|
|
|
|
بارى، مىرەخمەتلەر 26 كىشىلىك تىزىملىككە كىردى.
دۆلەت پۇتبولچىلار جەمىيىتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، 6-ئايدا ئومان بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان ئولېمپىك مۇسابىقىسىغا تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 26 كىشىلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بارى ۋە مىرەخمەتلەر شەرەپ بىلەن بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئولېمپىك كوماندىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغانلىقىدىن ، شۇنداقلا ئومان بىلەن بولغان مۇسابىقىدا ئاساسلىق ئەزا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بارىنىڭ تۇنجى گېپى« تىزىملىك ئېلان قىلىنىپتىمۇ؟ مەن بارمىكەنمەن؟ مىرەخمەتچۇ؟» دىگەن بولدى. ۋە بىلگەندىن كېيىن چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ :« مىرەخمەت بىلەن بىللە بولغىنىم بەك ياخشى بولدى، دەسلەپ سەل ئەنسىرىگەنتىم. بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوماننى ئالىمىز.»
لۈچىڭ كوماندا باشلىقى دۇۋىې بارىغا كۆپ تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ مېھمان مەيداندا چوقۇم 2توپ ئارتۇق ئۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بارىمۇ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدى، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقتا غەربى ئاسىيا كوماندىسىنىڭ كۈچىنىڭ تەمىنى تېتىغان بارى چوقۇم تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بارى چاڭچۈن ياتەي بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى كۈن رۇخسەت ئېلىپ شىنجاڭغا كەلمەكچى. ھۇرراچىلار تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى: http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2488
|
|
|
|
|
|