|
|
|
|
مەن كۈلۈۋاتىمەن تازا قاقاھلاپ...
نېمىگە كۈلدۈم؟
دوستلىرىمنىڭ سادىقلىقىغا كۈلىۋاتىمەن...
شەرەپ قۇچتۇم،مېنى تەبرىكلەڭلار.
دوستلىرىم ئۆچىرەت بولۇپ ماڭا تەبرىك ئېيتىشى كېرەك ئىدىغۇ،قېنى ئۇلار؟!
تېلىفونۇم سايرىدى:
-ئاداش،سېنى تەبرىكلەپ قاتتىق بىر ئولتۇرايلى دېگەن،قانداق دەيسەن؟
-ۋاي،بۇنچىلىك كايىپ نېمە قىلاتتىڭلار؟سىلەرنى ئاۋارە قىلماي بولدى.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ دوست جۇمۇ بىز! كايىپ دېگەن گەپنى قويە!
-ئەمىسە رەھمەت سىلەرگە!
-ئەتە كەچ بولدى ئەمىسە!
-ماقۇل.
كۆڭلۈم سۆيۈندى.دوست دېگەن ھە...
ئەتىسى كەچ.
رېستۇران.
گۈلدەك ياسانغان قىزلار،پارقىراپ تۇرغان يىگىتلەر.
كۆزۈم ئۇلارنى ئىزدىدى.ئۇلار يوق ئىدى.
مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم،يۇرتداشلىرىم ئەمەسمىدى؟ مانا كۆرۈپ قويدۇم ئۇلارنى...تۈزۈكرەك سالام قىلىشمايدىغان قىزلار جېنىدا بۇ يەرگە مېنى تەبرىكلەپ كەپتۇ-يۇ ، ئۇلارنىڭ سايىسىمۇ يوققۇ؟!
بوپتۇلا،ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىغان چېغى!
سورۇن باشلاندى،مېنىڭ ئىسمىمنى چىقىرىپ تەبرىك سۆزى چالا-بۇلا قىلىنغاندىن سىرت گەپ بولۇنمىدى.
قىزلار ،ئوغۇللار ئۆزىنىڭ ئويۇنى بىلەن ئالدىراش،بۇ سورۇننىڭ خاراكتىرى نېمە بوپ كەتتى ئەمدى؟
مېنى تەبرىكلەشما؟ مېنىڭ باھانامدا يىغىلىپ ئوينىۋېلىشمۇ؟ ئارتۇق ئويلىماي،خەقنىڭ ياخشى كۆڭلى-بۇ!
ئويۇن-تاماشا ئەۋجىگە چىقتى.بىزدەك شادىمان كىشى بارمۇ-ھەي؟
ياشلىقنىڭ تاتلىق دەملىرى...
ھاراققا زورلىغانلارنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرمىدىم.ئىچەيلى،دوستلارنىڭ كۆڭلى يەردە قالمىسۇن.
تېلىفونۇم يەنە سايرىدى،قارىسام ئاۋۇ بىر تۈركۈم ۋاپاسىز دوستلىرىمنىڭ بىرىكەن.
-مەن رېستۇراندا ،دوستلىرىم مەن ئۈچۈن يىغىلىش قىپتىكەن،ئالدىراش ھازىر!-تېلىفوننى ئېلىپلا شۇنداق دېدىم ۋە ئۇنىڭ گەپ قىلىشنى كۈتمەيلا قويۇۋەتتىم.
كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.
ھېلىقى ۋاپاسىز دوستلىرىمنى كۆردۈم.
-سەن ئۈچۈن قىزلار ئۆز قولى بىلەن تاماق قىلىپتىكەن،مەنمۇ ئازراق تەييارلىق قىلغان.لېكىن سەن رېستۇرانغا كېتىۋاپسەن.ئاداش، شۇڭا سېنى تەبرىكلىيەلمەي قالدۇق،بىزنى كەچۈر!
-مەن قانداق قىلىپ بۇ يەردە بولۇپ قالدىم؟
-سېنى ئالغىلى رېستۇرانغا بارغانىدىم،رېستۇران ئالدىدا بىر ماشىنا ئادەم سوقىۋېتىپتۇ،بېرىپ قارىسام سەنكەنسەن.كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ،تېزلا ساقىيىپ كېتىسەن.بىز ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمىز!
-ئاخشام مەن بىلەن بىرگە بارغانلار قېنى؟
-ئاخشام ئۇلارغا تېلىفون قىلسام،سەن يالغۇز ئاپىرىۋېرەرسەن دېدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى كۆرمىدىم.
-سىزگە بىر گەپ قىلاي،خاپا بولماڭ،ئۇنداق ئويۇن-تاماشا سورۇنىغا بېرىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟
بىلدىم،ئەمدى بارمايمەن...ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.
مانا دوست دېگەن،قېنى سورۇندىكى دوستلار؟
سورۇندىكى دوستلۇق-سورۇلۇپ كېتىدىغان دوستلۇق! 2011-5-22 م.م پارلاق
|
|
|
|
|
|