مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 952|ئىنكاس: 18

ساددا قەلىبكە ،ھۆكۈمران مۇھەببەت..! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5712
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 09:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساددا قەلىبكە، ھۆكۈمران مۇھەببەت...!


مۇھەببەت ئادەم مەڭگۈ كۈيلەيدىغان لېكىن ئاز ئېرىشىدىغان بىر تۇيغۇ. ئادەم ئۆزى قانچە ئاز ئېرىشكەن نەرسىسىگە شۇنچە كۆپ رىشتە باغلايدۇ .
ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىللىرىمنىڭ بارا-بارا ئۆزگىرىپ بىر نۇقتىغا يېغىنچاقلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ چۈشەنچەمنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىلىكىگە مۇقىم بىر ھۆكۈم چىقىرالمىدىم. شۇنچە يىل مۇھەببەتنى تەتقىق قىلغان،ئۇ ئۈستىدە ئويلىنىپ كەلگەن مەندەك بىر ئادەم مۇھەببەتنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىغا تېخى ئېنىق ئېنىقلىما بەرمىگەن ئىدىم.
بۇ بىر ئادەم ئۈچۈن ئەجەللىك بىر پاجىئە ئىدى.

4 يىل بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا 10 سىنىپتا ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تاغامنىڭ ئۆيدىكىلەرگە بەرگەن بېسىمى بىلەن مەكتەپتىن چېكىنىپ تاغامنىڭ دۇككىنىغا قارىشىپ بېرىشكە باشلىدىم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرى كېيىنكى كۈنلەردىكى ئوقۇش ئارزۇسى،خىيالىمدىكى يازغۇچى بولۇش، ئۇنداق بولمىغاندا مۇئەللىم بولۇش، ھېچ بولمىغاندا ناخشىچى بولۇش ئارزۇلىرىم بولسىمۇ ،ئۆيدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ ئارزۇ ئارمانلىرىمدىن ۋاز كېچىشكە يۈزلەنگەن ئىدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ، باشقىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ئارزۇلىرىم ئاڭا پەقەت
ماڭا ماس كەلمەسمىش.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ئارزۇلارغا يېتىش مەندەك بىر دېھقان بالىسى ئۈچۈن غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەنگە ئوخشاش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئۇ ئارزۇلىرىمدىن بالدۇراق ۋاز كېچىپ تاغىسىغا قارىشىپ ئۇنىڭ كەينىدە يۈرۈپ ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ
باشقا بالىلارغا ئوخشا ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتۈرسۈن دەپ ئويلايتى.
چۈنكى بۇ ئۆيدە پەقەت بىر مەنلا يالغۇز ئوغۇل قالغان ئىدىم . ئۈچ ئاچام بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان ،تۆپەمدە بىر ئاكام بار بولۇپ كىچىك ۋاقتىمدا ئۈرۈنچى شەھىرىگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ شۇ يەردە
ئولتۇراقلىشىپ قالغان. پەقەت يىلدا بىر كېلىپ قويۇپ ئۆيدىكىلەرگە ئازراق پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ يەنە ئۆزىنىڭ شەھىرىگە كېتەتتى. ئۇنىڭدا ئۆيدىكىلەرگە قارايدىغان ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھال يوق ئىدى. بەلكىم ئۆيدە ئۇكام بار مەندىن كىچىك بولغاندىكىن ئەشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئۆيدىكىلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. بۇنىسى ماڭا نامەلۇم بىراق ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىدىن ئۈمۈد يوق ئىدى، بۇنىىسى ناھايتى
ئېنىق ئىدى. دەسلەپتە ئۆيدىكىلەر ئوقۇشۇمغا قارشى چىقمىغان ئىدى. مۇشۇ بالىنى بولسىمۇ ئوقۇتۇپ قويايلى، مۇشۇ بولسىمۇ ئوقۇپ ھازىرقى زامانغا لايىق ئادەم بولسۇن دېھقان بولمىسۇن دەپ ئويلىغان. كېيىن تاغامنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ھازىر ئوقۇغان بالىلارنىڭ قايسى بىرى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كادىر بوپ كېتىۋاتىدۇ،كادىر بولغانلىرىنى دېسەكمۇ يولى بار، پۇلى بار ئادەملەر كادىر بولىۋاتىدۇ. بىزدە نەدىمۇ ئۇنداق يول بولسۇن ، نەدىمۇ ئۇنداق كۆپ پۇل بولسۇن بۇ بالىغۇ ياخشى ئوقۇپ ئۆزى ئىشقا ئورۇنلىشىسالىسا بىر گەپ بىراق بۇ بالىدا ئۇنداق قىزغىنلىق يوق، ئۇنداق سەۋىيەمۇ يوق. بەرىبىر ئوقۇسا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كېتەلىشى ناتايىن دەپ قوياتتى. ھەم مەندىن سەن ھازىر سىنىپتا بالىلارنىڭ ئالدىدا ئوقالامسەن راس گەپ قىل، بولمسىا مۇئەللىمىڭدىن سورايمەن دەپ تۇرۇپ مېنى جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر قىلاتتى. تاغامنىڭ بۇنداق دېيىشىدىمۇ سەۋەپ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى تېخى ئۇنىڭغا ياردەملەشكۈدەك بولمىدى، ئىككى قىزى بولغان تەقدىرىمۇ ئۇلار دېگەن بەرىبىر قىز دادىسىغا ياردەملىشىپ سودا ئىشلىرىنى قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى . بىراق تاغام بولسا ئالدىراپ يۈرۈپ چارچاپ كېتىۋاتىدۇ، مېنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكىلىۋالسا دەماللىققا ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ئۇنى ئازراق بولسىمۇ ئازادىلىككە چىقىراتتىم. تاغام مۇشۇلارنى ئويلاپ مېنى ئوقۇتۇشقا قارشى چىقىپ ئۆيدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ گېپىغاكۆندۈرۈشكە شۇنداق ئالدىرايتى.
مەن تاغامغا كېسىپ مەن شۇنداق ياخشى ئوقىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇيمەن دېيەلمەيتىم. پەقەت تىرناق تاتىلاپ قول قولۇشتۇرۇپ تۇراتتىم.
دېمىسىمۇ مېنىڭ سىنىپتىكى نەتىجەم ئۇنداق ياخشى ئەمەس ئىدى. قەلبىمدىكى ئارزۇلىرىم مېنى ئوقۇشقا شۇنداق قىزىقتۇرسا ئەمىليەتتىكى رېئاللىق دەل تاغامنىڭ ئېيىتقىنىدەك ئىدى. شۇنداق ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ سىنىپتا نەتىجەم كۆرۈنەرلىك بولمىغاندىكى بۇ بالا ئوقۇيالمايدۇ ئوقۇشقا قىزغىنلىقى يوق دەپ چۈشىنەتتى. شۇڭا مېنىڭ گېپىمنى ھېچكىم ئىلكىگە ئالمىدى. قىسىقىسى تاغامنىڭ يۈزى چوڭ كەلدى.
چۈنكى تاغام تۇققانلار ئىچىدىكى ئازراق يول تاپقان،پۇل تاپقان ئادەم ئىدى. تۇققانلار ئارىسىدا گېپى ئۆتەتتى. شۇڭا ئۆيدىكىلەر تاغامنىڭ بۇ گېپىنى ئاسانلىقچە يىرالمايتى. مەن سەۋەپلىك تاغامنى رەنجىتىشنى خالىمايتى. تاغامنى بىزنىڭ ئائىلىگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلالايدىغان ئادەم دەپ ئويلايتى.

شۇنداق قىلىپ مەن ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئارزۇ ئارمىنىمنى ئۆيدىكىلەر، مەن ئۈچۈن مۇھىم ئادەملەر ئۈچۈن قۇربان قىلغان ئىدىم.
دەسلەپتە تولا مۇشۇنداق ئويلاپ ئۆكۈنۈپ يۈرۈيدىغان بولدۇم. سىرىت كوچا كويلاردا ساۋاقداشلىرىم ئۇچراپ قالسا سەن نىمە ئىش قىلىۋاتىسە ئوقىمىدىڭمۇ دېسە ئۇلارغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي تەمتىرگىنىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئوقۇساق نىمە بار..بىزگە ئوخشاش دېھقان باللىرىغا ئوقۇپ كادىر بولۇش نەدە تۇرۇپتۇ. يەنىلا تىجارەت شۇغۇللىنىپ باياشاتراق ئۆتۈپ ئەركىن ئازادە ياشىغانغا يەتمەيدۇ دەپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېزىرىپ قىزىرىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم.
يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇلارنىڭ چىرايى كۆز ئالدىغام كېلىۋېلىپ سەن ئوقۇماتامسەن ،ئوقۇماتامسەن دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدەتۇرىۋرلىپ ھەسرەتلىنىپ كېتەتتىم.
كېيىن بارا-بارا بۇ تۇرمۇشقىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئەتىگەندە چىقىپ دۇككاننى ئېچىپ دۇككانغا ماللار كەلسە توشۇپ يۈرۈپ، خېرىدارلار يوق ۋاقىتتا دۇككان سىرتىغا بىر ئورۇندۇق قويىۋېلىپ يولدىن ئۆتكەن كۆچكەنلەرنى كۈزىتىپ ئۆزۈمنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئەركىن قويىۋتىشقا تىرىشاتتىم.

2006 يىلى 8- ئايلا بىر كۈنى ئەتىگەندە كۈندىكىگە ئوخشاش دۇككاننى ئېچىپ قويۇپ ئادىتىم بويىچە دۇككان سىرتىغا ئودۇنرۇقتىن بىرنى قويۇپ ئولتۇراتتىم.
تۇيۇقسىز مەكتەكتە يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقدىشىم ئەكرەم ئۇچقاپ قالدى.
ئاداش..ئەركىن بارمۇ سەن...مەكتەپتىن چىكىتىۋېلىپلا بىزنى ئىزدىمەس بولىۋالدىڭ ئاداش...دوس دىگەن مەكتەپتە دوس بوپ ئۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن دوس بولمامدۇ...؟
قويە سېنى دەپ تاپا تەنە قىلغىلى تۇردى.
ياق ئاداش شۇ ئالدىراش بوپ قېلىپ مۇشۇ يەردە بولۇپ قالدىم، سېنى ئىزدىمەي كىمنى ئىزدەيمىز..؟ ھازىرچە شۇنداق بولۇپ قالدى تېخى سېنى ئەتە ئۆگۈنگىچەئىزدەپ بېرىپ بىرمۇڭدىشاي دىگەن ئاداش دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىۋالدىم.
سەنغۇ زادى گەپنى قولدىن بەرمەيسەن، ئاداش ساڭا دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى دېدى ئەكرەم جىددى بىر ئىش بولغاندەك.
نىمە ئىش ئىدى دىگىنە ئاداش دېدىم قىزىقىش ئىچىدە..
ئاداش مەن بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ماڭىمەن، ئۈرۈمچى تىببى ئۇنۋېرتسىتتىن ( بىز دەيدىغان يىشۆيەننى دىمەكچى)چاقىرىق قەغىزى كەلدى. مەن يەنە 10 كۈنلەردىن كېيىن مېڭىپ قالىمەن شۇڭا يېقىن دوسلىرىمنى ساۋاقداشلىرىمنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلاي دېگەن ئاداش..شۇ سېنىمۇ بارسىكەن دېگەن.
ياخشى بوپتۇ ئاداش ،ئاخىرى ئارزۇيىڭدىكىدەك مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغان بوپسەن مۇبارەك بولسۇن دەپ ئۇنى تەبرىكلەپ قويدۇم. ئۇمۇ بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولسا كېرەك. شۇنى دېگىنە ئاداش ھازىر كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپلا ئۈرۈمچى دېسە قانداق شەھەردۇ دەپ قالاتتىم. بىرەرسى ئۈرۈمچىدە ئوقۇيمەن دېسە ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. قانداق بالىلار ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم، مانا ئۈرۈمچىدە ئوقۇش پۇرسىتى ماڭىمۇ نىسىپ بوپ قالدى.
ياخشى بوپتۇ ئاداش،ئىشلىرىڭ ياخشى باشلانغۇسى..كېيىن دوختۇر بوپ كېتىپ بىزدەك قارۋاي دېھقانلارنى ئەرزان پۇل ئېلىپ داۋالاپ قويارسەن..
قىززىق گەپ قىلىسەن جۇما ئاداش ئەركىن ..دەپ كۈلۈپ كەتتى ئەكرەم.
ئەمىلىيەتتە مەن بۇ گەپنى تەنە ئارلاش دېدىممۇ ياكى ھەسەت ئارلاش دېدىممۇ ئىشقىلىپ شۇنداق دېگەن ئىدىم. ئەكرەم مېنىڭ شۇنچە يېقىن دوستۇم بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ دېگەنتىم. ھەسەت قىلىش دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى ئېنىق چۈشەنگەندەك قىلاتتىم. بىراق ئەركىن بۇنى چاق- چاق دەپ چۈشەندى. بۇمۇ دوسلۇقنىڭ ئېسىل بىر خىسلىتى بولسا كېرەك.
ھە..ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ئاداش ،ئۆيۈڭگە تېلفون قىلاي دىگەن، يەنە قانداق بولمىسۇن بۇ خوش خەۋەرنى ساڭا ئۆز ئاغزىمدا دىگۈم كېلىپ سېنى ئىزدەپ كەلدىم.
ئەمىسە ئەتە ئۆيگە سائەت 10 ئەتراپىدا ئۆيگە كېلەرسەن ئاداش، ھازىر ئالدىراش بىر يەرگە ماڭغان ئىدىم ئەتە كۆرىشەيلى خەيىر-خوش، ئەمىسە يولۇڭغا قارايمەن ئاداش..!
ماقۇل..مەن چوقۇم بارىمەن. ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئولتۇرۇپ بۇ دوستۇم ھەجەپ ئۇ يەرگە ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ھەسرەتلەنسەم ،بىر تەرەپتىن بوپتۇ مەن ئوقىيالمىغاندىن كېيىن مۇشۇ بولسىمۇ ئوقۇسۇن مەنمۇ ھازىر ھېچقانداق ئەمەس دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىم.
بۇ كۈنى دۇككاندىن بالدۇر يېنىپ سەتىراچخانىغا كىرىپ چېچىمنى ياساتتىم. پايپاقتىن بىرنى، ئاياغ مېيىدىن بىرنى ئالدىم. بۇلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم. ئەتىگە كىيىپ بارىدىغان كيىمنى ئاچىقىپ ئاپامغا دەزمال سالدۇرۇپ، ئاياغنى مايلاپ قويۇپ ئەتە ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتاتتىم.
كاللامدا ئەتە ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە باشتىكى قىز ساۋاقداشلىرىممۇ ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەكتەپتىن چىكىتىپمۇ يەنە روھلۇق تېتىك، پاكىزيۈرىۋاتقانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويۇش ئىستىكى تۇغىلاتتى.
چۈنكى مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا بالىلاردا مەكتەپتىن چىكەتسە چوقۇم سەتىراچلىق، ئاشپەزلىك شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ھۈنەرگە كىرىپ باشقىلارغا شاگىرىت بولۇپ ئىشلەش ياكى لاغايلاپ يۈرۈپ جەمىئەتكە چىقىپ ھەرخىل ساراڭ تۇيۇق بالىلار بىلەن ئارلىشىپ جەمىئەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىگە تەۋە بىر ئادەم بولىدۇ دىگەن ئىدىيە
بار ئىدى. مەن بۇنى ئېنىق بىلەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا ئۇ كۆز قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ياكى بەكمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەن مۇشۇنداق
ياسانمىسام بولمايتى. كىم مېنى ئوقىمىسۇن دەپتۇ. مەن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر..!

ئەتىسى ئەتىگەندە تاغامغا تېلفوندا ئۆزۈمنىڭ دۇككانغا چىقالمايدىغانلىقىمنى ئېيىتىپ قويدۇم. تاغاممۇ ھېچنىمە دېمىدى.مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچنىمە دىمەي ئۇ يەردە قارىشىپ بېرىۋاتسام تاغام يەنە ماڭا نىمە دېسۇن.
ئۆيدە ئولتۇردۇم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا قانداق قارىشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم.
قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ۋېيەي ئەركىن قاراپ تۇرۇپ ئوقىمىدىڭ..ئوقۇغان بولساڭ ياخش ئوقۇپ قوياتتىڭ..دەرىستە ئالاھىدە ياخشى بولمىسامۇ خېلى كاللاڭ ئىشلەپ قوياتتى دېيىشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم.
شۇلارنى ئويلىغاچ بىر ئۆيگە كىرىپ خىيال سۈرۈپ كېتىپتىمەن، بىر ۋاقىتتا ئاپام چاقىرىدۇ.
ئەركىنجان بالام، ساڭا تېلفون كەپتۇ. ساۋاقدىشىڭكەن. تېلفوننى قويۇپ قويدۇم تېز چىقىپ ئالغىن دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
يۈگۈرۈپ چىقىپ تېلفوننى قولۇمغا ئالدىم.
ۋەي ..كىمۇ..؟
ۋەي...ئاداش ئەركىنمۇ سەن..مەن ئەكرەم ..سائەت ئونلارغا كەل دېسەم مۇشۇ چاغغۇچە نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن..؟
سائەت قانچە بولدى دېدىم مەن ئەندىكىپ
سائەت 10 ييېرىم بولدى دەيمەن تېز كەل ئاداش...
ھە..ماقۇل مەن ھازىرلا ماڭاي دەپ تېلفوننى قويىۋەتتىم.
سائەتكە قارىسام راستىنلا سائەت 10 يېرىم بولغان ئىدى. مەن سائەتكە قارىماي نىمىلەرنىدۇ ئويلاپ يېتىپ ۋاقىتنىڭ بۇنداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قاپتىمەن.
سىرىتقا چىقتىم ،ئەكرەمنىڭ ئۆيى بىز بىلەن بىر يېزىدا بىراق بىز بىلەن قوشنا بولغان بولغان يەنە بىر كەنىتتە ئىدى. ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن يولدا ئەكرەمنىڭ كەنىتكە بارىدىغان ئۈچ چاقىلىق كىراكەش موتۇلارنى ساقلىشىم كېرەك ئىدى. تۇردۇم ،ھېچ بىر موتۇسىكىلىت كېلەي دىمەيتى. ئىچىم سىقىلدى. ئەكرەمنىڭ ئاغرىنىپ گەپ قىلىشىنى خالىمايتىم. تۇرىۋرىشتىن زىرىكىپ يولدا ئازراق بولسىمۇ ماڭغاچ تۇردۇم. كەينىمگە پات-پات قاراپ تۇراتتىم. بۇ موتسىكىلىتلارغا نىمە بولغاندۇ ئەمدى. لازىم بولغاندا بىرىمۇ يوق..لازىم ئەمەس ۋاقىتتا بىر ئىككى ئادەمنى
ئېلىپ بېكىتىۋالغان ئۈنئالغۇللىرىدىن ناخشىلارنى ۋارقىرىتىپ مېڭىپ كېتەتتى.
ھە..مانا ئاخىرى بىر موتۇسىكىلىت كەلدى.
موتۇسىكىلىتقا چىقتىم. ئەكرەمنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا كېلىپ چۈشۈپ قالدىم.

داۋامى بار......


چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنچە ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10542
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 3260 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 09:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللاڭ

ھەر ۋاقىت干净 ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 480
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6476
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 09:52:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋېىلىپ داۋامى چىققاندا بىرلا ئۇقاي جۇما [s:2]  [s:2] داۋامىنى تىزرەك يوللارسىز [s:2]  [s:2]  [s:2]

يىگىتلەرنىڭ كۆز يېشى، قىزلارنىڭ قەلبىنى مەڭگۈ ئىرىتەلمەيدۇ.

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18447
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 10:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن ! تىز بۇلارسىز .
ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز مىسرانىمدىن ئۈزۈلمىگەي !

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 540
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6140
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-25 10:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتى دېسە....داۋامىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوقتە...تىزراق بولارسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 202
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 01:00:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغان تېمىڭىزنىڭ باشلىنىش قىسمى ياخشى چىقىپتۇ ئاخىرىنى تىزرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5712
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 01:29:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى.....

يولدا تۇرىۋېلىپ ئۆزۈمنى ئوڭشاشقا باشلىدىم. چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېلىپ ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئۆيدىن كىرىشىمگە ئەكرەمنىڭ سىڭلىسى ھويلىدا تۇرۇپتۇ.
ئەركىنجانكا كېلە، ئاكام ئاۋۇ ئۆيدە سېنى ساقلاپ قالدى . بۇ قىز مېنى قاچانلاردىن تارتىپ سەن دەيدىكىن بۇنى بىلمەيمەن .مەن ئۇنى سەن دېيىپ كۆنۈپ قالغان،ئۇمۇ مېنى سەن دېيىپ كۆنۈپ قالغان.
ئۆيگە ئاستا كىردم. ئەسسىلامۇئەلەيكۇم باللار قانداق تۇردۇڭلار...؟
باللار چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئوھوي..سودىگەر يېگىت كەپتۇ. ئوھوي..ئەركىن لوبەن كەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم، ئوڭايسىزلىنىشىم سىرتىمغا تېپىپ ئازراق بىلىنەر بىلىنمەس قىزىرىشقا باشلىدىم.
ئەكرەم بۇنى بىلىۋالدىمۇ قانداق.. ۋاي ئاداش مۇشۇ تاپتا كېلەمسەن دەيمەن،بىز نەۋاخ ئولتۇرۇپ بولغىنى باللار ماۋۇ ئەركىنجان دېگەن ئەزىز مېھمانغا قېنى تۆردىن ئورۇن بېرىڭلا دەپ جىددىيلىشىمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. ئەكرەم ئۇنداق دىمىگەن بولسا باللارغا نىمە دېيىشىمنى بىلمەيتىم.
ھە قېنى ئەركىن بارمۇ سەن ...كېلە..كېلە..ئاشۇنداقمۇ يوقاپ كېتەمسەن كېلە سېنى بىر سۆيۈپ قوياي..تېخىمۇ چىرايلىق ئۇماق بوپ قاپسەن جۇما..دېدى باشتىكى ئولتۇرغان ئەكبەر دېگەن ساۋاقدىشىم..
ياسىنىپ بارىمەن دەپ بۇلارنىڭ كۈلكىسىگە قالامدىم نىمە دەپمۇ ئويلۇدۇم.

بېرىپ بالىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىر قۇر كۆرۈشتۈم. بۇلارنى ھەممىسى مېنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىم ئىدى. كېلە ئەركىن ..ۋاي بارمۇ سەن، مەكتەپتىن چىكەتسەڭ يوقاپلا كېتىدىكەنسەن بۇ جاھاندا مۇنداق بىزدەك ئاغىنە بۇرادىرلىرىڭمۇ بار جۇما...
توغرا دەيسىلەر كۆرۈشكەندىلا ئاغىنە بۇرادەر بولۇپ قالىمىز بولمىسا ئىزدەشەيمىز دېدىم ئىچىمدە.
ئەركىن..مەكتەپتىن چىكىتىپ چىرايلىق بوپ قاپسەن جۇما..مەكتەپتىكى ۋاقىتتا سەت قارىۋايراق نىمە ئىدىڭ..دېدى قىز سەۋاقدىشىم زۇلپىيە.!
بۇ ساۋاقدىشىم قىزلار ئىچىدە سەل شوخراق ئىدى.
ھە..چىرايلىق بولسا قانداق قىلاتتىڭ. ئەركىن بىلەن تېپىشىۋالاي دېگەنمىتىڭ يا..دەپ زۇلپىيەنىڭ گېپىگە تەپتى ئەكبەر..
تېپىشىۋالسام قەيىرى بولمايتى،سەن مۇشۇنداق گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ قىزلارغا ھەقىسىم گەپلەرنى قىلغاچقا سەن بىلەن بىرمۇ قىز تېپىشالمايدۇ ۋاي بىچارە..
ئەركىن ..ئالدىڭ ئوچۇق بالىكەنسەن جۇما..كىرىپلا بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۈردۇڭ زۇلپىيە بىلەن مۇشۇ يەردىلا چاي ئىچۈرۈپ قويايلى..مەن نىكاھ ئوقۇپ قوياي قانداق دېدىم دېدى ئەكبەر.
بالىلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كەتتى.
ھە گەپ قىلمايسەنغۇ..گەپ قىلە دەيمەن .
ئەمىسە نىكاھ ئوقۇساڭ ماڭ جۇغۇ سىرىتقا چىقىپ تاھارەت ئېلىپ كىر دېدىم ئازراق چىرايىمنى پۈرۈشتۈرگەن قىلىپ ،،،
ھا..ھا..ھا..باللارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.
.بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىققانلىقىنى بىلەيمەن. ئەكبەرگە بۇ گەپ تەگدىمۇ قاندان، سەن يۇۋاش يۇمشاق بولغىنىڭ بىلەن گەپنى نوچى قىپ قويىسەندە دەپ قويۇپ جىمىپ قالدى.
بۇ گەپ بىلەن مەن توغرىسىدىكى گەپلەر ئازراق بولسىمۇ بېسىقتى
ئەمدى ئازراق بولسىمۇ مەن توغۇرلۇق كوتۇلداشلاردىن قۇتۇلدۇم. باشقىلارنىڭ مېنىڭ گېپىمنى قىلىشىنى مەن ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كەتمەيتىم.
بىر ئۆيگە 10 نەچچىگە يېقىن بالىلار ئولتۇرىۋېلىپ بىردەم كۇسۇلدىشىپ ئولتۇردۇق. بىرى ئۆزىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسدا گەپلەرنى قىلسا بىرى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى توغرىسدا گەپلەرنى قىلاتتى. يەنە بىرى غىڭشىپ قويۇپ ناخشا ئېيتاتتى. مۇشۇ كىچىككىنا ئارامغا چىققان ۋاقىتتا
كىرىپلا ئۇلارنى كۈزىتىشكە باشلايتىم. ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە گەپلىرىگە قىزىقاتتىم.
ئەركىن،كېلە قەرىت ئوينايمىز دەپ يېنىغا توۋلىدى ئەكبەر.
بايامقى ئۆچۈمنى ئەمدى سەندىن ئالىمەن كېلە...
زۇلپىيە قەرىت ئوينامسەن...
ھە ئوينايمەن. كېلە ئەمىسە سەن ئەركىن چولپىنىڭ بىلەن بىر بول، مەن ئادىلە بىلەن بىر بولاي..
ھا..ھا...يەنە كۈلۈش باشلاندى. مەنمۇ كۈلۈپ تاشلىدىم.
بۇ بالىلارنىزە بىرەر قىز ياكى ئوغۇل بىرەرسىنىڭ گېپىنى چىقىرىپلا قالسا ئۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىگە چېتىپ تە قىلىۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايتى.
نىمە ئوينايمىز...؟ دېدى زۇلپىيە گەپ باشلاپ ..
نىمە ئوينايتۇق..كورىت ئوينايمىز..بىلەمسەن شۇنى..
ھە بىلىمەن. سانىيە ئەمىسە..
كېلىشىۋالايلى،يېڭىلغان تەرەپ باغدىن ئۈزۈم ئەكىرىپ يېڭىغان تەرەپكە قېنى ئاكا ئۈزۈم يەڭ، يەنە قانداق خىزمەت بار دەيدۇ..قانداق ئوينامدۇق....؟
ئوينىساق ئوينىدۇق..ئەكبەر قارىتنى سانىدى.
ئەركىن ماۋۇلارنى يېڭىپ ئەكبەرنى ئاكا دېگۈزۈپ ، ئادىلەنى ئاچا دېگۈزۈپ راسا بىر پۇخادىن چىقايلى جۇما..ياخشى ئوينا دەپ كۈلۈپ قويدى زۇلپىيە..
ھە قېنى كۆرىمىز..كىم ئاكىسى كىم يەڭگىسى بولىدىكىن...
ھا..ھا..ھا..يەنە كۈلۈشمەك باشلاندى. گەپنى ئۆزگەرتىشكە نىمانداق ئۇستىدۇ ما باللار..



داۋامى بار....

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنچە ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5712
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 02:49:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەرىت ئويناشقا باشلىدۇق. يەنە بىر خىللا تۇرىمەن .باياتىمقى بۇرۇقتۇمچىلىقتىن تېخى قۇتۇلالمىغان ئىدىم. شۇڭا قەرىتنىمۇ ياخشى ئوينالمىدۇقمۇ يېڭىلكىپ قالدۇق.
ھە..ئۇكىلار بېرىپ ئاكاڭلار بىلەن يەڭگەڭلارگە ئۈزۈم ئەكىرىڭلار..دەپ گېپىنى باشلىدى ئەكبەر..
مەن ئەكىرەي زۇلپىيە بولدى ئولتىرىۋال..دەپ ئىتتىكلا سىرىتقا چىكەتتىم.يەنە ئولتۇرغان بولسام ئەكبەر يەنە باشقا گەپ ياساپ چىقاتتىدە يەنە ئادەمنى مازاق قىلىۋالاتتى. بۇ قىلىقلار مەيلى راس بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن يەنە مەن توغرۇلۇق گەپ بولىشىنى خالىمايتىم.
باغقا كىرىپ ئوخشىغان ئۈزۈمدىن ئىككى ساپنى ئالدىم. ئەكرەمنىڭ ئاپىسىنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ باغنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە ھويلىغا قاراپ تۇردۇم. خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ھويلىدا باشقا مەن تونۇمايدىغان بىر قىز تۇراتتى. ئۇ ھويلىدىكى سۇپىدا پۇتىنى ئالدى كەينىگە سېلىپ نىمىلەرنىدۇ ئويلاپ ئولتۇراتتى. بەلكىم ئۆيدىكى بالىلارنىڭ نىمە دېيىشىۋاتقانلىقى ،نىمە توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا قىزىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشايمەن دەپ ئولتۇرغاندۇ. بۇ قىز شۇنچىلىك ئاددى كىيىنگەن، زىلۋا دېسە زىلۋامۇ ئەمەس سەل تولغان
بەدەن قۇرلۇشىغۇ مەيلى مۇھىمى كۆزى يوغان چىرايىدىن قارىسىلا ئوماقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. مەن ئادەتتە كۆزى يوغان قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردىمۇ مەيداندا بىرەر پائالىيەت بولۇپ قالسا مەكتەپتىكى كۆزى يوغان قىزلارغا يوشۇرۇنچە قاراپ كېتەتتىم. سىنىپتىغۇ قاراپ ئولتۇراي دېسەم بۇنداق كۆزى يوغان قىزلار يوق ئىدى. تولىسى كۆزى يۇمۇق سەت قىزلار ئىدى. شۇڭا مەكتەپتەتولۇق ئىككىنجى يىللىققا چىققۇچە بىرەر قىزغا تەلەپ قويۇپۇ باقمىدىم. باشقا سىنىپتىكى قىزلارغا تەلەپ قويۇش جۈرئىتىم يوق ئىدى. ئۇ چاغدا بالىلاردا مۇھەببەتلىشىش مودا بولۇپ بىرى ئۇنىڭغا تەلپ قويۇپ باققان بىرى بۇنىڭغا تەلەپ قويۇپ باققان،مەن بىچارە بولسام باشقىلارغا تەلەپ خېتى يېزىپ بېرەتتىم. ئۆزۈم تەلەپ قويۇپ باقمىغان بىلەن بۇنداق ئىشقا خېلى ئپىم بار ئىدى.بۇنىڭ ھەممىسى دوسلۇق، ساۋاقداشلىق ئۈچۈن بولاتتى.
بىر قېتىم بىر قىز سەن باشقىلارغا تەلەپ خېتى يېزىپ بېرىدىغان دەللال بولمىساڭ نىمە ئۇنداق قىپ يۈرۈيسەن..نوچى بولساڭ ئۆزۈڭ يېزىپ باشقىلارغا بەر دەپ خاپا بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇرنۇمغا يېدىم. باشقىلارغا ئۇنداق خەتمۇ يېزىپ بەرمەس بولدۇم ئۆزۈم باشقىلارغا يېزىپمۇ باقمىدىم. مەن ئۇنداق بولشىنى نىمە بىلەي..ئۇ چاغدا پەقەت ئەشۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۈزىنى قىپلا شۇنداق يېزىپ بېرەتتىم.
كۆزى يوغان قىزلارچىرايلىق بولسا بولىدۇكى سەت بولمايتى. كۆزى يوغان قىزلار ئاساسەن ساددا ئۇماق كېلەتتى. بۇ مېنىڭ نەچچە يىللىق كۈزىتىش تەجرىبەمنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ ھۆكۈمىمنىىڭ توغرىلىقىغا گەپ كەتمەيتى ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنىپ كېتەمدۇ ئىشقىلىپ شۇنداق قىزلارغا ئامراق ئىدىم.
ئەركىن..نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن..!
تۇيۇقسىز كەينىمدىن ئەكرەم چىقىپ قالدى. قارىسام ئازراق ئوتۇن كۆتىرىۋاپتۇ.
ھېچ ئىش قىلمايۋاتىمەن..باللارنىڭ ئۈزۈم يېگۈسى كەپتىكەن ئۈزۈم ئەكىرىپ بېرەي دەپ ئاداش ..
سەنچۇ نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن دېدىم ئۇ قىزغا قاراۋاتقانلىقىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن..
ئاپام باغدىن ئازراق ئوتۇن ئاچىقىپ بەر دېگەن ئىدى، شۇڭا باققا كىرىپ ئوتۇن ئاچىقىشىم.
باياتىمنىڭياقى ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ كەتتىڭ. بىر نىمىلەرنىدۇ ئويلاشقا ئۈلگۈرۈپ بولدۇڭ، نىمىگە شۇنچە قاراۋاتتىڭ قېنى مەن كۆرۈپ باقاي دەپ ھويلا تەرەپكە قارىدى ئەكرەم..
ھە..ئارزىگۈلگە قاراۋېتىپتىدىكەنسەندە...؟
ئۇ قىز كىم ..؟ دېدىم مەن ئىتتىكلا...
ئۇ قوشنىمىزنىڭ قىزى،سىڭلىمنىڭ ساۋاقدىشى، بۈگۈن بىزگە قارىشىپ بەرگىنى كىرگەن سىڭلىم بىلەن ئىككىسى ئاپامغا تاماققا قارىشىۋاتىدۇ.
ئارزىگۈلگە قاراپ تۇردۇڭما...دەپ كۈلۈپ كەتتى ئەكرەم.
سەن ئۇ قىزنى كۈزەتكەن بىلەن مەن سېنى كۈزەتتىم.
مەن سېنى بىلىمەن..سەن ئادەتتە باشقا قىزلارغا مۇنداق قاراپ كەتمەيسەن.
ئەكرەم توغرا دەيدۇ..ئۇنىڭ بىلەن قانچە قېتىم پاراڭلاشقان ۋاقىتلاردا قىزلار توغرۇلۇق پاراڭلارنى سېلىشقان ۋاقىتتا مەن قانداق قىزلارغا ئامراق ئىكەنلىكىمنى ئەكرەمگە دەپ بەرگەن، ھەم مانجىنجى يىللىق مانجىنسى سىنىپتا كۆزى يوغان بىر باركەن سەن كۆردۈڭمۇ دەپ گەپلىرىمنى قىلىپ بېرەتتىم.

شۇ ئ كونا ئادەت بويىچە قاراپ قويدۇم ئاداش دېدىم
ھە..مۇنداق دە..ماڭە جۈر، ئىشىكنىڭ تۈۋىدە خەقنىڭ قىزىغا ئوغۇرلۇقچە قارىماي ئوچۇق ئاشكارە قارا...!
ھويلىغا چىقتۇق.
ئارزىگۇل تاماق پىشىۋاتامدۇ دەپ سورىدى ئەكرەم..
تاماق پىشىشقا ئاز قالدى ئەكرەمجانكا...ئۇ قىز شۇنداق دېگىنىچە يالىت قىلىپ مەن تەرەپكە قاراپ سالدى.
كۆزىمىز بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭغا باياتىمنىڭيازى ئوغۇرلۇقچە قاراپ گۇناھ ئۆتكزۈپ قويغاندەك ئۇنىڭغا يەنە قارىسام بولمايدىغاندەك كۆزۈمنى ئىتتىكلا ئاقاچتىم.
ئارزىگۇل...ئارزىگۇل..ئاداش..بۇياققا كېلە دەپ تۇيۇقسىز ئەكرەمنىڭ سىڭلىسى توۋلاپ قالدى، قىز كىرىپ كەتتى.
ئەكرەم ئوتۇننى ئاشخانىغا ئەكىرىپ قوياي سەن كىرىپ كېتىۋەر ئاداش مەن ھازىر كىرىمەن دەپ قويۇپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
مەنمۇ ئىككى ساپاق ئۈزۈمنى ئېلىپ باللار بار ئۆيگە ماڭدىم.



داۋامى بار.....

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنچە ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1224
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-26 08:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئىسىت ،ئەمدى ئۇقۇشۇمغا ئۇكام كومپۇيۇتۇرنى ئىشلىتەي دەپ كىرىپ قالدى.ئاخىرىنى كەچتە قايتىدىن ئۇقۇيچۇ.ئەجەپمۇ قىزىقىپ كۆرىۋاتقان ئىدىم.... [s:14]

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئۆزۈڭنى ئاسرا..!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5712
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-27 01:33:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆيگە كىرسەم  ئەكبەر بىلەن زۇلپىيە بىر-بىرى بىلەن چېقىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەمدى كىردىڭمۇ ئۈزۈم ئەركىر دېسە مۇشۇ ۋاقىتقىچە نىمە ئىش قىلدىڭ،
تاللىققا سۇ تۇتۇپ، پەرۋىش قىلىپ ئاندىن ئاچىقتىڭمۇ ئۈزۈمنى..
ئەمدى ئەكبەرنىڭ گەپلىرى باياتىمقىدەك نېرۋامغا تەگمىدى. كاللام باشقا يەرگە چېچىلىپ كەتتىدە،خىياللىرىم ھېلىقى قىزدا ئارزىگۈلدە،ئەمدى ماڭا قىزىقىدىغان يېڭى بىر شەيئىي چىقتى، بۇ گەپلەر بۇ قىلىقلار ئەمدى مېنىڭ يېڭى شەئىيگە بولغان قىزىقىش ئىستىكىمنى ھەرگىز يوق قىلىۋەتەلمەيدۇ.
شۇڭا  بۇلار نىمە دېسە مەن ئۈچۈن بەرىبىر..مەن خىيالىمدا ئاۋۇ قىزنىڭ چىرايىنى كەلتۈرۈپ ئولتۇرىۋېرىمەن. ئۇ قىز مەندىن گەرچە 10 نەچچە مېتىر ئارلىق يىراقلىقتا بولسا مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇ قىزنى خىيال قىلىمەن. دۇنيا دېگەن مانا شۇنداق بەزىدە يېنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ سەندىن شۇنداق يىراقلىقىنى ھېس قىلىسەن ،بەزىدە يىراقتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزۈڭگە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىسەن.
ئەركىن ...تۇرۇپ قالدىڭغۇ دەيمەن..دەپ يەنە گېپىنى داۋام ئەتتى ئەكبەر..
مانا ئاچىقتىم ئۈزۈمنى، جېنىم ئاكا يېۋاسىلا ئۇنداق قىلماي ..ئاكا..ئەكبەرجانكا ئۈزۈم يېۋاسىلا دەيمەن دەپ چىڭ ۋارقىراپ قويدۇم.باللار يەنە كۈلۈپ كەتتى.
ھوي ئەركىن باغقا چىقىپ كىرىپلا ئېچىلىپ كېتىپسەنغۇ..باغدا بىرەر بۇلبۇلنى كۆرۈپ قالمىغانسەن...
ياقەي ..بۇلبۇل كۆرمىدىم،بۇلبۇل دېگەننى سەندەك كۆزى سېرىق ئادەملەرلا كۆرەلەيدۇ.
ھە..تاماق پىشتى باللار..سورۇننى يېغۇشتۇرپ ئاۋۇ ئۆيگە چىقىپ تاماققا يۈرۈش قىلايلى دېگىنىچە ئەكرەم كىرىپ كەلدى.
قول يۇيمىغانلار قول يۇيىۋېلىڭلار، مەن ھەممىڭلارغا سۇ قۇيۇپ بېرىشكە ئېپىم يوق دېدى ئەكرەم.
باللار بىر بىرلەپ ھويلىغا چىقتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ قاتىرىدا ماڭدىم. ئارزىگۈلنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋالسام دەيتىم.
ئارزىگۈل بۇدا يوق ئىدى. كاللامدا بۇ قىز تاماق ئېتىشىشكە قارىشىپ بوپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىكەتكەنمىدۇ دەپ پەرەز قىلدىم.ئۇ قىزنىمۇ مۇشۇنداقلا كۆرىۋالغىنىم قالىدىكەندە..بىرەر قىزغا تۈزۈك تىكىلىپ قارالماي ئوغۇرلۇقچە قاراپ قىز يوقالغاندىن كېيىن  ھەجەپ قىز ئىكەن دەپ كالپۇكنى چىشلەپ يۈرىمەن ..مەن بۇنىڭغا كۆنۈك..مەن بۇ بىچارىلىققا كۆنۈك.
قولنى يۇيۇپ تاماق راسلىغان ئۆيگە كىردۇق. ھەممىزنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتىمۇ قانداق تاماقنى ئىتتىك ئىتتىك يەپ بىردەمدە جىمىقتۇرۇپ بولدۇق.
ئەمدى بۇدا يەنە ھېلىقى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردۇق.ئەمدى باشتىكىگە ئوخشاش تازا قىزىمىغان ئىدۇق. تاماقنى يەپلا ھەممىزنىڭ قورسىقى تويۇپ كەتتىمۇ كۇسۇلدىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.
ئەكرەم يېنىمغا كېلىپ پاراڭ سېلىشقا باشلىدى.
ھە..ئاداش،نىمە ئويلاتىسەن....؟
بۇ دوستۇم دائىم مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىمغا شۇنداق قىزىقاتتى.  مەندىن بالدۇر مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى دەپ بېرەتتى.
ئۇكامنىڭ دوستى ئۇ..ئۇكامچىلىك قىز بالار تۇرسا ..بىردەمدە كاللاڭغا كىرىپ بولدىمۇ.. .؟
ھوي..ھوي..بوشراق سۆزلىگىن دەيمەن..نىمانداق چىڭ سۆزلەيسەن..باشقىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن..
ئۇ دېگەن قوشنىمزىنىڭ قىزى ئاداش..مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇيدۇ. مۇشۇ چاغغۇچە كەلگۈچە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن مېڭىپ قالغىىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئۇنى ماڭا نىمە دەپ بېرىسەن دېدىم مەن..
سېنىڭچە نىمىگە ئۇنداق دەپ بېرىۋاتقاندىمەن ئاداش..سېنى مەن چۈشەنمىسەم كىم چۈشىنىدۇ. كاللاڭغا بىر نەرسە كىرىۋالسا خېلى ئۇزاققۇچە چىقمايدۇ.
نىمە دەيدىغانسەن ئاداش،،مەن يا قىز بالا كۆرۈپ باقمىغان ئورمانلىقتا ياشايدىغان ياۋايى ئادەم بولمىسام شۇنداقمۇ دەپ كېتەمسەن...؟
ماقۇل ئەمىسە..
ئۇكام سەن بىر يەرگە بارمايدىغانسەن..مەن ئارزىگۈلنىكىگە چىقىپ كىرەي دېگەن ،،مەن سېنى ئويلاپ  تۇرۇپ تۇرۇڭلا..بىر يەرگە بېرىپ قېلىشىم مۇمكىن دەپ قويدۇم. ئۆيىگە چىكەتسۇنمۇ ئۇ قىز...؟
بوپتۇ ئۆيىگە چىكەتسە چىكىتە،مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى بار دېدىم..
سېنىزە..نىمشقا كۆڭلىڭدىكىنى يوشۇرۇپ ئۆتىدىغانسەن،..سەن زادى شۇنداق ئىنسان..كۆڭلىڭدىكىدەك بىرەر قىزنى ئۇچرىتىپ قالساڭ ئۇنى قانغۇدەك بىر كۆرىۋالساڭلا ساڭا شۇ كۇپايە...ھەرگىز باشقا خىياللاردا بولمايسەن..مانا بۇ سېنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببىتىڭ، سەن خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشايسەن،،شۇڭا مەن ساڭا ئامراق ئەمەسمۇ ئاداش..لېكىن بەكمۇ ئۇنداق بوپ كەتسەڭ ئۆزۈڭنىڭ جۈرئىتىڭنىڭ يوقلىقى بىلىنىپ قالىدۇ. مەن بىلىمەن سەنغۇ جۈرئەتلىك بالا..لېكىن بەزى ئىشلاردا ئەمىلىيەتتەسىناپ كۆرمىسەڭمۇ بولمايدۇ ئاداش..
ئەكرەم دائىم مېنى مۇشۇنداق سۆزلىرى بىلەن قايىل قىلىپ قوياتتى.
كۆڭلۈمدە ئۇ قىزغا بىر قاراپ قىزىقىپ قالغىنىمنى ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتى. ئەكرەم بولسا مېنى ئىقرار قىلىشقا قىستايىتى.
  قىز بالا دېگەنگە ئوغۇللار قىزىقىدۇ،مەكتەپتىكى ۋاقىتلادار قانچە قىزلارغا قىزىقىپ يۈرمىدۇق، بىردەم ئۇنى چىرايلىق ئىكەن دېسەك بىردەم ئۇنى سەت ئىكەن دەپ يۈردۇق..بىكار بولساق سىنىپنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرىۋېلىپ قىزلارغا قاراپ يۈردۇق، بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قىزىقىش..ئۇنىڭدا ھېچقانداق يامان غەرەز يوق..ياق ئۇنىڭدا
ھېچقانداق مۇھەببەت ئۇقىمى يوق. بۇ پەقەت قىز ئوغۇللارنىڭ بىر-بىرگە بولغان فېزوئولوگىيىلىك قىزىقىشى خالاس..

ئەركىن تۇرۇپ قالدىڭغۇ نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن....؟
سەن ئۇ قىزىنىڭ گېپىنى قىلىپ مەن قىزىقمىغان قىزغا سەن قىزىقتۇرۇپ قويىدىغان بولدۇڭ دېدىم.
قىززىق جۇماسەن ..ئەمدى سەن قىزىقتۇرۇپ قويدۇڭ دەپ ماڭا دەۋاتامسەن..؟مەن قىزىقىمەن دېسەڭلا ئىش تۈگىمىدىمۇ..؟
ھە قىزىقىپ قالدىم بولدىما، ئەمدىچۇ قانداق قىلىمىز دېدىم.
نىمىنى قانداق قىلىمىز دەيسەن دېدى ئەكرەم..
ئۇ قىزغا قىزىقىپ قالدىم ئەمدى قانداق قىلىمىز دەيمەن.
شۇ قىزىقىپ قاپسەن ئىش تۈگەپتۇ. يەنە قانداق قىلساڭ بولاتتى. ئەكرەم بىلەن ئىككىمىز مۇشۇنداق بىردەم بىر-بىرمىزنى جىلە قىپ كۆنۈپ قالغان.
بىرىمىزنى نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بەزىدە پەقەتلا چۈشىنەلۋاتقاندەك قىلىپ قوياتتۇق.
ئۇنداق بولسا مەن ساڭا پۇرسەت يارىتىپ بېرەي..مەن بۇ يەردىن كېتىپ قالسام ساڭا بۇنداق پۇرسەتلەر كېلىپ كېتىشى ناتايىن..قالغان ئىشنى ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىلىسەن..
ماڭا قانداق پۇرسەت يارىتىپ بېرىسەن دېدىم مەن قىزىقىش ئىچىدە..
كېيىن بىلىپ قالىسەن دەپ قويدى ئەكرەم كۈلۈپ قويۇپ.. بىرەر سائەتتىن كېيىن باللار بىر-بىرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ مۇڭدىشىپ بوپ  بىر-بىرلەپ تارقىغىلى تۇردى.
پەقەت  مەنلا قالدىم . بۇلار مېنى توغرا چۈشىنەتتى، مېنى ئەكرەمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ چۈشىنەتتى. سەن كېيىنراق كېتىدىغان ئوخشايسەن دەپ قويۇپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايىتتى.
سىرىتتا باللار بىلەن خوشلىشىپ ئەكرەم بىلەن ئۆيگە قايتىپ كىردۇق. ھويلىدا قارىسام ئەكرەمنىڭ سىڭلىسى بىلەن ئارزىگۈل ئولتۇرۇپتۇ.
ھە..مۇنداق ئىش ئىكەندە..ئەكرەم ساڭا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن دېسە نىمە ديدىكىن دەپتىمەن..ئەسلىدە پۇرسەتلەر تېخى ئالدىمدا ئىكەندە..مەن
بۇ پۇرسەتنى تۇتالارمەنمۇ..ھېچ ئىشەنچىم يوق. يەنە شۇنداق بولسىمۇ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ھېچ بولمىغان بۇ قىزنى ئولتۇرۇپ تازا كۆرىۋالىدىغان بولدۇم.
بۇ  مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇرسەت. مېنىڭ مۇھەببەت ئىدىيەرىمنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت. مېنى جۈئەتكە كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت. مېنىڭ جىمىپ قالغان مۇھەببەت تۇيغۇللىرىمنى ئويغۇتىدىغان، ئۇنى ئەمىلەيەتكە يۈزلەندۈرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت.
مۇشۇ ۋاقىتقىچە ماڭا بۇنداق پۇرسەت نىسىپ بولغان ئەمەس. بۇرۇن بولغان بولسىمۇ تېخى مەن ئۇنى ھېس قىلمىغان. قارىغاندا مەن ئەمدى چوڭ بولىۋاتقان ئوخشايمەن. ئوغۇللارنىڭ چوڭ بولىشىنىڭ باشلىنىشى بىر قىزغا قىزىقىپ قېلىشىدىن باشلىنىدۇ دەيتى چوڭلار..مەن نەچچە قىزغا قىزىققان بولساممۇ تېخى بىر قىزغا بۇنداق قىزىقىپ باقمىغان.



داۋامى بار............

چۈشەنمەي تۇرۇپ شۇنچە ئىنتىلىسەن، چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنچىلىكلىكىنى ھېس قىلىسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش