مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: matimatika

ئەرمەك ھايۋان بېقىشنى بىلەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9250
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12129
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 2237 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 09:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 چۆجە بېقىپ قويغان، بىرسى ئۆلۈپ قالدى. خۇدا بۇيرۇسا بىر ئايدىن كېيىن يىگۈدەك بولىدۇ. بۈگۈنكىدەك گۆش قەھەتچىلىكىدە يامان ئەسقاتىدۇ.   [s:139]

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21179
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 09:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى ئىلىم پەننىڭ ئىت بېقىشقا بولغان قارىشى







دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋى




بەلكى، بۈگۈنكى كۈنلەردە ۋەتىنىمىزدە بىرقىسىم غەرب مەدەنىيىتى ئاشىقلىرىنى كۈرىشىمىز مۇمكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالى جاناپ ئىنسانلار ۋە بارلىق جانلىقلارغا مېھرىبانلىق قىلىدىغان باغرى يۇمشاق كىشىلەر دەپ قارىشىدۇ. ھەمدە ئىسلامنىڭ بۇ مۇلايىم، كۈنەك ھايۋانغا قارىتا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشنى تەنقىد قىلىشىدۇ . بۇنداق كىشىلەر گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئالىم گىرارىد فىنتىستىمىر نىڭ «كوزىنوس» ناملىق گېرمانىيە يورنىلىدا يازغان قىممەتلىك ئىلمى ماقالىسىنى سۈنىمىز. ئۇ بۇ ماقالىدا ئىت بېقىش ياكى ئىتقا يېقىنلىشىشدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك نەتىجىلەرنى ئېنىق بايان قىلپ مۇنداق دېگەن : «يېقىنقى يىللاردا كىشىلەرنىڭ ئىت بېقىش ھەۋىسىنىڭ كۈچىيىپ كىتىشى بىزنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىنى بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك نەتىجىلەرگە قارىتىشقا مەجبۇرى قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندا كىشىلەر ئىت بېقىش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىدۇ، سۆيىشىدۇ ھەمدە ئېتلارنىڭ چوڭ - كىچىك ھەر كىشىنىڭ يۈز - قوللىرىنى يالىشىغا سەل قارىشىدۇ. ھەتتا كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنسانلار يەپ - ئىچىدىغان قاچىلاردا ئىتلارنىڭ تاماق يىيىشىگە كۆز يۇمىشىدۇ.
گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام تەبىئەت ياقتۇرمايدىغان ئەيىب ئىشلار ھېسابلانسىمۇ ھەمدە ساغلاملىق ۋە پاكىزلىق قائىدىسىگە زىت كەلسىمۇ، بىز بۇ ئىلمى ماقالىمىزدا مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى پېداگوگىكا ، پسىخولوگىيە ئالىملىرى ۋە ئەخلاق شۇناسلارغا ھاۋالە قىلىمىز.
ئەمما مەسىلىنىڭ تېببىي تەرپىگە كېلىپ توختىلىدىغان بولساق ئىتلارنى بېقىش ۋە ئۇلار بىلەن ئوينىشىشدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك نەتىجىلەر سەل قارايدىغان نەرسە ئەمەس. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرنىڭ سەل قارىشىنىڭ بەدىلىنى تارتقان چۈنكى ئىتلاردىكى ئۈچەي قۇرتلىرى داۋالىغىلى بولمايدىغان ۋە تىز ساقايمايدىغان كېسەللەرگە سەۋەب بولغان تېخى بەزىدە ئىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغان.
بۇ قۇرت لىنتىسىمان بىر قۇرتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇ «لىنتىسىمان ئىت قۇرتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنساندا دانا خورەك شەكلىدە كۈرلىدۇ. باشقا ھايۋانلاردىمۇ كۈرلىدۇ بولۇپمۇ چوشقىدا كۆپراق بولىدۇ . لېكىن ئۇ ئىت، بۆرە ۋە باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلار تولۇق ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. مۈشۈكلەردە بەك ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ قۇرت باشقا لىنتىسىمان قۇرۇتلاردىن ھەجىمىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ . ھەتتا ئۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك بىز تېخى يېقىنقى يىللاردىلا بۇ قۇرتنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بۇلالىدۇق. »
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «لىنتىسىمان ئىت قۇرتلىرىنىڭ يىتىلىش باسقۇچلىرى باشقا ھايۋانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، بىر دانە تۇخۇمچىدىن چىققان يىرىڭ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان لىنتىسىمان قۇرت كاللىسى تۇغۇلىدۇ. بىربىرلەرگە ئوخشاش بولغان تۇخۇمچىلاردىن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان دانخورەكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ھەمدە يىرىڭلاردىن تۇغۇلغان قۇرۇتلارنىڭ كاللىسى ئىتلارنىڭ ئۈچەيلىرىدە تولۇق يېتىشكەن لىنتىسىمان قۇرۇتلارغا لېكىن ئىنسانلاردا ۋە باشقا ھايۋانلاردا بۇنداق يىرىڭلاردىن پەقەت يېڭى يارا ۋە دانخورەكلا كېلىپ چىقىدۇ. بۇلار لىنتىسىمان قۇرتتىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولىدۇ . ئادەتتە بۇ يارا چارۋا ماللاردا ئالما ھەجىمىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق جىگەرنىڭ ۋەزنى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ ئادەتتىكى ئېغىرلىقتىن بەش ھەتتا ئون ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ. ئەمما ئىنسانلاردا بولسا تۈگۈلگەن مۇش ياكى كىچىك بالىنىڭ بېشىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ . ئىچى سېرىق سۇيۇقلۇق بىلەن توشۇپ ئېغىرلىقى 5 كىلوگرامدىن 15 كىلو گرامغىچە بولىدۇ .
ئىنسانلاردا بۇ قۇرتلار كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا جىگەردە خىلمۇ - خىل شەكىلدە كۈرلىدۇ. لېكىن ئۇ كۆپ ئەھۋاللاردا ئۆپكە، مۇسكۇل، تال، بۆرەك ۋە مېڭىنىڭ ئىچىگە كۆچىدۇر. شەكلى ۋە قۇرلىشى مۇتەخەسسىسلەر ئايرىيالمايدىغان دەرجىدە ئۆزگۈرۈپ كىتىدۇ.
شەكسىزكى بۇ يارا قانداق يەردە بولسا بولسۇن ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھاياتى ئېغىر خەتەرگە دۇچار بولىدۇ . تېخىمۇ خەتەرلىك يىرى شۇكى بىز بۇ قۇرتلارنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ھايات باسقۇچلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولساقمۇ، يەنىلا داۋاپ ئۇنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى بىلمەي تۇرۇۋاتىمىز . لېكىن بەزىدە بۇ قۇرتلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ كىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم بەدىنى ئىشلەپ چىقارغان بەزى ماددىلارنىڭ بۇ قۇرتلارنى يوقۇتۇشقا ھەرىكەت قىلغانلىقى بۇلىشى مۇمكىن. يېقىندا ئىسپاتلىنىشىچە ئىنسان جىسمى مۇنداق ئەھۋاللاردا بۇ قۇرتلارنىڭ زەھىرىنى بىكار قىلىش ۋە ئۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. بىراق ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇ قۇرۇتلار ئۆلگەن ئەھۋاللاردا كۆپۈنچە زىيانلىق ئىز قالدۇرۇپ ئۈلىدىكەن. شۇنى ئىتراپ قىلىش كېرەككى ، بۇ قۇتۇرتلارغا خىمىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى بولمىدى. دىمەك بىمار كىشى ئوپېراتسىيە پىچى بىلەن ساقايمىسىا باشقا داۋالاش يوللىرى ئۇنى ھالاك بولۇشتىن قۇتقۇزالمايدۇ.
مانا بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خەتەرلىك كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنساننى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز زەربىلىرىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىكى بارلىق چارە - ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا»

ئاتاقلىق پارافىسسور دوكتور «نوللىر» گىرمانىيدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلىغان
«گېرمانىيەدە كىشىلەرنىڭ لىنتىسىمان ئىت قۇرتىغا مۇپتىلا بولغانلىرى يۈزدە (1%) بىر پىرسەنتتىن تۆۋەن ئەمەس، بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولغان ئەللەر بولسا شىمالى رايونلار ، قېرىم يېرىم ئارىلى، ئىسلاندا، شەرقى ئاۋۇستىرالىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ فىرىزلىز رايونى بولۇپ بۇ جايلاردا كىشىلەر ئىتلارغا ھارۋا سۆرىتىدۇ. تەكشۈرۈشتە بۇ جايلاردىكى ئىتلارنىڭ 12% تى لىنتىسىمان ئىت قۇرتىغا گىرىپتار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئىسلاندادا ھەر قىرىق ئۈچ كىشىنىڭ بىرى بۇ قۇرت يارىسىغا گىرىپتار ئىكەنلىكى بايقالغان لىنتىسىمان ئىت قۇرتى تۈپەيلىدىن ئىنساننىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان خەتەرلەرنى بۇ ھايۋانلارنىڭ ئىنسان غىزاسىغا كەلتۈرگەن زەرەرىگە قوشىدىغان بولساق ھېچ كىمنىڭ بۇ تۈرلۈك ھالاكەتتىن قوغدىنىشقا ھەرىكەت قىلماي تۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۈگۈن بۇ ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان دۆلەتلەرمۇ تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا.
بۇ كىسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، بۇ قۇرتنىڭ ئىتلاردىلا قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىدە باشقا يەرلەرگە تارىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. چۈنكى بىز ئىت بېقىش پۈتۈنلەي توسۇپ قالالمايمىز. بۇنداق كېسەللىكلەر بايقالغان ئىتلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپمۇ پادىچىلىق، ۋە قاراۋۇللۇققا ئىشلىتىلىدىغان ئىتلارنىڭ ئۈچەيلىرىدىكى قۇرتلارنى پات - پات تازىلاش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك .
ئۆزىنىڭ ساقلىقىنى ۋە ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق كىشى ئىتلاردىن پۈتۈنلەي يىراق تۇرۇشقا ئىتنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەسلىككە تولىمۇ ئىھتىيا قىلىشى لازىم. ئىتلارنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ قوللىرىنى يالىشىغا ھەمدە بالىىلار ئوينايدىغان چايلارغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بىز ئىتلارنىڭ بالىلار ئوينايدىغان يەرلەردە يۈرگەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردە تىزەكلىرىنى تۇرغانلىقىنى كۆرۈمىز . شۇڭلاشقا ئىتلارغا مەخسۇس تاماق قاچىلىرىنى ئايرىش، ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان قاچا - قۇچىلارنى يالاتماسلىق، ئىتلارنى ئاشخانا يېمەك - ئىچمەك دۇكانلىرى ۋە خەلق بازارلىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىك كېرەك . ئۇمۇمەن ئىتلارنى ئىنساننىڭ يېمەك - ئىچمىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىدىن يىراق تۇتۇش ئارقىلىق تولۇق ئېھتىيات قىلىش كېرەك .»


بىز بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتلارغا ئارلىشىشنى قانداق چەكلىگەنلىكىنى، قاچىلارنى يالىشىدىن نەقەدەر ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە ھېچ بىر ئېھتىياج بولمىغان ئەھۋالدا ئىت بېقىشنى قانداق چەكلىگەنلىكىنى ئېنىق كۆردۈڭ . ئەرەب نەسلىدىن كەلگەن ھەمدە ساۋاتسىز بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن زامانىۋى ئىلىم - پەن ۋە تېببىي تەتقىقاتنىڭ ئېنىق چىققانلىقىنى كۆردۈك بۇنداق ئەھۋالدا بىز «قۇرئانى كەرىم» ئېيتقان تۆۋەندىكى بەزى ئايەتنى ئوقۇماي تۇرالمايمىز.


«ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نەپسى-خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» (سۈرە نەجىم 3- 4- ئايەتلەر) .

~ئالتۇن ساپ بولماس،ئادەم نۇقسا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 1040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7428
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 6700 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 09:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇككە بەك  ئامراق.  بىرمۇشۇكۇم بارتى بەك ئوماقتى يۈتۈپ كەتتى . [s:157]

يامىنى شۇ ھەممىدىن،ئۆلگەندە خەلقىم تىللىسا!!!

بۆرە چېشلىق  007

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 09:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت  Michael كە 2011-05-17 07:07 PMئەۋەتىلدى  :
مەن ئىت باققانلارغا بەك ئۆچ،بۇنداق بولىشى ئىتنى باقىدىغانلار ئىتنى كوچىغا چىقىرىپ باقسا نىمە دىگۈلۈك،ئادەم خاتىرجەم ماڭغىلى بولمىغان،مېنىڭ خوشنام بىر ئىت باققان،ئىتىنى دائىم كارىدورغا چىقىرۋېىتىدۇ،بەزىدە قاۋاپ پەقەت ئارام ئالغىلى قويمىدى شۇنىڭ بىلەن ساپما كەش بىلەن تازا ئۇرسام خوشنام چىقىپ نىمىشقا ئۇرسەن دەيدۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرنەرسە دىيىشىپ قالدىم.ئىت باقسا باقسۇن،باقىدىغان يەردە باقسۇن-دە
بىر قىسىم ئىتلار تېخى چوڭ يولغا چىقىۋېلىپ قاتناشنى توسۇۋېلىشرىچۇ تېخى،ھايدىسىڭىزمۇ كەتمەيدۇ.
مەن پەقەت ئۆيدە ئالتۇن بېلىق باقىمەن،قارىسىڭىز ھوزۇر،كۆزگە پايدىلىق ،ئىشتىن چۈشۈپ بىردەم قاراپ تۇرسام ھاردۇغۇم چىقىدۇ،ئەركىلەپ كېتىشلىرچۇ تېخى


مېنىڭ  ئاپشاركام  بار   بەك  گەپ  ئاڭلايدۇ   دەڭا !
سىز  دىگەندەك   ئۇنداق  پىستەك  ئىتلاردىن  ئەمەس،  مەنمۇ  بەك ئۆش  ئۇنداق  ئىگى-چاقىسى يوق،كۇچا  لالمىلىرىغا،ئۇيۇمدە  تېخى   مۇشۇكمۇ   بار    يېقىندا  تۇغۇپتېكەن    سەككىز  بولدى  دەڭا، بۇنىڭغىمۇ  ئۆچمۇ؟  سىزنىڭمۇ   ئۆزىڭىزگە  چۇشلۇك  مېجەز-خارەكتېرىڭىز  بولغىنېدەك،ھەممە  ھايۋانلارنىڭمۇ  ئۆزىگە چۇشلۇك   تەبىئىتى  بۇلىدۇ....بۇنىڭغا  ئۇنچىۋالا  خاپا  بۇلۇپ  كەتمەڭ!!!!!!!!

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37033
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1914
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 1739 سائەت
تىزىم: 2011-4-9
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 12:33:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت  tagnur كە 2011-05-17 07:13 PMئەۋەتىلدى  :
مەن شۇ كەپتەر باقىمەن ، ئىشتىن چۈشۈپ بىردەم ئۇچۇرۇپ ، دان بىرىپ سايراشلىرىنى كۆرۈش ئادەمگە بىرخىل ھوزۇر بىردۇ .
مولاقچىلار ئاسماندا بەس- بەستە موللاق ئېتىپ بەرسە تاس قالىدۇ زادى ، دوپپام بېشىمدىن چۈشۈپ كەتكىلى  [s:141]
يەنە بىر ياخشى تەرىپى ئىقتىسادى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .
ئوخشايدىكەنمىز. مەنمۇ سىپى ئۆزىدىن كەپتەرۋاز.

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 11:02:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چۈجە ھەم توشقانغا ئامراق،بولۇپمۇ مۈشۈك بىلەن پەقەتلا خوشام يوق

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭ بىر تال مۈشۈكۈم بار ، كەچتە باللىرىمنىڭ  يۇتقىنىغا كىرىۋالىدۇ ، بەزىدە يۇڭلاتقۇنى بىر ئامال قىلىپ ئېچىپ ، گۆشنى يىۋالىدۇ . باقماي دىسەم ھەممىمىز ئامراق مىھرىمىز چۈشۈپ قاپتۇ .  بىر  ئىككى يىل باقسا  ئۈلۈپ قالىدىغان  ئىشى ھەي..................

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9250
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12129
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 2237 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 05:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بىلمەستىن مۈشۈكنىڭ تۈكىنى يەپ سالسا، ئۆپكىدە قۇرۇت پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.

ياشاۋاتىمەن ئىش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25040
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5553
تۆھپە نۇمۇرى: 125
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2011-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 11:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۈشۈكنى ئەركىنرەك قۇيۇپ باقسا بولار. ئەمما باشقا ھايۋاننى ئاتايىن ئەرمەك قىلىپ باقمىسىمۇ بولار.
ماۋۇ شەھەردە ماۋۇ مىللەت بەك باقىدۇ ئىتنى. كىيىمگە سۈركىشىپ كەتسە ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ دەپ سەل دىققەت قىلسا زاڭلىق قىلىدۇ ئادەمنى 维族小伙子怕狗دەپ.

نىمىمۇ دەيتىم ئەمدى

21-ئەسىردىكى سىيى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5662
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7074
تۆھپە نۇمۇرى: 438
توردا: 2634 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 12:45:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ توخو بىقىشقا ئالامەت ھەۋىسىم بار .ئويدە 1000دانىدىن ئارتۇق توخو بولسىمۇ يەنە توخو ئالغىم كەپلا تۇرىدۇ .ئەلا نەسىللىك توخولاردىن ئەنجىنى .سوقوشتۇرۇش توخولىرى قاتارلىق توخوسى بار دوسلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن . چ چ ؛1326049576

باھانەڭنى قوي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش