ئادەتتىكى ئەزا
كۆز ئېچىپ باقسام جاھانغا ،كىشىلەر كۈلگەن خوشال ، ئىلمۇ – ئىرپان ئەھلىنى بىلگەچ ئۇلار ساھىبجامال . تاغ، دېڭىز ۋە كۆك يۈزىدە يۈرۈشۈپتۇ بىمالال . ھۆر ھايات يوللىرىنى تاپماق ئۈچۈن قويغاچ سوئال . شۇ سەۋەب سەزمەيدىكەن ھەتتاكى تاغ يۆتكەشنى تەس ، قىلنى ھەم قىرىق قىلىپ يارمىقىمۇ ھېچ گەپ ئەمەس . شۇندىمۇ مەغرۇرلىنىپ :«بىزلەر ھۈنەر شاھى » دېمەس ، يەنىلا زەۋقى بىلەن پەن ئۆگىنەر باغلاپ ھەۋەس . بىز لېكىن كۈتكىچىدەك ھەر جايدا مېھمان ئۇزىتىپ ، ھەم سەپەر كارۋانىمىز كەتتى ئۇزاپ ، چاڭ توزۇتۇپ . شۇنىسى قالدۇق بىراق ،چاڭ ئىچىدە ئاھلار ئۇرۇپ ، بىماجالدۇرمىز بۈگۈن ماڭماق ئۈچۈن يول خورىتىپ . بىزدىمۇ بولغان ئىدى ئالەمگە پۇر سوتۇق خاقان ، ياۋ ھۇجۇم قىلسا ۋەتەنگە بېشىنى دەسسەيدىغان . ھۆرپىيىپ كەلسە ئەگەر ئەلگە بېسىپ ۋەھشىي قاۋان ، كۆكسىگە خەنجەر ئۇرۇپ ، جانىن ئالاتتى ئۇ شۇ ئان ! ئۆزگىلەر يېزىق سايان دادىل قەدەم ئالغان ھامان ، مەتبەئە ،قەغەز ئىجادتا ئۇيغۇرۇم بولغان ئايان . غەيرىتى ،شىجائىتى بولغاچ مىسال ئارسلانسىمان ، ئەل ئۇنى ھۆرمەت بىلەن دەرلەر ئىدى «ساھىبقىران! » خاس يۈسۈپ ھاجىپنى يول باشچى دېدۇق كۆپتىن بويان ، قەشقەرى مەھمۇدنى ھەم رولچى بىلىپ ئاشتۇق داۋان ! پەخرىمىز ئىزىن بېسىپ مەيدانغا بىز كىرگەن زامان ، ياغدۇرۇپ ئالقىش – چاۋاكلار ئاپىرىن ئېيتتى جاھان! كۈي ئۈچۈن قىلغان ئىجاد تەمبۇر ، فارابى قالۇنى ، بارچە جانغا ئاڭلىتىپ ئۇيغۇر دېگەننىڭ ئۈنىنى ، شۇڭا خانىش ئاتىغانتتى ئاڭا ئىشقى – مەيلىنى ، باش باھارنىڭ بۇلبۇلىدەك ئۆتكۈزۈپ تاڭ تۈنىنى ! شايى- ئەتلەس ، زىلچىسىدىن قىزغىنىپ ھىندۇ ، ئەجەم ، مەغرىبى –مەشرىق تامان كارۋانلىرى قويغان قەدەم . ئۈزۈلۈپ قالماي ئۇنىڭ نامى تارالغاچقا داۋام ، بارچە ئىنسان نەزەرىدە سانىلىپتۇ مۆھتەرەم ! ئۈنگىنىدە شۇم نېجىسلار__ سوپى- ئىشان پىرلىرى ، زارلىنىپ قالدى ئىلىمنىڭ خۇش ناۋا بۇلبۇللىرى . باغنى ئالغاچ «قاق! » ئېتىپ ،جەبرى زۇلۇم قۇزغۇنلىرى ، چەيلىنىپ دەپسەندە بولدى باغ – ئېرەمنىڭ گۈللىرى ! ھىم تاقاپ ئالدۇق ئىشىك ،قالدۇق ئىلىمدىن بىخەۋەر . ھالىمىز بولدى شۇڭا ھەتتاكى قۇلدىنمۇ بەتەر ! ياشىماق بولدى قېيىن ، يەتكەچكە ھەر يەردىن خەتەر ! ھەم ئاسارەت خورلىقىدىن ئاھىمىز كۆككە يېتەر ! بوۋىمىز قان- تەرىنى تەكىي قىلىپ ،پەخىرلىنىپ ، ئۇخلىدۇق كۆپتىن بويان ، غەپلەت بىلەن تەخىرلىنىپ ! يۈزلىنىپ تەقدىرىمىز كۈنلەر ئۆتۈپ پەقىرلىنىپ ! يەتكۈچە تارتتۇق ئەلەم يەر يۈزىدە ھەقىرلىنىپ ! ئۆزگىلەر ئۇچقاندا كۆكتە ئەقلىمىز يەتمەي قېلىپ ، كەينىدىن باقتۇق ئۇزاق ،ھەم دوپپىنى يەردىن ئېلىپ ! ئۆچ –ئاداۋەت ، ماختىنىشنى ئۆز-ئارا شۆھرەت بىلىپ ! ئاخىرى تاپماي ھايان، قالدۇق يەنە بىز زارلىنىپ ! شۇ يوسۇن بىرلە ئۆتۈپ كەتتى ئەسىرلەر قانچىسى ، خەلقىمىزنىڭ بېشىدا ئويناپ زۇلۇمنىڭ قامچىسى ! باغلىدى پۇت –قولنى چىڭ قۇللۇق كىشەن ئاغامچىسى ! يۈز تېپىپ دەۋران ئارا ،يالغانچى ۋە ئالدامچىسى ! ئويغىنىپ قوزغالدى خەلق، پۈتكەچ بۈگۈن سەبرى قارار !
سەپ تۈزۈپ بولدى ئىناق ئۇيغۇر ،قازاق ،ئۆزبېك ،تاتار...! ھەممىگە ئارمان ئىدى كارۋان ئارا يۈرمەك قاتار ، بۇ ئۇلۇغ ئارمان ئۈچۈن چىقتى ساناقسىز ئىزباسار !! خۇش كۈلۈپ نۇرلۇق قۇياش كەزدى ۋەتەن ئاسمانىدا ! بەختىيار كۈنلەرگە جان ئەجدادىمىز قىلغاچ پېدا ! كۈلدى خەلقىم دىلىدىن زوق –شوخ بىلەن ئەيلەپ ناۋا ، باش كۆتەرگەچ بىزمۇ ئەمدى بارچە ئىنسان ئالدىدا !! بۇ ۋەتەن بوستانىدا كۈلدى بۈگۈن بەختىم مېنىڭ ! ھۆر زامان ھىممىتىگە بارۇ –يوقۇم تەقدىم مېنىڭ ! مەرىپەت بوستانىدا گۈل ئۆستۈرۈش __ كەسپىم مېنىڭ ! ئىز باسار_ئەۋلاد ئۈچۈن ئەتمەك ئىجاد ئەھدىم مېنىڭ !!
پاش قىلىش
مىزا بەگ
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ