مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5443|ئىنكاس: 37

قانغا بويالغان تەقدىر (مۇكاپاتلىق ئەسەرلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەختىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40461
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1
تۆھپە نۇمۇرى: 55
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 08:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]-نېمە؟ شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ ئادەممۇ نېمە ئاۋۇ خوتۇن.......

[align=justify]ئابدۇساتتار شۇنداق دېگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭغىچە ئايشەم خېنىم ئۇنى توسۇۋالدى:

[align=justify]-ۋاي بالام، ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە، مەيلى، ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ، بىكا ئۆزلىرىگە ئىش تاپىلا..

[align=justify]-ھاي ئانا، قارىسىلا، ما ئادەمنىڭ يۈرىكى ئىچىشىدىكەن ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن، ھازىر قانچىنچى ئاي دەيمە؟ مۇشۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىككى سائەت ئەمەس، ئىككى مىنۇت تۇرۇپ باقسۇنا........

[align=justify]ئابدۇساتتار شۇنداق دېگەنچە يەنە ئىشىككە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن يوغان كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ، قارىسا ئەيمەنگۈدەك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى، داۋاملىق كۆپۈشۈپ تۇرىدىغان تومۇرلىرى تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما ئايشەم خېنىم يەنە توسۇۋالدى:

[align=justify]-بولدى بالام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ، بىكار بىرنەرسە دېيىشىپ قالسىلا ئۇرۇق-تۇققان ئادەم، سەت تۇرىدۇ، ماڭسىلا، ئارام ئالسىلا...

[align=justify]ئابدۇساتتار ئامالسىز ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئايشەم خېنىم دېگەندەك، ئۇ مۇشۇ ئەلپازى بىلەن ئاسىيەنىڭ يېنىغا چىقسا، چوقۇم بىر نەرسە دېيىشىپ قالاتتى. بۇ تەرسا مىجەزى، ئاشۇ زەھەردەك تىللىرى بىلەن ئاسىيەنى نەچچە كۈن تاماق يېمەس قىلىۋىتىپ، تۇققانلار ئارىسىدا بولدى دېگۈچە گەپكە قىلىشى ئىنىقلا ئىدى.

[align=justify]ئايشەم خېنىم ئاستا قەدەم بىلەن ئوغلىنىڭ يېنىغا كىرگەندە ھەر قاچان ئويچان، جىمغۇر ۋە ئۆز ئالاھىلىدىلىكى بىلەن باشقىلارغا بەكمۇ سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىغان ئابدۇساتتار بىر كىتابقا تىكىلگىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، ئوغلىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]بۇلارنىڭ ئائىلىسى تىپىك دىننى ئائىلە بولۇپ، ئايشەم خېنىم بالىنىڭ تۆتىنجىسى ئىدى، پەرھات بولسا بالىنىڭ كىچىكى بولۇپ، بەكمۇ ئەركە ۋە شوخ، ئەقىللىق چوڭ بولدى، ئەمما بالىلار ئەمدى چوڭ بولۇۋاتقاندا بۇلارنىڭ ئانىسى بۇ ئالەمنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ۋە شاتلىقلىرىنى بەش بالىغا تاشلاپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئايشەم خېنىم ئىككى قىزنىڭ كېچىكى بولۇش سالاھىيتى بىلەن ئائىلىنىڭ ھەممە يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، كىچىك ئوغۇل پەرھاتجان شۇنچە ئەقىللىق ۋە شوخلىقىغا قارىماي، مەكتەپتە ئوقۇغىلى ئۇنىمىدى، دادىسى ئابدۇللا ھاجىممۇ ئامال قىلالماي، ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنۈپ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىدىن ئۇنىڭغا بىر چەرچىن مال دۇكىنى ئېچىپ بەردى.

[align=justify]جاھاندا ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە باشلىنىش جەريانى بولىدۇ، بەلكىم مۇشۇ دۇكاننىڭ ئىچىلىشى بۇ ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك، چۈشىنىشمەسلىك ۋە ياتلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىشنىڭ مۇقەددىمسى بولسا كېرەك.

[align=justify]

[align=justify]ئابدۇللا ھاجىم تۈگەپ كېتىپ بىر يىلدىن كىيىنكى بىر كۈنى ئاخشىمى ئايشەم خېنىم تۇيۇقسىزلا بالىلىرىنى قويۇپ يۇرتىغا قايتىدىغان بولۇپ قالدى، پەقەت بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېلەتتى، 10 ياشقا كىرگەن ئابدۇساتتار بىلەن 6 ياشقا كىرگەن ماھىرە دادىسى مەۋلان ھاجىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئايشەم خېنىم بىلەن مەۋلان ھاجىم نۇرغۇن ئىشلارنى دېيىشتى، ياندىكى ئۆيدە تېخى ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئابدۇساتتار ئانىسىنىڭ دەۋاتقان «سىرتتىن نىكاھلىنىپ............بىر ئوغۇل.......» دېگەن گەپلىرىنى چالا-پۇچۇق ئاڭلىغان بولسىمۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەچكە بەخىرامان يېتىپ بىر كەملەردە ئۇخلاپ قالدى.

[align=justify]ئۈچ كۈندىن كېيىن ئايشەم خېنىم قايتىپ كەلدى، ئەمما چىرايى سۇلغۇن، بىر ئىشقا غەزەپلىرى ئۆرلەپ تۇرغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى، مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئايشەم خېنىم پات-پات تېلېفۇندا ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ ۋارقىرىشىدىغان، پات-پات تۇيۇقسىز يۇرتىغا بارىدىغان بولۇپ قالدى. بۇلارنى مىراس تالىشامدىكىن دېسە، ئابدۇللا ھاجىم تۈگەپ كېتىپ يىرىم يىلدىن كېيىن بىر چىرايلىق ھەل قىلىپ، شۇنداق ئىناق ئۆتۈۋاتاتتى، ئايشەم خېنىمنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا بۇ ھەرگىزمۇ مىراس ماجىراسى ئەمەس ئىدى، گەپنىڭ ئورامى تولاراق ئاشۇ پەرھات ئاكىسىنىڭ ئۈستىدە بولاتتى.

[align=justify]ئارىدىن يەنە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئابدۇساتتارمۇ خىلى بىر ئىشلارنى بىلگۈدەك بولدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيەردىن مارىلاپ، بۇ يەردى ئاڭلاپ قېلىپ يۈرۈپ، ئاكىسى پەرھاتجاننىڭ دۇكان ئىچىش جەريانىدا يەنە باشقا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى، ھازىر ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا بىر بالىنىڭ بارلىقى، بۇ بالىنىڭ 2 ياشقا كېرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالدى. شۇنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىدەل تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئۆينىڭ بىشىنىمۇ بىر مۇدھىش ئەگىۋاتاتتى.

[align=justify]بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق، شامال دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، ئاسمان بېتى شۇنداق سۈزۈك... ھازىر بالىلارغا تەتىل، 12 ياشقا كىرىپ قالغان ئابدۇساتتار ھويلىدىكى تال باراڭ  ئاستىدىكى سۇپىدا بۇرۇنقىدەك سوزۇلۇپ يېتىپ دادىسى كۆرىدىغان كونا تارىخى كىتابلارنى كۆرۈۋاتاتتى، دەل شۇ چاغدا مەۋلان ھاجىم شوپۇرى بىلەن ئۆيگە كېرىپ كەلدى، مەۋلان ھاجىمنىڭ چىرايى تاتارغان، كۆزلىرى قىززىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىگەن تېخى ساق دەسسەپ چىقىپ كەتكەن ئادەم ھازىر بولسا شوپۇرنىڭ قولىدا ئاران يەر دەسسەپ تۇراتتى، چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ، لەۋلىرى تىتىرەپ تۇراتتى، شوپۇرى مەۋلان ھاجىمنى ئۆيىگە ئەكىردى، ئۆيدە ئايشەم خېنىم يوق ئىدى، ئۇ بىر تويغا كەتكەن ئىدى، مەۋلان ھاجىمنىڭ شوپۇرى مەۋلان ھاجىمغا دورىسىنى ئىچۈرگەندىن كېيىن يەنە مەۋلان ھاجىمنى ئىلىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى، مەۋلان ھاجىم ئابدۇساتتارنى ئىلىۋالدى.

[align=justify]ئۇلار دوختۇرخانىغا كەلدى، دوختۇرلار مەۋلان ھاجىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ، «قان بېسىمى بەك ئۆرلەپ كېتىپتۇ، ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىپتۇ، چۈشتە نېمە يېگەن؟ قەيەردە يېگەن؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورىغاچ ئوكۇل سالدى، شۇ پەيىتتە ئايشەم ھاجىم دوختۇرخانىدا زۆرۈر لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېرىپ كەلدى:

[align=justify]-نېمە بولدىلا ھاجىم؟ ئۆيگە كىرسەم ماھىرە بىلەن ھەبىبە يالغۇزكەن، سىلىنى دوختۇرخانىدا دەيدۇ.....

[align=justify]-ۋاي سورىمىسىلا، ئىدارىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەن، شۇ تاماق يەپ بولۇپلا قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى....

[align=justify]ئۇلار بىر نەچچە سائەت دوختۇرخانىدا ھايال بولۇپ، ئۆيگە قايتتى، ئەمما مەۋلان ھاجىمنىڭ قورساق ئاغرىقى ھىچ قويۇپ بىرەي دېمەيتتى، بىر كىچە شۇنداق ئۇيقۇسىز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار مەۋلان ھاجىمنى چوڭراق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇرلار كۆرۈپ، گەپ سوراپلا چوڭ ئۈسكۈنىلەرگە سىلىشقا باشلىدى. مانا، ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دوختۇرلار ئايشەم خېنىمنى چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلاشتى.

[align=justify]ئابدۇساتتار بولسا دادىسى بۇرۇن پات-پات مۇشۇنداق ئاغرىپ قالغاچقا بۇرۇنقىدەك دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، گەپلىرىگە جاۋاپ بېرىپ تۇراتتى. ئەمما ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى ئاللىقانداق ئەندىشە ۋە قايغۇنى ھىس قىلالمىغانىدى.

[align=justify]-ئابدۇساتتار، بالام، ماڭسىلا، ئۆيگە كەتسىلە، سىڭىللىرى بىزنى كەلمىدى دەپ يىغلاپ قالمىسۇن، ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىۋالسىلا.

[align=justify]ئابدۇساتتار ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆيگە كەتتى، شۇ كۈنى كىچىدە دوختۇرخانىدا ئايشەم خېنىم ۋە مەۋلان ھاجىمنىڭ كىچىك ئىنىسى  ھەمرا بولۇپ قالدى. ئابدۇساتتارلارغا بولسا نەۋرە ئاكىسى بىلەن نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى ھەمراھ بولدى.

[align=justify]تۈن يىرىم بىلەن ئۇيقۇسى قاچقان ئابدۇساتتار تال باراڭلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ ياتاتتى، تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفۇن ئاۋازى ئۇنى خىلىلا چۈچۈتتى، نەۋرە ئاكىسى دەرھال بىرىپ تېلېفۇننى ئالدى، ۋە روھى چىقىپ كەتكەندەكلا تېلېفۇننى قويۇپ ئاستالا ئابدۇساتتارنىڭ يېنىغا كەلدى، ۋە ئويغاقلىقىنى كۆرۈپ:

[align=justify]-ئۇكام، كېيىمىڭىزنى كېيىڭە، دوختۇرخانىغا بارىدىكەنمىز، دېدى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇساتتار ئاجايىپ قورقتى، دەل شۇ ئارىلىقتا مەۋلان ھاجىمنىڭ شوپۇرى ئىشىك چەكتى.

[align=justify]ئۇلار دوختۇرخانىغا كىرگەندە مەۋلان ھاجىم ياتقان ياتاقنىڭ ئىچى دوختۇرلار بىلەن لىق توشقان ئىدى، مەۋلان ھاجىم بولسا پۈتۈن بەدىنىدە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىلىرى ئورنىتىلغان ھالەتتە ياتاتتى، ئابدۇساتتار يۈگۈرەپ بىرىپ دادىسىنىڭ قولىغا ئىسىلىپ يېغىنى باشلىدى، بۇ چاغدا مەۋلان ھاجىم ئاران-ئاران نەپەس ئىلىۋاتاتتى، پۈتۈن بەدىنى ئاتەشتەك قىززىپ كەتكەن ئىدى، مەۋلان ھاجىم ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، ھەمدە ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىنىق ئەمما پەس ئاۋازدا:

[align=justify]-يىغلىما....ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدا؟ دېدى ۋە نەپەستىن قالدى.

[align=justify]ئابدۇساتتار تۇيۇقسىز ئاجايىپلا بولۇپ قالدى، يۈزلىرى قىززىرىپ، نەپسى قىيىنلىشىۋاتاتتى، دوختۇرلار دەرھال ئۇنى سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى، شۇ چاغدا شوپۇر بايام ئۆيدە قالغان 8 ياشلىق ماھىرەنى ئىلىپ كىردى، ماھىرە كىرگەندە دوختۇرلار مەۋلان ھاجىمنىڭ بەدىنىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاجرىتىۋاتاتتى.

[align=justify]-دادا، ياق!! دادا، كۆزلىرىنى ئاچسىلا، ئاپپاق دادا، خۇش بولاي، مېنى بىر ئەركىلىتىپ قويسىلا، سىلى بولمىسىلا مەن قانداق قىلىمەن؟ كىمنى دادا دەيمەن؟.......

[align=justify]ماھىرە جان ئۈزگەن دادىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئىتىپ بوزلاپ يىغلاپ كەتتى، ئاندىن تۇيۇقسىز مەسئۇل دوختۇرنىڭ قولىغا ئىسىلدى:

[align=justify]-ئوبدان دوختۇر ئاكا، خۇش بولاي، دادامنى ساقايتىپ بەرسىلىچۇ؟ دادام بولمىسا بولمايدۇ، ئوبدان ئاكا، سىلى دوختۇرغۇ؟ دوختۇر دېگەن ئادەمنى ساقايتالايدىغۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بىردەم ئۆزىنى مەۋلان ھاجىمنىڭ مېيىتىغا ئىتىپ يىغلىسا بىردەم دوختۇرغا يىلىناتتى، ھەتتا باشقا سىستىرالارمۇ ماھىرەنى تۇتۇپ بولالمايۋاتاتتى، بىمارلار تەرىپىدىن كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ دەپ قارالغان دوختۇرلارمۇ ماھىرەگە قاراپ يىغلاۋاتاتتى. ماھىرەنىڭ بۇ يېغىسى راستىنلا ئادەمنىڭ ئاجايىپ يۈرىكىنى ئىزەتتى.

[align=justify]شۇنداق قىلىپ مەۋلان ھاجىم ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان راكى دېگەن كېسەل بىلەن بىر كۈن يېتىپ قازا تاپتى، بۇ كېسەل بەش يىل بۇرۇن بايقالغان بولسىمۇ مەۋلان ھاجىم ئەسلا بىلمەيتتى، بۇنى پەقەت ئايشەم خېنىم ھەمدە مەسئۇل دوختۇرلا بىلەتتى...

[align=justify]بۇ ئابدۇساتتار دەل تولۇقسىزغا چىققان يىلى ئىدى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرھاتجان چەرچىن مال دۇكىنى ئىچىش جەريانىدا بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكلەردىن يۇشۇرۇن نىكاھلىنىپ بىرگە ئۆتكەن ئىدى، بۇ جەرياندا سودىسى شۇنداق ئاققان دۇكاننى تولا تاشلاپ قويۇپ، ھىلىقى ئايال بىلەن يۈرۈپ ئەپچىللا سورۇقچۇلۇققا ئۇچراپ كەتتى، بەزى جازانىخورلاردىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالدىيۇ، قەرزنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمەي يەنە ئويۇن-تاماشىغا ئىشلىتىپ قويدى، ئاندىن يەنە قەرز ئىلىپ، كومپيۇتېر مەشخۇلاتچىلىق ئورنى ئاچتى، ئەمما قەرزلەر ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىغاچقا ئۆسۈمى ۋە دىرى بولۇپ، ئۇ ئالغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇل ئۇنىڭ گەدىنىگە يۈكلەندى، قەرزدارلار كۈندە ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، دۇكىنى ئالدىدا ئۆكتەملىق قىلىپ، ھىچ ئىش قىلغۇزمايۋاتقاچقا ئاخىرى ئايشەم خېنىملارنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇشنى ئويلاپ بۇ يەرگە كېلىۋالدى، پەرھاتجاننىڭ ئاۋۇ يەنە بىر ئايالىدىن بولغان مىجىتنى بولسا ئايشەم خېنىم دەپ ئەكەلدۈرۈپ بىقىۋالدى. پەرھاتجان يەنىلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ، كەسپىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى، ئەمما ئايشەم خېنىم بۇ سەۋەپلىك بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

[align=justify]پەرھاتجان بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، پات-پات كىچىلىرى يوقاپ كېتىدىغان بولۇۋالدى، ئايشەم خېنىمنىڭ بۇ ئىشلارغا بەكلا ئاچچىقى كەلدى، نېمىشقا دېگەندە، پەرھاتجان گەرچە ھىلىقى ئايالدىن «ئادا-جۇدا بولدۇم» دېگەن بولسىمۇ، يەنە ئىزدىشىپ، باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ ئۇ ئايالغا سودا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ بېرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدى. ئەمما تولۇق بىرەر پاكىت بولمىغاچقا چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتاتتى، مىجىتنى بولسا ئۆز ئوغلىدەك كۆيۈنۈپ بىقىۋاتاتتى، بۇ بالىمۇ ھازىر ئىككى ياشتىن ئاشقان، ئايىغى چىققان ئىدى، ئەمما تىخىچە تىلى چىقمىغان ئىدى.

[align=justify]بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۆيگە كىرمىگىلى نەچچە كۈن بولغان پەرھاتجان پەيدا بولدى، ئۆيگە كىردىيۇ ھويلىدا ئويناۋاتقان مىجىتنى كۆرۈپلا ۋارقىدى:

[align=justify]-ئاچا! قىنى سىلى؟!

[align=justify]-ئۇۋ....مانا مەن.......

[align=justify]-قارىسىلا ما بالىغا! قانچىنچى ئاي دەيمە ماۋۇ؟ مۇشۇنداق يالاڭئاياغ ئوينىسا بولامدا؟

[align=justify]ئايشەم خېنىم تۇرۇپلا قالدى، ئۇكىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق تېگىشى ئۇنىڭدا ئىغىر كەلدى.

[align=justify]-نېمە بوپتۇ؟ بۇ بىر قاراقىش ئەمەس، ئەمدى 9-ئاي، ئانچە-مۇنچە يالاڭئاياغ ئوينىسا تەن سالامەتلىكىگىمۇ....

[align=justify]-شۇندادىمۇ ئاياغ كەيدۈرۈپ قويىلى، ئاغرىپ يېتىپ بەرمىسۇن ماڭا.....زىيانلىق-پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن....

[align=justify]«سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋەلاي» دېگەندەك، نەچچە كۈندىن بىرى قەيەرلەرگە بارغىنىنى بىلگىلى بولماي تۇرۇپ، يەنە بۇنداق ئەلەمگە ئۇچراش ئايشەم خېنىمغا سەل ئىغىر كەلدى، ئەمما يەنىلا بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئەمما يەنە ھەپتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئايشەم خېنىمنىڭ سەۋر قاچىسىنى راستىنلا چىقىپ تاشلىدى، ئىش مۇنداق بولغانىدى، شۇ ئارىلىقتا پەرھاتجان يەنە نەچچە كۈن ئۆيگە كىرمىدى، بىر كۈنى ئايشەم خېنىمنىڭ بىر تونۇشى ئايشەم خېنىمغا تېلېفۇن قىلىپ، پەرھاتجاننى يەنە ھىلىقى چوكان بىلەن بىر يەرلەردە كۆرگەنلىكىنى، ئاندىن قەيەرلەرگە ماڭغانلىقىنى......دەپ قويدى، شۇڭا بۈگۈن چۈشتە ئايشەم خېنىم پەرھاتجاننى سوراققا تارتتى:

[align=justify]-ئۇكام، تۈنۈگۈن، ئۈلۈشكۈن ئۆيگە كىرمىدىلە؟ نەگە باردىلا؟

[align=justify]-مەن بار ئاچا، شۇ ئاق بۈركۈتتىكى ئاغىنەم ياردەملىشىپ بەرسەڭلا دېگەن، شۇيەردە يېتىپ-قوپۇپ....

[align=justify]-قەيەردىكى ئاق بۈركۈتتە؟

[align=justify]-مۇشۇ يەردىكى...

[align=justify]-قايسى ئاق بۈركۈت ئىكەنلىكىنى مەن دەپ بىرەي،-ئايشەم خېنىم شۇنداق دەپلا ھەممە ئاڭلىغانلىرىنى دەۋەتتى، پەرھاتجان لام-جىم دېمەي تۇرۇۋالدى، گەپ ئاياغلاشقاندا بولسا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مىجىتنى كۆتۈرگىنىچە غايىپ بولدى. ئايشەم خېنىمغا بۇ ئىش بەك ھار كەلگدى، شۇ ئاچچىقىدا يا تېلېفۇن قىلمىدى، يا سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىدى، ئەمما مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مىجىتنىڭ بىشىغا ئاجايىپ كۈلپەتلەر كىلىشكە باشلىدى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]پەرھاتجان مىجىتنى ئاپىرىپ، ھازىرقى ئايالى ئاسىيەنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئاسىيە بويى ئىگىز، يۈزلىرى سۈزۈك، ئەمما بەكلا سۇزنچاق، قەستەن ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ گەپ قىلىدىغان، ئەڭ مۇھىمى سۇخەنچى ھەم ھىلىگەر ئايال ئىدى. ئاسىيە بۇ بالىنى «كۈندىشىمنىڭ بالىسى» دەپ ئويلاپ قالدىمۇ نېمە، بەكلا خارلىدى، بۇ بالا يا ئاچ قالاتتى، يا تالادا قالاتتى، كىچىككىنە بالىغا بۇنداق قىلىشقا ئاشۇ ئايالنىڭ كۆڭلى كۆتۈرگىنىنى ھىچكىم چۈشىنەلمەيۋاتاتتى، بىچارە بالا شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۆزىنى سۇغىلا گۆللەپ ئۆتەتتى، قورسىقى ئاچسىلا ھارماي سۇ ئىچەتتى. پەرھاتجان كۈندۈزلىرى دۇكىنىدا بولغاچ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر ئىلىپ بولالمايتتى، ئاسىيەمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلى (بۇ كىچىك ئوغۇلمۇ مىجىتتىن نەچچە ئايلىقلا كىچىك ئىدى) جاسارەت بىلەنلا بولۇۋالاتتى، مەيلى يازنىڭ تومۇز تەپتى كۈنلىرى بولسۇن، قىشنىڭ جۇت شىۋىرغانلىرى بولسۇن چۈش بولدى ھامانى «مەن ئۇخلايمەن، سەن ئويناپ كىر» دەپ، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى قوينىغا مەھكەم سولاپ، مىجىتنى «غەلۋە قىلىدۇ» باھانىسى بىلەن سىرتقا چىقىرىۋىتەتتى، بىچارە بالىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايتتى، تولا ھاللاردا بۇ بالىنىڭ ھويلا ئىچىدە ئەمەس، دەرۋازا تۈۋىدە ئىشىكنى يۆلەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئىككى بالا تەڭ چوڭۇپ ئۈچ ياشلاردىن ئىشىپ قالدى، ئەمما ئاسىيەنىڭ ئۆز ئوغلى جاسارەت بولسا يېشىغا باقماي ناھايىتىمۇ ھاكاۋۇر، چاتاقچى بىر نېمە ئىدى، ھە دېسىلا قولىغا بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋىلىپ، مىجىتنى قوغلاپ يۈرۈپ بوزەك قىلغىنى قىلغان ئىدى، ئاسىيە بولسا ھاي دېمەكتە يوق:

[align=justify]-مىجىت، بوپتۇ بالام، ئۇكىڭىز كىچىك، ئوينىۋالسۇن، تىرىكتۈرمەك...دەپ قوياتتى، جاسارەت كەلسە قاچقىلى تەمشەلسە:

[align=justify]-نەگە قاچىسە؟ ئۇكاڭ يېمەيدۇ سېنى، تۇرۇپ بەرسەڭ ئۆلتۈرمەيدۇ ئۇ سېنى...دېگەندەك گەپلەر بىلەن راستىنلا ئادەمنىڭ نىرۋىسىنى ئۆرلىتەتتى. ئەجەبا كېچىك بالا دېگەننىڭ پەرقلىق مۇئامىلىنى ناھايىتى تىزلا ھىس قىلىپ يىتەلەيدىغىنىنى ئۇ بىلەتتىيۇ، لېكىن ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك پەرھاتجان يەنە كونا سەنىمىگە دەسسەپ ھىلىقى ئايالدىن قولىنى ئۈزەلمەي يۈردى، بۇنى بايقاپ قالغان ئاسىيە «يا بالىغا تۇرىسەن يا ماڭا، بالىغا تۇرساڭ مەن كېتىمەن، بولمىسا بالىنى يوقات» دەپ تۇرۇۋالدى، پەرھاتجان ئامال قىلالماي بالىسىنى بىر يېراق يېزىدىن كەلگەن شاگىرتىنىڭ ئۆيىگە بېقىپ بىرىشكە ئاپىرىپ بەردى.

[align=justify]بۇ جەرياندا ئابدۇساتتارمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇققا قەدەم قويدى، ئەمما ئانىسىنىڭ تولا يۇرتۇمغا كەتسەم بولاتتى دەپ تۇرۇۋىلىشلىرىغا رازى بولۇپ، ئوقۇشىنى بۇ يەردە ئوقۇماقچى بولدى. ئەمما بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىمۇ خىلى ھالسىراتتى.

[align=justify] مىجىتنى بىقىۋاتقان ئائىلىدىكىلەر بولسا ئۇنىڭغا تازا ياخشى قارىيالمايۋاتاتتى، «كاناي ياغلىغىلى ياغ يوي، سۇنايغا ياغ نەدە؟» دېگەندەك، ئۇ ئائىلىنىڭمۇ ئىقتىزادى ياخشى بولمىغاچقا مىجىت بەكلا قىينىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۈنلىرى پاختا تىرىش، ئوت ئوتاش، قوي-كالىلارغا كىچىككىنچە قوللىرىدا ھەلەپ ئىتىش....قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى، ئۇنى بىقىۋاتقان ئائىلىدىكى ئايالنىڭ ئىسمى پاتەمخانمۇ بىر ئاز قوپال، كىلەڭسىز ۋە ئۇششۇقراق بىر ئايال ئىدى، مىجىت «پاتەم ئانام» دەپ چاقىراتتى، بۇ جەرياندا ئۇ تولا ئاچ قالدى، يىلىڭ قالدى، بېشىنى بولسا تاز يارىسى بېسىپ كەتتى، بۇنى ئاسىيە ئاڭلاپ تۇرغان بولسىمۇ پەقەتلا كارى بولمىدى.

[align=justify]كۈز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرى ئىدى، ھاۋا تۇتۇق، سارغايغان ياپراقلار ھەممىلا يەرنى قاپلىغان، مىجىت بولسا ھويلىدا ئولتۇرۇپ كىۋەز چۆللەۋاتاتتى، چۈش ۋاقتى بىلەن ئۇ بەكلا توڭلىدى، ھەم قورسىقى ئاچتى، ئۇ ئاستالا ئۆيگە كىرىپ پاتەم ئانىسىغا دېدى:

[align=justify]-ئانا، قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتتى، توڭلاپ كەتتىم....

[align=justify]-ماڭە، سەن توخۇ كاتىكىگە قاراپ باق، توخۇ تۇغۇم كاكىلىغان بولسا ئىلىپ كىر، مەن ساڭا نان چىلاپ بىرەي.

[align=justify]ئۇ توخۇ كاتىكىدىن تۇخۇمنى ئىلىپ چىقىۋاتقاندا مىكيان قىزغاندىمۇ قانداق ئۇنىڭ قولىنى بىرلا چوقۇپ تۇخۇمنى چۈشۈرۈۋەتتى، ئاندىن تۇخۇمىنى ئۆزى ئىچىۋالدى، ئۇ ئۆيگە يىغلاپ كىردى.

[align=justify]-تۇخۇم قىنى؟

[align=justify]-مەن...مەن ئىلىپ ماڭغان.... توخۇ.... چوقۇلاپ... ھۈ.... ھۈ.... ھۈ...

[align=justify]چاڭ قىلىپ تەگكەن بىر تەستەك مىجىتنى كەينىگە ئۇچۇرۇۋەتتى، پاتەمخان ئۇنى تىللاپلا چۈشتىلا:

[align=justify]-ۋۇ نان يىمەس لەقۋا! مەن سېنى بىكارغا بىقىۋاتامدىم؟ بىر تۇخۇمنى جايلاپ ئەكىرەلمىگەن ھالىڭغا......ماڭە ئىشىڭنى قىل!

[align=justify]بىچارە مىجىت ئاچ قورساق يەنە چىقىپ كەتتى. بۇندا ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى. مىجىت بولسا ئاتا-ئانىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى، ئۆزى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كۈنلەرنى كۆرۈۋاتاتتى.

[align=justify]بىر كۈنى پاتەمخان نەۋرە قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ تويغا بارماقچى بولدى، مىجىتنىڭمۇ بارغۇسى بار ئىدى، ئانىسىغا يىلىندى.

[align=justify]-ئەمىسىچۇ، سەن قويلارغا ھەلەپ ئەتكەچ تۇر، مەن كىيىمىمنى كېيىپ سېنى ئالغىلى چىقاي، تىزراق ئەتمىسەڭ ئاپارمەيمەن جۇمۇ...

[align=justify]مىجىت بۇ گەپنى راس ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ سامانلىققا كىرىپ كەتتى، ئەمما پاتەمخان بولسا، بىر توغرام نانمۇ قويۇپ قويماي ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقاپ، تويىغا كېتىۋەردى، قويلارغا ھەلەپ ئېتىپ بولۇپ سامانلىقتا خىلى ئولتۇرغان مىجىت قورسىقى ئىچىپ، ئۆيگە كىرسە تويغا بارالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە  ئولتۇرىۋەردى، ئاخىرى ھويلىغا چىقىپ، ئۆينىڭ ئىشىككە قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن يىغلاشقا باشلىدى، ئەمما كەچكىچە ئۇنىڭ يىغىسىغا كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلىدىن باشقا ھىچنەرسە ھەمراھ بولمىدى.

[align=justify]بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ئايشەم خېنىم ئاخىرى ئابدۇساتتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مىجىتنى بىقىپ بىرىشنى ئىيتتى، ئابدۇساتتارمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي ماقۇل بولدى. بۇ چاغدا مىجىت تۆت ياشتىن ئاشقان ئىدى.

[align=justify]شۇنداق قىلىپ ئايشەم خېنىم مىجىتنى بىقىۋالدى، توغرىسى بېقىپ بەردى، بۇ ئىشتا ئابدۇساتتار گەرچە دېمىگەن بولسىمۇ نارازىلىقى بار ئازراق يېرى بار ئىدى، نېمىشقا دېگەندە ئابدۇساتتار بۇ بالىنى بالىچىلاپ بىقىۋالايلى دېگەندە تاغىسىنىڭ ئۇنىماسلىقى ئىدى، پەرھاتنىڭ دېگىنىچە بولسا، بۇلار بالىنى بېقىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما بالىچىلاپ بىقىۋىلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق «پايدىلىنىش»قا ئابدۇساتتار رازى ئەمەس ئىدى، ئابدۇساتتارچە بولغاندا بالىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بىقىۋالسا ئاندىن بېقىشنى ئويلىغان، نېمىشقا دېگەندە بالا بۇنداق ئىككى ئارىلىقتا چوڭ بولسا تەسىرى ياخشى بولمايتتى، ھەم كېيىن بالىنى تەربىيلەش جەرياندا توسالغۇغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئابدۇساتتارنىڭ سىڭلىسى ماھىرەمۇ بىر چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتاتتى، ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەي دەپ قالدى، ئاكىسى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەتتى، ئەمما ئۇ ئاكىسىدەك يىراقنى ئويلىيالمايتتىيۇ بەكلا جانلىق، ئەقىللىق ئىدى، بويى ئۆسكىلەڭ، قاپقارا بۈدرە چاچلىرىنى ياغلىققا مەھكەم ئوراپ يۈرەتتى،  ئاكىسىدەك زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ بىر ئىغىز گەپتە ئۇجۇقتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس، سۆزلەپ سۆزلەپ ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاغزىنى قۇشقاچ تەشكەن كاماردەك قىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋىرەتتى.

[align=justify]ھازىر ئابدۇساتتار 17 گە ، ماھىرە 13 كە كىرىپ قالدى، مىجىتمۇ 7 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ نوپۇسى بولمىغاچ مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى، بۇ جەرياندا ماھىرە ئۇنىڭ ساۋادىنى چىقارماقچى بولدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا ئاجايىپ تەسكە توختىدى، بەلكىم، ھىلى ئۇ يەردە، ھىلى بۇ يەردە يۈرۈپ، تىل-دەشنامغا تويۇپ، پىشىپ قالغانمىكىن تاڭ، نېمىلا دېسە ماقۇل دەيتتى، ئەمما ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى، دەپتەرگە ھەرىپلەرنى چىرايلىق بىر قۇر يېزىپ ئوقۇپ ياز دەپ قويۇپ ئىشىنى قىلسا دەپتەرنى تۇتۇپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتىكى بىرنى جىجىلاپ قويمايتتى، ئەگەر ماھىرە ئازراقلا ئاچچىقلاپ بولغۇچە چىقىراپ يىغلاپ، ئالەمنى بېشىغا كېيەتتى، ئىشقىلىپ بۇ بالىدا ئاجايىپلا بىر خىل مىجەز يېتىلىپ قالغان ئىدى، داۋاملىق ئاچ يۈرۈپ شۇنداقمۇ ياكى ھازىر شۇنداق بوپقالدىمۇ، قورسىقى تويغاننى بىلمەي يەۋىرەتتى، ئاندىن ياندۇراتتى، تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يىغلاپ كىتەتتى...

[align=justify]نېمىشقىكىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغانسىرى ئابدۇساتتار بارغانچە جىمغۇر، كەمسۆز، ئاجايىپلا تىرىشچان بولۇپ قالدى، قولىدىن كىتاپ چۈشمەيتتى، ئۇ ئىجتىمائى پەن ئوقۇغاچقا ھارماي بىرنەرسىلەرنى يادلايىتتى، ئادەتتە ئانچە-مۇنچە شىئېر، ھىكايىلەرنىمۇ يېزىپ قوياتتى، كۆپىنچە مەكتەپتىن كېلىپ كىتابقا بېشىچىلاپ كېرىپ كەتسە سائەت 1-2لەرگىچە ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى، ئۆگىنىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى بىرلا، يەنى تىزگىنەكلىك ماشىنىسىنىڭ ئىچىنى چۇۋۇپ، زاپچاسلىرىنى سۆكەتتى، ئاندىن باشقىلاردىن سورىۋالغان ماشىنىلارنىڭ زاپچاسلىرى بىلەن ئالماشتۇراتتى، يەنە قوراشتۇراتتى، يا بۇزمايتتى، يا ئۆزگەرتمەتتى، بىرلا ئىشنى تەكرارلايتتى....

[align=justify]ماھىرە بولسا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇمايدىغان بولغاچقا كۆپرەك مىجىتنى ئوقۇتۇۋاتاتتى، ئەمما مىجىتقا خەت ئۆگىتىۋاتقىلى ئىككى ئايغا يىقىن بوپقالغان بولسىمۇ ئۇ بىر «ئا» ھەرىپىنى جايلاپ يېزىپ، ئوقۇشنى ئۆگىنەلمەيۋاتاتتى، ئەگەر دەرس چۈشەندۈرەي دەپ يېنىغا كەلسە خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاننى كۆرگەندەك چىقىرايتتى، بۇ ئىش ئەزەلدىن نىرۋىسى ئىتتىك ئابدۇساتتارنى بەك بىزار قىلدى، باشتا چىرايلىق تەربىيە قىلدى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش قىلمىسا بولمايدىغانلىقى، شۇڭا تىنچلىق كىرەكلىكىنى ئىيتتى، ئەمما يەتتە ياشقا كىرپ قالغان بولسىمۇ مىجىت بۇ گەپلەرگە قۇلاق سالمىدى، ئابدۇساتتار كېيىنكى بىر نەچچە قېتىم قاتتىقراق ۋارقىراپ تىل سالدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ سەۋر قاچىسى توشقان چىغى، ئاچچىقىدا قولىغا چىقىپ قالغان بامبۇك تايىقى بىلەن ئۇنىڭ پاقالچىقىغا نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى، مىجىت بولسا باشتا تېخىمۇ يىغلىدى، ئەمما ئاكىسىنىڭ ئاچچىقىنى كۆرۈپ دەرھال يىغىسىنى يىغۇشتۇردى، ئەمما ئەتىسى بۇ ئەھۋال يەنە تەكرارلاندى، مانا ئەمدى بۇرۇن مىجىتنى بىقىۋىلىشنى دەپ چىڭ تۇرغان ئابدۇساتتار مىجىتقا ئۆچ بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلدى، چۈنكى ھازىر ئۇ دەرس ئۆگىتىش ئەمەس، بىكاردىن بىكار ئاشۇنداق ۋارقىراپ يىغلاپ قويدىغان بولۇۋالدى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاياغلاشتى، خىلى كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ ئابدۇساتتارغا چاقىرىق كەلمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى راسلا ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، شۇنچە ياخشى ئوقۇغان ئادەمنىڭ تايىنى يوقلا بىر نومۇر ئىلىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى، ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرنى بىر ئابدۇساتتار بىلەن ياراتقان ئىگىسى بىلەتتىكى، ئۆزگە ھىچكىم بىلمەيتتى، ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغىنىغا يۈرىكى ئىچىشاتتىيۇ، ئەمما ئانىسىنى ئويلىسا بۇ قىلغىنىنى خاتا دەپ ئويلىمايتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قايتا ئىمتىھان بىرىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلىپ، «ھۈنەر ئۆگىنىمەن» دەپ كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىشىغا بىرىۋالدى.

[align=justify]شۇ كۈنلەردە پەرھات بىلەن ئاسىيە قايتىدىن كېلىشىپ، مىجىتنى يەنە ئۆزلىرى باقىدىغان بولدى، پەرھات بىلەن ئايشەم خېنىم تام قوشنا ئىدى، مانا ئەمدى مىجىت تېخىمۇ ئىغىر كۈنگە قالدى، ئەسلىدە ئابدۇساتتارنىڭ بەرگۈسىمۇ يوق ئىدى، ئەمما ھازىر بىكاردىن بىكار يىرىم كىچىدە تۇرۇپ، يىغلاپ ھەممىنى ئويغىتىۋىتىپ ئۆزى ئۇخلاپ قالغۇدەك دەرىجىدە قىتىغورلىشىپ كەتكەن مىجىت ئۇنى ئازراق زىرىكتۈرۈپ قويدى. لېكىن ئىنسان كۆڭلى ئاق بولسا، يەنىلا مېھرىبانلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن.

[align=justify]مىجىتنى ئۇلار بىقىپ بىر نەچچە كۈن بولغاندا بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ يەنە يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئابدۇساتتار بۇنى دەسلەپتە يەنە ھىلىقىدەك كىشىنى بىزار قىلىدىغان يىغا دەپ كارى بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ يىغىسى بارغانچە ئەۋجىگە چىقتى، ئابدۇساتتار ئازراق دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم راس يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلدى، ھەمدە ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا چىقتى، ئەسلىدە پەرھاتنىڭ كىچىك قىزى بىر تال قوڭغۇزنى تاياقنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇپ ئويناۋاتاتتى، پەرھاتنىڭ بۇ قىزى بەئەينى ئانىسىنى دورىغان بولۇپ، شۇرتۇمشۇق، پىتنىخور ۋە يالغانچى ئىدى، ئۇ ئابدۇساتتارنى كۆرۈپلا قولىدىكى تاياقنى تاشلاپ:

[align=justify]-ۋاي چاق-چاق قىپ قويدۇم، ئۇششۇق بولمىغىنە، يېمەيدۇ سىنى ئۇ نەرسە....دەپ دوق قىلىشقا باشلىدى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇساتتار يەردىكى قوڭغۇزنى قولى بىلەنلا تۇتۇپ ئۇنىڭ بىشىغا ئاتتى.

[align=justify]-ئا............ۋايجان..........رامىلە قوڭغۇزدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ ياندىكى ئورۇندۇققا پۇتلۇشۇپ دۈملا چۈشتى، ئابدۇساتتارمۇ ئۇنى دوراپ:

[align=justify]--ۋاي چاق-چاق قىپ قويدۇم، ئۇششۇق بولمىغىنە، يېمەيدۇ سىنى ئۇ نەرسە....دەپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ چىقتى، ئەمما ھايالشىمايلا ئاسىيە غەۋغا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى.

[align=justify]-ئابدۇساتتار غوجام، نېمە گەپ بۇ؟

[align=justify]-ھە؟ مەن نېمە قىپتىمەن؟

[align=justify]-كىچىككىنە بالىنى قورقۇتۇپ، يۈرىكىنى قوزغىتىپ قويۇپلا، شۇنداقمۇ قىلاملا؟

[align=justify]بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئابدۇساتتارنىڭ جۇدۇنى تۇتتى، ئەمما ئاسىيەنى ھۆرمەت قىلىپ:

[align=justify]-ئاچا، قارىسىلا، ئەمىسە مىجىت چوڭكەندە؟ مەنمۇ شۇ ئوخشاش چاق-چاق قىلدىم. مىجىتنىڭ يۈرىكىمۇ شۇ قىزلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئوخشايدىغاندۇ؟

[align=justify]-ئۇندا دېگەنلىرى بىلەن بۇ بالا مىجىتقا ئاتماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزبالا تۇرسا.

[align=justify]-ھە....ماندا دېسىلە-ئابدۇساتتار ئەمدى ئاياپ ئولتۇرماي كونا قائىدىسى بويىچە نەشتەر سانجىدى- سىلىچە بولغاندىزە، مىجىت قوڭغۇز بىلەن ئاشنا-ئاداش، رامىلە دۈشمەن-كۈنداشكەندە؟

[align=justify]بۇ زەھەرلىك ھەم تېگى بار گەپنى دەرھال چۈشەنگەن ئاسىيە تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن يىغلىغان پىتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، ئەمما ئايشەم خېنىم ئابدۇساتتارغا تەربىيە قىلىشقا باشلىدى:

[align=justify]-نېمانداق گەپ قىلىدىغانلا بالام، چوڭ بولغاندىكىن، ئازراق ھۆرمىتىنىمۇ قىپ قويمىلا....

[align=justify]-قويسىلا ئانا....كىچىككىنە بالىنى شۇنچە بوزەك قىلسا، خارلىسا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىر ئىغىز گەپ قىلمىدىم، ئەمدى بولسىمۇ ئازراق گەپ قىپقوياي، ئۆزىنىڭ بالىسى ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق، مىجىتاخۇن بىر كۆلدىن سۈزۈپ ئوينايدىغان قاراقومچاق ئەمەس.....

[align=justify]ئۇ بىردەم چىچىلغاندىن كېيىن، ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى، ھەمدە ئۇزۇندىن بىرى تاشلاپ قويغان قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، مونۇ مىسرالارنى پۈتۈپ قويدى:

[align=justify] 

[align=justify]كۈلىۋالدىم دېمىگىن، يىغا باردۇر بىر كۈنى،

[align=justify]ساڭىمۇ ھەم ھاياتنىڭ يولى تاردۇر بىر كۈنى،

[align=justify]ئازار بىرىپ ناھەقتىن بىر ناتىۋان قەلبىگە،

[align=justify]يۈرەكلەرنى ئەزگەننىڭ ئۆزى خاردۇر بىر كۈنى.

[align=justify] 

[align=justify]بۇ ئالەم ئۇزۇن شۇنچە، ئۆتنىسى بار بىر كۈنى،

[align=justify]قىلغىنىڭنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتمىكى بار بىر كۈنى،

[align=justify]ئىنساپ، ئەدلى-ئادالەت گەر بولمىسا دىلىڭدا،

[align=justify]ۋىجدانىڭنىڭ سوراقتا ئۆلمىكى بار بىر كۈنى.

[align=justify] 

[align=justify]ئىنسان مەڭگۈ ياشىماس، كېتەر ھامان بىر كۈنى،

[align=justify]بۇ ھاياتتىن قولىنى ئۈزەر ھامان بىر كۈنى،

[align=justify]ئويلاپ قويۇپ ياشىغىن تا قىيامەت، مەھشەرنى،

[align=justify]ھامان رەببىم ئالدىدا، ھېساب بېرەر بىر كۈنى.

[align=justify] 

[align=justify]بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈندىن كېيىن ئابدۇساتتار ئەلياتقۇدا بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ، ئىشىك تۈۋىدە مىدىرلاپ ئولتۇرغان بىر نەرسىنى كۆرۈپ، ئىت ئوخشايدۇ دەپ قولىغا بىر تال تاياق ئىلىپ، يېنىغا بىرىپ چۈچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ يەردە ئولتۇرغىنى ئىت ئەمەس دەل مىجىت ئىدى.

[align=justify]-ھېي! –ئابدۇساتتار نېمىشقىكىن، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئاشۇنداق گەپ قىلاتتى-بۇنچە كەچتە نېمە بار ساڭا بۇ يەردە؟

[align=justify]-.....

[align=justify]-نىمە بولدى؟!

[align=justify]-ئانام....ھۈ...ھۈ... ئاچام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام، تىللاپ، ئاندىن....ئاچام ئۆيدىن چىق دەپ، مېنى......

[align=justify]ئابدۇساتتار گەپنىڭ ئايىغى چۈشۈپ بولغۇچە ھەممىنى چۈشەندى، ھازىر پەرھات ئۆيدە يوق ئىدى، ئۇ ئۈرۈمچىگە تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەتكەن بولغاچ، بۇنداق ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى ئەلۋەتتە، ئابدۇساتتار بىرىپ پەرھاتلارنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ تەپتى، ئىشىك تاقاق ئىدى، ئۇ كىلىشتۈرۈپ يەنە ئىككىنى تەپتى، ئۇنىڭغىچە ئاسىيەنىڭ قىزى يۈگۈرەپ چىقىپ ۋارقىرىدى:

[align=justify]-ۋاي كىمۇ؟

[align=justify]-مەن! ئاچە ئىشكىنى!

[align=justify]-مانا....مانا ھازىر...ئاچقۇچنى....

[align=justify]ئىشىك ئىچىلغاندا ئابدۇساتتار ھىچ تۈزۈتسىز يەڭگىسى ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىردى، ئۇ بۇ قىلىقىنىڭ راسلا بىر قىلىقسىزلىقىنى بىلسىمۇ قەستەن قىلدى، ئاسىيە بولسا يانپاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزۇر كۆرۈۋاتاتتى:

[align=justify]-ۋاي ئۇكام، ھە... كۆرپە سالاي.....

[align=justify]ئاسىيە ئابدۇساتتارنى كۆرۈپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپلا قالدى. ئابدۇساتتار ھىچ ئىش بولمىغاندەك سورىدى:

[align=justify]-ئاسىيە ئاچا، بىكارمۇ يا؟

[align=justify]-ھە...ھە...بىكار، ھازىر تېخى بالىلارنى ياتقۇزۇۋىتىپ چىققان...

[align=justify]-ما مىجىتقا بۇ كىچىدە تالادا نېمە بار؟

[align=justify]-تالادا؟ ۋاي خۇدايىم، نېمە بولۇپ ئۇنتۇلۇپ قالغاندۇ؟-ئاسىيە خۇددى بىلمەي قالغاندەك چىرايىغا ھەيرانلىق تۈسى بەردى، ئەمما چاندۇرۇپ قويدى.

[align=justify]-ھېي، ھازىر تېخى بالىلارنى ياتقۇزۇپ دەۋاتمامتىلە؟

[align=justify]-ياق....مەن شۇ....دىققەت قىلماي..

[align=justify]-مىجىت، كېلە مايەگە، باياتىن ئۇرۇشۇپ ئاچاڭ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەندە ئاناڭ بارمىتى يا؟

[align=justify]-بارتى.....شۇ باشتا تىللاپ......

[align=justify]-ماڭە، يېتىپ قال......

[align=justify]ئابدۇساتتار ئۇزاتقىلى چىققان ئاسىيەگە قاراپمۇ قويماي ئىشىغا ماڭدى، بۇنچە كېچىدە سىرىتقا چىقىرىۋىتلگەن مىجىتنىڭ سىماسى ئاسىيەنىڭ قەلبىنى تامامەن يورۇتۇپ بىرەلەيتتى.

[align=justify]بۇنداق ئىشلار پەقەت ئۈزۈلمىدى، بىر كۈنى ئەتىگەن ئابدۇساتتار نامازدىن يېنىپ سەل ھايال بولۇپ ئۆيگە كىردى، ئۇ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، جاسارەت ئۆيدىن چىققانچە چىقىپ، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان مىجىتنى ئۇرۇپ كەتتى، ئابدۇساتتارمۇ بارغانچە بىرىپ جاسارەتنى ئىككى شاپىلاق سالدى، ئەگەر بۇ ئابدۇساتتاردىن باشقا ئادەم بولغان بولسا جاسارەتنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ چىققان ئاسىيە چوقۇم مەھەللىنى بېشىغا كەيگەن بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئابدۇساتتارغا دېۋەيلەپ كەلدى:

[align=justify]-ۋاي ئابدۇساتتار غوجام بۇ نېمە قىلىق؟ مۇشۇ بالام مەھەللىگە پاتمامدا؟

[align=justify]-نېمە قىلىقلىقىنى ماۋۇ كۆك مۇنچاقلىرىدىن سورىۋالاي ئاۋال، مىجىت نېمە قىپتۇ بۇنى؟ ئەمىسە مىجىت پاتمىسا بولىدىكەندە شۇنچە كەڭ جاھانغا؟

[align=justify]-كىچىك بالىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولمامدۇ؟

[align=justify]-ھېي، شۇ نېمە تالاش –تارتىش؟ دەپباقماملا ئاۋال؟

[align=justify]ئۇنىڭ «ھېي» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان ئاسىيەنى يەنە سۈر باستى، ئابدۇساتتارنىڭ ئىغىزىدىن مۇشۇ گەپ چىقتىمۇ بولدى، ئۇ ئادەم تونۇمايتتى.

[align=justify]-شۇ جاسارەتنىڭ چاپىنىنىڭ سىرتمىسى بۇزلۇپ قاپتىكەن، بۇنى بۇزۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ....

[align=justify]-بەلەن ئىش قىپتۇ، قاراپ قويىلى بالىمىز بولغاندىكىن، ئەتە ئۆگۈن چوڭ بولغاندا.......... جۇدۇنى تۇتقان ئابدۇساتتار شۇنداق ئەپسانىۋى گەپتىن بىرنى دەۋىتىپلا ئۆيىگە كېرىپ كەتتى. مانا ئەمدى ئايشەم خېنىممۇ بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشماس بولدى، ئەمما بىر كۈنى خىلىلا ئازار يەۋالدى، ئىش مۇنداق بولغان ئىدى: ئايشەم خېنىم بىرنەرسە سوراپ پەرھاتلارنىڭ ئۆيىگە چىقتى، ئۆيدە بالىلار ۋە ئاسىيە بار ئىدى، مىجىت بولسا بىر بۇلۇڭدا مۈگدەپ ياتاتتى، تۇيۇقسىز جاسارەت ئالچاڭلاپ كەلگىنىچە مىجىتنىڭ بىشىغا بىرنى تەپتى، بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن مىجىت ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماي ياتتى، جاسارەت ئىككىنچى قېتىم يەنە تەپتى، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئاسىيە بىر ئېغىز ھاي دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ سالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم تەپكەندە ئايشەم خېنىم ئاخىرى ئارىلاشتى:

[align=justify]-ھاي جاسارەت، ئاكىڭىز ئاۋۇ، نېمانداق قىلىسىز؟

[align=justify]بۇنى ئاڭلاپ جاسارەت ئاياپ ئولتۇرمايلا تىل سالدى:

[align=justify]-ماڭاۋاي ھايۋان....كارىڭ بولمىسۇن.

[align=justify]بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايشەم خېنىم بۇ بالىنىڭ ئاشۇنداق ھارامزادە، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئاشۇنداق ئېغىزى بىزەپ چوڭ بولغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە تەربىيە قىلاي دەپ ئويلىدىمۇ يەنە گەپ ئاچتى:

[align=justify]-ۋاي ئەدەپسىز، چوڭلارغا ئۇنداق گەپ قىلسا يامان بولمامدۇ؟

[align=justify]-يامان دېگەن مۇنداق بولىدۇ....

[align=justify]جاسارەت يەردىن بىر تال ساپما كەشنى ئىلىپ، ئايشەم خېنىمنىڭ يۈزىگىلا ئاتتى، ئايشەم خېنىم ئەمدى سۈلكەت قىلىپ ئولتۇرماي قولىغا كەشنى ئىلىپ، ئەمدى بىرنى قويۇشىغا باياتىن بىرى تۆشۈكتەك قاراپ تۇرغان ئاسىيە كەكلىكتەك يورغىلاپ كېلىپ ئايشەم خېنىمنىڭ قولىغا ئىسىلدى:

[align=justify]-ۋاي بولدى قىلسىلا، نەسىھەت بولسا مەن ئۆزۈم قىلاي، كىچىك بالىغا قول تەككۈزمەيلى...

[align=justify]بۇنىڭ ئاڭلاپ ئايشەم خېنىم غەزەپتىن يېرىلاي دېدى، ئەمما گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە ماڭدى.

[align=justify]-ۋاي بىردەم ئولتۇرۇپ......

[align=justify]ئايشەم خېنىم ئۆيگە قايتىپ چىقتى، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭغا بەك ئىغىر كېلىۋاتاتتى، ئانىسى قاراپ تۇرۇپ بالىسى شۇنداق قىلسا ھاي دېمىسە، تەربىيە ئۈچۈن بىرنى قويۇپ بولغۇچە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئارىغا چۈشۈش قانداق گەپ ئەمدى؟

[align=justify]ئايشەم خېنىم ئادەتتە مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناچار بولغاچقا كۈندە تاماق سۇنۇپ، ئىھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى سۇنۇپ تۇرغان ئىدى، ئەمما بۇ گەپنى ئابدۇساتتار ئاڭلىغاندىن كېيىن راسا قاينىدى، ئاندىن:

[align=justify]-ماڭا قارىسىلا ئانا، ئۆتكەندە مىجىت بىلەن ئىچە دەپ بىر چىنە چۆچۈرە ئەپچىقىپ كەتكەن، كەچتە مىجىتتىن سورىسام چۈشتە مەن چۆچۈرە تۈگۈل قاتتىق نانمۇ غاجىلىمىدىم دەيدۇ، ئۆيدىن نان ئىپبەردىم، سىلى ئۇندان مىجىتقىمۇ بىرە دەپ ئاچىققان بىلەن، مىجىتقا ئىس-بۇسىنى كۆرسەتمەيدۇ ئۇ خەق، ئەمدى ئا ئۆيگە بىر نەرسە توشۇسىلا مەن رەنجىپ قالىمەن، توشۇساقمۇ پەرھات ئاكام كەلگەندە بىر گەپ بولا، ماقۇلما؟ تاماق بولسا مىجىتنى ئۆيگە ئەكىرىپ بىرىلى، ئاۋۇ توخۇ پوقى مەندىن ھىزى بولسۇن، ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ قالسا....

[align=justify]ئايشەم خېنىم ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئوشۇق گەپ قىلمىدى، ئابدۇساتتارنىڭ بۈگۈنكى قاينىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى، نېمىشقا دېگەندە بۈگۈن ئاسىيەگە كۆكتات لازىمكەن، بازارغا بىرىش خۇشياقماپتۇ، كۈندە مۇشۇ مەھەللىدىن كۆكتات ئۆتكۈزىدىغان كۆكتاتچى كەلسە تۇيماي قالماي دەپ، سائەت 1 لەر بىلەن چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولغان مىجىتنى «يولغا قاراپ تۇر، كۆكتاتچى كەلسە چاقىر» دەپ چېقىرىۋىتىپتۇ، بىرەر سايە تاپالماي، ئاپتاپتا بىرەر سائەت تۇرغان مىجىتنىڭ بۇرنى قاناپ كېتىشىگە بۇ يەرگە يەنە ئابدۇساتتار كېلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بېشىدا قەيت قىلغان تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

[align=justify]ئابدۇساتتار بىلەن ئاسىيەلەر ئارىسىدىكى جىدەل ھىچ تۈگەي دېمەيتتى، بۇنى ئاز دەپ، پەرھاتنىڭ بىشىغا بىر دەرد كەلدى.

[align=justify]ئابدۇساتتارنىڭ دادىسىنىڭ يۇرتىدا قالغان مەۋلان ھاجىمنىڭ كىچىك ئىنىسى ئوغلىنى ئۆيلىدى، بۇ توي ناھايىتى چوڭ ئۆتكۈزۈلدى، ئابدۇساتتار تاغىسىنىڭ بۇ ئوغلى بىلەن كىچىكىدىن بىر نان تاپسا تەڭ بۆلۈشۈپ يەپ چوڭ بولغاچقىمىكىن، تويدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن چىقىپ قارىشىپ بەردى، بۇ جەرياندا دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن بىرى «ما يەردە ئاكامنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسى بار ئىدى» دەپ ئىسىگە ئىپباقمىغان يەنە بىر تاغىسىمۇ يىراقتىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن كەلگەن ئىدى. بۇ تاغىسىنىڭ بىر قىز نەۋرىسى بولۇپ، بۇ قىز بۇ يىل دەل 17 ياش ئىدى، پەرھات بولسا ھازىر 20 گە كېرىپ قالغان ئىدى، توي كۈنىگىچە ئۇلار بىر-بىرىنى تونۇشمىدى، ئەمما ئۇ قىز توي كۈنى كەچتە ئابدۇساتتارنى بىر ئۆي مېھمان بار يەردە نۇمۇستىن ئۆلتۈرەي دېدى.

[align=justify]ئەسلى قىز تەرەپ بۇلارغا يات بولغاچ تۇققانلار ئاساسەن بىلمەيتتى، ئابدۇساتتار بولسا ئوغۇل تەرەپ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىدا ھىلى ئۇنى، ھىلى بۇنى توشۇپ ھارماي قاتراۋاتاتتى، بىر چاغدا يول ياقىسىدا توختۇتۇلغان ماشىنىنىڭ يول تەرەپتىكى ئىشىكى تۇيۇقسىز ئىچىلىپ، بىر قىز چۈشتى، موتۇسىكىلىت بىلەن كىتىۋاتقان ئابدۇساتتار دەرھال موتۇسىكىلىتنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئالدىيۇ ماشىنىدىن چۈشكەن قىزنىڭ كىملىكىگە زەن سالمايلا راسا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئۇ قىز ئاڭلىغۇدەك قىلىپ «قاراپ بىر ئىش قىلسىكەن» دەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ قىز دەل تاغىسىنىڭ نەۋرىسى مەنزۇرەم ئىدى، بۇ قىز ناھايىتى شوخ، بەكلا كەپسىز، ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان قىز ئىدى، كەچتە ھەممەيلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئابدۇساتتار يەنە كونا ئادىتى بويىچە تىلىنى چىشلەپ ئولتۇراتتى، بۇ چاغدا توي بولغان يىگىتنىڭ ئىنىسى سۆز ئاچتى، چۈنكى بۈگۈن ئابدۇساتتار ئۇ نېمىلا دېسە پۇتاق چىقىرىپ بەكلا چاندۇردى، بولۇپمۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ئاستالا ئابدۇساتتارنىڭ قۇلىقىغا:

[align=justify]-ئاداش (بۇلار ئىككى ئايلىق پەرقلەنگەچكە ئاداش دېيىشەتتى، توي بولغان يېگىت، ئىنىسى ۋە ئابدۇساتتار بۇرۇن قەيەرگە بارسا بىللە بىرىشاتتى) موتونىڭ ئاچقۇسىنى بىرىڭلا، ئۆيدە بىر نەرسە قاپتۇ.

[align=justify]ئابدۇساتتار بۇ چاغدا ناھايىتى ھەيران قالغان قىياپەتتە ئۇنى شۇنداق چاندۇردى:

[align=justify]-يا ئاللا، ھازىر ئا ئۆيدىمۇ يەپ كەلدۇق ئاداش، ئالدىرىمساڭلىمۇ ھازىر ئەكىرىدۇ پولونى، ئالدى بىلەن بى ئاكاڭلا ئىغىز تەگسۇن ھە، ئاندىن بىز يەرمىز، ماقۇلما؟! سەل تەخىر قىپبىرىڭلا...

[align=justify]بۇ گەپنى ئاڭلىغان توي ئەھلى ئۆينى كۆتۈرىۋەتكۈدەك كۈلدى، ھىلىقى بالا «توۋا خۇدايىم، سۇبھاناللا، پەندىيات» دەپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.

[align=justify]-ئاداش، بايام ئەجەپ سەتلەشتۈردۈڭلا ھە؟

[align=justify]ئابدۇساتتار مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغاچقا يەنە بوش قويمىدى:

[align=justify]-قىززىقكەنسىلە، ئۇندا «دادامغا دەڭلا، ئەمدى ماڭا يول ماڭسۇن، بويتاقتىن مەن قالدىم» دېگەن گەپنى مانىڭغا ئوخشاش سورۇندا دەيمىز، يات ئادەم بار يەردە دېسەڭلا ئاشۇندا ئىش بار.

[align=justify]ئۇ بالا تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن ئۆزىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ سالدى، بۇ چاغدا ئابدۇساتتارنىڭ تاغىسى گەپكە ئارىلاشتى:

[align=justify]-خوپ بولدىمۇ لەقۋا، جىم ئولتۇرىدىغان، ۋاقتى كەلسە يول ماڭىمەن ئۆزۈم...

[align=justify]-پەندىيات ئاداش، توۋا قىلدىم، سىلىگە گەپ قىلغان ئىغىزىمغا قاغا شاتاققىدە.....ئەتىگەن ئۆزەڭلا بامداتتىن كېيىن كېلىپ، گەپنى قايدۇرۇپ بىر مۇنچە ئادەم بار يەردە مەن نىكاھتىن كېيىن كەلگەن بولدۇم، ئاۋۇ ئۆيدە پولو ئەكىرمىدى دەپ داۋراڭ سالدىم، ئەمدى خوتۇن جىدىلى قىلدىم، گەپ قىلماييا سىلىگە.

[align=justify]بۇ چاغدا باياتىندىن بىرىمۇ چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتقان مەنزۇرەم گەپنى تارتىۋالدى:

[align=justify]-ۋاي ئاكا، خاپا بولمىسىلا، شۇ ئابدۇساتتار ئاكامنىڭ نەپسى پولو غىمىدە، كۆڭلى خوتۇن غىمىدە قالغاچقا قۇلاققا شۇندا ئاڭلىنىپ كەتكەن گەپ.

[align=justify]بۇنداق يەردىن زەربە يېيىشنى ئويلىمىغان ئابدۇساتتار ئۇجۇقۇپلا كەتتى، ئەمدى بولسا ئاۋۇ بالىغا بولۇپ بەردى:

[align=justify]-ئاداش، گەپ قىلىڭلا، مەنزۇرەمنىڭ دېگىنى راسمۇ يا؟

[align=justify]ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى بۇ چاق-چاقچىلارغا قاراپ كۈلۈۋاتاتتى:

[align=justify]-ئاداش، بايامقىدەك تويدا، يولدا بولسا گەپ قىلالماي تىلىڭلىنى چاينايسىلە، ئەمدى قىز بالىنى كۆرسەڭلا كىچىك تىلىڭلىمۇ سايرايدىكەن ھە؟

[align=justify]-ھەئە...، ئاشۇندا...گەپ قىلمدىم.

[align=justify]-ئاكا، باشقىلارنى بوش مازاق قىلسىلا، سىلىمۇ چاغلىق، ئالايىتەن سالام قىلاي دەپ ماشىنىدىن چۈشسە قارغاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىرىدىن قارىغاندا.....

[align=justify]-ئوھ......

[align=justify]ئۆيدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى، ئابدۇساتتار ئۇ ئىشنى ئىسىگە ئىپبولغۇچە مەنزۇرەم بىرنى ئون قىلىپ، كۆپتۈرۈپ، راسا ھەجىۋىيلەشتۈرۈپ ئابدۇساتتارنىڭ سورۇن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ بولدى.

[align=justify]ئابدۇساتتار گەپتە بۇ قىزغا تۇتۇلۇپ قىلىشنى ئويلىمىغاچقا بىر نېمە دېيەلمىدى، ئەمما كەچتە كىم ئۇردى ئوينايمىز دەپ ھەممىسى يىغىلغاندا بۇ قىز ئابدۇساتتارنى راسا تويغازدى، ئابۇساتتار ياتسىلا بۇ قىز بولدى دېگۈچە سالاتتى، ئابدۇساتتار تۇيۇپ تۇرسىمۇ قىزبالا دەپ قەستەن خاتا تاپتى، خاتا تاپقانسىرى قىز بەكرەك سالدى، بۇ ئىش نەچچە قېتىم تەكرارلاندى، ئاخىرى ئويۇن چىڭىغا چىقىپ، ئۇلار ھىرىپ قالدى-دە، ئويۇننى توختاتتى.

[align=justify]ئەتىسى ھەممە تۇغقانلار ساياھەتكە چىقتى، بۇ راسا ياز ۋاقتى بولۇپ، كۈن ناھايىتى ئىسسىق ئىدى، ئۇلار ساياھەتتىن قايتىۋىتىپ بەكمۇ ھاۋالىق بىر ئۆستەڭ بويىدا دەم ئالدى، بۇ چاغدا چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئابدۇساتتار كەينىدىن چىچىلغان مۇزدەك سۇدىن ئەندىكىپ كەتتى ۋە كەينىگە قاراپ مەنزۇرەمنى كۆرۈپ:

[align=justify]-ھاي...ھاي.... چوڭلار پاراڭلىشىۋاتقاندا  چۆچۈرە باشلار قالايمىقان قىلمايدىغان.....

[align=justify]بۇ قىز ناھايىتى شوخ، ۋىت-ۋىت بولغاچقىمىكىن ئۆيىدىكلەر ئۇنى «چۆچۈرە باش» دەپ مازاق قىلاتتى، ئابدۇساتتارمۇ شۇنداق دەپ قويۇپلا ئالدىغا قاراپ، پارىڭىنى سىلىۋەردى، ئەمما بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەنزۇرەم يۈگۈرەپ كېلىپ ئۇنىڭ بىر ئىتتىرىپلا لىق سۇ ئىقىۋاتقان ئۆستەڭگە چۈشۈرۈۋەتتى.....

[align=justify]ئەزەلدىن سۇ ئۈزۈشنى تۈزۈك ئۇقۇپ كەتمەيدىغان ئابدۇساتتار بىرەر يۈز مېتىر ئاققاندىن كېيىن سۇدىن ئاران چىقتى، بۇ ئارىلىقتا بىر نەچچەيلەن ئۇنى چىقىرىش ئۈچۈن سۇغا سەكرەپمۇ بولغان ئىدى، بىر مۇنچە سۇ ئىچىۋالغان ئابدۇساتتار گەپ-سۆزسىز ئاپتاپقا بىرىپ تۇردى، بىر تۇرۇپ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى، بىر تۇرۇپ بەكلا كۈلكە قىستىدى، راستىنى دېگەندە تۈنۈگۈندىن بىرى ئۆزى بىلەن قىرىشىپ قالغان بۇ قىزنىڭ بىر ئەدىبىنى بەرگۈسى كىپكەتتى.

[align=justify]مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ئابدۇساتتار ئۇ قىز بىلەن ھەپتە يۈردى، چاتاقمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى، قىز ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگە كىرىۋالغان ئىدى، ئابدۇساتتارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قىزغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، بۇلار ھەر ئىككىسى بىر كۈندە ئۆز ئىشىغا ماڭىدىغان بولۇپ قالدى، كۆڭۈل بەكلا تۇيغۇن، ھەيران قالغۇدەك چوڭلارنىڭ ھەممىسى بىرسى ئۇ ئىش، بىرسى ئۇ ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۆيدە ئىككىسى يالغۇز قالدى، ئابدۇساتتارمۇ بىر قىز بىلەن خالى جايدا يالغۇز ئولتۇرۇشنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىغا قىزنىڭ گىپى جايىغا ئولتۇرغۇزدى:

[align=justify]-شۇنداق قىلىپ كېتەملا؟ بىزدەك سىڭىللىرىنىغۇ ئۇنتۇپ قالماسلا؟

[align=justify]-ھە...ياق، ئالاقىلىشىپ تۇرامىز خۇدايىم بۇيرۇسا....

[align=justify]-ھە، ئاكا-سىڭىل بولغاندىكىن، خاتا چۈشىنىپمۇ يۈرمەسلا، تېلېفۇن نومۇرلىرىنى بىر دەپبەرسىلە.

[align=justify]ئىككىسى شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ، تېلېفۇن نومۇرلىرىنى دەپبىرىشتى، ئابدۇساتتار نەچچە كۈندىن بىرى بىكار قالسىلا قولىدىكى ئاپاراتتا تۇققانلارنى سۈرەتكە تارتىپ، خاتىرە قىلىپ ساقلايمەن دەپ يۈرەتتى، ئەمما بۇ قىزنى ئايرىم تارتىپ باقمىغان ئىدى، بۇ قىزنىڭ كاللىسى ئاجايىپ ئىشلەپ قالدى.

[align=justify]-ئاكا، ئاپاراتلىرى غۇۋا يەردىمۇ تارتالامدۇ؟ بۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆي راستىنلا سەل غۇۋا ئىدى.

[align=justify]-ھەئە، تارتىدۇ، ياپۇننىڭ ئەمەسمۇ.،....

[align=justify]تارتىپ باقاملا ئەمىسە؟

[align=justify]ئابدۇساتتار قىزنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىۋالدى، ئۇنىڭغىچە چوڭلارمۇ تەييار بولدى، ماڭدىغان ۋاقىتمۇ بولدى، بۇلار خوشلاشتى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]-ئۇكام، ئا خەتكە قاراپ قويسىلا، جەدۋەلگە پاتمىدى....

[align=justify]ئابدۇساتتار ئىسىنى يېغىپ ئىكرانغا نەزىرىنى ئاغدۇردى، ئۇ كەسپى بەتچىك بولۇشنى نىيەت قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا خەتنى ناھايىتى تىز ھەم توغرا ئۇراتتى، بىراۋغا گەپ قىلىۋىتىپمۇ، خيال سۈرۈۋىتىپمۇ، ناخشا ئىيتىۋىتىپمۇ ئۇرىۋىرەتتى، ئەمما مۇشۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نەۋرە ئاكىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ، بىر بەت خەتنمۇ يىرىم سائەتتە تەييار قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىملاسى خاتا، تەلەپ بويىچە ئەمەس، ئالدىنقى كۈنى نەچچە مىڭ باسما ماتىرىيالنىڭ ئىككى قۇر خەتنى چۈشۈرۈپ قويۇپ بىر مۇنچە زىيان سالدى، بۈگۈن بولسا كۈندە قىلىدىغان ئىشى تۇرسىمۇ يەنە ھارماي خاتا تەڭشەۋاتاتتى.

[align=justify]-ئۇكام، سىلىگە نېمە بولدى؟ بۇ يېقىندىن بىرى ئەجەببىر ئىش خوشياقماس بولۇپ قالدا سىلىگە؟

[align=justify]-ھە....سەل مىجەزىم يوق....

[align=justify]ئابدۇساتتار نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىشىدا ئىشلەۋاتقاچقا ئوشۇق گەپ-سۆزمۇ يوق ئىدى، شۇڭا ئاكىسىمۇ ئۇنى ئۆيگە قايتىپ ئارام ئىلىشىنى ئىيتىپ قايتۇرۇۋەتتى، چۈشنى بۇنداق ئىشلىگەندە يەنە چاتاق چىقماي قالمايتتى. ئابدۇساتتارنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدا سەۋەب بار ئىدى، چۈنكى ھېلىقى تاغىسى ئوغلىنى ئۆيلىگەنگىمۇ يىرىم يىلدىن ئاشتى، ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگە ئوت يىقىلغىلىمۇ شۇنچىلىك بولدى، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ كۈندە دېگۈدەك مەنزۇرەمگە تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنى ئاڭلاش، تىرىكتۈرۈپ مەنزۇرەمنىڭ تىللىرىنى ئاڭلاش، قەستەنگە «مەن سىلىدىن خاپا بولدۇم» دەپ مەنزۇرەمنى جىلە قىلىپ ئويناش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئىدى، ئۇلار بىر-بىرىگە كۆڭلى بارلىقىنى ئىنىق ئىيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ھەممىنى ئىسپاتلاپ، بىر-بىرىنى ئاساسەن چۈشىنىشىپ بولغان ئىدى، ھەتتا ئابدۇساتتار تېخى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تولا ئۆيلەپ قويۇش غەلۋىسىنى قىلىۋاتقان ئايشەم خېنىمغا مىڭ بىر جاپادا نەۋرە ئاكىسى ئارقىلىق مەنزۇرەمگە ئۆيلىنىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپمۇ بولغان ئىدى. ئايشەم خېنىممۇ بۇ گەپكە قارشى پىكىردە بولمىغان، ياكى باشقىچىمۇ ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئەمما يىقىندىن بىرى نېمىشقىدۇر مەنزۇرەم تېلېفۇندا بۇرۇنقىدەك گەپ قىلمايدىغان، ئىچىلىپ سۆزلىمەيدىغان، بۇرۇنقىدەك شوخلۇق قىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئابدۇساتتارنىڭ كاللىسىغا مۇشۇ ئىش كىرىۋالغاچقا ئىشلىرىدىن تولا ئىۋەن كۆرۈلۈۋاتاتتى.

[align=justify]ئابدۇساتتار خىزمەت ئورنىدىن چىقىپلا مەنزۇرەمگە تېلېفۇن ئۇردى، (ئادەتتە مەنزۇرەمنىڭ دادىسى، ئانىسى سىرتتا خىزمەتتە، ئاكىسى ئالى مەكتەپتە بولغاچقا ئۇ كۈندۈزلىرى ئۆيىدە يالغۇز ئىدى، شۇڭلاشقا تېلېفۇن قىلىش ئۇنچە ئەپسىز ئەمەس ئىدى) ئۇنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە مەنزۇرەمنىڭ كەيپىياتى بۈگۈن نەچچەكۈندىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ناچار ئىدى، گەپمۇ گەپكە قولاشمايۋاتاتتى، ئابدۇساتتارنىڭ تېخىمۇ ئىچى سىقىلىپ، تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئاندىن ئۆيىگە كەتتى، ئوغلىنىڭ بۇرۇنلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئايشەم خېنىم ئۇنىڭغا بىر باغاقنى سۇندى، ئابدۇساتتار باغاققا قاراپلا بىشى پىررىدە قېيىپ كەتتى، مەنزۇرەمنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدى، چۈنكى بۇ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، دەل مەنزۇرەمنىڭ توي باغىقى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئايشەم خېنىممۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدى، ئەمما ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. ئابدۇساتتار يەنە قولىغا قەلەم ئالدىدە، ئۆز پىغانلىرىنى خاتىرىسى بىلەن ئورتاقلاشتى.

[align=justify] 

[align=justify]تويغا چىللاپ ئەۋەتىپ نامە،

[align=justify]يۈرىكىمنى ئەزدىڭغۇ نىگار.

[align=justify]مېنى قويۇپ داغدا، ھەسرەتتە،

[align=justify]قاي كۆڭۈلنى قىلىسەن شىكار؟

[align=justify] 

[align=justify]ئەۋەتكىنىڭ ئەمەس توينامە،

[align=justify]بەلكى مېنىڭ ھىجران نامەمدۇر.

[align=justify]بۇ كۆڭۈللەر قىلسا ئىختىيار،

[align=justify]مەڭگۈلۈككە سېنى سۆيگەندۇر.

[align=justify] 

[align=justify]شىۋىرغاندا قالغاندەك يۈرەك،

[align=justify]ئۆز-ئۆزىگە ئىزدەر تەسەللى.

[align=justify]توينامىلەر دىلنى كۆيدۈرەر،

[align=justify]بولۇپ قالسۇن سۆيگۈم ئاداققى.

[align=justify] 

[align=justify]رەنجىشىمگە بارمىدى ئىمكان؟

[align=justify]بولمىسا بۇ سېنىڭ دىل رايىڭ.

[align=justify](بەلكىم بەخىت كۈتۈپ تۇرغاندۇر،)

[align=justify]رەت قىلىشقا بارمۇ ئامالىڭ؟

[align=justify] 

[align=justify]بۇمۇ بەلكىم ئۆز مەيلىڭ ئەمەس،

[align=justify]پەقەت مەجبۇر بولۇپ باسقان يول.

[align=justify]مەيلى جانان سۆيگىن بىرىنى،

[align=justify]تائەبەدكە شاد، بەخىتلىك بول.

[align=justify]************************************************

[align=justify]بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا ئوچۇق ئىدى، ئابدۇساتتارنىڭ كۆڭلى يەنە يالغۇزلۇقنى خالاپ قالدى، بۈگۈن خىزمەت ئورنىدا قىلغۇدەك ئىش يوق، ئاكىسى ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى، بىر چاغلارغىچە خىزمەتدىشى بىلەن دۇنيانىڭ پارىڭىنى سىلىۋاتقان ئابدۇساتتار ئەمسى سەل جىمىپ قالدى، ئابدۇساتتارنىڭ بۇ خىزمەتدىشى بەكلا ئوڭلۇق ۋە مۇلايىم قىز بولۇپ، يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىماي ئابدۇساتتار بىلەن بەكلا چىقىشالايتتى، ئۇنىڭغا ھىچكىمگە دېمىگەن سىرلىرىنى ئىيىتپ بىرەتتى، شۇڭا ئابدۇساتتارمۇ بۇ قىزغا ئۆز ئاچىسىدەكلا ئامراق ئىدى، بەزىدە بۇ قىزغا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىۋىرەتتى، بۇ قىزمۇ ئاكىسىغا چىقىشتۇرماي، تېلېفۇن قىلىپ سوراپ قالسا ماتىرىيالغا كەتتى، قەغەز تەييارلاۋاتىدۇ دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى چاندۇرۇپ يۈرمەيتتى، بۈگۈنمۇ ئۇ ئاچىسىغا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، تېلېفۇننى ئاچىسىدىن باشقا ئادەمنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانمايدىغان قېلىۋىتىپ، خاتىرجەم ھالدا دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى كۈتۈپخانىغا چىقىپ كەتتى، بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى، ئاچىسىدىن باشقا ئادەمنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانمايدىغان بولغاچقا ئۇ چوقۇم ئىز-دىرىكىم بولدى دەپ ئويلىغاچ تېلېفۇننى ئالدى:

[align=justify]-ۋەي، ئاچا....

[align=justify]-ھە، ئۇكام، سىلى نەدە؟

[align=justify]-مەن مۇشۇ كۈتۈپخانىدا، چىقايمۇ؟

[align=justify]-ياق، چىقسىلىمۇ ئىش يوق، بايام بىر قىز تېلېفۇن قىپتىكەن، تېلېفۇننى ئوڭشىۋەتسىلە، ئۇنىڭغا ھازىرلا تېلېفۇننى ئىچىۋىتىدۇ دېگەنتىم.

[align=justify]ئابدۇساتتار بۇ كىمدۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ تېلېفۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇشىغا مەنزۇرەمنىڭ نومۇرىدىن تېلېفۇن كەلدى، بۇ مەنزۇرەمنىڭ تويى بولۇپ ئىككى ئاي ئۆتكەن چاغلار ئىدى.

[align=justify]-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.

[align=justify]-ۋە ئەلەيكۇم-ئەسسالام، ئاكا.....

[align=justify]-قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۆيدىكىلەر ياخشىدۇ؟

[align=justify]ئەمما جاۋاب ئورنىغا قارشى تەرەپنىڭ ئىسەدەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ يىغا ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگىلا تەگدى، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان كۈنلەردىكى بۇ تېلېفۇن ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى يەنە قوزغاپ قويدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق جايدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ تېلېفۇندا ۋارقىراپلا كەتتى:

[align=justify]-ۋاي سىڭلىم، نېمە بولدىلا؟ بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟ گەپ قىلسىلا دەيمەن.

[align=justify]مەنزۇرەم گەپ قىلمايلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئۇ قايتۇرۇپ تېلېفۇن ئۇرغاندا تېلېفۇننى ئالمىدى......

[align=justify]نىرۋىسىغا بىر ئىشلار ئىتتىك تەسىر قىلىدىغان ئابدۇساتتار ئىش ئورنىغا قايتىپ كەتتى، ئەمما پەقەت كۆڭلى تىنمىدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى كۆرگەن خىزمەتدىشى ئۇنى نىرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ كەلسۇن دېدىمۇ قانداق يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن تەييارلايدىغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا قىلىۋىتىپ كېلىشنى ئىيتتى، بۇ ئىش ناھايىتى ئاددى، ئەمما سەل خەتەرلىك ئىدى، ھەمدە داۋاملىق ئابدۇساتتار بىجىرەتتى، يەنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىلغان ماتىرىياللارنى چوڭ تىغلىق ماشىنىدا كەسلەپ ئەكىلەتتى، ئۇ ماتىرىيالنى ئىلىپ، چوڭ ماشىنا قويۇلغان سىخقا كەلدى، ئاندىن ماشىنىنى تەڭشەپ قەغەزنى قويۇپ تىغنى چۈشۈردى، ئەمما بايا ساق تۇرغان ماشىنىنىڭ توغۇرلاش تاياقچىسى تىغ بىلەن تەڭ چۈشۈپلا كۆتۈرۈلمەي تۇرۇۋالدى، ئۇ ئاچچىقىدا ماشىنىنى توكتىن ئۈزمەيلا بىر قوللاپ مەشخۇلات ئىلىپ بىرىشقا باشلىدى، قولىنى تىغنىڭ ئاستىغا ئۇزىتىپ، توغۇرلۇغۇچنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ قولىنى سوزۇپ تۇرۇشىغا، ماشىنىنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ مىڭىسىدىن كىرگەن بىر ئاغرىتىن كېيىن ئۇ ھىچنىمىنى سەزمىدى.

[align=justify]**********************************************

[align=justify]ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا دوختۇرخانىدا ياتاتتى، ئوڭ قولى بولسا بارماقلىرىدىن تارتىپ جەينىكىگىچە مەھكەم تىڭىۋىتىلگەن، سول قولىدا ئوكۇل يىڭنىسى تۇراتتى، ئۇنىڭ بىشىدا ماھىرە قاراپ تۇراتتى،(ماھىرە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيدە ئايشەم خېنىمغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى) ئابدۇساتتار ئوڭ قولىنىڭ ئاغرىقىدىن باشقا ئەتىگەنكىدىن ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەكلا ھىس قىپ قالدى.

[align=justify]-ئويغانلىمۇ ئاكا؟ نېمە ئىش بولدى بايام؟ ھىلىمۇ قوللىرىنى ئۈزۈۋەتمەپتۇ، ئەجەپ قورقتۇم.....

[align=justify]-ۋاي تاڭ.....شۇ ماشىنا تەڭشەۋاتقان، كېيىنكى ئىشلار ئىسىمدە يوق. نېمە بولۇپ قوزغىلىپ كەتتىكىن ئۇ ماشىنا.....

[align=justify]-بايام ئۆيدە تۇرسام دۇكاندىكىلەر تېلېفۇن قىپتۇ، دوختۇرنىغا كەلسىلە دەپ، كەلسەم ئەھۋال مۇشۇ....

[align=justify]ئەسلىدە ئۇ ماشىنا تەپكىسى ئۇستىدە تۇرپ، بىر قولىدا ماشىنا گىرۋىكىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىنى تىغ ئاستىغا كىرگۈزۈۋاتقاندا سول قولى تىيىلىپ كېتىپ ماشىنىنىڭ قوزغاش كونۇپكىسىغا تېگىپ كەتكەن، توكتىن ئۈزۈلمىگەن ماشىنا تەپكە بىسىغلىق بولغاچقا قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ تەليىىگە قولىنى تىخى تولۇق كىرگۈزمىگەچكە ئوڭ قولىنىنىڭ بارمىقىدىن بىلىكىگىچە بولغان ئارىلىقنى ماشىنا ئەپچىللا شىلىۋەتكەن ئىدى، باش بارمىقىنىڭ سۆڭىكى ئازار يېگەن، باشقا بارماقلىرى ۋە بىلىكىنىڭ بولسا مۇسكۇلى زەخمىلەنگەن ئىدى. بايام ئۇنىڭ بىر مۇنچە گۆشىنى ماشىنا شىلىۋالغاچقا ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى.

[align=justify]ئۇ نەچچە كۈن يېتىپلا دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدى، قولى تېخى ساقايمىغاچقا ھازىر كومپيۇتېر ئالدىغا كېلەلمەي باشقا ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى، بۈگۈن ئۇنىڭ تېلېفۇنىغا يەنە مەنزۇرەمدىن تېلېفۇن كەلدى، ھەمدە ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يوقلا:

[align=justify]-ۋەي، ئاكا، مەن ئاجرىشىپ كەتتىم، ئۇلار مېنى پاتۇرمىدى، ئەمدى ھىچكىم تاپالمايدىغان بىر يەرگە كېتىمەن، ھاياتتىن بەكلا بىزار بولدۇم، جاھان ماڭا بەكلا تاركەن، خوش....

[align=justify]مەنزۇرەم ئابدۇساتتارنى ئىغىز ئاچۇرمايلا دەيدىغاننى دەپ بولۇپ، تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەلگەن يەنە بىر تېلېفۇن ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى قان قىلىۋەتتى.

[align=justify]-ۋەي، ئابدۇساتتارما؟ قارشى تەرەپ ئابدۇساتتارنىڭ تاغىسى ئىدى.

[align=justify]-ھەئە، مەن شۇ، قانداق ئەھۋاللىرى؟

[align=justify]-ئۇكام، تۇققانلارغا خەۋەر قىلىۋىتىڭە، مەنزۇرەم قازا قىپكەتتى، نامازنى ئەسىرگە چىقىرىدىغان بولدۇق، بولسا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ نامازغا قاتنىشىپ بېرىڭ.......

[align=justify]تاغىسىنىڭ كېيىن دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، ئۇ مەنزۇرەمنى «ئۆلۈۋالدى» دەپ ئويلاپ قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتى، ئەمما تاغىسىنىڭ «مەندىن قاچىمەن دەپ.....ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتتى، بېشى ئىغىر يارىلانغاچقا.....» دېگەن گەپلىرىنى راستىنلا ئاڭقىرالماي قالغاچقا كونا تەرسالىقى بىلەن تۇققانلارغا خەۋەر قىلىۋىتىپ، نامازغا قاتناشماسلىقنى ئويلىدى، ئەمما يەنە يۈرىكى چىدىماي، دەرھال تاغىسىنىڭ يۇرتىغا ئاتلاندى.....

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندە دەل ناماز ئەسىرنىڭ ۋاقتى بولغان ئىدى، ئۇ دەرھال مەسچىتكە يۈگۈردى، جامائەت ئەسىرگە تۇرغانىدى، ئۇ دەرھال سەپكە كىردى.

[align=justify]مېيىت نامىزىنى مەنزۇرەمنىڭ بوۋىسى ئۆزى ئوقۇدى، ئاندىن قىزىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، ئابدۇساتتار مانا ئەمدى ئىنىق ئاڭلىدى، ئەمما ئۇنىڭ ھۇشى بار دېسە ھىچكىم ئىشەنمەيتتى.

[align=justify]شۇ كۈندىن باشلاپ ئابدۇساتتار تېخىمۇ غەيرى مىجەزلەرنى يېتىلدۈرۈۋالدى، بۇرۇن ئانچە-مۇنچە قىز ساۋاقداشلىرىدىن تېلېفۇن كەلسە پاراڭلىشىپ قوياتتى، ھازىر ساۋاقداش ياكى دوستلىرى تېلېفۇن قىلسىمۇ گەپ قىلمايدىغان، ئۇلارغا تېلېفۇن ئۇرمايدىغان بولۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى ئىزدىمەس بولدى، ھازىر ئۇ بىكار بولسىلا خىيال سۈرەتتى. ئايشەم خېنىم ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئارىلىرىدىن، كارۋاتلىرىدىن، ياتاق ئۆيىدىكى دەرىزە ئالدىدىن ھە دىسىلا مەنزۇرەمنىڭ سۈرەتلىرىنى تىپىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، ئەمما ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئوشۇق گەپ قىلمىدى. يەنە كېلىپ مىجىتنىڭ غېمى ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. ھەم ئايشەم خېنىم مەنزۇرەمنىڭ بىر پارچە سۈرىتى كەينىدىن مونۇ شىئىرنى كۆرۈپ قالدى.

[align=justify]

[align=justify]بىرەلمىدىم ۋەسلىمنى، يارغا مەن بىر ۋاپاسىز،

[align=justify]ئاشىققا بوي بەرمىگەن ئۈشبۇ جاھان ۋاپاسىز،

[align=justify]سۆيگۈلەردىن بىخەۋەر، سۆيگۈ تېڭىپ يۈرەككە،

[align=justify]ئاشىقلارنى خارلىغان قەلىبلەر ھەم ۋاپاسىز.

[align=justify] 

[align=justify]ۋىسالىدىن كۈلمىگەن ساختا ئاشىق ۋاپاسىز.

[align=justify]چىن سۆيگۈگە يۈرەكتىن جان بەرمىگەن ۋاپاسىز،

[align=justify]كېتىۋالدىڭ بۇرۇنلا مېنى تاشلاپ يىگانە،

[align=justify]دىگۈم كەلدى ئەي جانان، شۇڭا سەنمۇ ۋاپاسىز.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]قۇربان ھىيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئاسىيە بالىلارغا كېيىم كىچىكىنى كەيدۈردى، ئايشەم خېنىم مىجىتقا بىر ئاياغ ئىپبەرگەن ئىدى، ئاسىيە بولسا جاسارەتكىلا ئالغان ئىدى، ئەمما جاسارەتنىڭ ئايىغى كىچىك كىلىپ پۇتىنى قىستاپ قويدى، بۇنى كۆرگەن ئاسىيە مىجىتنى تۇتىۋىلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇۋىلىپ، جاسارەتكە كېيگۈزۈپ قويۇپ، جاسارەتنىڭ بىر كونا ئايىغىنى مىجىتقا كىيگۈزۈپ قويدى، ئەتىگەندىلا ھىيت خۇشاللىقى ئورنىدا زورلۇققا ئۇچرىغان مىجىت ئاستا ئىشىك ئالدىغا چىقتى، نامازدىن يېنىپ، قوينى ئامانەت قويغان يەردىن يېتىلەپ كەلگەن(بۇلارنىڭ ھويلىسىدا قوي باققۇدەك يەر يوق ئىدى، شۇڭلاشقا قوينى بىر ئاي بۇرۇن ئىلىپ، تاغىسىنىڭ ئۆيىدە بىقىۋاتاتتى) ئابدۇساتتار ئىشىك تۈۋىدە شۈمشىلىپ تۇرغان مىجىتنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپلا يەنە جۇدۇنى تۇتتى:

[align=justify]-ھېي، قۇربان ھىيتىڭغا مۇبارەك بولسۇن، ئاياغ قىنى؟

[align=justify]-سىلىگىمۇ بولسۇن ئاكا، ئانام شۇ جاسارەتنى كەيسۇن دەپ.....

[align=justify]-تۇتە ما قوينى، ئۆيگە ئەكىرىپ، ھويلىدا تۇتۇپ تۇر.....ئابدۇساتتار شۇنداق دېدىيۇ ئەمما يەنە قوينى سويۇپ بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆيىگە يېنىپ كىردى، ئاندىن قوينى يېقىتىپ سويۇشقا باشلىدى، ئاندىن ئايشەم خېنىمغا بۇ ئەھۋالنى دەپ تۇرۇشىغا جاسارەت پەيدا بولدى.

[align=justify]-كېلە تاز، سىنى ئىزدەۋاتقان مەن.....

[align=justify]ئەزەلدىن ئابدۇساتتارنى كۆرسە پىتراپ قاچىدىغان جاسارەت يەنە قاچتى، ئەمما ئابدۇساتتار ئىككى تاقلاپ بېرىپ ئۇنى تۇتۋىلىپ، كۆتۈرۈپلا ئاياغنى سالدۇرىۋىلىپ _ماڭە، ئاناڭنى چاقىرىپ قوي! دەپ كەتكۈزىۋىتىپ ئاياغنى مىجىتقا كېيگۈزۈپ قويدى.

[align=justify]نەچچە مىنۇت ئۆتە ئۆتمەي ئاسىيە ھويلىغا كىردى، ئەمما ھويلىدا تۇرۇپ، مىجىتنى ئەركىلىتىۋاتقان ئابدۇساتتارنى كۆرۈپ گەپ-سۆز قىلماي كەينىگە ياندى.

[align=justify]-ئاچا، ماڭا قۇربان ھىيىت بولاپتىكەن، ھىيىتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!

[align=justify]-ھە.....بىرگە بولسۇن....چاقىرىپتىكەنلا.....

[align=justify]-نېمىگە چاقىرغىنىمنى بىلىپ بوللا ھەقىچان، سەۋەبىنى بىلەي دەپ....

[align=justify]-شۇ جاسارەت بەك يىغلاپ.....

[align=justify]-ئەمدىغۇ يىغلىمىغاندۇ؟

[align=justify]ئابدۇساتتارنىڭ ھەتتا ھىيىت كۈنىمۇ شۇنداق ناچار قىلىق چىقارغان ئاسىيەگە قوپال تەگكۈسى بولسىمۇ، ھىيت بولغاچقىلا ئىشنى مۇشۇنداق تۈگەتتى.

[align=justify]ئىشقىلىپ، ئابدۇساتتار مىجىتقا كۆيۈنگەنسىرى ئاسىيە يېڭى خۇي چىقىرىۋاتاتتى، يا پەرھاتنىڭ ئاسىيەگە گېپى ئۆتمەيتتى، يا ئۆزىنى سورىمايتتى، تۇققانلار ئارىلاشسا باھانە كۆرسىتەتتى، نەخ جايدىن تۇتۇۋالسا چىكەتكىدەك چەكچىيىپلا تۇراتتى.

[align=justify]ئابدۇساتتار بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە دەل چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مىجىتنىڭ كوچىدا نان غاجىلاپ ئويناۋاتقانلىقىنى تولا كۆرۈپ قالدى، ئاخىرى بىر كۈنى چاقىرىپ سورىدى:

[align=justify]-ھەي، بۇ ئاناڭ كۈندە ئۆيدە تاماق ئىتىدۇ، سەن تاماق يېمەمسە؟

[align=justify]-مەنمۇ يەيمە، شۇ يەتمەيدىكەن، ئاش پىشىپ بولغۇچە ئويناپ كىرىڭ دەيدۇ، ئويناپ كىرسەم ھەممە ئاشنى دادام ئىچىپ بولىدىكەنغۇ.

[align=justify]ئابدۇساتتار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىنى چۈشەندى، چۈنكى قايسى كۈنى ئاسىيەنىڭ «بۇ بالا كۈندە چۈشتە تاماق تەييار بولۇشقا ئاز قالغاندا ئوينايمەن دەپ چىقىپ كەتسە مەندە نېمە ئامال؟» دەپ پەرھاتقا دەرد تۆكۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى، بالىنى دادىغا، دادىنى بالىغا يامان كۆرسىتىۋاتقان بۇ خوتۇن ئۇنىڭ يەنە غەزىپىنى قوزغىدى، شۇڭلاشقا ئۇ بۈگۈن مىجىتنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردى، ھەممىسى داستىخان ئۈستىدە، پەرھاتمۇ تاماق يەۋاتاتتى، ئابدۇساتتارنى كۆرگەن ئاسىيە يەنە بىرەر ئىش بولۇشىنى پەملىگەندەك ئاستىلا ياندىكى ئۆيگە كېرىپ كەتتى.

[align=justify]-پەرھاتجان ئاكا، بۇ ئۆيدە تاماقنى بەك ئاز ئىتەمدۇ يا؟

[align=justify]-ۋاي ياق ئۇكام، كۆرپىگە كەلسىلە، يېسىلە بار....ئاسىيە، ما ئابدۇساتتار غوجامغا ئاش ئۇسە.....

[align=justify]-ياق بولدى! ما مىجىتچۇ؟

[align=justify]-كۈندە چۈشتە كەلسەم يوق بۇ، ئاسىيەدىن سورىسام ئۆيدە تۇرغىلى ئۇنىماي قىچىپ كەتتى دەيدۇ...

[align=justify]ئەمما مىجىت ئەمدى خىلى چوڭ بوپقالغاچقا ھەممە گەپنى دەۋەتتى، پەرھاتجان تۇرۇپلا قالدى، ئاسىيە بولسا ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىمايۋاتاتتى، ئابدۇساتتار دەيدىغاننى دەپ بولۇپ، قايتىپ چىقتى.

[align=justify]ئەمما، سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دېگەندەك، سەككىز ياشقا كېرىپ قالغان مىجىت ھىلىھەم ئۇنداق ئازارلاردىن قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتاتتى، تۇنجى قېتىملىق مۇھەببەتتىن ئۇجۇقۇپلا كەتكەن ئابدۇساتتارمۇ داۋاملىق كۆڭلى غەش يۈرەتتى، ئۇنىڭغانغا يونىغاندەك، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق دىشىۋارچىلىق ئۇنىڭغا بەكلا ئىغىر كەلدى.

[align=justify]بىر كۈنى ئۇ سەل كەچ قالدى، سائىتىگە قارىدى، ئەگەر ھازىرلا ئىشتىن چۈشسە نامازشام يولدا قازا بولۇپ كېتەتتى، شۇڭا يەنە بىردەم تۇرۇپ، نامازنى ئۆتىۋىلىپ ماڭماقچى بولۇپ كومپيۇتېرنى ئىچىپ ئەتىگە ئىپقويغان بىر ئىشنىڭ لاھىيىسىنى تۈزۈپ قويدى، ئاندىن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋىتىپ نامازغا تۇردى، ئۇ نامازنى تۈگىتەي دەپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز يۈرىكى ئېغىزىغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ نەپسى قىيىنلاشتى، بېشىغا قاتتىق ئاغرىق كېرىپ كەتتى، بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن، ئەمما بۈگۈنكىدەك بۇنچە قاتتىق ئەمەس ئىدى، ئەتىسى ئابدۇساتتار دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتتى، دوختۇرنىڭ دىئاگنۇزىنى كۆرۈپ ئۇ تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتى.

[align=justify]-ئۇكام، سىزگە راستىنى دەي، سىز نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بوپسىز، يەنە نىرۋا فونكىسىيسى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتۇ، بۇنداق كېتىۋەرسىڭىز تازا ياخشى بولمايدۇ، بۇ دەپلا قويسا بولىدىغان كېسەل ئەمەس، بېسىپراق داۋالىتىڭ، ياتاقتا يېتىڭ دېسەم نىرۋىڭىز تېخىمۇ تۈگىشىدۇ، شۇڭلاشقا سىز ساياھەتكە چىقىڭ، ياكى ئۆيدە ئارام ئىلىڭ، كومپيۇتېر ۋە خىمىيەلىك نەرسىلەر بىلەن ئىتىشماڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۇيقۇغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ، بىكار بولسىڭىزلا ئۇخلاڭ، بۇ نىرۋىغا پايدىلىق، بىر ئىشلارنى كۆپ ئويلىماڭ. ئاندىن ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىپ تەكشۈرتۈشنى ئۇنۇتماڭ، ئۆيىڭىزدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇڭ.......

[align=justify]دوختۇر ئەنە شۇنداق دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر مۇنچە دورىلارنى يېزىپ بەردى، ئەمما بۇ تەرسا يەنە ساراڭلىق قىلدى: ئىشخانىدىن چىقىپلا رىتىسىپ قەغەزلىرىنى يىرتىۋەتتى، ئاندىن يەنە بۇرۇنقىدەك ئىشىنى قىلىۋەردى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]مۇشۇ كۈنلەر ئابدۇساتتار ئۈچۈن بەكلا قېيىن بىلىنىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ سىڭلىسى ئەمدى 17گە كىرگە بولسىمۇ ئەلچىلەر ئۇلارنىڭ تولا بىشىنى ئاغرىتىپ قويدى، ئايشەم خېنىم ئاخىرى قىزىنى ياتلىق قىلىش ئويىغا كەلدى، ئەمما ئابدۇساتتار قارشى چىقتى، ھەرقانداق ئىش بولسا ئابدۇساتتارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئايشەم خېنىم بۇ ئىشتا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردى، مانا، ئۈچ كۈندىن كېيىن توي، ئابدۇساتتارنىڭ قاپىقى تۈرۈك، ئۇنىڭ يۈرىكى پات-پات قىينىغاننى ئاز دەپ، ئەمدى سىڭلىسىمۇ كېتىدۇ.....

[align=justify]شۇنداق قىلىپ، تويمۇ چىرايلىق ئاخىرلاشتى، سىڭلىسىمۇ چىرايلىق ئولتۇرۇپ قالدى، تۇرمۇش ئۆز ئىزى بىلەن كېتىپ باراتتى، مانا ئەمدى مىجىتقا كەلسەك، ئۇ 11 دىن ئىشىپ قالدى، ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەچكىمۇ پات-پات ئۆيگە كىرمەيدىغان بولۇۋالغان ئىدى، ئۇ ئۆيگە كىرمىسىمۇ پەرھات بولسا سۈرۈشتىسى بولغىنى بىلەن ئۇ بولمىسا ھىچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى، يەنە شۇ ئايشەم خېنىم بىلەن ئابدۇساتتار ئىزدەپ تۇراتتى.

[align=justify]بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆيگە كىرمىگىنىگە توپتوغرا بەش كۈن بولدى، ئەمما ئاسىيە بولسا بۇنى ھىچكىمە تېنىپ سالمىدى، پەرھات بولسا باشقا شەھەردە ئىش قىلىۋاتاتتى، كەچ بولغاندا تۇيۇقسىز ئاسىيەنىڭ ئاللا-توۋىسى ئاڭلاندى، ئابدۇساتتار ئاستالا چىقتى، جاسارەتنىڭ يۈز-كۆزلىرى قان، توختىماي يېغلاۋاتاتتى، بۇنى كۆرۈپ ئابدۇساتتار نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.

[align=justify]-نېمە ئىش بولا، يولدا مىجىت تۇتۇۋىلىپ ئۇرۇپتۇ، بۇ بالا يا ئۆيگە كىرمەيدۇ، مانا ئەمدى ئۇكىسىنى.....

[align=justify]-ئۆيگە كىرمەيدۇ؟ قانچە كۈن بولدى؟

[align=justify]-بەش كۈن بولدى....

[align=justify]-نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيلا؟ قانداق گەپ بۇ؟

[align=justify]ئابدۇساتتارنىڭ ئىسىگە مىجىتنىڭ يەتتە ياش ۋاقتىدا قىلغان بىر گىپى كېلىپ قالدى ، ئۇ كۈنى ئۇ ھويلىدا كىتاپ كۆرۈۋاتاتتى، مىجىت كۆزلىرى ياش يۇقى كىردى، ئابدۇساتتار يەنە ئاسىيەدىن تاياق يېگەن ئوخشايدۇ دەپ نېمە ئىشلىقىنى سورىدى:

[align=justify]-ئاۋۇ ئېرىق بويىدا ئولتۇرسام، چاشقاندىن بىرسى ئويناۋىتىپتىكەن، قولۇمغا چالما ئىلىپ: ئۆيۈڭگە كىرمەي بۇ يەردە نېمە بار؟ ئۆيۈڭ بولغاندىكىن، ئۆيۈڭدە ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟ ئۆيۈڭ بولمىسا قانداق قىلاتتىڭ؟ سېنى چىقىرىۋىتىدىغان كىم بارتى ئۆيۈڭدە دەپ راسا ئاتتىم، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن يىغلاپ سالدىمغۇ........

[align=justify]ئەينى چاغدىكى بۇ گەپ ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەن ئىدى، مىجىت 11 ياشقا كىرە-كىرمەي ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، كېيىنكى كۈنلىرى قانداق بولماقچى؟ 11 ياش دېگەن قانداق ياش؟ 11 ياش دېگەن قانچىلىك چوڭ؟

[align=justify]شۇ كۈندىن باشلاپ ئابدۇساتتار مىجىتنى خېلى ئىزدىگەن بولسىمۇ پەقەت تاپالمىدى، ئامال يوق پەرھاتقا خەۋەر قىلدى، پەرھات بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا دەرھال قايتىپ كەلدى، ئەمما شۇنچە ئىزدىسىمۇ مىجىت تىپىلمايۋاتاتتى. بۇ پەرھاتقىمۇ، ئابدۇساتتارغىمۇ بەك ئېغىر كەلدى، ئابدۇساتتارنىڭ ئاسىيەنى چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتتى، ئەمما بولغۇلۇق بولدى.

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتتى، پەرھاتمۇ 22 گە كىردى، ئەمما ئانىسىنىڭ ئۆيلەپ قويۇش پىكىرىنى كەينىگە سۆرەپلا كېلىۋاتاتتى، مۇشۇ كۈنلەردە ساقچىلار ئادەم بىدىكلىرىگە زەربە بېرىش كۆرىشىدە مىجىتنى ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەردىن تېپىپ ئەكەلدى، بۇ چاغدا ئابدۇساتتارمۇ ئاكىسىنىڭ يېنىدىن قايتىپ چېقىپ ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلەپ، بىر ئاددى دۇكاننىڭ خوجايىنى بولۇپ ئۆزى يالغۇز ئىشلەۋاتاتتى، ئەمما بۇ قېتىم بۇ بالا بۇرۇنقى مىجىت ئەمەس، باشقىچە مىجىت بولۇپ چىققانىدى، كۆزلىرىدىن ئاجايىپ نۇرلار چاقنايتتى، گەپلىرىدىن قارىغاندا كىچىكلىكىگە قارىماي «خوجايىن»نىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمىدەك قىلاتتى، پەرھات ئۇنى يەنە تۈگىشىپ كەتىمىسۇن دەپ دۇكىنىغا ئەكىلىۋالدى، ئەكىلىۋالدىيۇ بېشىغا چوڭ بالا تاپتى.

[align=justify]بىر كۈنى ئابدۇساتتار بىر ماتىرىيالغا چىقىپ كەتتى، بۇ مىجىت دۇكانغا چىقىپ ھەپتىدىن كېيىن بولغان ئىش ئىدى، ئۇ ماتىرىيالنى ئېلىپ كەلگەندە ئىشىكتە زەنجىر قۇلۇپ تۇراتتى، ئابدۇساتتار مىجىتنى تاماق يېگىلى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئىشىكنى ئىچىپ كىردى، كىرىپلا ماتىرىيالدىن ئاشقان پۇلنى تارتمىغا سىلىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى: تارتما قۇپقۇرۇق تۇراتتى.....

[align=justify]ئابدۇساتتار ئېغىر بىرنى ئۇھ تارتتى، كەچتە بۇ ئىشنى ئايشەم خېنىمغا دېدى، ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە پەرھات كېرىپ كەلدى:

[align=justify]-ئابدۇساتتار غوجام، مىجىت قېنى؟؟؟

[align=justify]ئابدۇساتتار بولغان ئىشلارنى دەپبەردى، ھەمدە پەرھاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزىپى تاشتى، چۈنكى پەرھات ئەتىگەن ئۆيدىكى ساندۇقتىن بىر مۇنچە پۇلنى ئېلىپ قېچىپتۇ، بۇ ئىش ئەمدى بايقالغان ئىدى.

[align=justify]شۇ ئىش بولۇپ ھەپتىدىن كېيىن مىجىت يەنە شۈمشۈلۈپ پەيدا بولدى، بۇ قېتىم ئابدۇساتتار ئۇنى ئەپچىل ئۇچۇغداپ قويدى، ئەمما يەنىلا دۇكىنىدا ئىپقالدى. ئەمما بۇنداق ئىشلار تولا يۈز بېرىپ ئابدۇساتتار يەنە بىر يوقىغانچە 5 يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئابدۇساتتار ئۆيلىنىپ، ئىككى بالىلىق بولغان ئىدى. دۇكىنىنىمۇ كېڭەيتىپ، بىر مۇنچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى، ئۇ يەنىلا مىجىتنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى، ھەمدە باشقىلارغا ئۇنىڭغا ئوبدانراق كۆز-قۇلاق بولۇشنى تاپىلاپ دۇكىنىغا قويدى. ئۇنىڭغا بىر ئىغىز ئامبارنى بوشىتىپ بەردى، ئۇ شۇ يەردە يېتىپ تۇرۇۋاتاتتى.

[align=justify] بىر كۈنى كەچتە ئابدۇساتتار بىر مۇھىم نەرسىسىنى دۇكاندا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە كەلدى-دە، دەرھال دۇكانغا باردى، دۇكاننىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى، ئۇ ھەيران قېلىپ ئىچىگە كىردى، ئاندىن مېجىتنىڭ ياتىدىغان جايىغا كېلىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، مىجىت ئاجايىپ بىر ھايۋانى ھالەتتە يەنە بىر قىز بىلەن تۇراتتى، ھىلىقى قىز دەرھال يوتقانغا كېرىۋالدى، ئابدۇساتتار بارغانچە بېرىپ مىجىتنى بىرنى پەشۋالىدى. ئاندىن مىجىتنى راسا ئۇردى، مىجىت بولسا ئىپادىسىزلا تۇراتتى.

[align=justify]بۇ ئىش ئابدۇساتتارغا بەك ئېغىر كەلدى، ئەزەلدىن بۇ ئائىلىدىن بۇنداق پەسلىك چىقىپ باقمىغان ئىدى، ئابدۇساتتار بۇ ئىشنى بىركىمگىمۇ دەپ يۈرمىدى، ئەمما يېقىندىن بىرى يۈرىكى تېخىمۇ چاتاق سىلىۋاتقان بولغاچقا بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، يۈرىكىنىڭ ئاغرىقى بىلەن بېشىنىڭ ئاغرىقى قوشۇلۇپ ئۇنى تېخىمۇ قىيناۋاتاتتى، ئەگەردە ئايشەم خېنىم ۋە مېھرىبان ئايالى بولمىغان بولسا بۇ چاغقىچە ئابدۇساتتار بۇنداق يۈرەلمىگەن بولاتتى. ئەمما بۇنداق ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلار ئۇدا يۈز بىرىۋەردى، بىر كۈنى ئابدۇساتتار دۇكانغا كەلدى، كىردىيۇ ھەيران قالدى، مىجىت بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى دۇكاندا پۇل قويمايتتى، ئەمما بۈگۈن دۇكاندىكى ئىككى كومپيۇتېر يوق، يەنە بىرسىنىڭ ئاساسى ماشىنىسى يوق تۇراتتى، ئۇ غەزەپ بىلەن مىجىتنىڭ ياتىقىغا كىردى، ئەمما ئۇ كۆرۈنمەيتتى....

[align=justify]ئابدۇساتتار دەرھال ئۈچ كومپيۇتېر سېتىۋىلىپ سەپلىدى، ھىلىمۇ دائىملىق ھۆججەتلەرنى لازىر نۇرلۇق دېسكىغا كۆچۈرۈۋالغاچقا ئىش ئاقساپ قالمىدى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ بەكلا ئاچچىقى كەلدى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا «ئەمدى مىجىتنى تۇتۇۋالسام پۇتىنى چىقىۋەتمىسەم» دەپ تىللاپ كەتتى.

[align=justify]يەنە بىر كۈنى ئابدۇساتتار خۇپتەندىن يېنىپ ئۆيىگە كېرىپ كېتىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئاسىيەلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئابدۇساتتار پەرھاتنى كەلگەن بولسا بىر سالاملىشىپ ئۆتۈشنى خىيال قىلىپ ھويلىغا پۇتىنى ئالدىيۇ دەرىزىدىن ئۆي ئىچىگە قاراپلا ھەيران قالدى، ئۆي ئىچى يورۇق بولغاچقا ھويلىدىكى ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەمما ئۆي ئىچى ئېنىق كۆرۈنەتتى، ئۆيدە بىر نەچچە ئادەم توختىماي قوغلىشىۋاتاتتى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى ئەر كىشىدەك قىلاتتى...

[align=justify]ئابدۇساتتار ئۆيگە كېرىپلا ھەممىنى بىلدى، بۇ باشقا كىشى ئەمەس، دەل مىجىت ئىدى، قولىغا بىر پىچاقنى ئىلىۋىلىپ، ئاسىيەنى پۇل چىقىرىشقا قىستاۋاتاتتى، ئاسىيە بولسا ئۆزىنى ئىشىك تەرەپكە ئاتاتتى، ئەمما مىجىت ئۇنى پىچاق تەڭلەپ ماڭدۇرمايۋاتاتتى.

[align=justify]-ھېي! ھايۋان! نېمە قىلىق بۇ؟!

[align=justify]-ماڭەۋاي! كارىڭ بولمىسۇن...

[align=justify]ئابدۇساتتار ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئىتىلدى، مىجىت ئەيمەنمەستىن ئۇنىڭغىمۇ پىچاق شىلتىدى، ئابدۇساتتار چاپىنىنى سىلىپلا ئۇنىڭ بېشىغا ئاتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوڭشاۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەجەللىك يېرىگە پەشۋالىۋەتتى، مېجىت ئۆزىنى تالاغا ئېتىشقا ئاران ئۈلگۈردى، ئابدۇساتتار ئۇنى قوغلاپمۇ يۈرمەي، ئاسىيەلەرگە گەپمۇ قىلماي قايتىپ چىقتى.

[align=justify]ئۇ بۇ ئىشلارنى ئايالىغا ئىيتتى، ئايالىنىڭ تەسەللىسى بىلەن سەل پەسكويغا چۈشتى، بالىسىنى ئەركىلتىپ ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ خىيال سۈرۈپ، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمىدى.

[align=justify]كۈنلەر ئۆتۈۋاتماقتا، ئابدۇساتتار كۈنسىرى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتاتتى، بىر كۈنى سەھەردە ئابدۇساتتار نامازدىن يېنىپ بوۋىسىنىڭ بېشىغا باردى، ئۇ يەردە روھ-ئەرۋاھلارغا دۇئا قىلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇشىغا مىجىت ۋە يەنە ئىككى بالىنى كۆرۈپ سەل تەمتىرەپ قالدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا قولىدا پىچاق يالتىراپ تۇراتتى:

[align=justify]-ئاكا، سىز ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلغان، شۇڭا ياخشىلىقنى ئاخىرىغىچە قىلىۋىتىڭ، ماڭا پۇل لازىم، 200 مىڭ يۈەن بولسا يېتىدۇ.

[align=justify]-200 مىڭ؟ ھۇ ھارامدىن بولغان لالما-ئابدۇساتتار بۇ يەرنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ تىل سالدى-سەن يۈندىخورغا بىرىدىغان 2 موچەنمۇ يوق.

[align=justify]-ئاكا...جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن...

[align=justify]-ۋاي نېمە قىلماقچى؟ سەن ھاراملىقنى شۈنچە كۆيۈنۈپ ئادەم قىپقويسام، ئەمدى ماڭا مۇشۇ كۈننى كۆرسىتەمسە؟!

[align=justify]-نېمە دېسەڭ دە، ھاراملىق دېمە!!!

[align=justify]-لالما، ئادەم بولمايدىغان، ھاراملىق!!!

[align=justify]مىجىت ئابدۇساتتارنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ، پىچىغىنى شىلتىدى:

[align=justify]-تىلمۇ سالدىڭ، پۇل بىرەمسە بەرمەمسە؟

[align=justify]-دەيدىغاننى دەپ بولدۇم، پۇللىرىمنى قەلەندەرگە بەرسەم بېرىمەن، ساڭا بەرمەيمەن.

[align=justify]-كېلىڭلار ئاغىنىلەر! تۇتۇڭلار بۇنى......

[align=justify]مىجىت شۇنداق دېيىشىگە ھىلىقى ئىككى بالىمۇ بۇنىڭغا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى، ئابدۇساتتار شۇنداق چاققانلىق بىلەن مىجىتكە بىر مۇشت ئاتتى، ئەمما يىقىندىن بىرى جىسمانى قۇۋىتى كېمىيىپ كەتكەن ئابدۇساتتارنىڭ بۇ ئۈچ ئادەمگە تەڭ كېلەلىشى مۇمكىن بولمىدى، ئۇ ئىككىسى كېلىپلا ئۇنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ مىجىتكە بىر پەشۋا ئاتتى، مىجىت شۇ زامات ئۇنىڭ بىقىنىغا بىر پىچاق ئۇرۇۋەتتى، ئاندىن ئۇنى دەسسەپ يېقىتىۋىتىپ قېچىپ كەتتى، ئابدۇساتتار قان ئىقىۋاتقان بىقىنىنى قولىدا قاماللاپ تۇتۇۋالغانچە ھۇشىدىن كەتتى. بايامدىن بېرى يىراقتىن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان مازارلىقنىڭ گاچا شەيخى ئۇلار كەتكەندىن كېيىن يۈگۈرەپ كېلىپ ئابدۇساتتارنى يۆلىدى، ئۇنىڭ ھۇشىدىن كەتكىنىنى كۆرۈپ دەرھال يولغا چىقىپ ئادەم چاقىرىپ قويدى...

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]ئۇ ھۇشىغا كەلگەندە ئېغىزىنىڭ ناھايىتى قۇرپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى، بېشىدا ئايالى يىغلاپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ھۇشىغا كەلگىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى:

[align=justify]-ۋاي خۇدايىم، كىم شۇنداق قىلدى سىلىنى؟ يا بىرەرسىگە يامانلىق قىلمىساق، نېمە كۈن بۇ ئەمدى؟

[align=justify]ئەمما ئابدۇساتتار كۆزلىرىنى غەزەپ بىلەن چەكچەيتكىنىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ زۇۋان سۈرمەي ياتاتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى بىلگەن كارىدۇردىكى ئىككى ساقچى كېرىپ كەلدى:

[align=justify]-بىزگە نېمە ئىش بولغىنىنى دەپبىرەلەمسىز؟-دېدى بىر ساقچى كېرىپلا.

[align=justify]-ھازىر گەپ قىلغۇدەك مادارىم يوق، ئەتىگىچە بىر سۆزلەپ بىرەي....

[align=justify]ساقچىلار چىقىپ كەتتى، ئەمما ئابدۇساتتار توختىماستىن بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاۋاتاتتى.

[align=justify]ئۇ بىر مەزگىل داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئەمما ساقچىلارغا ئۆزىگە پىچاق سالغۇچىنىڭ ئىككى ياش بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتتىيۇ، مىجىتنى تىلغا ئالمىدى، ساقچىلارنىڭ «سىزنى قۇتۇلدۇرغان ئادەم ئۇلارنى ئۈچ دېگەنتىغۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بىلمىدىم دەپلا جاۋاپ بەردى. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم كۈنلەرنى تېپىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆز ئىشىغا كېرىشىپ كەتتى، ئەمما ھايات ئۇنى يەنە تىنچ قويمىدى.

[align=justify]بۈگۈن ئۇ چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كېرىپ، ئايشەم خېنىمنىڭ «بالام، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارسىلا» دېگەن ئىلتىماسىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى:

[align=justify]-نېمە ئىش بولدى؟

[align=justify]-جاسارەتنى باشقىلار چانىۋىتىپتۇ دەيدىغۇ؟ ھازىر پەرھات تېلېفۇن قىپتۇ، جىددى قۇتقۇزۇشتىكەن......

[align=justify]ئابدۇساتتار بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدى، ھەر دەرھال دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى.

[align=justify]-سول قولىنىڭ ئۈچ بارمىقى، ئوڭ قولىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى ئۈزىۋىتىپتۇ، ئۇلايلى دېسەك ئۈزۈلگەن بارماق تېپىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككى كۆزىگە پىچاق تېگىپتۇ، بەلكىم ئەما بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، يەنە سول قۇلىقىنى كېسىۋاپتۇ.......

[align=justify]ساقچى ۋە دوختۇرلارنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئاسىيە ھۇشىدىن كەتتى، پەرھات بولسا ئولتۇرۇپلا قالدى، ئابدۇساتتارنىڭ جاسارەتكە ئىچى ئاغرىۋاتاتتى.

[align=justify]شۇنداق قىلىپ، ساقچىلار بۇ ئىشنى سادىر قىلغۇچىنى مىجىت دەپ بېكىتتى، ئەمما بۇ چاغدا مىجىت ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغان ئىدى. ساپ-ساق بىر بالا قاراپ تۇرۇپ چولاق، ئەما بوپقالدى...

[align=justify]

[align=justify]

[align=justify]بۈگۈن ئۇ چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كىردى، ئۆيگە كېرىپ پەرھات ئاكىسىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ بەكلا چۈچۈپ كەتتى:

[align=justify]-ۋاي....نېمە بولدى ئاكا؟ بىرەر ئىش....

[align=justify]-ئۇكام.....مىجىتنى.....ئىچكىرىدە بىر قارا گورۇھنىڭ ئادەملىرى......

[align=justify]پەرھاتنىڭ يىغىسى ئەۋج ئىلىپ، گېپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ئۇنىڭغىچە ئاسىيە ھەممە گەپنى دەپبەردى.

[align=justify]بۇ قېتىم مىجىت ئابدۇساتتاردىن پۇل ئالالمىغاندىن كېيىن باشقا ناھىيىگە بېرىپ ئىككى خەنزۇنى بۇلاپ، بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدى، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ قىلغىنىنى بىلىپ بولغۇچە ئۇ جاسارەتنى ئادەم ئىسكەتىدىن كەتكۈزۈپ قويغان، ئاندىن ئىچكىرىگە قېچىپ كەتكەن، ئىچكىرىدە بۇرۇن تونۇشقان ئۈلپەتلىرى بىلەن تېپىشىپ، يەنە قانۇنسىز يوللار بىلەن جان باققان، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قارا گورۇھنىڭ ئادەملىرىدىن بازار تالىشىپ بولغان جىدەلگە قاتنىشىپ،  قارشى تەرەپكە ئەسىرگە چۈشكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ پېيىنى چانىۋىتىپ، كوچىغا تاشلىۋەتكەن، مانا شۇ چاغدا ئۇ ئۆزى يان باسقان ئادەملەرمۇ ئۇنى تاشلىۋەتكەن، مىجىت شۇلارنى دەپ ئاشۇ كۈنگە قالغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كارى بولماي، كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىدى.

[align=justify]ئەتىسى ساقچىلار ئابدۇساتتارنى ئىزدەپ كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا «مىجىتنىڭ يانچۇقىدىن تىپىلغان، سىزگە تەئەللۇقكەن» دەپ بىر كونۋىرىتنى تۇتقۇزۇپ قويدى، كونۋىرىتنىڭ ئۈستىگە «دۇنيادىكى مېھىرنىڭ نېمىلىكىنى بېلىدىغان ئابدۇساتتار ئاكامغا تەئەللۇق» دېگەن خەتلەر تۇراتتى. ئۇ ئاستالا كونۋىرتنى يىرتتى، خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى:

[align=justify]«ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاكا، ئالدى بىلەن، سىزگە ئاللاھتىن خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق ۋە بەخىت تىلەيمەن، ئايشەم خېنىم ئانام، ماھىرە ئاچام، يەڭگەم ۋە پەرزەنتلىرىڭىز سالامەت بولغاي.

[align=justify]ئاكا، سىزدىن ئۆتۈنەي، خېتىمنى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز.

[align=justify]بىلىمەن ئاكا، ماڭا نەپرەتلىنىسىز، ماڭا قىلغانلىرىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىيدۇ، سىز ھەقلىقسىز، مەندەك تۇزكۇر، نادان ۋە قارايۈز بىرىگە نەپرەتلىنىشكە تامامەن ھەقلىقسىز. مېنى تىللاشقا، قارغاشقا پەقەت ۋە پەقەت سىزلا ھەقلىقسىز.

[align=justify]بىلەمسىز ئاكا، ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ مەن ئۈچۈن مېھىر دېگەن نەرسە يوقلا بولۇپ كەلدى، ئىنسانلار شۇنى ئويلىمىدىكى، مېنىڭمۇ بىر ئاددى ئىنسان ئىكەنلىكىمنى، ئۆرلىرىگە ئوخشاشلا سۆيگۈگە، مېھىرگە، ئىللىق ئائىلىگە تەشنا ئىكەنلىكىمنى ئويلىمىدى. ھەر قېتىم بالىلار مېنى «ھاراملىق» دەپ تىللىغاندا، مېنىڭ قەلبىمنىڭ خۇددى شىۋىرغاندا قالغاندەك سوغۇق ۋە يىقىمسىزلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئانا، دادا دېگەن گەپلەرنى ئىغىزىمدىن چىقارغاندا قەلبىمنىڭ قانچىلىك غىرىپسىنىپ كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشمىدى. گەرچە دادام بولسىمۇ ئۇ ماڭا ھىچنىمە قىپبىرەلمىدى، ئاداققىسى ئۇ بىر بالىغا بىرىشكە تېگىشلىك مېھرىنىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ ماڭا بىرەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئالدىراش. ئاسىيە (ئۇنى ئانام دېگۈم يوق)نىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا قىيامەت كۈنى ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن.

[align=justify]ئاكا، بىلەمسىز، ھەر قېتىم سىز ماڭا بولۇشۇپ ئاسىيەگە ئازار بەرگەندە كەينىڭىزگە يېنىپلا چىقىپ كېتىسىز، ئەمما ئۇنىڭ ماڭا يەنە نېمىلەرنى قېلىدىغىنىنى سىز ھەرگىز بىلمەيسىز، ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئىشلار بولسا ئۇ ماڭا ئاجايىپ كۈلپەتلەرنى كۆرسەتتى، ھەتتا بىر قېتىم قىش پەسلىدە قىزىتىلغان تۆمۈرنى دۈمبەمگە يېقىۋەتتى، بۇنىڭ سەۋەبى يەنە ئاشۇ جاسارەت ئىدى، مەن ئۇنى ھامان ئۆلتۈرىۋىتىمەن دەپ ئويلايتتىم...

[align=justify]مېنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق ئەسكى ئىشلارغا ئارىلىشىدىغىنىمنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا دەپبىرەي، مەن ئۆيدىن ئازراقمۇ مېھىرگە ئىرىشەلمىدىم، ئائىلىنىڭ باشقىلار دېگەندەك ئىللىق بولىدىغانلىقىنى پەقەت ھىس قىلالمىدى. ھەقىچان سىزمۇ بىلىسىز، مەھەللىمىزدىكى توختى ناۋاينىڭ ئوغلى مەنسۇرنى، ئۇ ھازىر تۈرمىدە، ئۇ مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى بىلەتتى، مەن ئۆيگە كىرمەسلىكنى ئۆگەنگەن ئاشۇ كۈنلەردە ئۇ يالغاندىن بولسىمۇ ماڭا مېھىر بەردى ئاكا، مەن سىزدىن، ئايشەم ئانامدىن قالسا ئاشۇ بالىدىن مېھىر كۆردۈم (گەرچە ئۇ مەقسەتلىك ھەمدە يالغاندىن بولسىمۇ)، ئەمما ئۇ بالا بىلەن يېقىن ئۆتسەم، جاسارەتنى ئۇ ئۇرۇپ بەرسە سىز ماڭا بولۇشقان چاغلاردىكىدەك ھىلىقى جەددالدىن خورلۇق كۆرمەيتتىم، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەقلىمدە كىم ماڭا سىلىق مۇئامىلە قىلسا، كىم يەيدىغان نەرسە بەرسە شۇ ئەڭ ياخشى ئىدى، شۇنداق قىلىپ، بىر كۈنى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە جاسارەتنى قاتتىق ئۇردۇم، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدىم، مەنسۇر ئۇنى ئۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

[align=justify]شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى يىراق يەرلەرگە ئاپاردى، جاھان كۆردۈم، چوڭ بولدۇم، سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرۇش تۈگۈل يەنە سىزگە ئىش تەپبەردىم، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ پەقەت ئاشۇ مەندىن پايدىلىنىدىغانلارنىڭ يالغاندىن قىلىنغان مېھرىگە ئىرىشىش ئۈچۈن! باشقىلارنىڭ سىلىق مۇئامىلىسى ئۈچۈن! باشقىلارنىڭ ماڭا كۈلۈپ قارىشى ئۈچۈن! ساختا بولسىمۇ ، ئاشۇ ئادەملەر رەزىل بولسىمۇ، ماڭا قىلىنغان بىر مېھىر ئۈچۈن!!! ئانامنىڭ قوينىدا خاتىرجەم ئۇخلىغاندىكى ھىسياتنى ھىس قىلىش ئۈچۈن! دادامنىڭ قۇچىغىدا ئەركىلىگەندىكى بەخىت پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن! دادا ئۈچۈن! ئانا ئۈچۈن!!! بىر ئائىلە ئۈچۈن!!!

[align=justify]ئەمما مەن ئۆزۈمنى يەنە ئالداپتىمەن، مەن بىر قارارغا كەلدىم، زادى ئەسكى ئادەم بولۇش قارارىغا كەلدىم، ھەقىچان سىز ئاسىيەنىڭ مېنى كىچىچە ئۇخلاتماي پۇت-قوللىرىنى تۇتقىلى سالغىنىنى، مۈگدەپ قالسام ساپما كەش بىلەن قۇلاق تۈۋىمگە سالغىنىنى بىلمەيسىز، ئۇنىڭ مېنى كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قويغانلىرىنى بىلمەيسىز. ئۇنىڭ مېنى جاسارەتنىڭ خۇشلۇقى ئۈچۈن تۇرۇبا ئورىسىغا سولاپ قويغانلىرىنى بىلمەيسىز!

[align=justify]مەن دادامدىن نەپرەتلىنىمەن، دادام بىر يارىماس، ئەگەر ئۇ ئەركىشى بولغىنىدا ئىدى مېنى تاپماس ئىدى، تاپسىمۇ جاسارەتكە ئوخشاش ئاسىيەدىن تاپقان بولار ئىدى، مەنمۇ جاسارەتتەك ئانامنىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغان بولاتتىم....

[align=justify]ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئىشلار بولسا دادامنىڭ بىرەر ئىغىزمۇ جايلاپ گەپ قىلالماسلىقى مېنىڭ نەپرىتىمنى قوزغايدۇ، ھەر قېتىم كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۆيگە كىرمىگەنلىرىدە ئاشۇ ئادەمنى سېغىنغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ مېھىر ئۈچۈن! مەن ئىرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ئىرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن! مېنىڭ سۆيگۈدىن مەھرۇم بولغانلىقىم ئۈچۈن!

[align=justify]17 ياشقا كېرىپ ئالدىڭىزدا ھايۋانلارچە قىلىقنى قىلغان ۋاختىمغا پۇشايمان قىلمايمەن، ئاشۇ چاغدا ئاشۇ ياشلىق ھىسياتىم بىلەن بىر قىزغا تەلەپ قويدۇم، ئەمما قىزنىڭ «مېنىڭ پاكىزىرەك يېگىت بىلەن يۈرگۈم بار» دېگەن گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ كىمنىڭ گۇناھى؟ ئەجەبا مېنىڭما؟ مەن ئۆزۈم تۇغۇلۇۋالدىممۇ؟ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ خار بولغۇم بارمۇ؟ مېنىڭ بەخىتلىك ياشىغۇم يوقمۇ؟ ھارامدىن بولۇش مېنىڭ گۇناھىممۇ؟؟؟

[align=justify]مەن ئاخىرى سىپى ئۆزىدىن ئەسكى ئادەم بولۇشنى قارار قىلدىم، جاسارەتنى سىتىۋىتىشنى نىيەت قىلدىم، ئەمما ئۇ چوڭ بوپقالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھىلىقىدەك جازالىدىم. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەم ئۇ ئازاپتىن ناھايىتى تىز قۇتۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئاشۇ رەزىل ئۇسۇلنى قوللاندىم.

[align=justify]مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئەڭ مۇھىمى ياراتقان ئىگەمگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەن ۋاپاسىزنى كەچۈرۈڭ. ئەمەلىيەتتە سىزگە پىچاق سالغۇم يوق ئىدى، ئەينى چاغدا قەلبىم قاپقاراڭغۇ زىندانغا ئوخشاش بولۇپ قالغان، سىزنىڭ ماڭا ئاتقان بىر پەشۋايىڭىز ئالدىدا كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمەي قالدى، ئەمما شۇ چاغدا يۈرۈكۈم يىغلاۋاتاتتى، سىزگە پىچاق سالغاندىن كېيىن بەكلا پۇشايمان قىلدىم، مارىلاپ تۇرۇپ، ھىلىقى گاچا شەيىخ ئادەم چاقىرىپ كەلگەندە ئاندىن كەتتىم.

[align=justify]دۇنيادا مېھىر....مېھىر....مېھىر دەپ ياشاپ، زەررىچە سايىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئادەمنى كەچۈرۈڭ. بىر چاغدا سىز ماڭا ئوقۇپ بەرگەن، ئۆزىڭىز يازغان ھېلىقى بىر مۇنچە شېئىرنىڭ مونۇ مىسرالىرى ھىلىمۇ ئىسىمدە:

[align=justify]يىتىم يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ،

[align=justify]مىسكىن زارلىسا دۇنيا زارلايدۇ،

[align=justify]ناتىۋان ئاھ ئۇرسا دۇنيا قاينايدۇ،

[align=justify]غېرىب كۈلمىسە دۇنيا كۈلمەيدۇ،

[align=justify]مېھىردىن كۈلسە دۇنيا مەندە نە ئارمان؟

[align=justify]ياراتقان ئىگەم ھەممە ئادەمنى ياراتقاندا تەقدىرىنى پىشانىسىغا يازارمىش، بېشىمغا پۈتۈلگىنى شۇ بولسا كېرەك...

[align=justify]دادام نۇرغۇن نەرسىنى بىلمەيدۇ، بىر قەلىبنىڭ «ھاراملىق» دەپ ھاقارەت قىلىنغان چاغدىكى ھىسياتىنى بىلمەيدۇ، ئانا مېھرىگە ئىنتىلىۋاتقان بالىنىڭ ئۈمچۈيۈپ يىغلاۋاتقاندىكى خىيالىنىڭ بەكمۇ ئاددى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، كىچىلىرى سىرتقا چىقىرىۋىتىلگەن بالىسىنىڭ ئۆزىنى سىغىنىشىنى بىلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ دادا بولۇشنى بىلمەيدۇ، بىر ئەركەك بولۇشنى بىلمەيدۇ!

[align=justify]مەن رەزىللىكنى ئاسىيەنىڭ مېنى كىچىدە ئۆيدىن چىقىرىۋىتىشلىرىدىن ئۆگەندىم، تاش يۈرەكلىكنى ئۇنىڭ مېنى ناھەق ئۇرۇشلىرىدىن ئۆگەندىم، رەھىمسىزلىكنى ئۇنىڭ مېنىڭ يىغامدىن ئۆزىگە لەززەت ئىلىشلىرىدىن ئۆگەندىم، قانخورلۇقنى ئۇنىڭ مېنىڭ دۈمبەمگە ياققان قىززىق تۆمۈرلىرىدىن ئۆگەندىم، ئىشقىلىپ مەن ھەممىنى ئاشۇ ئاسىيەدىن ئۆگەندىم.......

[align=justify]توغرا، مەن مېھىرگە ئىرىشمىدىم دېسەم تۇزكۇرلۇق قىلغان بولىمەن، سىزنىڭ، ئايشەم ئانامنىڭ، ماھىرە ئاچامنىڭ مېھرى ھەقىقەتەن ساپ، پاكىزە ۋە مەقسەتسىز مېھىر ئىدى، راستىنى دېسەم ھىلىھەم سىزنىڭ ئاشۇ «ھېي» دەپ تۇرۇپ ماڭا نەسىھەت قىلىشلىرىڭىزنى بەكلا سىغىندىم، ئاشۇ تۈرگۈن ۋە قوپال مىجەزىڭىزنى بەكمۇ سىغىندىم، ئەڭ مۇھىمى ماڭا ئاتالغان مەقسەتسىز مېھرىڭىزنى ھەممىدىن بەك سىغىندىم.

[align=justify]مەن نېمە ئۈچۈن ئاشۇ سىزنىڭ مېھرىڭىزنى تاشلاپ بۇ يالغان مېھرىلەرگە ئىنتىلىمەن؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، مېنىڭ پۇل تاپقۇم بار، جىق پۇل تېپىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يالغان خۇشامەت، يالغان ماختاش، يالغان تەكەللۇپلارغا ئىرىشكۇم بار، يالغاندىن بولسىمۇ ئىرىشكۈم بار، مەينەت بولسىمۇ ئىرىشكۈم بار.....

[align=justify]ئاخىرىدا سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن، ماڭا جەننەت تىلەپ قويۇڭ، ياراتقان ئىگەم ناھايىتى ئەپۇچان، سىز بۇنى ماڭا يەتتە ياش ۋاقتىمدا دەپبەرگەن، ئەپۇچان ئىگەم مەندەك تۇزكۇر بەندىسىنى كەچۈرگەي. ئەگەر بۇ خېتىم مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قولىڭىزغا تەگسە ماڭا بىر قېتىم جەننەت تىلەپ قويسىڭىز شۇ كۇپايە، ئەگەر مەن ھايات بولسام مېنى كەچۈرۈڭ، تۇزكۇر ئىنىڭىزنى ئەستىن چىقىرىۋىتىڭ.

[align=justify]ئۇنتۇماڭ ئاكا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىرلا نەرسە ئۈچۈن: مېھىر ئۈچۈن.»

[align=justify]خەت ئاياغلاشتى، ئابدۇساتتار مىجىتنىڭ بۇ خەتنى ئۆزى يازغانلىقى ياكى بىرەرسىگە يازدۇرغانلىقىنى بىلەلمىدى، ئۇنىڭ كاللىسى راسلا ئىلىشىپ كەتتى، بىر ئادەمنىڭ ئازراق خاتالىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان بىر ئىشلار ئۇنىڭ راستىنلا نەپرىتىنى قوزغىدى، شۇنداقتىمۇ بۇ خەتنى ئاسىيەگە ئاپىرىپ بەردى، ئۇ ئاسىيەنىڭ ئۆزىنى بىر تونۇپ بېقىشىنى بەكمۇ خالايتتى.

[align=justify]

[align=justify]ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت بىر ئويدۇرما، ھىچقانداق بىر شەخىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز.


مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
قەدىرلىك قىرىنداشلار، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق چوڭراق ئەسەر يېزىپ بېقىشىم، شۇڭلاشقا سەۋەنلىكلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
گۈلىستان + 500 ئەسلىدە بۇ ھېكايىڭىزنى ئوقۇمىغان بولسام
alzaman + 500 تېىخىمۇ تىرىشىڭ (سىڭلىم ئىنىم دىيىشنى بى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1000   باھا خاتىرىسى

توغرا بولسا توغرا دە، ئاتاڭ خاتا دېسىمۇ، ھەقنى ناھەق كۆرسەتمە، دۇنيا ساڭا يانداشسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3167
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى بۈگۈن ئوقۇپ تۈگىتىشكە كۆزۈم يەتمىدى .قالغىننى ئەتە ئوقىياي
                            ياخشى يىزىپسىز.

http://www.seburi.com/my/?خۇشخۇي بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك، ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

چىرايلىق چىرايل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6542
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 3357 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:30:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنىشىدىلا خاتالىق يۈز بىرىپتۇ . قانغا بويالغان تەقدىر بولماي بويغالغان بوپ قاپتۇ .
ئەمدى ئالدىرماي ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي .

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26199
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6336 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ۋەقەلىگى بەك چۇۋالچاق بولۇپ قاپتۇ .

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25497
تۆھپە نۇمۇرى: 2116
توردا: 1438 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (0998.erpane) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقى ئوقىغان ئادەم سىزدەك پىكىر بەرمەيدۇ !!!!

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26199
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6336 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئىپادىلمەكچى بولغان مەزمۇن ئەكىس ئەتمەپتۇ .
سىز بۇ ئەسەرنى بۇنچە چوڭ ھەجىمدە يازمىسىڭىزمۇ ئاز بولسا ، ساز بولسىمۇ بولاتتىغۇ ؟؟
كىتاپخانلارنى ئوقۇپ بولغىچە بىر-ئاز زىرىكتۈرۈپ قويىدىكەن .
لىكىن تىخىىمۇ ياخشى يىزىشقا تىرىشىڭ .
دوستۇم بۇ پەقەت  مىنىڭ قارىشىم . خالاس كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ .

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15555
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز مېنىڭچە سىز بىر نۇقتىنەزەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا يازغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى .ئەسىرىڭىز ئىپادىلىگەن مەزمۇن ناھايىتى ئۇزىراپ كەتكەچكە .ئۇلارنى ئىپادىلەشتە ئازراق كەمتۈكلۈك بار دەپ قارايمەن .
لېكىن تىرىشىڭ تۇنجى قىتىم يىزىشىڭىزدىلا بۇنداق ياخشى يازماق ھەقىقەتەن قىيىن مەن تۇنجى ئەسەر يازغان  چاغدا بەك چولتىتىم (ھازىرمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق )كومپىيوتىرغا خەت ئۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتىم ،تورداشلارنىڭ ياردىمى ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بەزى نەرسىلەرنى يازىدىغان بولدۇم .
تىرىشىڭ ھارماي يىزىڭ يازغانچە پىشىپ يىتىلىسىز .

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

مىھرىبان ئانام 

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5249
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 6010 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس تەھرىرلىنىۋاتىدۇ..................

 ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.

ھەر كىچىنىڭ كۈند

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12218
تۆھپە نۇمۇرى: 1137
توردا: 6889 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي..

قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ !!!

ھايات ئىنسانغا پ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1750
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 12:33:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مىجىتنىڭ خېتىنىڭ مەزمۇنىنى ياقتۇرۇپ قالدىم ! يەنىمۇ تىرىشىڭ !

قاراڭغۇلۇق ئىچىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن ، ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىشىنى پەقەت ئۇلۇغ اللاھتىن باشقا ھېچقانداق كىشى بىلمەيدۇ ، ئۆزۈممۇ شۇنداق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31836
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3177 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:07:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ۋەقەلىك ياخشى چىقىپتۇ ئەمما ماۋزۇ بىلەن ماسلاشمىغاندەكلا تۇيغۇ بىرىپ قويىدىكەن.ئۈمىدلىك ئەزا بۇلالىغۇدەكسىز.تىرىشىڭ.

قىلغانلىرىڭنىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28160
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2195
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2011-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:27:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن باغلاشقا دېققەت قىلسىڭىز بولغىدەك ،  ئاز سۆزبىلەن كۆپ مەنە ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇردۇم. ئەمەلىي ھېسيات،كۆزقاراشلار بىۋاستە ئىپادىلەنسە كىشىگە راس تۇيغۇ بېرىدۇ،قانچە ئەدەبىيلەشكەنسىرى ئەسەرگەئالدىنىپ رىئاللىقتىن يىراقلاپ قالىمىز (شەخسىي قارشىم)

ياخشىلىق قىل،ئۇنتۇپ كەت!

ئاياللىرى بۇزۇل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31866
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1841
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2011 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 01:30:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنى يېزىشقا قانچىلىك ۋاقىت كەتتى  خېلې جاپا تارتىپسىز  ئەجرىڭىزگە رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37910
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2011-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 03:35:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى  ، باشقا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق !!!!! پەقەت بىر ئېغىز :
خورازدىكى خو!!!!!    ئەمما بىرنىمە كەم " _ "  مۇزىكا!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35914
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2012-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 10:29:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى يىزىشىڭىز ئىكەن  ئۇسلۇپ بىلەن باش تىمىنى گەۋدىلەندۇرشكە كۆپرەك كۈچ سەرىپ قلىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش