ئالدى بىلەن "مورفىي قانۇنىيىتى" نى بىر ئىزاھلىۋەتسەك :
يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ، ئەمما بىز يۈز بېرىشنى خالىمايدىغان ئىش ئېھتىماللىقىنىڭ
قانچىلىك كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھامىنى يۈز بېرىدۇ
ئاسانلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا خاتالىق كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار بىر ئىش قىلغىنىمىزدا ، خاتالىق چوقۇم كۆرۈلىدۇ .
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاللاش ئىمكانىيىتى باربولۇپ ، ئارىسىدىكى بىر خىل تاللاش بىر مەيدان
ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، چوقۇم ئۆتە-ساپا شۇ خىل تاللاشنى تاللايدىغانلار چىقىدۇ
ئالدىڭىزدا ئۈچ يول بار ، بارىدىغان يېرىڭىزگە ئاپىرىدىغان يول ئىككى ، نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق
ئويلىنىش ئارقىلىق ئۈچىنچى يولدا مېڭىپ سالىدۇ .
ئېدۋارد. مورفىي (Edward A. Murphy) ئىنژىنىر ، ئىلگرى ئامېركا ھاۋا ئارمىيىسىگە كىرگەن ،
1949-يىلى ئېلىپ بېرىلغان MX981 تەجرىبىسىگە قاتناشقان ، بۇتەجرىبىنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ
تېزلىنىش(加速度)قا بولغان بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى سىناش ، يۇقىرىقى قانۇنىيەت دەل مۇشۇ
قېتىملىق تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىققان .
يەنە بىر قېتىم : يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى قانچە كىچىك بولغان ھادىسىنىڭ يۈزبەرگەندە ئېلىپ
كىلىدىغان زىيىنى شۇنچە زور بولىدۇ
"قورققانغا قوش كۆرۈنەر" دەپتىكەن كونىلار .
※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※
خوش ، ئاۋالقى گەپكە كېلەيلۇق :
"مورفىي قانۇنىيىتى" گە ئاساسلانغاندا :
1. ھەرقانداق ئىش كۆرۈنۈشتىكىدەك ئوڭاي ئەمەس
2. ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا كەتكەن ۋاقىت ھامان ھېسابىڭىزدىكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ
3. خاتالىشىش مۇمكىنچىلىگى بولغان ئىشتا ، خاتالىق ھامان كۆرۈلىدۇ
4. ئەگەر شۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرسىڭىز ، بۇ مۇمكىنچىلىك تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ
ھاياتلىق پەلسەپىسى :
1.مۈشۈككە ناخشا ئۆگىتىش نىيىتىدە بولماڭ ، بۇنىڭ نەتىجىسى بولمايلا قالماستىن ، يەنە مۈشۈكنىڭ
ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىشىڭىز مۇمكىن؟
2.كالۋا ئادەم بىلەن تالاشماڭ ، بولمىسا كۆرگۈچىلەر كىمنىڭ كالۋا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي قالىدۇ ؟
3.ئۆزىڭىزنى بەك مۇھىم چاغلاپ كەتمەڭ ، سىز بولمىغانغا قۇياش ئوخشاشلا شەرقتىن چىقىۋېرىدۇ ؟
4.كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ ، ئەتىنىڭ بۈگۈندىن ياخشى بوپ كېتىشى ناتايىن.
5. ياخشى باشلانغان ئىشنىڭ ياخشى ئاخىرلىشىشى ناتايىن ، باشلىنىشى ياخشى بولمىغان ئىشنىڭ
نەتجىسى كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ چاتاق .
ھەل قىلىش پرىنسىپى
1. پۇلغا جىددى ئېھتىياجلىق بولغان بىر دوستىڭىزغا ياردەم قىلسىڭىز ، ئۇ چوقۇم سىزنى ئەستە تۇىدۇ ---- بولۇپمۇ كېلەر قېتىم جىددى پۇل لازىم بولغاندا .
2. قىلالىغانغا قىلدۇرۇڭ ، قىلالمىغانغا ئۆگىتىڭ ، ئۆگىنەلمىگەننى باشقۇرۇڭ .
3. سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن باردىڭىز ، لېكىن يىغىن ئېچىلمايدىغان بولدى ؛ دەل ۋاقتىدا
باردىڭىز يۇ ، يەنە ساقلىشىڭىزغا توغرا كەلدى ؛ سىز كېچىكىپ باردىڭىز ، كېچىكتىڭىز .
4. جۈپتىڭىزنى ئېلىپ سەيلىگە چىقتىڭىز ، تونۇشلار ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرگەنسىرى تونۇشلارمۇ
ئۇچراۋەردى .
مۇھەببەتنىڭ مەنىسى
1. سىز ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادەم ، ھەمىشە سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزنى : سىزنىڭ
ئۆزىنى بۇرۇنقى سۆيگۈنىڭىزگە ئوخشاتقانلىڭىزدىن دەپ قالىدۇ .
2. سىز ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ يازغان سۆيگۈ خېتىڭىز ، قارشى تەرەپنىڭ قولىغا تەگكۈچە ئۆتكەن
ۋاقىت ئىچىدە سىز توختىماستىن بۇ خەتنى يازغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز ھەم ئۇنى قايتۇرۋېلىش
ئىستىكىدە بولىسىز
3. بىرسىگە ئۆچ بولغانسىرى ئۇ ئادەم كۆز ئالدىڭىزدىن نېرى كەتمەيدۇ ، بىرسىنى سېغىنغىنىڭىزدا
بولسا جاھاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئىزدەپمۇ ئۇنى تاپالمايسىز .
تۇرمۇشقا نەزەر
1. قانچىكى ياخشى نەرسە ، ئىشلىتىلىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ
2.بىر مەھسۇلاتقا 90 كۈنگىچە مەسىلە كۆرۈلمەسلىك كاپالىتى بېرىلدى دېگەنلىك ، 91-كۈنى
ئۇ مەھسۇلاتتىن چوقۇم چاتاق چىقىدۇ دېگەنلىك .
3. خېلى ۋاقىتقىچە لازىم بولمىغان بۇيۇمنى تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ ؛ تاشلىۋەتكەندە بولسا ،
شۇ نەرسىگە ئېھتىياجلىق ئىشلار يېغىپ كېتىدۇ
4. نەرسىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويغىڭىزدا بىرىنچى بولۇپ ئىزدەيدىغىنىڭىز ئۇنى تېپىش ئېھتىمالى
بولغان ئەڭ ئاخىرقى جاي.
5. ئىزدەپ تاپقىنىڭىز ھەمىشە ئىزدەۋاتقىنىڭىز ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ .
6. سىز ئەخلەت يېمەكلىك ئەكىرىشكە تەمشەلگىنىڭىزدە ، كۆرىۋاتقان كىنو تازا قىزىق
يېرىگە كېلىدۇ
7. ئۆچىرەتتە تۇرغىنىڭىزدا ھەمىشە قېشىڭىزدىكى ئۆچىرەت سىز تۇرغاندىكىدىن تېز ئازلايدۇ ،
شۇنىڭ بىلەن غىپپدە ئالمىشسىز ، ئالماشقىنىڭىزدا بولسا سىز باشتا تۇرغان ئۆچىرەت ئازلاشقا
باشلايدۇ ، ئۇزۇن ئۆرە تۇرغانسىرى ئۆچىرەتتە خاتا تۇرغىنىڭىز ھېس قىلىسىز
8. كوچا ئاپتۇبۇسى ساقلاۋاتىسىز ، سىز ساقلىمىغان ئاپتۇبۇس نەچچە قېتىم ئۆتۈپ بولغاندىمۇ ،
سىز ساقلىغان ئاپتۇبۇس تېخىچە بىرسىمۇ كەلمىدى .
بىر ئىشتىن ئەنسىرگەنسېرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى :
ئەنسىرەش ، شۇ ئىش يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىش ، شۇڭا قەتئىي سەل قارىيالماسلىق .
ئەپسۇس ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئادەم زېھنىنى يىغىشقا تىرىشقانسىرى شۇنچە ئاسان
خاتالىشىدۇ
نېمىدىن قورقسىڭىز شۇ كېلىدۇ ، ئەنسىرگەن ئىش چوقۇم ، ھامان يۈز بېرىدۇ !
"قورققانغا قوش كۆرۈنەر" دەپتىكەن كونىلار .
مەنبە : بەيدۇ بىلەرمەن ۋە رېن رېن تورىدىكى
مۇناسىۋەتلىك تېما ئىنكاسلار
تەرجىمە قىلغۇچى ۋە مۇنبەرگە يوللىغۇچى : يامغۇر