مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13595|ئىنكاس: 25

ياش جىلۋىسىدىكى ھايات (پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي-ئۈمىدۋار بول

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17575
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3436 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياش جىلۋىسىدىكى ھايات
(پوۋېسىت)
ئاپتورى:ئىززەتگۈل ساتتار (تۇلۇنئاي)
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە يوللانغان ئەسەر)


مۇقەددىمە


سىز بەزىدە گۈلزارلار ئارا سەيلە قىلىپ يۈرگىنىڭىزدە،ئۇچۇپ كېتۋاتقان ئاق كېپىنەكنى كۆرىسىز.دەل شۇ چاغدا،سىزنىڭ كېپىنەكتەك ئۇچقىڭىز كىلىدۇ.لېكىن،كىمدۇر بىرى كېپىنەكنى قوغلاپ تۇتۇۋالدى،سىز بۇنى كۆرۈپ كېپىنەك بولۇش ئويىدىن ياندىڭىز.چۈنكى،كېپىنەك ھامان تۇتۇلۇپ ئۇچالمايدىغان بولۇپ قالدىكەن ئەمەسمۇ؟!
دوستۇمنىڭ دىيىشىچە،لەگلەكمۇ يىپىدىن ئۈزۈلۈپ ئىگىز ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلدىكەن-يۇ،ئەمما،ئۇچۇپ-ئۇچۇپ يەرگە پەسلەپ چۈشۈپ،دەرەخكە ئىلىشىپ قالدىكەن ھەم ئاسماندا ئۇچۋاتقان قۇشلارغا قاراپ‹‹مەنمۇ يەنە شۇ قۇشلارغا ئوخشاش داۋاملىق ئۇچسام بولمامدۇ؟››دەپ ھەۋەس قىلىپ ھەسرەت چىكىدىكەن.ئەمما،تەغدىر رەھىمسىز!ھەممىنىڭ دەردى بار،قورقىدىغان ئازاپلىرى بار.
ئىگىز ئاسماندا ئۇچۋاتقان قۇش،ئۇۋىچىنىڭ مىلتىقىدىن قورقىدۇ.ئوۋىچى بولسا ھامان بىر كۈنى،قۇشنىڭ قىساس ئۇۋالى بېشىغا چىقىدىغانلىقىدىن قورقىدۇ ۋە ياكى ئۇنى خىيال قىلمايدۇ.
مەن نىملەرنى دەپ كەتتىم،بۇنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن.ئەمما،ئۈزۈمزار سەھرادىكى،بەئەينى ئۆزبىكىستان بايلىرىنىڭ داچىلىرىدەك،ئاجايىپ ھەشەمەتلىك سېلىنغان داچىنىڭ گۈللۈكىدە ئولتۇرۇپ،قۇلۇمدىكى قارا تاشلىق خاتىرىنى ئوقۇۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن.


%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%

 
چۈشتىن كىيىنكى قۇياش ئاجايىپ جۇلالىق ئىدى.مەن ھەۋەس قىلىدىغان باي خۇجايىن رەنا،بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ،ئۇزۇن ئاق كۆڭلەك كەيۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ تۆت ياشلىق قىزىمۇ ئاق كۆڭلەك كىيىپ،بېشىغا ئاق ياغلىق چىگۋالغان ئىدى.مەن ئۇلارغا قارىدىم.رەنانىڭ كۆزىدىكى ياش خاتىرىگە خام ھىكايىدىن بىرنى تەۋەللۇت قىپتۇ.مەن ئۇنى ھېچقانداق غېمى يوق دەپ ئويلايتتىم.چۈنكى،ئۇنىڭ خەجلەيدىسە پۇلى،ھەيدەي دىسە ماشىنىسى ھەم ئوماق قىزى،يەنى ۋاپادار قېرىنداشلىرى،پەرىشتىدەك ئاپىسى بار ئىدى.ئەمما،ئۇنىڭدىن قىزى ئەقىدەنىڭ دادىسىنى سوراپ باقمىغان ئىدىم.
تېخى بايىلا،بۇ غۇۋا نوقتىنى قۇلۇمدىكى خاتىرە سۆزلەپ بەردى.شۇندىلا ھەممىنى ھېس قىلدىم.گۈلزارلار ئىچىدىكى گۈلى رەنانىڭمۇ تاغدەك ھەسرەتلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
قېنى دوستۇم،خاتىرىنىڭ ھىكايىسىگە قۇلاق سالايلى.مەنمۇ سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئاڭلاي.


(1)


-ئىپلاس يۇقال،ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما.
-ئۇنداق قىلما رەنا؟مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈر.
-نىمە،سېنى كەچۈرۋېتەمدىم؟ھا....ھا....ھا.......بۇ سېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ.
-رەنا،،،مەن،،،مەن ئېزىپتىمەن.مېنىڭ چۈشەندۈرۈشىمگە قۇلاق سېلىپ مۇشۇ بىر قېتىپ كەچۈرۋەت-ئابلەت يەردە يۈكۈنۈپ تىزلىنىپ،رەنانىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلىغىنىچە كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى.
-سېنى كەچۈرۋېتىشكە مېنىڭ ۋىجدانىم،مېنىڭ غۇرۇرۇم يول قويارمۇ؟سەن نىمە ئىش قىلدىڭ بىلەمسەن؟!بۇ دۇنياغا كۈز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ نارسىدە پەرزەنتىڭگە يۈز كىلەلمسەن؟!-رەنا شۇنداق دىگىنىچە ئۆكسۈپ-ئۆسۈپ يىغلايتتى.كۆز ياشلىرى بىر جۈپ ئاناردەك مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ-سىرغىپ چۈشەتتى.
-رەنا...
-بولدى،ئەمدى گەپ قىلماي،ئۆيدىن چىق.-ئابلەت ئەمدى ئېغىز ئېچىشىغا،رەنا زەردە بىلەن ۋارقىردى.
رەنا تۇرمۇشىدا،تىلۋىزىيە كىنولىرىدىكى بۇنداق يۈرەكنى ئىزىپ پارە-پارە قىلۋېتىدىغان،ھىجرانلىق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ ئازاپ تارتىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى.مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنى قانداقتۇر بىر نەرسە،ئۆتكۈر تىرماقلىرى بىلەن تاتلاپ ئېچىشتۇرۇپ بىئارام قىلاتتى.بېشى بولسا قاتتىق جىسىم بىلەن ئورغاندەك ئېغىر بولۇپ ھېچقانداق نەرسىنى يادىغا كەلتۈرەلمەيتتى.پەقەت ئابلەتنىڭ بىر ئىللىق ئائىلىنى خىيالىغا كەلتۈرمەي،سىرتتا باشقا ئايال بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ يۈرگۈنىلا كالىسىدا ھۆكۈمران ئىدى.
تەغدىر ھەي رەھىمسىز تەغدىر.سەن يەنە كىملەرنىڭ كۆزلىرىدىن تامچە-تامچە ياشلارنىڭ ئېقىشىغا،يەنە كىملەرنىڭ مىھرى ئاتەش تەبىئەت قوينىدا خوشال ياشىشىنى توسۇپ،بۇ گۈزەل ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزۈشكە قىستايسەن!مانا،رەنامۇ سېنىڭ مۈشكۈل سىناقلىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.ئەمدى،ئۇمۇ بۇ ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزسۈنمۇ؟ياق...ياق...ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ.ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ،قۇرسىقدىكى ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان بىگۇناھ پەرزەنتى ئۈچۈن بولسىمۇ ياشايدۇ.
بىراق،ئۇ ئابلەت بىلەن بۇ ئىللىق ئائىلىسىنى يەنە گۈلدەك تۇتۇپ تۇتۇپ كېتەلەرمۇ؟!ئائىلىنىڭ ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىنى تەڭ تارتىپ،بىر يىقىلسا يەنە بىر يۈلەپ،بىرى ئازاپلانسا يەنە بىرى كۆڭلۈگە تەسەللى بېرىپ بۇرۇنقىدەك ئىناق ئائىلە بەرپا قىلالارمۇ؟!
تۇرمۇش-بىر-بىرىگە ئىشىنىش،بىر-بىرنى چۈشۈنىش،بىر-بىرنى قولاش،بىر-بىرىگە مەدەت بېرىش ئاساسىدا بەرپا بولىدۇ.بىراق،رەناچۇ؟ئابلەت بىلەن توي قىلىپ،بىر ئۆيگە كىرگەندىن بۇيان<<ئۇ مېنىڭ ھالال جۈپتۈم ھەم سۈيۈملۈك ئېرىم.ئەر دىمەك پادىشاھ دىمەك.ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئۆينىڭ ھۆرمىتى>>دەپ ئۇنى چىن مېھرى بىلەن سۆيۈپ ھۈرمەتلەپ،ئابلەت نىمە دىسە شۇنى قىلىپ كەلگەن ئىدىغۇ؟!ھەتتا،1 يۈەنلىك پايپاق ئالسىمۇ،ئابلەتتىن سورايتىغۇ؟!بۇ نىمە بولغىنى؟!
سەھرانىڭ تىمتاسلىق،ئاي تولۇپ چىققان،يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان كېچىسى.ھويلا دەرۋازىسى تېخى ئۇرناتمىغان،يېڭىلا ئىككى ئېغىز ئۆي ئاساسىدا سېلىنغان بۇ ھويلىنىڭ چىرىقى،كىچە سائەت ئون ئىككىدىن ئاچقان بولسىمۇ ئۆچۈپ بولالمىغان ئىدى.
ئابلەت قاپقارا كىگىزلەر سېلىنغان كاڭنىڭ لىۋىدە بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئولتۇراتتى.رەنا بولسا سىرلانمىغان ياغاچ دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغا قاپقاراڭغۇ كىچىنىڭ زۇلمىتىگە،ھەسرەتلىك مۇڭلارغا چۆكۈپ ئېغىر تىنىپ تەتۈر قاراپ ئولتۇراتتى.تاپسا ئايىغىدا قىزىل رەڭلىك شىرە ئۈستىدە،رەنانىڭ تويلىقى ئۈچۈن سېلىنغان 21دىيوملۇق رەڭلىك تىلۋىزور كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
-بۈگۈن بازاردا سىلەرنى ئۇچۇرتىپ قالمىغان بولسام قاچانغىچە يۇشۇراتتىڭ.ھوۋ،شاللاق رەسۋا.....تېخى،ئۇ شەھەرلىك بوزۇقنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئەركىلتىپ يۈرىسىنا؟كۈپكۈدۈزدە خىجىل بولماي.نۇمۇسىز.-رەنا گەپ قىلالماي ئۈن سېلىپ يۇقىرى ئاۋادا يىغلىۋەتتى-دە،يەنە سۆزىنى باشلىدى-قوشنىلار سەن توغۇرلۇق ئۆسەك،پىتنە-پاساتلارنى تاقاتسا،<<يالغان>>دەپ ئىشەنمەپتىمەن.ئەسلى ئۇلار راست دەپتىكەن.مەن نىمانچە ئەخمەق دۆت.
-رەنا ئۆزەڭنى بېسۋال.
-بولدى بىز ئاجرىشايلى.-رەنا نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ئابلەتكە تىكىپ زەردە ۋە كەسكىنلىك بىلەن دېدى.
-مېنى پەقەت كەچۈرمەمسەن؟ئەمسە بوپتۇ ئاجرىشايلى.-گەرچە ئابلەت قىلغان ئىشلىرىغا توۋا قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمىليەتتە رەنادىن ئاجرىشىشنى كۆڭلۈگە پۈكۈپ يۈرگىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى.
رەنا كاڭ ئۈستىدىكى بۇلۇڭدا تۇرغان چامىداننى ئېچىپ،تويلۇق ئۈچۈن سېلىنغان ئالتۇن زىنجىر،ئۈزۈك،بىلەيزۈكلىرىنى تاقىدى-دە،تامدىكى ئىلغۇچقا ئېسىپ قويۇلغان كۈزلۈك چاپنىنى كەيدى.
-نەگە؟-ئابلەت رەنانىڭ قوشنا كەنىتتىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،دەماللىققا نىمە دىيىشىنى،نىمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك سورىدى.
رەنا گەپ سۆز قىلماي،غاچچىدە ئىشىكنى ئېچىپ سىرتتىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە شۇڭغۇپ چىقىنىچە،ئىشىكنى گۈپ قىلىپ يېپۋەتتى.كۈزنىڭ كېچىدىكى شاماللىرى ئادەمنىڭ جىسمىغىلا ئەمەس،قەلبىگىمۇ سوغوق ئېقىم بېغىشلايدۇ-ھە!رەنا ماڭماقتا،يۈگرەپ-يۈگرەپ ماڭماقتا.مەھەللەردىكى ئىتلارنىڭ قاۋۇشىمۇ ئۇنى قورقۇتالمايدۇ.چۈنكى،ئاقكۆڭۈل،ۋاپادار سادىق ئېرىنىڭ ئۆزگۈرىپ،يىرتقۇچ ھايۋانلارغا خاس پەس ئادەملەرگە ئايلانغانلىقىدىنمۇ،دەھشەتلىك قورقۇنۇچلۇق ئىش بارمۇ؟!
‹‹ئاپا سەن نەدە؟مەن ئۆزەم مۇھەببەتلىشىپ تەگمىگەنغۇ؟سەن<تۇغقانلارنىڭ بالىسى،ئۆزى بەك يۇۋاش ياخشى بالا>دەپ مېنى بەرگەنغۇ؟!قېنى ئۇ ياخشى ئەر؟بىر بۇزۇق شەرمەندە ئىكەنغۇ؟!>>رەنا ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغىنىچە،بار كۈچى بىلەن تۇختىماي يۈگۈرۈپ ماڭاتتى.ياق،ئابلەتنىڭ ناھايتى ۋاپادار،جاسارەتلىك ئەركەكلىكى بولغان.ئۇ مۇشۇ چاغقىچە رەنانى ئۇرۇپ،قاتتىققاراق گەپ قىلىپ كۆڭلۈنى ئاغرىتىپ باققان ئەمەس.ئۇنىڭ بۇيىدا قالغانلىق خۇش خەۋىرنى ئاڭلاپ<<مەن دادا بولىمەن.نىمە دىگەن ياخشى.مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك.مېنىڭ ئايالىم نىمە دىگەن چىرايلىق-ھە!>>دەپ قېن-قېنىغا پاتمىغان ئىدى.ھەتتا،تىلۋىزوردىن ئارمان،ئىخلاس بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى ئېلان فىلىمىدىكى بوۋاقنى كۆرگۈنىدە،رەنانىڭ قۇرسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ<<ئوغلۇم تۇغۇلسا چوقۇم مەنمۇ ئاشۇ بوۋاقلار جەۋھىرى ۋە پىرەنىكىنى ئېلىپ بېرىمەن.>>دەپ ئاغزى بېسىقماي ۋاتىلداپ كەتسە،رەنا مەسلىكى كىلىپ <<ئوغۇلمۇ،قىزمۇ سىز بىلەمتىڭىز؟!قىز بولسا قارمىغۇدەكسىز ماڭا...>>دەيتىغۇ دوق قىلىپ......ئەجىبا،شۇ كۈنلەر كەلمەسكە كېتىپ،ئەسلىمە بولۇپ قالارمۇ؟!
رەنا بىر ئەگرى تار كوچىغا كىرىپ،قاتار كەتكەن ھويلىلاردىن3-چوڭ تۆمۈر دەرۋازىنى بار كۈچى بىلەن قاقتى.
-كىم؟-ھويلا ئىچىدىن بىر ئايال كىشىنىڭ بوش توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئاپا،مەن رەنا.ئىشىكنى ئېچىڭلار.
-ۋاي،ئاپئاق قىزىم نىمە بولدى.بۇ يېرىم كىچىدە.-ئايشەم ھەدە دەرۋازىنى ئالدىراپ ئېچىپ،رەنادىن ئەنسىزلىك بىلەن سورىدى.
-ئاپا-رەنا ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە ئاپىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
-نىمە بولدى قىزىم.ئابلەت بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ-يە!ئاپئاق قىزىم ماڭە ئۆيگە كىرىپ كىتەيلى.قوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت.
ئايشەم ھەدە ئالىقاچان ئۇخلاپ قالغان بولغاچقا،يېرىم كىچىدە ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلىشىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ،<<نىمە بالا بولغاندۇ؟قوشنىلار بىرەرسى پىشكەنلىككە ئۇچۇرمىغاندۇ؟>>دىگەن خىياللار بىلەن غالۋاراپ تۇلۇق كىيىنمەيلا ھويلىغا چىققان ئىدى.رەنانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ كاللىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.چۈنكى،مۇشۇ چاغقىچە ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كىلىپ باقمىغان ئىدى.
8 يىلدىن بۇيان ئايشەم ھەدە،قەدىرلىك جۈپتىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاپ كېلۋاتاتتى.بىر ئايال كىشىگە نىسپەتەن ئۆينىڭ تۈرىكى بولغان ئەردىن ئايرىلىپ ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ ئوغۇل ئۆيلەپ،قىز ياتلىق قىلىپ نەۋرە چەۋىرلىك بولماق ئاسانمۇ؟!ئايشەم ھەدە ئاشۇنداق جاسارەتلىك،قەيسەر ئايال ۋە ئانىلارنىڭ بىرى.
-ئاپا،بىز ئاجرىشىپ كىتىمىز.ئابلەت شەھەرلىك پۇلدار،چىرايلىق خېنىمغا ئۆگۈنۋاپتۇ.بۇنى ئابلەت ئۆز ئاغزى بىلەن دېدى.
-نىمە؟دىمەك،ئۇ راست ئىكەن-دە؟!قوشنىمىز زەينەپ ئاچام<<بازاردا كۇيئوغلىڭنى كۆردۈم.ئۇ بىر چىرايلىق قىزنى ئارقىدىن ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدۇ.>>دىسە،<<بىرەر تۇنىشى ياكى ئۈرۈمچىدە ئوقۋاتقان سىڭلىسىدۇر.>>دەپ ئىشەنمەپتىمەن.ھۇۋ،دەييۈز...
ئۆي ئىچىدە،تۆت تامغا تارتىلغان ئۆڭۈپ كەتكەن كونا يىپەك گىلەم.دېرىزىگە ئاق دىچۈليەڭ رەخىت ئۈستىگە رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن كەشتىلەنگەن پەردە تارتىلغان،كاڭ ئۈستىدىكى ئوڭ بۇلۇڭدا،ئالدى ئالتۇن رەڭلىك ئاليومىنلار ھەل بېرىلگەن يېشىل ياغاچ ساندۇق،چىراق نۇرىدا ئاجايىپ ۋالىلداپ،ئادەمنى ئۆزىگە تارتاتتى.
رەنا چاپنىنى سالدى-دە،قىزىل ياغلىق چىگۋالغان،قىزى ئۈچۈن ئازاپلىنىپ سۇ بولۇپ ئېقۋاتقان ئاپىسىنىڭ باغرىغا يەنە ئۆزىنى ئېتىپ،ئېسەدەپ سىلكىنىپ-سىلكىنىپ يىغلىدى.
رەنانىڭ ئاكىسى ئەركىن ئاپىسى بىلەن بىللە ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ ئايالى ئامىنە ناھايتتى ياخشى ئايال،قېيىن ئاپىسىغا كۈيۈمچان كىلىنلەردىن بولۇپ،بۇ مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئايشەم ھەدىگە<<كىلىنىڭىزنىڭ ئايىغى ھەجەپمۇ ياراشتى.خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە،ياقۇت كۆز سوققاندەك>>دەپ ماختاپ مەسلىكى كىلەتتى.دىمىسىمۇ ئامىنە يىڭنە ئىشى قىلاتتى،تاماق ئىتەتتى،ئېتىز ئىشلىرى دىگەندەك ئىشلاردىلا ئەمەس بەلكى،سەھرادىكى ئاياللارنىڭ گۈلى دىيىشكە بولاتتى.ئايشەم ھەدە مۇشۇنداق كىلىنىنىڭ بولغىنىدىن تۇلىمۇ خوشال ئىدى.
-ھەي،ئەركىن ئاپام يىغلاۋاتىدۇ.بىرەر يېرى ئاغرىۋاتامدىكىن سوراپ باقايلى......ھە،راست،بىرى ئىشىكنى قاققاندەك قىلدى.بىراق،مېنىڭ خىياللىممىكىن دەپ سىزگە دىمىدىم.
ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى.دېرىزىدىن ئاي شولىسى بۈشۈكتە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ يۈزىگە چۈشمەكتە.ئەركىن مەيدىسى بىلەن تەڭ يوتقاننى يېپىنىپ ياتاتتى.ئامىنە ئۆرە قوپۇپ ئولتۇرغىنىچە،سىرتتىكى شاۋقۇن-سۆرەنگە زەن سالغاچ سۆزلىمەكتە ئىدى.
-مەن قاراپ باقاي.-ئەركىن بالا ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دىگەندەك بوش سۆزلەپ ئەسنىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى-دە،كىيمىنىمۇ كەيمەستىن سىرتقا ماڭدى.ئامىنە دەرھال چىراقنى ياقتى.
ئەركىن ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىرىشتىن سەل ئەيمىنىپ،سىرتتا تۇرۇپلا-ئاپا نىمە بولدى؟-دەپ ۋاقىردى.
ئايشەم ھەدە دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ:
-ۋاي،بالام كىرە ئۆيگە سىرتتا ۋاقىرماي.
ئەركىن ئۆي ئىچىگە كىرىپ،تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا،سىڭلىسى رەنانىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.ئەركىن ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى ئاسانلا پەرىق ئەتتى.يېرىم كىچىدە بىر ئېرى قوغلىۋاتىدۇ،يەنە بىرسى ئېرىدىن يامانلاپ كىلىدۇ.رەنا ئىرى قوغلايدىغان شاللاق ئاياللاردىن ئەمەس.ئەركىن بىر تاللا سىڭلىسى رەناغا شەكسىز ئىشىنىدۇ.دىمەك،چوقۇم ئۇنىڭ ئىرى بۇزۇلۇپ باشقا بىرىگە ئۆگۈنۋالغان گەپ.شۇڭا رەنا يامانلاپ كەلدى.
-نىمە بولدى.ھېلقى ئابلەت دىگەن گۇينىڭ بالىسى،سېنى بوزەك قىلدىما؟بۇرۇن ساڭا دىگەن <<ئۇكام ئىرىڭنى يىمەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىغا قارايدىغان ئىشقا بارغۇزما.شەھەرلىك خېنىملار ئۇنى يەپ كىتىدۇ.>>دىسەم ئۇنمايسەن.ئايلىقى ئۇنداق يۇقىرى ئىكەن،مۇنداق يۇقىرى ئىكەن......ۋاي،مەن سېنىڭ نىمە دەپ كەلگىنىڭنى بىلۋالدىم.ئۇ ئىتنىڭ بالىسىنى،مەنمۇ شەھەرلىك بىر نايناق خېنىمنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.بىراق،ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن........ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟-ئەركىن تەنىلىك سۆزلىرىنى بىر مۇنچە ياغدۇرۋەتتى.
-قانداق قىلاتتىم،ئاجرىشىمەن.ئەمىليەتتە،ئابلەت تېپۋالغان شەھەرلىك خېنىمنى تۇنۇيمەن.ئۇنىڭ ئىسمى ئاينۇر.ئۇ ئابلەت ئىشلەۋاتقان شىرگەتنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى.ئۇمۇ شۇ شىركەتتە مۇئاۋىن باشلىق.ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن.ئۇ ئەسلىدە مېنىمۇ شۇ شىركەتتە تازلىق ئىشچىسى بول دىگەنتى،شەھەر ماڭا ياراشمايدۇ،سەھرادىكى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى مەن ئۈچۈن بىباھا دەپ ئۇنماپتىمەن.
-نىمە؟ئۇ پاسكىنا،،،،،،،بىر ئايالى بار ئادەمنى ئازدۇرۇپتىما؟-ئايشەم ھەدە ئۇنى تىللايتتى.
-ئۆزۈڭ قىلۋال.تازلىق ئىشچىسى بۇلارمىش تېخى.سەن سىڭلىم رەنانىڭ پۇتىنىمۇ سۈرتۈپ قويۇشقىمۇ يارمايسەن.ھۇۋ،بۇزۇق جالاپ.-ساقال بۇرىتى ئۆسۈپ قالغان ئۇستىخانلىق،تەبئىي بۈدۈر چاچلىق ئەركىن غەزەپلەنگىنىچە مۇشلىرىنى چىڭ تۈگمەكتە ئىدى.
-ۋاي،بالام،ماڭ ئۆيىڭگە كىرىپ ئارامىڭنى ئال.ئامىنە قورقۇپ كەتمىسۇن.-ئايشەم ھەدە ئەركىننى ئىتتىرىپ چىقىرۋەتتى.
رەنا ئاپئاق ئۆتۈكىنى سېلىپ،كاڭدىكى ئاپىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ ياتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغاندەك قىلسىمۇ،قاتماللىق ئىچىدىكى خىيال ئازاپلىرى ئۇنى راست بەك قىينايتتى.
-نىمە بوپتۇ ئاپام،ئاغرىپ قالمىغاندۇ؟-ئامىنە تېخىچە ياتمىغان ئىدى.
-نىمە بولاتتى.ھېلقى لاتا گۇي رەنانى بوزەك قىپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا ئاپامغا<<بەرمەيلى،رەنا زايا كىتىدۇ،ئۇ ھارام زادىگە>>دىسەم ئۇنمايدۇ.مانا خوپ بولدى.-ئەركىن غەزەپلىك قاينىغىنىچە،يوتقانغا كىرىپ ياتتى.
-ۋاي،نىمە دەيدىغانسىز.بىچارە رەنا ئۇكام،ئەردىن زادىلا تەلىيى چىقماپتۇ-دە.
-ئاز گەپ قىلىپ،چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئۇيقاڭنى ئۇخلا.-ئەركىن ئاچچىقتا بۇغۇلۇپ،ئامىنەگە چىڭقىلىپ يۇقىر ئاۋازدا سۆزلىۋەتتى.
ئامىنە چىراقنى ئالمان-تالمان ئۆچۈرۈپ:
-ئاستاراق سۆزلەڭ.قەلبىنۇر ئويغۇنۇپ كەتسە،سىز بۆشۈكنى تەرۋىتەمتىڭىز.


(2)


ئابلەت بۇ كىچە ئۆيدە يالغۇز قالدى.ئۇ قوزۇقتا ئىلىپ قويغان كۈلرەڭ كاستۇمىدىن قىزىل قاپلىق تاماكىسىنى ئېلىپ،بىر تال سوغۇرۇپ چىشلىدى،سەرەڭگىنى يېقىپ كۈچەپ شورىدى.ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن چىققان ئاپئاق ئىس-تۈتەك ئارا،ئەسلىمە مەنزىرلىرى كۆز ئالدىغا كىلىشكە باشلىدى.
ئوغۇل بالىغا نىسپەتەن 20ياش،تازا پىشقان قۇغۇندەك تەمبەل يىگىتلىك مەزگىلىگە قەدەم باسقان چاغ.سەھرادىكى ئاقكۆڭۈل ئاتا-ئانىلار،ئوغۇل يىگىرمە ياشقا كىردىمۇ بولدى.<<ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆي ئۇچاقلىق قىلىپ قويۇش ئاتا-ئانا بولغۇچىغا يۈكلەنگەن قەرىز.>>دىگەن ئىدىيە،كۆز قاراشلار بىلەن يىگىتنىڭ تېزدىن تويىنى قىلىپ،بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئويلايدۇ.
ئابلەت ئورۇق،ئىگىز،ئاق پىشماق،قۇڭۇر چاچلىق كىلىشكەن يىگىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،مىجەز-خۇلىقى كەمسۆز،يۇۋاش،يۇمشاق ئىدى.ئۇ بالىلارغا ئارلاشمايتتى.ھە دىسە قوي بېقىش،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ھېرىسمەن ئىدى.ئۇنىڭ شۇنداق ياخشى ئادىتى بار ئىدىكى،سەھرالىق بولغىنىغا قارماي كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقاتتى.قويلارنى ھەيدەپ ئوتلاققا چىققاندا بولسۇن،يەر سۇغارغىلى چىققاندا بولسۇن ئۇنىڭ قۇلىدا كىتاپ كەم بولمايتتى.
ئابلەتنىڭ دادىسى مۇتەللىپ ئاكا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ناھايتىمۇ مەدىنيەتلىك،رەتلىك كىيىنەتتى.بۇ دۇنيادا بار يوقى جان-جىگەرلىرى بولغان بىر تاللا ئوغۇل،بىر تاللا قىز پەرزەنت يۈزى كۆرگەن،بۇ 40 ياشلىق ئادەم خۇددى 30 ياشلىق يىگىتلەردەك كۆرۈنەتتى.چىرايىدىن ھاكاۋۇر كادىرنى ئەسلەتسىمۇ،ئەمىليەتتە ئاقكۆڭۈل،ۋىجدانلىق كىشلەردىن ئىدى.ئايالى ھۆرلىققا دىھقان.بىراق،شەھەرلىك ئاياللاردەك چېچىنىڭ ئالدىنى بۈدۈرە قىلىپ،قارا ياغلىقنى چىگىپ،گەرچە نەۋرە كۆرۈپ موما بولاي دېسىمۇ،ئالدى ئۇچۇق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەتتى.ئەمما،ئۇمۇ تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ بىرى ئىدى.
-ھەي،ھۆرلىققا ھەدە،كىلىن كۆرەي دەپ موما بولاي دېدىڭىز،نىملەرچە كىيىنىش بۇ.خۇددى ياشلاردەك.-دەيتتى سەھراچە ئاددى-ساددا كىيىنگەن دىھقان ئاياللىرى.
-ۋاي ئۇكام،زامانغا ماسلاشمىساق بولمايدۇ.بىزگىمۇ يارىشىدۇ بۇ كىيىملەر.-دەيتتى ھۆرلىققا تېخىمۇ گىدىيىپ،بوينىنى ئېتىپ.
-ئەجەپ گەپدان جۇمۇ سىز ھۆرلىققا ھەدە.
-چۈنكى،مەن كادىرنىڭ ئايالى-دە
-شۇڭا،سىلەرنىڭ ھال كۈن،تۇرمۇشۇڭلار ياخشى.قىشمۇ-ياز تامىقىڭلاردىن گۆش،ياغ ئۆكسىمەيدۇ...مانا،بۈگۈن بىزنىڭ تاماقتا گۆش يوق.بالا ۋاقتىمىزدا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماپتىمىز.دىھقان بولغانغا بەك تويغۇزدى بۇ تۇرمۇش.-دەپ ھال ئېيتىپ كىرگەن قوشنا ئاياللارغا<<ۋاي،ئۇكام.بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئېلىڭە،ماۋۇ بىر ئاشلىق گۆشنى ئاز بولسىمۇ،بىر قېتىملىق تامىقىڭلارغا قوشۇپ ئىچەسىلەر.>>دەيتتى ھۆرلىققا ئۆيىدىن گۆش ئەچىقىپ تەڭلەپ.
دىمەك،ھۆرلىققا كىيىم كىيىشتىمۇ،ئۇيۇندىمۇ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىمۇ،ئادەمگەرچىلىكتىمۇ بار ئىدى.
-ئاپا نىمە ئەتتىڭ؟قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى.-ئابلەت ئەمدىلا ئېتىزدىن ھەيدەپ كىرگەن قويلىرىنى قوتانغا سولىۋېتىپ،قۇلىدىكى كىتاپنى،تەك باراڭلىرى ئاستىدىكى كۆرپە سېلىنغان كارۋاتقا پاققىدە تاشلاپ ئاپىسىدىن سورىدى.
-ھە،مانا پىشاي دېدى.ئېتىزلىقتا كىتاپ ئوقۇپ قۇرسىقىڭ تويمىدىمۇ؟ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ تۆت-بەش نۇمۇرۇڭ كېمىپ قالمىغان بولسا،بۇتاپتا سەن ئالئي مەكتەپتە ئوقاتتىڭ.قايتىلاپ ئوقۇ دىسەك،<<ئۆزۈمدىن كىچىك بالىلار بىلەن ئوقۇشقا نۇمۇس قىلمامدىمەن.>>دەپ دېھقانچىلىقنى تاللىدىڭ.ھەي،بىچارە.......-ئاشخانىدا ھۆرلىققا تاماق قىلغاچ قايناپلا كەتتى.
-بولدى قىلە ئاپا.ھازىرمۇ قوي باققاچ كىتاپ ئوقۇيمەن.قويلار مەرەپ ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ.بىر ھىساپتا دىھقانچىلىق قىلىشمۇ بەك كۆڭۈللۈك.-دىدى ئابلەت يۇمشاق كۆرپىگە ئۆزىنى تاشلىغىنىچە،تەك بارىڭىدىكى ساڭگىلاپ تۇرغان غۇرا ئۈزۈملەرگە قاراپ.
-دادام قېنى؟تېخى مەكتەپتىن كەلمىدىما؟
-ۋاي،بالام داداڭ تېخى كەلمىدى.ھېلىغىچە كىلىپ قالار...ھەي،مۇشۇ تاماق ئىتىدىغان ئىشتىن قاچانمۇ قۇتلارمەن،سېنىڭمۇ يېشىڭ خېلى چوڭىيىپ قالدى،ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن،ئۆزۈڭ تاپمىغان بولساڭ،بىز تاپقاننى ئۇنداق،بۇنداق دىمەي ماقۇل دىگىن بالام-ھۆرلىققا خېمىرنى لەڭمەن پىلتىسى قىلغاچ،ئابلەتكە بىر مۇنچە ۋىچىرلاپلا كەتتى.
قايسى ئاتا-ئانا ئۆز ئوغلىنى ئۆيلەپ كىلىن قولىدىن بىر قاچا تاماقنى،بىر قاچا قېنىق دەملەنگەن چاينى ئىچىشنى خالىمايدۇ.ھۆرلىققاممۇ تېزاراق كىلىن كۆرۈپ ئۆي ئىشلىرىدىن بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ھاردۇق چىقىرىشنى ئويلايدۇ ئەلۋەتتە.
-ۋاي ئاپا،كىم سىلەر تاپقاننى ياراتماپتۇ؟مېنىڭ شاپاشلاپ تەلەپ خېتى يېزىپ ھېچكىمگە يالۇرغۇم يوق.سىلەر تاپقاننى ئالىمەن...ھە،راست خەق بىلەن يۈرۋاتقان،ئارلىشۋاتقان قىزلارنى تاپماڭلار جۇمۇ؟!مۇھەببەت قاتىلى بولۇشنى خالىمايمەن.-دېدى ئابلەت قىزىرىپ قۇلىدىكى كىتاپ بىلەن ئۆزىنى يەلپۈپ سۆزلەپ
-كىمگە مۇھەببەت قاتىلى بۇلۇشنى خالىمايسەن گۇي.-مۇتەللىپ ئاكىنىڭ يەردىن ئۈنۈپ چققاندەكلا،گۈدۈك ئاۋازى تۇيۇقسىز بولغاچقىمۇ ئابلەتنى چۆچۈتۋەتتى.
يېڭى بىخلىنۋاتقان يىگىتلىك ھېسلىرىدا خىجىلىق پىلتىڭلاپ،سەبى غۇرۇر قەلبىنى تاتلاپ،ئاجايىپ خىجىل قىلۋەتتى.يۈزلىرى شەلپەر بولۇپ چىلەندەك قىزىرىپ كەتتى.‹‹ھەي،دىمىسەم بوپتىكەن.داداممۇ شەپىسىزلا پەيدا بولۇپ ھەجەپ سەزمەپتىمىنا؟!››دەۋەتتى ئىچىدە.
-داداڭ كەپتۇ-ھە! ئوغلۇم-ئابلەتنى تۇنجۇققان،كىشىنى بىئاراپ قىلىدىغان خىيال قاتلاملىرىدىن ھۆرلىققانىڭ ئاۋازى بۇزدى.-ھە،ئوغلىڭىزنى ئۆيلەپ ئىككى ئۇزۇن چاچلىق بىرىنى ئەكىلىپ،مېنى ماۋۇ تاماق ئىتىدىغان ئىشتىن خالاس قىلىڭ.-ھۆرلىققا سۆزلىگىنىچە،ئىككى تەخسە لەڭمەننى ئاتا-بالا ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
-ھە ماقۇل ئاپىسى.نىمىلا بولمىسۇن ماۋۇ تاماقنى يېۋېلىپ،قۇرساقنى توقلاپ ئاندىن سۆزلىشەيلى-ھە!-مۇتەللىپ ئاكا قۇلىنى يۇيۇپ ئۈستەل ئالدىغا كىلىپ،ھاپلا-شاپلا تاماق ئىچۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.چۈنكى،ئۇنىڭ قۇرسىقى بەكمۇ ئاچقان ئىدى.
-ۋاي-ۋۇي،قۇرسىقىنى سۆرەپ ئاچ بۆرىگە ئوخشاپ قاپتۇمۇ نىمە بۇ ئادەم.كۈندە تاماق يىيىشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ.
مۇتەللىپ ئاكا،ھۆرلىققانىڭ تەنە چاقچاقلىرىغا كۈنۈك ئىدى.مۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىسا مەمنۇن بۇلۇپ كۈلۈپ كىتەتتى.بىرەر كۈن ئاڭلىماي قالغاندا،ھۆرلىققانىڭ چاقچاق قىلىشىنى كۈتەتتى.
-بۈگۈن تامىقىڭلار ئوخشىماپتۇمۇ نىمە؟تۇزى كەم بولۇپ قاپتۇ.قۇرىمىسىمۇ مايلىق بولۇپ قاپتۇ-دىگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن تىرىكتۈرۈپ قەستەن ھۆرلىققانىڭ ئاغزىنى تاتلايتتى.
-ئۇنداق،بولسىچۇ كادىر غۇجام،ياخشى تاماق ئىتىدىغاننى ئېلۋالسىلا.
-سېنى كىم ئالىدۇ.
-ھېچكىم ئالمىسا ئولتۇرۇرمەن شۇ ئايپاتەم بولۇپ
-ياق،ماڭا سېنىڭ ئوخشىمىغان تامىقىڭ كېرەك.
مانا،بۇ تۇرمۇش.ئەر-خۇتۇنلار تەنە قىلىشىدۇ،بىر-بىرلىرىنىڭ تەنە چاقچاقلىرى ئوت بولۇپ يانغان يۈرەكلەرگە بەئەينئى چوكا مۇزدەك يېقىشلىق،سالقىن،تاتلىق تۇيۇلۇپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
-دادا،پۇل بېرە،كىتاپنى ئوقۇپ بولدۇم.ئەمدى يەنە بىر كىتاپ سېتۋالىمەن.-ئابلەت تاماقتىن كىيىن دادىسىدىن پۇل سورىدى.ئۆيلەنگۈدەك بۇلۇپ قېلىپمۇ ئۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىمىگەن ئىدى.دادىسىمۇ بېرىپ تۇراتتى.چۈنكى،ئوغلىنىڭ كىتاپ ئوقۇشتەك ئادىتىدىن پەخرلىنەتتى.
-ئۆينى كىتاپخانىغا ئايلاندۇرايلا دىدىڭ،بىر كىتاپنى سېتۋېلىپ بىر ھەپتە بولمايلا يەنە كىتاپ دەيسەن.-ھۆرلىققا شۇنداق دەپ قايناپ ئۆينى بېشىغا كىيەتتى.
-ھەي ئاپىسى،باشقىلار بالىلىرىنى كىتاپ ئوقۇ دەپ ئوقۇتالمايدۇ،بالا بىر ئوبدان كىتاپ ئوقۇيمەن داۋاتسا،خوش بولساق بولىدۇ تېخى.-دەيتتى مۇتەللىپ ئاكا ھۆرلىققانىڭ ئالدىنى توسۇپ.
-شۇنى دەيمەن ئاپا،ئەجەپمۇ قىزىق ئىكەنسەن.سەن نىمىنى بىلەتتىڭ.ھېچنىمىنى چۈشەنمەيسەن.-دەيتتى ئابلەت كۈلۈپ كىتىپ
-ھە مەن ھېچنىمىنى بىلمەيمەن.سەن ئۆزلىكىڭدىنلا پەيدا بولغان ھۇ شۇم.
ئابلەت دادىسى بەرگەن 100 يۈۋەننى ئېلىپ كىيمىنى يۆتكەپ بازارغا قاراپ يول ئالدى.ھۆرلىققا ھويلىدا نىملەنىدۇر غىڭىشىپ قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى.
-ھەي دادىسى،ئاخشام پاراڭلاشقان بۇيىچە،ھېلقى كوچا دوقمىشىدا ئولتۇردىغان سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار ئايشەم ھەدەمنىڭ قىزى رەنانى لايىق كۆرۈپ قالامدۇق نىمە؟رەنا ياخشى قىز كىيىم تىكەلەيدۇ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى قىلالايدۇ بەك جانلىق.ئابلەتكە چېتىپ قويساق ئۆينى ئۆي قىلالايدۇ.
-ماقۇل شۇنداق بولسۇن ئاپىسى.كەچتە ئۆزۈڭ ئابلەت بىلەن پاراڭلىشىپ باق.
ھۆرلىققا ئابلەت بىلەن سۆزلەشتى.ئابلەت ماقۇل بولدى.رەنانىڭ ئۆيىدە ئەلچىلەر پەيدا بولدى،ئايشەم ھەدە مەسلەتلىشىپ باقايلى دەپ يولغا سالدى.رەنانىڭ ئاكىسى ئەركىن‹‹ئۇ بىر كىتاپ خالتىسى،ئېتىزلىقتا كىتاپ كۆتۈرگەن ھارامزادىلەر ياخشى ئەمەس››دەپ قوشۇلمىدى.رەنا بولسا،بىر سەھرا قىزى ئۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،ھېچكىم ئۇنىڭغا تەلەپ خېتىمۇ يازمىغان.شۇڭا،ئاپىسى كىمگە بېرىمەن دىسە شۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتى ھېساپلىندۇ.رەنانىڭ خىيالى شۇنداق ئىدى.ئايشەم ھەدە بولسا‹‹ئاتا-ئانامدىن قالغان ئۇرۇق تۇغقانلىرىم،ئۇلار ئۆزىمۇ ياخشى خەق،رەنانى بېرىمەن››دەپ تۇرۋالدى.ئەركىن ئاپىسىغا يانالمىدى.شۇنداق قىلىپ قايىدە بۇيىچە ئۇلارنىڭ داغدۇغۇلۇق تويى بولدى.
تويدىن كىيىن ئۇلار ناھايتتى ئىناق ئۆتتى.ھۆرلىققا رەناغا بەكمۇ ئامراق ئىدى.كۆپىنچە كىشلىرىمىز:‹‹كىلىن بىلەن قيىنئاپا چىقىشالمايدۇ››دەپ قارايدۇ.ئەمما،رەنا بىلەن ھۆرلىققا،ئانا بىلەن بالىدەك ئىرمىشىپ مىھىر بېرىشكەن ئىدى.
-قىزىم،بۈگۈن بازارغا بارغان ئىدىم.سىزنى كۆڭلەك كىيەر دەپ بۇ رەختنى ئالغاچ كەلدىم.
-ئاپا،ئۆزىڭىز كەيسىڭىز بولمامدۇ،ماڭا ئالغۇچە.
-ئۆزۈمگىمۇ ئالدىم.
-ئەجەپمۇ ياخشى جۇمۇ سىز ئاپا.
پەقەت بۇ ئىشلاردىلا ئەمەس،ھويلا تازلاشتىمۇ شۇنداق ئىدى.
-نىمانچە سەھەر تۇرۋالسىز قىزىم.مېڭىڭ كىرىپ ئوغلۇمنى رازى قىلىڭ.ھويلىنى ئۆزۈم تازلايمەن.-ھۆرلىققانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،رەنا ھۈپپىدە قىزارغان يۈزىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن توسۇپ،كۈلگىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كىتەتتى.
‹‹قېيىنئاپام ئاجايىپ قالتىس ئايال جۇمۇ!مەن ئۇنى باقىمەن،يۈدۈپ باقساممۇ باقىمەن.››دەپ ئويلاپ كىتەتتى رەنا ئىچىدە.
-ۋۇي قىېلىن،يېتىۋېرەمسىز؟تاڭ ئاتتى،قويلىرىڭىز سىزنى چاقىرۋاتىدۇ.بىچارە دادام ئوت-چۆپنى قويلارغا تاشلاپ بېرىپ ئاندىن مەكتەپكە ماڭدى.
-كىچىچە ساڭا قانمىسام،نىمانچە بالدۇر تاڭ ئاتىدىغاندۇ؟!
-قېلىن،چاينى قاينىتىپ ناشتىمۇ قىلىپ بولغىلى ناۋاق بىز.چوڭلاردىن خىجىل بولۇپ ئۆلەي دەيدىكەنمەن.
-نىمىدىن خىجىل بولىسەن.كىچىچە ماڭا قانماي ئۇخلاۋاتىدۇ يەنە دەۋەرمەمسەن.
-ماقۇل شۇنداق دەي.قېلىننىڭ دىگەن گىپىنى،،،قوپىڭە تېز.
مانا،بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ دىئالوگلىرى.بەخىتنىڭ شىرىن-شىكەرلىرى ئىدى.تۇرمۇش كارتىنلىرىنىڭ غۇنچە گۈللىرى ئىدى.
-قىزىم،كىچىچە دادىڭىز ئىككىمىز سۆزلەشتۇق.سىلەرنى ئايرىپ قويايلىمىكىن داۋاتىمىز.بولسا سىلەرمۇ ئۆي ئايرىپ ئۆزۈڭلارنى چېنىقتۇرۇپ،تۇتۇنساڭلارمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمىز.سىزغۇ بۇ ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ،ياخشى خىزمىتىمىزنى قىلۋاتىسىز.
-ماقۇل ئاپا،سىلەرنىڭ دىگىنىڭلەردەك بولسۇن.-رەنا قوشۇلدى.ئەمما،نىمە ئۈچۈن ئۆي ئايرىپ قويۇش خىيالىغا كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمىدى.‹‹مەن ياخشى خىزمەت قىلمىغان چېغىم بار››دەپ كۆڭلى غەش بولدى.يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ئايرىسا،بەزى ئىشلاردا ئەركىن بۇلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ خوش بولدى.
-ياق،مەن ئۆي ئايرىمايمەن.-دىدى ئابلەت چوڭلارغا يېنىپ.
چۈنكى،ئۇ ئۆي ئايرىسا،گۆش يىمىسە،ئۇن يىمىسە بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەش كېرەك.چوڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرسا دادىسىنىڭ مائاشى بار،ھېچنىمىدىن غەم قىلمايدۇ،ئەمما،چوڭلار ئابلەتنىڭ ئىش خۇشياقماس بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ھازىردىن باشلاپ ئۆي ئايرىپ چېنىقتۇرۇشنى ئويلىدى.چوڭلار چىڭ تۇردى،ئابلەتكە ئۆي ئايرىماي ئامال بولمىدى.
ئۆي ئورنى ھەل بولۇپ،ئۆي سېلىنىپ بولدى.ئۇلار ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپمۇ بولدى.رەنانىڭ ھە،ھۇ دىيىشى بىلەن يەر ئېچىپ كىۋەز تېرىدى.شۇ يىلى مول ھوسۇل ئالدى.شۇنداق قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئۆيى‹‹جېنىڭ بارمۇ؟››دىسە‹‹يوقتىن ياخشى››دىگۈدەك ھالەتكە كەلدى.
كۈنلەر،ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ،رەنانانىڭ بويىدا قالدى.دىمەك،ئۇلارنىڭ ئۆيىگە،تۇرمۇشىغا يەنە بىر جان قوشۇلۇپ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە،قەلىب گۈلزارلىقىغا ئەڭ چىرايلىق خوشاللىق گۈلدەسىتسىنى تاقىدى.
رەنا بۇيىمدا قالدى دەپ يېتۋالىدىغان ئاياللارغا ئوخشمايدۇ.ئابلەتنىڭ‹‹ماڭ يات››دىگەن سۆزىگمۇ‹‹يېتۋالسا تۇغۇت قىيىن بولىدۇ››دەپ يېتۋېلىشقا ئۇنمايدۇ.ھە دىسىلا ئېتىزغا يۈگرەيدۇ.مانا،كىۋەزلەر ئېچىلىپ قالغان ئىدى.رەنا پاختىلارنى تېرۋېتىشنى ئويلىدى.ئەمما،پاختا تەرگۈدەك قاپ،خالتىنى،ئۆينى ئالا قويماي ئىزەپ تاپالمىدى-دە،ئابلەتكە بازاردىن ئەكەلدۈرۈشنى ئويلاپ،چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا ئابلەتكە دىدى.
-پاختا تېرەي دىسەم خالتا،قاپ يوق.چۈشتىن كىيىن بازاردىن ئەكىلىپ بېرەمسىز؟
-تەرمە دىسەم ئۇنمايسەن،ماقۇل ئەكىلىپ بېرەي.بىراق،قۇرساقتىكى بالام ھېرىپ قالمىسۇن.-دىدى ئابلەت رەناغا ئامراقلىق بىلەن قاراپ.
رەنا قاچا-قۇچلارنى يىغۇشتۇرغاچ كۈلۈپ كەتتى.ئابلەت چۈشتىن كىيىن خالتا،قاپ سېتۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىردى.شەھەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى.ھەر خىل مىۋە-چىۋە ساتقۇچىلار،كىيىم-كىچەك،رەخىت ساتقۇچىلار،زامانىۋى ئىگىز رەت-رەت بىنالار،سودا سارايلار،كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلۋېتىدىغان ماشىنىلار،ئىشقىلىپ ھەر كىم ئۆزى ئىشى بىلەن مەشخۇل ھەم ئالدىراش ئىدى.
ئابلەت تۆت-بەش قاپ خالتا سېتۋالغاندىن كېيىن،بىر كاۋاپخانىغا كاۋاپ يىيىش ئۈچۈن كىرىپ،ئەمدىلا ئۈستەلگە كىرىپ ئولتۇرۇشىغا،قۇلىغا قىزىل رەڭلىك قېلىن بىر پۇل قاپچۇقى چىقىپ قالدى.بېشىدا پەرۋا قىلماسلىقنى ئويلىدى،ئەمما،نىمە ئۈچۈندۇر يەنە قولىغا ئېلىپ سالدى.كاۋاپنى يىمەي سىرتقا قاراپ يول ئالدى.ئۇ پات-پات ئارقىغا قورقۇپ قاراپ قوياتتى.خۇددى ئارقىسىدىن‹‹مېنىڭ نەرسەمنى نىمە دەپ ئوغرۇرلايسەن؟››دەپ بىرىنىڭ كىلىپلا ئۇرۇشىدىن ئەنسىردى.ئۇ ئەنە شۇنداق ئەندىشىدىن قۇتلالمىدى.ئۇ بىر دالدىغا كىلىپ،پۇل قاپچۇقىنىڭ ئىچىگە قارغانىدى،ئىچىدىن 3000 يۈەن پۇل،كىملىك كارتىسى ھەم تېلفۇن بۇمۇرى بار كارتا چىقتى.‹‹ياق،ئالتۇن تېپۋالساممۇ كۆز قىرىمنى سالماسلىقىم كېرەك.چوقۇم بۇ نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ،بۇ نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشۇم كېرەك.ھارام ھېچكىمگە ياراشمايدۇ.ئىگىسى بۇ نەرسىلەرنى ئىزدەپ قانچىلىك بىئارام بولۋاتقاندۇ؟!››دىگەندەك ئىنساندا بۇلۇشقا تىگىشلىك خىياللارنى قىلدى.
ئابلەت بىر تىلفۇن بوتكىسىنىڭ يېنىغا كىلىپ،كارتىدىكى نۇمۇرغا تېلفۇن قىلدى.
-ۋەي،ياخشىمۇسىز؟سىز كىم؟
-ياخشىمۇسىز...سىز ئاينۇر خانىممۇ؟-دىدى ئابلەت تەمتىرەپ كىتىپ
-ھە مەن شۇ......سىز؟-بۇ بىر قىزنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئىدى.
-سىز،،،سىز بايا كاۋاپخانىدا پۇل قاپچۇقىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز،شۇڭا مەن ...-ئابلەت نىمە دىيىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى.
-ھە،راست بايا كاۋاپخانىدا كاۋاپ يىگەن،ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمەن.-دېدى قىز كۈلۈپ سۆزلەپ
-ئۇنداق بولسا كاۋاپخانىدا سىزنى ساقلاي،ھازىرلا كىلىپ ئېلىپ كىتىڭ.
-ماقۇل مەن 5 مىنۇتقىچە بارىمەن.
ئابلەت تېلفۇننى قويۋەتتى-دە،كاۋاپخانىغا كىرىپ ئولتۇردى.‹‹ئۇ قانداقغاراق بولغاي؟قاندق پەرىق ئېتەرمەن.يە پىشانىسىغا يېزىقلىق ئەمەس تۇرسا››دىگەندەك خىياللار بىلەن ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدى.كاۋاپخانىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە قاراپ-قاراپ قوياتتى.
-ۋاي،ئاينىۇر خانىم يەنە كەپسىزغۇ؟!-ئەمدىلا يېڭى كىرگەن قىزغا،كۈتكۈچى قىزنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازى ئابلەتنىڭ دىققىتىنى بۇرىدى.
ئۇ ياۋاتقان كاۋىپىنى تەخسىگە قويۇپ،قىزنىڭ ئالدىغا چاققانلىق بىلەن كەلدى.
-ياخشىمۇسىز؟سىز ئاينۇر خانىممۇ؟
-شۇنداق...سىز بايا ماڭا تېلفۇن قىلغان...
-ھە،مەڭ بۇ سىزنىڭ پۇل قاپچۇقىڭىز.ئىچىگە قاراپ بېقىڭ نەرسىلەر تۇلۇقمىكىن؟
ئاينۇر پۇل قاپچۇقىغا قايتىلاپ قاراشقا باشلىدى.
-رەھمەت تۇلۇقكەن.-ئاينۇر مىچىدە كۈلۋەتتى.
-خانقىز ماڭا يەۋەتقان كاۋىپىمغا،بەش زىخ قوشۇپ سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ بېرىڭ.ئايالىمغا ئېلۋالاي.-ئابلەت كۈتكۈچى قىزغا ھاۋالە قىلدى.
-ئاكا،مەن سىزنى ئاپرىپ قوياي،تەييار ماشىنام بار.بۇ مېنىڭ سىزگە قايتۇرغان رەھمىتىم بولسۇن!-دىدى ئاينۇر ئابلەتكە تىكىلىپ
-بۇ،،،بۇ،،،
-ۋاي،ماقۇل دەڭە.سىزگە ئوخشاش ئالتۇن تېپۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئادەملەر ئاز.
ئاينۇر چېچىنى كورىيىچە ياساتقان،پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن،ئاق مايكىسى ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىراي شەكلىگە بەكمۇ ماسلاشقان ئىدى.ئۇ چەتئەلدە ئوقۇپ يېڭىلا قايتىپ كىلىپ،دادىسىنىڭ شىركىتىدە دادىسىغا ياردەملىشۋاتقان ئىدى.
ئابلەتنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئالتۇن تېپۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان پەزىليىتى،ئاينۇر بىلەن ئابلەتنىڭ تېپىشۋېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.ئاينۇر تۇلىمۇ چىقىشقاق قىز ئىدى.رەنا بىلەن ئاچا-سىڭىللاردەك بولۇپ قالغان ئىدى.
-رەنا ھەدە،سىزگە بۇ سەھرادا ئىشلەپ نىمە جاپا.بىزنىڭ شىركەتتە تازلىق ئىشچىسى بولسىڭىز مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟!ئابلەت ئاكاممۇ بىزنىڭ شىركەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق ئىش قىلسا...
-ئابلەت بارسا بارسۇن،مەن ئۈچۈن مۇشۇ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرى بىباھا!
ئابلەت شەھەرگە كەتتى.ھەر ئايدا پۇلنى رەنانىڭ قۇلىغا تاپشۇراتتى.رەنانىڭ ئاكىسى،ئاتا-ئانىسى ئابلەتنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسىمۇ‹‹مەن ئابلەتكە ئىشىنمەن.ئابلەت ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.››دەپ كۈلۈپ ئۆتكۈۋەتتى.قۇلۇم-قوشىنىلىرى ئۆسەك گەپلەرنى تارقاتسىمۇ‹‹ئۇنداق ئەمەس››دەپ ئابلەتنى ئاقلاپ تۇرۋالدى،ئىشەنمىدى ھەم ئىشىنىشنىمۇ خالىمىدى.
بىرق،ئاينۇر بىلەن ئابلەتنىڭ مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن باشلانغان ئىدى.چۈنكى،ئادەمنىڭ ئۆزى بىر شەيتان.كۆڭۈل چۈشۈپ قالسا ئەقىل كۆزىنى قارغۇ قىلىدۇ.ئابلەت رەنا بىلەن ئاجرىشىشنى ئويلايتتى.ئەمما،قۇرساقتىكى بالسىغا چىدىمايتتى.بۈگۈن ھەممە ئىش ئاشكارلاندى.ئاينۇر بىلەن تاماق يەۋاتقاندا،رەنا ئوغۇرلىقچە ئابلەتنىڭ كەينىگە چۈشتىمىكىن تاڭ؟!رەنا ھەممىنى بىلىپ قالدى.ئابلەت ئۇنداق ئەمەس دەپ تۇرۋلسىمۇ بولاتتى.ئەمما ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى.ئاينۇرغىمۇ ئابلەت كىرەك ئىدى.رەنا بىلەن ئاجرىشىپ كىتىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
ئابلەت ئاچچىق تاماكىسىنى چىكىپ بولدى.ئۇنىڭ بېشى ئاغرىدى‹‹رەنا تۇلىمۇ ياخشى ئايال.لىكىن،مەن مۇھەببەت بەرگەن ئاينۇرمۇ ياخشى.رەنامۇ مۇھەببەت بەرگەنغۇ؟ئەمما،مەن ئاينۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.مەنمۇ بىر ئەر كىشىغۇ؟ۋاي،نىمىلا بولسا مەيلى ئاجرىشمەن.باشقا كەلگەندە باتۇر.››ئابلەت ئۆزىنى كاڭغا تاشلىدى-دە،كۆزىنى چىڭ يۇمدى،ئۇ ئۇخلىدىمۇ،ئۇخلىمىدى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.


(3)


رەنا تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ھويلىسىنى تازلىدى.ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرى كىچىچە يىغلاپ ئىشىپ چىققان ئىدى.تاڭ سەھەردىكى كۈز شاماللىرى ئۇنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ،كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.ئۇ ھەر ھالدا ئۈمىدلىك بۇلۇپ،پات-پات دەرۋازىغا قاراپ قوياتتى.‹‹ئۇ چوقۇم كىلىدۇ.ئاجراشمايلى،بىز مەڭگۈ بىللە ئۆتىمىز،ئائىلىمىزنى بۇزمايلى،ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم پۇرسەت بەر.››دەيدۇ دىگەن ئىشەنچىلىك ھېسىياتتا ئىدى.
-رەنا،ناشتىلىق تەييار بولدى.يۈرۈڭ ئۇكام ناشتىلىق قىلايلى.-ئامىنەنىڭ چاقىرغان ئاۋازى رەنانى سەگەكلەشتۈردى.
-ھە مانا ھەدە-ئۇ قۇلىدىكى سۈپۈرگىنى قالقان تامغا يۈلەپ قويۇپ ئۆيگە كىردى.
كاڭ ئۈستىگە يۇغان ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ،ئەركىن ،ئايشەم ھەدە،ئامىنەلەر ناشتىغا ئولتۇرغان ئىدى.ئايشەم ھەدىنىڭ يېنىدا،ئەركىننىڭ ئەمدىلا 9 ئايلىق بالىسى قەلبىنۇر ئويغاق بولۇپ،رەناغا قاراپ گۇڭۇراپ كۈلۈپ قوياتتى.
-رەنا ئاپاش كەلدىما؟تۇنۋالدىڭىزما بالام.-ئايشەم ھەدە قەلبىنۇرنى ئەركىلتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ئەركىن قەلبىنۇرغا قاراپ‹‹مېنىڭ بالام ئەقىللىق جۇمۇ!››دىگەندەك كۈلۈپ قويدى.بىراق،ئەركىننىڭ رەناغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشتى.چۈنكى،ئۇ رەنادەك بىردىن-بىر قېرىندىشىنىڭ كۆز يېشى قىلىشىنى خالىمايتتى ھەم چىدىمايتتى.ئۇنىڭ قەلبىنى ئابلەتكە بولغان قاتتىق ئاداۋەت،ئۆچمەنلىك قاپلىغان ئىدى.
ناشتىلىق مۇڭلۇق،جىمجىلىق،كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە قىلىندى.خۇددى ئۇلار سوقۇشۇپ،بىر-بىرىگە قىيدىشۋاتقاندەك.نىمە ئامال،بەلكىم ئۇلار نىمە پاراڭ قىلىشنى بىلەلمىگەندۇ.
-مەن ئېتىزغا بېرىپ كىلەي،ھېلقى لاتا گۇي كەلسە كەتمە جۇمۇ!سېنى باقالغۇچىلىكىم بار.-ئەركىن رەناغا سۆزلەپ ئېتىزغا ماڭدى.
چۈشكە يېقىن ئابلەت كەلدى.ئايشەم ھەدە كۇيئوغلىنى كۆرۈپ،خۇشخۇيلۇق بىلەن قارىشى ئالدى.چۈنكى،ئايشەم ھەدە تۇرمۇشنىڭ ئىش يولىنى بىلىدىغان،سوغوققان،يۇمشاق ئايال.مانا،رەنا ئىشىدىمۇ‹‹ياشلىقتا ئەر-خۇتۇنلار ئۇرۇشىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.يەنە يارىشىدۇ.رەنانى ئالغىلى كەلسە،تۇتۋالماي بېرىمەن››دەپ ئويلايتتى.
-كىلىڭ ئابلەتجان ئوغلۇم،چاي ئىچىڭ.-ئايشەم ھەدە ئۆز قۇلى بىلەن پەتنوستا چاي ئەكەلدى.
ئابلەت سىپايىلىك بىلەن چاينى ئېلىپ،تەتۈر قاراپ دۇمسىيىپ ئولتۇرغان رەناغا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن:-رەنا مەندىن كۆڭلۈڭ قالغان بولسا ئاجرىشىپ كىتەيلى.ئىلتىماسنىمۇ كىچە يېزىپ چىقتىم،ئۆي ساڭا قالسۇن،بالىنى تۇغامسەن،تۇغمامسەن كارىم يوق.-دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئايشەم ھەدىنىڭ ئاق يۈزى قارداپ كەتتى.ئابلەتنى مۇنداق پەس گەپلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلىمغان ئىدى.ھەممە گۇناھ ئابلەتتە بولغاچ،ئابلەت تۈۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىسا،ئىشلار بېسىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.ئەمما،ئايشەم ھەدە ئويلىغىنىدەك بولمىدى.
-ۋاي،مېنىڭ قىزىم،سىزلەرگە زايە بولغۇدەك ئادەم ئەمەس.شاللاقلىق قىلغان يەنە سىز،قىزىم بالىنى تۇغىدۇ،ئۆزۈم ھاياتلا بۇلدىكەنمەن باقىمەن.بالىدا نىمە گۇناھ.
-ۋاي ئاللاھ،رەنا ئۇكام ئاجرىشىڭە بولدى.مەندەك يەڭگىڭىز بار،سىزنى يەرگە قاراتماي گۈلدەك بېقىپ كىتەلەيمىز.-ئامىنەمۇ چىداپ تۇرالمىغان ئىدى.-نىمە ئىش بۇ؟-ئۇ قۇلىدىكى قەلبىنۇرنى ئويناتقاچ غەزەپ بىلەن سۆزلىدى.
چۈنكى ئۇمۇ بىر ئايال.ئاياللار شۇنچىۋالا ئاجىزمۇ؟ئۇنىڭغۇ ئەردىن تەلىيى چىقتى،ئەمما رەناغا ئوخشاش ئەردىن تەلىيى چىقمىسا قانداق قىلغۇلۇق.ئامىنەنىڭ رەناغا ئىچى ئاغرىغان ئىدى.
-ئاجراشسام ئاجراشتىم.ماڭا يېپىشۋالىدۇ دەپ ئويلىغانما؟ماڭە رەسمىيەت ئۆتەيمىز.-رەنا چاپنىنى كىيىپ ماڭدى.
رەنا شۇنداق خورلانغۇدەك ئادەممۇ؟!مۇنداق جاندىن ئۆتكۈدەك سەت قىلىق قىلمىسىمۇ،ئۇنىڭغا چاپلىشۋالماس ئىدىغۇ؟!شۇ ئازراق سۆيۈسىگە تارتىشىپ،تېخى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ناتىۋان بالىنىڭ يىتىم قېلىشىغا چىدىمايۋاتىدۇ.
ئۇلار ناھاتتى ئاسانلا ئاجراشتى.چۈنكى،ئۇلار ئۆزلىرى ئاجرىشمەن دەپ تۇرۋالغاچقا،ئوتتۇردا سوتلىشىشمۇ،ئاجرىشىش ۋاقتىنى ئارقىغا سوزۇشمۇ يوق ئىدى.ئاجرىشىشقا پەقەت ئىككى سائەتلا ۋاقىت كەتتى.
رەنا پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى.تەسىرلىك ئىشلارنى ئاڭلىسا،كۆز يېشى قىلىپ سۇ بولۇپ ئاقىدىغان ئادەم،ئەمدىلىكتە،ھېسىياتچان قەلىب دەرياسىنى مۇز تۇتۇپ،يۈرىكىدە ئېرىمەس مۇز قېتىغان ئىدى.قەلبىدە باھار ئەمەس زىمىستان قىش ھۆكۈم سۈرەتتى.ئۇ توي قىلىش دىگەندىن قورقۇپ كەتكەن بولۇپ،ئەر كىشى دىگەن خەقنى كۆرەرگە كۆزى يوق ئىدى.
رەنا ئاجرىشىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن،ئابلەت بىلەن ئاينۇرنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۋالدى-دە،تېخىمۇ شۇنداق بۇلۇپ كەتتى.بىر كىچە يىغلاش،يىغلىغاندىمۇ ئۈنلۈك بۇقۇلداپ،ئادەمنىڭ ئىچى ئىزىلگۈدەك يىغلاش ئۇنى تېخىمۇ كەم سۆز،ھېسياتسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ھەش-پەش دىگۈچە،ئارىدىن 7 ئاي ئۆتۈپ ئۇنىڭ قىزى ئەقىدە،بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى.رەنا تولغاق ئازابى تارتقاندا ئابلەتنىڭ يېنىدا بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.ئەمما،ئۇنىڭ يېنىدا ئۆز ئاچىسىدەك بۇلۇپ قالغان،ئاقكۆڭۈل ئىشچان يەڭگىسى ئامىنە،مىھرىبان ئانىسى ئايشەم ھەدە ھەمرا بولدى.ئۇ تۇنجى قېتىم قىزىنى قولىغا ئالغىنىدا،قەلبىدىكى زىمىستان قىش ئاسمانلىرىدا،بىر نۇرلۇق قۇياشنىڭ ۋالىلداپ پارلىغانلىقىنى سەزدى.زىمىسات قىش شۇنچىلىك سوغوق بولسىمۇ،ئەمما،ئۇ قۇياش شۇنچە نۇرلۇق ۋە گۈزەل ئىدى.ئۇ سەبى بوۋىقى،جان-جىگەر يۈرەك پارىسى بولغان ئەقىدەگە بولغان ئانىلىق مىھرى ئىدى.چۈنكى،ئۇ ئانا بولدى،دىلىغا نۇر چىراق يېقىلدى.ئاشۇ بالىسىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالىسا ئۇنىڭ ئارمىنى يوق.
ئەقىدە بىر ياشقا كىرىپ قالدى.ئامىنە ھەممىدىن بەك ئەقىدەگە ئامراق ئىدى.قەلبىنۇر بەزىدە تارلىق قىلىدۇ تېخى!ئامىنە ھەر قېتىم ئەقىدەنى كۆتۈرۋالغىنىدا،ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن قەلبىنۇر‹‹ئاپا مېنى،ئاپا مېنى››دەپ يىغلاپ كىتىدۇ.ئەركىن كۈلۈپ‹‹كىلىڭ قىزىم،مەن كۈتۈرەي.››دەپ كۆتۈرۋالىدۇ.
ئامىنەگە ئوخشاش كەڭ قۇرساق بولماق ھەقىقەتەن تەس.چۈنكى،ئۇنىڭمۇ دادىسى يوق،ئامىنە تۇغۇلۇپلا تۈگەپ كەتكەن.بۇلتۇر ئاپىسىمۇ تۈگەپ كەتتى،ئاتا-ئانىسىزلىق دەردىنى بىلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى-ئانىسىنىغۇ ئاللا ئەكەتتى،ئامال يوق.ئەمما،ئەقىدە تىرىك يىتىم.بۇلارنى ئويلىسا ئېچىناتتى،شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئەقىدەگە مىھرىنى بەرگەن ئىدى.



(4)


مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا بولسا،ئابلەتنىڭ رەنانى قويۋەتكەنلىكىنى،ئابلەت ئاجرىشىپ شۇ كۈنى ئۆيگە كىرىپ‹‹ئاجرىشىپ كەتتىم››دىگەندىلا بىلگەن ئىدى.
-ھەي،دەييۈز،ئۇ شەھەرلىك پۇلدار پاسكىنىنىڭ نەرى ياخشى.رەنا قىزىمنىڭ ئۆزىمۇ چىرايلىق،قۇلىمۇ ئەپچىل ھەم ئىشچان.پۇلى بولمىغىنى بىلەن.توۋا قىلدىم،،،توۋا!ھۇ ئادەم بولمايدىغان شۇم.-ھۆرلىققا ھە دەپ ئابلەتكە كايىپ ئاچچىقتا بۇغۇلىشقا باشلىدى.
-ھەي،ھايۋان!قۇرساقتىكى بالاڭغا تارتىشمىدىڭمۇ؟-ئەزەلدىن ئوغلىغا قاتتىق ۋارقىراپ باقمىغان مۇتەللىپ ئاكا،بۈگۈن ئەقىلسىز ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشىغا نارازى بولۇپ تىللاپ سالدى.
ئابلەت بولسا مۈرىسىنى ئېتىپ كۈلۈپلا قويدى.ئۇ ئاستا كىلىپ كارۋاتتا ئولتۇرغاندىن كىيىن:-دادا-ئاپا،سىلەر ئۇنداق دىگۈنىڭلار بىلەن مەن رەنانى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىم.ئاينۇرمۇ ياخشى قىز ئىكەنغۇ؟!ھەر قېتىم سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى،ئاينۇر سىلەرگە ئەۋەتكەن.
ئابلەت نىمىنى ئويلاۋاتقاندۇ؟!ئۇنى ئاينۇرنىڭ سوۋغاتلىرى رام قىلۋالغانمىدۇ؟!يا بولمىسا ھەر قېتىم باغچىلارنى ئايلانغىنىدا،ناز قىلىقلىرى بىلەن‹‹سىزنى ياخشى كۆرىمەن.››دىگەن تاتلىق سۆزلىرىمىدۇ؟!رەنانىڭ تومپايلىقىدىن راستىنلا سەسكەنگەنمىدۇ؟!بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەم ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ؟!
-ئۇ پاسكىنا ئەۋەتكەن سوۋغاتلار بولسا ھەرگىزمۇ ئالمىغان بولار ئىدىم.-ھۆرلىققا چىڭقىلىپ سۆزلىدى.-سەن بېرىپ ھازىرلا رەنانى ئەكىلۋال!بولمىسا سېنىڭدىن رازى ئەمەس.
-ئەكەلمەيمەن،يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن ئاينۇر بىلەن تويۇم بولىدۇ.-ئابلەت ئاپىسىغا ۋارقىراپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.
مۇتەللىپ ئاكا،بېشىنى تۇتۇپ كارۋاتتا ئولتۇرۇپ قالدى.
-ھەي خۇتۇن،ئۆي ئايرىپ بەرمىسەك بوپتىكەنتۇق.بۇ شۇم بىر ياخشى كىلىن بالىغا ئازار بېرىپتۇ.ئەمدى،ئايشەم ھەدەملەرگە قانداقمۇ قارارمىز؟قۇلۇم-قوشنىلارغىچۇ؟-دەۋەتتى پۇشايمانلىق ئىچىدە ئۇھسىنىپ.
-كىيىن تارتىپ قالىدۇ بۇ ئەبگاھ شۇم...مېڭىڭ دادىسى رەنانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىلەيلى.ھەرگىز قوغلىۋەتمەس بىزنى...-ھۆرلىققا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا كىرىشتى.
دارۋازىدىن يىغلاپ كىرگەن ھۆرلىققا،ئۆي ئىچىگە كىرىپلا رەناغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.-بۇ ئەقىلسىز شۇم ئەجەپ ئۇۋال قىپتۇ سىزگە.مەن بىر ھايۋاننى تۇغۇپتىمەن.بىزنى كەچۈرۈڭ قىزىم!
ئايشەم ھەدە ئۇلارنى ئاجراتتى-دە:-ۋاي،سىڭلىم سىلەردە نىمە گۇناھ؟بولدى بۇ بىر تەغدىر.سىلەردىن ئاغرىنمايمىز.
ئايشەم ھەدە،ئىككى قات كۆرپە ئۈستىگە مۇتەللىپ ئاكا ۋە ھۆرلىققانى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ،ئالدىغا چىرايلىق،مول داستىخان تەييارلىدى.ئامىنە قېنىق دەملەنگەن چاينى ئالتۇن رەڭلىك پەتنوستا ئەكەلدى.مانا،ئايشەم ھەدە ئۆچ ئاداۋەت ساقلاشنى بىلمەيدىغان ئاشۇنداق ئايال.
-دادا-ئاپا،سىلەر مېنىڭ مەڭگۈ دادام-ئاپام بۇ ئۆزگەرمەيدۇ.-رەنا بۇرنىنى تارتىپ كۆز يېشى قىلدى.
مۇتەللىپ ئاكىنىڭمۇ كۆزىدىن ياش سىرغىدى.ئۇنىڭغا،شۇتاپتا ئاسمانغا چىقاي دىسە،ئاسمان ئىگىز،يەرگە كىرەي دىسە يەر قاتتىق تۇيۇلۋاتاتتى.ئۇ ئۆمۈرىدە بۇنداق خىجىلچىلىق،تەڭلىك تارتىپ باقمىغان ئىدى.
مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا ئابلەتنى رەنا بىلەن يارىشۋېلىشقا قىستىدى.ھەتتا،ئاينۇر بىلەن ئەتە تويۇم بولىدۇ دىگەن كۈنىگىچە قىستىدى.ئەمما،ئابلەت نىيىتىدىن يانمىدى.ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ‹‹ئۇنداق سەھرالىق تومپايغا قىزىمىزنى بەرمەيمىز›› دەپ تۇرۋالغان ئىدى.ئاينۇر قېلىنلىق بىلەن‹‹مېنىڭ ئابلەتتىن بۇيۇمدا قالدى››دەپ يالغاندىن بىرنى توقۇپ ئىشەندۈرگەچكە ئامال بولمىدى.
ئىنسان سەھرالىق بولسىمۇ چىرايلىق بولسا بولمامدۇ نىمە؟!بولمىسا ئالۋاستىلارنىڭ كۆزى چۈشىدىكەن.بۇرۇنقى زاماندا ئەرلەر قىزلارنى ئېلىپ قاچىدىكەنتۇق،ھازىر قىزلار ئەرلەرنى ئېلىپ قاچىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ،ئابلەت بىلەن ئاينۇر ئۈچۈن ناھايتتىمۇ كۆڭۈللۈك،ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن كۆڭۈلسىز بولغان بىر توي ئۆتۈپ كەتكىلى بىر يىل بولدى.
مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا،ئايشەم ھەدىنىڭ ئۆيىگە رەنا ۋە نەۋرىسى ئەقىدەنى كۆرگىلى پات-پات بېرىپ تۇراتتى.ئەقىدە ھەر قېتىم،تۇنجى چىققان تىللىرى بىلەن‹‹موما،بوۋا››دەپ چاقىرغىنىدا،يۈرىكىگە ئوت تۇتىشاتتى.خوشاللىقىدا ئەقىدەنى كۆتۈرۈپ،باغرىغا بېسىپ،سۆيۈپ كىتەتتى.
ئەقىدەنىڭ بۈدۈرە چاچلىرى،ئۇزۇن كىرپىكلىرى،قاپقارا پاقلان قوينىڭ كۆزىدەك كۆزلىرى،بەئەينئى ئابلەتنىڭ كىچىك ۋاقتتى ئىدى.ھەي،مۇشۇ بالىنى ئەسلى مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا بىر قوللۇق باقسا بۇلاتتى.ئەمما،ئابلەت دىگەن دەييۈز پۈتۈنلەي ئۆگەرتۋاتتى.نەۋرە بالا مىھرى تاتلىق بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟!
مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا رەنادىن بالىنى تارتۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،ئەمما رەناغا يۈزسىزلىك قىلىشنى راۋا كۆرمىدى.چۈنكى،رەنانىڭ كۆڭلى ئەقىدە بىلەنلا ياشنايدىغانلىقىنى ئۇلار ئوبدان بىلەتتى.


(5)


رەنا كۆرۈنۈشتە ئابلەتنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمما ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.چۈنكى،ئۆزىنىڭ ھالال گۈلىنى ئاشۇ ئابلەتكە بەرگەن ئەمەسمۇ؟!ئاشۇ گۈلدە ئابلەت سۆيگۈسىنىڭ ھىدلىرى بار ئەمەسمۇ؟!ياق،ئۇ گۈل باشقا بىر سۆيگۈنىڭ ھىدىنى سىغدۇرالمايدۇ.كۆڭۈل گۈلىدىكى تۇنجى قېتىم سىڭىشتۈرگەن ھىد مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
راستىنى دىسەك رەنا،ئابلەتنى پۇشايمان قىلىپ،ئاينۇر بىلەن ئاجرىشىپ قايتىپ كەلسىمۇ جان دەپ قۇبۇل قىلاتتى.ئاينۇر بىلەن ئاجرىشىپ كەتسىدى دەپ ئۈمىد قىلاتتى.ئەقىدەنى دادىلىق مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىشنى نەقەدەر بەك ئارزۇ قىلاتتى.ئەمما،ئابلەت قىزى ئەقىدە تۇغۇلغاندىن تارتىپ بىرەر قېتىممۇ كىلىپ باققىنى يوق.بۇ ئىشتىن مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا بەكمۇ خىجىل ئىدى.ئەمما،رەنا ۋە ئايشەم ھەدە ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشنى بىرەر قېتىم ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالغىنى يوق.
رەنانىڭ يەنە بىرەر كەسىپنى ئۆگۈنۈپ،ئىگىلىك تىكلەپ،ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ئەقىدەنىڭ كەلگۈسىگە ئاساس سالغۇسى كەلدى.بۇلۇپمۇ چاچ ياساش ھۈنىرىنى ئۆگۈنىشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدى.
-ئاپا،مەن چاچ ياساشنى ئۆگۈنەيمىكىن دەيمەن.-دىدى،ئۈزۈملەر يۇپۇرماق چىقىرىپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ھويلىدا كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپ.
-ھە،ماقۇل ئۆگەن،ياخشى ئويلاپسەن قىزىم.
ئايشەم ھەدە،رەنانىڭ كۆڭلىنى ئاياپلا ماقۇل دەۋەتتى.‹‹ھەي،ئاللاھ ئىگەم مۇشۇ بالا ساتراشخانىدا ھۈنەر ئۆگۈنىمەن دەپ،چېچىنى كىسۋەتمىگىيدى.كىچىكىدە ھەممە قىزلار چېچىنى كەسكەندە،مۇشۇ رەنالا چاچنى كەسمەي ئۆستۈرگەن ئىدى.مەھەللىدىكى قۇلۇم-قوشنىلىرىمنىڭ ھەممىسى:‹‹قىزىڭىز رەنا ئۆزىمۇ ئايدەك چىرايلىق،چېچىمۇ مەلىكىنىڭ چاچلىرىدەك ئۇزۇن ھەم جىق.››دىسە رەنادىن پەخىرلىنەتتىم ئەمەسمۇ؟!يەنە كىلىپ،خەقنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قېچىپ،ئۆيىنى تاقىۋېتىپ يېنىمغا ئەكىۋالغان ئىدىم.ئەمدى،ئۇ ساتىراشخانىغا بارسا خەقلەر نىمە دەيدۇ؟!ھەي...چاچ ئۇلۇغ نەرسە،چاچ كەسسە يامان بولىدۇ.ئەركىنمىغۇ ئۇنمايدۇ.قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم رەنانى نىيىتىدىن ياندۇرغايسەن!››ئايشەم ھەدە ئىچىدە رەنانىڭ بۇ نىيىتىدىن تېزاراق يېنىشىنى نالە قىلىپ زىكرى قىلدى.
-ئاپا،مەن بازارغا بېرىپ كىلەي.ئەقىدەگە قاراپ قويغىن.
-ماقۇل قىزىم.
ئەسلى رەنا بىرەر ساتىراشخانىغا،ھۈنەر ئۆگۈنىشنى ئۇقۇشۇپ ماڭغان ئىدى.ئۇ شەھەرگە كىرىدىغان ئاپتۇبۇسقا چىقتى.ئاپتۇبۇس ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى.ئۇ ئەينەكتىن سىرتقا قاراپ ماڭدى.ئاپتۇبۇس ئۈزۈملۈك باغلارنى،كۈجۈم-كۈجۈم مەھەللىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ماڭماقتا ئىدى.ئاپتۇبۇس دەممۇ-دەم توختاپ،يولدىكى ماشىنا ساقلاۋاتقان ئادەملەرنى سالغىنىچە ماڭاتتى.رەنا بىر ئىشقا تۇلىمۇ ھەيران قالدى.ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىدىكى،پۈتۈن بەدىنىنى رۇمال بىلەن يېپىۋالغان تەقۋادار پەرىشتىدەك بىر ئايالنىڭ،ئورۇن يىتىشمەي يېنىدىلا ئۆرە تۇرغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋايغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمىگەنلىكى ئىدى.رەنا دەرھال بوۋايغا ئورنىنى بېرىشنى ئويلاپ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرىشىغا،يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن،بىر قارماققا چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر قىز بالا چاققان چىقىپ‹‹بوۋا،بۇياققا كەلسىلە››دەپ ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنلىكى بولدى.
توۋا،بۇلار ئالمىشىپ قالدى.بۇلۇپمۇ كىيىم كىيىشى.ئەسلى ئاۋۇ ھاجىم سۈپەت ئايالنى ياخشى ئايال،باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان،كىچىكىنە ئەخلاقنى بىلىدۇ دەپ ئويلايتتى.ئەمما،ئاۋۇ ھاكاۋۇر،ئەخلاقسىز دىگەن قىز ئورۇن بوشىتىپ بەردى.راست،ئۇلارنىڭ كىيم كىيىشى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ قالغان ئىدى.
رەنا ئاپتۇبۇسدىن چۈشۈپ قايناق ئادەملەر ئارسىغا چۈكۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ خىيالىغا كىم نىمە سېتۋاتىدۇ،نىمە قىلۋاتىدۇ كىرىپ چىقمايتتى.پەقەت بىرەر ساتىراشخانىغا كىرىپ،ھەقسىز ئىشلەپ ھۈنەر ئۆگۈنىشنىلا ئويلايتتى.ئۇ ئارلاپ ئەينەك ۋىۋىسكىسى ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىلىپ يېزىلغان بىر ساتراشخانىغا كىردى.
-ياخشىمۇسىز؟چاچ ياسىتامسىز؟-شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان،چېچىنى بۇدۈرە قىلغان چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى،رەنانىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەدەپ بىلەن سورىدى.
-ياخشىمۇسىز،،،ياق،مەن چاچ ياساشنى ئۆگۈنەي دىگەن ئىدىم.خۇجايىنىڭلار كىم؟-رەنا بوشقىنا تارتىنىپ سورىدى.
-بىزنىڭ خۇجايىن ئاۋۇ ھەدەش.-قىز رەناغا بىر ئايالنى كۆرسەتتى.
رەنا بويى ئىگىز،قاش-كۆزىنى چەكتۈرگەن،ئاجايىپ مودا پاسوندىكى ئەتلەس كىيىم كەيۋالغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنى كۆردى.ئۇ دەرھال ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ،سالام-سائەتتىن كىيىن كىلىشتىكى مەقسىتىنى دىدى.
-ماڭا،ئادەم لازىم.ھەقسىز ئىشلەيسىز،ئۆگۈنىسىز.ياتاق،تاماق ئۆزىڭىزدىن.قوشۇلسىڭىز ئەتە كىلىپ ئىشقا چۈشۈڭ.
-ماقۇل،رەھمەت سىزگە ھەدە.
رەنا ئايالنىڭ كەسكىن سۆزىدىن قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى.چۈنكى،جاپا تارتمايلا ئويلىغان ئىشىنى تاپقانلىقىدىن ئىدى.رەنا ئايال بىلەن خوشلىشىپ سىرتقا قاراپ يول ئالدى.
-ھەي خان توختاڭە-رەنا دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى.
ئۇچىسىغا سېرىق كىيىم كەيگەن،بايا مۇشۇ ساتىراشخانىدا چاچ ياسىتۋاتقان،ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر قىز رەناغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.رەنا ئۇ قىزنى تۇنالمىدى-دە،مەندە نىمە ئىش باردۇ دەپ تىڭىرقاپ قالدى.
-سىز؟-رەنا قىزغا ئەجەپلىنىپ تەبەسسۇم قىلدى.
-قېرىندىشىم،سىز مېنى تۇنمايسىز؟سىزنىڭ ئۇزۇن كىينىشىڭىزدىن،ئۇزۇن چاچلىرىڭىزدىن،سەھرا قىزى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن.سىز بۇ يەردىن ساتىراشچىلىقنى ئۆگەنمەكچىمۇ؟ئەمما،سىز خاتالاشتىڭىز،بۇ بىر ئالۋاستى ئۇۋۇسى.بۇرۇن مەنمۇ بىر سەھرا قىزى ئىدىم.ئاتا-ئانام مىڭ بىر جاپادا قەرىز ئېلىپ ئالئى مەكتەپكىمۇ ئەۋەتكەن ئىدى.مەن بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ھۈنەر ئۆگۈنىش نىيىتىدە،دەل مۇشۇنداق يەرگە كىرگەن ئىدىم.كىيىن بۇ يەردە بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.مۇھەببەت قىلتىقى بىلەن يۈرۈپ قالدۇق.كىيىن بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن،بىر ياتاق ئاچقۇزۇش بىلەن قىزلىق ئىپىتىمنى ئېلىپ كەتتى.پۇشايمان قىلدىم،كىيىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ساتىراشخانا خۇجايىنلىرى بىلەن بىرلىشىپ،سەبى قىزلارنى ئالدايدىغان،بۇلغايدىغان،ئىچكىردىكى يات مىللەتلەرگە قىزلارنى ساتىدىغان بىر شاللاق ئىكەنلىكىنى،ئەڭ يېقىن تۇنۇشىمدىن بىلدىم.مىڭ پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ،ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم،ئوقۇتقۇچىمنىڭ،دوسلىرىمنىڭ نەسىيەتلىرى قۇلۇقىمغا كىرمەيتتى.كىيىن مەكتەپتىن قوغلاندىم.قاۋاقخانىمۇ-قاۋاقخانا ئىشلەپ يۈردۈم.ھەتتا،ئىچكىرلىرىگىمۇ باردىم.زەھەرنى يۇتۇپ يۆتكىدىم.ساراڭ ئادەممۇ ئۆزىنىڭ نىجازىتىنى ئۆزى يىرگىنىپ يىمەيدۇ،ئەمما،زەھەر چەككەنلەر ئاشۇ پوق بىلەن ئارلىشىپ كەلگەن زەھەرنى ھۇزۇرلىنىپ ئىستىمال قىلىدۇ.قېرىندىشىم،مەن ھازىر ئەيدىز.تېز بۇ يەردىن كىتىڭ.ئىككىنچى كەلمەڭ.ئەڭ ياخشىسى پىچىنە پىشۇرۇش بىلىملىرى بار كىتابنى بىرنى سېتۋېلىپ ئۆيدە ئۆگۈنۈڭ.سىزدەك گۈزەل ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا قېلىشىنى خالىمايمەن.-قىز رەناغا شۇنداق دەپلا ماڭدى.
رەنا قىزنىڭ كەينىدىن ماڭماقچى بولدى.چۈنكى،رەنانىڭ قىزغا ھېستاشلىقى كىلىپ،گۈناھىغا توۋا قىلغانلىقىغا،ھۆرمىتى ئېشىپ،قىزغا قىزىقىپ قالغان ئىدى.ئەمما،قىز ئارقىسىغا قايرىلىپ-مەندىن يىراق تۇرۇڭ.ئارقامدا ئەسكى ئادەملەر جىق.ئۇلارنىڭ سىزدەك چىرايلىق قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ.بولمىسا ھاياتىڭىز دەپسەندە بولىدۇ.تېز يۇقىلىڭ.-رەنا قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قىزدىن يۈگۈرگەن پىتى يىراقلاشتى.
ئۇ ھەر-ھەر كىنولارنى كۆرگەن.بۇلۇپمۇ،لۈكچەكلەر بىلەن ئالاقىسى يوق ئادەملەرنى،كىچىككىنە ئىشلەر سەۋەپلىك تۇتقۇن قىلۋېلىپ،ئائىلە ئىگىلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىدىغان،زەھەر سېتىش ئىشلىرىغا،قانۇنسىز ئىشلارغا سالىدىغان،ئىنساننى بالاغا تىقىپ بىر ياخشى ئىنسان ھاياتىنى مەغلۇپ قىلىدىغان كۆپ قىسىملىق ھىكايە فىلىملەرنى كۆرگەن.
‹‹نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق-ھە!جەمئىيەت راستلا بەك بۇزلۇپ كېتىپتۇ.مېنىڭ ئاپام،قىزىم،ئاكام يەنە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىم بار.ئۇلارنى بالاغا سالماي.مەن بىر ئايال ئاكام بېقىپ كىتەلەيدۇ.مەن چاچ ياشاسنى ئۆگۈنىشنى ئويلاپ خاتالىشىپتىمەن.ھېلقى قىزغا رەھمەت،بولمىسا نىمە كۈنلەرنى كۆرەتتىم.ئاللاھقا مىڭ شۈكرى!ئارقامغا ئەسكى ئادەملەر كىرۋالمىغاندۇ-ھە؟!››رەنا ئاللاھقا مىڭ ھەمدۇسانا ئوقۇپ ئارقىغا قورقۇپ قاراپ-قاراپ يۈگۈرمەكتە ئىدى.
‹‹ئەمما،ھېلقى قىز،نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ماڭا دەيدۇ؟ئۇ ئەمدى نەگە بارار؟بىچارە قىز‹مەن ئەيدىز›دەيدۇ.ئۇ قىزنىمۇ ئاشۇ شاللاق ئەر دىگەن نىجىس شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.ئەر دىگەن خەقنىڭ زادى ياخشىسى يوق.››رەنا باش-ئاخىرى يوق خىياللاردا،قىزنى ئويلاپ،ئەرلەرنى قارغاپ،ئاپتۇبۇسقا قانداقلارچە چىقىپ،ئۆيىگە قانداقلارچە كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدى.
ئايشەم ھەدە ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا،يۇغان كىگىز سېلىپ،بۆشۈكتىكى ئەقىدەنى ئەركىلتىپ،ئەللەي ئېيتىپ،كۆرپىچەك تىكۋاتاتتى.ئەقىدە گۇڭراپ قويۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ يېنىدا قەلبىنىۇر ئۇيۇنچىقىنى ئويناپ ئولتۇراتتى.
-كەلدىڭمۇ؟توۋا،بالاڭغا بىرەر تال كەمپۈتمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ قۇلىڭدا.-ئايشەم ھەدە دەرۋازىدىن كىرگەن رەنانى كۆرۈپ،چاقچاق قىلىپ چۇرۇقلاپلا كەتتى.
-ئۆگەنمەيمەن ھۈنەرنى.
-قايسى ھۈنەرنى،باغنى سورىسا،تاغنى گەپ قىلىپ ئولتۇردا.
رەنانىڭ ھاردۇقى چىققاندەك‹‹ئۇھ››دەپ ئولتۇرۇپ،ھېچنىمىدىن-ھېچنىمە يوق ئۆگەنمەيمەن دىيىشى ئايشەم ھەدىنى ئەجەپلەندۈردى.ئۇ رەنانىڭ ساتىراشخانا ئۇقۇشۇپ ماڭغىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى.پەقەت‹‹رەنا بازارغا كىيىم كەيگىلى بارىدۇ››دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
-مەن ساتىراشخانا ئۇقۇشۇپ ماڭغان ئىدىم‹‹چاچ ياساشنى ئۆگۈنمەن››دەپ.ساڭىمۇ دىگەن ئىدىمغۇ بازارغا بېرىشتىن بۇرۇن كىر يۇيۋېتىپ.ئەمدى،ساتىراشغانىغا كىرىپ،ھۈنەر ئۆگۈندىغاننى دىيىشىپ ماڭسام،ئارقامدىن بىر قىز چىقىپ...-رەنا قىزنىڭ دىگەن سۆزىنى ئايشەم ھەدىگە بىرنىمۇ قويماي دەپ بەردى.
-ۋاھ،ياخشى بوپتۇ.مەنمۇ ساڭا ئازار بېرىپ باقمىغاچقا ئۆگەن دىگەن ئىدىم.ئەمما،پەقەت كۆڭلۈم تارتمىغان ئىدى.ئاللاھدىن ساڭا ئىنساپ بېرىشنى تىلىدىم.ئەركىن ئاكاڭغۇ ئۇقسا پەقەت ئۇنمايدۇ.ئاللاھقا مىڭ شۈكرى.ھېلىمۇ ئۇ قىز ياخشى نىيەتلىك ئىكەن.
-ئاپا،ئاكام ماڭا دۇكان ئېچىپ بەرسۇن.مەن بىر تەرەپتىن تىككۈچىلىك قىلغاچ،بىر تەرەپتىن پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى،كىتاپقا قاراپ ئۆيدە ئۆگۈنەي.
-ماقۇل قىزىم ماقۇل.بۇ خىيال ياخشى.دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئېغىز ئۆي بىكار تۇرىدۇ.بىرنى دۇكان قىلىپ،بىرنى ئامىنە ھەدەڭ بىلەن تىككۈچىلىك ئۆيى قىلارسەن.-ئايشەم ھەدە قەۋەتلا خوش بولۇپ قوللىدى.
ئەركىنمۇ ئامىنەنىڭ يىتەكلىشى بىلەن دۇكانغا،پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشقا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ،ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى،يەنە ئۇنىڭغا قوشۇپ چاي،سۇپۇن دىگەندەك تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەرنىمۇ سېلىپ بەردى.
رەنا پىچىنە پىشۇرۇشنى ئۆگۈنەتتى.كىتاپقا قارايتتى،خېمىر يۇغراتتى.ئۇ شۇنداق جاپالىق تەر تۈكۈش ئارقىلىق پىچىنە پىشۇرۇشنى ئۆگۈنۈپ بولدى.ئامىنە تىككۈچىلىك قىلاتتى،رەناغا ياردەملىشەتتى.مەھەللدىكى قىزلار رەنا ۋە ئامىنەدىن پىچىنە پىشۇرۇشنى،تىككۈچىلىكنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن شاگىرتلىققا كىردى.شۇنداق قىلىپ رەنا يۈز تاپتتى ھەتتا پۇلمۇ تاپتى.رەنا بىلەن ئامىنە دۇكاننىڭ كىچىك كىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ،رەنانىڭ ئابلەتتىن ئاجرىشىپ قالغان يۇغان ئىككى ئېغىز ئۆيگە يانداشتۇرۇپ يەنە ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىپ تۆت ئېغىزلىق ئۆيدە ئىش باشلاشنى پىلانلىدى ھەم شۇنداق قىلدى.
ھەي،ۋاقىت نىمانچە تېز ئۆتىسەن-ھە!ھەش-پەش دىگۈچە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى.ئەمما،بۇ ئۈچ يىل رەنا ئۈچۈن ئاسان ئۆتمىدى.ئابلەتنىغۇ تۇلا بەكمۇ خىيال قىلمىدى بولمىسا،بىراق،سىز ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرغاندا 3 يىل ئىچىدە كۆرگەن خوشاللىقلىرىڭىز قانچىلىك؟تارتقان جاپالىرىڭىزچۇ؟نىمىدىن قىسىلدىڭىز؟نىمە ئازاپلارنى تارتىڭىز؟قىلغان خىياللىرىڭىز نىمە؟
رەنا ئۈچۈنمۇ بۇ 3 يىل مانا مۇشۇنداق ئۆتتى.لېكىن،ئۇ ھاردىم-تالدىم دىمىدى.بىر كۈن ئىشلەپ ھارغاندا قىزى ئەقىدەنى قولىغا ئالسا ھاردۇقى چىقاتتى.‹‹قىزىم پۇل تاپىمەن.سېنى ئالئى مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن.گەرچە،بىر ئايال كىشى بولساممۇ...››دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرەتتى.
رەنا ئاكىسى ئەركىن،ئامىنە،ئايشەم ھەدىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بىر پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى،كىيىم تىكىشنى تەربىيلەش شىركىتى قۇردى.ئۇ ھازىر ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ،4 ياشلىق قىزى ئەقىدەنى سېلىپ باغچىلارنى ئايلاندۇرالايدۇ.ئۆيى بولسا شەھەرلىكلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان داچا.
راست،ئۇ ساخاۋەتنىمۇ قىلىدۇ.ئاجىز مومايلارنى كۆرگەندە قۇچاقلاپ،ئۇلارنىڭ بالىسىغا ئايلىنىدۇ.ھەتتا،ئەمەلئى ھەركىتى بىلەن سەممىمى،خالىس نىيىتى بىلەن قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنىدۇ.بەزى سەبى بالىلار رەنانى ئاپا دەپ چاقىردۇ تېخى.
تۇرمۇش ھەي تۇرمۇش.بىر چاغلاردا رەنە ئېتىزلىقتا پاختا تېرىدىغان،دىھقانچىلىق قىلىدىغان،باشقىلارغا ئوخشاش ئاددى-ساددا سەھرا ئايالى ئىدى.ھازىر ئۇ خۇجايىن بولدى.ئەينى چاغدا ئابلەت ئۇنى تاشلىۋەتكەن،ئۇ ئۇنچە سەتمۇ ئەمەسكەنتۇق.ئاسماندىكى ئاينىڭ ئۆزى،ئۇنىڭ ئىككى ئۆرۈم چېچى قىزىلگۈلنى ئەسلىتىدۇ.ھەر-ھەر خۇجايىنلار،ئايالى تۈگەپ كەتكەن،ئۆزى بىلەن تەڭتۇش يىگىتلەر ئۇنىڭغا ئەلچى كىرگۈمەكتە.بىراق،رەنا ئائىلىسىدىكىلەر مەجبۇرلىغان تەغدىردىمۇ ئۇنمايدۇ.پەقەت ئەقىدەنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشنىلا ئويلايدۇ.
رەنا تۇرۇپ شۇنى ئويلاپ قالىدۇ.‹‹مېنىڭ مۇشۇ ھالەتكە كىلىشىم ئاكامنىڭ،ئامىنە ھەدەمنىڭ،سۆيۈملۈك ئاپامنىڭ بولغانلىقىدىن.جەمىيئەتتە،ھەر-ھەر قېرىنداشلار بار،ئۆز قېرىندىشىنى ئۆيىگە پاتقۇزمايدىغان،ئەردىن ئاجراشقان سىڭلىسىنى ياكى قىزىنى مەجبورلاپ ياتلىق قىلىپ ئۆيدىن قوغلايدىغان.مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ئۇنداق قىلمىدى،شۇنداق قىلسىمۇ ئۇلاردىن ئاغرىنغىلى بۇلامدۇ؟ئەمما مېنىڭ قېرىنداشلىرىم،مېنى قوللاپ بۈگۈنكۈدەك باي ئايالغا ئايلاندۇردى.ئۇلار ئالتۇنغا بەرگۈسىز قېرىنداشلار.››دەپ ئويلايتتى.
دىمىسىمۇ،رەنانىڭ قېرىنداشلىرى شۇنداق مىھرىبان،ۋاپادار ئىدى.


(6)


نىمە ئۈچۈندۈۇر؟مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا ئوماق نەۋرىسى ئەقىدەنى كۆرگىلى كەلگەندە،پات-پات كۆز يېشى قىلىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇلار ھەر قېتىم كەلگەندە ئەقىدەگە ئۇيۇنچۇقلارنى ئالغاچ كىلەتتى.ئەقىدەمۇ ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتى.‹‹ئاي موما››،‹‹ئاپئاق بوۋا››دەپ چاقىرىپ ئۇلارنى خوشال قىلىپ،ئارقىغا ئۆرۋېتەتتى.
ھەي،نەۋرە بالا نىمىدىگەن تاتلىق-ھە!‹‹ئاپئاق قوزام››دەپ قولىغا ئېلىپ،سۈتتەك يۇمشاق مەڭزىگە-مەڭزىنى يېقىپ سۆيگىنىدە،ئۇنىڭ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا دۇنيا جاراڭلاپ،قەلبى قانداق شاتلىق ئىچىدە ياشناپ يايرايدۇ-ھە!بەلكىم،ھۆرلىققامۇ ئەقىدەنى ئەكەتكۈسى كىلىپ يىغلاۋاتقاندۇ؟!
ئابلەتچۇ؟يېڭى توي قىلغان ئاينۇر بىلەن ياخشى،بەختلىك ياشاۋاتقانمىدۇ؟راستنى دىسەك،توي قىلغان بىلەنمۇ،مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا ئاينۇرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.قۇدىلار بىلەنمۇ ياخشى ئەمەس.ئاينۇر ئۇنچە ئەسكىمۇ ئەمەس بولمىسا...ئۇ مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققاغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن،توي قىلىپ ئۈچ كۈن بولغاندا،ھۆرلىققانىڭ ئۆيىگە كىلىپ‹‹ئاپا پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قوياي››دەپ بىر تەلەڭگە يىلمان سۇنى ئۆز قۇلىدا تەييارلاپ،ھۆرلىققانىڭ ئۇنمىغىنىغا قارماي پۇتىنى يۇيۇپ قويدى.سەھەردە ناشتىلىق تەييارلىدى،ھويلا تازلىدى،تاماق ئەتتى ھەتتا كىر يۇيدى،ھويلىدىكى چۈنەك باغنى سۇغۇردى.ئۇ ئۆيىدە تامىقىنىمۇ ئاپىسى ئاران چاقىرىپ،ئۇيقىسىدىن ئۇيغىتىپ يىدۈردىغان ئەركە-نايناق شەھەر مەلىكىسى ئىدى.
مۇھەببەت شۇنداقمىدۇ؟!ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن قىيلىنىپ تۇرۇپ تاغنى يۆتكەشكىمۇ رازى بۇلىدىغان.ھەي كۆڭۈل ھەي كۆڭۈل!نىمانچىمۇ ساراڭدۇ!؟ئاينۇر ھەر-ھەر باي سودىگەرلەرنىڭ شاھزادىلىرىگىمۇ كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمىغان،ئۇلارنىڭ چىرايلىقلىقىمۇ ئاينۇرنى جەلىپ قىلالمىغان ئىدى.ئەمما،ئابلەتنىڭ قانداق سېھرى بار ئىكىنتاڭ؟!ئۇ بىر ئادەتتىكى سەھرالىق تومپاي،جىق پۇلىمۇ يوق.بىراق،ئاينۇرنى بىر قېتىمدىلا جەلىپ قىلالىدى.ئۇنىڭ رەنادەك گۈزەل ئايالى بار ئىدى.بۇنىڭغا ئاينۇر پەرۋا قىلمىدى،ۋىجدان ئازابىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئابلەتتىن قېچىشنى خالىمىدى.ھە دىسە،ئابلەتنى ئىزدەپ،ئۇنى شەھەرمۇ-شەھەر،باغچىمۇ-باغچا ئايلاندۇراتتى.دەريا بويلىرىغا بېرىپ مۇڭدىشاتتى.بۇنداق رۇمانتىك ھاياجان تۇيغۇلارغا چۆمگەن ئابلەت ئاينۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.ئاينۇرمۇ مەقسىتىگە يەتتى،توي قىلدى.
ھازىر ئابلەت بىلەن ئاينۇرنىڭ،دادىسىدىن ئايرىم شىركىتى بار.ئابلەت كاتتا خۇجايىن.ئابلەت ئاينۇرنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەمما،رەناغا ئۆچ ئەمەس،ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.ئەقىدەنى بەكمۇ كۆرگۈسى،قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئەركىلەتكۈسى بار.ئەمما،رەنانىڭ ئالدىغا بېرىشقا يۈزى چىدىمايدۇ.نەچچە قېتىم ئايشەم ھەدىنىڭ دەرۋازى ئالدىغا،ئاق پىكابى بىلەن بېرىپ ئەقىدەنىڭ قەلبىنۇر بىلەن كۈلۈپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش ئالدى.ئەقىدەنىڭ سۆرىتىنى ھۆرلىققادىن ئېلۋالغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ يېنىدا ساقلاقلىق.
ئاينۇرمۇ ئەقىدەنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.ئەمما،تارلىق قىلمايدۇ.نەچچە قېتىم ئابلەت بىلەن ئەقىدەنى كۆرۈپ كىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،رەنانىڭ يۈرىكىنى تاتلاپ دىل-باغرىنى يارا قىلىشنى خالىمىدى.ئۇ رەناغا ھەقىقەتەن يۈز كىلەلمەيدۇ.نىمە ئامال ئۇمۇ ئابلەتنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا.بەزىدە قىزىل پۇل قاپچۇقىغا قاراپ ئويلاپمۇ قالىدۇ.‹‹ئابلەت مۇشۇ قىزىل پۇل قاپچۇقىنى تېپىۋېلىپ،ماڭا تېلفۇن قىلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا،ئۇنىڭ ئېسىل خىسلىتىدىن تەسىرلىنىپ،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالماس بولغۇيمىدىم.نىمە دەپ ماڭا تېلفۇن قىلغان بولغۇيدى؟!ياق،ئابلەت خاتا قىلمىدى.ئەمسە ھەممە ئادەم تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلۋالسا بولىدىكەندە؟!ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم تەغدىر!رەنا بىلەن ئەقىدەنىڭ پىشانىسىغىمۇ شۇنداق پۈتۈلگەن.››دەپ ئويلاپ ئۆزىنى بەزلەيتتى.
ئادەم ياقتۇرغان نەرسىگە تويمايدۇ.ئۇنىڭغا ئېرىشىش يولىدا نىمە بولۇپ كىتىشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىدىن كىچىدۇ.قىلۋاتقان ئىشى كىملەرگە خاتا بولسىمۇ،ئۆزىگە توغرا تۇيىلىدۇ.
مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققا،بۈگۈنمۇ ئەقىدەنى كۆرگىلى كەلدى.ئەقىدە ئىككى يېنى رەڭگارەڭ ئېچىلغان گۈللۈك قىلىنغان،ئۈزۈم باراڭلىق كارىدور ئاستىدا،لىچەك ئارتىپ،تەسۋى تارتىپ ئولتۇرغان ئايشەم ھەدىنىڭ يېنىدا ئويناۋاتاتتى.4 ياشلىق ئەقىدەنىڭ بويى ئۆسۈپ،چېچىمۇ ئۇششاق ئۆرۈلگەن ئىدى.ئۇنىڭ بالىلارچە ئاپئاق تور كۆڭلىكى ئاق يۈزىگە يارىشىپ كىچىك پەرىشتىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-موما ئاپام قاچان كىلىدۇ؟بەك كۆرگۈم كەلدى.
-ئوماق قىزىم،ئاپىڭىز سەل تۇرۇپ كىلىدۇ...قاراڭە،ئاي مۇمىڭىزلار كەلدى.-ئايشەم ھەدە ئولتۇرغان كارۋتتىن لىككىدە قوپۇپ،يېشىل تەسۋىسىنى قۇلىغا ئۆتكۈزۈپ قاتلىۋالغاندىن كىيىن،خۇشخۇيلۇق بىلەن مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققانىڭ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتى.
-ئەسسالاممۇئەلەيكۇم،ئايشەم ھەدە ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟-ھۆرلىققا ئايشەم ھەدە بىلەن مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىشىپ كۆرۈشتى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم ھۆرلىققا،خۇش كەپسىز!ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇتەللىپ ئاخۇن،سالامەت تۇرۇپسىز!قېنى يۇقىرى ئۆتۈشسىلە-ئايشەم ھەدە ئېھتىرام بىلەن ئۇلارنى،يۇغان كارۋات ئۈستىدىكى ئىككى قات سېلىنغان كۆرپە ئۈستىگە تەكلىپ قىلدى.
-ۋاي،ئاپئاق بالام كىلىڭە.بارمۇسىز؟سىزنى بەك كۆرگۈم كىلىپ،كۆزۈمدىن ئۇشتىڭىز.-ھۆرلىققا ئەقىدەنى تارتىپ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزدى-دە،سۆيۈپ كەتتى.
-كۈندە بىر ياڭزا چوڭ بولۋېتىپتۇ-ھە!-مۇتەللىپ ئاكا شۇنداق دىگەچ ئەقىدەنىڭ چاشلىرىنى ئويناشقا باشلىدى.
ئايشەم ھەدە پالەمپەيدىن چىقىپ،ئۆيدىن چاي-پاي،پەتنۇس،دەستىخان،مىۋە-چىۋىلەرنى توشۇپ ئەچىقىپ دەستىخان راسلىدى.ھۆرلىققانىڭ‹‹ۋاي،ھەدە بولدى.ئاۋارە بولماڭ...يىمىگەن-ئىچمىگەن ئۆيلەرمۇ بۇ››دىگەن ئۆزرە توسۇشلىرىغىمۇ‹سىلەر مىھمان››دىگىنىچە ئۇنمىدى.
-ھەدە،رەنا ئابلەتنى كەچۈرەرمۇ؟ئۇنىڭدىن رازى بولسا بولاتتى.-ھۆرلىققا مىچىلداپ يىغلىدى.
-سىڭلىم نىمىگە يىغلايسىز؟ئۆتكەن ئىش ئۆتتى،بۇ بىر تەغدىر.يىغلىماڭ-ئايشەم ھەدە يۇمشاق قوللىرى بىلەن ھۆرلىققانىڭ يېشىنى سۈرتتى.
ئايشەم ھەدە گاڭگىراپ قالغان ئىدى.بەلكىم،ھۆرلىققاننى خىجىل بولۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.ئەقىدە بولسا،سەبى كۆزلىرىنى تۇرۇپ مۇتەللىپ ئاكىغا،تۇرۇپ كۆز يېشى قىلۋاتقان ھۆرلىققاغا،يەنە تۇرۇپ ئايشەم ھەدىگە تىكەتتى.ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن‹‹ئاي مومام،رەنا ئاپامنىڭ يوقلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى.››دەپ ئويلىغان ئىدى.چۈنكى،ئەركىن،ئامىنە،رەنالار ئىككى كۈندىن بۇيان شىركەتتە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۆيگە كىلەلمىگەن ئىدى.قەلبىنۇر مەكتەپكە كىتىپ ئەقىدە يالغۇز قالغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم ئىدى،شۇڭا ھۆرلىققانىمۇ شۇنداق ئويلاپ قالغان ئىدى.
-موما يىغلىماڭ،ئاپام سەل تۇرۇپ كىلىدۇ،بىزنى ماشىنىغا سېلىپ ئوينىتىدۇ.-دىدى ئەقىدە بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ھۆرلىققانىڭ يېشىنى سۈتۈپ.
-بولدى يىغلىماڭلار ئاپسى.مەن بالىنى ئېلىپ باغنى ئايلاندۇرۇپ چىقاي.يۈرۈڭ قىزىم،ماڭا چىرايلىق گۈل ئۈزۈپ بېرىڭ-ھە!-مۇتەللىپ ئاكا ئېغىر ئۇھ تارتۋەتكەندىن كىيىن ئەقىدەنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.


(7)


-جىرىڭ،جىرىڭ،جىرىڭ-رەنا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا،دېرىزە تەكچىسىگە قويۇلغان،ئىككى تەشتەك قىزىلگۈلگە قاراپ نىمە خىياللارغا بېرىلدىكىنتاڭ،تېلفۇننىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ كەتتى.
-ۋاي،ئەسسالاممۇئەلەيكۇم!ياخشىمۇسىز؟-رەنا ئەدەپ بىلەن تېلفۇننى ئېلىپ،بىر ئايالنىڭ سالام قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسالام،ياخشىمۇسىز؟سىز؟-رەنا تېلفۇن قىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئالالمىدى.ئەمما،ئۇ ناھايتتى قىزغىن تەلەپپۇز قىلىشقا تىرىشتى.
-رەنا بۇ سىزمۇ؟-ئايال تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا سۆزلىدى.
-ھە،مەن...سىز؟
-مەن ئاينۇر.بىز كۆرۈشسەك بوپتىكەن جىددى.-ئاينۇر بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.
رەنا قايسى ئاينۇر ئىكەنلىكىنى بىلمەسمۇ؟ئۇ ئابلەتنىڭ پۇلدار خۇتىنى ئاينۇر،رەنانىڭ جان-جىگەر ئېرىنى تارتۋالغان ئاينۇر.رەنانىڭ چىرايى تۈرۈلدى،يۈرىكى ئاچچىق سوقۇپ كۆزىدىن ياش تامچىلىدى.ئەمدى،ئاينۇر نىمە قىلماقچىدۇ؟ئەمدىلا ئۆتمۈشنى ئۇنتۇي دىگەندە يەنە ھەسرەتكە قېنىق رەڭ بېرىپ نىمە قىلماقچىدۇ؟
-ئاينۇر بولدى كۆرۈشمەيلى.مەن ئەمدىلا ئۆتمۈشنى ئۇنتۇدۇم.ئۆتكەن چۈشلەرنى ئەسلەپ دىل-باغرىمدا قان قۇسۇپ ئازاپلانغۇم يوق.قىزىم بىلەن ئىككىمىز تېنىچ كۈن كەچۈرسەكلا بولدى...ماقۇلمۇ؟!-رەنا تېلفۇننى جاققىدە قويدى.
ئىشخانىدىكى پارقىراپ تۇرغان ئۈستەللەر،لۆم-لۆم قىزىل خۇرۇم بىلەن ئىشلەنگەن سافا ئورۇندۇق،بىر قارىسىلا شەھەرنى كۆرەلەيدىغان دەرىزە،ھەممە-ھەممىسى مۇڭسىراپ كەتكەن.رەناغا خۇددى ھەممىسى يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا.رەنانىڭ مودا پاسۇن قىلىپ تىكتۈرگەن ئاققۇچ توخۇڭ رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلىكى،ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنى غەمكىن ئون بەش ياشلىق قىزغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.
تېلفۇن يەنە جىرىڭلىدى.رەنا تىلفۇننى ئۆچۈمەكچى بولۇپ،قۇبۇللاش كۇنۇپكىسىنى بېسۋەتتى.ئۇ تېلفۇننى ئۆچۈردۈم دەپ ئويلىغان ئىدى،ئەمما تېلفۇندىن ئاينۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلاشقا باشلىدى.
-ۋەي،رەنا ماڭا ئۆچ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن.سىز ئۆچ بۇلۇشقا تامامەن ھەقلىق.چۈنكى،مەن ھايۋانلارچە ئابلەتنى تارتۋالدىم.مەن سىزگە بىر ئۆمۈر قەرزدار.ئەقىدەگە،سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن.بىراق،بىر گەپنى سىزگە دىمىسەم بولمايدۇ.ئابلەت ھازىر دوختۇرخانىدا،يە ھازىر يە ئەتە بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك كىتىدۇ،ئۇ ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى.
ئۇ سىزنى چاقىرىپ ياتىدۇ.ئەقىدەنىڭ گىپىنى قىلۋاتىدۇ.ئۇنىڭ سىزدىن شۇنچىلىك كەچۈرۈم سورىغۇسى بار،لىكىن يۈزى چىدىمىدى.نەچچە قىېتىم ئەقىدەنىڭ ئۆيىڭلار ئالدىدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلدى.مەنمۇ ئۇنىڭ كىسەل ئىكەنلىكىنى شىركەتتە ئۆرلۈپ چۈشۈپ،يېتىپ قالغاندىلا ئاندىن بىلدىم.....
رەنا يىغلاپ تىلفۇننى بېسۋەتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى ئەزرائىل جاننى ئالغىلى كىلىپ كۆرۈنگەندەك تەشۋىشلىك سوقۇپ چۈچۈدى.ئۇ ئۆزىنى باسالمايۋاتاتتى.ۋارقىرۋېتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتاتتى.قۇلىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ،قەلبىدە تېشىپ بولالمايۋاتقان يىغىسىنى باشلىۋەتتى.كۆزلىرىدە ياش تۈكۈلمەكتە ئىدى.
‹‹ئاينۇر دىگەن ئالۋاستى چوقۇم يالغان دىدى.ئابلەتتىن تويۇپ قېلىپ،ئۇنىڭغا ئۆلۈم تىلەۋاتىدۇ.››رەنا ئۆزىگە ئۆكسۈپ نالە قىلاتتى.رەنا،ئابلەتكە مىڭ نەپرەتلەنسىمۇ،ئابلەتنىڭ مۇنداق ئاغرىق ئازابى تارتىشىنى خالىمايتتى.ئۇ ئابلەتنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.ئەقىدە ئەركىننى ھەر قېتىم‹‹دادا››دەپ چاقىرغىنىدا،رەنا ئابلەتنى ئويلايدۇ.ئۇ قانچىلىغان كىچىلەرنى باشقىلارغا بىلىندۈرمەي ئابلەتنى سېغىنىپ يىغلاپ ئۆتكۈزمىدى.
-ۋاي،رەنا نىمە بولدى ساڭا؟
رەنا ئاكىسى ئەركىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،نىۋرىسىنى سەگەكلەشتۈرۈپ،يېنىدا تۇرغان ئاكىسىغا قارىدى.ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدىن رەنادىن ئەنسىرەش نۇر ئۇچقۇنلىرى يېنىپ تۇراتتى.
-بىرەر مال زاكاز قىلغۇچى پىچىنە-پىرەنىكلەرنى ياراتماي،شىكىرى ئاز بولۇپ قاپتۇ دەمدۇ؟-ئەكىن رەنانى بىرەر قالايماقان تېلفۇننى تاپشۇرۋېلىپ،مال زاكاز قىلغۇچىدىن كۆڭلى قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
-ئاكا،ئابلەت ئاغرىپ قاپتۇ.-رەنا بېشىنى قاماللىغىنىچە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.رەنانىڭ يىغىسى ئىشخانىدا ئەكىس سادا بولۇپ ياناتتى.
-نىمە بولسا بولمامدۇ،ئۇ بىر نىمە.ئەقىدە سەندىن مېنىڭ دادام كىم دەپ سوراپ،سەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىگەندە ئۇ نەدە ئىدى؟سەن كىچىچە ئازاپ تارتقانلاردا ئۇ نەدە ئىدى؟ئەقىدە تۇغۇلۇپ تاھ ھازىر بولغۇچە،بۇسۇغاڭدا پايدا بۇلۇپ باقتىمۇ؟ئۇ بىرەر قېتىم ھالىڭ قانداق دەپ باقتىمۇ؟مۇتەللىپ ئاكام بىلەن ھۆرلىققا ھەدەمغۇ كىلۋاتىدۇ،ئەمما ئەقىدە دادا مىھرىگە تەشنا ئىدىغۇ؟-قارا كاستومنى ياراشتۇرۇپ كەيگەن ئەركىن،رەنانىڭ ئالدىدىكى ئۈسىگە پاققىدە ئۇرۇپ سۆزلىدى.
-ئاكا،ئۇ ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قاپتۇ.قارغاندا ھالى خاراپ ئوخشايدۇ.بايا ئاينۇر يىغلاپ تېلفۇن قىلىپتۇ.ئۇ مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئەقىدەنىڭ ئىسمىنى چاقىرۋېتىپتۇ،ئۇنى يوقلاپ كەلسەم بولغۇدەك.
-نىمە پوقنى يەيسەن-ھە!ئۇ كالىنىڭ يېنىغا بارمايسەن.-ئەركىن ئاچچىق بىلەن رەناغا قۇلىنى سېيىپ ۋارقىردى.
‹‹ئۇكام رەنانىڭ نىمە گۇناھى بار ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا قانداق سەت ئىشلارنى قىلغان،ئۆزىچە رەناغا دۇنيادا مەندەك ياخشى،قالتىس ئادەم چىقمايدۇ دەپ ئۇيلاپ قالدىمۇ ئۇ بىر نىملەر؟!ئۇ ئاياللارنىڭ پۇلىنى خەجلەيدىغان،ئاياللارنىڭ ئاتالمىش سۆيگۈسىگە ئېرىشىپ ئۆزىنى ساتىدىغان پەسەندىغۇ؟!بېشى ياستۇققا تەككەندە قىزى ئەقىدە،سىڭلىم رەنا كۆزىگە كۆرۈنۋېتىپتىمۇ؟!نىمىدىگەن قېلىن،نىمدىگەن ئادالەتسىزلىك-بۇ!››مانا بۇ ئەركىننىڭ ھېسياتىدىكى ئاچچىق خىياللار ئىدى.
-ھەي،ھەي خۇجايىنلار ھېساباتنى ئېلىپ كىردىم.بۇ ئايلىق پايدا ئالامەت ياخشى.-ئامىنە ئىشىكنى ئېچىپ،ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنى توكۇلدىتىپ كىرىپ كەلدى-دە،رەنانىڭ كۆزىدىكى ياش يۇقىنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
-ۋاي،رەنا نىمە بولدى سىزگە؟ئاكىڭىز تىللىدىمۇ؟-ئامىنە ئەركىنگە ئىشەنمەسلىك نەزىرىدە قاراپ،رەنانىڭ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈپ سورىدى.
-ھەدە،ئابلەت ئاغرىپ قاپتۇ.....-رەنا ئامىنەگە يىپتىن-يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى.
-رەنا،ياخشى ئويلاپسىز.مەنمۇ باراي.ئاپاممۇ بارسۇن،ئەقىدە،قەلبىنۇرلارمۇ بارسۇن.خەق قىلغاننى بىر قىلمايلى.بۇ ئالەم تۆت كۈنلۈك،ھەممە قالىدۇ بىز كىتىمىز.مەيدىمىزدە بىر پارچە گۆش بار ئىكەن،ئۇنىڭدا قان،قان چېھرى ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مىھرى مۇھەببەتكە سىموۋۇل ئىكەن.ئاشۇ مىھرى-مۇھەببەت ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا ئازارلىشىپ ھەسرەت قالدۇردىكەن،ئاشۇ مىھرى-مۇھەببەت ئىنسانلارنى خۇشاللىقا،شاتلىققا باغلاپ رىشتە باغلايدىكەن.بارچە ھەسرەت،ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ،ئۇنى ۋاپا،مىھرى-مۇھەببەتتەك قىلىپ كىتەلىگەن كىشى ئەڭ قالتىس ئىكەن.ھەممىسى ئۆزىگە قىلىدۇ.ئۇنىڭ سورىقىمۇ بولىدۇ.ئەركىن سىز بارمىسىڭىز بارماڭ،بىز ئابلەتنى يوقلاپ كىلىمىز.يۈرۈڭ رەنا-ئامىنە رەنانى يىتلەپ ماڭدى.
-توختاڭلار،ھەممىڭلار بارساڭلار ماڭا بارماي نىمە ئىلاج!ئاپامنى ئالمايمىزمۇ؟-ئەركىن ئۇلارغا قايىل بولۇپ ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا ئىدى.


(8)


ئۇلار ھەر خىل ئالئى دەرىجىلىك تورت،پىچىنە-پىرەنىك،تاتلىق تۈرۈملەرنى بۇلۇشىغا ئېلىپ،ئۆيگە كەلدى.ئايشەم ھەدە بىلەن ئەقىدە مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققانى ئۇزۇتۇپ قويۇپ،رەنالارنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.نىمە ئۈچۈندۇر،ئايشەم ھەدىنىڭ كۆزلىرى ياش ئىدى.بەلكىم،ھۆرلىققادىن ئابلەتنىڭ كىسەل ئىكەنلىكىنى ئۇققاندۇ؟!ئابلەت نىمىلا دىگەن بىلەن ئايشەم ھەدىنىڭ بىر مەزگىل كۇيئوغلى بولۇپ ئۆتكەن.شۇڭا،ئۇ‹‹خوپ بوپتۇ،قىزىم رەنانى تاشلىۋەتكەننىڭ قىساسى.››دەيدىغان ئىشنى دىيەلمەيدۇ.چۈنكى،ئايشەم ھەدىنىڭ يۈرىكى مۇھەببەتكە تولغان يۈرەك.
-ئاپا ماڭ،ئىشىكلەرنى ئىتىپ،ئەقىدەنى ئېلىپ دوختۇرىانىغا بارايلى!-ئەركىن ئەقىدەنى كۆتۈرۈپ ئايشەم ھەدىنى ئالدىراتتى.
-ھەي،قانداق ئۇقتىڭلار سىلەر؟قەلبىنۇر تېخى مەكتەپتىن كەلمىسە؟-ئايشەم ھەدە ئۇلارنىڭ قانداق خەۋەر تاپقانلىقىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدى.
-ئاپا،رەناغا ئاينۇر تېلفۇن قىلىپتۇ.قەلبىنۇرنى يولدىن ئېلۋالمىز.-ئامىنە سىپايىلىق بىلەن چۈشەندۈردى.
رەنانىڭ ۋۇجۇدىنى،ئابلەتنىڭ يېنىغا بارماي تۇرۇپلا يىغا تۇتۋاتىدۇ.ئابلەتنى كىسەل كارۋىتىدا كۆرۈپلا يىغلاپ كېتەرمۇ؟شۇنداق بولۇپ قالسا،كىسەل ئادەمنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ،كىسىلى تېخىمۇ ئەدەپ كەتمەمدۇ؟!بارمىسا تېخى ئەپلەشمىسە،ئادەم بەك ھېسياتلىق بولسا بولمايدىكەن.رەنا ئەسلى تاش يۈرەك بولۇپ،كۆز يېشىنى ئېقىتمايدىغان بولسىمۇ بوپتىكەن.
ئۇلار ماشىنىنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا توختىتىپ،ئەمدىلا ئوقۇشقا كىرگەن قەلبىنۇرنى ئېلىپ ماڭدى.ئەركىن ماشىنىنى ھەيدىمەكتە،ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن كۆز يېشىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتقان رەناغا قاراپ ھۇسىنماقتا.ئامىنە بىلەن ئايشەم ھەدە يىغلامسىراپ توۋا دىيىشىپ ئولتۇرماقتا.ئەقىدە بىلەن قەلبىنۇر باغچىغا ئوينىغىلى بارىمىز دەپ ئويلاپ قالغان چېغى،خوشال بولۇشۇپ،قىيا-چىيا قىلىشىپ ماشىنىنى بېشىغا كەيگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ چوڭلار بىلەن نىمە كارى،چوڭلار بىلەن مىھماندارچىلىققا بارسىمۇ،ئوينىغىلى بارىدۇ دەپ خوشال بولىدۇ خالاس.
مانا،ئابلەت ياتقان دوختۇرخانا،ئابلەت ياتقان كىسەل ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئاللاھ كارامەت،رەنانىڭ يېشى توختاپ قالدىغۇ؟!ئەمما،يۈرەك تىۋىشى توختىغىنى يوق.ئىشقىلىپ كۆزىدىن ياش ئاقمىسىلا ياخشى.ئامال بار،كىسەلگە ياخشى تەسەللى سۆزلىرىنى قىلالسىلا كۇپايە!
ئۇلار كىسەلخانىغا سالماق قەدەم بىلەن كىردى.مۇتەللىپ ئاكا چاققان كىلىپ ئەركىننىڭ قۇلىدىكى ئەقىدەنى ئېلىپ ئەركىن بىلەن كۆرۈشتى.ھۆرلىققا يۈگۈرۈپ كىلىپ رەنانى قۇچاقلىۋالدى.ئۇلار ئۈسىز يىغلاشتى.ئاينۇرنىڭ قۇرسىقى تومپىيىپ قالغان ئىدى.ئۇ دەرھال ئامىنەنىڭ قۇلىدىكى لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ،ئامىنەنىڭ مەڭزىگە-مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشتى.
ئۇلارنىڭ كۆزى چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ تۇنغۇسىز بولۇپ كەتكەن،بىر تىرە،بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئابلەتكە چۈشتى.ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى چوڭقۇرلاپ كەتكەن ئىدى.
رەنانىڭ يۈرىكى ئېچىشماسمۇ؟!ئۇ ئابلەتنى مۇنداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېزىدىغان ئەھۋالدا كۆرىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىغۇ؟!ئابلەتنى تۈرمىدە كۆرگەن بولسىمۇ،رەنانىڭ مەيدىسىدىكى كۆڭۈل ئاغرىقى بوشاپ دەردى چىققان بولار ئىدى.ئەمما،ئابلەتنىڭ بىچارە ھالى رەنانى باش ئەگدۈردى.ھەي جاھان،ئازاپ تارتقانلار ئازاپ تارتىپ،يەنە ئۆز دۈشمىنىگە مۇھەببەت بېرىۋېرەمدۇ؟!ياق،ئابلەت رەنانىڭ دۈشمىنى ئەمەس،ئۇ ئابلەتنى يەنە سۆيىدۇ.
ئاينۇر كەڭ يېشىل كۆڭلەك كەيگەن.چېچىنى بۇغۇپ،تەڭگە گۈللۈك ياغلىق چىگۋالغان،بۇغداي ئۆڭ يۈز قىسىملىرى سەل-پەل ئىچىگە كىرىپ ئۇرۇقلاپ قالغان ئىدى.ئۇ رەنانى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.قەلبىدىكى ۋىجدان ئازابى،رەنانىڭ چىرايىغا قاراشقا جۈرئەت قىلدۇرمايۋاتاتتى.ئۇ ئابلەتنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇ گۇناھمۇ؟!سەھرالىق تومپاينى شەھەرگە ئەپ چىقىپ،باشلىق قىلدى،بۇ ياخشى ئىش ھېسابلانمامدۇ؟!ئەمما،رەناممۇ ئادەمغۇ؟!راست،ئاينۇرغۇ كەڭ قۇرساق.بىراق،مۇھەببەت جەھەتتە،نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي،بىلىپ بىلەلمىگەن،تىڭىرقاپ قالغان سەۋدايى قىز.
ئابلەتچۇ؟!ئۇ ئاينۇرنىڭ پۇلىغا قىزىققانلىقىنى،ياكى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بىلمىگەن ئادەم ۋە ياكى بىلمىگەن ئىنسان دىسەك بۇلارمۇ؟!ياق،ئۇ ئاينۇرنى ياخشى كۆرىدۇ،رەنانىمۇ سۆيىدۇ.ئۇنداق بولسا نىمە بولغىنى؟!ئادەمنىڭ يۈرىكىگە بىرلا ئادەم سىغىشى كېرەك ئىدى،ئەجىبا،ئىككى ئادەم سىغىپ قالدىغۇ؟!
ھەي،ئابلەتنىڭ قەلىب دۇنياسى!قەلەم سېنىڭ ھېسياتىڭنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتىدۇ.چۈنكى،قەلەم قەغەز ئۈستىگە جىجىلايدۇ،ئەمما،ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سېزىملىرىنىلا يازالايدۇ،سېنىڭ ئىچىڭگە كىرەلمەيدۇ.قەلەم سېنىڭ قۇلۇڭدا بولۇپ قالغان بولسىچۇ كاشكى!ئەمدى،سېنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىڭنى،بەخىتسىز ياكى بەخىتلىك ئىكەنلىكىڭنى،يارامسىز پەسەندى ياكى ياراملىق يىگىت ئىكەنلىكىڭنى بىر نىمە دىيەلمەيدۇ.
-ئوغلۇم بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟
نىمە دىگەن يېقىملىق سۆز،ئانىلىق مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغان.نىمە دىگەن گۈزەل سىما،لىچەك ئارتقان پەرىشتىدەك.مۇشۇ نۇر يېغىپ تۇرغان چىراينى بىر مەزگىللەردە‹‹ئاپا››دەپ چاقىرمىغانمىدى.ئاشۇ چاغدا،مۇشۇ ئانىغا قانداق سەت ھۈرمەتسىزلىكلەرنى قىلغان-ھە!
-ياق،ئاپا،،،رەھمەت سىزگە...مېنى ئەپو قىلامسىز؟-ئابلەت ئايشەم ھەدىگە قاراپ كۆڭلى بۇزۇلدى.ئۇنىڭ ياشلىرى قاپقارا ساقاللىرىنى بويلاپ،ياستۇقنى ھۆل قىلۋەتتى.
-جېنىم،ئالتۇن بالام سىز ھېچنىمە قىلمىدىڭىز؟ئاللاھنىڭ تەغدىرى.-ئايشەم ھەدە يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئابلەتنىڭ گۆشى قېچىپ كەتكەن قوللىرىنى سىلىدى.
-ئاپا-ئابلەت ھۆرلىققانى چاقىردى.
-ھە،مانا بالام.مەن بار-ھۆرلىققا ئابلەتنىڭ يېنىغا كەلدى.
-ئايشەم ئاپام بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلەر.بۇرۇن مەن بەك سەت ئىشلارنى قىلدىم،ئەمدى بولسىمۇ سىلەر ياخشى ئۆتۈڭلەر.
-ماقۇل بالام ماقۇل-ھۆرلىققا ئابلەتنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ يىغلىۋەتتى.
نىمە دىگەن ئېغىر،ھەسرەت ھىجرەن پۇراپ تۇرغان رەھىمسىز مىنۇتلار-ھە!ئانا بالىغا چىدامدۇ؟!
ئامىنە كەيپىياتنى ئوڭشاشنى ئويلاپ دەرھال ئابلەتنىڭ يېنىغا ئەقىدەنى كۆتۈرۈپ كەلدى.ئەمما،ئەقىدە ئامىنەنىڭ بويىدىن قۇچاقلاپ يۈزىنى چىڭ ئىتۋالغان ئىدى.
-ئابلەت ئۇكام،قانداق ئەھۋالىڭ؟سېنى ئۆيگە ئاپرىپ مەھەلىلەرنى ئايلاندۇرايلىمۇ؟تېزاراق ساقايغىن،ئەتە چوقۇم ئاپارىمىز.-ئەركىن دەرھال كىلىپ ئابلەتنىڭ قۇلىنى سىقتى.
ئەركىننىڭ ئەسلى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قويغىسىمۇ يوق ئىدى.ئەمما،ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ قەلبىدىكى غەزەپ،مىژژىدە ھېستاشلىق كۆپۈكچىلىرىگە ئايلانغان ئىدى.ۋۇجۇدىدىكى ئىرىمايدىغان مۇز كەبى نەپرەت ئەمدىلىكتە ئېرىگەن ئىدى.كىسەل ئادەم كىندىك قېنى تۆكۈلگەن،ئويناپ چوڭ بولغان ئانا يېزىسىغا تارتىشىدۇ،ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىشنى خالايدۇ.ئەركىن بۇنى بىلەتتى.شۇڭا ئابلەتنى خوش بولامدىكىن دەپ ئۇيلىغان ئىدى.
-مېنى كەچۈر ئەركىن ئاكا؟!ئەتە چوقۇم ئايلىنىمىز.-ئابلەتنىڭ بىر جۈپ نۇرسىز كۆزلىرىدە كىچىككىنە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
-ئۇكام بىز ھېلىمۇ ئۇرۇق تۇققان.سىزنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىمىز ھەم ئاينۇرنىمۇ ياخشى كۆرىمىز.-ئامىنە سۆزلەۋېتىپ ئەقىدەنى رەناغا بەردى.
-رەھمەت ئامىنە ھەدە،سىز بەك ياخشى ئايال.-ئابلەت ھاسىراپ ئامىنەگە رەھمىتىنى بىلدۈردى-دە،ئۇلاپلا-دادا-دەپ مۇتەللىپ ئاكىنى چاقىردى.
تېخى 50 كىمۇ تۇشمىغان،بالا دەردىدە نەچچە كۈندىلا چاچلىرى ئاقىرىپ،قېرىپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ قالغان مۇتەللىپ ئاكا-ۋوي،ئوغلۇم.مانا مەن بار-دىگىنىچە ئىتتىك قەدەم بىلەن ئابلەتنىڭ يېنىغا كەلدى.
-دادا،سەن ئەركىن ئاكام بىلەن،ئاپام ئايشەم ئاپام بىلەن كارىدوردا پاراڭلىشىپ تۇرساڭلار.يېنىمدا ئاينۇر بىلەن رەنا،قىزىم ئەقىدە قالسا ماقۇلمۇ؟!-ئابلەت شۇنداق دەپ ئۆتۈندى.
ئەتراپتكىلەر ماقۇل بۇلۇشۇپ سىرتقا ماڭدى.ھەي،سەكراتتىكى كىچىككىنە ھايات،ئەڭ يېقىن قېرىنداشلىرى بىلەن مۇڭدۇشىشنى ئويلايدىغان ھايات،قېرىنداشلار ئارسىدىن قېرىندىشىنى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ،ئەزرائىلنىڭ كىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ،يۈرەكلەر پوكىلدايدىغان ھايات.
-رەنا،مېنى كەچۈر؟سېنى ياخشى كۆرىمەن.ئاينۇر مەندىن رارزى بۇلۇڭ،سىزنىمۇ ياخشى كۆرىمەن.دىمەك،ھەر ئىككىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن.مەن ئەسكى،،،مەندىن رازى بۇلۇڭلار.مەن كەتسەم،ئىككىڭلار بىر ئۆيدە ئۆتۈڭلار.ئاينۇرنىڭ قۇرسىقىدا ئەقىدەنىڭ ئۇكىسى بار.سىلەر چوقۇم ئەقىدە بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسىغا قېرىنداشلىق مىھرى –مۇھەببىتىنى تۇتاشتۇرۇڭلار.
رەنا بۇ گەپلەردىن ئابلەتنى ئىككى تەستەك سېلىپ،ئەقىدەنى يىتلەپ چىقىپ كەتسە بولاتتى.ئاينۇرمۇ شۇنداق قىلسا بۇلاتتى.ئەمما،ئابلەت سەكراتتىكى ئادەم،ئۇنداق قىلسا ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ.نىمە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى كېرەك.مانا،مۇھەببەتلىك ئاينۇر بىلەن رەنا ئابلەتنىڭ تەلىپىگە يىغلاپ تۇرۇپ ماقۇل بولدى.شۇ تاپتا،ئۇلار ئابلەت ساقايسىلا ھەممىگە رازى ئىدى.
-بولدى ئابلەت،ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى.سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمىز،بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز.شۇنداقمۇ سىڭلىم ئاينۇر بىز بىللە ياشايمىز.-رەنا يىغلاۋاتقان ئاينۇرغا مۇلايىملىق بىلەن قارىدى.
-شۇنداق رەنا ھەدە،سىز ھەدە بولىسىز،مەن سىڭىل بولىمەن.يەنە ئەقىدەنىڭ ئۇكىسى ئىككى ئايدىن كىيىن ئاللاھ خالىسا تۇغىلىدۇ.دادىسى ئۇلارنى ئۇينىتىدۇ.-ئاينۇر سۆزلەۋېتىپ،ياشلانغان كۆزىنى رەنا بىلەن تەڭ ئابلەتكە تىكتى.
-قىزىم،بۇياققا كىلىڭە؟-ئاينۇر ئىڭىشىپ ئەقىدەنىڭ مەڭزىگە سۆيدى.
رەنا ئاينۇر بىلەن ئەقىدەنى تارتىپ،يىتلەپ ئابلەتنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.كىچىككىنە بالىدا ھېسيات نىمە قويدى.ئۇنىڭمۇ سەبى كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپ ئاپئاق يۈزىنى چاپاق قىلۋەتكەن ئىدى.
-قىزىم،داداشنى دادا دەڭە.ھە دەمدىكىن.-رەنا ئەقىدەگە ئابلەتنى چاقىرىشنى بويۇردى.
ئابلەت ئەقىدەگە مىھىرلىك تەلمۈرۋاتاتتى.
-قىزىم،دادا دەپ چاقىرىپ بېقىڭە؟مەن ئاڭلاپ باقاي.-ئاينۇرمۇ ئەقىدەگە مەدەت بەردى.
-دادا
ئابلەتنىڭ يۈرىكى قېتىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى.
-دادا
ئەنە ئابلەتنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيى،ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يۇغان ئاق ئۈجمە،ھويلىسىدىكى كىچىك ئېرىقتىن سۇ ئېقۋاتىدۇ،ئاق ئۈجمە مەي بۇلۇپ پىشىپ يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ.ئابلەت دەرەخكە چىقىپ كىچىك سىۋەتكە ئۈجمە تېرۋاتىدۇ.رەنا بىلەن ئەقىدە ئابلەتنىڭ دەرەختىن چۈشۈشىنى ساقلاۋاتىدۇ.
-دادا-ئەقىدە ئۈچۈنچى قېتىم چاقىرىپ چىرىتە يىغلىۋەتتى.
-ئابلەت،ئابلەت
-ۋاي،ئابلەت،،،،،دوختۇر
ياتاقتىن ئەقىدەنىڭ يىغا ئاۋازى،ئاينۇر بىلەن رەنانىڭ دەھشەتلىك چىقىراق ئاۋازى جاراڭلاشقا باشلىدى.ئابلەت كۆز يۇمغان ئىدى.


خاتىمە


ئابلەت ئالەمدىن ئۆتۈپ ئىككى ئايدىن كىيىن،ئاينۇر ئوغلى ۋاپادارنى تەۋەللۇت قىلدى.رەنا ئاينۇرنى ئۆز قولى بىلەن بىر قوللۇق باقتى.ۋاپادار ئالتە ئايلىق بولغاندا،مۇتەللىپ ئاكا بىلەن ھۆرلىققانىڭ‹‹ئوغلىمىز ئابلەتنىڭ ئىزباسارى قىلۋالايلى.ۋاپادارنى بىزگە بېرىڭ.چوقۇم جاپاغا چىدايدىغان،ئەدەپلىك چوڭ قىلىپ،ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويغاندا قايتۇرۇپ بېرەيلى.››دىگەن يىغلاپ ئۆتنىشلىرى بىلەن،ئاينۇر بالىنى قىيالماسلىق ئىچىدە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ،ئۆزى چەتئەلدىكى كىچىك ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەتتى.شىركىتىنى رەناغا تاپشۇردى.
رەنا،ۋاپادارنى قۇلىغا ئېلىپ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن‹‹ئانا قۇرسىقىم ئاچتى.ئىمىۋالاي››داۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولۇپ،كۆز ئالدىغا ۋاپادارغا ئوخشاش ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن بوۋاقلار كەلدى.خىيالىدا ئۇلارغا ئوغۇز قۇۋۋەت يىمەكلىكى تەييارلاش ئويىغا كىلىپ،ئۆز قۇلى بىلەن ‹‹بوۋاقلار شاتلىقى››پىچىنە-پىرەنىكلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك پۇشۇرۇپ بازارغا سالدى.
رەنا زادى قانداق ئايال؟ئابلەت تاشلىۋەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇسىبەت تۇتتى،ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇردى،ئۇنىڭ قايتا ئالغان ئايالى بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئۇلىدى.خېلى،خۇتۇننىڭ خۇتۇننى قىلالمايدىغان ئىشلار بۇ!ئەمما،رەنا قىلالىدى.شىركىتىدىكى پىچىنە-پىرنىكلەرنى،ئابلەتنىڭ نەزىرە چېيى ئۈچۈن،ئاجىز،يۇقسۇللارغا ھەقسىز تارقاتتى.


%%%%%%%%%%%%%


سۆيۈملىك دوستۇم،بۇ مۇھەببەتمۇ؟بۇنىڭدا ئابلەتنى ئەسكى دىسەك بېشى يەردە ياتارمۇ؟ئابلەت پۇشايمان قىلدىمۇ؟بىز ئابلەتنى‹‹خوپ بولدى،رەناغا زۇلۇم قىلغان ئىدىڭ،ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا كۆرسەتتى.››دىسەك ئادىل بۇلارمۇ؟ياق...خەقنى قارغىمايلى،ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ!
شۇ تاپتا ھۆرلىققا،ئابلەت ياتقان بۆشۈكتە ئابلەتنىڭ ئوغلى ۋاپادارنى تەۋرىتۋاتىدۇ.ۋاپادارنى ئابلەتكە ئوخشۇتۇپ،ئۆزىنى خۇددى ياش ۋاقتىغا قايتىپ كەتكەندەك ھېس قىلۋاتىدۇ.مۇتەللىپ ئاكا ھېلىلا بىر خىيال قىلىپ،ھېچ ئىشنى كەچۈرمىگەندەك،بىر ھىكايە ئاڭلىغاندەك ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويماقتا.
بۇ بىر تەغدىر!پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن تەغدىرنى ئۆزگەرتىش،بىز ئىنسانلارنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ.


تۈگىدى


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دەقيانوس + 99 ياخشى، تىخىمۇ مۇكەممەلىشىپتۇ.
YuqunAdam + 200 mubfrgk bolsun!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 299   باھا خاتىرىسى

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 3054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32214
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7275 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45971
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6902 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئۇقۇپ بۇلۇپ ئاندىن ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1579712
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12279 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:41:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىڭلىم ئىززەتگۈلنىڭ تىرىشىش-ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇشبۇ تۇنجى پوۋېستىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يىزىپ تاماملاپ مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى پائالىيىتىگە سۇنغىنىغا ئاپىرىن،ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

~كۈلگىنچەك مەلىك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25613
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8560
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:51:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر پوۋىسىتنى باشلاپ مۇۋاپىقىيەتلىك تۈگىتىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى پەقەت يازغان كىشىلا بىلىدۇ،بولۇپمۇ مەندەك ئۆگەنگۈچىلەرگە بەك تەس كىلىدىكەن. چوقۇم قايتا بىر ئوقۇپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن. [s:174]

تەقدىرگە بويسۇنىمەن!چۈنكى_ــ                            ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28471
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1814
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:57:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت kulkiz0903 كە 2011-05-20 10:51 PMئەۋەتىلدى :
بىر پوۋىسىتنى باشلاپ مۇۋاپىقىيەتلىك تۈگىتىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى پەقەت يازغان كىشىلا بىلىدۇ،بولۇپمۇ مەندەك ئۆگەنگۈچىلەرگە بەك تەس كىلىدىكەن. چوقۇم قايتا بىر ئوقۇپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن. [s:174]

مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرپائالىيىتىگە قاتنىشاي دەپسىزدە.

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2546
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83598
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9803 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:59:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 01:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9562
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3326 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 06:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ بېشىنى ئۇقۇدۇم ئەسەر ياخشى چىققاندەك تۇرىدۇ ! مەن ئەسىرىڭىزنىڭ
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

مېھرىبان يۈرەك قېرىمايدۇ !

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29869
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 07:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىقنىڭ مۇشۇنداق چوڭ ھەجىمدىكى بىر ئەسەرنى ۋجۇتقا چىقارغىنىمدىن خۇش بولدۇم.
ياخشى بىز نەتىجىگە ئىرشىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش