جۇڭگودا دۇنيا بۇيىنچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئونىۋېرسىتېت
قۇرۇپ چىقالىشىمىز ھازىرچە خام خىيال
<ھازىر جۇڭگودا دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئۇنىۋېرسىتېتتىن بىرىمۇ يوق.> بۇ سۆزنى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى،جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ جىخۇڭ ئەپەندى 12-ئاپىرېل ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتى ئۇۇشتۇرغان<ئىلىم-پەن روھى ۋە ئەمەلىيەت> تېمىسىدىكى سۆھبەتتە ئوتتۇرغا قويدى.(<چاڭجىياڭ گېزىتى> 2010-يىلى15-ئاپىرېل سانىدىن)
شۈ جىنخۇڭنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى تالاي كىشىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى.شۇنداق ئەمەسمۇ؟نۇپۇسنى دۇنيا نۇپۇسنىڭ تۆتتىن بىرنى ئىگەللەيدىغان،ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ دۇنيادا ئىككىنجى ورۇنغا ئۆتتى دىيىلۋاتقان مۇشۇنداق چوڭ بىر جۇڭگودا دۇنيا بۇيىنچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرلىغۇدەك ئۇنىۋېرسىېتتىن بىرمۇ يوق.باشقىلارغا نېسىپ بۇلىۋاتقان نوبىل مۇكاپاتى بىزگە نەزەر كۆزىنى سېلىپ قومايۋاتىمىز. جۇڭگو ئالىي مائارىپنىڭ كۈچ-مادارى ئېلىمىزنىڭ<چوڭ دۆلەت>لىك ئورنىغا تازا ماس كەلمەيۋاتىدۇ.
<ئامېرىكا ئاخباراتى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى> ژورنىلنىڭ2010-يىللىق ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا،دۇنيادىكى يۈز داڭلىق ئۇنۋېرستىت ئىچىدە بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى 52-ئورۇندا،چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى 56-ئورۇنغا تىزىلىپتۇ.دىمەك،ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئادىنقى ئورۇندا تۇردىغان بۇ ئىككى ئۇنۋېرسىتىت ھەتتا ئەللىكنىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىدى دىگەن گەپ.گەپ تېخى بۇلا ئەمەس.شاڭخەي قاتناش ئونۋېرسىتىتنىڭ ئالىي مائارىپ تەتقىقات ئاكادىمىيەسى تۈزۈپ چىققان<2008-يىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان 500 ئونۋېرسىتىت>ئىچىدە ئېلىمىز نىڭ بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى،چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى،شاڭخەي قاتناش ئونۋېرسىتىتى،نەنجىڭ ئونۋېرسىتىتى،جېجىياڭ ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق داڭلىق ئونۋېرسىتتلىرى ئالدىنقى 200 نىڭ ئىچىىگىمۇ كىرەلمەپتۇ.
پېقىر ئۆزۈممۇ ئونۋېرىتېتتا ئىشلەيمەن.يېقىنقى يىللاردا مۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم:ئېلىمىزدىكى ئونۋېرسىتىتلار بارغانسېرى زورىيۋاتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلىرى يىلسايىن كۆپىيۋاتىدۇ؛بىنا-ئىمارەتلىرى گويا بوي-بەستى تولىمۇ قاملاشقان كىيىم مودىللىرىدەك بارغانسىرى ئېگىزلەپ،چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.بىراق ،مودىللاردىمۇ چىراي بولغان بىلەن بىلىم،روھ،ئۆزىگە خاس خارەكتىر بولمىسا دۇنياغا داڭدار مودېللاردىن بۇلالمايدۇ-دە! بىرقىسىم پىروفېسور-مۇتەخەسسىسنى تۇنۇيمەن.ئۇلارنىڭ نامى چىقىۋاتىدۇ -يۇ،ئەمما باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋاقتى چىقماي قېلىۋاتىدۇ.قىلدىغىنى_ھە دېسىلا تېلېۋىزورغا چىقىش،سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش،چەتئەللەردە زىيارەتتە بۇلۇش،تۈرلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىش.ئۇلار ئۈچۈن ئيروپىلان_خۇددى كۇچىدىكى تاكسى؛شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاسماندا ئۇچىدىغان ۋاقتى يەردە ماڭىدىغان ۋاقتىدىنمۇ جېق. پىرفېسسور-مۇتەخەسسىسلەر بەئەينى سودىگەرلەردەك سودا ۋە مېھماندارچىلىق بىلەن بوپكېتىۋاتىدۇ؛قۇشۇمچە تاپاۋەت ئىزدەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
ئالىي مەكتەپلەر ئەمەل-مەنسەپ سورۇنىغا ئوخشاپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ. مىسالەن،باشقارما دەرىجىلىك بىر ئورۇننى 40 پىروفېسسورنىڭ تەڭ تالاشقانلىقى ھەممىمىز گە ئايان. ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ ھەممىسنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسى بار.ئالايلۇق،مەكتەپ مۇدىرى شۈجىخۇڭنىڭ دەرىجىسى مىنىستىرگە باراۋەر كېلىدۇ.ئىشقىلىپ ئىلىم سىياسىيغا بېقىنىپ جان ساقلايدۇ.ھەتتا ئىلىم بىلەن سىياسىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ؛ئىلىم يەنە كېلىپ سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئېلىمىزدىكى تالاي دوكتورنىڭ ئەمەل-مەنسەپتە ئىكەنلىكى بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى،مەنسەپدارلارنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشى،ئۇلار يەنە بىر بالداق ئۆرلەشتە ئەسقاتىدىغان پەلەمپەي_شوتا،خالاس. نىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق ،ئۇلارنىڭ ئىلىم تەھلىل قىلىشقا نەدىمۇ رايى بولسۇن؟ئۇنداق ئادەملەر ياقلىغان دىسسېرتاتسيە قانچىلك بولماقچىدى؟ شۈ جىنخۇڭ:<بېيجىڭ ئونۋېرسىتىېتى ئىلىم تەتقىقاتى ماقاللىرنىڭ سانى جەھەتتە ئامېرىكا يالى ئونۋېرستىتى بىلەن تەڭ تۇرىدۇ>دىگەندەك قىلدى.دۇرۇس،جۇڭگودىكى دكتۇرلانىڭ سانى ئامېركىنڭكىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى؛يەنە كىلىپ ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىلىرىنىڭ سانى جەھەتتىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.لىكىن ئۇنتۇپ قالمايلى:جۇڭگونىڭ دوكتور،ماگىستىرلىرنى ئامىركىدەك تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ.
شۈ جىخۇڭنىڭ ئېيتىشچە،پۇل بولسىلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارىدا تۇردىغان ئۇنۋېرسىتېتلارنى قۇرۇپ چىققىلى بۇلارمىش.بىراق،دۇنياد بانكىسىنىڭ ئالىي مائارىپقا مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى جەمىل سەلىمى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ئۇنۋېرسىتتىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى بايقاپتۇ:پەقەت پۇل بولسىلا ئىش پۈتمەيدىكەن؛دۇنيادىكى ئوقۇش پۇلى ئەڭ يۇقىرى جورجىي ۋاشىڭتون ئونۋېرسىتىتى،كېنيون ئونۋېرسىتىتى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىردىن ئەمەس ئىكەن.
جۇڭگودىكى داڭلىق ئونۋېرسىتىتلارمۇ قىسلىپ قالغان ئەمەس؛ئۈچ قەۋەتلىك مەكتەپ ئاشخانىسىغىمۇ قوش لىفت ئورنىتىالايدۇ،ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى باھالىتىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىلىيۇن يۇەننى غىڭ قىلماي خەجىۋېتەلەيدۇ؛تەتقىقات خىراجىتىنى <ئوبراز قۇرلىشىلىرى>غا ئىككىلەنمەي ئىشلىتىۋېتەلەيدۇ.تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپمۇ پۇلدىن قىسلىپ قالغىنى يوق،ئەلۋەتتە. بىراق،ئۇلاردىكى ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ بەزىلىرى نەچچە يۈز يىللىق تارخقا ئىگە،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ ھەم كونا،ھەم قالاق.يېقىندا <سۇنۇرۇخ>تېلۋېزىيەسىدىن مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم؛گېرىمانىيەلىك بىر ئالىمنىڭ دىيىشىچە،گېرىمانىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن نۇرغۇن ئاسىيالىق ئوقۇغۇچى كونا ۋە قالاق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرنى كۆرۈپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە،گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش يەنى <يۇمشاق دېتال>جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغانلىقى ھەممىمىز گە ئايان؛بىنا-ئىمارەتلەر،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرنى يەنى<قاتتىق دېتال >لىرى كارامەت،دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئىلىم مۇۋەپپەقىيەتى جەھەتتە گېرمانىيە مەكتەپلىرنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.
دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئالىي مەكتەپلەر بىزدىكى قاتاردا يوق مەكتەپتىن بىرنەچچىنى قۇشۇپلا قۇرۇپ چىققان<نۇقتىلىق ئونۋېرسىتىتېت>لارغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ.دۇنيادىكى داڭدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس؛ئۇلار ئارىسىدا ئادەم سانى 10مىڭدىن ئاشىدىغانلىرى ناھايتى ئاز.ھالبۇكى،ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرگە نەزەر سالدىغان بولساق،ئۇلار بىر-بىردىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك؛بىنا-ئىمارەتلىرى كۆزنى قاماشتۇردۇ.ئەمما،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ساپاسىز_قارا قورسالارمۇ ئاز ئەمەس. قۇرۇلغىنىغا 900 يىل بولغان ئوكسفور ئونۋېرسىتېتىنىڭ بىنا-ئىمارەتلىرى گەرچە كونا بولسىمۇ،ئەمما ،ئۇنىڭدا تەلىم ئالغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك داڭدارلار بۇلۇپ چىقتى. مەسلەن: يەتتە دۆلەتنىڭ11نەپەر پادىشاھى،47 نەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى،19دۆلەتنىڭ 53 نەپەر رەئىسجۇمھۇرى ۋە باش ۋەزىرى(بۇ،ئەنگىليەنىڭ 25 نەپەر باش ۋەزىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلارنىڭ 13 نەپىرى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خىرىستىيان ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان.) ،12نەپەر دانىش،86نەپەر باش ئېپسكوپ ۋە 18 نەپەر كاردىنال دەل ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتكۈزگەن. خوش، ئۇنداقتا،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى دۇنياغا مەسشھۇر شەخىستىن زادى قانچىنى تەربىيلەپ چىقالىدى؟
بىز جۇڭگولۇقلار ھە دىسىلا<ئاكاڭ قارغاي جاھاندا بىر> دەيمىز.دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقنىڭ بۇ يىل 28-فېۋرال چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا 2020-يىلدىن بۇرۇن دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئونۋېرسىتىتتىن بىر نەچچىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىمىز جاكارلاندى. بۇ ھال بىزنىڭ بۇرنىمىز نىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان،گەپ بىلەن شەھەر ئالدىغان يەڭگىلتەكلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارلىدى. دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇردىغان ئونۋېرسىتىت خىيالىغا كەلگەنچە قۇرۇپ چىققىلى بۇلدىغان ئاسان ئىش ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن زامان تىرشىپ،دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرشكە توغرا كىلىدۇ.ئۆزۈم بىر جۇڭگولۇق بولغىنىم ئۈچۈن،ئېلىمىزدە دۇنيا تۇنىغۇدەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرنىڭ بۇلىشىغا تەشنامەن! ئەمما_زە،دۇنيا بۇيىنچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئونۋېرسىتىت قۇرۇپ چىقىش،بىز ئۈچۈن ھازىرچە خام خىيالدەك قىلدۇ!