تىما تۇللۇق چىقماپتۇ.....بۇ مۇنبەرنىڭ تېما سىغىمى سەل كىچىك تەڭشەلگەن ئىكەن..باشقۇرغۇچىلار تىمىنى ئۈچىرۋەتسەڭلەر...تەستىقلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەن....يېرىمى يوقاپ كىتىپتۇ
TERMINATOR
ئوغلانى
«1»
مىلادى 2094-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى مىسىر .
40-نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول چېمپىيۇن لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى -«مىسىر دۇنيا لوڭقىسى » ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەل-قاھىرە تەنتەربىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا...........500 مىڭ كىشىلىك ئەل قاھىرە مەيدانى لىپمۇ-لىق ئادەم بىلەن تولغان....كىشىلەر ئالاھىدە ئىشلەنگەن مىكرو كۆزەينەكلەرنى تاقاپ ئىككى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە .....
دۇنيا نۇپۇسى 11 مىلياردتىن ئېشىپ يەرشارىنىڭ يۈكى ھەقىقەتەنمۇ ئېشىپ كەتكەن بۇ كۈندە ، پۇتبول پۈتكۇل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشىغا ئايلانغان بۇلۇپ، 11 مىليارد نۇپۇسنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پۇتبول مەستانىلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن، پۇتبول ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بۇلۇپ ، كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشى، خىزمەت قىلىشى، دۇنيا ئىقتىسادى ،ھەتتا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دىپلوماتىيە ،ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى پۇتبولنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ ، پۇتبول كۈچلۇك دۆلەتلىرىنىڭ كۈچى ئالاھىدە زور بولغان ھالەت ئاللىقاچان شەكىللەنگەن ......ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى دەل شۇ پۇتبۇل رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ھۇقۇق دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئىدى. ....
مەيدان قىقاس-سۈرەنگە تولدى، غايەت زور ئەل قاھىرە مەيداننىڭ ئۈستى قاپقىقى ئاستاغىنە سىرىلىپ ئېچىلدى،سۈتتەك ئايدىڭدا يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ تۇراتتى....چىملىق مەيدان بىلىنەر-بىلىنمەس تەۋرىنىشكە باشلىدى، ئىككى ۋارتار ئالدىدىكى ئىككى چەكلەنگەن رايۇن ئاستا-ئاستا پەسلەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ۋە بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن غەرپ تەرەپتىكى چەكلەنگەن رايۇن ئۈستىدە 8 يۇلتۇزلۇق بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كىيمىنى كىيگەن ماھىرلار ،شەرق تەرەپتىكى چەكلەنگەن رايۇن ئۈستىدە 7 يۇلتۇزلۇق گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كىيمىنى كىيگەن توپچىلار مەشقاۋۇل ۋە بارلىق خادىملار بىللە ئۈستىگە كۆتىرىلىپ چىقتى، بۇ ئىككى كوماندىدىكىلەر مەيدان ئوتتۇرسىدىكى يۇمىلاق چەمبەرگە كىلىپ چەمبەر ئىچىدە ئايلانما بۇلۇپ تۇرۇشتى، چەمبەر سىزىقىدىن نۇر كۆتۇرۇلۇپ بۇ سۇزۇك نۇرلار ئۆز-ئارا تۇتىشىپ يېرىم شار ھالىتىدە توپچىلارنى ئورىۋالدى. بۇ مۇسابىقە ئالدىدىكى توپچىلارنى نەق مەيداندا تەكشۇرىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق لازىر نۇر ئۈسكىنىسى بۇلۇپ توپچىلارنىڭ ھەرقانداق ساختىلىقنى ئاشكارىلاپ قۇياتتى.....ئۈچ قېتىملىق تەكشۇرۇشتىن كىيىن توپچىلار جىددىي تۈستە بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە نەشتەردەك تىكىلگىنىچە ئۆز-ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۇپ بولغاندىن كىيىن چەمبەردىن چىقىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىغا بېرىپ ئورۇنلىرىنى تېپىشتى....مەيدان سىزىقلىرى ئاساسەن نۇر دەستىلىرى بۇلۇپ خاتا ھۆكۈم كۆرىلىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بۇ نۇر دەستىلىرى نۇغۇنلىغان مىكرو سىنئالغۇلاردىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ مەيداندىكى بىرەر تال قۇرتنىڭ ئۆمىلىشىمۇ بۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايتى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەيدان ئىچىدىكى مۇسابىقىنى بىۋاستە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قايناپ كەتكەن چوڭ-چوڭ پۇتبول مەيدانلىرىغا- بېرنابۇ، نوكامپۇ، ئەنلىيەن،كوناتىرانفورت،مىلان قاتارلىق 200 مىڭ كىشىلىك مەيدانلارغا ئۇلاپ تارقىتاتتى، بۇ مەيدانلاردىكى چىملىق ئۈستگە يېيىتىلغان نىپىز ئىكران سىترولۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇلۇپ بۇ مەيداندىكى كىشىلەرمۇ بۇ ئىكران ئارقىلىق نەق مەيدان سەزگۇسىگە ئىگە بۇلالايتى. ...
ئەل -قاھىرە مەيداننىڭ ئىچى گويا كۈندۇز ھالىتىدە يورىتىلدى. مۇسابىقىدە بىرلا رىپىر بار بۇلۇپ قولىدىكى كومپيىۇتىرلىق كىچىك سائەت ئارقىلىق ھەممىنى كۆنتىرول قىلاتتى. رىپىر قولىدىكى سائەتكە قاراپ قۇيۇپ پۈشتىكىنى چالدى! ئىككى تەرەپ توپچىلىرى زەردە بىلەن توپقا ئېتىلىشتى!!............................................
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
مىلادى 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى غەربى گېرمانىيە.
مەيداندا گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئېلىشىۋاتاتتى....بۇ 1974-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۇلۇپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇن بىرازىلىيە كوماندىسى بۇ قېتىم تۆت كۈچلۇك كوماندىنىڭ ئىچىدە «گوللاندىيە ئۇچار ئادىمى» كىرويىف باشچىلىقىدىكى ئەسەبىي گوللاندىيە كوماندىسىغا يۇلۇقۇپ قالغان ئىدى. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئورنى زادىلا مۇقىم ئەمەس ، ۋارتاردىن باشقىسى ئەركىن ئادەم بۇلۇپ ھەممىلا جايدا يۈگىرىپ يۈرىشەتتى.ئەزالارنىڭ ماھارىتىمۇ ئۈستۈن بولغاچقا ھەممىلا ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايتى. مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قا راپ كىم قايسى ئورۇنغا زۆرۈر بولسا ،شۇ ئورۇنغا باراتتى. مانا بۇ گوللاندىيە كوماندىسى شۇ دەۋىردە ياراتقان« ھەممە تەڭ مۇداپىيە قىلىپ ، ھەممە تەڭ ھۇجۇمغا ئۈتۈش » تاكتىكىسى بۇلۇپ پۇتبول تارىخىدىكى 3-قېتىملىق ئېنقىلاپ دەپ ئاتالغان ئىدى
نەتىجىدە گوللاندىيە كوماندىسى كىرۇيىفنىڭ باشلامچىلىقىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇننى 2-0 بىلەن ئۇتۇپ قويدى ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى.يەنە بىر مەيداندا بولسا غەربى گېرمانىيە كوماندىسى پولشا كوماندىسىنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىدى.گېرمانىيە كوماندىسى شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكسىمان ھۇجۇمچىلار بىلەن قوراللانغان بۇلۇپ، بېكىنبور ۋە گېرد موللىرلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پۇتبولچىلار ئىدى.....
بىكىنبور ئەتىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدىغان كۈنى ئاخشىمى زادىلا ئۇخلىيالمىدى...ئۇيان -ئۆرۈلۇپ بۇيان ئۆرۇلۇپ ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ بالىكۇن ئالدىغا كىلىپ يۇلتۇز بىلەن تولغان ئاسمانغا قاراپ ئېغىر تىندى.....شۇ كۈنى بىرازىلىيە كوماندىسى پولشا كوماندىسىىغىمۇ 1-0 ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ 3-لىكنىمۇ تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى. شۇ دەقىقىدە ئاسماندا نىمىدۇر بىر نىمە يالىت-يۇلىت قىلىپ نۇر چاقناتقىنىچە غەرپ تەرەپتىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەندەك قىلدى، « كىچىك بىر ئاقار يۇلتۇزمۇ نىمە ....» دىدى بىكىنبور ۋە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدى.خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۇ ئورنىغا قايتىپ ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ يۈرۈپ تاڭ ئاتارغا يېقىن قالايمىقان چۈشلەر ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتى.............
« تۇرە-تۇرە....» بىكىنبور كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ قاراپ موللىرىنىڭ ئۆزىنى تۇرتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.
-ئۇخلاۋېرەمسەن ھوي....پولشالىقلار تەس كەلدىمۇ نىمە ساڭا .....ھا ھا.....-دىگىنچە چىقىپ كەتتى موللىر. ئۇ بولسا ئاغزىنى يوغان ئېچپ ئەسنىگىنىچە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن سەبداشلىرىنىڭ قېشىغا چىقىپ ناشتا قىلدى.چۈشكىچە مەيداندا ئۇلار بىرلىكتە ئانچە-مۇنچە تەييارلىق ھەركەتلىرىنى ئىشلەپ قۇيۇشتى. ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانى خېلى ئىگىزدە بۇلۇپ تۆۋەن تەرەپتە مىيونخېن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى ئۇچۇق كۆرىنىپ تۇراتتى. كىشلەر بالدۇرلا مەيدان ئەتراپىغا يىغىلىۋېلىشقان ئىدى.....
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىشقا 1 سائەت ۋاقىت قالدى. گېرمانىيە كوماندىسدىكىلەر مىيونخېن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىىنىڭ شىمالىي ئىشىكىدىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.بىر ھازا كۈلكە -چاقچاقتىن كىيىن ئۇلار ئاساسەن تەييارلىنىپ بولۇشتى، بۇ ۋاقىتتا ۋاقىتمۇ ئاساسەن تۇشۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار مەيدان ئىچىگە قاراپ مېڭىشتى. مەيدانغا چىقىدىغان تونىلغا كىلەي دىگەندە بېكىنبور تۇيۇقسىزلا مۇسابىقە كىيمىنىڭ قولتۇقىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى ھەمدە دەرھال ئارقىغا يېنىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئىشكاۋىنىڭ يېىنىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىشكاۋى ھاڭغىرقاي ئۇچۇق بۇلۇپ زاپاس كىيمى يوق تۇراتتى. ئۇ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپقالدى .ئۇ كەينىدىن غەلىتە بىر تېۋىشنى سەزگەندەك بولدىيۇ، ئارقىغا قاراشقا ئۈلگۈرمەيلا كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى...................
1974-يىلى 7-ئاينىڭ7-كۈنى (شۇ كۈنى) چۈشتىن كىيىن سائەت 4 دە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى. جىددىيلەشكىنىدىن خىزمەتچى خادىم ھەتتا بۇلۇڭ بايرىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. مۇسابىقە پۈشتىكى چېلىندى! توپنى گوللاندىيە كوماندىسى باشلىغان بۇلۇپ ، بۇلار بىر باشلىغىنىچە 16 قېتىم كۆزنى ئالىچەكمەن قىلغۇدەك پاسلىشىپ بولغاندىن كىيىن توپنى ئۇدۇل كىرۇيىفقا تاشلاپ بەردى.كىرۇيىف بولسا ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە توپنى ئېلىپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئالتە ئادىمىدىن ئۈتۈپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە بۆسۈپ كەلدى. گېرمانىيە ۋارتارى مەيئار قاتتىق جىددىلىشىپ كەتتى. خەتەر قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىلا قالغان ئىدى! بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بىكى ھانىس( كىيىنكى چاغلاردىكى بايرىن مىيونخېن كۇلۇبىنىڭ رەئىىسى) يىتىپ كىلىپ كىرۇيىفقا پۇت سالدى، كىرۇيف بولسا ئىنتايىن يىنىك ھالدا ، نەپىس بىر ھەركەتتە يىقىلىپ چۈشتى. ئەمما ھانىس قوپالمىدى...
رىپىر قىلچە ئىككىلەنمەي پۈشتكىنى چېلىپ نوقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، گوللاندىىيە توپچىسى نىسكىس بۇ توپنى ئۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 55 سىكۇنتىلا توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىكى يېڭى رىكورتىنى ياراتتى. دوختۇرلار ھانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇ تېخىچە ئورنىدىن تۇرالمىغان ئىدى، ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلمىغاندەك قىلسىمۇ ئەمما نىمە ئۈچۈندۇر ھانىسنىڭ پۇتى باشقىچىلا ئىششىپ چىققان ئىدى.......تېخى توپقا پۇتى تەگمەي تۇرۇپلا بىر توپ يىگەن گېرمانىيە توپچىلىرى مىيونخېن ئولىمپىك مەيدانىدا قاتتىق خورلۇق ھىس قىلشتى! ئەمما بىكىنبورنىڭ چىرايىدىن ھىچقانداق بىر ئالامەتنى بايقىغىلى بولمايتى، ئۇ يەنىلا مەيداندىكى بىر ئادەمگە دىققەت قىلىۋاتاتتى، ئۇ بولسىمۇ دەل كىرۇيىف ئىدى.....شۇ دەقىقىدە بۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى...ھىچكىم بايقىۋالالمايدىغان بىر خىل قىزغۇچ نۇر بۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناپ چىقتى. كىرويىف بۇ چاغدا تۇرۇپ قالدى، ئۇ تېخى بىكىنبورغا قاراپمۇ باقمىغان ئىدى..............
ئەمما بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشمىدى،ئۇلار يەنىلا ئۆز ئورۇنلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.25 مىنۇت بولغاندا كىرويىف يەنە ھەيران قالارلىق سۈرئەتتە بۆسۈپ كەلدى، باشقىلار نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ پۇتىدىن زادىلا توپ ئالالمايۋاتاتتى، چەكلەنگەن رايۇنغا ئاز قالغاندا كىرويىف بىر نىمىنى سەزگەندەك بۇلۇپ يېنىغا قارىدى، دەرۋەقە بېكىنبور ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىچە تاپ بېسىپ كىلىۋاتاتتى! كىرۇيىف بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغىچە بىكىنبور باشقىچە چاققانلا بىر ھەركەت بىلەن توپنى ئېلىۋالدى ھەمدە قارشى تەرەپكە قاراپ تەپتى، توپ دەل گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىچسىنىڭ پۇتىغىلا چۈشكەن بۇلۇپ يالغۇز چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەندە ئوخشاشلا قائىدىگە خىلاپ ھەركەتكە ئۇچراپ يىقىلىپ چۈشتى. رىپىر بۇنىمۇ نوقتا توپ دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ توپ كىرىپ ئىككى تەرەپ تەڭلەشتى. 43 مىنۇت بولغاندا بېكىنبورنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق پېسىنى ئالغان موللىر ۋارتارغا 12 مېتىر ئارلىقتىن بەدەن بۇراپ بىرنى ئۇرۇپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى ! بۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇ ئىككەيلەننىڭ سوغاق نۇرلۇق كۆزلىرى يەنە ئۇچراشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ھىچنىمىنى بايقىغىلى بولمايتى.شۇنداق قىلىپ يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى.............
كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىش ئالدىدا بېكىنبور ھۇشىغا كەلدى، ئەمما ئۇ بىر قاراڭغۇ ئىشكاپتا بۇلۇپ پۇت-قۇللىرى قۇيلىشىپ قولاشماي قالغان ئىدى.كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكىلەر چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ جىمجىت بۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا ئىشكاپ ئېچىلدى- بىكىنبور قاراپ ئاغزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالدى-------------------
ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى! ئۇ ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى ھەمدە قولىنى ئۇنىڭ ئىككى چىكىسىگە ئاپىرىپ بوشقىنە ئۇۋىلاپ قويدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزىمى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ قالغان ئىدى. قىسقىغىنە بەش مىنۇتتىن كىيىن ھەممە ئىش ئېنىق بولدى.....
ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى كرۇيىف ۋە بېكىنبورلار ھەقىقى بىكىنبور ۋە كىرۇيىف ئەمەس ئىدى-
ئالدىنقى كۇنى يېرىم كېچىدە ئۇيقۇسى كەلمىگەن بېكىنبورغا كۆرۈنگىنى ئاقار يۇلتۇز ئەمەس ، بەلكى مىلادى 2095-يىلى بېرلىن مەخپى رەسەتخانىسىسدىن قۇيۇپ بىرىلىپ 1974-يىلىغا قايتۇرۇلغان ms-200تىپلىق (machine sporter) يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئىدى...................
2022-يىلىدىكى قاتار دۇنيا لوڭقىسىدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئامرىكا دۇنيا چېمپىيۇنى بولغاندىن كىيىن ،دۇنيانىڭ تەرتىۋىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتتى. پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ يەرشارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يىتىپ باردى. يەر شارى نۇپۇسى ئۆزلۇكسىز ئېشىپ 9 مىلياردقا يىتىپ بارغان 2052-يىلى پۈتۈن يەرشارىدىكى مىلياردلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز بېسىم قىلىشى بىلەن ئاللىقاچان ئەمىلى رولى قالمىغان ب د ت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالدى، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۇقۇقلۇق ئورگان بۇلۇپ ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو كونوپكا ئاچقۇچلىرى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ موزىيخانىسىغا قۇيۇلغان، يادرو قۇرالىلا ئەمەس بەلكى قىرغىنچىلىق كۈچى سەللا يۇقىرى ھەرقانداق ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى ئىشلەپ چىقىرىش ، يەر شارى بويىچە ئۇمۇميۇزلۇك توختىتىلغان ، ھەرقانداق مەسلىلەر ئاساسەن پۇتبول ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن پۇتبول كۈچلۇك دۆلەتلىرىنىڭ يەرشارىدىكى ئۇنۋېرسال كۈچى ھەسسىلەپ ئېشىپ ماڭدى. 2060-يىلىغا كەلگەندە خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىر تۇرلۇك يېڭى قارار ماقۇللىدى.
=== دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 10 قېتىم چېمپىيۇن بولغان دۆلەت شۇنىڭدىن كىيىنكى 100 يىلغىچە خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسى ھۇقۇقىنى كونتىرول قىلىش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ. 20 قېتىمغا يەتسە 500 يىل بۇ سالاھىيەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ======
ئەمەلىيەتتە ، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى كونتىرول قىلىشىنىڭ ئۆزى ، پۈتۈن يەرشارىنى كونتىرول قىلىشتىن دىرەك بىرەتتى..........مانا شۇنىڭدىن كىيىنلا سۇنىڭ ئۈستى جىمجىت بولغىنى بىلەن ، ئاستى دولقۇنلىغاندەك، ئارقىمۇ-ئارقىدىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى..........
نەتىجىدە ئامرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى پەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ 2066-يىلىدىكى كانادا دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم توپچىلارنى مۇسابىقىگە سېلىپ چېمپىيۇن بولغان ئىدى. بۇ تۇنجى ئەۋلات ms-100 تىپلىق ماشىنا ئادەم بۇلۇپ شۇ زاماندىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى توپچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن پىروگىرامما قاچىلانغان بۇلۇپ ھىچقانداق ئىۋەن تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇ تىزلا كىيىنكى نۆۋەتلىك 2070-يىللىق ھىندىستان دۇنيا لوڭقىسىدا سېزىلىپ قالدى ھەمدە مىڭ تەستە ئىرىشكەن 3 ڭېتىملىق چېمپىيۇنلىقىنىڭ 2 يۇلتۇزى قىسقارتىۋېتىلىپ بىرگە چۇشۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە توپچىلارنى مۇسابىقىدىن بۇرۇن نەق مەيداندا ئېلىكتىرونلۇق تەكشۇرۇش يولغا قۇيۇلدى. ئەمما نىمە ئۈچۈندۇر كىشىلەر يەنىلا يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم تەتقىقاتىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى......
يۇشۇرۇن تەتقىقاتلار داۋاملاشتۇرۇلۇپ 2090-يىللارغا كەلگەندە ms-300تىپلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر مەيدانغا كەلدى.
40-نۆۋەتلىك مىسىر دۇنيا لوڭقىسىغا قەدەر، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقى 8 قېتىم، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 7 قېتىم ، ئىتالىيەنىڭ بەش قېتىم، ئىسپانىيەنىڭ تۆت قېتىم، ئارگىنتىنانىڭ تۆت قېتىملىققا يىتىپ بولغان ئىدى.........
مىىسىر دۇنيا لوڭقىسى ئاياقلاشقاندىن كىيىن، بىرازىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى گۈللەنگەن سولچىل قارا كۈچلەر ئاخىرى ھەركىتىنى باشلىدى. ئۇلار نىڭ مەبلىغى ئىنتايىن زور بولغاچقا ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي ئامرىكا قاراڭغۇ بازىرىدىن ms-300 تىپلىق ماشىنا ئادەمنى سېتىۋالدى ھەمدە 2080-يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلىنغان ،ئەمما بىر يىلدىن كىيىنلا ئىشلىتىش قاتتىق چەكلەنگەن « ۋاقىت كارىدورى» ئۈسكىنىسىنمۇ بىر ئاماللاپ قولغا چۈشۈرۇپ،ms-300 گە ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە پىروگىرامما قاچىلاپ ئۇ ئالدىنقى ئەسىرگە قايتۇرۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەشەددىي رەقىبى ، كەينىدىن تاپ بېسىپ قوغلاپ كىلىۋاتقان گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى پىلانلىدى.ئۇلار تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ دىققىتىنى 1974-يىلىغا مەركەزلەشتۇردى. كىرۇيىف باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىدىن كىچىككىنە پەرق بىلەن يېڭىلىپ قېلىشى بۇلاردا بىر ئۈمىت پەيدا قىلغان ئىدى.................
ئۇچۇر پەۋقۇللادە تەرەققىي قىلغان بۇ دەۋىردە ، گېرمانلار بۇنىڭ شەپىسىنى بىر ئاز سېزىپ قالدى، تارىخنى ئۆزگەرتىش گەرچە بۇ مۇمكىن بولمىسىمۇ ، ئەمما بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىش ۋاقتىنى ئىلگىرى-كىيىن قىلىۋىتەلەيتى. شۇڭا بۇلارمۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئەمما ھازىر ياساشتىن توختىتىلغان ms-200 تىپلىق ماشىنا ئادەمنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىن ئېلىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا كىرەكلىك بارلىق پىروگىراممىلارنى تۇللۇق قاچىلىدى. ئۇنىڭغا قاچىلانغان پۇتبول تېخنىكىسى بولسا 2080-يىللاردىكى ئەڭ بازارلىق چولپانلاردىن ئامرىكىنىڭ داڭلىق چولپىنى ھۇجۇمچى جون ، بىرازىلىيە چولپىنى ئالدى بەل مارالدو، ئىتالىيە بىكى ساندىلا، گېرمانىيە ۋارتارى كانو لارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن ، ئۇندىن باشقا تۈرلۇك قوغدىنىش ۋە ھۇجۇم ماھارەتلىرى تۇللۇق سەپلەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئوبرازى ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ، بىكىنبور ۋە موللىر ئىككىسنىڭ ئىچىدىن ئاخىرى بېكىنبورنى تاللىدى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۇلۇقلاپ كىرگۈزۇپ، پىچەتلەنگەن بېرلىن رەسەتخانىسىغا ئېلىپ كىلىپ ئۇنى مىلادى 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگە يولغا سالغان ئىدى..........................................
ms-200 مىيونخېننىڭ غەربىدىكى ئورمانلىققا چۈشكەندىن كىيىن، پىروگىرامما ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە بېكىنبورنى ئىزدەشنى باشلىدى ھەمدە ئەتىسى ئۇنى مەشىق مەيدانىدا ئۇچراتتى.ئۇ ms-300 نىڭمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ مۇسابىقە باشلانغىچە بىر ئاماللاپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىگە سوقىنىپ كىرىۋالدى .مۇسابىقە نەتىجىسى ئۇنىڭ پىروگىراممىسىدا چۇقۇم 2-1 بۇلىشى كىرەك ئىدى. ئەمما ئۇ ms-300 نىڭ قايسى ئۇسۇلدا مۇسابىقگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە ، ئامالسىز بېكىنبورنى ئۇخلىتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتى. ئۇ شۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا رەقىبىمۇ ئوخشاشلا كىرۇيىفنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ زاپاس كىيمىنى كىيىپ مەيدانغا چىقىپ بولغان ئىدى............بۇلار مەيداندا ئۇچراشقاندىن كىينلا ھەقىقى رەقىبىنىڭ كىملىكىنى بىلىشكەن، ئەمما پىروگىراممىدا ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ« كىشىلەر ئالدىدا ئەسلى سالاھىتىنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ » دىگەن بۇيرۇق بولغاچقا ، بۇلار مەيداندا چەكلىك دائىرىدىلا رىقابەتلىشەلىدى. ئەمما شۇنىسى ئايدىڭ ئىدىكى ms-200 مەيداندا بولمىغىنىدا ئىدى ، «كىرۇيىف» مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتىپ بولغان بولاتتى.
يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ms-300 ناركۇز ئىلىكتىر بېسىمىنى ئاز بىرىپ قويغانمۇ قانداق، كىرۇيىف مۇدەتتىن بۇرۇنلا يىشىلىپ كەتتى ۋە سەبداشلىرىنىڭ يېنىغا كىلىپ گاڭگىراپ قالدى، مۇسابىقە ئاللىقاچان يېرىم مەيدان ئوينىلىپ بولغان ئىدى......ms-300 ئۇنىڭ ئەسلىگە كىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى ...ئەمدى ئۇنىڭغا ئارتۇقچە پۇرسەت قالمىغان ئىدى.
كىرۇيىف مەشقاۋۇلنىڭ يېنىغا كىلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى-
-بۇ زادى نىمە ئىش ....؟
-نىمە نىمە ئىش ؟؟ ئۇ ھېلىقى توپنى زادى قانداق تارتىۋالدى ؟؟
كىرۇيىف تېىخمۇ ھەيران قالدى، ئۇ يەنە بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولىۋىدى بىر توپ كەينىدە قېلىپ كەيپى ئۇچقان مەشقاۋۇل ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي توپچىلارغا ۋارقىراپ مەيدانغا چىقىشقا بۇيرىدى.....كىرۇيىفمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە مەيدانغا قاراپ ماڭدى.
بۇ ۋاقىتتا بىكىنبورغا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولغان ئىدى. ئۇ ms-200 نىڭ ئاغزىدىن كىيىنكى بەزى ئىشلارنى - داۋىد بېكخامنىڭ ھالقىلىق ۋاقىتتىكى نوقتا توپنى ئۇچۇرۋېتىشنىڭ سىرىنى، كورىيە كوماندىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە غالجىرانە بۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى،باللاكنىڭ نىمە ئۈچۈن سېرىق كارتا سەۋەپلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توختىتىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىنىدە ، ئاغزىنى ئېچىپلا قالغان ئىدى......
-مېنىڭ مەيدانغا چىقىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى، چۈنكى ms-300 نىڭمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئەمدى يوق.....ئەمما ئۇ يەنە باشقىچە ئۇسۇل بىلەن مۇسابىقىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن، ئۇ ھازىرمۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە، سەن چىقىپ بۇرچۇڭنى داۋاملاشتۇر،پۈتۈن كۈچۇڭلار بىلەن مۇداپىيە قىلىڭلار ،مەيداننىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرەپ كەتمىگىن، ئۇنىڭغا يەنىلا مەن قاراي............-دىدى ms-200
بىكىنبور خۇددى چۈش كۈرىۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا مەيدانغا چىقتى. ئۇ مەيداندىكى كىرۇيىفقا ئەنسىز نەزەر سالدى، ئەمما كىرۇيىفمۇ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا گاڭگىرىغىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇراتتى...............دىگەندەك كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھىچقانداق ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىدى. نەتىجە 2-1 بىلەن ئاخىرلىشىپ گېرمانىيە كوماندىسى 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.
بېكىبور گەرچە لوڭقىنى ھەيۋەت بىلەن ئىگىز كۆتىرىپ تەنتەنە قىلغاندەك قىلسمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەس-خىيالى يەنىلا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە قالغان ئىدى.لوڭقا كۆتىرىش مۇراسىمىدىن كىيىن ئۇلار كىيىم ئالماشتۇرۇش خانىسىغا كىرىپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى-
پۈتۈن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ئۆتمە -تۈشۈك بۇلۇپ كەتكەن، قانداقتۇر بىر چوڭ قالايمىقانچىلىق بولغاندەكلا ھەممە نەرسە قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، چېقىلغان ئىشكاپلار ، بۇزۇلغان تاملار ........شۇنچە قېلىن بىتون پوللاردا پەيدا بۇلۇپ قالغان ئورەكلەر..بىر بۇلۇڭدا گىرەلىشىپ-چىرمىشىپ كەتكەن، نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر دۆۋە پولات تۆمۈر قالدۇقىدىن سۇس ئىس كۆتىرىلىپ تۇراتتى.
ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ms-300 كە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ms-200 نىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ، بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ، كۆكرەك قەپىسى ئىچىگە پۈكلىنىپ، يۈزلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئەڭ ئاخىرقى ئىنىرگىيىسىنى سەرپ قىلىپ رەقىبىنى مەھكەم قۇچاقلىغان ھالدا ئۆزىنىڭ 50 يىلغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان، ئىنتايىن يۇقىرى بېسىمدا تېخنىكىلىق ھالدا سىغدالغان زاپاس ئىلىكتىر ئىنىرگىيىسىنى ئېچىۋېتىپ ، يۇقىرى ھارارەتلىك ئىنىرگىيەنىڭ پارتىلاپ چىقىشى بىلەن رەقىبى بىلەن تەڭلا بىر دۆۋە تۆمۈر-تەسەككە ئايلانغانلىقىنى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىكىنبورلا تەسەۋۋرىغا سىغدۇرالىشى مۇمكىن ئىدى..............
تۈگەنچە----------
شۇيىلى كۈزدە مىيونخېن ئولىمپىك مەيدانى كىڭەيتىلىش نامى بىلەن قايتا رىمونىت قىلىندى. ئارىدىن خېلى يىللار ئۈتۈپ كەتتى، نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، بىكىنبور شۇنىڭدىن كىيىن پۈتۈن ھاياتىنى گېرمانىيە پۇتبولچىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاتاش قارارىغا كەلدى ۋە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆزى باش بۇلۇپ گېرمانىيە كوماندىسىنى 3- قېتىم دۇنيا لوڭقسىنىڭ ساھىبى قىلدى، ئەينى يىللاردىكى سەبدىشى گېرىد مۇللىرنى نەلەدىندۇر تېپىپ قايتۇرۇپ كىلىپ بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنىڭ بىر پىشىنى تۇتقۇزدى. كىشىلەر بىكىنبورنىڭ نىمە ئۈچۈن گېرمانىيە پۇتبولى ئۈچۈن شۇنچە قان-تەر ئاققۇزىدىغانلىقىنى بەلكىم چۈشەنمىسە كىرەك .........ئۇ كىيىن بەزى ۋەقەلەرنى راستىنلا ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. چاچلىرى ئاقرىپ مويسىپىت ھالغا كىلىپ قالغاندىمۇ يەنىلا گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زادىلا ۋاز كەچمىدى.....چۈنكى بۇ يول ئىنتايىن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يول بۇلۇپ ، بۇ يوللاردىكى بوران چاپقۇن تېخى ئەمدى يىتىپ كەلمەكتە ئىدى.....
1-بۆلۈم ئاخىرلاشتى
( ئەسەرنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسز يۆتكىمەڭ) ------------- مۇكاپاتلىق ئەسەر---------
مەنبە-http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-19129.htmlپۇتبول مۇنبىرى