مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3367|ئىنكاس: 52

پۇلدارغا ياتلىق بولۇش ئويىدىكى چىرايلىق ق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40621
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4388
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 07:09:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئامېرىكىلىق چىرايلىق ياش قىز  ئامېرىكىدىكى بىر چوڭ  تور مۇنبىرىنىڭ
پۇل-مۇئامىلە سەھىپىسىدە مۇنداق بىر يازمىنى ئېلان قىلغان :  

پۇلدار بايلارغا تېگىش ئۈچۈن قانداق قىلسام بولار؟  

ئۇ قىز ئەستايىدىل ھالدا مۇنۇلارنى يېزىپتۇ : " تۆۋەندە دېمەكچى بولغانلىرىم مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر :
مەن بۇيىل 25 كە كىردىم ، دەششەت چىرايلىق ،  كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە
دېمەكچى، ئەدەپلىك ھەم يېقىملىق ،  ئاڭ-سەۋىيەم ئادەتتىكى قىزلاردىن ئۈستۈن ؛   تۆۋەن
بولغاندىمۇ 500 مىڭ دوللارلىق (يىللىق كىرىم) بىرسىگە ياتلىق  بولغۇم بار  .  مېنى بەلكىم 
پۇلغا دۈم چۈشكەن دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ،  نيۇ-يوركتا يىلدا بىر مىليون كىرىم قىلىدىغانلار 
 ساماندەك ،  بىر مىليون ئارانلا  نيۇ-يوركنىڭ  ئوتتۇرھال سەۋىيىسىگە تەڭ  .  قاراڭ ،
مېنىڭ تەلەپلىرىم ئەمەلىيەتتە ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس .

    بۇ كۆزنەكتە يىللىق كىرىمى 500مىڭدىن ئاشىدىغانلار بارمۇ ؟  ھەممىڭلار توي قىلغانمۇ؟
  سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كەلدى  ——  قانداق قىلغاندا سىلەردەك بايلارغا تېگەلەيمەن؟
  مەن ئارلىشىپباققانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پۇلى جىقلىرىمۇ يىلىغا  ئاران 250،000 دوللار
كىرىم قىلىدۇ  ،  ھىم . نيۇ-يورك مەركىزى باغچە غەربىگە جايلاشقان ئالى داچا رايونىدىن
ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز 250 مىڭ دوللارلىق يىللىق كىرىم  ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ  .
بۇلار ھەممىسى سەمىمىيەتچىل سورالغان سوئاللار .  نۇقتىقلىق قىلىپ سورايدىغىنىم  :
  بىرىنچى،  پۇلدار بويتاقلار ئادەتتە ۋاقتىنى قانداق سورۇنلاردا ئۆتكۈزىدۇ ؟
( قاۋاقخانا ، مېھمانخانا ، چېنىقىشسارايلىرىنىڭ  ئىسىملىرى ۋە تەپسىلىي ئادرىسى )
ئىككىنچى ،  قايسى ياش باسقۇچىدىكىلەرنى نىشان
قىلسام بولىدۇ ؟   ئۈچىنچى ،  نېمە ئۈچۈن بەزى چوڭ بايلارنىڭ
ئاياللىرى ئادەتتىكىچىلا ؟  مەن بەزى قىزلارنى  كۆرگەن ، يە تۈزۈك چىرايى يە ئادەمنى
جەلپ قىلالىغۇدەك ئىسكەتى يوق ،  شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كاتتا بايلارغا تېگەلىدى ،  
ئەكسىچە ، بويتاقلار قاۋاقخانىسىدىكى ئاشۇ كىشىنى مەستخۇش  قىلىدىغان  ساھىپجاماللارنىڭ
  ھېچقايسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى .
تۆتىنچى ،
سىلەر  كىمنى خوتۇن ، كىمنى قىز دوست قىلىشنى قانداق بېكىتىسىلەر ؟ 
 ( مېنىڭ ھازىرقى نىشانىم توي قىلىش) --------
------ پېرس خانىم

تۆۋەندىكىسى ۋول كوچىسىدىكى(wall street)  بىر ئىقتىسادشۇناسنىڭ تېما ئىگىسىگە قايتۇرغان يازمىسى:

" سۆيۈملۈك پېرس :  مەن زور قىزىقىش ئىچىدە مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ چىقتىم ،  ئىشىنىمەنكى
ئاز بولمىغان ساندىكى خانىم-قىزلارنىڭ كاللىسىدىمۇ سىزنىڭكىدەك سوئاللار بار .  بىر
مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىڭىز توغرىسىدا تەھلىل
يۈرگۈزەي . مېنىڭ يىللىق كىرىمىم 500مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ ، سىزنىڭ جۈپ تاللاش شەرتىڭىزگە
چۈشكۈدەكمەن ، شۇڭا ئىشىنىڭكى مەن بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلۋاتقىنىم يوق .

سودا قىلغۇچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، سىز بىلەن توي قىلىش  بىر زىيىنىغىلا ماڭىدىغان
سودا توختامىغا قول قويغانغا باراۋەر  ،  سەۋەبى ناھايتى ئېنىق  ، چۈشەندۈرۈشۈمگە قۇلاق
سالغايسىز . بەك زىغىرلاپمۇ كەتمەي، سىزنىڭ  دېگەنلىرىڭىز  ئەمىليەتتە  "پۇل" ۋە
"چىراي" نىڭ ئاددىيلا  ئالماشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت : ئا تەرەپ جەلپ قىلارلىق
ھۆسىن-جامالىنى دەسمايە قىلىدۇ ،  ب تەرەپ
پۇل تاراقشىتىدۇ ، سودا ئادىل ، كاۋاپمۇ ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ  . بىراق ،  بۇ يەردە
بىر ئەجەللىك مەسىلە مەۋجۇت،  ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز ، ئۇ بارا- بارا 
 يوقايدۇ ،  ئەمما مېنىڭ پۇلۇم سەۋەپسىزلا ئازىيىپ كەتمەيدۇ .   مۇنداقچە ئېيتساق ،
مېنىڭ  كىرىمىم يىلدىن يىلغا ئېشىشى مۇمكىن ، لېكىن  سىز يىلدىن يىلغا چىرايلىق
بوپكېتەلمەيسىز .

شۇڭلاشقا  ،  ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ،  مەن ئاشقۇچى مۈلۈك ، سىز
كېمەيگۈچى مۈلۈك . كېمىيىپلا قالماستىن ،  ھەتتا بۇ كېمىيىش تېزلىشىدۇ!   سىز ھازىر 25 ياش
، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە  ھازىرقى زىلۋىڭىزنى ساقلاپ تۇرالايسىز ، گەرچە يىلدىن-يىلغا
چكېنىش بولسىمۇ  .  بىراق ۋاقىتنىڭ  ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ تېزلىك بارغانسرى چوڭىيىدۇ ، 
 قېرىشڭىز تېزلىشىدۇ ،  سىزنىڭ بۇ بىردىن-بىر دەسمايىڭىز  10يىلدىن كېيىن ھازىرقىدەك
بازىرى بولماي قالىدۇ ...

ۋوللۇقلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ، ھەر  بىر سودىدا پايچەك نىسبىتى دەيدىغان ئۇقۇم بولىدۇ ،
سىز بىلەن بىللە ئۆتۈش " پايچېكى ئالماشتۇرۇش" دەپ ئاتىلىدۇ ،  قىممىتى تۆۋەنلىگەن ھامان
ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ ،  ئۇزۇن ۋاقىت  تۇتۇپ تۇرۇشقا تېخى بولمايدۇ------

مانا بۇ سىز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نىكاھ ، ئاڭلىماققا ناھايتى رەھىمسىز تۇيۇلىدۇ . بىراق، بىر
توختىماي ئەرزانلايدىغان مالنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ  ياخشى چارىسى ئۇنى سېتىۋىلىش ئەمەس
بەلكى ، ئۇنى "ئىجارىگە ئېلىش" . يىلدا 500 مىڭدىن جىىق كىرىم قىلىدىغان ئادەم ئەلۋەتتە
ھاماقەت ئەمەستە ،  سىز بىلەن بىز پەقەتلا ئارىلىشىمىز  شۇ ،  بىراق سىز بىلەن توي قىلمايمىز .

سىزگە نەسھەت : بايلارغا تېگىشنىڭ رىسالىسىنى ئىزلەپ  پىغان چېكىپ يۈرمەڭ .  يەنە بىر گەپ
قىلاي، سىز  يىلدا 500مىڭ دوللار كىرىم قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدىسىڭىز بولىدۇ ،
بىر پۇلدار ئەخمەقنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى چۈشەپ يۈرگەنگە سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ  ئىمكانىيىتى
چوڭراق .

قايتۇرغان يازمامنىڭ سىزگە ياردىمى تەگسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن .  ئەگەر
"ئارىيەتكە ئېلىنىش" قا قىزىقسىڭىز ، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ "

    ------  روب . كامبېل (  J·P مورگان بانكىسى كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى)
             

               تەرجىمىدە : يامغۇر
              مەنبە : 163بلوگ تورى                                    
                                   مەزكۇر ئەسەر مىسرانىمغا تەۋە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئۆمۈر قار گوياكى تومۇز كۈنىدە ، ئاز قالدى، ئىگىسى مەغرۇر كۈلكىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5289
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10426
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 3028 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى قىزلار قارشى چىقمىسۇن`~!  گەپ قىلمىغان بولاي`~!
  ئاۋۇ كىشىنىڭ جاۋابى ناھايتى ياخشى بوپتۇ~~

ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
ئىرادىلىك ھىلىھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.

مەشۇقسىز ئاشىق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5073
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن ئىسىل جاۋاپ ھە!!!
توغرا ئۇنى ئىجارىگە ئېلىش كىرەك . دىمىسىمۇ جەمىيتىمىزدە <<ئىجارە>> گە ئېلىنىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتەي:
مەن بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ئۇنى بەكمۇ سەۋىيىلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ لىكىن مىڭكوخەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ھازىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق (مەدەنىيەت سەۋىيەم مەخسۇس كۇرۇس) تىجارەت قىلىۋاتىمەن. (خىزمەتتىن يېنىپ چىققان) يېشىممۇ توي قىلىش يېشىغا بېرىپ بولدى . بىر كۈنى ئۇنىڭغا توي قىلايلى دىدىم . ئۇ نمە دىدى دىمەمسىز: << شەھەردە ئۆيىڭىز بارمۇ؟ ماشىنىڭىزچۇ ؟ ئۇنىڭدىن سىرىت 100،000 يۇەن پۇلىڭىز بارمۇ؟ >> مەن يوق دىدىم . لىكىن ئۇمۇ مىنى ، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىشىمىز.
مەن دىدىم : مىنىڭ ئۇ شەرىتلىرىڭىزنى ھازىرلىشىمغا ھازىرقى شارائىتىمدا بىر قانچە يىل كەتكۈدەك لىكىن ئۇنىڭغىچە سىزمۇ مەنمۇ خېلى ياشقا بېرىپ قالىمىز قانداق قىلىش كىرەك دىدىم.
ئۇ <<ئەگەر سىز مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز چۇقۇم پات ئارىدا شۇ شارائىتقا يىتىشىڭىز كىرەك مانا بۇ مۇھاببەت>> .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2011-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:46:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە مۇنداق تۇرمۇش تۇزسىز تاماقدەكلا! يا تەمىنى تىتىيالمىغان، يا قورساق تويغىنىنى ئۇقمىنغان مەززىسىز؟!؟!؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37033
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5128
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتتە ئىسىل پەزىلەتلىك قىزلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمنى 3يىل بۇرۇن  كۈرۈپتىم ، قايتا بىر قىتىم كۈرۈپتىمەن. ئەينى چاغدا خىلى ئاۋات بولغان تىما ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33283
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
((ئايال كىشىگە سېلىنغان دەسمايە ئىنىقلا زىياندۇر))  بىر يەردە ئوقۇدۇممۇ ياكى ئاڭلىدىممۇ ئىنىق بىلمەيمەن لىكىن كاللامدا قېپ قالغىنى مۇشۇكەن

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17862
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9681 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋول كوچىسى نىيويورىكنىڭ پۇل -مۇئامىلە مەركىزى رايۇنى دېيىشكە بولىدۇ.ۋول كوچىسىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىقىتسادشۇناس ياكى پۇل-مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللىندىغانلار....يۇقىرىقى جاۋاپ دەل مۇشۇ نۇقىتىنى چىقىش قىلىپ بېرىلگەنكەن.... [s:130]

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1296
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23094
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشىگە سىلىنغان مەبلەغ دېگىنى ئايالىغا ،خوتۇنىغا دېگەن گەپ بولماسلىقى كېرەك .ئايالىغا سالغان مەبلەغ زىيان قىلىدۇ .
مەسىلەن بىر قىز بىلەن 30مىڭ يۇئەنگە توي قىلدىڭىز دەيلى .
بۇ ئايال بىلەن 30يىل ئۆي تۇتالىسىڭىز كەم دېگەندە بۇ پۇلىڭىز 20ھەسسە كۆپىيىدۇ .
بۇ تەرەپتىن ئىيتقاندا ئايال كىشىگە سىلىنغان دەسمايە ئىنىقلا زىيان ئەمەس .

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئاللاھ &nbs

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 08:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ شىنجاڭلىق قىزلار ئىچىدە ، ئۇنداق قىزلار يوق دىيەرلىك ،  ئىقتىساسشۇناسنىڭ بەرگەن جاۋابى ئىنتايىن ئورۇنلۇق بۇپتۇ ، بىز ئەرلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ئىمانلىق بۇلىشىنى تاللىشىمىز كىرەك . ئىمانلىق ئەر ھەر تەرەپلەردە ياخشى ئەر بۇلالايدۇ .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش