مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 16

زادى كىم خوشال ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەمدەك ئادەم ب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21151
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921
تۆھپە نۇمۇرى: 430
توردا: 2363 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 07:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       بۇ تىمىنى يازماقچى بولغىنىمغا،مۇنبەرگە يوللانغان«قىزلىرىمىز نىمىشقا خوشال ئەمەس»دىگەن تىما سەۋەب بولۇپ قالدى.تىما يوللۇغۇچى دەپتىكى قىزلىرىمىزنىڭ خوشال بولالماسلىق ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.لىكىن بۇ ئومۇميۈزلۇك ئەمەس.بىر جۈپ ئەر-ئايال ئائىلە قۇرۇپ بىللە ئۆتكەندىن باشلاپ بىر-بىرىنىڭ قىزىقىشى،مىجەزى،كۆز-قاراشلىرى،ئائىلەتەربىيىسى،مەدەنىيەت سەۋىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆزئارا بەزبىر ماجىرالارنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.بىر -بىرىنى چۈشىنىپ،قەدىرلەپ ،ھۆرمەتلەپ،سۆيۈپ ئۆتكەندىلا بۇ ئائىلە ئىناق ،ئىشلىرى بەرىكەتلىك بولۇپ ئۆتىدۇ.ئەمدى گەپ ئەرلەرنىڭ سەۋەبىدىن بەزى ئىسىل قىز-ئاياللىرىمىز بەخىتلىك بولالمايۋاتقان،تۇرمۇشىدىن خوشاللىق تاپالمايۋاتقان بولسىمۇ،قىز-ئاياللىرىمىز سەۋەبىدىن ئۆمۈرلۈك دەرتكە دۇچار بولغان،بولىۋاتقان ئەرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
      كىچىكىدە دادىسىدىن يىتىم قىلىپ ئۈچ سىڭلىسى بىلەن بىللە جاپاكەش مىھرىبان ئاپىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان پەزىلەتلىك،ناھايىتى تىرىشچان بىر ئاغىنەم بىر مەكتەپتە ئوقۇغان لىكىن مەكتەپتىكى ۋاقتىدا تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان بىر قىز بىلەن توي قىلدى.مەن توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان چىغىمدا ناھايىتى ھەيران بولغان ئىدىم.چۇنكى بۇ قىز مەكتەپتە باشقا قىزلار بىلەنمۇ ئارلاشمايىتتى،دائىم قارىساق قاپىقى ئىچىلمايلا يۈرىدىغان قىز ئىدى،بىر مەھەللىلىكلەردىن ئۇقۇشىمىزچە ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق ئادەملەر ئىكەن.يۇت-جامائەت بىلەن تۈزۈكرەك ئارلىشىپ ئۆتمەيدىكەن.تەغدىر-پىشانە دىگەن شۇ بولسا كىرەك،ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن توي قىلدى.لىكىن توي كۈنىلا قىز تەرەپنىڭ چاۋىسى يىيىلدى.گەرچە قىز بالا ئىپپەتلىك بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بەزىبىر ئورۇنسىز قىلىقلىرىدىن ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئازار يەپ قالدى.تويدىن كىيىن بولسا ئۇ قىز ئاغىنەمنىڭ ئانىسىغا قاراپمۇ قويماي گەپ قىلسا نەچچە قىتىم چالۋاقاپ كىتىپتۇ.ئاخىر بولماي ئاغىنەم گەپ قىلسا ئۇنىمۇ گەپ قىلغانغا تويغۇزۇپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يىتىۋاپتۇ.توي قىلىپ بىر ئاي بولمايلا خالايىق.ئاغىنەم بارسا ئاتا-ئانىسىمۇ خىلى يامان گەپلەرنى قىلغۇدەك.ھىچبىر سەۋەبسىزلا شۇنچە ئاھانەتلەرگە قالغان،بولۇپمۇ جاپاكەش ئانىنىڭ خورلۇق تارتىشىغا چىدىمىغان ئاغىنەم توي قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئاجىراشتى .ئۇنىڭ بۇ خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئىچىندۇق.ئەر كىشى تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرسا بىر ئۆمۈر شۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلمىقى تەس.
    يانە بىر يىقىن ئاغىنەم ھەم تۇققىنىم بار بولۇپ ئۇ توي قىلغاندا خىزمەت سەۋەبىدىن قاتنىشالماي قالغان ئىدىم.تويىدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئاپاملارنىڭ ئاغزىدىن بەزىبىر شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالغان بولساممۇ تەپسىلاتىنى ئىنىق ئۇقالمىغان ئىدىم.كىيىن يۇرتقا بىرىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارسام ئۇ يوق بولۇپ،ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ تويدىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.ئەسلىدە ئۇ توي قىلغان قىز ئۇنىڭ يۈرىۋاتقان قىزى ئەمەس بولۇپ خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەۋاتقان باشقا ناھيىدىن كەلگەن قىز ئىكەن.بۇ جەرياندا بۇ قىز تۇققىنىمزنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ چىقىپ يۈرەتتىكەن.تۇققىنىمز ئۇ قىزنىڭ يۈرۈش تۇرۇشنىڭ يامان ئەمەس بەش ۋاق ناماز ئۆتەپ يۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بالىسىغا ئىلىپ بىرىشنى ئويلاپ قاپتۇ(ئارىدا ئۇنىڭ يۈرىۋاتقان قىزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇققىنىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوتتۇرسىدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلار بولۇپ تويلىشىشتىن ۋاز كىچىشكەن ئىكەن)ئاخىرى ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنى بۇ تويغا كۆندۈرۈپتۇ(شۇنى دەۋاتقىنىدا تۇققىنىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئەلەم ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى)ئۇمۇ ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ.توي داغدۇغۇلۇق بوپتۇ يۇ توي كىچىسىلا ئاغىنەم ئو قىزنى ھوجىرسىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنىڭ پۈتۈن سەتچىلىك ئاشكارلىنىپتۇ.ئەسلىدە ئۇ قىز «قىز»ئەمەس ھەم بەكلا تۈگەشكەن نەرسە بولۇپ ئاغىنەمنىڭ تايىقى ئاستىدا ھەممىنى ئىقرار قىپتۇ.ئۇ ئەسلىدىنلا بۇزۇلۇپ كەتكەن بۇزۇق بولۇپ كىم بىر قاچا تاماق ئىپ بەرسە شۇنىڭ بىلەن ئوينايدىغان نەرسىكەن.خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئىشلەش جەريانىداتۇققىنىمىزنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئوغلىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ نىيىتىنى بۇزۇپ يالغاندىن تەقۋادار قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ئۇلارنى ئالدىغان ئىكەن.ئاھ خۇدا ،بۇ توي ئىككى كۈن تازا قىززىپ بىر سائەتمۇ ئۆي تۇتۇلمىغان توي بولدى.ئەتىسىلا ئاجىرشىپتۇ.ئاغىنەم تاماقتىنمۇ قىلىپ ئۆيدىن چىقالماي تۈگىشىپلا كىتىپتۇ.ئاخىرى بولماي ئاتا-ئانىسى قولىغا نەچچە مىڭ كوي بىرىپ ئۇنى يۇرتلارنى ئارىلاپ ئايلىنىپ كىلىشكە ئاغىنىسى بىلەن يولغا ساپتۇ.مەن بارغاندا تىخى قايتىپ كەلمەپتىكەن.ئاپىسى ئۇنىڭ تويدىن كىيىنكى كۈنلىرىنى سۆزلەپ بىرىپ يىغلاپ ئىقىپ كەتتى،كۆزۈم كوركەن دەپ ھەممە گۇناھنى ئۆزىگە ئاتتى.قىرىنداشلار جەمىيەتتە مانا مۇشۇنداق مۇناپىق قىز-ئاياللىرىمىزمۇ باركەن ئەمەسمۇ.
    مىنىڭ بۇ ئىشلارنى يىزىشىم ئەرلەرمۇ ،يىگىتلەرمۇ خوشال ئەمەس دىمەكچى ئەمەسمەن.بۇ يەردىكى مەسىلە كىم خوشال-كىم خوشال ئەمەس مەسىلىسى ئەمەس.جۈپتىڭىزنى تاللىغاندا ئاۋۋال يۈرۈپ مىجەز-خۇلقىنى بىلىشىپ چۈشىنىشىپ توي قىلىڭ.تويدىن كىيىن بىر -بىرىڭزنى ھۆرمەتلەپ،قەدىرلەپ ئۆتۈڭ.ئاللاھ ھەممىمىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن .ئامال بار ھەممىمىز خوشال ئۆتەيلى!ئىرى بارلار ئىرىڭىزنى قەدىرلەپ ئۆتۈڭ،ئايالى بارلار ئايالىڭىزنى قەدىرلەپ ئۆتۈڭ.دۇستلىشىپ ئۆتۈۋاتقانلارمۇ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار قەدىرلەڭلار.ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ!ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلاپ،بالىلىرىڭلارغا كۆيۈنۈپ ئۆتۈڭلار.شۇنداق دەرت-ئەلەملەر بىزدىن يىراق تۇرسۇن.ھەممىمىزگە خوشاللىق،بەخىت-ئامەت يار بولسۇن قىرىنداشلىرىم!


ئەسكەرتىش:بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھېچقانداق ئادەمگە قارىتىلمىغان،ئەزىز تورداشلار ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارساق،كۆرگەنلەر تەربىيە ئالغىدەك،باشقىلارغا مەنپەتى بار سۆزلەرنى قىلىشساق بولىدۇ،قالايمىغان ئىنكاس يېزىپ كاللىمىزغا نېمە كەلسە دېسەك جىدەل چىقسا تېما ،ئىنكاسلار ئۆچۈرلىدۇ،شۇڭا ھەممىمىز مەدەنىي بولايلى.ئىناق مۇنبەر قۇرۇپ چىقىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.
                                                                                             
                                                                                                     -ئارقۇ

مەنبە:ئۆزۈم

ئادەم ياشىغانىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40852
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1116
تۆھپە نۇمۇرى: 27
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 09:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ دىگىنىڭز توغرا !!! بۇ ئىشلارنىڭ جىقلىرى ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ!!!!

ئادەم ياشىغانىكەن ھامان جەسۇر ھالەتتە تۇرۇشى كىرەك ..

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7419
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 4010 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 09:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن  [s:132]

ئىتقاد ئۈچۈن ياش

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 30253
تۆھپە نۇمۇرى: 624
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 09:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"قىزنى ئالماي ئانسىنى ئېلىڭ "
"قىزنى بۇزغان ئانا ،ئوقۇرنى بۇزغان كالا"

ئىشقىلىپ ئارلىشىپ توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن ،ئوغۇل بالىنىڭ كالسى ئىشلىسە ئاتا -ئانسىنىڭ پىكىرگە ھۆرمەت قىلىپ ئاتا -ئانسى تىگى -تەكتىنى بىلدىغان ،دىيانەتلىك ،ئىمانلىق قىزلار بىلەن توي قىلغان ياخشى
بەزى ئاتا -ئانلارمۇ ئەۋلىيا ئەمەس ئالدىن كۆرەلەيدىغان بىراق 90% ئاتا -ئانا بالسىنى ھەرگىز ئوتقا ئىتىرمەيدۇ ،ئىلاج بار ئەخلاقلىق قىزلار نى پەرىق ئېتىپ ،پادىچىلار شىمنى قىرلاپ كېيىپ ،چېچىنى سەرخىل بۇياي دىسكوخاندىن چىقمايدىغان ،سەن مۇھابىتىم دەپ قۇيۇپ باشقا جايلاردا نەغمە قىلدىغان قىزلاردىن يېراق تۇرغان ياخشى
سەۋەب سىزدە ،مەندە ،قىزلاردا ،ئوغۇللاردا ئورتاق بار ،گۇناھىنى قىزنىڭ خاتا ياكى ئوغۇلىنىڭ خاتا دەپ بىر ئادەمگە يۈكلەپ قويغلى بولمايدۇ  [s:130]

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭ قانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32526
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1066
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 871 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت kapsizkiz كە 2011-05-20 09:06 PMئەۋەتىلدى :
"قىزنى ئالماي ئانسىنى ئېلىڭ "
"قىزنى بۇزغان ئانا ،ئوقۇرنى بۇزغان كالا"

ئىشقىلىپ ئارلىشىپ توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن ،ئوغۇل بالىنىڭ كالسى ئىشلىسە ئاتا -ئانسىنىڭ پىكىرگە ھۆرمەت قىلىپ ئاتا -ئانسى تىگى -تەكتىنى بىلدىغان ،دىيانەتلىك ،ئىمانلىق قىزلار بىلەن توي قىلغان ياخشى
بەزى ئاتا -ئانلارمۇ ئەۋلىيا ئەمەس ئالدىن كۆرەلەيدىغان بىراق 90% ئاتا -ئانا بالسىنى ھەرگىز ئوتقا ئىتىرمەيدۇ ،ئىلاج بار ئەخلاقلىق قىزلار نى پەرىق ئېتىپ ،پادىچىلار شىمنى قىرلاپ كېيىپ ،چېچىنى سەرخىل بۇياي دىسكوخاندىن چىقمايدىغان ،سەن مۇھابىتىم دەپ قۇيۇپ باشقا جايلاردا نەغمە قىلدىغان قىزلاردىن يېراق تۇرغان ياخشى
.......

پاھ پاھ  خورازدىكى خو

تارىخ بىزگە ئاجىزلار قولدىكى ھەقىقەتنىڭ كۆچلىكلەر قولدىكى سەپسەتىدىن يىڭىلىپ قالدىغانلىقىنى ئسپاتلاپ بەردى

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26171
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6330 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 10:09:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (wapadar2) نىڭ يازمىسىغا

سىزنىڭ سۆزىڭىز ئانچە توغرا ئەمەس .
خىلى كۆپ ئاتا- ئانا قىزنىڭ ئەخلاقىغا ئەمەس  بەلكى قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ پۇل  - بىساتىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ . بۇ بىر پاكىت .

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8628
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 11:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41321
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 529
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 1147 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:18:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە  يەنىلا بەك  ئۇزاق  يۈرمىسىمۇ  ئانچە - مۇنچە چۈشىنىشىپ توي قىلغاننىڭ زىيىنى  يوق ~~~ [s:130]

كۈلۈپ ياشايمەن خۇدايىم بۇيرىسا!!!

ھالالزادە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41371
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:31:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتلەشمەي توي قىلسىمۇ،مۇھەببەت دىگەننى كىيىن ئاستا-ئاستا پەيدا قىلغىلى بولىدۇ،،دىيىشىدىكەن لىكىن بېشىدىن ئۆتمىگۈچە ھېچكىم بىلمەيدۇ.

پەزىلەت كىرەك مىڭ، تۇتقىلى جاھان. قۇلان تۇتقىلى كۆر ، كىرەك ئارسلان. بەخىتلىك ياشاشقا، دۇرۇسلۇق كىرەك، كىشىلىك ئېتىدۇر، دۇرۇسلۇق دىمەك.

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3283
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2353 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 01:03:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويدىن كىيىنمۇ  قىز يىگىت بىر بىرىنى چۇشۇنىشىپ قەدىرلىشىپ ئوتسە شىرىن مۇھەببەتلىشىۋاتقەندەك ئوتكىلى بولىدۇ ،خوشاللىق يەنىلا ئۇز قولىمىزدا !

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش