مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 4

ئۆمۈر دوقمۇشلىرىدا(نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2693
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2029 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 04:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام ئاكامنى تۇغقاندا باشقىلار:<<بالىنىڭ تۇنجىسى قىز بولسا ياخشى>>دېگەنىكەن.كېيىن مېنى تۇغقاندا<<يا ئىككىلىسى قىز،يا ئىككىلىسى ئوغۇل بولغان بولسا ياخشى بولاتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا دېگەن ئاجىز>>دېيىشىپتۇ.
      باشقىلار :<<ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ>>دېيىشتى.مەن قاتتىق كۈچەپ ئۆگەندىم.ئۆتۈپ بولغىنىمدا:<<ھازىر پۇللا بولسا ساۋاتسىز ئادەممۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدۇ،ئۆزىڭىزنى بەك ئۇپرىتىۋەتتىڭىز>>دېيىشتى.دېمىسىمۇ مەن بەش يىل جاپالىق ئوقۇپ كېلىپ شىتاتسىز ئوقۇپ كېلىپ شىتاتقا كىرگەن ساۋاقدىشىمنىڭ <<شاگىرتى>>بولدۇم.
       خىزمەتكە بۆلۈش ئالدىدا:<<يېزىغا بارساڭ تاپقان پۇلۇڭ يولدا قالىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا تىجارەت قىلغىنىڭىز ياخشى>>دېيىشتى.شۇنىڭ بىلەن ھۆسىن تۈزەش دۇكىنى ئاچتىم.<<نىمىلا دىگەن بىلەن ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى دېگەنلىك بىر ساتىراشتىن پەرقى يوق،جەمئىيەتتىكى ئورنى بەك تۆۋەن>>دېيىشتى.
       جەمئىيەتتە كىمنىڭ ئورنى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدىم.بەزىلەر:<<ئالىملارنىڭ يۇقىرى>>دېدى.بەزىلەر:<<يازغۇچىلارنىڭ يۇقىرى>>دېيىشتى.كۆپ ساندىكىلەر:<<ئەمەل تۇتقانلارنىڭ يۇقىرى>>دېيىشتى.ئەمەلدار بولالمايمەن،ئالىم بولۇشقا تېخى قۇربىم يەتمىدى،ئاخىرى كىتابنى باشتىن قۇلۇمغا ئېلىپ ئاخبارات كەسپىدە ئۇقۇدۇم.ئانچە-مۇنچە يېزىقچىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىش مەقسىتىدە كۆرسەتتىم.تىرگېدىيە يازسام باشقىلار  ئۇيۇمنى <<دىۋانەخانا>>غا ئايلاندۇرۇپ،ماڭا كۆڭۈل سەدىقىلىرىنى ئېيتىپ مېنى<<بىچارە پېرسوناژ>>قىلىپ قويدى.ئۇسلۇبىمنى ئۆزگەرتىپ كومىدىيە يازسام<<ۋاي ۋۇي جاھاندىكى تېتىقسىز پاراڭلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ توپلىغاندەك بەكلا چاكىنا بىر نەرسە بوپتۇ>>دېيىشتى.غەزەپتىن ھۆركىرەپ توۋلىۋەتتىم.ئۇلار<<راست ئوخشىمامدۇ؟ يازغۇچى دېگەن ساراڭكەنغۇ؟ >>دېيىشتى.مەن يېزىقچىلىقتىن قىلغان قولۇمنى بىلىكىمگىچە يۇيۇۋەتتىم.
        ھىيلىگەرلىك بىلەن جان باقماقچى بولغىنىمدا بىرسى:<<سەمىمىي بول>>دەپ نەسىھەت قىلدى.مەن قىلغان ئەتكەنلىرىمگە پۇشايمان قىلىپ كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورىدىم.ئۇلار:<<دېگەنلىرىڭ راستمۇ؟>>دېدى.مەن ياۋاشلىق بىلەن باش لىڭىشتتىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار بۇرۇنقى ھۆرمىتىمنىمۇ ئۇنتۇپ ئالقىش ئورنىغا لەنەت ھەم مەسخىرە بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
        سودا قىلىشنى ئويلاپ مەسلىھەت ئالسام:<<ھىندىستانغا قارىمۇچ ئاپىرىدىغان ئىشنى قىلماڭ>>دېگەنلەرمۇ،<<مال تاغدا قىممەت،ئۈزۈم باغدا>>دېگەنلەرمۇ چىقتى.كاللام ئېلىشىپ بۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىىم.
        ئۇنىمۇ قىلىپ كۆردۇم،بۇنىمۇ قىلىپ كۆردۇم،ئىشىم ھە دىسىلا تەتۈرگە ماڭدى.ئويلاپ باقسام ھاياتىم خۇددى سەددىچىن سېپىلىنىڭ خەرىتىدىكى بەلگىسىگە ئوخشاش سان-ساناقسىز دوقمۇشلارغا قايرىلىپ ئاخىرقى ھىسابتا لېۋىمدىكى چىش ئىزلىرى قاپتۇ!
        ئاخىرى شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى،<<قەتئىيلىك>>بىلەن<<جاھىللىق>>نىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى،<<جاھىللىق>>دىن قېچىپ<<قەتئىيلىك>>نىمۇ  قۇشۇپ تاشلاپ<<بوشاڭلىق>>چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىمنى ھىس قىلدىم.<<مۇستەقىللىق>>نىڭ مەندە مەۋجۇت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كالىدەك نەگە شۇ يەرگە ماڭغىنىمغا ئۆكۈندۇم.
         مەن ئاخىرقى بۇرۇلۇشۇمدا ئۆز-ئۆزۇمگە تايىنىش ئۈچۈن ماڭغانىدىم.ئەمدىلا <<ئاقىللىق>>قا يېتىشەي دېگىنىمدە كۆزلىرىمنى ئاپئاق بىر نەرسە توسۇۋالدى.قارىسام ئاقارغان ماڭلاي چاچلىرىم،قاش-كىرپىكلىرىم ئىكەن.قايرىۋېتىش ئۈچۈن قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە قولۇمنى بىرسى تارتتى،قارىسام ئۇ ئەزرائىل ئىكەن.                                                                                                   


                                ئاپتور:ھەبىبە مەمەت ئەيسا
                                 1998 -يىلى6-ئاي
                              مەنبە:يېڭى قاشتېشى

(مەن بۇ ئەسەرنىڭ قانچىنچى ساندىن ئېلىنغىنىنى ئنىقلىيالمىدىم،ئەمما ئاپتورى بىلەن يېزىلغان ۋاقتىنى بىلەلىدىم ،تورداشلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى سورايمەن!)         

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

تۇغۇلدۇم ، چىقتى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38771
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4912
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 06:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقىۋەتنى ئويلىغان قەھرىمەن بۇلالمايدۇ .
بىز ھايات سەپىرىمىزدە ھەر خىل ئۇڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا مۇقەررەر ئۇچراپ تۇرىمىز .ۋاقىتتا ، يۈرۈكىمىزدە مۇستەھكەم ئىتقات بۇلۇپ ، توختىماي تىرىشچالىق كۆرسەتسەكلا . قىيىن ئۆتكەلدىن چۇقۇم ئۈتۈپ كىتەلەيمىز . ئەگەر قىيىنچىلقققا يۇلۇققاندا ئۈزۈڭنى تۈگەشتىم دەپ قارىسڭ ،، چۆشكۈنلىك ئىچىدە تۈگۈشىسەن . ئەگەر ئۆزۈڭگە "چۇقۇم بەرداشلىق بىرىشىم كىرەك " دەپ مەدەت بەرسەڭ ، قىيىنچىلقىلارنى يېڭىپ  ، غەلبىگە ئېرىشەلەيسەن .
ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس كارلىل نۇرغۇن يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ،<فىرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى > ناملىق يىرىك ئەسىرىنى ئاخىرى تاماملاپتۇ . ئۇ ئەسەرنىڭ بارلىق ئورگىنالىنى ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان ئاغىنىسى مىلغا بىرىپ ، ئۇنىڭدىن كۈرۈپ چىقىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈتۈنۈپتۇ ، شۇ ئارقىلىق ئەسىرىنى تەخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بوپتۇ . ئولىمىغان يەردىن مىلنىڭ ئائىلە خىزمەتچىسى ئۇ ئارگىنالنى كىرەكسىز قەغەزمىكىن دەپ ئويلاپ كۆيدۈرۋىتىپتۇ . كارلىل بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ ...
لىكىن ، كارلىل ئۈزىنى  يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ، قايتىدىن غەيرەتكە كەپتۇ ۋە يېڭىدىن قەغەز سېتىۋېلىپ ، جاپالىق يېزىقچىلىقنى قايتىدىن باشلىغان . بىز ھازىر كۆرۋاتقان <فىرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى > كارلىلنىڭ قايتىدىن يېزىپ چىققان ئەسىرى .
شۇنداق ، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز ئۇڭۇشلۇق بۇلۋاتقاندا ، يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئۇڭۇشسىزلىقلاردىن ساقىلىنىشىمىز كىرەك ؛ ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بولسا ، سۈكۈتكە پاتقان كائىناتتەك سالماق بۇلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ئۈزۈن ھايات سەپىرىدە ئۇشسىزلىق ، ئىگىز - پەسلىكلەردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىش ھەقىقەتەن تەس . ھەرقانداق ئىشتىن بىر نەتىجە چىقسۇن ، مەيلى بۇ نەـىقە ياخشى ياكى يامان بولسۇن ، غەلبە ياكى مەغلۇبىيەت بولسۇن ، ئامەت ئېلىپ كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن ، ئۇبۇكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۇ يەنىلا بىر باشلىنىش بۇلۇپ قالىدۇ .
تەتۈر پەلەك ئىتقادنى غولتىۋىتەلمىسىلا ، ئۈمۈد نۇرى ئۈمۈدسىزلىك بۇلۇتلىرىنى چۇقۇم تارقىتىۋىتەلەيدۇ .

مەن ئۆتمۈشتىكى بىر تامچە سۇ ، كەلگۈسىدىكى بىر ئۇچۇم تۇپراق .

ئادەم ياشىغانىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40852
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4121
تۆھپە نۇمۇرى: 117
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 03:04:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما نىمە دىگەن پاساھەتلىك ھە!!! [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئادەم ياشىغانىكەن ھامان جەسۇر ھالەتتە تۇرۇشى كىرەك ..

ساغلام ھايات سىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33426
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10112
تۆھپە نۇمۇرى: 558
توردا: 1603 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2012-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 01:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر قىلىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك تىما يوللاپسىز ، رەھمەت قېرىندىشىم ........

ساغلام  ھايات  سىزگە يار بولسۇن

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 04:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ ، سېغىزخانمۇ بىلگىنىنى سايرايدۇ  دىگەندەك ، قوشنىمىزغا مەسلىھەت سېلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى  قىلىشمۇ  ئاقىلانىلىق .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش