نە گۈزەللىكنى كۆرمەيۋاتاتتىم.

بۇ نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى. ئاران قۇتۇلۇپ كۆرمەيۋاتقانغا خېلى بولغان بۇنى. يەنە جوبودەك چاپلىشىپ ئالدىمدا تۇرىدىغۇ..خېلى تۈزۈك بىر نىمە ئىدى، راۋرۇس جەمىيەتكە چىقىپ كەتتىمۇ نىمە...

  _ ۋوي لالە گۈزەلغۇ بۇ. يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولدۇڭغۇ. بارغانسىرى ياڭزاڭنى چىقىرىپ، سەتەڭلىشىپ كىتىۋاتىسەن جىمۇ. بەك يوقاپ كەتتىڭ ، بىزدىنمۇ بەك بايۋەتچىلەرنى تېپىپ توي قىلىۋالمىغانسەن؟
ھازىر ئۇنىڭغا زادىلا گەپ قىلغۇم بولمىسىمۇ ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئىتتىكىرەك قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتاتتىم. كىشى ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەرسىنى كۆرگەندە قانداق ھىسىياتتا بولىدىغان بولسا، مىنىڭمۇ ھازىرقى ھىسىياتىم شۇنداق ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭدىن شۇنداق تەستە قۇتۇلغاچ، ھازىرمۇ ئۇنى يەنە چاپلىشىۋالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتاتتىم.

ئۇ مۇرادنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتىنىڭ دوستى بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تۇنۇشۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇ كۈنكى تۇغۇلغان كۈندە مۇراد بىلەن جىق ئىچىپ قويۇپ ، كەچتە ياتاقتىن ئىككىنى ئاچتۇرۇپ ياتقان ئىدۇق. مەسلىكتە نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. ئەتىسى قوپسام يېنىمدا لالە يېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلاشقان بۇلغاچقا بۇ ئىشقا ئانچە بەك چۈچۈپ كەتمىدىم. لىكىن ئۇنىڭ مەن قىز ئىدىم ، ئەمدى ماڭا ئىگە بولمىسىڭىز بولمايدۇ. دىگىنى ھەمىمىدىن بەك چۈچۈتكەن ئىدى. توۋا دەي، بۇ نىمە دەيدۇ ئەمدى؟ نەچچە بىر نىمىنىڭ تېگىدىن قوپقىنىڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. بۇ يەردە مىنى مەسكەن دەپ ئالدايمەن دەۋاتامسەن؟! سەندەك نىمىدىن نەچچىنى كۆرگەنمەن. دوپپامغا جىگدە سالماقچى بولۇۋاتقان بولساڭ. ئۇخلاپ چۈشۈڭ...دەسلەپ ئۇنىڭغا قاتتىق گەپ قىلسام ، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىمەن دەپ ئادەم قورقۇتقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ، ھازىر مەن تېخى كىچىك ، داداممۇ مىنى بىرەر خىزمەتكە چىقارماي تۇرۇپ تويۇمنى قىلمايدۇ ، شۇڭا بىر مەزگىل ئارلىشىپ يۈرەيلى، دىگەندەك چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۇنى ئالدىغان ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ چاپلىشىپ ، ھەتتا ئۆيگىچە بېرىشىنى ئويلىمغان ئىدىم. ئاخىر بۇ ئىشقا ئاپام ئارلىشىپ، ئۇنىڭغا پۇل بىرىپ ئاران قۇتۇلغان ئىدىم. ئەمدى يەنە يۈزىنى دەپتەك قىلىپ ، ئالدىمدا تۇرۇشلىرىدىن، ئۇنىڭدىن چىۋىندىن بىزار بولغاندەك بىزار بۇلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغاندا ھېلىقى قىزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، پات-پات ئەتىراپىمغا قاراپ قوياتتىم. بۇ يەردىن ئىتتىكىرەك كىتىشنى ئويلايتىم.

  _ھاھاھا... ئۆزۈڭ قاراپ باقە ، توي قىلغاندەك تۇرامدىم. تازا ئەركىن ئويناپ يايرىۋالىدىغان ۋاقىتلار تۇرسا، بىر ئەرگە تەگسەم ، قەپەسكە چۈشكەن قۇشتەك، ھىچ يەرگە بارالمايمەن دىگىنە. ئۆز ۋاقتىدا ساڭا تىگەي دىسەم ئالمىدىڭ. ئەمدى كەينىمگە ئالاي دەپ كىرىۋالغانلارغىمۇ تەگمەيۋاتمەن تازا.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن غىدىقىم كىلىپ كىتىۋاتاتتى. سىنى كىم ئالاتتى. ئەينەككە قاراپ باقساڭ نىمە بۇلار...سىنى ئالغان بالىنىڭ نەس باسقىنى شۇ...

  _ ئۇنداق قىلماي، تىگىپ قوي. ئۇ يىگىتلەرنى داغدا قويماي. ئەر قېرسا قىز ئالار ، قىز قېرسا كىم ئالار دىگەن گەپ بار. قىز بالا قېرىپ كەتسە ئەر ئالمايدۇ. ئەر ئالمىغان قىز بۇزۇلغا گۆش. ھا ھا ھا...

تەنە ئارلاش قىلغان گىپىمدىن ئۇنىڭ ئەرۋايى ئۇچىتى بولغاي:
  _ قېرىپ كەتتى دەمسەن؟ نەشتەردەك گەپلىرىڭنى قويە. نىمە بىرسىنى ساقلاۋاتامتىڭ؟ مەن دەخلى قىلماي ئەمسە، - دىدى ئۇ تومۇشىقلىرىنى بىر غېرىچ سوزۇپ، قاپاقلىرىنى سۈزۈپ،- مەنمۇ ئالدىراش ، دوستلىرىم تىلغۇن قىپتىكەن، ئولتۇرۇش بار كەلسەڭ دەپ، شۇ يەرگە ماڭغان . قارسام بۇ يەردە يالغۇز ، ئانسى قوغلىۋەتكەن قوزىدەك ئولتۇرۇپ كىتىپتىكەنسەن، نىمە دەردى باردۇ بۇ بايقۇشنىڭ دەپ كىلپ باققان قارا. قارسام مىنى يەنە چاپلىشىۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ تۇرالمايۋاتقاندەك قىلىسەن، خاتىرجەم بول. سىنىڭ زامانىڭ ئۆتۈپ كەتتى ھازىر.
تاياق ياندىن، سېسىق گەپ جاندىن دەپ ، ئۇنىڭ بۇ سېسىق گەپلىرى جېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. بىچارلەرچە دەپ كەتكىنىنىڭ سېرىق تۈك مايماق. لىكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ئېيتىشقۇم كەلمىدى. ئۇنىڭدىن تىزىراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن:
  _ بوپتۇ ئالدىراش بولسا، ئىشىڭغا مېڭىۋەر . سىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىڭغا دەخلى قىلىپ قويماي.
  _ ئىشىڭ بولسا تىلغۇن قىل. بۇ مىنىڭ تىلغۇن نۇمۇرۇم.

ئۇ قولۇمغا تىلغۇن نۇمۇرى يېزىقلىق قەغەزنى تۇتقۇزۇپ ، خوشلىشىپ كىىتپ قالدى. سىنى ئىزدەپ نىمە قلاي. قولۇمدىكى قەغەزنى يىرتىپ تاشلىۋەتتىم. ئۇنى كەتمەي چاپلىشىۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم. لىكىن ئۇنىڭ تىزلا كىتىشىدىن كۆڭلىم جايىغا چۈشكەندەك بولدى. ئەتىراپقا يەنە ئەنسىزلىك بىلەن قاردىم. ھېلىقى قىزنىڭ مىنى بۇنداق قىزلار بىلەن تۇرۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايۋاتاتتىم. بىراق ئەتىراپتا ئۇ قىز يەنىلا يوق. ئۇ كەلگەنمىدۇ؟ مەن بۇ بۇزۇق بىلەن تۇرغاندا ئۇ كىتاپخانىغا كىلىپ كىتىپ بولغانمىدۇ؟ ھەي بۇ نەدىن ئۇچىردى ئادەمگە...يانچۇقۇمدىن بىر تال تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ يولدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇراتتىم. گۈللۈكتىكى بىر جۈپتىن ئولتۇرشۇپ كەتكەن قىز يىگىتلەرگە قاراپ ، ھەۋسىم كىلىۋاتاتتى. ئۇلار بىرى- بىرى بىلەن كۈلكە -چاقچاق قىلىشىپ، بىر-بىرىگە تويماي قارشىپ ئولتۇراتتى. بەزىدە چاقچاقلىشىپ كۈلسە، بەزىدە بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتىشىپ مۇڭدىشىپ كىتەتتى.

مىنىڭمۇ مۇشۇنداق چاغلىرىم بولغان. تۇنجى مۇھاببىتىم ئىسىمگە كىلىۋاتاتتى.ئۇ چاغلاردا ئۇ نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرەتتىم. بىزمۇ مۇشۇلاردەك ، بىر - بىرىمىزگە قاراشقانچە تويماي مۇڭدىشاتتۇق، ئۇيۇن دىسە ھەممە تەرگە تەڭ باراتتۇق. كىين ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپ مىنى تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ، قىز بالا دىگەنگە ئۆچ بۇلۇپ، ئۇلارنى ئۇيۇنچۇق قاتارىدا ئوينايدىغان بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ قانچىلىغان قىزلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇلارنى ئويناپ تاشلىۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ئىچىم ئاچچىق بۇلۇۋاتاتتى. قولۇمدىكى تاماكىنى كۈچەپ ، كۈچەپ شورىۋىتىپ ، يەنە بىرنى تۇتاشتۇردۇم.

كىتاپخانا ئىچىدىن بىر قىز قولىدا بىر قانچە كىتاپ كۆتۈرگىنىچە چىقىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرۈپ خۇددى يامان ئىش قىلىۋاتقىنىمنى بىرى كۆرۈپ قالغاندەك ، ھودۇقۇپ ، تاماكامنى يەرگە تاشلاپ ئۇنڭغا قارىدىم.

ئۇ قاچانلاردا كىرىپ كەتكەن بولغىيتى؟ مىنىڭ ھېلىقى بىر نىمە بىلەن تۇرغىنىمنى كۆرگەنمىدۇ؟ ئەجەپ باياتىن قارسام يوق تۇراتتى، ئۇ ئىچىدە بولغىمىتى يا؟ ئۇ بۇ تەرەپكە كىلەرمۇ؟ ياق. ئۇ كىتىپ بارىدىغۇ. بۇ تەرەپكە قاراپمۇ قويمىدىغۇ؟ قانداق قىلاي؟ كەينىدىن بارايمۇ؟ ئۇ بايام مىنى كۆرگەن بولسا ماڭا گەپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتامدۇ يا؟ بولدى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بارماي، ئۆزۈم مازلىشىپ، ئۇنى كەينىدىن قوغلاپ بارسام مىنى كۆزگە ئىلماي قالمىسۇن...ياق. بېرىشىم كىرەك. ئۇ نىمە دەپ ئويلىسا مەيلى، ئۇنى ساقلاۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولدى، ئۇنىڭ كىلىشىنى ئاللاھتىن تىلىگەن ئىدىمغۇ، ئەمدى ئۇنى كۆرگەندە ماڭا نىمە بولدى؟ ئۇنىڭغا بۇ پۇلنى بىرىۋەتسەملا بولىدىغان ئىشقۇ، يەنە نىمىلەرنى ئويلاپ كىتەي ئەمسە.

ئۇ قىز كىتاپخانىدىن چىقىپ ، ھىچ يەرگە قارىمايلا ئۇدۇل ، تىز - تىز قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتاتتى. ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم. ئۇنىڭغا ئىككى - ئۈچ قەدەم قالغاندا ، قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم-دە، ئۇنى چاقىردىم. ئۇ تىز ئېلىپ كىتىۋاتقان قەدەملىرىنى توختىتىپ ئارقىسىغا قارىدى. ئۇنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىدا كۈلۈمسىرەش پەيدا بولىۋاتاتتى.
  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،-دىدى ئۇ زىل ، مۇلايىم ئاۋازى بىلەن . ئۇنىڭ ئاۋازى بىر خىل ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تەمكىن چىقاتتى.
  _ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام . قانداق ئەھۋالىڭىز؟ - دىدىم مەن تەمتىرەپ ، ھودۇققىنىمدىن. يولدا كەلگۈچە دەيدىغان گەپلەرنى ئويلاپ ، كەلگەن بولساممۇ، بۇ قىزنى كۆرۈپلا ھەممە گەپلەرنى ئۇنتۇپ ، كاللام قۇپقۇرۇپ بۇلۇپ قالغان ئىدى.
  _ ئاللاھقا شۈكىرى، ئۆزىڭىزچۇ؟
  _ مەنمۇ ياخشى . بۈگۈن گۈللۈكتە كىتاپ ئوقۇمامسىز؟ _ گەپلىرىم قولاشمىغانسىرى ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك سوئال سورىغىلى تۇرۋاتاتتىم. ئۇ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ:
  _ ياق ، ئۆيدە ئوقۇيمەن. مەن گۈللۈك جىمجىت، ئادەم قالمىغاندا، بىر ئىككى سائەت كىتاپ ئوقۇيمەن. ھەم ئاۋۇلاردەك ئۆزى ئۈچۈن نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشمەي، ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسىراپ قىلىۋاتقانلارنى كۆرسەم ، كىتاپمۇ كاللامغا چۈشمەيدۇ،_ ئۇ گۈللۈكتە ئولتۇرغان قىز-يىگىتلەرنى ئىشارە قىلدى ،_ سىزچۇ؟ بىرەر يەرگە ماڭغانمىتىڭىز؟
  _ ياقەي. سىز...سىزنى ئىزدەيدىغان ئىشىم بار ئىدى،- گىپىم تۈگىشى بىلەنلا يۈركىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا پۇلنىڭ ئىشىنى نىمە دەپ دىيشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇ بىر خىل سۇئال نەزىرىدە گەپ قىلماي ، ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مىنى ئىزدەيدىغان نىمە ئىشىڭىز بار؟ دىگەن سۇئال چىقىپ تۇراتىتى. ئۇ گىپىمنىڭ ئاخىرنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى،_ خاپا بولمىسىڭىز گۈللۈكتە بىر ئاز پاراڭلاشساق، سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ئىدى. ئازىراقلام ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن.

ئۇ بىر خىل گۇمان، ئىككىلىنىش بىلەن ، گۈللۈك تەرەپكە ماڭدى. مەن پۈتۈن غەيرىتىمنى يىغىپ، ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىنى ئويلاۋاتاتتىم. ئىلگىركى قورقماس، ھېچىكىمنى كۆزگە ئىلىماس بايۋەتچە ، ئەمدىلىكتە بىز قىزنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان گىپىمنى تاپالماي ، گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. يولدىن ئۆتكۈچە پاراڭلاشماي ، جىمجىتقىنە گۈللۈككە كىلىپ ئولتۇردۇق. ئۇ قىزنىڭ بۇلاقتەك قاپقارا كۆزلىرىدىن ، گىپىڭىز بولسا چاققانراق دەڭ ، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ. دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

نىمە دەپ دىسەم بۇلار؟ قانداق ئېغىز ئاچارمەن؟ ئەمدى ئۇنى چاقىرىپ بولدۇم،  دىيشىم كىرەك. بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن. ھازىر يۈركۈم يوغان بىر قورام تاش ئاستىدا قالغاندەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.

  _ ئاۋۋال مىنى كەچۈرۈڭ. مەن سىزگە يالغان سۆزلەپ قويغان ئىدىم. پورتمىلىڭىزنى مەن ئوغۇرلىغان. پورتمال ئىچىدىكى رەسىم ماڭا سىزگە پورتمالنى قايتۇرۇپ بىرىشكە سەۋەپ بولغان. بۇ پورتمىلىڭىزدىكى پۇل ، سىزگە بىرەي. ئۆزۈمگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى خەجلىگۈم كەلمىدى. بۇلۇپمۇ سىز بىلەن ئۇچىرشىپ، سىزنىڭ ماڭا قىلغان ، ھەر بىر ئېغىز گەپلىىرىڭىز، مىنى پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىشكە ئۈندىدى،_گىپىم تۈگۈگىچە ، يۈركىم ئاغزىمغا قاپىلىشىپ قالغان ئىدى. مەن يانچۇقۇمدىن كونۋىرىتقا سېلىنغان پۇلنى ئېلىپ ، قىزغا سۇندۇم-دە، چوڭقۇر ئۇھ تارتتىم. ئۇستۇمدىكى چوڭ بىر تاشنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك ، ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم.قىزنىڭ چىرايىدا بىر خىل مەمنۇنلۇق جىلۋىلىنەتتى. ئۇ خۇددى مىنىڭ پۇلنى ئەكىلىپ بىرىدىغانلىقىمنى بىلىدىغاندەك، ئىنتايىن خاتىرجەم ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتى. ئۇ بىر قولۇمغا ، بىر ماڭا قارىۋىتىپ پىسىڭڭىدە كۈلدى. ئۇ ھازىر مىنى خىجالەت قىلغۇسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.

  _ بۇ پۇل ماڭا ئانچە بەك مۇھىم ئەمەس. سىز مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەردىڭىز ۋە، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى تۇنۇپ يىتىپ ، شۇنىڭغا ئىرىشتىڭىز. بۇ روھىڭىزدىن بەك تەسرلەندىم. ماڭا پورتمىلىمنى ئەكىلىپ بەرگەن ۋاقتىڭىزدىلا سىزنى كەچۈرۋەتكەن ئىدىم . ئاللاھ سىزنى كەچۈرسۇن قېرىندىشىم. ئاللاھ ناھايتى مىھرىباندۇر. قۇرئان كەرىم سۈرە نىسا، 17 - ئايەتتە<<ئاللاھ قۇبۇل قىلىشنى ۋەدەقىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا بارماي(يەنى ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن)تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھىكىمەت بىلەن ئىش قلغۇچىدۇر>>دىيىلگەن.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە نە خۇشال بۇلۇشنى ، نە ئۆزۈمنى ئەيىپلەشنى بىلەلمىدىم. ئۇنى ئوغول بالا تۇرۇپ، مىنىڭ پۇلۇمنى ئوغۇرلىدىڭىزمۇ؟ سۆلىتىڭىزگە لايىق ئىش قىلسىڭىزچۇ، ...دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنى ئەيىپلەيدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ ئويلىمىغان يەردىن قىلغان بۇ گەپلىرىدىن ئۆزۈمنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قېلىۋاتاتتىم.

نىمە دىگەن ئەقىللىق ، ياخشى قىز بۇ. مەن نامەرد مۇشۇنداق بىر قىزنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاپتىمەن. بۇ قىز پۇلنى مىنىڭ ئوغۇرلىغىنىمنى بىلىپ بۇلۇپتىكەن. ھەي ئۆلەي! يەنە تېخى ئالدىدا يالغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن. مىنىڭ نەرىم ئوغول بالىغا ئوخشايدۇ.

  _ سىز پورتمالنى مىنىڭ ئېلىۋالغىنىمنى بىلىپ بولغانمىتىڭىز؟
  _ شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ،- دىدى ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ،- ئۇ كۈنى مەن گۈللۈككە كەلسەم سىزدىن باشقا ئادەم يوق ئىكەنتۇق. ئادەتتە مەن سىز ئولتۇرۋالغان ئاشۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرەتتىم. قارسام ، سىز ئولتۇرۋاپسىز، مەنمۇ سەل ئۇ ياقتىكى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرغان ئىدىم . كىتاپ ئوقۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپتىمەن، ئەسىر نامىزى ۋاقتى بىلەن قايتاي دەپ ، سومكامغا قارسام ئاغزى ئوچۇق . ئەسلى كىتاپخانىدىن چىققان ۋاقىتتىلا ئىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن ، ئىتىۋىتەي دەپ قارسام پورتمالىم يوق. ئەتىراپىمغا قارسام سىزمۇ يوق. ئۇ چاغدىغۇ سىزدىن گۇمانلانمىغان . باشقا بىرەرسى كىلىپ ئېلىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ چاغدا پورتمالدىكى پۇلدىن بەكىرەك، ئاپامنىڭ رەسىمى ئىچىمنى ئېچىشتۇرۇپ، يىغلىغۇدەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم. ئېلىۋالغان كىشىگە ئىنساپ بەرسۇن ، دەپ دۇئا قىلغان. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن، دۇئايىم ئىجابەت بۇلۇپ، پورتمىلىمنى سىز كۆتۈرۈپ كەلدىڭىز. ئىچىدىكى ئۇ پۇل ئەسلىدە بىر دوستۇمغا بىرىپ تۇرغان پۇل بۇلۇپ ، دوستۇم قايتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن ، بانكىغا قويۇۋىتەي ، دەپ ئېلىپ چىققان. گەرچە ئۇ پۇل بولمىغان بىلەن مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، مۇھىم نەرسە بار ئىكەن. شۇڭا بەك خۇش بولغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا سىزدىن سەل گۇمانلانغان. كىيىن گەپ ئارلىقىدا ئۆزىڭىزنى ئاشكارلىغىلى ئازلا قالغان ئىدىڭىز. مەن سىزنىڭ ئۆز خاتالىقىڭىزنى تۇنۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلاتتىم. سىزنىڭ چۇقۇم قىلغان ئىشىڭىزغا ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم. سىزنى ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم. قۇرئان كەرىم تۆتىنجى سۈرە، 34- ئايەتتە <<ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزۈڭ ئارسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بۇلۇپ قالىدۇ.>> دىىيىلگەن. من سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىزنى بىلىپ تەۋبە قىلىشىڭزغا ياردەم قىلدىم.شۇڭا دەسلىپىدىلا سىزگە قاتتىق تەگمىدىم . سىزنى قايىل قىلدىم.سىزنىڭ پورتمالىمنى ئەكىلىپ بەرگىنىڭىزدىنلا ، سىزدە يەنە ئىماننىڭ ، ئىنساپنىڭ، ۋىجداننىڭ بارلىقىنى ھىس قلغان . مانا ھازىر سىز شۇ خاتا ئىشلىرىڭىزنى تۇنۇپ ئالدىمدا تۇرۇپسىز. ھەمدە بىز سىرداش دوستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق.
ئۇ سەدەپتەك ئاپئاق ، رەتلىك چىشلىرىنى چىقىرىپ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاددى قىز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم .

بۇ قىزمۇ ئاددى قىز ئەمەسكەن. نىمە دىگەن ئىنچىكە قىز بۇ. قوسقىدا خېلىلا بىلىمى بار ، ھەقىقى مۇسۇلمان قىزلىرىمىزدىن ئىكەن. مىنىڭ پورتمالىنى ئوغۇرلىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە مىنى كۆزگە ئىلىپ ، ئۇچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ گەپلىرى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن. مانا مەنمۇ بىر مۇسۇلمان، لىكىن مەن ھىچ نىمە بىلمەيدىكەنمەن. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ، ئۇنىڭ ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى ئىسلامغا دائىر ھىچ نىمە بىلمەيدىغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم.

  _ بىر گەپ دىسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. دوست يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۇرۇپ ئېيتار دىگەن گەپ بار،_ دىدى ئۇ . مەن خىجالەتتىن يەردىن ئالالمايۋاتقان بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، قېنى دەۋىرىڭ، دىدىم- دە، ئۇنىڭغا قاردىم. _ قارسام تېخى كىچىك ئىكەنسىز. ئۆتكەندە ئۇچىرتىپ قالغان ۋاقتىمدا، قىلغان گىپىڭىز مىنى بەك ئۈمۈدسىلەندۈرگەن . سىز ئەتەمنى ئويلىمايمەن، بۈگۈن ئۈچۈنلا ياشايمەن. كەلگۈسىدە پۇل تېپىپ، ئوينىسام دەيمەن. دىگەنلىرىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ ھازىر سىلەردەك ياشلار قۇرۇق خىيالغا ، بىرىلىپ كىتىپسىلەر. كونىلاردا خىيالىڭدا ئالتۇن ئوردا سالغۇچە، ئورنىڭدىن تۇرۇپ لايدىن بىر تال خىش قوي. دىگەن گەپ بار. سىزنىڭ بىكار ئۆتۈۋاتقان مۇشۇ ئالتۇندەك ياشلىقىڭىز مىنى ئەپسۇسلاندۇرۋاتىدۇ . ئاتا – ئانىڭىز چۇقۇم ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر. ئۇلارمۇ بەلكىم سزنىڭ بۇنداق بىكار يۈرشىڭىزنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. سۈرە ھەدىد 20- ئايەتتە << بىلىڭلاركى ، دۇنيا تىرىكچىلىكى ، ئۇيۇندىن ، كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇردىغان مەشغۇلاتتىن، زىبۇ – زىننەت ، ئۆز ئارا پەخىرلىنىشتىن ، پۇل – مال ، پەرزەنىت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجىرىڭلارنى بىرىدۇ.>> دىيىلگەن. دۇنيادا مال- دۇنياغا ، ئۇيۇن- تاماششىغا بىرىلىپ ، ئۇنى ھەقىقى بەخىتنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ ياشىغان ئادەم تۇلىمۇ بىچارە ئادەم ھىساپلىنىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھەقىقى بەخىت بۇلار ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ يولىدا مېڭىش. ۋاقتىڭىزنى بىكارغا ئۆتكۈزمەي ، مۇشۇنداق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈڭ. ھەمىمىز ئاخىرەتتە دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا كۈچىمىزنىڭ يىتىشچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ ياشىشىمىز كىرەك. ئاللاھ ئىگەم خەننەتنى ئەنە ئاشۇنداق ئادەملەرگە ۋەدە قىلغان. جەننەتنىڭ قانچىلىك گۈزەل، دۇزاخ ئوتىنىڭ، دۇزاخ ئازابىنىڭ قانچىلىك يامان ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ دىنىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ ئەگەر چۇشەنگەن بولسىڭىز، بايام ئالدىڭىزدا يېرىم يالىڭاچ تۇرغان قىزغا ھەرگىزمۇ ھېلىقىدەك ئېچىلىپ يېيلىپ، تەڭ چاقچاقلاشمىغان بۇلاتتىڭىز. بەلكى ئۇنىڭغا ئاشۇ ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا بۇيرىغان ۋە قاتتىق گەپ قىلغان بۇلاتتىڭىز. بىلەمسىز ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم قىزلارنىڭ ئاشۇنداق ھاياسىز، يېرىم يالىڭاچ سىرىتقا چىقىۋېلىشى، ئۇلارنىڭ مەن مۇسۇلمغان ديدىيۇ، بىراق دىنىمىزنى چۈشەنمەسلىكى، ئۇلارغا ھەي، ئەۋرەتلىرىڭنى ياپ! دەپ بىر ئېغىز گەپنى قىلىدىغان ، دىنىمىزنى شۇلارغا چۈشەندۇردىغان ۋىجدانلىق، ئىمانلىق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئازلاپ كىتىشىدىن، بىر قىسىملىرىنىڭ قورقۇنچاق بۇلۇپ كىتىشىدىن. ئەگەر، ئىمان ئىتىقادى كۈچلۇك ، ۋىجدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋى ئىپپەت نۇمۇسنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئىچىدىن بىر قىسىم قەھرىمانلىرىمىز چىقىپ بۇزۇقچىلىققا، جىنسى چىرىكلىككە قارشى جەڭ ئىلان قىلالىسىلا، ئەرلەرنىڭ يېرىمى، مىللەتنىڭ ئانىللىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇش بىھاجەت. نۇرغۇن مەدىنىيەتنىڭ ئەبجەش بىرىكمىسىدە تۇرۋاتقان مۇشۇنداق جەمىيەتتە ، كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كىرەك. ھەشەمەتلىك چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم كىشىللىرىمىز، مۇشۇ مەدىنىيەت تەسىردە ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىلى قېلۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاشخانىلارغا كىرگەندىلا ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىغان ، نە شەرىئەت ئەخلاقى، نە ئىتىقاد دائىرسى، نە ئاخىرەت چۈشەنچىسى يوق كىشىلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئەقەللىيسى، ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بەش ۋاخ پەرىز نامازلىرىنىمۇ تاشلىۋىتىپ بارىدۇ. ناماز ئىسلام بىلەن كۇفىرلار ئوتتىرسىدىكى پەرىق. يېنىڭىزدىكى ئاۋۇ يىگىتكە قاراڭ ، ئۇنىڭدا ئىمان بۇلىدىغان بولسا قىزغا ئۇنداق يېرىم يالىڭاچ كىيىندۇرمەيتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇنداق ھاياسىز ئولتۇرشۇپ كەتمەيتى. ئەمدى ئاۋۇ ئىككىسىگە قاراڭ. قىزغا قانداق كىيىشنى ، يىگىت ئۈگەتكەندەك قلىدۇ.

ئۇنىڭ گەپلىرىدن يۈركىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى خۇددى دۇمباقنىڭ چوكىسىدەك يۈركىمگە ئۇرۇلماقتائىدى. ماڭا نۇمۇستىن يەر قاتتىق، ئاسمان يىراق تۇيلىۋاتاتتى. لالە بىلەن بايام تۇرغىنىمنى ئۇ كۆرۈپتۇ. لىكىن يەنىلا ئۇ قىز ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تىرشاتتىم.
  _ دىگىنىڭىز ئۇرۇنلۇق. بىراق سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ. ئارىمىزدا مەن ئىمانلىق ، مۇسۇلمان دەپ بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇپ ، ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمەي بىزدىنمۇ بەتەر يۈرىيدىغان نۇرغۇن قىز – يىگىتلىرىمىز بار. ئۇلارغا نىمە دەيسىز ئەمسە؟

ئۇ بۇ سۇئالىمغا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، چىرايدىكى كەسكىنلىكنى ئۆزگەرتمەي:
  _ ئۇنداق كىشىلەر مۇناپىقلاردۇر. ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايەتلەر جاۋاپ بۇلالايدۇ. تۆتىنجى سۈرە 88- 138- 145- ئايەتلەردە بۇ ھەقتە مۇنداق ھۆكۈم بار<<ئى مۆمىنلەر! سىلەر نىمىشقا مۇناپىقلار توغىرسىدا ئىككى گوروھقا بۆلىنىپ كىتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكىمىدە قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشلەرنى سىلەر ھىدايەت قلماقچى بۇلامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمىراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغىرا يول كۆرسىتىپ بىرەلمەيسەن. مۇناپىقلار چۇقۇم دۇزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ(ئازاپتىن قۇتقۇزىدىغان ) مەدەتكار تاپالمايسەن . [ئى مۇھەممەت! ] مۇناپىقلارغا بىشارەت بەرگىنكى ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ. >> ئۇنداق بىر – بىرمىزگە بەس سېلىشمايلى. ھەممىنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىغاندىلا ئاندىن ئەتىراپىمىزدىكى كىشلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز. ۋاختىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈڭ، باشقا مىللەتلەر ئالدىدا بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن ، تىل ئۈگۈنۈڭ، بىر مىللەت تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرشى كىرەك.

ھازىر كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار تۇغۇلماقتا ئىدى. قىزنىڭ گىپى، مىنىڭ ئۇ بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمغا ئەپسۇسلاندۇرۋاتاتتى. تىنىمنى بىر خىل قورقۇنۇچ قاپلاۋاتاتتى.


  _ بىراق مەن ئۆيگە قايتالمايمەن،_ دىدىم مەن ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ. تۇيۇقسىزلا ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن بۇ گىپىمگە پۇشايمان قىلپمۇ ئۈلگۈردىم. بۇ گەپنى نىمىشقا دەيمەن؟ ئۆزۈمنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ. بۇ قىزغا يالغان گەپ قىلالمىغۇدەكمەن. تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپ ، بوپتۇ ھەممە گەپلىرىمنى دەۋالاي. ئۆزۈممۇ ئىچىمدىكى گەپلىرىمنى دەيدىغان بىرىنى تاپالماي يۈرەتتىم. بۇنداق ئادەملەرگە دەردىنى دىيشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەلەي. بىرەر يول كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
  _ نىمىشقا ، _ دىدى ئۇ ئەجەپلىنىپ.
ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىمنى ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرۇپ كەتتى.
  _ كىچىكلىك قىلىۋېتىپسىز. بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن قالسا ، ئاتا-ئانىدەك ئۇلۇغ كىشى يوق. مىنىڭ شۇنداق ھۆرمەتلىگىدەك ، قۇچىقىدا ئەركىلىۋالغۇدەك ، بىر پىيالە چاينى ئالدىغا ئىچىۋېلىڭ دەپ قويغۇدەك ئانام يوق. ئانام مەن توققۇز ياش ۋاقتىمدىلا تۈگەپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن دادام قايتا توي قىلمىدى. ئۇكام ئىككىمىزنى دادام بىزگە ھەم ئانا ھەم دادا بۇلۇپ، چوڭ قىلغان.شۇڭا دادام مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇ ماڭا ئىماننى ئۈگەتتى. قانداق قىز بۇلۇشنى ئۈگەتتى. ئۇكامغا بولسا قانداق يىگىت بۇلۇشنى ، ئۆزى ئۈلگە بۇلۇپ تۇرۇپ ئۈگەتتى. مىنىڭمۇ سىزچىلىك بىر ئۇكام بار ، ئۇمۇ 21 ياشقا كىرىدى. دادامغا ياردەملىشىپ سودا قىلىدۇ. گەرچە ئۇ مەندىن تۆت ياش كىچىك بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ماڭا ئاكىدەكلا، ماڭا نەسىھەت قىلىپ تۇردۇ. ھەر قانچە مۇھىم ئىشلىرى بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ، بەش ۋاخ نامازنى تەرىك ئەتمەيدۇ. بۇ دۇنيادا كىمنى ياخشى كۆرسەن ؟ دىسە، بىرىنجى بۇلۇپ ئاللاھنى ، ئاندىن دادامنى دىگەن بۇلاتتىم. سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ھايات ئىكەن . ئۇلارنىڭ قەدىرگە يىتەلمەيۋېتىپسىز. 17- سۈرە ، 24- 25- ئايەتلەردە<<پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىسى سىنىڭ قول ئاستىڭدا بۇلۇپ ياشىنىپ قالسا ، ئۇلارغا ئوھوي دىمىگىن (يەنى مالاللىقنى يەتكۈزدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن) پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار(يەنى ئاتا-ئانىنى قاقشاتقۇچى بولمىساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى) كەچۈرىۋىتىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبى قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەخپىرەت قىلىغۇچىدۇر>>دىيىلگەن. يەنە، ھەدىس- شەرىفتىمۇ، بىر كىشى، پەيغەمبىرىمىز قېشىغا كىلپ: <<ئەي پەيغەمبەر، بىز ئاللاھتىن قالسا ، كىمنى ئەڭ ئۇلۇغلايمىز؟>> دەپ سورغىنىدا، پەيغەمبىرىمىز<<ئاناڭنى>> دىىگەن. ئۇ كىشى <<ئاندىنچۇ؟>> دىگەن، پەيغەمبىرىمىز<<يەنە ئاناڭنى>> دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئۇ كىشى يەنە <<ئاندىنچۇ>> دىگەن، پەيغەمبىرمىز<<يەنە ئاناڭنى>>، ھېلىقى كىشى<<ئاندىنچۇ؟>>، پەيغەمبىرمىز<<ئاندىن داداڭنى>>دىگەن ئىكەن. دىمەك، ئانىلارنىڭ ھەسسى دادىلاردىن ئۈچ ھەسسە ئۇلۇغ، جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئۇكام. ئاتا- ئانىنىڭ بىزنى باقىمىز دەپ ، قانچىلىك جاپالارنى چىكىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ شەيتان كەينىگە كىرمەڭ. شەيتان ئىنسانلارغا ئۇچۇق دۈشمەن. دادام شۇنداق قىلاتتى ، مەنمۇ قىلىمەن دىگەن خاتا ئىدىيدە بولماڭ. دادىڭىز سىزگە ياخشى ئۈلگە بۇلالمىغان بولسا، ئەتىراپىڭىزدىكى ياخشى كىشلەرنى ئۈلگە قىلىپ، سىز دادىڭىزغا ئۇلگە بۇلۇڭ. دادىڭىز سىزگە ئۈگۈتەلمىگەن شەرىئەت قائىدىللىرىنى ، سىز دادىڭىزغا ئۈگىتىڭ. دادىڭىز سىزگە ئۈگەتمەپتۇ. سىزمۇ ئۈگەنمىسىڭىز، بالىڭىزغا كىم ئۈگىتىدۇ؟ كىلەچەكتىكى بالىڭىز قانداق بۇلۇپ كىتەر؟ ھازىر بىر قىسىم بالىلار دادىسىدىن قورقمايدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بىز دادىمىزنى كۆرسەك، ئالدىدا ھەرگىزمۇ چىڭىراق گەپ قىلالمايمىز. نىمىشقا؟ چۈنكى، دادامدا ئىلگىركى ئەجدادلىمىزدىن مىراس قالغان باتۇرلۇق، سۈر، پەرزەنتنى ئەيمىندۈردىغان روھ بار. بىزگە ئۈلگە بولغۇدەك ئمان بار. بۇ روھنى ھازىر قانچىلىغان دادىلار، يىگىتلەر ئۇنتۇپ كىتىۋتىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ماڭسا، كەلگۈسىدە خوتۇن كىشىدىن نىمە پەرقى بولسۇن . قانداقمۇ بىر ئۆيگە تۈرۈك بۇلۇپ، پەرزەنت باشقۇرالىسۇن. باشقا گەپلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ھازىر ئۆيگە قايتىپ كىتىڭ. ئانىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. ئۇ بىچارىنىڭ سىزدىن قانچىلىك ئەنسىرەيدىغىنىنى بىلمىگەن ئوخشايسىز. بىر ئانا پەرزەنىت ئىشقىدا ئوت بۇلۇپ يانىدۇ. ھاراق ھارام ، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ، يەنە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي، ئىسلامنىڭ بەش پەرىزىنى ئادا قىلماي يۈرسەك ، بۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بۇلىدۇ. قۇرئان كەرىم سۈرە بەقەر، 168- ئايەتتە <<ئى ئىنسانلار! يەر يۈزدىكى ھالال، پاكىز نەرسىدىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئۇچۇق دۈشمەندۇر>> دىيىلگەن. ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىيالماي، ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئەمەل قىلمىساق، بۇ دەل دىنغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ كەملىكى. تارىختا نۇرغۇن قەۋىملەر بۇزۇقچىلىققا تولغانلىقتىن گۇمىراھ بولۇپ يوقالغان. جەمىيتىمىزنى ئاشۇ نىجىس ھاراقنىڭ بۇزىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز. ھاراقنىڭ ئادەمنى چىرىكلەشتۈرۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ھاراق تىجارىتى قىلىش، بىر-بىرىگە ھاراق سوۋغا قىلىش ھەممىسى ھارام. مىللەتنى ، ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈدىغان مۇشۇ نەرسىدىن قانچە بالدۇر قول ئۈزسەك ، ئۆزىمىز ئۈچۈن شۇنچە ياخشى. بۇ دۇنيانىڭ خۇشاللىقى ئەسلى بۇ ئەمەس. بەلكى ئاللاھنىڭ يولىدا مېڭىپ ، بەش ۋاخ ناماز ئۆتەپ، قۇرئان كەرىم ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭە، دىلىڭىز شۇنداق ئۇچۇق، شۇنداق روھلۇق بۇلۇپ قالىسىز، ئۆزىڭىزنى شۇنداق يىنىك ھىس قىلىسىز. بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدۇر. ئۆيىگىزگە بۈگۈنلا قايتىپ كىتىڭ. ئەتىراپىڭزغا ۋىجدانىڭىز بىلەن نەزەر سېلىپ بېقىىڭ. ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىڭ. ئاشۇ ئاجىز قېرىنداشلىرىڭىزغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ. ئۇلارنى يامان يولدىن سىز ، بىز قايتۇرمىساق، ئەكىسچە ئۇلارنى تىللاپ ، ئويناپ يۈرسەك، ئۇلار ئاشۇ خاتا يولدا مېڭىۋەرسە مىللەت نىمە بوپ كىتەر؟ ئاخىرى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچىرايمىز. بىر – بىرىمىزنىڭ يېغىرنى تاتىلاپ، كەينىدىن غەيۋەت قىلىپ، يەنە ئالدىدا ھەممىدىن ئىمانلىق ،ھەممدىن غورورلۇق، ۋىجدانلىق بۇلۇۋالىدىغان لاتىلاردەك بولماڭ. قاچان ئەجداد ھەم ئەۋلاد ئالدىدا يۈزىمىز يۇرۇق بولدىكەن، ئۆزىمىزمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايمىز. ۋە باشقا مىللەتلەر ئالداىدا قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، مەيدىمىزنى كۆتۈرەلەيمىز.

ئۇنىڭ ئىچ ئىچىدىن قايناپ سۆزلەشلىرى ، ھەر بىر ئېغىز گەپلىرى يۈركىمگە پىچاق سانجىلغاندەك بىئارام قىلىپ ئويلاندۇرۋاتاتتى. ئۇنڭدىكى ئاشۇ روھ ، غورور، ۋىجدان قانچىلىك يىگىتلىرىمىزدە باردۇر؟ مەن جېنىمدا، ئۆزۈمنى ۋىجدانلىق ، غورورلۇق دەپ ئويلاپ يۈرىپتىمەن. ئۇنىڭ بىر ئېغىز گىپىنى خاتا دىيەلمەيمەن. ھەممىسى توغىرا. توغىرا بۇلۇپلا قالماي ، ئۇلارنى بىر قىز ئەمەس بەلكى ، مەندەك بىر ئەركەك ئويلاشقا تىگىشلىك گەپلەر. ئۆزۈمنىڭ چوڭقۇر بىر پاتقاققا پېتىپ كىتىۋاتقانلىقىمنى ، جەمىيەتكە، مىللەتكە زىيان سېلىۋاتقانلىقىمنى ، ئاتا- ئانامنى قانچىلىك قاقشىتىۋەتكىنىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. پەرزەنىت بۇلۇپ ، ئۇلارغا قانچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ ، كۆڭلىنى خۇش قىلىغىنىمنى ئويلاپ يىتەلمەيۋاتىمەن. ئۆيگە قايتىپ كىتىش قارارىغا كىلىۋاتىمەن. بىراق قانداق بېرىشىم كىرەك؟ مەن شۇنچە قاقشىتىپ، دادامنىڭ ئالدىدا مەس ھالەتتە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن گەپ تاكاللاشقان تۇرسام، يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن قايتىمەن؟ ئۇلار مىنى كەچۈرەرمۇ؟

  _ ئاتا ، ئانىنىڭ كۆڭلى_كۆكسى دەريادىنمۇ كەڭ. پەرزەنىت مەيلى قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، پەقەت ئاتا- ئانىلارلا كەچۈرىۋىتەلەيدۇ،_ دىدى ئۇ خۇددى ئىچىمدە ئويلاتقانلىقىمنى بىلىۋالغاندەكلا.
  _ رەھمەت سىزگە . مەن بۈگۈنلا قايتىپ كىتىمەن.
  _ ماڭا نىمىگە رەھمەت دەيسىز. ئاللاھ سىزگە ئىنساپ ، ئىمان بەرسۇن. ئاللاھ خەلىقىمىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، چىقىش يولى تاپايۋاتقانلارغا چىقىش يولى ئاتا قىلسۇن. ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئىمانىنى كۈچەيتكەي(ئامىن)،_ دىدى ئۇ ماڭا مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ. ئۇنىڭ ھازىرقى چىراي ئىپادىسىدىن ، مەندىن رازى بولغاندەك ، مەندىن سۈيۈنگەندەك قىلاتتى. ئۇ سائىتىگە قاراپ قويدى ۋە ، پىشىن نامىزىغا ئاز قاپتۇ، ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ، ئەمسە مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى. ئاللاھقا ئامانەت. ئىش بولسا مىنى مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز،_ دىدى –دە، بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك يەنە،_ سىزگە ماۋۇ سۆزلەرنى سوۋغا قىلاي، ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ. گۈزەل قىزلار ، باتۇر يىگىتكەرگە قىلىنغان سوۋغا. قىزلار باغ، ئوغوللار تاغ. باغدىكى گۈلنىڭ قانداق ئېچىلىشى ، تاغدىن چۈشكەن سۇغا مۇناسىۋەتلىك ؛ قىزلار ئوغوللارنىڭ ئىپپىتى. ئوغوللار ئۆزلىرىنىڭ ئپپىتى بولغان قىزلارنى قوغدىغاندىلا ئاندىن قىزلارنىڭ ئىپپىتى قوغدىلىدۇ ھەم ساقلىنىدۇ.

ئۇ گىپنى تۈگىتىپ ، مەن بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى. بۈگۈن ھاياتىمدىكى مۇھىم بىر دەرىسنى ئالغاندەك ، ھاياتىمدا بۇرۇلۇش بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتقاندەك ، ئۇ قىز بىلەن ئۇچىرشىپ قالغىنىمغا خۇش بۇلۇپ، ياشاشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم. تۇرمۇشۇمنى يېڭىدىن باشلىشىم كىرەكلىكىنى ئويلاۋاتاتتىم.

ئۇ قىز كەتتى. بىر – بىرىدىن چوڭقۇر مەنلىك گەپلەرنى قىلىپ، مىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويۇپ، كەينىگىمۇ قاراپ قويماستىن ، يەنىلا دادىل قەدەملىرىنى تاشلاپ ، ئاشۇ ئۇزۇن كۆينەكلىرى شامالدا يىنىك يەلپۈنۈپ، ئادەملەر دىڭىزدا غايىپ بولدى. كۆڭلىمدە ئۇنى ئاللاھنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ، مىنى توغىرا يولغا باشلايدىغان پەرىشتىدەك ھىس قىلىۋاتاتتىم. ئاپامغا تىلغۇن قىلاي. جېنىم ئاپام نىمىش قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇنى شۇنداق سېغىندىم. ئۆيگە كىتەي. ياق ، تىلغۇن قىلمايلا باراي. ئۇنى بىر ھەيران قالدۇرىۋىتەي. ئۇنى خۇش قىلاي. ئۇمۇ مەندىن خۇش بولسۇن. گۇللۈكتىن چىقىپ، قەدەملىرىمنى تىز – تىز ئېلىپ ، ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. ھازىر كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال، ئۆزۈمنى بەكمۇ يىنىڭ ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەممىدىن ئالدىراش ، كوچىدىكى كىشىلەرنى بىردىن – ئىككىدىن ئارقامغا قويۇپ ، خۇددى مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىغا يىتىش ئۈچۈن ، ئەتىراپىدىكى ، ئالدىدىكى ھەر بىر ماھىردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىشنى ئويلىغىنىدەك ، مەنمۇ ھەممە ئادەمدىن بالدۇرراق ماڭسام ، دىگەن خىيالدا ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. ئىلگىرى ئۆينى نىشانلاپ ماڭسام ، پۇتلىرىم ئېغىرلىشىپ، بىرى كەينىمدىن ئىتتىرىپ مېڭىۋاتقاندەك كىلەتتىم. بىراق ھازىر ئۆيگە سېغىنىش ، تىزىراق بېرىش ھىسىياتى بىلەن كىتىۋاتىمەن.


6





ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى كۈندەك بولدى. ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى بۇرۇن نىمىشقا ھىس قىلمىغاندىمەن؟ ئەسلىدە ئائىلىدەك ئىللىق جاي ھىچ يەردە يوق ئىكەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدىن ئاپام ناھايتى خۇشال . دادام گەرچە تېشىدا دىمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن داداممۇ ناھايتى خۇشالدەك قىلاتتى. ئۇلار مەندىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن ھەم ھەيران قېلىۋاتاتتى، ھەم خۇشال بۇلۇۋاتاتتى. ئۆيگە كەلگەندىن بېرى، سىرىتقا چىقىپ باقمىدىم. ئۆيدە ئاپامغا ياردەملىشىپ دىگەندەك ئۆيدە ئولتۇردۇم. تىلغۇنۇممۇ خۇددى ئۆيگە كىلىپ ئارام ئېلىشنى ئويلىغاندەك سايراپ قويايمۇ دىمەيۋاتاتتى. مۇرادمۇ دادىسى كەتمىگەچكە ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىدىم . ئاپام دائىم ئىشتىن بالدۇرلا كىلىپ ، تاماق ئىتەتتى . داداممۇ ئامال بار تاماقنى بىز بىلەن ئۆيدە يەيتى. ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق ھەممىز جەم بۇلۇپ تاماق يەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز جىق ئىدى. لىكىن نىمىشقا ھازىرقىدەك خۇش بولمىغان بولغىيتىم؟ بىر ئىشقا ھەرخىل نوقتىدىن تۇرۇپ قارىغاندا ئۇنىڭ ماھىتى باشقىچە بۇلۇپ كۆرىنىدىكەن.

ھېلىقى قىزنىڭ گەپلىرى داۋاملىق قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەسلىگىنىمدە ، ئۆزۈمنىڭ نمە قىلىش كىرەكلىكىمنى تۇنۇپ يىتەتتىم. ئىلگىرى قىلغان ھەممە ئىشىمدىن قول ئۈزۈپ ، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشنى ئويلاۋاتىمەن. قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش كىرەك.

كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ھەمىمىز تىلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىزلا تىلغۇنۇم جىرىڭلاپ، نەچچە كۈن جىمىپ قالغان تىلغۇنۇمنىڭ ئارامىنى بۇزۇۋەتتى. تىلغۇننى قولۇمغا ئېلىپ قارىۋىدىم ، تىلغۇننى مۇراد ئۇرغان ئىدى. تىلغۇننى ھوجىرا ئۆيۈمگە كىرىپ ئالدىم.

  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئاداش،_ دىدىم مەن تىلغۇننى ئېلىپ.
  _ ۋەي ، كىمۇ؟ _ مۇراد مىنى تونۇمىغاندەك قىلاتتى.
  _ بۇ مەنغۇ. كىمگە ئۇرغانتىڭ.
  _ ۋاي نىمانداق چوڭ دادامدەك ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دەپ سالامنىڭ ئېغىرنى قىلىسەن . كىمكى دەپتىمەن تېخى. ھە نىمە قىلىۋاتىسەن؟ تىلغۇن قىلىپ قويايمۇ دىمەيدىكەنسەن.
  _ تىلغۇن قىلسام تىلغۇنىڭ ئىتىك. ئىشلىرى تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ، ئۆزى تىلغۇن قىلىپ قالار دەپ ئولتۇردۇم شۇ. داداڭ چەتكە چىقىپ كەتتىما؟ ماللارنى سېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟
  _ ھەئە ئاداش. ھەممىسى تۈگىدى. يائاللا ئۇ قېرۋاينى ئاران يولغا سېلىۋەتتىم دىگىنە. ئەمدى جاھان مىنىڭكى ، ئۆز خان ، ئۆز بەگ قالدىم . ئۆزۈڭچۇ؟ نىمىش قىلىۋاتىسەن؟
  _ مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ھازىر مەن ئۆيدە ئاداش.
  _ ھوي، ياخشى قىلىپسەن. دىمىسىمۇ ، سىرىتتا يۈرسەڭ، يا بىر كىرىمىڭ بولمىسا، قېيداپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق. داداڭنىڭ بار ۋاقتىدا خەجلىۋالمىساڭ بولمايدۇ،_ دىدى ئۇ بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ،_ قارا ئاداش، ئەتە بىر ئولتۇرۇش بار ئىدى. كىلەرسەن ھە. يېنىڭغا جىقىراق پۇل سېلىۋال . ئەتىكى ئۇ ئولتۇرۇش باشقا چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ.

ئۇنىڭ ئولتۇرۇش دىگىنىدىن بارغۇم كەلمەيۋاتاتتى. لىكىن پۇل سېلىۋال دىگىنى ھېلىقى بەش مىڭ يۈەننى كۆرسىتەتتى. ئۇ بەش مىڭ يۈەننى ئالغاچ بار، دىگىنى ئىدى. ئەتىكى ئۇ ئولتۇرۇشقا بېرىپ ئۇنىڭ بەش مىڭ يۈەن پۇلىنى بىرىۋىتىپ ، قايتىپ كەلمەكچى بولدۇم. بىراق ھازىر يېنىمدا ئۇنچە كۆپ پۇل يوق تۇرسا، ئاپام داداملاردىن نىمە دەپ ئالىمەن. قانداق قىلسام بۇلار؟ ئاپامدىن ئېلىپ تۇرايمۇ يا؟ بىراق نىمە دەپ ئالىمەن؟ راستىنى دەۋىرەي، ئۇ ئاپام تۇرسا...

ئاخىرى ئاپامغا بەش مىىڭ يۈەننىڭ ئىشىنى ، ھېلىقى قىزنىڭ گىپىنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى، ئۆيگە قايتىپ كىلىشىمگە ، شۇ قىزنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى دەپ بەردىم. ئاپام خۇشاللىقتىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كەتتى. ھەمدە ئۇ قىز ئۈچۈن خۇش بۇلۇۋاتاتتى. ئاپام بەش مىڭ يۈەن پۇلنى بەردى. ئۇ مىنىڭ ئەمدى ئۆزگەرگەنلىكىمگە ئىشەنگەندەك قىلاتتى. ئۆزىممۇ ئەمدى ئۆزگىرىش نىيتىگە كەلگەن ئىدىم. ئاپامغا بۇ ئىشلارنى دادامغا دىمەسلىكنى تاپىلدىم.

ئەتسى چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر بىلەن ئاققۇ مىھمانخانىسىنىڭ قاۋاقخانىسىغا باردىم. قاۋاقخانىغا كىرىپ قارسام، مۇرادلار ئاللىقاچان كىلىپ بۇلۇشقان ئىدى. مۇرادنىڭ يېنىدا كونا ئاغىنىلەردىن ئىككىسى ۋە يېڭىدىن تۇنۇشقان بولسا كىرەك ، چىرايلىققىنە ئۈچ قىز ئولتۇراتتى. بېرىپ ئۇلار بىلەن سالاملىشىۋەتتىم – دە، كىلىپ ئولتۇردۇ.

كۆنگەن خۇي يامان دەپ ئۇ يەردىكى ھاراق ، ئەتىر پۇراقلىرىدىن مەستخۇش بۇلۇپ ، خۇدۇمنى يۇقاتقىلى تۇردۇم. قىزلارنىڭ گۈزەل رۇخسارى ، مىنى ئۆزىگە رام قلىۋاتاتتى. ھازىر ئۆزۈمنىڭ نىمىگە كەلگەنلىكىمنى ئۇنۇتقاندەك قىلاتتىم.
  _ ئادىشوي، نىمدا ۋاخ قالىسەن،_ دىدى مۇراد بىر رومكىغا ھاراق قويۇپ،_ كونا قائىدە، كىچىكىپ كەلگىنىڭنىڭ جازاسى. ئالە ئىچىۋەت. ئۈچ رومكا جىمۇ.
  _ ئۇنىڭ تەڭلىگەن رومكىسىنى قايتۇرمايلا ئىچىۋەتتىم. بىراق ئىچىپ بۇلۇپلا ، ھېلىقى قىزنىڭ ھاراق ھارام، دوزاخ ئازابىدىن قورقۇڭ. جەمىيتىمىزنى ئاشۇ ھاراق بۇزىۋاتىدۇ، دىگەن گىپى يادىمغا كىلىپ ئۆزۈمنى ئەيپلەپ كەتتىم.

ياق . مەن بۇ يەردە ئولتۇرسام بولمايدۇ. مۇرادنىڭ بەش مىڭ يۈەن پۇلىنى بىرىۋىتىپ چىقىپ كىتەي. بۇ نەرسىنى ئەمدى ئىچسەم بولمايدۇ. مۇراد ھاراقتىن يەنە بىرنى قۇيۇپ تەڭلىدى. ئەمدىكىسىنى ئىچكىلى ئۇنىمىدىم.
  _ ياق ئاداش. مەن ئىچەلمەيمەن. ھاراقنى تاشلىدىم. بۇنىڭدىن كىين ھاراق ئىچمەيمەن.
  _ ھوي ئاداش ، بۇ گىپىڭ ئاغزڭدىن چىقىۋاتامدۇ يا، باشقا يەرلىرىڭدىن چىقىپ كىتىۋاتامدۇ؟ بۇ گىپىڭگە ساراڭمۇ ئىشەنمەيدۇ. تولا نازلانماي، ئالە بۇنى ئىچىۋەت. ئەسكى تامدىن ھوشۇ تاز چىققاندەكلا ئىش قىلدىڭغۇ. ئىچمىسەڭمۇ سورۇننىڭ كەيپىنى بۇزماي جىم ئولتۇرۇپ بەر.
مۇراد مىنى زاڭلىق قىلىپ ھېلىقى ئۈچ قىزنىڭ ئالدىدا ، تازا مەسخرە قىلىۋالدى. ئۇ ئارقىدىنلا قالغان رومكىلارنى لىقلاپ قويۇپ ، ھېلىقى قىزلارغا تۇتتى:
  _ ئېلىڭلار تۇمۇچۇق خانلار، بۇ ئادىشىم بۈگۈن سەل خاپا ئوخشايدۇ. سىلەر ئىچىپ كۆڭلىنى ئېلىپ قويۇڭلار>_ قىزلارنىڭ ئىككىسى ھاراقنى ئالدى دە، مۇرادقا نازلىنىپ قويۇپ، چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەستىنلا ئىچىۋەتتى. يەنە بىر قىز مەن ئىچەلمەيمەن ، دىۋىدى، مۇراد،_ توۋا بى دەڭە، ئىچەلمىسىڭىز ئىچىپ ئۈگۈنىسىز. ئىلىگە كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا ئىچىۋەتسىڭىز ، قورۇنۇشلىرىڭىزمۇ تۈگەيدۇ. ئاندىن ئېچىلىپ يېيلىپ ئولتۇرالايسىز.
ئۇ قىز ئىچەلمەيمەن دەپ، خېلى چىڭ تۇرۇپ باقتى. بىراق مۇرادنىڭ ۋە ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ زورلاشلىرى بىلەن بىر رومكا ھاراقنى ئۇ شۇنداق تەستە قېقىلىپ ، قىزىرىپ ئاران ئىچىۋەتتى. ئىلگىرىمۇ بىز مۇشۇنداق قىزلارغا ھاراق زورلاپ ، ھاراق ئىچمەيدىغان قىزلارنى ھاراققا ئۈگۈتىپ ، تازا مەس قىلىپ پەيزى قىلاتتۇق. بىراق نمىشقىدۇر ئۇ چاغدا كۆتۈرگەن ۋىجدانىم ئەمدىلىكتە كۆتۈرمەيۋاتاتتى. خۇددى ئالدىمدا ھلېىقى قىز پۈتۈن زەھرى بىلەن ماڭا قاراپ، مەن سىزگە ئېيتقان گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئالدىڭىزدا ئولتۇرغان بۇ ئۈچ قىز ، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىللىرىمىز، سىلەرنىڭ يېرىمىڭلار، سىلەرنىڭ ئىپپىتىڭلار. سىزدە ئىمان ، ۋىجدان دەيدىغان نەرسە بارمۇ؟! ئۇلارنى بۇ يولدىن توسۇڭ، دەۋاتقاندەك كۆرنۇۋاتاتتى. كۆز ئالدىمدا مۇرادلار ھېلىقى ئۈچ قىزغا تازا ھاراق زورلاپ ، بىر- بىرى بىلەن ئىرماش چىرماش بولغىلى تۇرۋاتاتتى. بايام ئىچكەن بىر رومكا ھاراقنىڭ كۈچىمۇ ياكى ۋىجدانىم ئويغاندىمۇ، قولۇمدىكى بەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئۈستەلگە تاشلىدىم _دە:
  _ ئاداش ئالە ماۋۇ ھېلىقى بەش مىڭ يۈەن پۇل، ساڭا قايتۇرۇپ بىرەي، ئەمدى بولدى قىلىڭلار، قوچىقىڭلاردا ئولتۇرغان بۇ قىزلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى . ھەي قىز سەنمۇ نۇمۇس قىل . ماڭ ئۆيۈڭگە كەت. نىمەڭ نىمەڭگە يەتمەيۋاتىدۇ. بۇنداق سورۇنلار ساڭا ياراشمايدۇ. سىلەرنىڭ داداڭلار ، ئاكاڭلار يوقمۇ؟ قولۇڭدىكى ئۇ نەرسە ساڭلا ئەمەس، بىزگىمۇ ھارام . ئۆز ئىپپىتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلما. مۇراد بىزدە ۋىجدان بار شۇنداقمۇ؟ ئاغىنىلەر سىلەرمۇ دەپ بېقىڭلار، بىزدە ئىمان ، ۋىجدان ، غورور بارمۇ؟ بىزنىڭ نەرىمىز ئوغول بالا . ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۆزىمىز بۇزىۋاتىمىز.ئۇلارغا ئۆز قۇلۇمىز بىلەن ھاراق قۇيۇپ بىرىۋاتىمىز. بۇلار بىزنىڭ ئانىمىز بىلەن ئوخشاش. بۇلارمۇ كەلگۈسىدىكى بالىلىرىمىزنىڭ ئانىللىرى. غورور ، ۋىجداننىڭ گىپى چىقسا ، ھەمىمىزنىڭ تۆت پۇتى ئۆرە تۇرىدۇ. لىكىن ۋاقتى كەلگەندە سەللە دىگەن يۈك ، ساقال دىگەن تۈك دەپ ئىچ نىمە بىلمەي، سەللىدىن بىرنى كىيىپ، ئەركەكلىكنىڭ بەلگىسى بولغان ساقال _ بۇرۇتنى قويۋالغان بىلەنمۇ ، ئەركەك بولالمايمىز. يەنە تېخى قىزلارنى بۇزۇپ ، يەنە قىز ئېلىشنى ، ئاللاھنىڭ بىزگە ئىپپەتلىك قىز ئاتا قىلىشىنى ئويلايمىز. ئاللاھنىڭمۇ كۆزى بار ، بىزگە ھەرگىزمۇ <<قىز>> نىسىپ قىلمايدۇ. بىزدەك ئەركەكلەر مەيدىمىزگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ، قىزلىرىمىزنى قوغدىساقلا ئاندىن يۈزىمىز يۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغانلىرىمنى ئاللاھ كەچۈرسۇن. ئىمانىمىزنى ، دىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئىلگىرى بىلمەپتىكەنمەن، ھازىر بىلىپ يەتتىم. <<ئەر>> دىگەن سۆزنىڭ ۋەزىنىنى ، قانچىلىك چوڭقۇر مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلپ يەتتىم . بىزنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بارئىكەن. دۇنيانىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە بىرلىپ، ئاخىرەتتە دۇزاخ ئازابى كۈرۈشتىن ساقلىنايلى!_ ئىچ_ ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىققان بۇ گەپلەردىن ، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئويغا چۈمۈپ ، بېشى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى. بۇ گەپلار بىر رومكا ھاراقنىڭ كۈچىدە ئەمەس، بەلكى كىچىكىپ ئويغانغان ۋىجدانىمنىڭ ساداسى ئىدى،_ قالغىنىنى ئۆزۈڭلارمۇ بىر ئەركەك بولغاندىكىن ئويلاپ كۆرۈڭلار. ئالدىمىزدىكى مۇشۇ قىزلار بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا ، كۆينىشىمىزگە مۇھتاج ئىكەن. ھەرگىزمۇ دەپسەندە قىلىشىمىزغا يارالماپتىكەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ رەسمى ھاراق تاشلىدىم. ئەگەر مەن بىلەن يەنە دوستلىقىمز ئۈزۈلمىسۇن دىسەڭلار، سىلەرمۇ ھاراقنى تاشلاپ ، ئاندىن مەن بىلەن دوست بۇلۇڭلار. لىكىن ئويلاپ كۆرۈڭلار. ئۈستىمىزدە ئاللاھ بار، ئالدىمىزدا مىللەت، ئۆز قېرىنداشلىرىمز. سىلەرمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن ، ئويلاپ يىتەلەيدىغۇ دەپ ئويلايمەن. مەن كەتتىم. خوش.

قاۋاقخانىدىن چىقتىم –دە، ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. ھازىر ئۆزۈمنى شۇنداق يىنىك، ھاياتىمدىكى تۇنجى توغىرا قەدەمنى ئالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم. مۇراد ئارقامدىن قوغلاپ ، يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇ ئارقامدىن مىنى توۋلاپ توختاتتى- دە، يېنىمغا كىلىپ:
  _ ئاداش بۈگۈن باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قاپسەنغۇ؟ گەپلىرىڭ بەكمۇ جايىدا ئۇرۇنلۇق بولدى. لىكىن سەن ئۇنداق گەپ قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدىڭ، ساڭا نىمە بولدى. سىنى نىمە مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتى.
  _ سەن بىز، بۇنداق گەپ قىلىدىغان ئادەم ئەمەسلىكتىن ئەمەس بەلكى ، ئىلگىرى بۇنداق گەپ قلىش سالاھىتىمىزنىڭ يوقلىقىدىن ئېزىپ يۈرۈپتىكەنمىز. ھېلىقى بىز پورتمىلىنى ئوغۇرلىغان قىز ئىسىڭدىمۇ؟ مىنى شۇ قىز ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدا بار ۋىجدان، غورور، ئىمان نىمىشقا بىزدە بولمايدۇ؟ بىز بىر ئەركەك تۇرۇپ، نىمىشقا بۇنداق بۇزۇقچىلىقلار، پاسكىنچىلىقلار بىلەن ياشايمىز؟ سەنمۇ ئوبدانراق ئويلاپ باق ئاداش. بىز توغىرا قىلىۋاتامدۇق؟ بىز چوڭ بولمامدۇق؟ ئائىلە قۇرمامدۇ؟ ئاتا – ئانىمىزدىن ئايرىلمامدۇق؟ كىينكى ئەۋلادلار ئالدىدا جاۋاپكار بولمامدۇق؟ مەن ئەمدى بۇنداق ئويۇن تاماششىدا يۈرمەيمەن. بىلىم ئالىمەن. سەنمۇ داداڭنىڭ بارىدا ، داداڭمۇ ياشىنىپ قالدى ئۇنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ، ئۇنى خاتىرجەم قىلغىن. بۇنداق ئايغى يوق ئويۇنلىرىمىزنى ئەمدى يىغىشتۇرايلى. ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئوغول دەپ تۇغقىنىغا رازى بولسۇن.

مۇراد گىپىمگە جاۋاپمۇ قىلماي، قاققان قوزۇقتەك جايىدا تۇرۇپ قالدى. مەن گىپىمنى تۈگىتىپ ئۆز يۇلۇمغا راۋان بولدۇم. كوچىدىكى ھەممە كىشىلەر ماڭا قاراپ ، يارايسەن يىگىت، ئەسلى ئەركەك دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ، دەپ مەندىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك ، مىنى ئوغوللىرىغا كۆرسىتىپ، قارا ئوغلۇم ئاۋۇ ئاكاڭدەك ۋىجدانلىق ، ئىمانلىق، غورورلۇق، باتۇر ئادەم بول دەۋاتقاندەك قىلاتتى.


7



دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، تىل ئۈگۈنىش قارارىغا كەلدىم. ئەتىدىن باشلاپ كۇرۇسقا بارىمەن. ھازىر بىر نىشان ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان بولغاچقا ، ئۈگۈنۈشكىمۇ شۇنداق قىزىقىشىم بار ئىدى. ئادەم بۇ ھاياتتا ، بىرەر ئارزۇ ئارمان بىلەن ياشغاندىلا ئاندىن ، ھايات مەنىلىك تۇيلىدىكەن.

بۈگۈن جۈمە . ئەتتىگەندە ، ناشتىدىن كىيىن سىرىتنى ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن، كوچىغا چىقتىم. پۇتۇم ئىختىيارسىزلا ھېلىقى گۈللۈك تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتاتتى. ئەسلىدە گۈللۈكنى سېغىنغان ئىدىم. ياق ، گۈللۈكنى ئەمەس، بەلكى قىزنى سېغىنغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە 15 كۈنلەرچە بۇلۇپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاشقا تەقەززار بۇلۇۋاتىمەن. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنلىك گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم كىلىۋاتاتىتى. ھەپتە ئاخىرى بولغاچقىمىكىن، گۈللۈكتە ئانچە ئادەم كۈرۈنمەيتى. ھېلىقى تاش ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم. يانچۇقۇمدىن بىر تال تاماكا ئالدىم، لىكىن چەكمەي قاراپ تۇراتتىم. ھاراق تاشلاشقۇ ئوڭاي ئىكەن ، بىراق بۇ تاماكىنى تاشلاشتا سەل قىيلىنىۋاتاتتىم. دەسلىپىدە، كۈندە بىر تال چىكىشنى بەلگىلدىم. كىيىن، كىيىنچە تاشلىمىسام بۇنى تاشلاش تەسكە چۈشۋاتاتتى. لىكىن بۈگۈن چەكمەي دىگەننى ئويلاپ، ئۇنى يەنە قايتا يانچۇمۇمغا سېلىۋەتتىم. كىتاپخانىدا قىز كۆرۈنمەيتى. ئۇ كىلەرمۇ؟ كەلسە بۇلاتتى. ئۇنى بۈگۈن كۆرۋالسام بۇلاتتى. مەنمۇ ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ ئالدىراش بۇلۇپ كىتىمەن. ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار. ئۇ ئۆزگەرگەنلىكىمنى كۆرسە بۇلاتتى...

ئەتىراپقا نەزەر تاشلىرىم. ئۇنى ئىزدەۋاتاتتىم. يىراقتىن كىتاپخانا تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان، تۇنۇش قامەت يېقىنلا كەلمەكتە. ئۇ يېقىنلاپ كەلگەنسرى يۈركىم تىز سوقۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ كەلدى، دىدىم ئىچىمدە. ھازىر خۇددى كىچىىك بالىلاردەك چاۋاك چېلىپ ، سەكۈرگۈم كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بۇيۇنداپ قارايتىم. ئۇ مىنى كۆردى. ئۇ يول تەرەپتىن ماڭا قاراپ ، كۈلۈمسىرەپ قويدى دە، كىتاپخانىنى ئىشارە قىلىپ ، كىرىپ چىقاي ، دىگەندەك قىلىپ كىرىپ كەتتى. ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن ھەربىر سىكىنوتمۇ بەك ئۇزاق بىلىنىۋاتاتتى. ئۇ ھايال بولمايلا قايتىپ چىقتى. ئۇ كىتاپ ئېلىپ چىقمىغان ئىدى. قارىغاندا كىتاپ قايتۇرغىلى كەلگەن بولسا كىرەك . بۈگۈنمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ، ئۇنىڭغا ھال رەڭ بەك يارشاتتى. ئۇچىسىدىكى ھال رەڭ كۆينىكى بىلەن بېشىدىكى كۆينىكىگە ماشلاشتۇرۇپ ئارتىۋالغان گۈللۈك رومىلى ئۇنىڭ ئاپئاق يۈزلىرىگە شۇنداق ياراشقان ئىدى.
  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،_ دىدىم مەن ئالدىمغا كەلگەن قىزغا قاراپ.  
  _ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام. سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟_ دىدى ئۇ كۈلۈمسىرگىنىچە.
  _ ئاللاھقا شۈكىرى. ئۆزىڭزچۇ؟
  _ ئىنشائاللاھ ، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز. قارسام جىقلا ئۆزگەرگەندەك قىلىسىز. گەپلىرىڭىز باشقىچىلا،- دىدى ئۇ مەندىن مەمنۇن بولغاندەك كۈلۈپ.
  _ شۇنداق دىسەممۇ بۇلىدۇ. لىكىن ئۈگۈنىدىغان نەرسىللىرىم جىق. چۇقۇم سىزدەك بولىمەن.
  _ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن. مىنى ئۇنداق ماختىماڭ. مەنمۇ ھىچ نىمە بىلمەيمەن تېخى. مەنمۇ ئۈگۈنىدىغان نەرسىلەر جىق. بۈگۈن كىلىپ بەك ياخشى قىلىپسىز.ئاللاھ خالىسا ، مەن ئۆگۈنلىككە ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى، سىز بىلەن خوشلىشىۋالاي ئۇكام.
ئۇنىڭ خوشلىشىۋالاي دىگىنىدىن كۆڭلىم بىر خىل چىۋىن يەۋەلغاندەك غەش بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.
  _ قەيەردە ئوقۇيسىز؟ ئەجەپ تۇيۇقسىزلا چەتئەلدە ئوقۇماقچى بۇلۇپ قالدىڭىز؟
  _ بۇرۇندىنلا ئوقۇماقچى بۇلۇۋاتاتتىم. پەقەت شۇ بىر قىسىم رەسمىيەتلىرىم پۈتمەي تۇرۇپ قالغان . ھەپتە ئاۋۋال ھەممە رەسمىيەتلىرىم پۈتتى. ئۆگۈنلىككە ماڭىمەن.
  _ سىز كەتسىڭىز، مەن كىم بىلەن پاراڭلىشىمەن. كىمدىن بىر نەرسە ئۈگۈنىمەن. سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلرىم بار ئىدى. سىزدىن ئۈگۈنىدىغان نۇرغۇن نەرسىللىرىم بارئىدى. مەنمۇ ئوقۇيدىغان بولىۋاتىمەن.
  _ بۇنداق دىمەڭ. مەن يەنە قايتىپ كىلىمەن ئەمەسمۇ. ئوقۇيدىغان بۇلۇپ ياخشى قىپسىز. سىز قەيەردە ئوقۇماقچى؟
  _ مەن ئاۋۋال تىل ئۈگۈنىۋېلىپ، مەنمۇ چەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن. دادام بۇ ئىشلىرىمنى ھەل قىلىۋاتىدۇ.
  _ ئەمدى ئەقلىڭىزنى تېپىپسىز. بىلىم ئېلىڭ. بىلىم بولغاندىلا ئاندىن مىللەتنى راۋاجلاندۇرالايمىز. ئاللاھ ئوڭوشلۇق قىلىپ ، ئەگەر سىزمۇ تۈركىيەگە چىقىپ قالسىڭىز، مەن ئاچىڭىز ئورنىدا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ قويىمەن. ھە راست، سىزگە بىرىدىغان سوۋغام بار ئىدى، بىراق ئۇ ئۆيدە ، مەن بېرىپ چۈشتە ، پىشىن نامىزىدىن كىين كىلەي ، سىزمۇ كىلىڭ.

ئۇنىڭ سوۋغام بار دىگىنىدىن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خۇش بۇلۇپ كىتۋاتاتتىم.

  _ ئەمسە مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي. مىنىڭ ھازىرچە قىلىدىغان ئىشىم يوق.
  _ سىز قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش بار ئىدى،_ دىدى ئۇ گىپىمدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندەك قىلىپ ، ماڭا بىر ئىشنى ئەسكەرتىۋاتقاندەك .
  _ نىمە ئىش،_ دىدىم مەن چۈشەنمەي.
  _ بۈگۈن جۈمە. جۈمە نامىزىغا بېرىڭ. 62- سۈرە، 9- ئايەتتە<<ئى موئىمىنلەر! جۇمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئىتىشكە(يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا ئالدىراپ بېرىڭلار. ئېلىم – سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. ئەگەر بىسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر) >> دىيىلگەن. جۈمە نامىزىنى مۇسۇلمان ، مۆئىمىنلەر ئادا قىلىشى كىرەك. سۈرە بەقەر،110- ئايەتتە<<نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بىرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ھەر قانداق ياخشى ئەمەل بولسا ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ، ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر>>دىيىلگەن. قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ، نۇرغۇن ئايەتلىرىمىز بار. مۆئىمىنلەر ناماز، زاكات قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ، يامان ئىشلارنى يۇيىدۇ. گۇناھلىرىغا ئاللاھتىن مەخپىرەت تىلەيدۇ. ناماز ئادەمنى پاكىزلىققا باشلايدۇ. جۈمە نامىزىغا بىرىشتىن مۇسۇلمان ئاياللرى توسۇلدى. ئاياللارغا ئەرلىرى، ئۇ توي قىلمىغان قىز بولسا،دادىسى ئۈگۈتىدۇ دەپ پەتىۋا چىقىرىلدى. بىراق ھازىر ئەرلەر جۈمە نامىزىغا بارماي، دۇنيانىڭ باقىسى يوق شەھۋەتلىرنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىيدۇ. نەدىكى يوق باھانىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىزلىرىغا، ئاياللىرىغا ئۆگەتمىدى. كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىنى قانداقمۇ باشقىلارغا ئۆگەتسۇن. مانا مۇشۇنداق ئاياللار نادانلىقتا قالدۇرلۇپ ، تا بۈگۈنگىچە ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلىپ كىلىسىلەر. ئىلگىرى ئاياللار سىرتقا چىقسا پىتنىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ ، دەپ قېرى ئاياللاردىن باشقىلار سىرتقا چىقمايدىكەنتۇق. بىراق ، بۈگۈنكى كۈندە ئاياللىرىمىز، مەكتەپكە، رىستۇرانغا، بازارغا، خىزمەتكە ۋە ھەر خىل يەرگە بېرىۋاتىمىز. لىكىن بىردىنبىر بېرشقا تىگىشلىك بولغان مەسچىتكە بارالمايمىز. ئۇ يەردە ئۈگۈنىشكە تىگىشلىك ئىلىمنى ئۈگۈنەلمەيۋاتىمىز. بۇلارنى سىلەر ئەرلەر بىزگە ئۈگۈتىشىڭلار كىرەك . ئەرلەر نامازلىرنى مەسچىتتە ئۆتىسە، ئۆزىگە ساۋاپ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە يەنى ساۋاپ ۋە نىممەت تاماششىدىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

ئۇنىڭ گىپىدىن خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇيۇن تاماششا بىلەن بۇلۇپ كىتىپ، جۈمە نامىزى ھەرگىزمۇ خىيالىمغا كىرمەيتى. بىر قېتىم بىر ئاغىنەم باشلاپ كىرگەن. لىكىن ، كىيننچە نىمىلەر بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەندىمەن؟ ئويۇن بىلەن <<ئەتىۋارلىق>> ۋاقتىم چىقماپتۇ ئەمەسمۇ.

  _ سىز بىلەن پاراڭلاشساملا ، بىر قېتىملىق مۇھىم دەرىس ئالغاندەك بۇلىمەن. سىز دىگەندەك قىلاي. بۈگۈندىن باشلاپ ھاياتىمغا يېڭىچە بىر قەدەم قوشۇلدى. ئۇ كىپىمدىن كۈلۈپ كەتتى_دە:
  _ ئۇنداق دىمەڭ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام <<مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار>>دىگەن ئىكەن.

ئىككىمىز ۋاقىتلىق خوشلاشتۇق. ئۇ قەدەملىرىنى يىنىك ئېلىپ ، ئۆيى تەرەپكە ماڭدى. مەن قەدەملىرىمنى دادىل تاشلاپ مەسچىت تەرەپكە ماڭدىم.

مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر ناھايتى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھلىرىدىن مەخپىرەت تىلىگىلى، ساۋاپ تاپقىلى يىغىلغانلار، مەنمۇ ھەم شۇنداق. تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە كىردىم. ناماز ئوقۇلۇپ تۈگۈگىچە شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارسىدا ، ئۇلار بىلەن بىللە سەجىدىگە باش قويۇپ ، بىللە قوپۇپ ، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى ئاللاھقا ئەڭ يېقىن تۇرۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەربىر تەكبىر ئېيتىلىپ ، ئىمامنىڭ مۇڭلۇق قىرائەتلىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزەتتى. ئادەمنى تەبىئىيلا گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلدۇراتتى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدۇر ، دەيتىم.

نامازدىن چىقىپ ئۆزۈمنى شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم. ھازىرقى كەيپىياتىم ئېيتقۇسىز دەرجىدە خۇشال ، كۆتۈرەڭگۇ ، روھلۇق. مەنلا ئەمەس مەسچىتتىن چىقىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقتەك قىلاتتى. كاللام شۇنداق ئوچۇق، قىزغا ئىچىمدە رەھمەتلەرنى ، ئاللاھنىڭ ئۇنى ماڭا ئۇچىراشتۇرغانلىرىغا تەشەككۈرلەرنى ئېيتىۋاتاتتىم. ھازىر ئۇنىڭ سوۋغىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ گۈللۈك تەرەپكە كەلدىم. ئۇ كىلىپ بولغان ئىدى. ئۇ ھېلىقى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىنى ساقلاۋاتاتتى. داۋاملىق مەن ئۇنى ساقلىغاچقىمىكىن ، ھازىر ئۇنىڭ مىنى ساقلاۋاتقانلىرىدىن خۇشال بۇلىۋاتاتتىم. ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىساپلايتىم. يولدىن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۆتۈپ ، گۈللۈككە كەلدىم.
  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم . سىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن. مەندىن بالدۇر كىلىپ بۇلۇپسىز.
  _ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام . مەنمۇ ھازىر كىلىپ تۇرشۇم. نامىزىمنى ئۆتۈپ بۇلۇپلا كەلدىم. چىرايىڭىز نۇرلىنىپ كىتىپتغۇ، قاراڭ كەيپىياتىڭىزمۇ باشقىچە روھلۇق تۇرىدۇ. مانا بۇ ئىماننىڭ نۇرى. ئىماننىڭ كۈچى.

ئۇنىڭ گىپىدىن خىجىل بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم. راست ئىماننىڭ نۇرى پاشقىچە بۇلىدۇ. ئۇ قىزنىڭ چىرايىدىكى نۇرمۇ شۇ ئىماننىڭ نۇرىدۇ. ئۇ ماڭا قاراپ :
  _ سىزگە بىرىدىغان سوۋغام،_ دىدى ئۇ سۇلياۋ خالتىغا سېلىنغان بىر قانچە كىتاپنى سۇنۇپ . ئۇنىڭ كىتاپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىم سەل يېرىم بولۇۋاتاتتى. ئۇنى باشقا نەرسە سوۋغا قىلىدىغۇ ، ئۇ كەتسە ، ماڭا خاتىرە بۇلۇپ قالسۇن، دەپ پورتمال ياكى باشقا خاتىرە بۇيۇملىرى سوۋغا قىلدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ چىرايمدىكى ئىپادىنى كۆرۈپ ئارقىدىنلا:
  _ نىمە خۇش بولمايۋاتامسىز؟ بۇلار مەن ئەڭ سۆيۈپ قەدىرلاپ ئوقۇيدىغان كىتاپلار. بۇنى ئاسىراپ ، ياخشى ساقلاڭ. بۇ كىتاپ سىزگە ھەقىقى توغىرا يول كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مۇشۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن يول بۇيچە مېڭىڭ. مەندىن ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كىتاپ ئىچىدە بار. بۇنى ئوقۇسىڭىز ئوقۇغىڭز كىلىدىغان كىتاپ . بۇ بىز مۇسۇنلارغا توغىرا يول كۆرسىتىپ بىرىدىغان قانۇنىمىز. بۇ كىتاپلار ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلىرىمزىدە يوق، بولسىمۇ زىننەت بۇيىمى ئورنىدا تىزىپ قويلىۋاتىدۇ . ئۇنى قولىغا ئېلىپ ، ۋاراقلاپ باقمايدۇ. سىز ئۇنداق قىلماڭ. بۇنى چۇقۇم ئوقۇڭ. مەن مۇسۇلمان دىگەنلەر بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئوقۇشى كىرەك.

خالتىدىن كىتاپلارنى ئېلىپ قاردىم. خالتا ئىچىدە قۇرئان كەرىم ، ۋە بىر قانچە ھەدىس كىتاپلار بار ئىدى. ئەمدى كۆڭلىم باشقىچىلا يورۇپ كەتتى. بىسسىمىللاھى رەھمانى رەھىم ، دىدىم-دە، قۇرئان كەرىمنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ كىتاپ ناھايتى كۆپ ۋاراقلىنىپ ئوقۇلغاندەك قىلاتتى. لىكىن كىتاپ بەنىلا شۇنداق يېڭى ، پاكىزئىدى.

ئۇنىڭدىن شۇنداق قىممەتلىك سوۋغا ئالدىم . لىكىن ئۇنىڭغا نىمە بەرسەم بۇلار؟
  _ سىزگە رەھمەت. ماڭا بۇنداق قىممەتلىك سوۋغا بىرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىمەن. مىنىڭ سىزگە بىرىدىغان بۇنداق ئىسىل سوۋغاممۇ يوق.
  _ ماڭا سىزنىڭ ئەڭ ئىسىل سوۋغىڭىز. ئاللاھ خالىسا ، قولىڭىزدىكى كىتاپلارنىڭ ئاسىراپ ، ئوقۇپ ، ئۆگىنىش . ماڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق سوۋغا كىرەك ئەمەس.

ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇ كۈلۈمسىرسە مەڭزىگە قىزللىق يۈگۈرۈپ ، خۇددى قىزىل گۈلگىلا ئوخشاپ قالاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن، سىز بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئوقۇيسىز، دەيدىغان ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.
  _ رەھمەت سىزگە. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. كەچۈرۈڭ . باشقىچە ئويلاپ قالماڭ. سىز ماڭا بىرەر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز، سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغۇم بار. تۇرمۇشتا يۇلۇققان ، ئىشلىرىمغا سىزدىن مەسلىھەت ئالغۇم ، سىز بىلەن ھال-مۇڭ بولغۇم بار. سىزدەك بىر ئاچام بولغان بولسا ، نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى. ئۇكىڭىزغا ھەۋەس قىلىۋاتىمەن،_ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قېيمايۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ھازىر خوشلىشىپ كەتسەم ئۇنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈلمەيدىغاندەك تۇيلاتتى.
  _كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ئاللاھنى دوست تۇتۇڭ. ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىڭ. ئاللاھ بىلەن ھال مۇڭ بولۇڭ. ئۇ بەندىللىرىنىڭ ھالىغا يەتكۈچىدۇر. مەن تىلغۇن دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن. مىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمام بار، شۇنىڭ ئادىرسىنى دەپ بىرەي، خەت قالدۇرسىڭىز، ئاللاھ خالىسا چۇقۇم جاۋاپ قايتۇرمەن. ئۇكام ، گەرچە مەن يىراق يەردە بولساممۇ، لىكىن ئاللاھ بىزنى يېقىن قىلغاي. ۋەتەنگە ، يۈرتىمغا چۇقۇم قايتىپ كىلىمەن.


ئۇنىڭ بىلەن كۆزۈم قېيمىغان ھالدا خوشلاشتىم. ئۇ كەتتى. ئۇ ئەمدى كىلەمدۇ ، كەلمەمدۇ ئۇنى بىلمەيمەن. ئۇ يىراق يەرگە كەتتى. ئۇنى يەنە قاچان كۆرەلەيمەن ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . بەلكى ئەمدى كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن. ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن، پەرىشتە سۇپەت بۇ قىزغا ئاللاھتىن ئامان – ئسەنلىك ، بەخىت – سائادەت تىلەۋاتىمەن. كۆڭلۈم شۇنداق غەش ھالدا ئۆيگە قايتتىم. ئۆيگە كىلىپ تاھارەت ئېلىپ ، قولۇمغا ئۇ قىز بەرگەن قۇرئان كەرىمنى ئالدىم_دە، ۋاراقلاشقا باشلىدىم.


    بەش ئايدىن كىيىن.

جىمجىت شەھەر كىچىسى. 15 كۈنلۈك تۇلۇن ئاي ھوجىرا ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن ، ئۇياتچان قىزلاردەك ماراپ تۇراتتى. كوچا چىراقلىرى ۋە ئاپئاق ئايدىڭ كىچىنى خۇددى كۈندۈزدەكلا يۇرتىۋەتكەن ئىدى. كوچىلاردا كەچلىك كىرا قىلىش ئۈچۈن چىققان تاكسىلارنىڭ ، غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرغان ئاۋازى ئاندا - ساندا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەچلىك ھاۋا يىيىش ئۈچۈن چىققان شەھەر ئاھاللىرىنىڭ بەزىللىرى ئويۇن – تامششىسىنى تۈگىتىپ ئەمدى قايتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كوچىدىكى كۈلكە چاقچاقلىرى، بالىلىرنىڭ كوچىنى بېشىغا كىيىپ چۇرقىۋاشلىرى، كەچلىك ئولتۇرۇشلاردا ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ تەڭشىلىپ، خۇدىنى يۇقاتقان مەسلەرنىڭ ، خۇددى ئىشەك ھاڭرىغاندەك چىقىۋاتقان ناخشا ئاۋازلىرى شەھەرنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزاتتى. كومپىيوتىرىمدىن چىققان نۇر ، كوچا چىراقلىرى ۋە گۈزەل ئاي يۇرىقى بىلەن ھوجىرا ئۆيۈمدە چىراق ياقمىساممۇ ، يۇپيۇرۇپ تۇراتتى. كەچلىك كورۇستىن قايتىپ كىلىپ ، خۇپتەن نامىزىمنى ئۆتۈۋېلىپ ،كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرمەن. قولۇم كونۇپكا تاختىللىرى ئۈستىدە ئىختىيارسىز ، قىزنىڭ پوچتا يوللانما ساندۇقىنىڭ ئادىرسىنى باستى.

ئۇ كەتكىنىگە 5 ئايدىن ئېشىپتۇ. ئۇنى شۇنداق سېغىنىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا ئۇ كەتكەندىن كىيىنكى تۇنجى خىتىمنى يېزىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇنىڭ ئاشۇ گۈزەل ، مۇلايىم ، سىماسى كۆز ئالىمدىلا ئەكىس ئەتمەكتە. بارماقلىرىم كۇنۇپكا تاختىللىرى ئۈستىدە ، ئەركىن ھەركەت قىلماقتا.


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاچا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىزگە خەت يازالمىدىم . مەندىن رەنجىدىڭىزمۇ؟ ئۇگۈنۈش ئىشلىرىم بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم. بۇ دۇنيادا ئىلىم ئېلىشتنمۇ ، ئۈگۈنۈشتىنمۇ خۇشاللىق يوق ئىكەن. ھەم بىلىم ئېلىشنىڭ ياشاشتا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. بىلەمسىز ئاچا، ھازىر مەنمۇ ھېلىقى كىتاپخانىغا ئەزا بۇلۇپ ، ئۇ يەردىن كىتاپ ئارىيە ئېلىپ ئوقۇۋاتىمەن. ھازىر كىتاپ ئوقۇشقا شۇنداق قىزىقىپ قالدىم. بىر كىتاپنى ئوقۇپ قالسام ئىچىدىن چىقالماي قالىمەن.مىنى مۇھەببەت رۇمانلىرى كۆرۈۋاتامدىغاندۇ دىمەڭ. سىزگە ئوخشاش، مەنمۇ تارىخى، ئىسلامى كىتاپلارنى كۆرۈۋاتىمەن. ئۆزىمىزنىڭ تارىخىغا دائىر كىتاپلارنى ئوقۇۋاتىمەن. تارىخقا شۇنداق قىزىقىپ قالدىم. ئەينى چاغدا سىزنىڭ كىتاپنىڭ ئىچىگە نىمانچە كىرىپ كىتىدىغاندۇ، ئۇ كىتاپنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ؟ بۇ قىزنى شۇنچە مەھلىيا قىلغۇدەك ، دەيتىم. ئەمدى چۈشەندىم. ھازىر مەنمۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتسەم ، چىققۇم كەلمەيدۇ. ھەتتا بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە كۆرىمەن. مەن سىز ماڭا مېڭىشتىن ئاۋۋال بەرگەن كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولدۇم. ئۇ كىتاپلارنىڭ بەزىللىرى ھەتتا خېلى- خېلى كىتاپخانىلاردىمۇ يوق ئىكەن. ئۇ كىتاپنى ھازىغىچە قايتا- قايتا كۆرىمەن. كۆرگەنسىرى كۆرگۈم ، ھەربىر سۆز-جۈمىلىلەرنى يۈرگۈمگە پىچاقتا ئويۇپ قويغۇم كىلىدۇ. ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك گۇناھلارنى قىلغىنىمنى بىلپ يىتىپ ، ئۆزۈمنىڭ دۇزاخ ئەھلى بۇلۇپ كىتىشتىن قورقىمەن. ھەر بىر ۋاخ نامىزىمدا گۇناھلىرىمغا مەخپىرەت تىلەيمەن. سىزنىڭ ئاللاھ بەندىللىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ ناھايتى مىھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر دىگىنىڭز ھازىرغىچە ئىسىمدە.مەنمۇ ھازىر بەش ۋاخ نامازنى باشلىۋالدىم. ھەر قارنچە ئالدىراش ئىشىم بولسىمۇ، جۈمە نامىزىنى تاشلىۋەتمەيمەن. مەن ئەتىراپىمدىكى دوستلىرىمغا تەسىر قىلىپ ، ئۇلارمۇ ھازىر يامان يولدىن قول ئۈزدى. يېقىن بىر ئاغىنەم بار ئىدى. ئىسمى مۇراد . ئۇنى تىللاپ يۈرۈپ  ئۇنىمۇ ئۆزگەرتتىم. ئۇ ھازىر دادىسىغا ياردەملىشىپ سودا قىلىۋاتىدۇ. ھەمىمىز ئەتىراپىمىزدىكى ئۆزىمىز تۇنۇيدىغانلىكى قىزلارنى يامان يولدىن قايتۇرۋاتىمز. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى ھەقىقى ئەركەكتەك ھىس قىلىمەن. ئۇ قىزلارنى قوغدىيالىغىنىمدىن مەمنۇن بولىمەن. دوستلىرىم مىنى كىچىك قارى دەپ قويشىدۇ. ھى ھى ھى...... بۇنداق چاغلاردا سىزگە ئوخشاش ئۇستازىم يادىمغا يىتىدۇ. ئاچا ، بىر قىسىم كىشىلەرگە قارسام ، بىز يەنىلا نادانلىقتىن ، قالاقلىقتىن قۇتۇلالماپتۇق. بىزدە ئىتىپاقلىق كەم ئىكەن. بىر – بىرىمىگە ئورا كولاپ، بىر- بىرىمىزنى ئۆزىمىز سۆكۈپ، ئۆز ئابىرويىمىزنى ئۆزىمىز چۈشۈردىكەنمىز.ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك، ئۇلارنى توسۇش يوق، ئاتالمىش ۋىجدانلىق، غورورلۇق بۇلۇپ ،  تور دۇنياسىدا پۈتۈن دۇنياغا سازايى قىلىۋىتىدىكەنمىز. ئۇ چاغدا باشقا مىللەت ئالدىدا ، بۇ بىر قانچە ئادەم ، بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىپ قېلىپ ، بىزگە بولغا خاتا چۈشەنچە ھاسىل بۇلۇپ قالىدىكەن. ئاشۇ ئېزىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئۆزلىرىمىزنىڭ ئاچا- سىڭللىرى، ئاكا – ئىنىللىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىمىساق كىرەك. ھازىر ئويلايدىغان ئىشلىرىم بەك كۆپ، مىللىتىمنى قالاقلىقتىن قۇتقۇزسام دەيمەن. گەرچە مەن بىر ئادەمنىڭ قولدىن كەلمىسىمۇ، مەندەك بىر ئەركەك ئىمان بىرلىكى ئاستىدا ئورنىمىزدىن دەس تۇرساق، قانچىلىغان ئەركەكنىڭ دەس تۇرالايدىغانلىنى ئويلاپمۇ يىتەلمەيسىز. بۇ چاغدا سىز دىگەندەك كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەشنىڭ نىمە ھاجىتى. ئۆزىمىزنىڭ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ، تارىختىكى قانچىلىغان باتۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى ئويلايمەن. سىزگە رەھمەت. ماڭا مۇشۇنچىۋالا نەرسىلەرنى تۇنۇشقا ياردەم بەرگىنىڭزگە رەھمەت. بىلەمسىز، ھازىر دادام ، ئاپاملار مەندىن ناھايتى خۇشال . دادام ھازىر مەندىن تەپ تارتىدىغان ، ئۆيگە ھاراق ئىچىپ كىرمەيدىغان بولدى ، ھەتتا ئۆيدە ساقلاۋاتقان ھاراقلىرىنى يوقاتتى. سىزنىڭ ماڭا قىلغان ھەر بىر ئېغىز گەپلىرىڭز ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. ھە راست ئاچا، مەنمۇ يەنە ئىككى ئايدىن كىيىن چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان بۇلىۋاتىمەن. تارىخ ئۈگەنگۈم بار. بىراق ، تۈركىيگە ئەمەس. بۇنىڭدىن كۆڭلىم بەك يېرىم. لكىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىككىمىزنى ، يەنە قايتا ئۇچىراشتۇرىدغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى. بىراق كومپىيوتىر ئالدىغا كىلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئاللاھ خالىسا ، سىزگە يەنە خەت يازىمەن. بۇ خېتىمنى چۇقۇم كۆۈشىڭىزنى ۋە جاۋاپ خەت يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاللاھقا ئامانەت. ئاللاھ سىزگە بەخىت ، سالامەتلىك ئاتا قىلغاي. ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي(ئامىن)



خاتىمە



بىر كۈننى ئۇزتىپ بۇ دۇنيانىڭ غەۋغالىرىدىن بىر قەدەم يىراقلاشقىنىمغا خۇش بولدۇم. ناھايتى ئەپسۇسكى ، ئەسلى مەن ئۆلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلاشقان ئىكەنمەن. كىتاپخانىغا كىتىۋاتىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن ھەر بىر مىنوت ناھايتى قىممەتلىك . كوچىدىكى ئالدىراش كىتىۋاتقانلارمۇ بەلكىم ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش كىتىۋاتقاندۇ. كاللامدا بىر سادا ياڭىرىماقتا.

ئوغلۇم! _ دىدى بوۋاي بېشىمنى سىلاپ ،_ سەن كىمگە ئاشىق؟...<< قىزغا >>_ دىدىم . ئۇ يەنە <<سەن كىمگە ئاشىق ؟>> دىدى. <<قىزغا>> دىدىم . ئۇ يەنە <<سەن كىمگە ئاشىق؟>>دىدى. <<قىزغا >> دىدىم . ئۇ <<ياق!>> دىدى. مەن يىغلىدىم ، پەرياد چەكتىم. مەن زارلاندىم.....
<<قۇلاق سال ئوغلۇم!>>_ دىدى بوۋاي قولۇمنى تۇتۇپ ، باش كۆزۈمنى سىلاپ تۇرۇپ<<قىز!>> دەپ ئاتىما. ئۇنىڭ ئېتى پاك، ئۇنىڭ مەنبەسى پاك . ئۇنىڭ بارلىقى باك. ئۇنىڭ يارالمىسى پاك . ئۇنىڭ تۈرلىشى پاك. ئۇ قىز ئەمەس. پاكلىقنىڭ ماددىلىشىشى ، پاكلىقنىڭ ئادەملىشىشى، پاكلىقنىڭ ھاياتلىشىشى!...
قىز بۇلۇپ تۇغۇلماق تەبىئەتتىن ، قىز بۇلۇپ يىتىلمەك تەربىيەدىن ، جەمىيەتتىن....قىزنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش ، جەمىيەتتىكى ھەر بىر ۋىجدانلىق ، ئىمانلىق ئەركەكلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى.
ئەي قىز قۇلاق سال، پاكلىق سىنى سەن خالىغاندىنمۇ گۈزەلىرەك بولغان ئالتۇن ئۇپۇققا، بەخىت ۋارىسىغا ، ھۆرمەت چوقىسىغا ئېلىپ بارىدۇ....دىلىڭدىكى ئىمان سىنى شۇ پاكلىققا تۇتاشتۇردىغان ئالتۇن كۆۋرۈكتۇر!
ئەي يىگىت قۇلاق سال، قاچان ئەجداد ھەم ئەۋلاد ئالدىدا يۈزىمىز يۇرۇق بولىدىكەن . بىز ئىزدىگەن جەننەت ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىمىزغا كلىپ تىز پۈكىدۇ. كۆزۈڭنى يوغان ئاچ. سەن ئىزدىگەن جەننەت مۇشۇ تۇپرقىڭدا، سىنىڭ ئىمان ، غوروررىڭدا، سىنىڭ ۋىجدانىڭدا، سىنىڭ كۈچلۇك بىلىكىڭدە. سەن قەددىڭنى رۇسلاپ ، بېشىڭنى كۆتۈرسەڭلا ، ئۇنى تېپىۋالالايسەن. كاللاڭنى سىلكىۋەت، كۆزۈڭنى ئاچ! تۇر ئورنىڭدىن!!







تامام.

مەنبە: بىلىقچى قەلەملىرى






مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرمەن.

ئەسكەرتىش: ئەسەرنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەڭ!

ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gomnam + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
بەرگى + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
biparwa0997 + 300 كىچىكىپ كۆرگىنىمدىن خ.
yadikar003 + 10
uyghur@boy + 1 ياخشىكەن شۇ
gunahmu + 500
intizar0908 + 1 ئىسىل ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇغانلىغىمدىن ت
mesken0998 + 100 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم.
alzaman + 500 ئىلھامنى مەن سىزدىن ئالغان راست
مۇرات + 1000 تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم  قې

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2112  مۇنبەر پۇلى + 450   باھا خاتىرىسى

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15149
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 04:47:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەشنامسىز تەربىيە ، ھەرپلەشكەن ئەقلىيە ،رەقىبى يوق مۇنازىرە ، تالاش - تارتىشسىز يەكۈن !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1245
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 59070
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2965 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 06:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەر چىقىپتۇ...
سىز  مۇشۇ مۇنبەردىكى بىرسىغۇ دەيمەن...ھەجەپ ئېسىمگە ئالالمىدىم ئسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىپسىز شۇڭا  ئېسمگە ئالالمىدىم كەچۇرسىز....
ئەسرىڭىزگە مۇنۇ بىر كۈبلىتمنى سوۋغا قىلاي

                          چىن پۇتىمەن ۋىجدان سورقى ھەق  
                         راسىت تومۇرۇمدىكى ئېسسىق قان،
                          يارالمىشىم يازدى تومۇرۇمغا ھەم:
                          سەن ئىنسان ئەسلى بىر پاك جان،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29576
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 07:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپكەن  ئۇقۇپ بۇلۇپ ئىنكاس يازاي

自由こ自在

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23095
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 07:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇغانلىغىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن !
سىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن !!

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29869
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 07:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىق جانىمنىڭ يەنە بىر يىڭى ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!!!
ئاداش بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ماڭا نىسى قالدى، چوقۇم ئوقۇيمەن.سېنىڭ ھەر بىر ئەسەرلىرىڭ مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەردۇر. ساڭا ياخشى نەتىجە تىلەيمەن. دېيىشكىنىمىزدەك مۇكاپات ئالساڭ مېھمان قىل جىمۇ سەت ئاتۇشلۇق [s:182]  [s:182]

ساڭا مەڭگۈ بەخىت  تىلەيمەن ئادىشىم!!!  [s:141]  [s:141]

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 07:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسىرىڭىز .........

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17654
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9605 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 09:46:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى بىز ئەڭ قىلشىقا تېگىشلىك،بىراق قىلالمايۋاتقان،بىز ئەڭ ئويلىنشقا تېگىشلىك،بىراق ئويلاشقا ۋاقىت چىقرالمايۋاتقان.ئەڭ مۇھىم بولغان ئادىمىيىلىك،ئىمان،ئېتىقاد نۇقتىسدىن چىقىرپ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپسىز،قەلىمىڭىزگە رەھمەت.بىر قانچە خەتلەردە ئىملا خاتالىقى باركەن،تۈزىتىپ قۇيۇڭ.يەنە بىر قېتىم رەھمەت،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئننە لىللەھى ۋەئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4753
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 01:24:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر ئەسەر!
ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن مەركىزىي ئىدىيە تولىمۇ چوڭقۇر،تەربىيىۋىي ئەھمىيەتلىك ،مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ. قۇرئان كەلىمىلىرىدىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلىنىپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
ئاللاھ ھامان تەۋبە قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.جەمىئىيتىمىزدىكى يامان يولغا كىرىپ قالغان ياشلارنىڭ بالدۇرراق ھىدايەت تېپىشىنى تىلەيمەن.

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

سۇرەييە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14337
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8076
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2529 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 01:54:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۇلۇغ  اللا ھەممەيلەنگە  ىنساپ  بەرسۇن ...................... [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش