[align=justify]
چىلىم، «شىشا» دېگەن نامى بىلەن كۆپ دۆلەتلەردە تونۇشلۇق، ۋە ياشلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان چېكىملىك، چېكىملىك بولغاندىمۇ، ئەسلىدىلا بار بولغان تاماكىنىڭ يېتەرلىك زىيىنىغا زىيان قوشۇپ، ئاپەت تېرىغۇچى كېسەللەرنى ئاۋۇتۇشقا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغان چېكىملىك؛ ئەمدىلىكتە بىزگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، بۇلغىنىۋاتقان جەمئىيەتنى تېخىمۇ بۇلغاشقا ئۇرىنىۋاتقان چېكىملىك.
[align=justify]
گاڭگىراۋاتقان ۋە ھەممىنى سىناشقا قىزىقىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزنى زىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە «ھالال» دەپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقانلارغا ھارامنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن بۇ يازما يېزىلدى. بىر زىيانلىق چېكىملىكنىڭ قېرىنداش مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارالماسلىقى ئۈچۈن لىكسىيەسىدىن پايدىلىنىشىمغا قوشۇلغان پىروفىسسور دوكتور نەبىللاغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
[align=justify]
[align=justify]
چىلىم ھەققىدە بىلدۈرگۈ:
[align=justify]
چىلىم سۇ بىلەن سۈزگۈچ ۋە ۋاستىلىك ئىسسىتقۇچ قۇرۇلمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە دورا ئۆسۈملۈكلىرى، قۇرۇق مىۋە، كۆك تاماكا، نەشە قاتارلىق ئەشيالار بىلەن ياسىلىدۇ.چىلىم ئەسلى تۇنجى بولۇپ ھېندىستاندا ياسالغان، ۋە تاماكىنى سۇدا سۈزۈپ «پاكىزلاپ» ئاندىن چېكىدىغان ئۇسۇل دەپ قارالغان. بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن ئاندىن ئوتتۇرا شەرققە تارقالغان.
[align=justify]
ئەسلىدە بەزىبىر مەدىنىيەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى دەپ قارالغان چىلىم ھازىر ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قارشى ئېلىنىشقا باشلاپ، ئاشخانىلارغا، قاۋاقخانىلارغا ھەتتا ئۆي-ئۆيلەرگە سىڭىپ كىرمەكتە. ئاتا-ئانىلار چىلىمنىڭ خۇمار قىلىدىغىنىدىن، ۋە شۇنداقلا زىيىنىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بالىلارنىڭ چېكىشىگە يول قويماقتا. [align=justify]
[align=justify]
تاماكا- ھارام:
[align=justify]
تاماكا ئادەمنى خۇمار قىلىدىغانلىقى، ئىقتىسادنى خورىتىدىغانلىقى، ئادەم بەدىنىنى ئاستا خاراكتېردە زەھەرلەيدىغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك تۈرلۈك زىيانلىرى ئۈچۈن يۈسۈف قەرداۋى قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى تاماكىغا ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەن، بۇ پەتىۋالارنىڭ بىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ئەل ئىشنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى مەخسۇس يازمىسى بولۇپ، تاماكىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغان. (1) [align=justify]
[align=justify]
بىر كىشى يۈسۈف قەرداۋىدىن سورىدى:
[align=justify]
تاماكا ھاراممۇ؟ -
[align=justify]
يۈسۈف قەرداۋى قايتۇرۇپ سورىدى:
[align=justify]
- سېنىڭچىچۇ؟
[align=justify]
- مېنىڭچە مەكرۇھ. (نۇرغۇن مۇسۇلمانلار تاماكىنى مەكرۇھ دېيىشىپ چېكىشەتتى)
[align=justify]
بىر كۈندە قانچە تال تاماكا چېكىسەن؟
[align=justify]
-ئون تال.
[align=justify]
يۈسۈف قەرداۋى ئېيتتىكى:
[align=justify]
- بىر كۈندە ئون تال چېكىسەن، رامىزاندا چەكمىدىڭ دېگەندىمۇ، بىر يىلدا ئۈچ مىڭ تال چېكىدىكەنسەن، سېنىڭچە ئۈچ مىڭ مەكرۇھ بىر ھارامغا تەڭ بولالماسمۇ؟ [align=justify]
[align=justify]
مەكرۇھ دەۋاتقانلارغا مېنىڭچە مۇشۇ سۆھبەت كۇپايە قىلىدۇ.
[align=justify]
[align=justify]
چىلىم ۋە تاماكا:
[align=justify]
تاماكىنىڭ ھاراملىقىغا ئىشەنگەن ھەربىر مۇسۇلمان چىلىمنىڭ ھاراملىقىغا شۈبھىسىز ئىشىنىشى كېرەك، چۈنكى تاماكا بىلەن چىلىمنى سېلىشتۇرغاندا چىلىم تېخىمۇ بەكرەك زىيانلىق. بىر قېتىم چىلىم چەككەنلىك 20 دانە تاماكا چەككەنگە باراۋەر، چىلىمنىڭ زىيان نىسبىتى تاماكىنىڭ 400-450 ھەسسىسىگە، كاربون چالا ئوكسىد مىقدارى تاماكىنىڭ 4-5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تاماكىنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغىنى شۈبھىسىز، ئەمما چىلىمنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى تاماكىدىن %25 يۇقىرى. بىر سائەت چەككەن چىلىمدىن 400 تالدىن 500 تالغىچە تاماكا چەككەندە چىققان ئىسچىلىك ئىس-تۈتەك چىقىدۇ. چىلىمدىكى نىكوتىن مىقدارىمۇ تاماكىدىن 70% يۇقىرى.
[align=justify]
تاماكىنى كۆپ چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، ئەمما چىلىم چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىلا ئەمەس، كاناي راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، سۈيدۈك خالتىسى راكى قاتارلىقلارغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئىسپاتلاندى. ھامىلدار ئاياللار چىلىم چەكسە ھامىلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چىلىم يەنە ئىسپىرما سانىنى تۆۋەنلىتىپ ئەرلەردىكى بالىلىق بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
[align=justify]
چىلىمدىكى كاربون چالا ئوكسىد ئادەم مېڭىسىنىڭ زىياندىشى بولۇپ، ھوشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ھېچقانداق تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ قېنىدا كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %1 تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئىككىلەمچى تاماكا چەككۈچىلەر (يەنى ئۆزى چەكمەيدىغان، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تاماكا ئىسىنى تولا سۈمۈرىدىغانلار) نىڭ قېنىدا %4-2 گىچە، تولا تاماكا چېكىدىغانلاردا %7-5 گىچە، چىلىم چېكىدىغانلاردا بولسا %12-8 گىچە بولىدۇ.[align=justify]
[align=justify]
چىلىمنىڭ تەركىبى ۋە زىيىنى:
[align=justify]
1. نىكوتىن: نىكوتىن خۇمار قىلىدۇ، ئەگەر كۆپ ئىستىمال قىلىنسا يۈرەك رېتىمىنى ئاستىلاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە مېڭە ۋە نېرۋا تالالىرىغا يىغىلىۋىلىپ، ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان تومۇر كېسەللىكللىرى، كاناي ياللۇغى ۋە يۈرەك كېسەللىرىنىڭ سەۋەبچىسى بولغان نىكوتىننىڭ چىلىمدىكى مىقدارىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
[align=justify]
2. كوكۇس مېيى: كوكۇس مېيى قارا، تۇتۇق رەڭلىك، مايسىمان ماتېرىيال بولۇپ، ياغاچ، تاشكۆمۈر ياكى كۆك تاماكىلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبلىرى ئۆپكە ۋە نەپەسلىنىش سېستىمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆپكە راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، چىلىم چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە راكى بولۇش نىسبىتى چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا 5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.
[align=justify]
3. ئېغىر مىتاللار: مەسىلەن ئارسىن، كوبالت، خروم ۋە قوغۇشۇن قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇپ، چىلىمنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. قوغۇشۇن مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئاستا خاراكتېرىلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
[align=justify]
ئۇنىڭدىن باشقا، چىلىمنىڭ چېكىش ئېغىزىنى ھەممە ئادەم ئورتاق ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇبىركىلىيۇز(2) ۋە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى(3) قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. (ئاستىدا بېرىلگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ مەنبەسىگە قارالسۇن.)
[align=justify]
بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، چىلىم مىقدارى بىلەن گىن ئۆزگىرىشىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولۇپ، چىلىمنى كۆپ چەككۈچىلەردە خروموسوم غەيرىلىكى كۆپ كۆرىلىدىكەن.(4)
[align=justify]
[align=justify]
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مىھرىباندۇر.» (سۈرە نىسا، 29-ئايەت). ھەقىقەتەنمۇ مېھرىبان ئاللاھ بىزنىڭ يىيىشىمىز، ئىچىشىمىز، ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن تالاي پاكىز نەرسىلەرنى ياراتتى، بىزگە رىزىق بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نەپسىنى ھارامدىن يىغمىغان كىشى ئۆز بەدىنىگە، ئۆز دىنىغا ئاسىي بولىدۇ. يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ تۇرمۇشىمىزنى رەڭدارلاشتۇرمىساقمۇ، بىزدە ھەممە يېتەرلىك. بىز تېخى كەيىپ-ساپا سۈرگىدەك بېيىپ، ئىلىم ۋە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلىپ كەتمىدۇق.
[align=justify]
ئاپتونۇم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى سانى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، كىشى بېشىغا نىسبەتلەشتۈرگەندە بىرىنچى ئورۇندىن چېكىنگىنى يوق. تۈگىتەلمىگەن ئاپەتلەر ئورنىغا ئاپەت قوشۇپ ئىناق ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىۋاتقان خىروئىن بىزگە يېتىپ ئاشاتتى، ئەركەكلىرىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈپ كوچا-كوچىلاردا ئادىمىيلىكىنى يۈتتۈرگۈزگەن ھاراق بىزگە يېتىپ ئاشاتتى، ئەمدىلىكتە ئاجىزلىشىشنىڭ، خارابلىقنىڭ يەنە بىر مەنبەسى بولغان چىلىمنىڭ ئۈستەللىرىمىزگىچە بۆسۈپ كىرگىنىدىن تولىمۇ ئېچىندىم. سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمنىڭ، بەرنا يىگىت، مەلىكە سۈپەت قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلىشىغا، گۈلدەك چىرايلىرىنىڭ ۋاقىتسىز سۇلۇپ، سەرۋىدەك قامەتلىرىنىڭ مەزگىلسىز ئېگىلىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن. ئۆز خەلقىنىڭ غېمىنى يىمىگەن پەرزەنت، ئۆگەنگىنىنى ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن ئەۋلاد يارامسىز دەپ ئاتىلىشقا لايىق. مەن ھەم يارامسىز دەپ ئاتىلىشنى خالىمايمەن... [align=justify]
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1) تاماكا ھەققىدە پەتىۋا، شەيخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ئەل ئىش، ئابدۇرراھمان بىن ناسىر ئەسسادى، ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللا بىن باز، (2000) نەزەر نەشرىياتى، بىرىنچى نەشىرى.
Muhammad bin Ibraaheem Aal-ish-Sheikh, Abdur-Rahmaan bin Naasir As-Sa’di, Abdul-Azeez bin Abdullah bin Baaz, Fataawaa concerning : Tobacco and Cigarettes, Vision Publications , 2000, First Edition
(2
Shadi AHA. Sputum microscopy as a tool for identification of sources of infection of pulmonary tuberculosis in Gharbia Governorate. Thesis. Faculty of Medicine, Tanta University
(3
Munckhof WJ, Konstaninos A, Wamsley M, Mortlock M, Gilpin C. A cluster of tuberculosis associated with the use of marijuana waterpipe. International journal of tuberculosis and lung disease, 2003, 7(9):860–5
(4
Yadav JS, Thakur S. Genetic risk assessment in hookah smokers. Cytobios, 2000, 101(397):101–13
[align=justify]
ئەسكەرتىش: تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەرجىمە قىلسام تاپقىلى بولمايدىكەن، ئىنگىلىزتىلى بىلىدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم. بۇ يازمىنى ھەرقانداق تور بەتكە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.