|
|
|
|
ئايلاپ - يىللاپ ئۆتتى بۇ ۋاقىت،
ئۇيقىسىز شۇ تۈن ، خەير دۈشەنبە.
ئۆزگەرگەن تام ، ئۆزگەرگەن كوچا،
ئۆزى غېمىگە ئالدىراش ھەممە
كۆكتە يۈتكەن ئايروپىلاندەك،
كەپلا، غايىپ بولغان سەيشەنبە.
كۆردۈم پەقەت، قۇرۇق ئادرىسلا،
ئۇنىڭ يازغان جاۋاپ خېتىدە.
كەلدى يەنە يېڭى سەيشەنبە،
سىنتەبىرنىڭ مەلۇم كۈنىدە؛
ئاھ، جېنىم قاچانمۇ كېلىسەن يەنە؟
ئەسلىمىلەر سۇسلاشقان پېتى
قانسىرماقتا بۇلانغان يۈرەك.
دۈشەنبە؟ئۇ كەلمەكچى يەنە،
تەشۋىشلىك ۋە جىددىيلىك تىلەپ
كەپتۇ يەنە يېڭى سەيشەنبە،
سىنتەبىرنىڭ ئاشۇ كۈنىدە.
قالدى توختاپ خىياللىرىممۇ،
ئاشۇ قانلىق قۇرلار ئۈستىدە.
كۆكتە يۈتكەن ئايروپىلاندەك،
كەپلا قاچقان قاچقۇن سەيشەنبە؛
ئاھ، جېنىم قاچانمۇ كېلەرسەن يەنە؟
مەنبە : ئۆزۈم دائىم ئاڭلايدىغان بىر ناخشىنىڭ تېكىستىگە ئاساسەن يېزىلدى
|
|
|
|
|
|