مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 18

باشقىچە رەڭلەر(دېڭىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 12:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقىچە رەڭلەر




ئاياللار قار پۇرايدۇ

مېنىڭ رەتسىز خىياللىرىم

ئۇزۇن چاچلاردەڭ

قارا كىچىلەردەك

چىگىلىشىپ

ئاستا-ئاستا يېشىلىدۇ...





تېلىفون

ئېلاستىكىلىق كىشىلەر

بىر قىتىملىق قاندۇرۇلمىغان

خام خىيال

ئىلى موخۇركىسى پۇرايدىغان

شاپ بۇرۇتلۇق

قىزغۇچ يۈزلۈك بىر توپ ئادەم

مېنى ئەيمىندۈرىدۇ

تاشتەك

ئەخلاقتەك

گۇناھتەك

دىندەك





مەن سالدۇرۇلغان كىيىملەرنىڭ سىرتىدا

ئۆلۈمنىڭ بارمىقىدىكى

ئەتىيازنىڭ

مىسىكىن رەڭلىرىنى پۇرىدىم



كېچە سائەت ئون بىر

مېنىڭ ئادەملەرگە يۈزلىنىدىغان شەكلىمنى

تۈننىڭ رەڭگىنى

ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقىنى بەرپات قىلىدۇ

مەن ئاچقۇچنىڭ

ياكى كوچىدىكى تاش شىرلارنىڭ

ماڭا ئېتىلىپ كىلىشىدىن

ئۆلگۈدەك قورقىمەن

چۈنكى مەن موشۇنداقلا بىر ئادەم

مېنىڭ رەڭگە تەلپۈنىشىمدە

مىۋىگە چۈشكەن قۇرىت، ئەسەبىيلىك،قان، ئاغرىق، ھەممىسى بار.


دېڭىز شېئىرلىرىدىن .مەنزىلى:http://balbal.blogbus.com/logs/116038377.html

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 12:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ مەن چۈشەنمىگەندەكلا قىلىمىنا [s:148]  [s:148]

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 12:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7993
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1426 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 12:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە شىئىردا  ھەرخىل رەڭ ئپىدالىرى ئارقىلىق  ئادەم ۋە تەبىئەتتىكى  ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلە  ئەكىس ئەتكەن
                          ئىلى موخۇركىسى پۇرايدىغان  

                                 شاپ بۇرۇتلۇق  

                         قىزغۇچ يۈزلۈك بىر توپ ئادەم  

                             مېنى ئەيمىندۈرىدۇ

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84602
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9974 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېنىڭ كۈلكەڭ
( ) غا  بېغىشلايمەن
دېڭىز


   1



كۆز ئالدىمدا شۇ ئاچچىق كۈلكەڭ،
كۈز پەسلىدەك سارغايغان،سۇلغان.
يىقىنلىشىپ كەلگەن سىنتەبىر،
قىلار مېنى بىچارە،ۋەيران....

شۇ ئورۇندۇق، ئاچچىق تەبەسسۇم،
چۈشلىرىمگە كىردى تالاي رەت.
قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاملارغا،
يېشىم بىلەن يازدىم بىر قۇر خەت.

ئاۋازىنى ئاڭلايمەن ھەردەم،
مۇھەببەتنىڭ،ئۆلۈمنىڭ،تۈننىڭ.
كۈتۈشلىرىم،ئارزۇ-ئۈمىدىم،
پايلىمايدۇ غېمىڭگە سېنىڭ.

كۆزلىرىڭنى خىيال قىلىمەن،  
ئۆلۈپ تۇرۇپ،كۈلۈپ تۇرۇپ ھەم.
تۇرار ئۇرغۇپ قەلبىمدە ئۈنسىز،
كۈز پەسلىدەك سۇلغۇن،ئاچچىق تەم.

يىراقتا سەن مېنىڭدىن شۇنچە،
تۇردۇڭ ھالسىز چېچىڭنى تاراپ.
كۈلدۈڭ بەلكىم يىغلىدىڭ ياكى
چۈشۈڭدىكى تۇرقۇمغا قاراپ.

خوشلىشىمەن ھەركەچ سەن بىلەن،
ساڭا چەكسىز بەختلەر تىلەپ.
سېغىنىمەن لېكىن كېچىدە،
كىملەردىندۇر كۈنلەپ،ئەيىپلەپ.

  2

يازدىم تالاي قايغۇ –ھەسرەتنى،
يازالمىدىم كۈلكەڭنى سېنىڭ.
سىڭىپ كەتتى ھاۋادەك ئۈنسىز،
تىترەپ تۇرغان قەلبىمگە مېنىڭ.

ھەرقۇر خەتتە،قاپققارا رەڭدە،
چايقىلىدۇ چېچىڭنىڭ ھېدى.
بەزى كۈتۈپ،بەزى تەلمۈرۈپ،
زىرىكتىڭمۇ ئەسلەشتىن مېنى؟

ئىككىمىزدك يالغۇزدۇر خوتەن،
سۆزلىرىڭدەك يىراق ھەم غۇۋا.
قۇرۇپ كەتتى كۆڭلۈمدە سۆزلەر،
بىرەلمەستىن سۆيگۈگە گۇۋاھ...

چاچلرىمنى سىلىغان قولۇڭ،
قاقشال بولدى ئېھتىمال بۈگۈن.
كېچە، ئۆلۈم،سۆيگۈ، ئەنئەنە،
قىلالمىدى بىزنى بىر پۈتۈن.

  3

ھەر سەھەردە پارلىغان قۇياش،
مېھرى بىلەن باغلىدى بىزنى.
ئارىمىزدا تالاي كەچمىشلەر
ئايرىلىشقا قىستايدۇ بىزنى.

كۈتتۈم ، يەنە كۈتەرمەن بەلكىم،
يۈرىكىڭدە ئۆڭۈپ كەتكىچە.
ياكى سېنىڭ مۇزدك كۈلكەڭدە،
كۈتۈپ،توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكۈچە.

مەن باھارنى،يازنى، يۈرەكنى،
سېنىڭ ئۈچۈن تۇرىمەن ساقلاپ.
قۇچاق ئېچىپ كىلەرسەن بىركۈن،
يا كىتەرسەن مەندىن يىراقلاپ.


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېڭىزنىڭ مەن ياقتۇرغان شېئىرلىرىدىن

دۈشەنبىنىڭ ۋەھىمىسى


مەن تىترەپ ئولتۇرۇپ ئورخان ۋەلىقانىقنى ئوقۇۋاتىمەن
مەن يۈرىكىمنىڭ كۆزلىرىڭدىكى پەرۋازىغا قاراۋاتىمەن
بىر بوتۇلكا سودا سۈيىگە ئوخشاش جىمجىتلىقتىن كىيىن
يەتتنچى قەۋەتتىكى ئۆيۈمنى يالغۇز قويۇپ
ئىشقا بېرىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
مەن بىركۈن قۇياشنى كۆرمىسەم دەيمەن
مەن بىركۈن ئىشقا بارمىسام دەيمەن  
مەن ئۆزۈمنى بىر كۈن ئۆلتۈرۋالسام دەيمەن.

ئىشىك يىپىلغان ۋاقىتتىكى مۇتلەق تەمكىنلىك
مېترونىڭ ئىشىكى قىسىۋالغان بىر قول  
توي قلىش ،ئىشقا بىرىش، شېئىر يىزىش
كوچا ئاپتۇبۇسىدىن قىسىتىلپ چۈشىۋاتقانلارنىڭ چىرايى
باش –ئاخىرى يوق كىچىلەر  
ئازابلىق كۈندۈزلەر
دۈشەنبىگە ئوخشاشلا مېنى قىستاپ كىلىۋاتقان سىقىلىش .

مېنىڭ ياشىغۇم يوق ئەمەس
مەن پەقەت  
مەن پەقەت شەيتانغا ئوخشاش بىرتوپ ئادەم بىلەن دۈشەنبىنى  
كۈتىۋالمىسام دەيمەن  
مەن مەڭگۈ يەكشەنبە بولۇشنى تىلەيمەن.

2006-يىلى بېيجىڭ

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر سائەتلىك تارىخ دەرىسى  


Ⅰ     



دەرىس باشلاندى  


دوسكىدەكلا سۈرلۈك، قاپقارا تۈستە  


مۇئەللىم قۇدۇقنىڭ ئېچىدە تۇرغاندەك غۇۋا سۆزلەيدۇ.  


ئاپىرىلنىڭ سىرتىدىن،  


ئىستاكاندىكى بېچارە سۇنىڭ يېشىدىن،  


يەكچەشمىدەك ئېگىز تاملاردىن،  


زۇكام تېگىپ قالغان كۆزلەردىن،  


قېلىچىنى ئۇنتۇپ قالغان سەركەردىلەرنىڭ بېشىدىن،  


بويسۇندۇرۇلغان قەبىلىلەرنىڭ قېنىدىن،  


نەچچە مىڭ يىللىق سىپىللاردىن،  


نەچچە مىڭ يىللىق جاسارەتتىن،  


نەچچە مىڭ يىللىق قوشۇلۇشتىن،  


نەچچە مىڭ يىللىق خورلۇقتىن كىيىنكى  


بىرقىتىملىق تەلەينىڭ  ھوزۇرىدىن.  



Ⅱ  

   


يېراق بىر تاش  


ئامبۇردا قىسىلېپ تۇرغان بىر جۈملە سۆز  


قۇرۇپ كەتكەن شاخلاردىكى  


تارىخقا ئوخشاش كۆكلىيەلمىگەن كۆز  


يىراق.... يىراق....  


قارا .....قارا....  


دوسكىلاردا، بىز ئوقۇۋاتقان كىتابلاردا.  



   





يېنىمدىكى قىز ئاللىبۇرۇن تەمكىنلىكىنى يوقاتتى

بېراق مېنىڭ ھېچ نەرسەمنى يوقاتقۇم يوق.  


24 تارىختىكى نەيزە-قىلچ، ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەر،  


سانسىز جەڭ،ۋە لەشكەرلەر  


ئۆزىنى يوقاتقان شامال  


ئەتىيازنىڭ كوچىلارغا ياتقۇزۇلغان مۇڭلۇق يۈزى  


ئاپتاپقا قارشى قىلىنغان گىرىم  


ئاللاكېملەرنىڭ ئەپيۇن تەملىك لىۋى  


ھارغىنلىققا قارشى ئىچىلگەن قايناق سۇنىڭ غۇۋا تەمى  


تاپشۇرۇق دەپتىرىمىزدىكى قاننىڭ ھېدى  


بىزنى بىرقىتىم ئايلىنىپ ئۆتتى.  



   



Ⅲ  

سىنىپ سېنىڭ كۆڭلۈڭدە ۋاڭ-چۇڭغا تولغان  


لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈڭدە تىمتاس،بىپايان....

   



بىز   


پارتىدا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ  


غۇۋا  بىر چۈشنى نەچچە يۈز يىل كۆردۇق.  


ھازىرمۇ يەنە كۆرىۋاتىمىز  


   

بىز  


ئىسسىق ۋە سۇغۇققا يۈزلەنگەن  


كىتاب  


تارىخ  


تەلىم - تەربىيە  


مەۋجۇتلۇق

خىزمەت تېپىش  


ماقالە يىزىش  


ئۈمىدسىزلىك  


نامەلۇم بىر ئادەمگە  تەۋە بولۇش  


زىممىمىزگە تاغدەك يۈكلەنگەن.  


ئاچلىق  


ئالدىراپ سىزىلغان رەسىملەر  


بەرپاتلىق  


سۆيگۈنىڭ ئاناتومىيىسى  


چىداش ئۈچۈن

ئەدەبىيات ئۈچۈن

تارىخ ئۈچۈن  


ئېمتاھان ئۈچۈن  


پىياز سۈيىدەك بىر سائەتلىك دەرىس ئۈچۈن  


باش كىيىمىمىزگە قىستۇرۇلغان بۈركۈت پېيى ئۈچۈن  


ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالىغۇدەك بوشلۇق ئۈچۈن

ئۈستىمىزدە پارلاپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئېللىق مېھرى ئۈچۈن

تۈنۈگۈنگە  


يارىمىزنى سىلاۋاتقان تۇزنىڭ يىرىك ئالقىنىغا قايتىپ كەلدۇق.  



   


Ⅳ  

سەن قان تامچىپ تۇرغان بارمىقىڭداچېچىڭنى تۈزەشتۈرۋاتىسەن،  


سەن تارىخنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشتىن قورقىسەن،  


كېچىگە يۈزلەنسەڭ  


تۈكلۈك سەھەرلەرنى مەدھېلەيسەن  


سېسىپ كېتىشتىن ساقلانغان كۆزلەرنى ئەسلەيسەن  


بىر جۈملە قىرتاق خەت  


كۆپ چىكىتكە تولغان مەخپى بەت  


چۈنكى سەن تارىخىنىڭ كۈلكىسىنى بىلمەيسەن.  


ئالقىنىڭدىكى سىزىقلاردا  


كۆزۈڭدىكى سۇيۇق چىملىقتا  


ئەسلىمەڭدە تامدا،يىنىڭدا  


بىز ياشىغان جايلار يەنىلا قورقۇنۇچلۇق ھالدا مەۋجۇت.  


ئورتاق بىر پىسخېك كىسەل  


ئورتاق بىر ھەسرەت  


ئورتاق بىر ئاياغلاشمىغان ئوي پىكىر  


تېخى دەرىس تۈگىمىدى  


تېخى رەسىم پۈتمىدى


تېخىچە داۋاملاشماقتا


مۇھەببەت  


چىش ئاغرىقى ۋە پېنسىېلىن تابلىىتىنېڭ تەمىدەك بېچارە قىسمەت  


   

Ⅴ  

  

بىز كىتابنىڭ ئىچىدە ئوقۇلىۋاتىمىز  


بىزقاننىڭ رەڭگىدىن چىقىۋاتىمىز  


مۇئەللىمنىڭ يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينىكى  


خەننامە ۋە پۈرلەپ تاشلىۋىتىلگەن بىر پارچە ئاق قەغەز  


سەن يەنىلا ئۆلىمالاردەك تەمكىن  


تەمتىرىمەي خەت يىزىۋاتىسەن  


مەن ئىچىمدىكى شامالنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاۋاتىمەن



ئەي!!  


ئچىمدىكى بېچارە شامال  


مۇئەللىمدىن سەنمۇ قورقامسەن ؟  




2006-يىلى  بېيجىڭ

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپەرەس ياكى ئۆلۈم



1

ئەتىيازنىڭ قولى



ھەممە ئادەم ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.

<!--[if !supportLists]-->-   <!--[endif]-->‹‹قۇرئان كەرىم ››دىن



ئۇنىڭ تىنىقلىرى تاتارغان

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى تىلنىڭ،  تارىخنىڭ، دىننىڭ، مىللەتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، جىنسىيەتنىڭ ، ئۆتمۈشنىڭ، كەلگۈسىنىڭ، ئەزرائىل بىلەن  ئەتىيازنىڭ بارماقىلىرى سىقىمداپ تۇرغان ھاياتنىڭ رەڭگى تارتارغان

مەن ھېچ نېمە دىيەلمىدىم ، مەن ھەممىگە پەقەت موشۇنداق جىمجىت ھالدا ئىشەنگۈچى ...

بىز ئاپپتاپەرەس تېرېۋاتاتتۇق ، مەن ئالقانلىرىمدىكى مېنىڭ كەلگۈسۈم بولمىش سىزىقىلارغا،

ئۇنىڭغا چاپلىشىپ تۇرغان قاپقارا ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدىم .



مەن جاننىڭ قانداق نەرسىلىكىگە ھەيران قالمايتتىم

مەن ئون نەچچە يېشىمدا، ئالقانلىرىمنىڭ رەڭ يۇقى بىلەن  ھۆكۈمنامىگە، خام خىياللىرىمنىڭ چەكلىمىگە، كەلگۈسۈمنىڭ ئۈمىدسىزلىككە، كېچىلىرىمنىڭ ئانانىزىمغا،ھاياتىمنىڭ گۇناھقا، ئىسمىمنىڭ مۇساپىرلىقىقا تولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم .

پىشانەمدىن يېمىرىپ سۆيۈۋاتقان تەقدىرنىڭ

مۇزدەك لەۋلىرىنىڭ ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغانلىقىنى،

بوۋامنىڭ ئۆز ئۆيىدە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا

ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى  بىلمەيتتىم



مەن دىنغا ئىشىنەتتىم

جىنلارنىڭ قولۇمدىكى قۇرئاننىڭ ئىچىدە مەن بىلەن تەڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلايتتىم

مەن ئادەمنىڭ مەنېيدىن يارتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم

قورقۇنچاقلىقىغا

يالغانچىلىقىغا

مۇھەببەتكە، ھېسياتقا ، شامالغا،

كۈلتۈك قارلارغا، يات جىنىسلىقلارغا

تەشۋىقات تاختىلىرىغا،

سوتسىيالىزىمغا،

ھوقۇققا

سۆزلەشكە

يىغلاشقا

كۈلۈشكە

ۋە سانسىز رەھبەرلەرگە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ....

ئۆيىگە كىرگەن ھەربىر ئادەمگە ،(ئۇ دۈشمەن ياكى ئەزرائىل بولسىمۇ )كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم.



ئارىمىزدىكى كېچىلەردە

ئالدىمىزدىكى چۆچەكلەردە

بىزنى ئالداپ كەلگەن ئادەملىكىمىز ئىچىدە

كېىچىسى ياستۇقۇمنىڭ تېگىگە تىقىپ قويغان پىچاقتا

جاينامازدا ئولتۇرۇپ تىلىۋاتقان تىلەكلەرنىڭ ئىچىدە

بوۋاقلارنىڭ يېغىسىدا

ئانىلارنىڭ ئەللىيدە

ئۆلۈمنىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم





ئادەمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنەتتىم

ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بىلەتتىم ...

(بەلكىم ھازىر يەسلى بالىلىرىمۇ بىلىشى مۇمكىن)

لىكىن بۇنداق ، (لېكىن بۇنداق ئەزرائىلچە بىمەنىلىك بىلەن ئەمەس ئەلۋەتتە)

بوۋام ئۇزۇن تىركەشتى ،

مومامنىڭ كۆز ياشلىرى بىر دەريا

دادامنىڭ بۇقۇلداشلىرى بىر دەمدار

ئانامنىڭ يېغىسى بىر نالەش

مېنىڭ تېڭىرقاشلىرىم .....

مېنىڭ تەمتىرەشلىرىم

مېنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۈمىدلىرىم

مېنىڭ بويۇن قىسىپ تۇرغان يىتىملىكىم

بوخچامدىكى ناشتىدىن ئىشىپ قالغان بىر پارچە نېنىم

ئۆپكە كېسىلنىڭ نەپىسىدەك سىقىلىپ كىتىۋاتقان قەلبىم

خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىمايدىغان بالىلىقىم....



قايغۇ شاماللىرىدا يەلپۈنۈۋاتقان قۇرئان بەتلىرى

ئېشىك بېشىدىكى رەڭگىنى يوقاتقان ئادراسمان چىچەكلىرى

قوڭىنى قاشلاپ تۇرغان تەقدىرنىڭ يېنىدىكى پاكار تاملىق ئۆيدىن:

‹‹ئۆلۈم›› دىگەن بىر جۈملە سۆز قېچىپ چىقتى

ئەتىيازنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن

بوغۇزىمىزغا قاپلاشقان يېغىدىن

تۇل ئاياللارنىڭ تېنىدىن

يىتىم بالىلارنىڭ كۆز يىشىدىن

مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىن

بوۋامنىڭ دوستلىرىنىڭ مۇنچاق – مۇنچاق كۆز ياشلىرىدىن ...

ھېچكىم ھېچنېمە دىمىدى

مەنمۇ ئەزرائىلچە بىمەنىلىك ۋە ئىنسانلارچە بىچارىلىك بىلەن قاراپ تۇردۇم

تېخى بىر كېچە ئۆتمەيلا

تېخى ئىستاكانغا قۇيۇلغان چاي سوۋۇمايلا

ئەتىيازنىڭ قان رەڭ قوللىرى ئۇنى ئىلىپ كەتتى ..



2



ئۆلۈمنىڭ رەڭگى





مەن ئاستا –ئاستا تىكىلىۋاتقان كىپەنلەرنى پۇرىدىم

يىېڭنېنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتۈۋاتقان ئۆلۈمنىڭ قەدەملىرىنى سانىدىم

مەن مېيىت يۇيىۋاتقان سۇنىڭ مۇزدەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم

ئاياللارنىڭ ئالقىندىكى تەسۋىلەرنىڭ شىرىقلاشلىرىنى سەزدىم

مەن ئاستا – ئاستا ئۆسۈۋاتقان بويۇمنى

ئۆيىمىزگە قاراپ يوپۇرلۇپ كىلىۋاتقان قۇرۇق جىنازىلارنى

بوۋامنىڭ سەللىسىنى كىيىپ ھېجىيىپ تۇرغان ئەزرائىلنىڭ كۈلكىسىنى پۇرىدىم

بۇلار نېمە ؟ بۇلار نېمە ....................

يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان تىمىمىزنىڭ ئەزرائىل بولغانلىقىمۇ ؟

ئىچىۋاتقان سۈيىمىزنىڭ بىز بىلمەيدىغان تاغلاردىن ئېقىپ كەلگىنىمۇ؟



تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئاق رەڭ

كۆرگىلى بولمايدىغان قاپقارا كۆلەڭگگە

ئۆلۈم  ئەتىيازدىكى بىزنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان بۇغدايلىقىمىز

ئۆلۈم بۇغدايلىقمىزنىڭ قىرىدىكى بىز تېرىۋاتقان ئاپتاپپەرەس

ئۆلۈم بىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكىمىز

ئۆلۈم كەلگۈسىمىزنىڭ رەڭگى





3

تۇپراق بېشىدا



مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ( يەنى پۈتۈن يەر يۈزى ) ئاللاھنىڭدۇر.

ــ ‹‹قۇرئان كەرىم›› دىن



يەر كولانماقتا

يەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى

كەلگۈسىنى

بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقىنى

ئۆزىگە تەۋە بولغان كېچىلىرىنى يۇتماقتا....



ھەي ...........

ئادەم

ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان

ئىچىمدە ساقلانغان يالىڭاچلىق ، ئاجىزلىق تېخىچە تىرىك

زىمىن يىپىق، ئوچۇق،  يىپىق ...

ئىچمىزدە ، يۈزۈمىزنى يۇيىۋاتقان سۇدا

ناماز ئوقۇۋاتىدۇ

كېچە ۋە كۈندۈز ...



ئايەتكە ئورالغان توپا

ئۆلۈم يوشۇرۇنغان بىر سىقىم تۇپراق

بىزنى ئايرىپ تۇرىۋاتقان ئەقىل

ئۇنى ئۆز مەيلىگە قوي

ئادەمنىڭ ئۆلۈشى يېڭىلىق ئەمەس

ئادەمنىڭ دەپنە قىلىنىشىمۇ ھەم .



بىر كۈن

قۇياش ، مارىت ئيى

يىغا، كۈلكە، يالغان گەپلەردىن، سىياسەتتىن،

ئۇرۇشتىن خالىي بىر مۇراسىم

توپىنڭ گۈپ قىلىپ تاشلانغان ئاۋازىدىن

ئايلانغىلى قويايلى ئۇنى

قەلبىمىزدە، ئاياللارنىڭ كىيىملىرىدە، يىنىك

لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق قايغۇغا

ياۋا گۈلگە ئوخشاش

ئاستا –ئاستا توزۇۋاتقان توپىلارنىڭ يارىسىدا

ئەزرائىلنىڭ قولىدىكى دېرىژورلۇق تايىقىنىڭ بىرقىتىملىق پەسلىشىدە

ياكى ئەتىيازنىڭ قولىدىكى جاراھەتنىڭ شىپا تېپىشىدا .





ئۆلۈم بىر ئىش

ئانامنىڭ سامساق تېرىغان ئىتىزلىقلىرىدىكى

ياكى تام تۈۋىدە ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقان بوۋاينىڭ

كېچىسدىكى

بىر ئاق رەڭ

مېنى كۆمدى ئەسلىمىلىرىمگە .



ئۆلۈم يەردە ياتىدۇ

ئۆلۈم بىزنى تاپىدۇ

شەرقتە، ياكى غەربتە

ئۆلۈم يەنىلا موشۇنداق ئاق رەڭدە ياكى قارا رەڭدە



داۋامى بار ..............
_________________________
بۇ شېئىرنىڭ داۋامى بار دېگىلىمۇ يېرىم يىلدىن ئاشتى ، داۋامىنى ھەجەپ يېزىپ بولالمىدى بۇ ئاداش [s:164]

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

كۆك بۆرە ئىكەنسە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 02:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي  مۇنبىرىمىزدە چاچما شىئىرغا ئۇستا باللا كۆپكەن ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!! [s:148]  [s:148]

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 03:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېڭىز دىگەن كىم ؟  چۈشەنچە بېرىۋەتمەمسىلە ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش