مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4913|ئىنكاس: 81

ئاتا سېنى دورىيالارمەنمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21428
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1225 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 02:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاتا !دېسە پۈتۈن ئالەم لەرزىگە كېلىدىكەن ،ئاتا ،سەن قەلبىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مۇقەددەس ئىنسانسەن ،لېكىن سېنى مەدىھلەش،ئەسلەش،كۆيۈنۈش ،مۇھىمى سېنى دوراش ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتىۋاتقان ئىنسانسەن .
ھەرقانداق بىر ئاتا بولغۇچى ،پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى ئاڭلىغىنىدا ئالەمچە خۇشاللىق چەكسىز ،پەخىرلەرگە چۆمىدۇ .مېنىڭ ئىزباسارىم،مېنىڭ دۇنيادىكى ئوخشىشىم ،مېنىڭ شام چىرىغىم،مېنىڭ ئۈمىدىم دەپ ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ .
 


تېخى ئەر-خوتۇن ئىككىسى خالىيدا قالغانلىرىدا ،بىرى ئوغلۇم مېنى تارتىپتۇ، ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن دېسە .يەنە بىرى قىزىم مېنى تارتىپتۇ ،قارىڭە كۈلۈشلىرىنىڭ ماڭا ئوخشىغىنىنى دېيىشىدۇ.
بەزىدە كىمگە ئوخشايدىغىنىنى تالىشىپ قىزىرىشىپمۇ قىلىشىدۇ .
بولۇپمۇ ئاتا،پەرزەنىتىنى بىشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ،پەرزەنتىنىڭ تاتلىق بىر كۈلكىسىنى كۆرگەندە ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى پەرزەنىتنى دەپ چەككەن جاپالىرى،ئاققۇزغان قان -تەرلىرى  كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ .
پەرزەنىتنىڭ كۈلۆە تەبەسسۇمىغا قاراپ ،ئۆيۈمنىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدىغان ۋارىسىم بار بولدى ،كەلگۈسىمنىڭ ئۈمىدىي بار بولدى دەپ ،چەكسىز بەخت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ .


بۇ ھەرقانداق نورمال ئاتىلارنىڭ ئورتاق كەچمىشى بولسا كېرەك.





ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ،ئاتا سەن بىشىڭدىكى  كىر بولۇپ كەتكەن دوپپاڭنى چۈشۈرمەي كېيىۋالاتتىڭ ،ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ شۇ قەدىرلىك دوپپاڭنى پەقەت تاشلىمايتتىڭ،
مەن ھەيران بولۇپ سەندىن  سورىسام .
-بالام ساقچىنىڭ بىشىدىكى شەپكىسى بولغاچ ساقچىكەن دەپ ئۇنىڭدىن تەپ تارتىسەن ،قورقىسەن بۇ دوپپىمۇ ساقچىنىڭ شەپكىسىدەك بىزنىڭ بەلگىمىز دەيتتىڭ .
بۇ تومتاقلا بەرگەن جاۋابىڭنى كىچىك بولسام كېرەك ،پەقەت چۈشەنمەپتىمەن ،ھەي نادانلىق !ئەمدى ئويلاپ باقسام شۇ كىر دوپپاڭ سېنىڭ ،مېنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بەلگىمىزكەن ئەمەسمۇ ؟






مەن بالىلارنىڭ كىچىكى بولغاچقىمۇ ئاتا سەن ماڭا بەكلا ئامراق ئىدىڭ ،توي -تۆكۈنلەر،نەزىر-چىراقلاردىن ،قايتقىنىڭدا بىلىڭگە باغلىۋالغان ئاپپاق بەلبىغىڭدىن قۇيماق ،گۆش پارچىسى دېگەنلەرنى خۇددى قۇش  ئۇۋىسىدىكى باللىرىغا ئوزۇق ئەكەلگەن ئانا قۇشتەك ئاغزىمغا سالاتتىڭ،بىر نېمە يىگىنىمگە مەسلىكىڭ كېلىپ قالسا يىرىك ساقاللىرىڭنى يۈزۈمگە سۇۋاپ غىدىقىمنى كەلتۈرەتتىڭ.
نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن دەپ سورىسام .
-سەن ،ئوغۇل بالا دېگەن دادىسىنى دورايدۇ ،ساقىلىمنى سۈركەپ قويسام ساڭىمۇ يىرىك ساقال چىقىدۇ دەپ تېخىمۇ بەك سۇۋايتتىڭ  .
ئاھ!مېھرىبان ئاتا !قاچان يېڭى سويما چىلگىلەر ئىتىزغا چۈشتىمۇ قولتۇقىڭغا چىقاتتى ،يىنىڭدىن ئايرىمايدىغان پىچىقىڭ بىلەن تىلىم -تىلىم قىلىپ ئالدىمىزغا يىيىۋىتەتتىڭ .
خوشلۇقىڭ تۇتۇپ قالغاندا ئۇنىمىسام ئۇنىماي <<تۆگە تاتاڭ>> قىلىپ بوينۇڭغا مىندۈرىۋالاتتىڭ .

بىلسەم ئاتا ،بالىلىقتا نادان ئىكەنمەن ،بىلمەپتىمەن ئاتا قەدرىنى ،نەدە ياخشى نەرسىلەر بولسا ئۆزى يىمەي ،ئۆزۈڭنى قۇربان قىلىش بەدلىگە بالام ،بالام دەپ كۆيۈپ پىشىپ يۈرۈپتىكەنسەن ئەمەسمۇ ئاتا؟.




مانا چوڭ بولۇپ بۇرۇتلىرىممۇ خەت تارتىپ ،چاچلىرىمنى بولاق قويىۋىتىپ ،رەڭ تۈزەپ ھەممىنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك يىگىتكە ئايلاندىم .
يولدا ماڭسام بىرە قىز ماڭا لەپپىدە قاراپ قويسا ،بىشىم كۆككە تاقاشقاندەك بولۇپ كېتىمەن .
مەن شۇنداق مەغرۇر چوڭ بولدىمكى ،ئاتا سىنىڭ ياغلىشىپ كەتكەن كونا دوپپاڭنى ،ساقال بىسىپ كەتكەن يۈزلىرىڭنى ،تۈگمىسى ئۈزۈلۈپ ئالدى ئىچىلىپ قالغان كۆينەكلىرىڭنى   ،پۇچقىقى تۈرۈلۈپ لاي بولۇپ كەتكەن ئىشتانلىرىڭنى  ،ئارقى دەسسىلىپ ماكچىيىپ كەتكەن كونا ئاياغ كېيىپ يۈرگەندىكى ھالىتىڭنى كۆرسەم سېنى ياراتمايدىغان سەندىن نۇمۇس ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ئاتا.
تېخى بىرنەچچە قىتىم ساڭا نەسھەت قىلغاندەك .
-تۈزۈكرەك كېيىنىپ يۈرسەڭ بولمامدۇ ؟ئۇنداق خۇراپاتلىق قىلىپ زاماننىڭ ئارقىدىن قالمىغىن ؟دەپ ساڭا ئاتىكاچىلىق قىلدىم .
لېكىن ئەي جاپاكەش ئاتا .سەن كىم ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن؟ شۇنداق قىلدىڭ مەن بۇلارنى سوراپمۇ قويمىدىم .
ئويلىسام ھەقىقەتەن بارلىقىڭ بولغان پەرزەنىتلىرىڭ ئۈچۈن ،مەندەك بىر مەغرۇر تەنتەك بالاڭنىڭ ياخشى كېيىشى ،ياخشى يىيىشى ،ياخشى ئوينىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىپتىكەنسەن ئاتا .
ئاتا مەن ساڭا شۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدا ،سەن گەپلىرىمگە كۈلۈپ قويۇپ يەنە ماڭا سىپايە نەسھەت قىلىپ ئۈلگۈرەتتىڭ .
-يامان بالىلارغا ئارىلاشما كېيىن پۇشايماندا قالىسەن ،تاماكا ھاراققا يىقىن كەلمە ،قەبىھ گۇناھ....دەپ بىر ھازا نەسھەت قىلاتتىڭ .
لېكىن يۈگەن سالمىغان تايدەك كۆڭلۈم بۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلايتتىمۇ ؟ھەممىسى ئىككى پۇل ئۆزۈمنىڭ قىلغىنى قىلغان ئىدى .
كېيىنچە ھەركۈنى بوتكىلاردىن توڭ پىۋىنى بولىشىغا ئىچىپ مەھەللىنى بىشىمغا كېيىدىغان بولدۇم .
ھىلىمۇ ئىسىمدە ئاتا ،بىركۈنى مەست پىتى دەلدەڭشىپ  سېنىڭ ئالدىڭغا كېردىم ،شۇ ۋاقىتتا ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم ،ھەم ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بىر كاچات سالغانىدىڭ ئاتا .
ئاھ! كەم ئەقىللىق ،كىم ئۆز ۋۇجۇدىدىن تامغان پەرزەنىتىنى يۈرىكىدىن چىقىرىپ بىر تەستەك سالغۇسى كېلىدۇ .
مەن شۇندىن كېيىن سەن بىلەن قەستەن قىرىشقاندەك كۈنلىكى دېگۈدەك ئۆيگە مەست كېلىدىغان بولدۇم ،گەپ قىلساڭ سېنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ تەڭ تۇرىدىغان بولدۇم .
كېيىنچە سەن بۇ ھالىمغا كۆنۈپ قالدىڭمۇ تاڭ ،گەپ قىلماي يۈرۈىۋىرىدىغان بولدۇڭ .
شۇ ۋاقىتتا مەن تېخى خوش بولۇپ كېتىپتىمەن ئاتا ،سېنىڭ دەردلىرىڭنى ئىچىڭگە يۈتۈپ ،ئىغىر تىنىغىنىڭنى ئاڭلىماپتىمەن .





بىر كۈنى ئۆيگە كېرسەم نۇرسىز كۆزلىرىڭنى تورىسىغا تىكىپ يىتىپسەن ،ئاھ!بارلىق دەرد-ھەسرەت ،قايغۇ -ئەلەمنى ئىچىگە يۈتۈپ ۋاقىتسىز سارغايغان ئاتا.
مەن ئاستا يىنىڭغا بىرىپ قوللىرىڭغا ئىسىلدىم ،ئاھ يۈرىكىم !نېمانداق قاتتىق ،نېمانداق يىرىك ،نېمانچە كۆپ قاداقلىق قول بۇ ؟تا بۇ كەمگىچە ،سېنىڭ ئىشچان قوللىرىڭنى تۇتۇپ باقماپتىكەنمەن ئاتا .
مېنىڭ يۈزۈمگە سۈركىگەن قاپقارا ساقاللىرىڭمۇ ئۇچتەك ئاقىرىپتۇ ،پىشانەڭدىكى قورۇقچۇ؟ماڭا تىلىپ بەرگەن چىلگە قوغۇنلارنىڭ تىلىملىرىدەك تىلىم -تىلىم ئىز سىلىنىپتۇ ئاتا .
ھىلىقى ئۈمىد پارلىغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭمۇ ،ئولتۇرۇشۇپ خۇنۇكلىشىپتۇ .
سەن شۇ كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا لەپپىدە بىرنى قارىدىڭ .
ئاھ!سېنىڭ بۇھالىڭنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار سىرغىدى ،قاداق باسقان قوللىرىڭنى چىڭ سىقىپ نۇرسىز كۆزلىرىڭگە قاراپ قالدىم .
ئاتا،مانا بۇ كۈلپەتلىك يىللارنىڭ ساڭا باسقان تامغۇسى ،مەغرۇر باللىرىڭنىڭ ساڭا تۇتقان سوۋغىسى .







چوڭ بولۇپ بىر تۈپ مىۋىلىك كۆچەت قويۇشقا تۈگۈل ،مىۋىسىز دەرەخمۇ قويۇپ باقماپتىمەن ،ھەتتا ئاتا سەندىن ئايرىلىپ سەن تىككەن كۆچەتلەرنىڭ تۈۋىگە سۇ قويۇپ ،تۈۋىنى يۇمشىتىشقىمۇ يارىماپتىمەن .
بىر كۈنى ئازراق ۋىجىدانىم قايناپ سەن قويغان كۆچەتلەرنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن  كەتمەننى قولۇمغا ئالدىم ،لېكىن چىدىماي چاپار-چاپمايلا ئۆزۈمنى يىراققا ئاتتىم .
<<كەتمەننىڭ ئۇچى ئۆتىدۇ ،ناندىن ئۈچى ئۆتىدۇ >>دەپ يۈرگەن بالاڭ شۇنچىلىككىمۇ چىدىمىدى .
بىر تۈپ كۆچەتنى پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلماڭ شۇنداق مۈشكۈل بولغان يەردە ،بىر بالىنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشماق بەسى مۈشكۈل ئىش بولسا كېرەك ،ئىھ!ئاتا ئەمدى سېنىڭ تارتقان جاپايىڭنى بىلگەندەك بولدۇم ،بىز بەش بالىنى قانداق جاپالار بىلەن قاتارغا قوشقان بولغىيتىڭ ھە!؟

ئاتا تېخى سەن سىلىپ قويۇپ كەتكەن ئۆيىمىزنىڭ ئۇلى شورىداپ تاملىرى چۈشۈپ كېتەي دەپ قالدى .
سەن ماڭا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتىڭ :
بوۋاڭ رەھمىتى ئەللىك نەچچىنجى يىللىرى ئازادلىق ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەننىڭ چىگرىسىنى قوغداپتىكەن.
ھەلا،مەنچۇ؟ۋەتەننىڭ چىگرىسىنى قوغداشقا تۈگۈل سەن قۇرۇپ بەرگەن ئائىلىنىمۇ ئاسراپ بولالماي يۈرۈيمەن ،سەن قويغان كۆچەتلەر بىر-بىرلەپ قۇرىماقتا ،سەن سالغان ئۆينىڭ ئۇلى بوشاپ لىڭشىپ قالدى .

راست بىرئائىلىنىڭ تۈۋرىكى باشپاناھى بولماق ھەقىقەتەن قىيىن  ھەممە كىشى بىشىغا كەلگەندە چۈشەنسە كېرەك .
ھاياتلىقىدا قەدرىگە يەتمەيمىز،
ئۆلگەندە ياقا يىتىپ يىغلايمىز .






توۋا !دەپ قالدىم بۈگۈن بىر ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ ،ئاتام دەۋرىدىكى كىشىلەر قانداق كىشىلەر بولغىيتتى دېگۈم كېلىدۇ ،قەددىنى تىك تۇتۇپ، مۇڭلۇق قىز قەلبىنى ئىرىتكىدەك ناخشىلارنى توۋلاپ قىز مەيلىنى ئۆز جەسۇرلىقى ،مەردلىكى بىلەن ئالغان ئاتىلىرىم .
ھازىر مەنچۇ ؟ھە دىسىلا سەندىن ئايرىلسام ئۆلىمەن ،تىزلىناي ،يالۋۇراي دېگەندەك تىلىنغاندەك ناخشىلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولىۋاتىمەن .
ئۆزىمىزدە نېمە كەم بولسا شۇنى بەكرەك ئەرزىۋەيلىگەنگە ئوخشاش،<<سەن ئۈچۈن جىنىم پىدايەي >>دىيىشلىرىمىز .شۇنداق دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغانلار ،قىز بالىغا خەجلىگەن پۇلىغا چىدىماي كەچتە شۇ مەيدىسىنى تۇتۇپ ،شۇ پۇلنىڭ دەردىنى قىزدىن قانداق ئالسام بولا دەپ ئويلىشىمىز .
ئاتىلىمىز دەۋرىدىن ئىيتىلىپ كېلىۋاتقان ،مەردانە جەسۇر مۇھەببەت ناخشىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەن بولسا ،ئانىلىرىمىز ئاتىلىرىمىزنىڭ، نوچىلىقىغا ،مەردلىكىگە،قوپال ئەمما سەمىمى ھېسىيات قىلىقلىرىغا كۆيگەن بولسا .
ھازىر قىزلىرىمىز ئۇزۇن چاچلىق ئاقساغا ،مودا دەپ غىلجىڭ كېيىنگەنلەرگە،پۇل خەجلىسىلا ،نېمە بولسا كۆرمەمدىمەن دەپ ،پۇلدار ساختا بايۋەتچىلەرگە ئاشىق بولىۋاتامدىكىن تاڭ .
مەن كىم ؟مەن كىمنى دورايمەن ؟دەپ سۇئال قويماۋاتقان بەزى ياش چولپانلىرىمىز،خوتەن ،قەشقەرنىڭ چەت يېزىلىرىدا ،دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ ،ئاتىسىنىڭ چىرايى ،يۈرۈش-تۇرىشى ،نەسھەتىنى ئۇنتۇشقان ھالدا قىزىقىشىم ،ھەۋىسىم ،ئۆزلۈك ئالاھىدىلىكىم دەپ قىزلاردىن چاچ تالىشىپ ،كيىم -كېچەك تالىشىپ ،يۈرۈش-تۇرۇش گەپ -سۆز تالىشىپ كېتىشلىرى تېخى.....
راست ،ھەرقانداق چولپاننىڭ تونۇلغۇسى نام چىقارغۇسى كېلىدۇ ،بۇنىڭدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ،كۆرىنەرلىك بەلگىسى بولىشى كېرەك شۇندىلا باشقىلاردىن پەرقلىق بولالايدۇ .
لېكىن شۇ بەلگىنى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلمىسىمۇ ،يىنىمىزدىمۇ تىپىلىۋىرىدىغۇ ؟
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق <<دولان ئوغلانى >><<توغراق كۈيچىسى >>.....قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان چولپانلىرىمىز كۆپ بىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىساقمۇ بۇ ناملىرىدىنلا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلەلەيمىز .
بۇ نامنى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى قويۇۋالغان ئەمەس ،بەلكى خەلقىمىز ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس قويغان نام شان-شۆھرەت .


لېكىن سىز شۇنى بىلىڭكى ھەرقانچە كۆكتە ئۇچسىڭىزمۇ ،شۇ دېھقان ئاتىڭىزنى خۇراپات ،قاتمال ،دۇنيانى چۈشەنمەيدۇ ،دەپ ئويلاپ قالماڭ .
ئۇنداق ئويلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋۋال بىر تۈپ كۆچەت تىكىپ چوڭ قىلىپ بىقىڭ ،شۇ ۋاقىتتىلا ئاتىڭىزنى ئازراق چۈشىنىپ قالارسىز .
سىز زادى كىمنى دورىماقچى ؟يىراقتىكى سىز كۆرۈپ باقمىغان لېكىن ھەۋەس قىلىۋاتقانلارنىمۇ؟بىر ئۆمۈر سىزنى دەپ ياشىغان ئاتىڭىزنىمۇ ؟





بۈگۈن  قەدىردان ئاتا چۈشۈمگە كېرىپ قاپسەن،مەن بىر ھازا خىيالغا پىتىپ سېنى  سېغىنىپ سۆزلىرىڭنى ئەسلەپ قالدىم .
ئاتاسەن ماڭا داۋاملىق مۇنداق  دەيدىغان<<پىچاق دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ جىنى دەپ >>ھازىرچۇ؟يانچۇقىمدىن تارغاق بىلەن تاماكا چاقماق چىقسا چىقىدۇكى ،يىنىمدىن بىرە قەلەمتىراچ چىقمايدۇ .
دوستلار بىلەن بىر يەرلەرگە بىرىپ پىچاق لازىم بولسا ھەممەيلەن بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ قالغىنىمىز قالغان .
ئاتا مەن سرتتا بىرى ئۇردى دەپ كىرسەم  <<ئوغۇل بالا دېگەن تالادىكى ئىشىنى ئۆيگە سۆرەپ كېرمەيدىغان >>دەيتتىڭ ،شۇندىن كېيىن مەن تالادا قاپاقلىرىم يىرىلىپ، يۈزلىرىم ئىششىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭدىن تاياق يىدىم ،بۇ ئۇردى دەپ كېرمەيدىغان بولغانتىم  .
ھازىر چوڭ بولۇپ تېخى توردا <<سوقۇش ئويۇنى >>ئويناپ ئىتىۋەتسىمۇ ،بىر-بىرىمىزنى قان قىلىدىغان بولدۇق .
ئاتام سەن يەنە ياشلىقىنى ئەسلەپ  <<ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالساق ،بىرگە -بىرچىقىپ بولدى دېگۈچە ئۇرىشاتتۇق ،يىقىلغاننى قولىدىن تارتىپ بولدىمۇ ؟بولغان بولسا بۇنىڭغا ياراڭنى داۋالىتىۋال دەپ پۇل تاشلاپ بىرىپ كېتىپ قالاتتۇق>>دەيتتىڭ ،لېكىن ھازىر مەنچۇ؟
بىرگە-بىر دەيدىغان گەپ يوق ،قايسى تەرەپنىڭ ئادىمى ئاز بولسا شۇنى ئۇرۇپ كېتىۋىرىمىز ،<<نوچىنىڭ >>دېگىنى دېگەن ،يۇۋاشنىڭ تاياق يىگىنى يىگەن .

كىچىك ۋاقتىمدا پولۇ <<ئوغۇل بالىنىڭ بوغۇزى >>دېسەڭ بىلمەي ،توڭ پىۋىنى ئىچىپ يۈرىۋىرىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟مانا ھازىرقى ھالىم بىر ئۆزۈمگە ئايان ،توڭ پىۋا ،ھاراق ،تاماكا ،زەئىپلەشتۈرگەن بەدىنىم ،خىمىۋى ئوغۇت چىچىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ ،سۇلياۋغا يۆگەلگەن يىمەكلىكلەرنى يەۋەرگەچ ئۆزۈممۇ سۇلياۋدەك بوش .
توۋا !ئاتا سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى ،ئەركەكلىك ،مەردانىلىك ،كۆيۈمچانلىق ،ساپ دىللىق ،نوچىلىقىڭنى نېمىشقا سېنىڭ ۋارىسىڭ مەن دورىيالمىدىم .
ئاتا مەن ھازىر ،سېنى ،سېنىڭ ئاشۇ پەزىلەتلىرىڭنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرىمگە ھەسرەتلىك ياش ئىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن .







ئورنۇڭدىن تۇر ؟ئاتاڭنى دورا!ئاتاڭ ئىزىنى باس!دەپ خىتاب ئاڭلاندى .
شۇ زامان كۆزۈمگە ئاتامنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايى ،قورۇق باسقان پىشانىسى ،پۈكۈلگەن قەددى كەلدى .
ئاھ!ئۇ قورۇقلار ،قارايغان چىرايلار ساڭا قابەھەتلىك ئۆتمۈشنىڭ تۇتقان سوۋغىسى ئەمەسمۇ؟يىللارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن ئىغىر تاغلىرىنى ئىگىلگەن قەددىڭ كۆتۈرگەن ئەمەسمۇ؟
سەندىن قالغان تەۋەررۈك كەتمەننى قولۇمغا ئالدىم ،ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمەي بوشىغان كەتمەن ساپلىرىنى چىڭىتتىم ،سەن ئەھيا قىلغان شۇ گۈزەل باغقا سۇ باشلاپ ،تۈۋىنى يۇمشىتىپ مەنمۇ خەلقمگە شېرىن مىۋىلەرنى تۇتاي .
ئۆيگە كېرىپ سېنىڭ قوزۇققا ئىسىلغان ،ياغلىشىپ كەتكەن دوپپاڭنى قولۇمغا ئىلىپ ئۇزۇن پۇرىدىم ،ئۇنىڭدا تېخىچە سېنىڭدىكى ھالاللىق ،ساپ دىللىق ،سەمىمىيلىك ،مېھرىبانلىقنىڭ ئارىلاشقان ھېدلىرىڭ تۇرۇپتۇ .
تاختا بىشىدىكى توپا باسقان قارا ساپلىق پىچاقىڭنى غىلابىدىن ئىلىپ بىلىمگە قىستۇردۇم ،
رەھىمسىز يىللارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان قەدىردان ئاتا ،سېنىڭ ماڭا سىڭگەن مۇقەددەس ۋۇجۇدۇڭ ،سېنى دورىيالارمۇ؟
ئەي جاپاكەش ئاتىلار !سېلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار ،شام چىراغىڭلار بولغان بىز سىلەرنى دورىيالامىزمۇ؟

ئەلزامان قەلىمى .



ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Nawruzay + 100 قەلپ تارىمنى چەككەن نادىر ئەسەر.
زامانى + 555 كېچكىپ كۆرگەن ئېسىل ئەسەر
kuzum + 200 بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز
hokumran + 400 ياخشى يېزىلغان
musilina + 300
مۇرات + 300 ئوغۇل بالا!!  يۈرەكتىكى گەپنى
nadira + 100 نادىر تېما
مېھرىزات + 500

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2455   باھا خاتىرىسى

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3707
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10023
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 1884 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 02:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي!!!  بۇنداق گەپلەر بولسا مەنمۇ بىر قىسما بولۇپ قالىمەن، ئەجدادلىرىمىزنىغۇ دېمەيلا قوياي. خۇسۇسەن دادامنى دورىيالىغان بولسام ئالەمچە خۇش بولغان بولاتتىم.

ۋىجدانلىق ئادەم ساراڭلارچە كۆيىشى مۇمكىن،ئەمما ئەخمەقلارچە كۆيمەيدۇ.(تولستوي)

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دورىيالايسىز،ھەممىمىز نىيەت قىلساقلا دورىيالايمىز،،،،،،،ھېچبولمىسا روھىنى........ [s:173]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40810
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2011-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئانام  دائىم دەيدۇ: ئاتاڭلارنىڭ يىرىمىنى دورىغان بولساڭلار ،سىلەردىن رازى بولار ئىدىم!
تىرىشىمەن چوقۇم!!!!
سىزگە رەخمەت ،ياخشى يوللاپسىز!!

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

چىرايلىق چىرايل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9637
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ شۇ دادامنى دورىيالغان بولسامچۇ . كونىلار ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق دەپتىكەن . مەنمۇ چۇقۇم دادامنى دوراشقا تىرىشىمەن .
تىمىڭىزدىنمۇ كىرىشتۈرگەن مۇزىكىڭىز بەك يىقىملىق چىقىپتۇ .

ئويلانماقتىمەن..

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 25987
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 6017 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 06:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاكامنى دوراش ئۈچۈن تىرىشىمەن.  ئاكامنى دورىيالىغان بولسام...

http://riziq.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39743
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3018
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 06:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناهايت [s:146]  [s:156]  [s:181]  [s:130]  [s:130]  [s:121]  [s:166]  [s:172]  [s:163]  [s:163]  [s:163]

مىنىڭ يولدىشىم قانۇن دوختۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41048
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 06:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا ھەقىقەتەن تىگىشلىككەن .
كۆپ جاپا تارتىپىسز دوستۇم ! قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن ! [s:166]  [s:166]  [s:166]

غەمدىن خالى ئەمەس ھىچكىم تۇرمۇشتا .ئاقباش  بولار  دولقۇنمۇ  مەيىن  شامالدا .

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1988
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12088
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8717 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 06:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزىنى ئوقۇپ كۆز چاناقلرىم  ياشقا  تولدى. ھەم كۆز  ئالدىمدا  ئاشۇ  
مھىرىبان  دادامىنڭ  قامەتىلك  تۇرقى  نامايەن  بولدى.
  [s:157]  [s:153]

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش