مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17009|ئىنكاس: 45

Saptilak    بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45735
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6572 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Saptilak    بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت


(سۆھبەت خاتىرىسى)


[align=justify] ARKZAT :ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ساپ تىلەك خانىم! سىز مۇنبىرىمىزدىكى قەلەمكەشلەر  قاتارىدا ئۆزىڭىزگە خاس يول تۇتۇپ، مۇنبەرداشلىرىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان ئالىي ئەزايىمىز. شۇڭا سىزگە، سىزنىڭ ھاياتلىق مۇساپىڭىزغا، ئەدەبىي ئىىجادىيەت جەھەتتىكى ئىش-پاىالىيەتلىرىڭىزگە ھەممىمىز قىزىقىز. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بۇ ھەقتە بىزنى بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلامسىز؟

[align=justify]Saptilak: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مۇنبەر ئەھلى قېرىنداشلار! كەمىنە ساپ تىلەكتىن ھەممىلىرىگە چىن دىلىمدىن سەمىمىي سالام!

[align=justify]    ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، ئەمما ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا تۇتقان پۇزىتسىيىسى، ياشاش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەجرىگە يارىشا ياراتقان نۇرغۇن ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن كاتتا شان-شەرەپلەرگە نائىل بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۆمۇر مۇساپىسىنى تولىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك  ئۆتكۇزىدۇ. بەزىلەر بولسا، بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا، ئېتىز قىرلىرىدا، ئائىلىدە ئۆزىنىڭ مەسئولىيتىنى تولۇق تونۇپ، بۇرچىنى كەم-كۇتىسىز ئادا قىلىپ، ئۆمۈر مۇساپىسىدە گەرچە ئاجايىپ زور نەتىجىلەرنى يارىتالمىغان، كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ياشاپ ئۆتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، بىر ئۆمۈر ئالدىغا كەلگەن ئىشتىن باشقىنى قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەتتا بىر ئۆمۈر  ئىزدىنىشنى، تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆزىگە يات ھېسابلاپ، سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، پۇتۇن ئۆمرىنى خۇددى سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكچىلەردەك تولىمۇ مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۇزىدۇ.

[align=justify]ئۇلۇغ اللا بۇ دۇنياغا ياراتقان ھەر بىر بەندىسىنى«يارىتىش مەندىن، يارىلىش ئۆزۇڭدىن» دەپ ياراتقان ئىكەن. مەنمۇ قىرىق يىللىق ھايات مۇساپەمدە ئالاھىدە تۆھپىلەرنى يارىتىپ، كاتتا شان-شەرەپلەرگە نائىل بولمىغان بولساممۇ، ئەمما ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن ئائىلىدە تىرىشچان، ۋاپادار ئايال، بالا تەربىيلەشتە باشقىلارنى قايىل قىلغىدەك دەرىجىدىكى لاياقەتلىك ئانا، خىزمەت ئورنۇمدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، قايىللىقىغا ئېرىشكەن   تىرىشچان باغۋەن بولۇپ ئىشلەپ، قىسقىغىنە ھايات مۇساپەمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۈم دەپ قارايمەن.

[align=justify]ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەن مۇندىن 40 يىل ئىلگىرى، سۇيلىرى ئەلۋەك، باغۇ -بۇستانلىق، گۈزەل دىنار دەريا ۋادىسىدا بىر ئاددىي خىزمەتچى  ئائىلىدە دۇنياغا كەلدىم. رەھمەتلىك دادام بولسا 40 يىللىق خىزمەت مۇساپىسىدە يېزا خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئاياق ئىزلىرىنى ئېتىزدا، قىر بېشىدا قالدۇرۇپ، مىننەتسىز، تاماسىز ياشاپ، ئاق كۆڭۈل دېھقانلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پاكلىقى، خالىس تۆھپىسىنى ئېلىپ بىزنى ھەسرەت-نادامەت، جۇدالىق ئىلكىدە قالدۇرۇپ بىز بىلەن  بىمەھەل خوشلۇشۇپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. مەرھۇم دادامغا ئۇلۇغ اللا جەنەت ئاتا قىلغاي!

[align=justify] ئاپام 35 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئىنايىن قىيىن شارائىتتا مىللىي مائارىپ ئۈچۈن مىننەتسىز قان-تەر ئاققۇزۇپ، نەچچە يۈزلىگەن دېققان پەرزەنتىنى جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ،  11 يىل بۇرۇن شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىقىپ، ئوماق نەۋرىلىرىنىڭ لاياقەتلىك تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن ھەم دادا، ھەم ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە.

[align=justify]دادام بىلەن ئاپام ئائىلىسىگە نىسپەتەن تولىمۇ مەسئولىيەتچان، ئۆز كەسىپلىرىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان كىشىلەر ئىدى. شۇڭا بىزنىمۇ كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا قارا سانىمايدىغان، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلىدىغان، ئادىي-ساددا، ئەدەب-ئەخلاقلىق، تىرىشچان قىلىپ تەربىيەلىدى. ھەممىمىزنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتتى، ئوقۇغۇنىمىزغا چۇشلۇق ھەمىمىز ئۆزىمىزگە لايىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلۇشۇپ، دادام ۋە ئاپامنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلاپ ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمىز. مەنمۇ باشقا قېرىنداشلىرىم قاتارىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تا ھازىرغىچە ئاساسىي قاتلامدا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.

[align=justify]مەن مۇندىن 18 يىل بۇرۇن بالامنىڭ دادىسى بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ئائىلىمىزنى قۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئىناق-ئىجىل ياشاپ كېلىۋاتىمىز. اللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىر پەرزەنتلىك بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. اللا بىزگە بىر پەرزەنت ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نەچچە بالىغا تېگىشكۈسىز ئەدەب-قائىدىلىك، ئىشچان، پاكىزە، ھەممىدىن مۇھىمى- ئۆزنىڭ ئەڭ زور نەتىجىلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھاردۇغىنى چىقارغۇدەك ئەقىللىق بالا بولدى. ئۇلۇغ اللا بالامنى يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن. گەرچەئائىلەم ئالاھىدە باي-باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما ئورۇنسىز جىدەلدىن خالىي، كۆڭۈللۈك بولۇپ، ئۆيۈمدىن شاد-خۇراملىق تۇيغۇلىرى يامراپ تۇرىدۇ. بالام ھەر بىر ئىشلىرىدا مېنى چەكسىز پەخىرلەندۈرىدۇ، مانا بۇ مېنىڭ ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان ئەڭ زور بەختىم. مەن يەنە بالامنى باشقىلار چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغىدەك، زۇقلىنىپ ھەۋەس قىلغىدەك تەربىيەلەپ چىققان لاياقاتلىك بىر ئانا ھەم يولدىشىم ئۈچۈن ۋاپادار، ئىقتىساتچىل، تىرىشچان بىر ئايالمەن.

[align=justify]مەكتەپتىكى خىزمىتىم تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، مەكتىپىمىزدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك ئازدۇر-كۆپتۇر  مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما مەكتىپىمىز  پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان«ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدىكى كۆزنەك مەكتەپ بولۇپ، مەكتىپىمىز ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئىلغار، تەرەقىياتى ناھايىتى تېز بولۋاتقان  ئوقۇتۇش مۇھىتى، گۈزەل مەكتەپ مەنزىرىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرقانداق يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

[align=justify]مەن كىچىكىمدىن تارتىپ يېزىقچىلىققا ئىنتايىن ھەۋەس قىللاتتىم. بۇنىڭغا مېنىڭ باشلانغۇچ 4-سىنىپتىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم سەۋەپ بولغان. شۇ چاغدا مەن ئەدەبىيات تاپشۇرۇقتا بېرىلگەن ھېكايە يېزىش مەشىقىدە «مېنىڭ پاقلىنىم» دېگەن بىر پارچە ھېكايەمنى ئوقۇتقۇچۇم تولىمۇ ماختاپ، پۇتۇن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۈلگە قىلىپ بەرگەن ئىدى. مەن مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەشىق ھېسابىدا ئۇنى-بۇنى يېزىپ يۇردۇم. بۇ يېزىشىم تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئەمما ھېچقانداق يازمىللىرىمنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرۇپ باقمىدىم. 2007-يىلى مەن تۇنجى قېتىم شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن باشلاپ، يازمىلىرىمنى پەقەت مۇنبەردىلا ئېلان قىلىپ كەلدىم. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ مىسرانىمغا ئەزا بولۇپ، ئۆزۈم ياخشى چىقتى دەپ قارىغان ھېكايىلىرىمنى مۇنبەر يۈزىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم.

[align=justify] مەندىكى تىل-ئەدەبىياتقا بولغان شۇنداق كۈچلۈك ئىنتىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇغان كەسپىممۇ تىل-ئەدەبىيات، ماڭا 20 يىلدىن بېرى نان بېرىۋاتقان كەسپىممۇ دەل- ئەدەبىيات بولدى. كىچىكىمدىن يېزىقچىلىققا ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار ئىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يىزىقچىلىق دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن ئىككى پارچە ماقالەمنى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئەۋەتكەن ئىدىم، بىراق يازغان ماقالەم ئىز-دېرەكسىز يوقالدى. كېيىنچە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، يەنە ئۆزەم ئەڭ ياخشى يېزىلغان دەپ قارىغان بىر پارچە ماقالەم ۋە بىر پارچە ھېكايەمنى مەلۇم بىر مەتبۇئات ئورنىغا ئەۋەتكەن بولساممۇ،  ئېلان قىلىش ھەققى ئۈچۈن 300.00 يۈئەن تۆلىمىگىنىم ئۈچۈن ئېلان قىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئائىلىدىكى تۈگىمەس ئىشلار، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئاخبارات-نەشىريات ئورۇنلىرىغا  ئەسەر ئەۋەرتىشتىن  ۋاز كەچتىم، ئەمما يېزىقچىلىققا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمدىن ئازراقمۇ ۋاز كەچمىدىم. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، مېنىڭ ماكانىم ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى بولۇپ كەلدى. مۇنبەرگە ھەر بىر پارچە ئەسىرىمنى چىقارغىنىمدا خۇددى نوپۇزلۇق بىر نەشىرياتتا ئەسىرىم ئىلان قىلىنغاندەك، ئوقۇرمەنلەر يازمىلىرىمنى كۆرۈپ ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىنىمدە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلىمەن! شۇڭا مېنىڭچە، مۇنبەرنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەتبۇئات، بىر نەشىرىيات. شۇڭا يازمىلىرىمنىڭ مۇنبەردە ئېلان قىلىنىشى مەن ئۈچۈن كۇپايە دەپ قارايمەن.

[align=justify]مانا، بۇ- مېنىڭ تولىمۇ ئاددىي، ئەمما خېلىلا ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن 40 يىللىق ھايات مۇساپەم.

[align=justify]       ARKZAT : سىز ئۆز ئەسەرلىرىڭىزنى نۇقتىلىق ھالدا قايسى تېمىلاردا كۆپرەك يازىسىز؟ بۇنىڭدا بىرەر ئالاھىدە سەۋەب ۋە ئاساسلار بارمۇ؟ ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ بىر سوراپ باقسام: مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالىق نامىڭىزنى«ساپ تىلەك» دەپ قويۇپسىز. بۇغۇ تامامەن ئۆز ئىختىيارىڭىزدىكى شەخسىي ئىشىڭىز ئىدى، لېكىن تۇساتتىنلا ئويلاپ قالدىم: ئەجىبا،  تىلەكنىمۇ «ساپ تىلەك»، ساپ بولمىغان تىلەك»...دېگەندەك  تۈرلەرگە ئايرىش كېرەكمۇ؟

[align=justify]         Saptilak:مەن ئەسەرلىرىمدە ئاساسەن ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ۋاپادار، كۆيۈمچان بولۇش، كىچىك ئىشلارغا يېنىكلىك قىلىش سەۋەبىدىن پەرزەنتلەرنى يېتىم قىلماسلىق، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم سۇخەنچىلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلىرى بىلەن بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران قىلماسلىق،  ئەرلىرىنىڭ قۇرساق كۆپىكىگە چىدىماي، ئۆزلىرىچە «ئۇنداق قازانغا مۇنچاق چۇمۇچ» قىلىپ، ناتۇغرا يولغا مېڭىپ قالماسلىق، بالىلارنى بىلىملىك، ئەدەپ-ئاخلاقلىق، قائىدە-يۇسۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەش، جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز-ئارا مېھرىبان بولۇپ، باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇلارغا ئىللىق قوللىرىنى سۇنۇشنى ئاساسى تېما قىلدىم.

[align=justify] بۇنداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىشىمدا ئالاھىدە سەۋەبمۇ يوق. بار دېيىلگەندىمۇ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ تەڭدىن كۆپى ياشلارنى، توي قىلمىغانلارنى تەشكىل قىلغاچقىمۇ، ھەرقانداق بىر سەھىپىگە كىرسە مۇھەببەت ھەققىدىكى تىمىلار ناھايىتى كۆپ سالماقنى تەشكىللەپ، بىزدەك ياشتا بىر قەدەر چوڭلارنىمۇ  ئىختىيارسىز لىرىك ھېسياتلارغا تويۇنغان مۇھەببەت قايناملىرىغا باشلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان نۈرغۇن تۇرمۇش مەسىلىرى يۇرۇتۇپ بەرگىدەك، يېڭىدىن تۇرمۇشلۇق بولغان قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ تۇرۋاتقانلارغا ساۋاق بولغىدەك، بالىلارنى تەربىيلەشتە قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ياش ئاتا-ئانىلارغا ئاز بولسىمۇ ئۆرنەك بولغىدەك ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەپ بولغان.

[align=justify]ئەمدى مەن قوللانغان « ساپ تىلەك» دېگەن نامغا كەلسەك، مەن 2007-يىلى يىڭىدىن مۇنبەگە كىرگەندە ئەسلى «تىلەك» دېگەن نامنى ئىلتىماس قىلسام، بۇ نامنى باشقىلار قوللۇنۇپ بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ، مېنىڭ بۇ نامدىن زادىلا ۋاز كەچكىم كىلمىدى. ئاخىرى«ساپ تىلەك» دېگەن نامنى ئىلتىماس قىلدىم. چۈنكى «ساپ» دېگەن بۇ سۆز نۇرغۇن ئېسىل مەنالارغا ئىگە بولۇپ، بۇ سۆز چاڭ-توزاندىن خالىي، سۈزۈك، پاكىز، غەيرى نەرسىلەر ئارلاشمىغان، تازا، داغ، يامانلىق، ئەيىب-نۇقساندىن، ئىللەتتىن خالىي، پاك، باشقا بىرىنىڭ ئەجرى ئارىلاشمىغان، ھالال دېگەندەك چۇڭقۇر مانالارغا ئىگە بولغاچقا، مېنىڭ قىرىنداشلىرىمغا تىلىگەن تىلەكلىرىم ئەنە شۇنداق پاك، نۇقسانسىز، يامانلىقتىن خالىي بولغان، چىن قەلبىمدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەڭ ياخشى تىلەكلەردىن بولۇپ قالغۇسى دەپ ئويلاپ شۇ نامنى قوللاندىم.

[align=justify] 

[align=justify]   ARKZAT : سىز مەكتەپتە تەلەپچان ئۇستاز، ئائىلىدە مېھرىبان ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەدە ئانىنىڭ رولىغا قانداق قارايسىز؟

[align=justify]       Saptilak: پەرزەنت تەربىيسىدە ئانىنىڭ ئائىلىدىكى رولى تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى كۇندىلىك تۇرمۇشتا دادا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا، ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ. يەنى بالا بوۋاق مەزگىلىدە بالىنى بېقىش، ئۇزۇقلاندۇرۇش، ئوينىتىش، ئۇخلىتىش، تۇختىماي گەپ قىلىپ بېرىش، تىلىنى، ئايىقىنى چىقىرىش، پەرزەنت بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، يەنە ئوخشاشلا بالىنى بېقىش، ئۇزۇقلاندۇرۇش، بالا بىلەن تەڭ ئويناش، بالا بىلەن مۇڭدىشىش، بالا مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن تارتىپ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى شەكىللەنگىچە ئانا بىلەن بالا پائالىيەتلەردە ئاساسەن بىرگە بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل زىچ بولغان بولىدۇ. بۇ ئىشلاردىن شۇنى ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئانا، بالىغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇچىدۇر. بالا ھەر قانداق ئىشتا ئانىنى ئۈلگە قىلىپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى بالىنى تەربىيەلەشكە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشى، ھەرقانداق ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، بالا تەربىيلەشتە ھەر بىر ئىنچىكە ئىشلارغىچە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك.

[align=justify] مەن پەرزەنتلىك بولۇپ، بالامنى تەربىيەلەش جەريانىدىن مۇنداق بىر نەچچە ئىشنى خۇلاسىلەپ چىقتىم.

[align=justify]1. ئانا يالغان سۆزلىسە بالىمۇ تەبىئىي يالغان سۆزلەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.  مەسىلەن: بالام ئەمدىلا 2-سىنىپقا چىققان مەزگىلى ئىدى. مەن بىر كۈنى شۇنچىلىك چارچاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن، شۇ كۈنى نېمىشقىكىن ئىشقا زادىلا بارغىم كەلمىدى. شۇڭا مەن يولدىشىمغا: «مەكتەپكە دىككىدە بېرىپ مېنى ئاغرىپ قالدى، دۇختۇرخانىغا ئاپارماقچىدىم» دەپ سوراپ قويۇپ كېلىڭ دېۋىدىم.  شۇنىڭدىن كېيىن بالام تۇرۇپ-تۇرۇپلا:« مېنى ئاغرىپ قالدى دەپ قويۇڭ!» دەپ مەكتەپكە بارغىلى ئۇنىمايدىغان بولىۋالدى. بىر كۈنى بالامغا خاپا بولۇپ كايىغان ئىدىم، كىچىككىنە بالا: «ئاپا، سىزمۇ بارغىڭىز كەلمىسە، شۇنداق دەيدىكەنسىزغۇ؟» دېدى. مانا بۇ مېنىڭ بالىنىڭ ئالدىدا قىلغان يالغانچىلىقىمنىڭ يېڭىدىن نامايەن بولۇشى ئىدى.

[align=justify]2. ئانا بولغۇچى بالا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ قايسى تۇغقانلارغا بەكرەك يېقىن مۇئامىلىدە بولسا بالىمۇ تەدرىجىي شۇ تۇغقانغا يېقىن تۇرۇپ، ھېلىقى ئىزدەشمەيدىغان ياكى ئانىسى ئانچە ياقتۇرمايدىغان تۇغقاننى بالىمۇ ئانچە ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەردە بالا ئاساسەن ئانا تەرەپ تۇغقانلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتىدۇ ۋە شۇلارنى ئەگىپ يۈرۈيدۇ. چۈنكى، ئانا بولغۇچى بالىنى ئېلىپ دائىم ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى يۇقلاپ شۇلارنىڭ ئۆيىگە كۆپرەك بارىدۇ. يەنە كېلىپ، ئانىنىڭ تۇغقانلىرى بالىغا ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ئامراقلىق ھېسياتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. دادىنىڭ تۇقانلىرى بىلەن بالا پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرمىغاچقا ۋە بۇ تۇغقانلارمۇ بالىغا نىسپەتەن ئامراقلىق ھېسياتىنى ئىپادىلەپ تۇرمىغاچقا، بالا بارغانچە دادىسىنىڭ تۇغقانلىرىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ-دە، تۇغقانلار ئارا مېھرى-مۇھەببەت، كۆيىنىش بارغانچە سۇسلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىدا ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا كۆيۈنمەيدىغان، ھەممە تۇغقانلارنى باراۋەر كۆرمەيدىغان، باشقىلارنى كۆرگە ئىلمايدىغان، ياراتمايدىغان ساغلام بولمىغان پىسخىكا يېتىلىشكە باشلايدۇ.

[align=justify]3. ئانا تۇرمۇشتا رەتسىز بولسا، ئالايلۇق ، ئانا ئۆيدە ھەممە نەرسە چېچىقلىق-قالايمىقان تۇرسىمۇ يىغىشتۇرۇشنى خالىمىسا، قاچىلارنى ۋاقتىدا يۇيماي دۆۋلەپ قويسا، قىز پەرزەنتمۇ تەبىئىي شۇنداق رەتسىز، ئىشنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.مەسىلەن: مەن دائىم بالام كىچىك ۋاقىتتا سىرتتا بىرەر يەردە ئولتۇرماقچى بولسام، ئاستىمغا گېزىتمۇ ياكى قولياغلىقمۇ بىرنەرسە قويۇپ ئولتۇراتتىم. بالام يەسلىدىكى چاغدا بىر كۈنى بالامنى ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ يولدىشىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقسام، خۇشنام :«توۋا، بۇ بالىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى، سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۋاتىدۇ» دەپ ھەيران بولغىنىچە سۆزلەپ كەتتى.

[align=justify]4. ئانا بولغۇچى بەتخەج بولسا، بالىمۇ ئوخشاشلا نېمىنى كۆرسە شۇنى سېتىۋالىدىغان، پۇلنى بۇزۇپ چاچىدىغان،نېمىنى كۆرسە شۇنى سېتىۋالىدىغان، پۇل بولمىسا ھەتتا مەكتەپكىمۇ بارغىلى ئۇنىمايدىغان  بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم ئانا بولغۇچى ئۆزى ئىقتىساتچىل بولۇپلا قالماي، بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزىمۇ پارچە پۇل يىغىپ قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بالىغىمۇ كىچىك ئامانەت ساندۇغى ياساپ بېرىپ، ھىيت-ئايەملەردە، تۇغۇلغان كۈنىدە ۋە باشقا كۈنلەردە باشقىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار بەرگەن پۇللارنى يىغىشقا يېتەكلەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر-ئىككى يىلنى بىر قەرەل قىلىپ، يىغىلغان پۇلغا بالا ئىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگىنىڭىزدە، بالىدا تۇساتتىن ئۆز-ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل يىغىدىغان، يىغىلغان پۇلنى قانداق ئىشلىتىشنى پىلانلايدىغان ياخشى ئادەت شەكىلىنىدۇ.

[align=justify]5.ئانا بولغۇچىنىڭ ئاغزى يامان بولسا، بالىمۇ ئاغزى يامان چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن: بالام كىچىك مەزگىلىدە بىر تەرەپتىن خىزمەت، بىر تەرەپتىن ئائىلە ئىشلىرىغا يېتىشىپ بولالماي يۈرگەن كۈنلىرىمدە يولدىشىمنىڭ ئىشلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى. بىر كۈنى يولدىشىمنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ بالامغا:«بالام، دادىڭىز دېگەن ئەسكى يەنە كەلمىدىما؟» دەپ سوراپتىمەن. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ بالاممۇئاپا، دادام دېگەن ئەسكى نېمىشقا ھەر كۈنى كەچ كېلىدۇ؟» دېمەسمۇ بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم!

[align=justify]6. ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىغا ھەر ۋاقىت ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. يەنى دادىنىڭ ئائىلىدىكى نۇپۇزىنى، ئورنىنى تەكىتلەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، بالىنىڭ ئالدىدا دادىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى، بالىنىڭ ئالدىدا دادىنى ئورۇنسىز ئەيىپلىمەسلىكى، ئادىيسى تاماق تارتقاندا، دادا يوق شارائىتتىمۇ چوقۇم ئەڭ ئاۋال دادىغا تاماق ئېلىپ قويۇپ، ئاندىن چوڭدىن باشلاپ تاماق تارتىش كېرەك. ھەتتا چوڭ بالا بىلەن كىچىك بالا ئوتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ كىچىكىگە چوقۇم ئاكىسى ياكى ئاچىسىنى ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە تەربىيە بىرىپلا قالماي، ئەمەلى تۇرمۇشتىمۇ ئانا بولغۇچى چوڭ بالىسىنىڭ كىچىك بالىسى ئالدىدىكى ھۆرمىتىنى قىلىپ تۇرىشى تولىمۇ زۇرۇر.

[align=justify]يۇقىرىدا مەن دېگەن مىساللار تۇرمۇشىمىزدا كۈندە ئۇچۇراپ تۇرىدىغان تولىمۇ ئاددىي مىساللارنىڭ پەقەت بىر قىسمى، ئەمما مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلارغا دىققەت قىلمىغاندا، بۇنىڭ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۇپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

[align=justify]دېمەك، ھەر بىر ئانا ئۆز پەرزەنتىگە ئاغزىدىلا ئەمەس، يۈرەكتە كۆيۈشى ۋە ھەقىقىي كۆيىنىشى، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلەپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ بالىلىرىنى ئۆزىگە چىرايلىق، كىشىگە سەت، ئەخلاقسىز، قىلىقسىز، يارامسىز، قورقۇنچاق قىلىپ تەربىيەلەپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

[align=justify]      ARKZAT : ئىگىلىشىمچە، سىز  20 يىللىق سىتاژغا ئىگە بىر مائارىپچى ئىكەنسىز. شۇڭا سىز بىر مائارىپچى بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن نۆۋەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق باھا بېرىسىز؟

[align=justify]      Saptilak:  ساپا مائارىپى مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەقىياتىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك تېما. ساپا مائارىپى مائارىپ ئىسلاھات خىزمىتىدىكى بىر پۇتۇن تەن بولسا، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى شۇ تەننى تېرەپ تۇرغۇچى ئۇمۇرتقا دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. چۈنكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ھالقىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى.

[align=justify]نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشىمىزدىكى نۈرغۇن كەم بولغان تەرەپلەرنى ۋە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان خېلى كۆپ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە جانلىق بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا. ئەنئەنىۋىي دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بىلىش ۋە باشقۇرۇش ئوبيېىكتى دەپ قارىسا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى بىلىم يەتكۈزگۈچى، ھەرىكەتنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى دەپ قارايتتى. روشەنكى، ئوقۇتقۇچى- سىنىپتىكى باشقۇرغۇچى، ئوقۇغۇچى- باشقۇرۇلغۇچى بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن تەپەكۇرىغا چەك قويىلاتتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئوتۇرسىدا قېلىن بىر تام بار ئىدى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ قېلىن تام-توساق ئېلىپ تاشلىنىپ، دەرسخانىدىن ئىبارەت بۇ جاي ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق ئۆگىنىش مۇھىتى بولدى. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋى باراۋەر، ھەمكارلىشىش ئاساسىدىكى مۇناسىۋىتى بولۇپ شەكىللەندى.

[align=justify]يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەرسلىك كىتابلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىن، قىزىقارلىق، ئەمەلىياتچانلىقى كۈچلۈك  قىلىپ تۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر دەرس تېمىسى ئۈستىدە ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشى ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى دەرسلىك كىتابنىڭ تۈزۈلىشى ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ كۆپ ھەم كەڭ دائىرىلىك  ئىزدىنىش، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قوشۇق سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى چوقۇم بىر چىلەك سۇ تەيارلاش، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنۋېرىسال بىلىمىنى ئاشۇرۇشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. 

[align=justify]   يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى يەڭگىلىتىش قايتا- قايتا تەكىتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئويلىنىش، ئىزدىنىش، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش خاراكتېرىدىكى ئائىلە تاپشۇرىقى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا چارەكلىك ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرىسال ساپاسىنى ئىمتىھان نومۇرى ئارقىلىق ئۆلچىمەسلىك تەكىتلىنىپ، بۇ خىزمەتلەر بىر قىسىم ئورۇنلاردا ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپ، مەكتەپلەردە قىزغىن ئوقۇتۇش كەيپىياتى، ئوقۇتۇشتا يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

[align=justify]      يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىر سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىلار يىراق مۇساپىق ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىش، كۆپ خىل، جانلىق بولغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش، مەكتەپلەردىكى ئىجتىمائىي پائالىيەت بازىلىرى، تەجىربىخانا قاتارلىقلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەسلىدىكىدەك بىر سائەتلىك قۇرۇق نەزەريەدىن خالاس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆگىنىشتەك جانلىق كەيپىيات شەكىللەندى.

[align=justify]     يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ نۈرغۇن ياخشى نەتىنجىلەر قولغا كەلتۇرۇلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوخشاش بولمىغان يېتەرسىزلىكلەر ۋە يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە  ئۇيغۇن بولمىغان يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا.

[align=justify]       ئوقۇغىچلارغا دەرسخانىدا بېرىلگەن دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى «باراۋەرلىك» ئوقۇمى ئېنىق ئىزاھلانمىغان. نەتىجىدە، بۇ خىل ئەھۋال دەرسخانا كەيپىياتىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا خالىغىنىنى قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ دەرس بىلەن مۇناسىۋەتسىز خاتالىقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەنقىتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى، تۇغرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلاشماستىن، ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ كۆپيىپ كېتىشىدەك بىرمۇنچە مەسىلىلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەپ بولماقتا.

[align=justify]        شۇنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇكى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتۇشتا خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبە-ساۋاقلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى.  بۇ ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ئىش شۇكى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر يىلى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەر بەش يىلنى بىر قارار قىلىپ، كەسىپلەر بويىچە دائىمىيلىق تەربىيەگە تەشكىللەپ، بۇ جەھەتتىمۇ بىر بۆلۈك نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، ئەمما بەزىدە بۇنداق تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغانغا چۇشلۇق نەتىجە قولغا كەلمەسلىك ئەھۋاللىرمۇ كېلىپ چىقتى. چۈنكى بۇنداق دائىملىق تەربىيە كۇرسلىرىنىڭ بەزىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەبئىىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەپ ئىككىگىلا بولۇپ نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچىنى بىر زالغا سولاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز  كەسپىي بىلىمىنى يۇقىرى كۆتېرىشى ئۈچۈن ئەھمىيتى بولمىغان  بەزى مەزمۇنلارنى زورلاپ سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلارغا  ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلەلمەي، ئوقۇتقۇچىلاردا ئېغىر دەرىجىدە  بۇنداق تەربىيەلىنىش كۇرسلىرىدىن كەسكىنىش ۋە بىزار بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىشلارنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ- ئەلۋەتتە!

[align=justify]      ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىلىتىش قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن، ئىمتىھان تۈزۈلمىللىرى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە چارەكلىك ئىمتىھان قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چارەكلىك ئىمتىھانىدىن سىرت، ئايدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ئىمتىھان تۈزۈمىنى يېڭىدىن شەكىللەنگەن. ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم بىر سائەتلىك دەرسكە بىر قېتىم يازما تاپشۇرۇق بېرىش مەسىلىسى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىغان.

[align=justify]      يېزا مەكتەپلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، ئىقتىدارلىق بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش دولقۇنىنىڭ كۈچىيىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە كەسىپ ئەھلىلىرى، تايانچ كۈچلەر يېتىشمەسلىك، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە.

[align=justify]ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى تارقىتىشتا مەكتەپتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاساس قىلغاندىن  سىرت، يەنە ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئەڭ ئاساسىي ھالقا قىلغاچقا، ئىمتىھان ئېلىش، خۇلاسىلاش ئىشلىرىدا كۈندىن كۈنگە  بەزىبىر ساختىپەزلىك، قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل بولۇشتەك ناچار خاھىشلارمۇ ئەۋج ئالماقتا. بۇ-چوقۇم ئويلىنىشقا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك سەزگۈر مەسىلە!

[align=justify]    ARKZAT : بەلكىم، سىزمۇ خېلى كۆپ مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ تۇرىسىز. بۇ جەرياندا چوقۇم شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىڭىز: ھەرقانداق بىر تور بەت مۇنبىرىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن باشقۇرغۇچىلاردىن رەنجىپ، ئۇلاردىن زارلاپ- قاقشايدىغان ئىشلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرۇش مۇمكىن. سىزمۇ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن رەنجىش پىسخىكىسىدا بولۇپ باققانمۇ؟ سىزنىڭچە، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلار قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك؟

[align=justify]      Saptilak:   ئەركزات، سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىز يۈزلىرىمنى قىزارتىپ قويدى. چۈنكى مەنمۇ دەل شۇنداق ئەزالارنىڭ بىرسى. مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرگەن بىرىنجى كۈنىلا بىر باشقۇرغۇچى بىلەن ئۆزەم ئەجىر قىلىپ يازغان تېمامنى باشقۇرغۇچى ئۇقۇشماي ئۆچۇرۋەتكەن سەۋەبى بىلەن خېلى «تاتلىق» تىل ئشىلىتىپ دېيىشىپ قالدىم ھەم كۆڭلۈم بەكلا رەنجىدى. كېيىن بۇ ئىشلار ئايدىڭلاشقاندا، ئۆز-ئارا ئەپۇ سوراشقانمۇ بولدۇق. مۇشۇ يېقىندا يەنە بىر قېتىم مىسرانىم مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچىلاردىن ئەمەس، باشقا بىر سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئاغرنىپ مىسرانىمغا نەچچە  كۈنلەپ كىرمىدىم، ئامما بۇ يامانلىشىم ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. مىسرانىمنىڭ مېھرى شۇنچىلىك ئىسسىقمۇ ياكى تۇزى بەكلا ئېغىرمۇ بىلمىدىم، مېنى يەنە ئۆز قوينىغا تارتىپ كەتتى. قانداق قىلاي، مىسرانىمدىن مەڭگۈ مېھرىمنى ئۇزەلمىگىدەكمەن.

[align=justify]       مەنمۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن  باشلاپ مىسرانىمدا ئىككى ئايچە باشقۇرغۇچى بولۇپ، مەۋسۇم ئاخىرىدا ئىشلىرىم بەكلا ئالدىراش بولۇپ، مىسرانىمدا ھېچقانداق خىزمەت قىلماي، باشقۇرغۇچىلىق ئوردۇننى تاقاپ يۇرىۋېرىشكە يۈزۈم چىدىماي مىسرانىم ئەپەندىمگە ئىلتىماس قىلىپ باشقۇرغۇچىلىقتىن چېكىنگەن ئىدىم. شۇ ئىككى ئاي باشقۇرغۇچى بولۇش جەريانىدا باشقۇرغۇچىلىقنىڭ تولۇمۇ خالىسانە، ئەمما بەكلا جاپالىق خىزمەت ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتتىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز قىلۋاتقان خىزمەتلىرىنى چۈشەنمىگەن بەزىلەر باشقۇرغۇچىلاردىن تۇختىماي ئاغرىنىدۇ، ئۇلارغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ. مەن شۇ مەزگىلدە بىر ئالىي ئەزانىڭ تېمىسىنى مۇنداقلا بىر كۆرۈپ تەستىقلاپتىمەن. ئالاھەزەل بىر سائەتلەردىن كېيىن، مىسرانىم ئەپەندى ماڭا ناھايىتى جىددىي ئۇچۇر قىلىپتۇ. ئۇچۇردا مېنى سەگەك بولۇشىمنى، يازمىلارنى چوقۇم بىر قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىقىپ تەستىقلىشىمنى، مەن تەستىقلىغان ئۇ تېمىنىڭ سىياسىي خاراكتېرلىكى كۈچلۈك تېما ئىكەنلىكىنى، ھېلىمۇ باشقىلار ناھايىتى تېز بايقاپ خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ. مەن كۆڭلۈمدە «ئۇھ!» دېدىم. ئەگەر ئۇ تېما ۋاقتىدا بايقىلىپ ئۆچۈرۈلمىگەن بولسا، بىر ئوبدان مېڭۋاتقان مىسرانىم مۇنبىرىنى تۇگەشتۈرگەن، ئۆزۈمگىمۇ، باشقىلارغىمۇ بىرمۇنچە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن بولاتتىم.

[align=justify]      مېنىڭچە، ئەزالار مۇنبەردە يۇز بەرگەن بەزى يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا ئالاھىدە سەۋەنلىك بولسا، باشقۇرغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتسە، كىچىك مەسىلىلەرگە نىسپەتەن ئارتۇقچە رەنجىش، ياكى باشقۇرغۇچىلارغا نىسپەتەن كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ، پۇرسەت كەلگەندە، تىل سالىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلانسا. باشقۇرغۇچىلارمۇ گەرچە مۇنبەردىكى خىزمىتى بىر قەدەر ئالدىراش بولسىمۇ، تېخىمۇ مەسئولىيەتچان بولۇپ، ئەزالارنىڭ سادالىرىغا، يوللىغان قىسقا ئۇچۇرلىرىغا قارىتا يەنىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

[align=justify]     ARKZAT : سىز يېزا ئاساسىي قاتلىمىدىكى  مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كونكىرت ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالغان بىر مائارىپ تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن  نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا قانداق قارايسىز!

[align=justify]         Saptilak:  ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەنلا تەربىيلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەدەنىيەت، ئەخلاق جەھەتىكى ئۇنۋېرىسال ساپاسى يەنى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ-كېتىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى، سۆز-ھەرىكىتى، كىيىنىشى، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ۋەتەن، مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرى، ئائىلە، جەمئىيەتتىكى ئۆزىگە خاس بولغان بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشىنىڭ ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرىسال ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، دەرس ئىسلاھاتىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا. شۇنىڭغا ئاساسەن شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە تۈرلۈك تۈزۈملەر تۈزۈپ چىقىلىپ، بۇ ھەقتە كونكىرت خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

[align=justify]   يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش تۈزۈمى كۈنكىرىت يولغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە پائالىيتى جەريانىدا بۇ خىزمەتلەر ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ ماڭماڭتا.

[align=justify]     نەتىجىدە، يىزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاخلاق، ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسى بىلەن تەربىيلىنىشى ئەتراپلىق، ياخشى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلاردا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇربىتى يەتكەن بارلىق ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىشتەك ياخشى ئادەت ئىزچىل  داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

[align=justify]     شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۈرلۈك سەۋەنلىكلەرمۇ ساقلانماقتا. مەسىلەن، يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئورتاق تىرىشۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇش سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن نىسبەتتە تۇرماقتا. نەتىجىدە، يېزا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى شەھەرگە قاراپ ئېقىش مەسىلىسى سادىر بولماقتا.

[align=justify]    ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەشكىلىنىش ۋە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بەلگىلىك ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي تەربىيە ئىگە بولۇش يەنىلا نىشاندىن خېلىلا يىراق بولماقتا. چۈنكى بۇ خىل پائالىيەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللىنىشتە يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ئورۇن، شارائىت چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيتى يوق دېيەرلىك بولماقتا.

[align=justify]       ARKZAT :  ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن گۈزەل ئەخلاقىي- پەزىلەتنى ئۆزلىرىنىڭ  ئەڭ مۇھىم ھاياتلىق مىزانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن. شۇڭا پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىنلا ئەدەب-ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغان. سىز ئانىلىق بۇرچ ۋە تەربىيەلىگۈچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالغان ئۇستاز بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن بۇ جەھەتتە مەكتەپ، ئاتا-ئانا  ۋە ئائىلىنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق مەسئۇلىيىتى بارلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ باققان بولسىڭىز.

[align=justify]    Saptilak: ئاتا-ئانا- بالىنىڭ بىرىنجى ئۇستازى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا بالىنىڭ ئىككىنجى ئۇستازى، بۇنىڭدىن كۆرېۋىلىشقا بولىدۇكى، پەرزەنت تەربىيەسى يالغۇز ئاتا-ئانىنىڭلار ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭلا مەسئولىيتى ئەمەس. ئاتا-ئانا تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى زىچ بىلەشكەندىلا، بالىنى بىلىملىك، ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى بىلىم تەربىيەسى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا كوللېكتىۋزىملىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىناقلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىپ يېتەكلەپ ماڭىدۇ. ئۇنداقتا، ئانا-ئانىلارچۇ؟ قاراپ باقىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تىلغا ئالسىلا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ياخشىلىقىنى، سىنىپ بويىچە مانچىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، سىنىپتا قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، چىراي- تۇرقىنىڭ ئوماقلىقىنى، بۇي-بەستىنىڭ ئېگىز ھەم بەستىلىك ئىكەنلىكىنى، مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى...ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي، بەس-بەستە تىلغا ئېلىپ چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ. ئەمما بالىلىرىمىزدا پەقەت شۇ تەرەپلەر گەۋدىلىك بولسىلا كۇپايىمۇ؟ ئەجەبا، شۇنداق ماختانغان ئاتا-ئانىلار بالىلىلىرىغا ئەڭ زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي-پەزىلەت تەربىيەسىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟

[align=justify]   ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئىكەن، پەرزەنت تەربىيەسىنى مەكتەپكىلا ئىشتىرىپ قويماستتىن، بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تاماق ئىسراپ قىلسا، تاماق تاللىسا بولمايدىغاندىن تارتىپ، ئۆزىنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان ئۇششاق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش، پۇل تىجەش، ئۇشاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش، ئۆزىگە تەۋە بولغان بارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى ۋە ئائىلىدىكى ئائىلە سەرەمجانلىرىنى ئاسراش، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇش،ئائىلىدە ۋە سىرتتا چۇڭلارنى ھۆرمەتلەش، چۇڭلارنىڭ ئالدىدىن ئەدەبسىزلەرچە توغرا ئۆتمەسلىك، چۇڭلار تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن تاماققا قول ئۇزاتماسلىق، باشقىلارغا كۆيۈنۈش، باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىق، باشقىلار بىلەن مۇئامىلىدە بولغاندا چىرايلىق، ئەدەبلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، چۇڭلارنى ئۇچراتقاندا، ئاۋال سالام بېرىش.... قاتارلىق بىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقيى تەربىيەلىرىمىزنى بالىلىرىغا ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق سىڭدۈرۈش ۋە بۇ جەھەتلەردە بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. شۇنداق بولغاندا، مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىلىم تەربىيەسى بىلەن ئائىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاق تەربىيەسى ئۆزئارا زىچ بىرلىشىپ، پەرزەنت تەربىيلەشتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

[align=justify]  ARKZAT : كىتاب-بىلىم خەزىنىسى، بىلىم-ئەقىل بۇلىقى، ئەقىل- ئادىمىيلىك خىسلەت بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردىن نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەت ۋە كۈچلۈك خىرسقا تولۇق ماسلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ئىنساندەك ياشىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، كىتابنى ئۆزىمىزگەدوست تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، كىتاب ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش-ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەت! قارايدىغان بولساق، نۆۋەتتە كىتابخانا، كۈتۈپخانىلارغا كىرىپ كىتاب ئوقۇپ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىۋاتقانلارمۇ، ئەكسىچە، بۇ ئورۇنلاردىن كۆرە، رېستۇران، ئاشپۇزۇللارنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھايات پەيزىنى سۈرىۋاتقانلارمۇ نىسبەت جەھەتتە بىر-بىرىدىن قېلىشمايۋاتقان رېئال ئەھۋالنى ئۇچرىتىشىمىز ئېنىق! سىز مۇشۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە زادى قانداق قارايسىز؟

[align=justify]       Saptilak:   مەن ھەر قېتىم ناھىيە بازىرىمىزدىكى كىتابخانىغا كىرگىنىمدە، باشقا تىل-يېزىقتىكى كىتابلار تىزىلغان بۆلۈنمىگە كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە، بىراق بىزنىڭ كىتابلىرىمىز تىزىلغان بۆلۈنمىدىكى پەقەت بىر نەچچە ئادەمنىلا كۆرۈپ كۆڭلۇم تولۇمۇ يىرىم بولىدۇ-يۇ، ھېلىقى بىر نەچچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورۇندۇقسىز يەردە زۇڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بېرىلىپ كىتاب ئوقۇۋاتقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يەنىلا سۆيۈنىدۇ. سەمىمىي گەپنى قىلغاندا، مەنمۇ بىرەر كىتابنىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىققانلىقىنى ئاڭلىسام ياكى بىرەر ماتېريال لازىم بولغاندا،  كىتابخانىغا بارغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چاغلاردا كىتاپخانىغا كىرىپ تۇرالمايمەن.

[align=justify]     كىتاب مەنىۋىي دۇنيارىمىزنىڭ مۇنارى، بىزگە كەلگۈسىدىكى توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگۇچى ماياك، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى مەڭگۈلۈك چاقنىتىدىغان مەنبە، ئادىمىيلىكىمىزنى تونۇتىدىغان، قانداق ياشاشنى ئۈگىتىدىغان، تۇرمۇش ۋە ئەخلاق قارىشى يېتىلدۇردىغان قىممەتلىك بايلىقىمىز ئىدى. ئەپسۇس، بىزدە كىتابتىن يىراقلىشىشتەك ئېچىنىشلىق كەيپىيات بىزنى ئەخلاقتىن، ئۆرپ-ئادىتىمىزدىن، مەدەنىيتىمىزدىن يىراقلاشتۇردى. ئەكسىچە، بىزنى شاۋقۇن-سۆرەنلىك رىستۇران ئۆز قوينىغا تارتىپ، توي، توي چاي، بۆشۈك توي، سۈننەت توي،  گۈل چاي، ئۆي چاي، تۈگىمەس قاتار چاي....لاردا قۇرسىقىمىز كىرىلگىچە يەپ-ئىچىپ، سائەتلەپ قۇرۇق پاراڭلارغا مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇقكى، بۇ يەردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، ئاشلىق ئىسراپچىلىقى، زىيادە كۆپ چىقىملىرىمىزنى  ھېسابلاپ بېقىشقا رايىمىز ئەسلا بارمىدى. بۇ تۈگىمەس چايلار بىزنى مېھرى-مۇھەببەتىن يىراقلاشتۇردى، ئادىمىيلىكتىن، مەسئولىيەتتىن يىراقلاشتۇردى، ئەخلاق، شەرمىي-ھايادىن يىراقلاشتۇردى، پەرزەنتىمىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان ئاتىلىق بۇرچ، ئانىلىق مەسئولىيەتتىن يىراقلاشتۇردى. ئىديىرىمىز چىرىكلىشىشكە، ئەخلاق قارىشىمىز زاۋانلىققا قاراپ يۈزلەندى. نەتىجىدە، بالا دادىدىن ھېيىقمايدىغان، ئايال ئەردىن تەپ تارتمايدىغان، ئەر ئۆز مەسئولىيتىنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بىر  غايىۋىي-ساماۋىي دەۋرگە قەدەم قويماقتىمىز.

[align=justify]          ARKZAT :   سىز مىسرانىم مۇنبىرىدە«مەن تۇغماس ئەمەس»، « كېچىككەن ئەقىل»،«مېنىڭ قايتۇرۇپ كەلگىنىم بەختىمدۇر»،«QQ تېپىشتۇرغان مۇھەببەت»... قاتارلىق بىر بۆلۈك نادىر يازمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن بىر قەلەم ساھىبى، شۇنداقلا، تىل-ئەدەبىيات پېنى بويىچە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بىر تەلەپچان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.  شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام: سىز نۆۋەتتىكى تور ئەدەبىياتىمىزغا قانداق باھا بېرىسىز؟ سىز مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن ۋە  بەدئىيلىك جەھەتتىكى سەۋىيىسى تورداشلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بەھىرلىنىش ئېھتىياجىغا قانچىلىك دەرىجىدە لايىقلاشتى دەپ قارايسىز؟

[align=justify]       Saptilak:  مەن ئۆزەممۇ تور ئەدەبىياتىدىن بەھىر ئالغۇچى ۋە تور ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى. توردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەردە گەرچە چۇڭقۇر پەلسەپەۋىي پىكىرلەر ئوتۇرغا قويۇلمىسىمۇ، قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىي، ئەمما قىزىقارلىق بولۇشى، تىلىنىڭ ئاددىي، ئاممىباپ بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئىنتايىن يېقىن بولۇشى، تەربىيۋىي ئەھمىيتىنىڭ چۇڭقۇرلىقى،  ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشى، ئەركىن تەپەكۇر يۈرگۈزۈش ئىمكانىيتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەر بىر ئوقۇرمەننى ئۆزىگە  خېلىلا جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

[align=justify]مىسرانىم مۇنبىرىدا ئېلان قىلىنۋاتقان ھەر بىر ئەسەر ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريادىكى ھەر بىر تال بۇژغۇنغا ئوخشاش بەزىدە شادلىق كۈيلىرىنى ياڭراتسا، بەزىدە كۆڭۈلدىكى قايغۇللىرىنى ئىزھار قىلىدۇ، بەزىدە زامانىمىزنىڭ چاقچاقچىسى ھېسام ئاكىمىزغا ھەمراھ قىلىپ، تىلىقتۇرۇپ كۈلدۈرسە، بەزىدە بىلىم دېڭىزىغا باشلاپ، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، يەنە بەزىدە بولسا تۈرلۈك-تۈمەن يېڭىلىق قوينىغا باشلايدۇ. دېمەك، مىسرانىمدىكى ئەسەرلەر باشقا ھەرقانداق مۇنبەردىكىگە قارىغاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ لايىقلاشقان بولۇپ، مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇرمەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس بولغان ھەرقانداق ئەسەرلەردىن تولۇقى بىلەنبەھىرلىنىدۇ، ھوزۇر ئالىدۇ ھەم پايدىلىنىدۇ.

[align=justify] 

[align=justify]      ARKZAT : سىزنىڭچە، مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قايسى سەھىپىلىرىگە يوللىنىۋاتقان يازمىلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن مۇنبەرداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ياكى ئېھتىياجىنى تازا قاندۇرۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ؟ سىزنىڭچە، مىسرانىم مۇنبىرىگە  يەنە قانداق سەھىپىلەرنى قوشۇش كېرەك، دەپ قارايسىز؟

[align=justify]       Saptilak:  مەن ئۆتكەن يىلى 8-ئايلاردا مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىردىم. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، ئاساسەن مۇنبەرلەر ئارا زىيارىتىم پەقەت مىسرانىم بىلەنلا چەكلەندى. چۈنكى مىسرانىمدىكى رەڭدارلىق، يېڭىلىق مېنى مىسرانىمدا مەھكەم تۇتۇپ تۇردى.  يېقىنقى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بالامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن، بالامنى داۋالىتىپ، سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تولىمۇ بەك جىددىيچىلىك ۋە كۆڭۈل ئارامسىزلىقى تۈپەيلىدىن  ماكانىمغا تېما يوللىيالمىدىملا ئەمەس، ھەتتا مۇنبەرگىمۇ تۈزۈك كىرەلمەي تولىمۇ بىئارام بولدۇم. ئەمدى ئائىلەمدىكى ئىشلار ھەر ھالدا ئىزىغا چۈشتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقتىم يەنىلا مۇنبەرداشلار بىلەن سىردىشىپ ئۆتىدۇ!

[align=justify]مېنىڭچە، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مىسرانىم تور ئەسەرلىرى سەھىپىسىدىكى پوۋىست، ھېكايىلەر، خەۋەرلەر سەھىپىسى، شېئىرىيەت گۈلزارى قاتارلىق سەھىپىلەرگە يوللىنىۋاتقان ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كېلۋاتىدۇ. ئەپسۇس، تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىكى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجنى تولۇق قامداپ كېتەلمىگەندىن سىرت، يەنە ماقالە، ئوبزۇر سەھىپىسىگە يوللانغان ماقالىلەرنىڭ سەرخىللىرى، ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىي قايىل قىلىدىغانلىرى  ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالمايۋاتىدۇ. يۇمۇر، چاقچاق سەھىپىسىگە يوللانغان يازمىلار ئىھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ قارايمەن.

[align=justify]ھازىر  نۆۋەتتىكى دەۋرىمىزنىڭ تەلىپى ۋە بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىلغار پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەش جەھەتتىكى ئېھتىياجىمىز زۆرۈرۈيىتى بىلەن پەرزەنتلىرىمىز ئاساسەن ئانا تىلىدا ساۋات چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ، باشقا جەھەتلەردىن دۆلەت تىلىدا تەربىيە ئېلىۋاتىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ تەلىپى! بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز، خەلقئارا رىقابەتكە ماسلىشىشىمىزنىڭ ئاساسى. بىزدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەشكەن  نادىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بار، بۇ ئەسەرلەر پەرزەنتلىرىمىزگە ئەدەب- ئەخلاق، شەرم- ھايا، ئىلىم- ھېكمەت ئۆگىتىشمىزدىكى كۇزۇر  دەستۇرىمىز.  بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان، يەنى ھېچ بولمىغاندا، بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنبەردىن ئوقۇپ بېرىشىمىز ئارقىلىق  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سەبىي قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنىڭ  گۈزەل، يېقىملىق، چۈچۈك تىللىرى ئارقىلىق قايتا بايان قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، قىزىقارلىق، تەربىيۋىي ئەھمىيتى زور بولغان بالىلار ھېكايىلىرى، بالىلار چۆچەكلىرى، بالىلار قوشاقلىرى، مەسەللەر، يومۇرلار، ئاددىي تىپىشماقلارنىڭ مۇنبىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىشى تولۇمۇ تار بولۋاتىدۇ. شۇڭا مىسرانىم مۇنبىرى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، سەبىيلىرىمىز ئۈچۈن، بالا تەربىيلەۋاتقان ئانىلىرىمىز ئۈچۈن«غۇنچىلار سەھىپىسى»نى  يولغا قويۇشنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

[align=justify] 

[align=justify]سەمىمىي ئەسكەرتىش:

[align=justify]   ▲ساپ تىلەكنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئادرېسىنى چېكىڭ:


[align=justify]https://uyghur-archive.com/misranim/mode.php?m-o-q-article-u-3333.shtml

[align=justify]

[align=justify]   ▲«ئەزالار زىيارىتى»نىڭ كېيىنكى سانلىرى ئۈچۈن ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى خالىسىڭىز، تېما ئاخىرىغا بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىپ قويۇڭ ياكى مەزكۇر تېما ئاپتورىغا ئۇچۇر قىلىڭ.

[align=justify]«ئەزالار زىيارىتى»نىڭ تېخىمۇ مول ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تويۇنغان 3-سانىدا كۆرۈشەيلى!

[align=justify] 

[align=justify] 

[align=justify] 



[align=justify]


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hokumran + 300 ياخشى پىكىر قىپسىز .
musilina + 200 ئەھمىيەتلىك تېما.......
OTYAK + 300
YuqunAdam + 200 ئىددىيۋىي خىزمىتىڭىزگە ئاپىرىن!
moghal + 500 ئەھمىيەتلىك يازما.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 12:59:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]بۇ سان Saptilak ھەدىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتمۇ تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ... ئۇشبۇ سۆھبەت ئارقىلىق Saptilak ھەدىمىز بىلەن تۇنۇشقاچ،ئۇنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق...
سۆھبەتنى مەزمۇنلۇق قىلىپ روياپقا چىقارغان ARKZAT ئەپەندىمگە تەشەككۈر،Saptilak ھەدىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخت،تۇرمۇشىغا شاد-خوراملىق تىلەيمەن... [s:166]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3489
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3963
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10837 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:03:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزنىڭ نادىر ھېكايىلىرى بىلەن قەلبىمىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ساپتىلەك ھەدىمىز بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇپتۇق.ساپ تىلەك ھەدەمنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىغا بەخىت خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:04:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ پۇرسەتتە توردىشىمىز ساپتىلەك بىلەن تۇنىشىۋالغىنىم ئىنتايىن خۇشالمەن ، مۇمكىن بولسا كىيىنكى قېتىمقى تۇنۇشتۇرۇشلاردا تۇنۇشتۇرۇلغۇچى قۇشۇلسا رەسىمىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قويساڭلار .... كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولدائۇچرىشىپ قالساق ئەنگىلىيە زۇڭتۇڭى چېرچىل دەك ئىككى كويغا يارىماس بۇلۇپ قالمايلى  ... [s:154]  [s:180]

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:05:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇندىن 40 يىل ئىلگىرى، سۇيلىرى ئەلۋەك، باغۇ -بۇستانلىق، گۈزەل دىنار دەريا ۋادىسىدا بىر ئاددىي خىزمەتچى  ئائىلىدە دۇنياغا كەلدىم.

دىنار دەرياسى قايسى دەريا بولغىيىتى دەيمەن  [s:148]  [s:148]
ئەيىپكە بۇيرىماي دەپ بەرگەن بولساڭلار .

بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ناھايىتى مەزمۇنلۇق ، ئەتراپلق بوپتۇ ، ساپ تىلەك ھەدىمىزنىڭ بۇنىڭىدىن كىينىكى ئىشلىرنىڭ ئوڭشلۇق تىنىڭ سالامەت ئائىلسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 2221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7869
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 2933 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:07:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپ تىلەك ھەدەمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن ........

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:08:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەدىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە شاد-خوراملىق تىلەيمەن.

ساپ تىلەك ھەدەمنى تىخى مەن دىمەتلىك دەپ ئويلاپتىكەنمەن، تىمىلاردا تەڭ ئىنكاس يىزىشىپ يۈرۈپ بىلمىگەن ئىدىم. بۇ سۆھبەتتىن ، ساپ تىلەك ھەدەمگە ئەدەبسىزلىك قىلىپ ئىسمنى بىۋاستە چاقىرىپ يۈرگۈنۈمدىن خىجىل بۇلۇپ قالدىم. ساپتىلەك ھەدەم ،ھەقىقەتەن قەلىمى پىشقان مۇنبەردىكى  ئاپتورلىرىمىزنىڭ بىرى.
ساپ تىلەك ھەدە كىيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:24:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپتىلەك ھەدىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق ھەم بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە ئائىلىسىگە بەخىت ئامەت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمەن! ھەدە قەلىمىڭىز مەڭگۈ توختاپ قالمىسۇن مۇنبەرگە كىرىپمۇ بىرىنجى بۇلۇپ تۇنۇشقان ئادىمىم سىز ئىدىڭىز.سىزگە بەكمۇ ھورمىتىم بار.مەڭگۈ چاقناپ تۇرغايسىز!
كۆزۈم

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:27:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆھپەت ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ  بۇپۇرسەتتە ساپتىلەك ھەدىمىز بىلەم تۇنىشىۋالدۇق  
[s:173]  [s:173]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئاددىيلىقىمنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7197
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3182 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 08:47:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دىنار دەرياسىنى كورلىدىمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم .
ساپ تىلەك ھەدىمىزنىڭ 40يىللىق ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق .دىمىسمۇ نۇرغۇن كىشلەر ھايات يولىدا مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقىيالمىسىمۇ كۆپچىلىكنىڭ خۇرسەن باھاسى يىغىنلاردىكى لۇزۇنكا ،چاۋاكلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش