[خۇرۇچى]
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سۆڭەكلىك قوي گۆشى500 گرام زىرەئازراق، پىياز ئۈچ باش،قارىمۇچ ئازراق،يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق،پەمىدۇر ئىككى دانە،قۇيرۇق ياغ70گرام،سۇڭپىياز بىر تال.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
1.گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ،پىيازنى چاناپ،سوققان قارىمۇچ، زىرە،تۇزۋەئازراق سۇياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2.خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ،نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتاجىلت كېسىپ،ھەربىرجىلتنىڭ ئىچىگە ئاز-ئازدىن قىيمائېلىپ چۆچۈرەتۈگۈپ تەييارلىنىدۇ
3.گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ،ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز،پەمىدۇر، تۇزسېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ.چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ،5-3مىنۇت پىشۇرۇپ،يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
سۈيى سۈزۈك پارقىراق،تەمى ياش،يېڭى بولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.
|