|
|
|
|
بۈگۈن ئوينالغان جۇڭگۇ ئالى بىرلەشمىسىنىڭ 8- ئايلانما مۇسابىقىسىدە بارى تۇرۇشلۇق خاڭچۇ يېشىل شەھەر كۇماندىسى مىھمان مەيداندا چاڭچۈن ياتەي كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا چاڭچۈن بىر توپ سېلىپ ئالدىغا ئۆتتى. 58 مىنۇت بولغاندا بارى مەيدانغا چىقتى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن 3 ياردەمچى پاس چىقارغان بولسىمۇ باشقىلار توپنى ئۇرالمىدى.
71 مىنۇت بولغان ۋاقىتتا يېشىل شەھەر ئۇتتۇر مەيدانغا يېقىن جايدىن بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشىپ توپنى تىز باشلاپ ئالدىغا تاشلىدى. بارى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، توپنى بوشلۇقتىلا چىرايلىققىنە تىپىپ كۈرگۈزۈپ نۇمۇر ئالدى. مۇسابىقە ئاخىرغىچە نەتىجە ئۆزگەرمەي 1-1 ئاخىرلاشتى.
يېشىل شەھەرگە بىر نوقتا توپ قۇيۇپ بەرمىدى. ھازىر ھەممە رىپىرنى تىللاش بىلەن .
تۈنۈگۈن ئوينالغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە شەندۇڭ 0-0 نەتىجا بىلەن گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن تەڭلەشتى. مىرئەخمەتجان مەيدانغا چىقمىدى. بۈگۈن ئوينالغان ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىدە ئەكرەم تۇرۇشلۇق خۇنەن شياڭتاۋ كۇماندىسى رەقىبىنى 4-0 يوقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى، ئەكرەم 87 مڭنۇت بولغاندا مەيدانغا چىقتى.
ئەتە شىنجاڭ ۋاقتى 13:30 دا شىنجىندىكى ئۈچ قىلىچۋازنىڭ مۇسابىقىسى بار. ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز.
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى http://bbs.putbol.cn , ئەسلى يازما ئادرىسى : http://bbs.putbol.cnread.php?tid=19135
|
|
|
|
|
|