|
|
|
|
نەچچە كۈننىڭ ياقى، ئاياللار -قىزلارتوغۇرلۇقلا بەكلا بەس مۇنازىرە بۇلاپ كەتتى. ئەمسە خوش، ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ئەرلەر نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قاراپ قالىدۇ؟
1)گۈلدەك قىزىل گۈل چىغىدا ،رەڭمۇ- رەڭ باغدىن شۇبىرتال نازۇك قىزىل گۈلنى،تىكەنلەردىن قورۇقماي مىڭ تەستە تاللاپ ئۈزگەن يىگىت ،نىمە ئۈچۈن
؟ئۆز قۇلىدا ئۈزگەن، شۇ قىزىل گۈلنى كىيىنچە سۇلاشتۇرۇپ تاشلاپ يەنە باشقا گۈللەرگە قارايدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى شۇكى: شۇ يىگىت ۋاقىتنىڭ ئۇزىرشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا،
بىردەملىك شەۋھەتكە بىرىلىپ سىڭلىسىدەك ھەتتا قىزىدەك قىزلارغا بۇزۇلىۋاتىدۇ. بۇ نى بىز ئىمانسىزلىق ھاياسىزلىق دەيمىز! ئاياللار، ئەرلەرنىڭ سول قوۋرۇغىسى دەپمۇ كەتتۇق. ئەجىبا ئەركەكلەر شۇ نازۇك قوۋرىغىنىڭ ئىگىلىپ كىتىشىنى ئويلىمىدۇق. بۇ ئەركەكلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت!
ئەر دىمەك بىرئۆينىڭ پۈتۈن تۈۋرۈكى دىمەكتۇر!تۈۋرۈك ئۆرۈلسە پۈتۈن بىر ئۆي غۇلاپ چۈشىدۇ. ئەرلەر بۇزۇلسا قىز-ئاياللارخارابلىشىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇڭنى ئاچ ئەركەكلەر!
2)شۇنچىلىك ياخشى پەرۋىش قىلىنغان بىر تال كۈچەتكە ،داۋاملىق سۇ قۇيۇپ بەرمىسە ئۇ مەڭگۈ يۇغىناپ ئۈسەلمەيدۇ يەنى ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ قۇرۇپ قاخشال بۇلۇپ كىتىدۇ.
ئايالى بار تۇرۇپ تالاغا قارىغان ئەر ، ئۆيدىكى ئايالىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجىلىقىنى مەڭگۈ بىلىپ بۇلالمايدۇ.
ئەر تالادىن كىرەلمىگەنسىرى ،ئايالىنىڭ ھەربىر كۈنى مەنىسىز ئۈتىدۇ. ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ھەركۈنلۈك پائالىيىتىگە ھەمكارلاشقاندا ئەركىشى ئۆزىنى بىلەلمەي قىلىش نىمىدىگەن رەزىللىك پەسلىك ھە؟شۇ ئايالى ئېرىنىڭ ياقىسىنى ئاقارتىپ ،ئىشىتىنىغا پىچاقتەك قىر چىقىرىپ بەرسە ،شۇنىڭ ئەمگىگى بىلەن سىرتلاردىكى تومۇچۇقلارغا ئىش-پەش تارتىپ يۈرسە بۇ توغرىمۇ؟
ئەرلەر ،ئۆز نەپسىنى ھايۋاننىڭ نەپسى قاتارىغا قويۇش بىلەن تالاغا قارايدۇ.ھايۋانمۇ تالادا ھايۋانلىقىنى قىلىپ ئۇدۇل كەلگەنگە ئۈسكەندەك، ھايۋانى ھەۋەس ئەرلەرمۇ ئەنە شۇنداق.
3) خۇتۇن -باللىرى بار تۇرۇپ تالاغا قارىغان ئەركىشى ،ئۆيدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى دەپلا باشقىسىغا قارىغانلىقنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بۇلار؟ مۇشۇنىڭدىن ئىنىقلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى ئۇنىڭ ئۆز ئۈيىدىكى قۇدۇقنىڭ پاك سۈيىگە قانائەت قىلماي، باشقىلارنىڭ يۇندا قۇدۇقىغا كۆز تاشلىغانلىقتۇر!
ھەرقانداق ئىنسان ئۆز يۇلىنى ئۆزى تىپىپ ماڭالايدۇ
، <كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما بۇنىڭ سىرتىدا> نىمە ئۈچۈن ؟ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ؟نىمە ئۈچۈن ئەركەكلەر ئۆزئۆيىدىكى پاك سۇنىڭ ، چاڭقىغان قەلبىگە بارغۇدەك تەملىك يىرىنى
ئۆز قۇلى بىلەن ھازىرلىيالمايدۇ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق باھانە!بىر ئەركىشى تۇرۇپ ئۆىيدىكى شۇ ئاجىز مەزلۇمىسىگە گىپى ئۆتمەسما؟
ماشىنىنىڭ رولىنى قاياققا بۇيرىسا شۇياققا قاراپ ماڭىدۇ، ھەممە گەپ ئەركىشى بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە.
4)جەمىيەتكە كۆز ئىچىپ قارايدىغان بولساق خىنىملار قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.
شۇ خىنىملارنىڭ ئەجىبا دادىسى يوقمىدۇ؟ ھەممە مەسئۇلىيەت ئايال بولغۇچىدىما؟ ئايال كىشىگە قارىغاندا ئەركىشىنىڭ قەھرى ھەم زەھرى بۇلىدۇ. دادا بولغۇچى، شۇ قىزىغا شۇنداق ھالەتتە سىرتتا يۈرۈشىگە ماقۇل دىگەچكىلا، سىرتتا تاس قىلىۋاتىدۇ كىيىمنى بىراق سىلىۋىتىپ تۇغما ھالەتتە يۈرگىلى.
تىخى بەزى ئاتا-ئانىلار بار، گەپ ئاڭلىمىسا دەپلا تۇرىۋالىدىغان.
ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالا گەپنى نىمىشقا ئاڭلىمايدۇ؟ شۇ ئەركىشى بولغۇچىنىڭ ،دادا بولغۇچىنىڭ بالىسىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەنلىكىنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بۇلار؟
ناچار ئەخلاقنى كىچىگىدىن سىڭدۈرگەن قىزلىرىمىز، ئاياللىرى بار ئەرلەرنىڭ
(ئاشنا ئاداشلىرى) بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ.
ئەرلەرمۇ تەڭ ماسلىشىپ شۇنداق ئادىمي شەيتاننىڭ ،بىردەملىك كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈشى بىلەن ئىللىق ئائىلىنسىنى تاشلاپ ۋەيران قىلىپ تالاغا قاراپ كىتىۋاتىدۇ.
گەپنى يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ،ھەممە ناچار ئىش!ئەركىشى بولغان ئىنساننىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىدا.
بەزىئەرلىرىمىز قىزىنى بۇزغان ئانىسى -دەپ كېتىدىكەن، مەسئۇلىيەت پەقەت ئانىدا بۇلامدۇ؟ شۇ ئەخلاقسىزبالىنى پەقەت ئانا بولغۇچى يالغۇز تاپقانمۇ؟
دادا بولغۇچى قىزى بۇزۇلۇپ، كوچا خۇتۇنى بۇلۇپ كەتكۈچە قايسى بۇلۇڭنىڭ ئارقىدا قالغان؟
ھەممە گەپنى سول قوۋرۇغاڭلارغا ئارتىپ قويماي ئۆزۈڭلاردىنمۇ ئىزلەپ بىقىڭلار!
ئەركىشى نىمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟
بۇشاڭلىقىدىن ، شەۋھەتپەرەسلىكىدىن، ھايۋانى نەپىسدىن، ھەقىقى چىڭ ئۇلى بولمىغانلىقتىن، دىۋانە قەلبىدىن، ھايا يوق كۆڭلىدىن، ئەركەكتەك ھۇشى كاللىسى ساق بولمىغانلىقتىن .
ئەي ئەركەك ، سەن ئاياللاردىن ئاغرىنىشىڭنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىرمىنوتىدا، ئۆزۈڭدىن سوراپ باققىن!
سەن شۇ قىز-ئاياللارنىڭ، يولدىن چىقىپ كىتىشىگە زادى قانچىلىك يول ئىچىپ بەردىڭ؟
باشقىلارنىڭ، قىز-ئاياللىرىنىڭ يىرىم يالىڭاچ ئەۋرەتلىرىگە تويماي قاراپ، كۆز زىناسىنى نەچچە رەت ئۆتكۈزدۈڭ؟ ئۆز رولىڭنى يىنىڭدىكى ھەدە-سىڭىللىرىڭغا ، قىزلىرىڭ ئالدىدا جارى قىلدۇرۇپ باقتىڭمۇ يوق؟ سەن قانچىلىك ساۋاب ئىش قىلىپ باقتىڭ؟
ھەقىقي ساۋاب ئىش قىلىمەن دەيدىكەنسەن ، يوغان سۆزلەيمەن دەيدىكەنسەن ئەتىراپىڭدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقىغا قاراپ شۇنى تۈزەپ باققىن!
يولدىكى بىرتال شاخنى ئىلىۋىتىش بىلەن، بىرچوڭ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت.
مەن ئەركەك !دەپلا توۋلىسا ھېساب ئەمەس! يۈرۈگۈڭدە ھەقىقي ئەركەكلەرگە خاس ۋىجدان بولسا ھېساب.
غەيۋەت قىلىڭ دىسە ، ئاياللارنىڭ ئالدىغا ئۈتىۋىلىپ ھازىرقى قىز -ئاياللار ئۇنداق يامان، بۇنداق يامان دىيىشمەي مەسئۇلىيەتنى ئۆزۈڭدىنمۇ ئىزلەپ باققىن!
ئاللاھ ئىگەم ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئۈستۈنىرەك قىلىپ ياراتتى،
ئەمما شۇ ئۈستۈنلۈكنى ئەر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئادا قىلىشنى ئۇنۇتما!
مەنبە:كۆڭلۈم.
|
|
|
|
|
|