مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2597|ئىنكاس: 58

<مەن ئانامنى ئۆلتۇرۋەتتىم > [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 118
توردا: 3676 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 09:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<مەن ئانامنى ئۆلتۇرۋەتتىم >

(ھىكايە)

[align=justify]

    مەن تونۇشۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ، ئۇنىڭ بالىسىنى يوقلىغىلى بالىلار تۇرمىسىگە قاراپ ماڭغان ۋاقتىمدا، ئارقىمدىن بىرى توۋلىغاندەك بولۇپ ئۆرۇلدۇم <ۋوي توختىغىن ، تەڭ بارايلى>،بۇ مىنىڭ نەچچە يىللىق ئاغىنەم بولۇپ، ھەمىشە مىنىڭ ئارقامدىن ئەگىشىپ يۇرەتتى .بۇگۇنمۇ مانا بۇ خۇيىنى تاشلىماپتۇ .بۇ تونۇشۇم بىلەن مەن ، بۇرۇن دۇككان ئاچىدىغان ۋاقتىمدا تونۇشۇپ قالغان ، گەرچە ئىككىمىزنىڭ باردى-كەلدىسى كۆپ، مۇناسىۋىتىمىز قۇيۇق بولمىسىمۇ ھەرھالدا، ئادىمگەرچىلىك ھەم بالىسىنىڭ يۇزىنى قىلىپ، ئۇنىڭ تەكلىپىنى يەردە قويمىدىم ، مىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان يىرىشۇكى ، بالىسىغا تولىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالغانىدى.چۇنكى ئۇ ئادەتىكى بالىلارغا زادىلا ئوخشىمايتتى. مەن ماشىنامنى ، ماشىنا توختىتىش زالىغا توختىتىپ  قويۇپ،تۇرمە دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم ، دەرۋازىنىڭ ئىككى ئالقان چوڭلىقىدىكى روجەك ئوچۇق بولۇپ، مەن شۇ روجەكتىن پوستتا تۇرغان قاراۋۇلنى چاقىردىم ،قولۇمدىكى ھاۋالەنامە ۋە ئابدۇللانىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتىم . دەرۋازا ئىشىكىدىن پۇت ئاتلىشىمغا ، نىرىقىدا ، تاماكا شوراپ ئولتۇرغان،بىر كىشى مىنى چاقىردى.ئۇنىڭ مىس رەڭ يۇزىگە ، تارتۇق بىلىنىپ تۇرىدىغان ، شاپ بۇرۇت، تەمبەل كەلگەن بىرى ئىكەن.
-ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم :
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۇكا، سەن ئابدۇللانىڭ دادىسىنىڭ تونىشىغۇ دەيمەن.
-نەخ ئۆزى.مەن ئابدۇللا بىلەن كۆرۇشسەم بولاتتى، ئۇنىڭغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئەكەلگەن.
-ھازىر ماڭا ، ئابدۇللانىڭ دادىسى تىلفۇن قىپتىكەن، ئىگىز بويلۇق بىر كىشى كىلىدۇ دەپ. باللارنى بۇرۇن يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئارسىدا، ئىگىز بىرەرى يوقتى، سىنى بويۇڭدىنلا تونۇۋالدىم .
-ھە، ئابدۇللا ھازىر نەدە ؟
-ئۇ ھازىر ياتىقىدا ، يەنە باشقا ئىش بولسا مىنى ئىزدە ، مەن تۇرمە باشلىقى
تەمبەل كىشى، پوستتا تۇرغان قاراۋۇلنى چاقىردى.
-ۋوي كەل بۇياققا، مۇنۇ ئەپەندىمنى ،ئابدۇللانىڭ ياتىقىغا باشلاپ چىق !


  ئۇ بالا ھەقىقەتەن كىلىشكەن، بويى ئىگىز ،قاڭشارلىق، ئاق يۇزلۇك، چىچى قۇندۇزدەك قارايغان، كۆرگەن كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۇرەتتى، گەرچە تۇرمىدىكىلەرنىڭ ئارسىدا يىشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لىكىن16ياشقا نىسبەدەن ئۇ بالدۇرلا جەمىئەت بوسۇغىسىغا چىقىۋالدى.مەن  ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا بولغان ئىشلارنى ، سۆزلەپ بىرىشنى ئىيتتىم.بىشىدا ئۇ سەل ئىككىلەنگەن بولسىمۇ، لىكىن مۇئامىلەم ئىيتاۋۇر ئۇنى ئىرىتتىمۇ قانداق، شۇ ۋاقىتتىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكە قوشۇلدى.
(مەزكۇر ئەسلىمىدىكى مەن ئابدۇللانى كۆرسىتىدۇ)
       .................
   كۆرگىنىڭىزدەك ئالدىڭىزدىكى مانا مەن ئابدۇللا، بەلكى ئۆز ئانىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۇرىۋەتكەن ، تاشيۇرەك ئابدۇللا، مىنى ساقچى تاغىلىرىم تالاي قىتىم ئەيىپلەپ گۇناھىمغا تۆۋە قىلىشقا ئۇندىدى، دەرۋەقە مەن خاتا ئىش قىلدىم ، تۆۋە قىلىمەن .ئەمما پۇشايمىنىم يوق،چۇنكى ئانامنى ئۆلتۇرۇشكە مەن ھەقلىق.مەن ئانامنىڭ قارنىنى يىرىپ ، دۇنياغا كۆز ئاچقان، مىنى قار كەبى ئاق سۇتى بىلەن  ئەمدۇرگەن ،زات بولسىمۇ،ئەمما مىنى ۋە دادامنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ، باش كۆتۇرەلمىگۇدەك رەسۋا قىلغىنى ۋەمىنىڭ ئۆمۇرلۇك
نامىمغا داغ تەككۇزگىنى ئۇچۇن،ئۇ ئۆلۇشكە لايىق !
  مەن تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چىغىم ئىدى، دادام ئىچكىرگە مال تۇشۇيدىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغىلىمۇ خىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ھەپتىدە پەقەت نەچچە كۇنلا ئۆيدە تۇرالايتتى.ئانام بىلەن ئىككىمىزنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان يىرى شۇكى، بۇ ئوقەتنىڭ تاپاۋىتى خىلىلا ياخشى بولۇپ،ئانام ئۆيدە بىكار ئولتۇرسىمۇ،
دادام بۇنىڭغا ئارتۇق بىرنىمە دىمەيتتى.نادانلىقىم ۋە سەبىيلىكىم تۇپەيلى، ئانامنىڭ ھورۇنلىقىنى ،"ھۇزۇر"دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، دادامغا كەلسەك،مەن ئۆمرۇمدە دىيانەتتە ئۇنىڭچىلىق قىلدىغىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ باقمىدىم، ھەردائىم بەش ناماز بىلەن يۇرگەچكە، رەببىمىز ئاللاھ دادامنىڭ ئوقىتىگە بەركەت ياغدۇرۇپ، قىسقىغىنى نەچچە
ئاي ئىچىدە، يانچۇقى پىلاندىكىدىن خىلىلا كۆپ تومپايدى.
  ماڭا كەلسەك، ئۆگىنىش نەتىجەم سىنىپنىڭ ئالدى بولمىسىمۇ، لىكىن ئىمتىھانلاردىن لاياقەتلىك ئۆتەتتىم .ھالبۇكى بۇنداق كۇنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، ئانام يالغۇزچىلىقتا
ھورۇنلاشتى، ئىش خۇش ياقماس بولۇپ، بازار چۆگىلىدى.دادام  ئەۋەتكەن پۇللارنى ھىچ مىھنەتسىزلا خەجلەپ تۇگىتەتتى.ھەتتا بەزى كۇنلىرى چۇشلۇك تاماققا ئۆيگە كەلسەم، قازان قۇپقۇرۇق تۇراتتى، سەن نەدە دىسەم ، ئەيمەنمەستىنلا بازاردا، دەپ جاۋاپ بىرەتتى، ئامال يوق، قايناق سۇغا نان چىلاپ، قورسىقىمنى ئەستەرلەپ، مەكتەپكە باراتتىم، كەچلىرى بولسا، تاماق ئىتىش ئىغىر كىلىپ، تەييار چۆپ ئىلىپ بىرەتتى.مەن بىشىدا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلمىدىم ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇرۇقلاپ، تىنىم ئاجىزلاپ كەتتى
-نىمىشقا تاماق ئەتمەيسەن ، يا سىنىڭ قىلىپ بولالمىغۇدەك ئىشىڭ بولمىسا، قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتتى،
-ئالە 10كوينى، بازارغا چىقىپ تاماق يەپ كىر !
    مىنىڭ مەقسىتىم بازاردىن تاماق ئىلىپ يىيىش بولسا، ئاللىبۇرۇن ، يەپ بولاتتىم . ئەمما ئۆينىڭ تامىقى باشقىچە بولاتتى. ئامال يوق ئاشخانىدىن تاماق يىدىم.بۇ ئەھۋال خىلى ئۇزۇن ، توغرىسى دادام كەلگۇچە داۋاملاشتى. دادام كەلگەندىمۇ، بىر قونۇپلا يەنە ئىچكىرگە ماڭدى.بۇ قىتىم ئۇزاق تۇرۇپ قالدىغانلىقىنى ئىيتىپ قويۇشنىمۇ ئۇنىتمىدى.
  بىر كۇنى بىزنى مەكتەپتىن بالدۇرراق قويۇپ بەردى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇددۇل ئۆيگە ماڭدىم . ئەسلى بۇرۇن بازاردىن تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن كىرەتتىم.ئەمما
بۇگۇن نىمە بولدىكىن ، ئۇددۇل ئۆيگە بارغانىدىم.مەن بىنانىڭ پەللەمپىيىدىن چىقىۋاتسام، ئانام بىلەن بىر ناتۇنۇش ئەرنىڭ ، خۇشلاشقان ئاۋازى ئەكىس ياندى.
ئۇ ئەر يىنىمدىن چىرايىمغا سەت بىر قاراپ قۇيۇپ، ئۆتۇپ كەتتى.مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي، ئۆيگە كىردىم .
-كىمۇ ئۇ ئەر كىشى ؟
-ھە، توك يازغىلى كىرىپتۇ.
  بۇ ئىنىقلا يالغان گەپ ئىدى. چۇنكى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ،توك يازغىلى كىرىدىغان
ئىش نەدە بار!ئادەتتىمۇ مەن ئانام بىلەن كۆپ پاراڭلاشمايتتىم.
-ئانا، نەدە ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا توك يازغىلى كىرىدۇ ؟
-ھە، ياق توك يازغىلى ئەمەس، توك ئوڭشىغىلى .
-توك سىم يوللىرى بۇزۇلسا، ھەردائىم مەن ئوڭشايمەن ئەمەسمۇ ؟!
-ئانا راس گەپ قىلە ، كىمۇ ئۇ ؟
-ھەي ، كىم بولاتتى شۇ توكنى ئوڭشىغىلى كىرىپتۇ. نىمە كوتۇلداۋىرىسەن .
  ئەمدى گەپ قىلىشقا جۇرئىتىم يوق. شۇبھىسىزكى،بۇنداق ۋاقىتتا ئانامغا جاۋاپ قايتۇرسام،ئۆينى بىشىغا كىيىپ، كۆتۇرۋىتىشتىن يانمايدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن ئانامدىن بەكلا قورقىمەن. نەچچە قىتىم ئۇرۇپ بىشىمنى يىرىۋەتكەنىدى.شۇڭلاشقىمىكىن، گەپ قىلىشقىمۇ رايىم يىنىپ،پەسكە تاماق يىيىشكە چۇشۇپ كەتتىم.
  
  ئىشلار مانا مۇشۇنداق بىر خىل رىتمدا ، ئۆتىۋەرگەچكە ئانامنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر كۆپ سالماقىنى ئىگەللىسىمۇ، مەن چىش يىرىپ بىرنىمە دىيەلمەيتتىم. چۇنكى ئانامنىڭ باھانىلىرى بەك تولا ، بىردەم بۇرۇنقى ساۋاقدىشىم دىسە، بىردەم يۇرتىمىزدىكى خۇشنام دەيتتى . ئەيتاۋۇر ئوغرىغا مال كەم بولماس دىگەندەك، يالغانچىغا گەپ كەم بولمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئانام ئاشنا ئوينىدى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىغىزغا ئالغۇسىز قاتتىق ئىبارە، ھەم مىنىڭ بۇنىڭ مەنىسىنى بالدۇر چۇشىنىۋالغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ خەتەر، مەن ئانام بىلەن تالاي قىتىم سوقۇشتۇم . لىۋىمنى چىشلەپ دادامنىڭ كىلىشنى ساقلىدىم ، تىلفۇندا ئىيتاي دىسەم دادام بۇنداق ۋاقىتتا تىلفۇنىنىمۇ ئالمايدۇ. ئالدىراشچىلقتا باشقا گەپ قۇلىقىغا ھەرگىز كىرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن دادامنىڭ يىراق يەردە تۇرۇپلا، ئاچچىقتا بوغۇلۇپ كتىىشىنى ئۇمىد قىلمايتتىم .
ئانام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا، تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا بولدى .،ئۇنىڭغا قارىتا بىزارلىق تۇيغۇسىنىڭ كۇچىيىشىگە ئەگىشىپ،قارشىلىقمۇ كۇچەيدى.شۇنىڭ بىلەن ئانام بىلەن تەڭ تۇرىشىدىغان گەپ ياندۇرىدىغان بولدۇم.راست گەپ شۇكى :بۇنداق قىلىشىمغا ئانام ئۆزى مەجبۇرلاۋاتاتتى .سوقۇشمايدىغان كۇن بولمايۋاتتى.خۇددى تۇرمىگە كىرىپ قالغاندەك، ياكى باشقىلار مىنى بوزەك قىلىۋاتقاندەك، ئانى تىپىلىۋاتقاندەك، يۇرۇكۇم مۇجۇلسا، ئانامنىڭ زەھەردەك گەپلىرى قەلبىمنى لەختە-لەختە قىلىۋاتاتتى.ئۆزۇمنى زورىغا بىسىپ، بۇ يەنىلا مىنىڭ ئانامغۇ دەپ تەسەللىي تاپاتتىم.
ئۇ كۇنى جۇمە بولغاچقا، بىزنى چۇشتىن كىين بالدۇرلا قويىۋەتتى.بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۇن مۇناسىۋىتى بىلەن، يىغىلىشىپ ئولتۇرىدىغانغا مەسلىھەتلەشتۇق، پىكىر ئورتاقلىقىمىز تىز تاماقخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇش بولدى.بىز شەھرىمىزدىكى خىلى داڭقى بار تىز تاماقخانىغا كىرىپ، پۇتۇن بىر ئۇستەل چۆرىدەپ ئولتۇردۇق.
-ھە باللا ، بۇگۇن راسا بىر ئوينايلى،
-راس، بىر ئوينىۋالىلى جۇمۇ، مۇشۇ پۇرسەتتە!
بالىلار ۋاراڭ-چۇرۇە قىلغان پەيىتتە ، ئارقا ئۇستەلدىن تۇنۇش بىر ئاۋاز كەلدى.
-مەن بۇنى يىمەيمەن .
ئۆرۇلۇپ قارىدىم ، بۇ ئانام بولماي يەنە كىم بولاتتى. ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ھىلىقى كۇنى ، بىزنىڭ ئويدىن چىقىپ كەتكەن ناتۇنۇش ئەر ئىدى. مەن ئانامنىڭ كۆزىگە خىلى ئۇزۇن تىكىلىپ ، قاراپ تۇردۇم .ئانام سەزگەندەك بولۇپ، كەينىگە قارىدى :
-سەن بۇ يەردە نىمە قىلىسەن ؟
-ئانا ، بۇنى مەن سەندىن سورىسام توغرا بولارمىكىن ، كىمۇ بۇ يىنىڭدىكى ؟
-ھە بۇما، ھىلىقى يۇتلۇق خوشنام .
-سىنىڭ يۇتلۇق خوشناڭ ئەجەپ كۆپكىنا ؟ تىخى ھەممىسى ئەركىشى.
بۇ گەپنى يىنىمدىكى دوستۇم ئاڭلاپ قىلىپ، مىنىڭ چىرايىمغا قارىدى.بۇنىڭ بىلەن ئەتراپدىكى باللارنىڭ ھەممىسى دىقىتى ماڭا قارىتىلدى.ئانام بىلەن ھىلىقى ناتۇنۇش ئەر گەپ سۆز قىلماي ، تاماقخانىدىن چىقىپ كەتتى.
بالىلار مىنىڭدىن ئۇ ئەرنىڭ كىملكىنى سورىغىلى تۇردى، مەيلى قانداقلا چۇشەندۇرەي، بەرىبىر <ئاشىنىسىكەن>دەپ چۇشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا قىلچىمۇ چۇشەنچە ھەم رەدىيە بەرمەي،تامىقىمنى يەۋەردىم، تاماقنى شۇنداق بىر ئازاپ ئىچىدە يىدىمكى :گىلىمدىن ئۆتكىنى ھالال تاماق بولماستىن گويا يىلان ئۆتىدەك زەھەرلىك تۇيۇلۇپ كەتتى، كۆزلىرىمنىڭ بۇرجىكىدىن ياش تامچىپ تۇرسىمۇ، بۇنى بالىلار سەزمىدى.
ئەتىسى مەكتەپتە بۇ توغۇرلۇق مىش-مىش گەپ باشلىنىپ كىتىپتۇ.مەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك قۇلىقىمنى يۇپىرىۋالساممۇ، لىكىن يۇرىكىمگە پىچاقتەك زەربە تۇيىلاتتى. مەن ئوقۇتقۇچۇمدىن مىجەزىم يوق دەپ رۇخسەت ئىلىپ، ئۆيۇمگەكەتتىم ئاۋۋالقىدەكلا ئۆيدە ئانام يوق ئىدى.  مەن ئۆيگە كىرىپلا ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتىم ،ماڭا نىمە كۇن بۇ ؟ نىمە نۇمۇس ؟ ئەمدى قانداق مەكتەپكە بارىمەن ؟ دوسلىرىمنىڭ يۇزىگە قانداق قارايمەن ؟كۆزلىرىمدىن بۇقۇلداپ ياش ئەمەس، قان ئىقىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى.ماڭا تەسەللى بىرىدىغان بىرەر ئىنساننىڭ چىقمىغانلىقى ،مىنى ئاخىرى بۇ تۇرمىگە كىرىشكە قىستىدى.قولۇمغا پىچاقتىن بىرنى ئالدىم ، يەنە قويدۇم ، يەنە ئالدىم يەنە ئاستا جايىغا سىلىپ قويدۇم ، چۇشكۇنلىكىم پىچاقنى يەنە ئىلىشقا مەجبۇر قىلدى. پىچاقنى قولۇمغا ئىلىپ، ھىلىقى ناتۇنۇش ئەرنى ئۆلتۇرۇش خىيالى كاللامدىن كەچتى .تىرەن ۋە ناباپ خىياللار، چەلەڭگۇش بالىلىق دۇنيارىمغا ، يادرۇ بومبىسىدەك يوقىتىش كۇچى پەيدا قىلدى.كارۋاتتا دۇم ياتقىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن .
بىر چاغلاردا غىرىچ-غىرىچ قىلىپ، ئىشىك غىچىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.مەن تىخى مەھەلللىمىزنىڭ مۇشۇكى ، دىرىزىدىن ئوغۇرلىقچە كىرىۋالغان چىغى دەپ ئويلاپتىمەن .چاپاق باسقان كۆزۇمنى ئۇھلاپ، ئىشىك يۇچۇقىدىن مارىدىم ،ئانام بىر مەستنى يۇلىگنىچە ئۆيگە كىرىپ كىلىۋاتتى.كۆزلىرىم پولتىيىپ چىقىپ كەتكۇدەك بولۇپ كەتتى، بىشىم قىيىپ قاراڭغۇلىشىپ، نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم ،<ئىككى بۇزۇق،نەق مەيداندا تۇتۇلدۇڭ>دەپ پىچىرلىغىنىمچە، كەمىرىمگە قىستۇرىۋالغان پىچاقنى ،قولۇمدىن يىڭىمنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ، ئىشىكنى زەرپ بىلەن ئىچىۋەتتىم .
-سەنلەر ئەمدى نەق مەيداندا تۇتۇلۇشقانسە !
-بۇ بۇ ...بۇ، سەن تىخى ئۇخلىمىغانما ؟
ئانام ھودۇققىدىن كىكەچلەپ كەتتى.
-مەن ساڭا دەپ قوياي ئانا ، بۇ لاتا ھەزلەك سىنى ئازدۇردىغۇ ؟
- يا ئۇ ئۆلىدۇ، يا مەن ئۆلىمەن .
-ۋاي نىمە دەيدىغانسە ، بالام ، بىزنىڭ باشقا مۇناسىۋىتىمىز يوق.
- بولدى ، ئەمدى يەنە نىمىنى چۇشەندۇرىسەن ؟ ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى.
  ھىلىقى مەستمۇ ، كۆزلىرىنى خىرە ئىچىپ،ئۇسساپ كەتتىم ،ئۇسساپ كەتتىم، دەپ جۆيلىگىلى تۇردى.مەن ئۇنىڭ ياقىسىدىن قاماللىدىم ، بويۇم ئۇنىڭ بۇيدىن ئىگىز بولغاچقا ، ماڭا خىلى ئەپلىك تۇيۇلدى. مۇشتۇمنى تۇگۇم ئوڭ مەڭزىگە قاتتىق بىر سىلىۋىدىم ، مۇش زەربىسىدىن ئارقىغا داجىپ، ئىشىككە يۆلىنىپ قالدى.ئاندىن ئاغزىغا بىرنى قويدۇم ، تۇمشىقىغا كىلىشتۇرۇپ بىرنى ئۇرىۋاتسام ، ئانام قولۇمدىن تۇتىۋالدى، بۇ مەست يەنە جۆيلۇپ ماڭا قارشىلىق قىلىپ تىللىغىلى تۇردى. قوللىرىنى ئايرۇپىلان قانىتىدەك لەپەڭشىتىپ،ئىشىك گىرۋىكىگە دوققىدە ئۇسسۇپ يەرگە يىقىلدى.ئانام يىغلامسىراپ تەستىكىمنى بىرنەچچىنى سىلىۋەتتى .
-ئانا ، سىنى شەيتان ئازدۇردى، راستىنلا سەن بەك ئىغىر گۇناھ قىلدىڭ، مىنى بالىلار ، دوستلىرىم ئوقۇتقۇچىلىرىم ئالدىدا ، باش كۆتۇرەلمەس قىلىۋەتتىڭ.ئۇلار بىزنىڭ ئائىلە توغۇرلۇق سۆز چۆچەك قىلىۋاتىدۇ، بەلكى بۇ سۆز-چۆچەك ئەمەس، بۇ راست ئەمەلىيەت !مەن بۇگۇن قەتئى نىيەتكە كەلدىم .
  دىگىنىمچە يىڭىمغا تىقىۋالغان پىچقىمنى سۇغاردىم .يۇرۇگۇم قارتتىدە قىلىپ كەتتى، گەرچە بىر چوڭ  گۇناھ ئۆتكۇزۇش ئالدىدا تۇرساممۇ، لىكىن ماڭا باشقا ئامال يوق .ئەسلى ھىلىقى مەتسنى ئۆلتۇرۇش نىيىتم بارئىدى، ئەمما ئانامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سەت گەپلەر، ۋە ئاھانەتلەر مىنى ئانامنى ئۆلتۇرۇشكە قىستىدى.كۆزۇمنى يۇمۇپ تۇرۇپ، پىچاقنى ئانامنىڭ كۆكرىكىگە زەرپ
بىلەن تىقتىم ، ئاھ ، ئانام يىقىلدى، مەست بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ، ھوشىنى تاقاندەك بولۇپ، مىنى ئىتتىرىۋەتتى .ئانام زەئىپ ئىڭراپ يىقىلدى، مەست يىگىت ئۇنى يۆلەشتۇرۇشكە ئۇرۇنغان پەيىتتە:
-ئۇنى قۇتقۇزما، ئۇ ئۆلۇمگە لايىق ، ئەگەر قۇتقۇزساڭ سىنىمۇ  ئۆلتۇرۋىتىمەن !
دىدىم ، يۇرىكىم ئەمدى ھىچنىمىدىن قورقماس بولدى.قاننىمۇ كۆرۇپ قورقمىدىم.كۆزۇمدىن بىر تىمىمۇ ياش چىقمىدى. خۇددى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.مەست ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ، ئۆيدە ۋارقىراپ جارقىراپ، ساقچىغا مەلۇم قىلدى.مەن ساقچىلار كەلگەندە تىنىۋىلىپتۇ يۇرمىدىم، بەلكى قولۇمغا كويزا سىلىشقا تەييار تۇردۇم .ساقچىلار كىلىپ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ، داڭ قىتىپ تۇرۇپلا  قالدى، چۇنكى ئۆز بالىسى تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن كۆرۇنۇش كىمنى ئەجەپلەندۇرمەي قالمايدۇ؟!ساقچى يولداش ئانامنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۇرگەندىن كىيىن :
-سەن ئۆلتۇردۇڭمۇ ؟
-ھەئە ، مەن شۇ .
-بۇ سىنىڭ ئاناڭ تۇرسا
بۇ سۇئال جاۋاپسىز قالدى ، ھەقىقەتەنمۇ جاۋاپسىز قالدى.چۇنكى قول سىلىش ئالدىدا "بۇ مىنىڭ ئانامغۇ "دىگەن نەرسىنى كاللامغا كەلتۇرمىگەنىدىم .كەلتۇرگەن بولسام بەلكىم بۇ پاجىئەمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى .
قىپقىزىل قانغا مىلىنىپ ياتقان ئانامنىڭ قولىنى يۇزۇمگە ياقتىم ، گەرچە قول ھىلىمۇ ئىسسىق ھارارىتىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، ماڭا گويا مۇز پارچىسىدەك ئۇرۇلدى.كۆزۇمدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمىغىنى ، ھەممە كىشنىنى ئەجەپلەندۇرۇپ،پۇتۇن گۇناھنى ماڭا يۇكلەشتى .
  مىنى كىمۇ قايسى خىل روھى كۇچ مۇشۇنداق ۋەھشىيانە قىياپەتكە ئايلاندۇردى ؟!ساقچىلار قولىمغا كويزا سىلىپ ئىلىپ ماڭغاندا ،ھاياتىمدىن ۋاز كەچتىگەنىدىم .لىكىن مىنىڭ بىر ئۆسمۇر بالا ئىكەنلىكىم ۋە ساقچى تاغا ھەدىلىرىمنىڭ ئىدىيە -خزمەت ئىشلىشى بىلەن ، كەلگۇسىگە يۇزلەندىم .مەن پۇتۇن ئىشلارنىڭ جەريانىنى ،  سوراق قىلغاندا، ئەينەن دىدىم . سوراق خاتىرلىگۇچى ساقچى ھەدەم ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن ياش تۆكەتتى .
      مەن بارچە ئاۋازىم بىلەن " ھەي ئاتا-ئانىلار ، بىزنى قۇچىقىڭلارغا ئىلىڭلار، بىز سىلەرگە مۇھتاج، سىزلەر ئۆزۇڭلارنىڭ ئازغىنە ئەيىش-ئىشرىتىڭلارنى دەپ، بىزنى يىتىم قىلماڭلار....بىز تىخى سەبى بالىلار " دىگۇم كىلىدۇ. بەزىدە گىزىت-ژورنال ، رادىئو-تىلۋىزىيەدىن ، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىگۇناھ بالىلىرىنى يىتىم قىلغانلىقىنى كۆرسەم ، ئۇلارغا ھىسداشلىقىم كىلەتتىم . مانا ھالا بۇگۇنكى كۇندە بۇ تىراگىدىيە مىنىڭ بىشىمغا كەلدى. لىكىن ماڭا كىم ھىسداشلىق قىلدى ؟!




مۇئاللىپتىن : مەزكۇر ھىكايىنى يىزىش داۋامىدا ئاز بولمىغان قارشىلىقلارغا ئۇچرىدىم .لىكىن قىلچە تەۋرىنىپ قالمىدىم . نۇرغۇنلىرى "سەن ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى بۇنچە خۇنۇكلەشتۇرۇپ، نىمە مەقسەدكە يەتمەكچى ؟!" دىگەنلەرمۇ بولدى .  :مىنىڭ مەقسىدىم شۇكى ، جەمىئىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئانىلىرىمىز گەرچە "ئانا" بولسىمۇ ، ئەمما ھەقىقى ئانىلىق بۇرچىنى ، ئانىلىق مەسئۇلىيىتى تونۇپ يىتىپ بولالمىغانلارغا ساۋاق قىلىش مەقسىتىدە يازدىم  . .
                                                                          
                                               مەنبەسى :ئىجادىيەت خاتىرەم

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئەتىدىكى ئازاپ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40120
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2011-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  ۋۇي  تۈزۈك  بىر  ئىجادىي ھىكايە  يازسىڭىز بۇلمامدۇ  سىزنىڭ  ئىدىيڭىزدە  ئۆز ئانىڭىزنى  ئۆلتۈرۋىتىش  پىسخىكىسى شەكىللەنگەچكە  مۇشۇ  ھىكاينى  يىزىپسىز دە  ھە !  ۋۇ  ھايۋان !  مىڭ  لەنەت !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33301
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1150
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان ئىشمۇ يا توقۇلمىمۇ؟؟؟
جاھان نىمە بولۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ...توۋاااااااااااا
" ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار،خوتۇن غېرىپلىقتا " دىگەن گەپمۇ بۇ؟؟

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6811
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ئاياغ ئاستىدا جەننەت دىيلگەن...... ئاتا-ئانا رازى ئاللاھ رازى........... ئانىنڭ ئىمىتكەن بىرقىتىملىق سۇتنىڭ ھەققىگە 100قىتىم يۇدۇپ ھەرەمگە يۇدۇپ ئاپارسىمۇ ئەرزىمەيدۇ ..........مەن بۇتىمىغا نىمەدەپ باھايىزىشىمنى بىلەلمىدىم ...........ھىشنىمەدىمىسەڭ ھىشنىمە بولمايسەن .......... [s:132]  [s:132]  [s:132]  [s:132]  [s:132]
لىكىن قەلىمىڭىز بەكلام ئوتكۇركەن .................... [s:132]  [s:132]  [s:132]

بەر - بەر تۈرك .( ي

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40244
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 154
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:35:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاللاھ دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغىن . ئامىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6074
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 4291 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ياش بالىلار بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆز ئانىسىدىن قالايمىقان گۇمان قىلىپ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئورۇنسىز جىدەللىشىدىغان ناچار پىسخىكا شەكىللەندۈرۈپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شەخسەن كۆز قارىشىم شۇكى، بۇ بىر ناچار ھېكايە بوپ قاپتۇ.مۇنبەرگە تەستىقلانماسلىقى كېرەك ئىدى. مەيلى قايسى نۇقتىدىن تەھلىل قىلمايلى، سەلىبى تەسىرى زور سالماقنى ،ئىگەللەيدۇ.
قەلەم ئىگىسىگە بىر سۆزۈم شۇكى؛ قۇياشقا قارىسىڭىز نۇرنى كۆرىسىز، ئارقىڭىزنى قىلىپ تۇرىۋالسىڭز قاراڭغۇ سايىڭىزنى كۆرىسىز.
ئىجابى ئەسەر يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
رەببىمىز ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن.

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32259
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3088 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئىجتىمائىيلاشقان چاكىنىلىقلار، ئاياللارغا بېرىلگەن ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇق ئۇلارنى ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتامدۇ ياكى .......

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2871
تۆھپە نۇمۇرى: 136
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللاھ بۇنى نىمە دەيمىز ئەمدى

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1355 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇناھ قىلىشتىن ساقلىنايلى. ئاللا مۆمىنلەرگەرەھمەت قىلسۇن.

بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى چوڭ خاتالىق سادىر قىلدى. خاتالىقىنى تۈزەتسۇن. تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورىسۇن.


يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39277
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2011-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 11:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت parhatjan كە 2011-05-17 11:42 PMئەۋەتىلدى :
نۇرغۇن ياش بالىلار بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆز ئانىسىدىن قالايمىقان گۇمان قىلىپ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئورۇنسىز جىدەللىشىدىغان ناچار پىسخىكا شەكىللەندۈرۈپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شەخسەن كۆز قارىشىم شۇكى، بۇ بىر ناچار ھېكايە بوپ قاپتۇ.مۇنبەرگە تەستىقلانماسلىقى كېرەك ئىدى. مەيلى قايسى نۇقتىدىن تەھلىل قىلمايلى، سەلىبى تەسىرى زور سالماقنى ،ئىگەللەيدۇ.
قەلەم ئىگىسىگە بىر سۆزۈم شۇكى؛ قۇياشقا قارىسىڭىز نۇرنى كۆرىسىز، ئارقىڭىزنى قىلىپ تۇرىۋالسىڭز قاراڭغۇ سايىڭىزنى كۆرىسىز.
ئىجابى ئەسەر يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
رەببىمىز ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن.

بۇ پىكىرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن.

ئۈمىت ئادەمگە ھەممىنى ئېلىپ كېلىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش