مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1828|ئىنكاس: 38

بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8658
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6182 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 04:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]                                               بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر
بالىلىق چاغلار كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ بىغۇبار ، غەمسىز ، ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەر بۇلىشى مومكىن ، ھەر قېتىم بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئاشۇ قىلىقلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قالىمەن ، ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئۇ-بۇ  كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بىخەۋەر شۇ غەمسىز ئۆتكەن چاغلىرىمىز ھەر-بىرىمىزنى شېرىن ھېسلارغا باشلايدۇ ، نىمىشقىدۇر مۇشۇ كۈنلەردە ئاشۇ بىغۇبار غەمسىز كۈنلىرىمنى كۆپ ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم .......ئاشۇ ئۇماق قىلىقلىرىم ھەم يۇمۇرلۇق ئىشلىرىمنى ئەسلىسەم شۇ ۋاقىتلىرىمغا قايىتقۇم كېلىدۇ ،بالىلىقنىڭ پەيزىنى يەنە بىرپەس سۈرگۈم كېلىدۇ ، بىراق ۋاقىتنىڭ كەينىگە قايتىشى مومكىنمۇ ؟ ئاشۇ كەپسىزلىكلىرىمنى ھەم يۇمۇرلۇق ئىشلىرىمنى مۇنبەردىكى دوستلىرىمغا سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ ھەم دوستلىرىمنڭمۇ بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ، بىردەم بولسىمۇ بالىلىقىمىزغا قايتىۋالايلى ، تاتلىق كۈلىۋالايلى دىگەن مەخسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم .
مېنىڭ بەش ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ، بەكمۇ شوخ ،تەنتەك ،كەپسىز ، ئىچى تار قىز ئىدىم . دائىم ئىش تېرىپلا يۈرەتتىم ،دوستلىرىم بىلەن شۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتۇق .ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ، سەنئەتچى بۇلۇپ دىگەندەك..... دائىم مەن ئوقۇتقۇچى بۇلىۋالاتتىم ، ئاپام ماڭا بىرنەچچە ھەرىپنى ۋە سانلارنى ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدى دوستلىرىمنى ۋە نەۋرە ئاكا-ئاچىلىرىمنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۇلارغا دەرىس ئۆتەتتىم  .
مەن __ < ئا > دەڭلار   !!!
ئوقۇغۇچىلىرىم __ < ئا > دەڭلار  .
مەن__ < دەڭلار > دىگەننى دىمەي دەڭلار !!!
ئوقۇغۇچىلىرىم__< دەڭلار > دىگەننى دىمەي دەڭلار !!!
مەن تېرىكىپ يىغلاپ كېتەتتىم ، بىردەم دومسىيىپ ئولتۇرۇپ يەنە سەۋىرچانلىق بىلەن<< دەرىسىم>>نى باشلايتىم .
ئەنە شۇ چاغلاردا مېنىڭ قولۇمدا ئوقىغان نەۋرە ئاكا-ئاچىلىرىم ھازىر ئوقۇتقۇچى بولدى .

بىز يەنە سەنئەتچى بۇلۇپ ئوينايتۇق ،تېلىۋىزوردا دىلنار ئابدۇللانىڭ ناخشا ئۇسۇللىرىنى كۆپ بېرەتتى ، مەن دىلنار ئابدۇللانى دوراشنى ياخشى كۆرەتتىم ، دىلنار ئابدۇللا ئوينىغان ئۇسۇللىرىدا دائىم ئىگىز پاشىنلىق ئاياق كىيىۋېلىپمۇ بەك چىرايلىق چۆگىلەيتى ،ھەركەتلىرىمۇ شۇنداق نەپىس چىقاتتى ، بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن ئويناۋاتاتتىم ،ئاپام چوڭ ئانامنىڭ ئۈيىگە چىقىپ كەتتى ، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېڭى سېتىۋالغان ئىگىز پاشىنلىق ئايىغىنى كۆتۈرۈپ چىقتىم . ئۇنى كىيپ ئۇسۇل ئويناپ دوستلىرىمنى تاڭ قالدۇرماقچى بولدۇم . ئاياقنى كىيدىم ،
__ ھوۋۋۋ.....بەكلا چوڭ كېلىپ قالدىغۇ ؟.....
ئاياقنىڭ تاسمىسىنى تازا چىڭ تارتىپ چىڭىتتىم .
__  ھىم ،،،ھېچ بولمىسا ئەمدى پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالمايدۇ .  
ئوتتۇرغا چۈشۈپ قولۇمنى كۆتۈرۈپ ، بىرنى چۆگىلە- چۆگلىمەستىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يەرنى قاماللاپ دۈم چۈشتۈم  ، پۇتۇمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي پۇتۇمدىكى ئاياغقا قارىدىم .
__ ھوۋۋۋ....پاشنىسى ئاجراپ ،تاسمىسىى ئۈزۈلۈپ كېتىپتىغۇ ....ئەمدى ئاپامغا نىمە دەرمەن ،،،ھى...ھى....پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى ،،،،،قانداق قىلىمەن ....ئاپوي .....!!!
بەك ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن خېلى يىغلىغان ئىدىم ، پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىنى ئاز دەپ ئاپامدىنمۇ بۇلىشىغا تىل ئىششىتكەن . يەنە ئىچى ئاغرىپ دورىلاپ تېڭىپ قويغان ئىدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇسۇل ئوينىساممۇ ئوينايتىم ئاپامنىڭ ئايىغىنى قەتئى كەيمەس بولدۇم .

ئۆي ياساپ ئويناشلىرىمىزنى دىمەيسىز تېخى ، ئۆزۈم بىلەن تەڭ يوغان قونچىقىم بار ئىدى ، ئۇنى بالام دەيتىم ، قوشنىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ مېنىڭكىدەك قونچىقى بار ئىدى ، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈيىگە مىھماندارچىلىققا بېرىپ ، << بازار >>غا بېرىپ << بالىمىز >> غا نەرسە ئېلىپ بېرىپ ئوينايتۇق ، << بازار >> غا بېرىش ئۈچۈن پۇل بۇلىشى كېرەك .بىر كۈنى  مەن ئاكامنىڭ دەرىسلىك كىتابىنىڭ ۋاراقلىرىنى پۇلنىڭ چوڭلىقىدا يىرتىپ پۇل ياسىدىم ، ئاندىن ئاپامنىڭ ئىشلەتمەيدىغان سومكىسىغا <<پۇلنى >>سېلىپ چىقتىم . دوستلىرىممۇ شۇنداق قىلاتتى .ئاكام مەندىن ئۈچ ياش چوڭ ئىدى ، شۇ كۈنى ئاكام كىتابىنىڭ مەن تەرەپتىن <<پۇل >> غا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ،بىراق مېنى كىچىك ، گەپ كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ  بەك گەپ قىلىپ كەتمىگەن ،ئاكامنىڭ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتكىنىگە قاراپ شۇندىن كىين ئۇنىڭ كىتاپلىرىدىن <<پۇل>>ياسىمىغان ئىدىم .

ئاپامنىڭ ياكى ئاكامنىڭ بىرەر يېڭى ئالغان كىيىملىرى كۆزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتى ، شۇنداق يېڭى كىيىم كەيگىنىنى كۆرسەملا مەنمۇ كىيىمەن دەپ يىغلايتىم ، ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قالسا ئەسلا ئۇنمايتىم ، چوقۇم ماڭىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشنى قىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى ، ھەتتا ئاكامنىڭ يېڭىدىن پايپاق كەيگىنىنى كۆرۈپ قېلىپ ئالدىراپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پۇتىدىن سالدۇرۋالغان ئىدىم ، شۇ كۈنى ئاكام پايپىقىنى ماڭا سېلىپ بېرىپ باشقىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قالغان ئىدى . ئاپامنىڭمۇ يېڭىدىن كۆڭلەك كەيگىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشنى كىيىمەن دەپ تۇرىۋلغان ئىدىم ، ئاپامنىڭ تىللىغانلىرىغا، يالۋۇرغانلىرىغا قارىماي ئاخىرى قونچىقىمغا بىرنى  ، ماڭىمۇ  بىرنى تىكتۈرتۈپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزى كىيەلىگەن ئىدى . توۋا،،،،ھەجەپ بىر ئەسكىكەنمەنتۇق .
تېلىۋىزوردا توي قىزلىرىنىڭ توي كۆينىكى كىيىپ چىرايلىق بېزەلگەن ماشىنلارغا ئولتۇرغىنىنى كۆرگىنىمدە __  ئاپوي ، دادامغا دەڭە بىزنىڭ ماشىننىمۇ ئاۋۇنىڭدەك ياساپ ،مەنمۇ ئاشۇنداق كۆينەك كىيىپ باقاي .  
دەپتىكەنمەن . ئاپام كۈلۈپ كېتىپ ،
__  ئۇ دىگەن توي قىزلىرى ،خۇدايىم بۇيرىسا چوڭ بولغاندا ئاشۇنداق كۆينەك كىيىپ ،شۇنداق ماشىندا ئولتۇرىسىز قىزىم ، خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن ....
__ قاچانمۇ چوڭ بۇلارمەن ھە،،،،توي قىزى بولسام بوپتىكەن ، ھەجەپ چىرايلىق كۆينەك كىيىدىكەن ....
بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەر بىر ھازا كۈلگەن ئىدى ، مەن ئۇلارنىڭ نىمىشقا كۈلگىنىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان ئىدىم ، مانا ئەمدى چۈشەندىم ، بىرەدە شۇنداق دىگەنتىڭىز دەپ يۈزۈمگە سېلىپ قويىدۇ ، خىجىل بۇلۇپ يەرگە كىرىپ كېتەي دەپ قالىمەن ، ئۇچاغدا نىمە بىلەي ، بىلگەن بولسام شۇنداق دەرمىدىم .  
ھەي توۋا.....مۇشۇ ئىشلارغىمۇ ھەپ-پەش دىگۈچە 15 يىل بۇلۇپتۇ .....كىچىك چېغىمدا شۇنداق ئىچى تار ، كەپسىزلىكىم .........ھازىرغۇ ئۇنداق ئەمەس شۇنداق كەڭ قورساق ، مۇلايىم قىز بۇلۇپ كەتتىم ، چوڭ بولدۇق ئەمەسمۇ ، ھې،،،ھې،،ھې،،،
ھازىرقى كىچىك بالىلار بىزدەك قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىماس بۇلۇپ كېتىپتۇ ، قارىساق كۆتۈرۋالغان سومكىسى ئۆزىدىن چوڭ ، سۇمكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆتۈرۈپ ماڭماقمۇ بىر گەپ .
مانا تاتلىق خىياللارغا چۆكۈپ ،شېرىن خىياللارغا غەرىق بۇلۇپ ، خۇددى شۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندەك ، بىردەم بولسىمۇ بالىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرگەندەك بولدۇم ...............

                            مەنبە __ ئۆزۈم  


سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئىناق،ئصتتصپاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15118
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرقى يەتتە ياشلىق قىزىمنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلىرىمدىكى قىلغان ئىشلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 789
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4263
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5430 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ گىپى چىقسىلا ئادەم چەكسىز خىيال قوينىغا غەرق بولىدۇ.
بالا ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ خىلى ئىشلارنى تېرىغان. ھەركىتىم تىز ئەمەس ئىدى، ئەمما چوڭلارنىڭ كۆزىدىن ئاسانلا چەتنەپ كېتەتتى.
بالا ۋاقىتلىرىمدا قوغلاشماق ئويناش بىلەن خۇشۇم يوق ئىدى، ئاسان تۇتۇلۇپ قالاتتىم، ئەمما مۈكۈشمەك دېسە ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتىم.
بىر قىتىم بالىلار بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋىتىپ، كالا ئوقۇرىغا چۈشۈپ، ئۈستۈمگە پاخالنى يېپىنىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، تاپىدىغانلار مېنى تاپالماي باشتا "تىز چىق، بولمىسا ئوينىمايمىز!" دەپ ۋارقىراپ بېقىپتۇ، مەن چىقمىغاندىن كېيىن چوڭلارنى چاقىرىپتۇ، ئۇلار مېنى يوقاپ كەتتى، چوقۇم بىرەر يەرگە قىسىلىپ قالدى دەپ ئويلاپتۇ، ئاشۇ چاغدا كالا پاخال يەيمەن دەپ ئوقۇرغا بىشىنى تىقمىغان بولسا قانچىلىك ياتاتتىمكىن تاڭ.
بىر قىتىم تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۈجمە يەيمەن دەپ ئىنچىكە شاخنىڭ ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىمىز، كىم ئەڭ ئىنچىكە يەرگە دەسسىيەلەيدۇ دەپ مەن يېڭىۋالغان، ئەمما يەڭگەننىڭ بەدىلىگە قوشنىمىزنىڭ بىغىغا خۇددى كارتوندىكى پىرىخون سۈپۈرگىگە مېنىپ ئۇچقاندەك ئۈجمە شىخىغا مېنىپ چۈشۈپ كەتكەنتى.
بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلايدۇ، چوڭلار بالىلىقىنى ئويلايدۇ................

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2118
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10316
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 5411 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇسۇل ئوينىساممۇ ئوينايتىم ئاپامنىڭ ئايىغىنى قەتئى كەيمەس بولدۇم .
،ئاكامنىڭ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتكىنىگە قاراپ شۇندىن كىين ئۇنىڭ كىتاپلىرىدىن <<پۇل>>ياسىمىغان ئىدىم .
__ قاچانمۇ چوڭ بۇلارمەن ھە،،،،توي قىزى بولسام بوپتىكەن ، ھەجەپ چىرايلىق كۆينەك كىيىدىكەن ....

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13114
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كىچىك  چاغىلرىمدا شۇنداق ئوينايتىم.
مانا  ئەمدى. بۇ بىر  ئوتىمۇشكە ئايلاندى.

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

يىراقنى كۆرگۈم ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21632
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3554 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17081
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10405 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى چاغلار  غەم ئەندىشىش .. بەك كۇڭۇللۇك   [s:9]  [s:9]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3685
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8364 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە تۇيۇقسىزلا بالىلىق ۋاقتىمدىكى ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، سۇيۇيئاشقا تاۋۇز سېلىپ يىگىنىمچۇ تېخى، ھى ھى ھى.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8658
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6182 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  al.ansar كە 2011-05-18 05:33 PMئەۋەتىلدى  :
ھەي بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ گىپى چىقسىلا ئادەم چەكسىز خىيال قوينىغا غەرق بولىدۇ.
بالا ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ خىلى ئىشلارنى تېرىغان. ھەركىتىم تىز ئەمەس ئىدى، ئەمما چوڭلارنىڭ كۆزىدىن ئاسانلا چەتنەپ كېتەتتى.
بالا ۋاقىتلىرىمدا قوغلاشماق ئويناش بىلەن خۇشۇم يوق ئىدى، ئاسان تۇتۇلۇپ قالاتتىم، ئەمما مۈكۈشمەك دېسە ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتىم.
بىر قىتىم بالىلار بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋىتىپ، كالا ئوقۇرىغا چۈشۈپ، ئۈستۈمگە پاخالنى يېپىنىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، تاپىدىغانلار مېنى تاپالماي باشتا "تىز چىق، بولمىسا ئوينىمايمىز!" دەپ ۋارقىراپ بېقىپتۇ، مەن چىقمىغاندىن كېيىن چوڭلارنى چاقىرىپتۇ، ئۇلار مېنى يوقاپ كەتتى، چوقۇم بىرەر يەرگە قىسىلىپ قالدى دەپ ئويلاپتۇ، ئاشۇ چاغدا كالا پاخال يەيمەن دەپ ئوقۇرغا بىشىنى تىقمىغان بولسا قانچىلىك ياتاتتىمكىن تاڭ.
بىر قىتىم تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۈجمە يەيمەن دەپ ئىنچىكە شاخنىڭ ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىمىز، كىم ئەڭ ئىنچىكە يەرگە دەسسىيەلەيدۇ دەپ مەن يېڭىۋالغان، ئەمما يەڭگەننىڭ بەدىلىگە قوشنىمىزنىڭ بىغىغا خۇددى كارتوندىكى پىرىخون سۈپۈرگىگە مېنىپ ئۇچقاندەك ئۈجمە شىخىغا مېنىپ چۈشۈپ كەتكەنتى.
.......
ۋاي خۇدايىم ......مەندىنمۇ بەكرەك كەپسىز كەنسىزتۇقمۇ نىمە سىز ............كالا ئوقۇرىدا يېتىپ بۆشۈكتە ياتقاندەك ئۇخلاپسىز ھە .....

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34857
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3417
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخىچىلا كىچىك بالىكەنسىزغو ، توي كۆينىگى كىيمەپسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش