مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 653|ئىنكاس: 0

قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى توغرىسىدا  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت سىزگە ياكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5993
تۆھپە نۇمۇرى: 824
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 06:06:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى توغرىسىدا

   قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى نېمە ئۈچۈن ئەرزان...؟؟

تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگېشىپ، كىشىلەرنىڭ ئاشپۇزۇللاردا غىزالىنىشى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشخانىلارنىڭ تازلىقى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. مۇخبىر يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاشخانىلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، قىسمەن ئاشخانىلارنىڭ ئەرزان باھالىق تازلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇ تازلىق بۇيۇملىرىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقى، كىچىك زاۋۇتلاردىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىدى.
جەنۇبىي ۋوگزال ئەتراپىدىكى مەلۇم ئاشخانىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرغا: بۇ ئەتراپتا چوڭ تۇڭلۇق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ساتىدىغانلار كۆپ. 10 كىلوگىراملىق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئاران ئون نەچچە يۈەنگە سېتىلىدۇ. ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تېلېفۇن بەرسەكلا ھەقسىز ئەكىلىپ بېرىدۇ. ئىلگىرى تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ خىل قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەنىدۇق، بىراق ئۇزاق ئىشلەتمەيلا قاچا يۇغۇچىلارنىڭ ئالقانلىرى يېرىلىپ كەتتى، قولىنى سۇغا چىلىسىلا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، سۈپەتلىك قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى سېتىۋالىدىغان بولدۇق، دېدى.
         ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ توپتېرەك يولىدىكى مەلۇم كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى مۇخبىرغا: ئون كىلوگىراملىق تۇڭغا قاچىلانغان قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىمىز، بۇنداق سۇيۇقلۇقنى قاچا يۇغاندا جىق ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ. قاچىنى چايقىغان تەقدىردىمۇ پاكىز چىقمايدۇ، دېدى.
      مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا چوڭ مېھمانسارايلارنىڭ ئەرزان باھالىق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. مېيلىخۇا مېھمانسارىيىنىڭ دىرېكتورى: مېھمانسارىيىمىزغا بۇ خىل تازلىق بۇيۇملىرىنى ساتقۇچىلار دائىم كېلىدۇ. بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ زاۋۇت ئىسمى، ئادرىسى، ھەتتا ماركىسىمۇ يوق، پەقەتلا يوغان تۇڭغا قاچىلىنىدۇ. بىز كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇ خىل مەھسۇلاتلارغا ئىشەنمەيمىز، دېدى.
        ئۈرۈمچى جىڭخاڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى سۈن ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈزۈك، يېپىشچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىچىك زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈزۈك ئەمەس. بۇ خىل سۇيۇقلۇق ئىشلىتىلگەن ئاشخانا بۇيۇملىرى ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
       مۇخبىر يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى جىنيۈەن سودا شەھەرچىسىنىڭ كۈندىلىك بويۇملار توپ سېتىش مەركىزىگە كېلىپ، دۇكانلارنىڭ ئالدىغا سۇلياۋ تۇڭغا قاچىلانغان ئەرزان باھالىق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تىزىلغانلىقىنى كۆردى ۋە 10 كىلوگىراملىق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ 12 يۈەندىن 13 يۈەنگىچە سېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتى.
      مۇخبىر 12-ماي ئاپتونۇم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇنداق ئەرزان باھالىق قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقارغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
      مۇخبىر يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ 27-ماددىسى 10-تارمىقىدا: «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يۇيۇش دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بەدەنگە زىيانسىز بولۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەنلىكى، يېمەكلىك تازلىق قانۇنىنىڭ 44-ماددىسىدا: «تازلىق ئۆلچىمى تازلىقنى باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاشخانا بۇيۇمى، يۇيۇش سۇيۇقلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىن توختاشقا بويرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىگىلىدى.


مەنبە: <<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى:2011-05-19 >>

سۇلار سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن، ئاچلىق سىزنى ئۆلتۈرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشىنى....!! (دەرتمەن يېگىت119)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش