مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11023|ئىنكاس: 72

ئاياللار نىمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يول سورىغان يولد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2579
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 4993 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 06:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلۇشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.ئاياللار نىمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ-يوق؟بىز بۇ ھەقتە ئاز تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلدۇق.
كونىلار ئايالدا نەپسى ئۈچ دەپ قارايدۇ:يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك،سۆيگۈ-مۇھەببەت.ئالدىنقى ئىككىسى ئىقتىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،بۇ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى مۈمكىن.چۈنكى بىر تەربىيىلىك ئايال پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال-مۈلۈك تۈپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي،مىھرىنى بەرگەن ئىرىدىن ۋاز كىچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم-ئوزۇق تىلىمەيدۇ.كىيىم-كىچەك ۋە يىمەك –ئىچمەك پاراغىتى تۈپەيلى غىنى-زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەپ نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى.شۇھبىسىزكى مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ئىرىدىن ئايرىلىپ قىلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ-سىيلاپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقى بولۇپ قىلىشى تۇرغان گەپ.ئايال كىشى ياسانچۇق بولمىسا ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالماس.نەپسى توق ئاياللار قەلەندەرنىڭ كۆلبىسىدىنمۇ ئۆزىگە يارىشا خوشلۇق تىپىپ روزىغارىنى باياشاتلاشتۇرۇشنىڭ غىمىنى يەيدۇ.مەن ساداقەتنى ئىقدىزادى سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويمايمەن.ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئىرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ.دىمەككى بىر ئايالنىڭ ئۆز ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ مۇتلەق ئىتائەتكە كىرىشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر.ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى ئىرىدىن يىتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىشەلمىسە ئۇ قەلبىدىكى روھىدىكى تىنىدىكى ئاچارچىلىقنى سىرتتىن ئىزدىشى ياكى ئىرىدىن يىراقلىشىشى مۈمكىن.ئاياللارنىڭ قانائەت تۇيغۇسى نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ،ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ،ھالىغا يىتىشى،سۆيگۈسى،ساداقتى،ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كىلىدىغان روھى قانائەت ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن كىلىدىغان جىنسى قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ.ئايال روھى قانائەت ئارقىلىق ئىرىنىڭ ساداقىتى ۋە مىھرىنى تولۇق ھىس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلىسە ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتائەتتىكى مۇلايىم خوتۇن،مىھرىبان ئانا پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىنىدۇ.ئەگەر سۆيگۈ –مۇھەببەت ئىھتىياجى يىتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئىرىشەلمىسە ھەرقانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈتسىزلىنىدۇ.رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجى يىراقلىشىشقا باشلايدۇ.ئۆز ئىرىدىن يىتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىشەلمىگەن ئايال ئىرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۇچرىغان ئەرلەر بىلەن سىلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ.مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بىسىپ چۈشكىدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىپ دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كىشى بۇزۇلىدۇ،ئىرىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ.بىز ئەخلاق،قانۇن نوقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز،مۇنداق بولىشىنى خالىمايمىز.ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خوشاللىق بىلەن خوتۇن بولىدىغان، باينىڭ قولىدىن تاپالمىغان بەخىت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يىغىر گەدىنىدىن ھىس قىلىدىغان،شاھزادىدىن قىچىپ كەمبەغەلگە تىگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھىكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس.دىمەككى ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىھتىياجىنى قالدۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ.ئەر كىشى ئايالىنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇپ ئۈستىبىشىنى پارقىرىتىپ ياسىيالمىسىمۇ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئىلىپ روھىنى شاد نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇننى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.ئايالىنىڭ قورسىقنى توقلاشنى ئۈستىبىشىنى ئوڭلاشنىلا بىلىپ كۆڭلى-خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا ،تىنىگىلا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ،ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ.بۇ كۇرۇسقا يا باشقا بىر ھارام تاماق ئولتۇرىدۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ.ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋىرىشى مۈمكىن ئەمەس.ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ.ئەرلەردىكى بوشلۇق،سۇسلۇق،پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغىتىپ قوپۇرىدىغان خەتەرلىك خورەكتۇر.
ئەي خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مىھرىدىن قانداق بەھىر ئىلىشنى بىلەلمىگەن ئەر.مەسىلىنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنىڭنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە،ئەر ھەر تەرپتىن كۈچلۈك بولسا ،خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىنىدۇ.ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ،ئىرىگە ھۆكىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ئەرنى،نىكاھنى پەرزەنىتلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،نۇمۇستىن قورۇقمايدىغان ،ئەيمەنمەيدىغان دەرىجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرېۋىتىدۇ.شۇڭا،ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر.بۇ كۈچلۈك-ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس خارەكتىر پوزىتسىيە مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالىتىگە قارىتىلغان.
ئەر،خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن خوتۇنۇڭنى رازى قىل،ئىقتىزاد جەھەتتىنلا ئەمەس روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە.ئۇنىڭ روھىنى ھەرقاچان شاد توق خاتىرجەم ئەيلىگىن.ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەڭ قىلماس بولسۇن،ھەتتا يات ئەرلەرگە تىكىلپ قاراش ۋە نەزەر سىلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولسۇن.خوتۇنىڭ سىنىڭدىن يىتەرلىك بىخەتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ تۇرسۇن.ئۆزۈڭنى تىڭشا،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭنى تولۇقلاپ تۇر.ئەگەر ئايال پەزىلەتلىك بولىدىكەن ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت-قارىشىدىن ئۆزۈڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى،قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ-ھىس قىلىپ تۇرالايسەن.
ئەر،ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر-دە،ئايالىڭنىڭ قەلىپ سۇلتانلىقىنىڭ يەككە-يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە.خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دىسەڭ،ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.  
مەنبە:نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38762
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 277
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 07:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<ئەر،خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن خوتۇنۇڭنى رازى قىل،ئىقتىزاد جەھەتتىنلا ئەمەس روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە.>>ئۇ سىنىڭ قۇلۇڭ ئەمەس ئۇنى خورلىما.

قارا گۇزەل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8263
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1517 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 07:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مېنىڭ كۆڭلۇمدىكى گەپلەركەنغۇ    بۇ تېمىغا ئەرلەر ئوبدانراق قاراپ قويۇڭلار

چىرايلىق چىرايل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6542
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 3357 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز  .
ئەر،ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر-دە،ئايالىڭنىڭ قەلىپ سۇلتانلىقىنىڭ يەككە-يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە.خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دىسەڭ،ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.   مانا بۇ بىر ئەر ھەم ئەركەك بولغۇچىنىڭ ئويلۇنۇپ بىقىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەن .

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4062
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:16:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇليەتچان ،مىھرى مۇھەبەتلىك ،ئەقىدە ئېتىقادلىق ئەرگە ياتلىق بولغان ئايال بەختلىك ئايالدۇر.  بۇنداق ئايالنىڭ قەلىب ئىشىگى پەقەت ئېرى  ئۈچۈن ئېچىقلىقتۇر.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21179
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ..............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39171
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 779 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<ئەر،خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن خوتۇنۇڭنى رازى قىل،ئىقتىزاد جەھەتتىنلا ئەمەس روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە.ئۇنىڭ روھىنى ھەرقاچان شاد توق خاتىرجەم ئەيلىگىن.ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەڭ قىلماس بولسۇن،ھەتتا يات ئەرلەرگە تىكىلپ قاراش ۋە نەزەر سىلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولسۇن.>>بۇ يەرلىرى ماڭا بەك يارىدى.

خوشخوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40857
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:38:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا بۇ  تېما  ناھايېتې  ياىشې  يېزېلېپتۇ.   اياللارغا  ھورپېيپ  قوسېقېڭ  توق كېيمېڭ  پۇتۇن ،سېنېڭ نېمەڭ كەم دەپ ھوكۇرەپ  روھې جەھەتېكې  بوشلۇقنې تويغۇزامېغان  بېرقېسېم  ەرلېرېمېز بار  شۇلار  وقۇپ  قويسا    ،  بەلكېم  اياللېرېمېز  تالاغا   قارېماس،ېللېق  اېلېسې  بۇزۇلماس  ېدې.ھە.

بۇ   دۇنيادا   ارزۇ   ارمانغا  يېتېدېغان   كېم   بار . بۇ  الدامچې دۇنيا  چۇنكې   رەھېمسېز.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئەھمىيەتلىك تىماكەن ........تىما ئىگىسىگە رەھمەت ......... [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]  [s:173]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7342
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 4943 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:49:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىبىر ئەرلىرىمىز  خوتۇن دىگەن بالا بېقىپ تاماق ئېتىپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالسىلا بولدى دىگەن كۆز قاراش بىلەن ئاياللىرىغا ئىتىبارسىز قاراپ كىيىن شۇ ئاياللرىنىڭ كۆڭۇل قەسىرىدىن بىلىپ بلمەي چۇشۇپ قالىدۇ دە سىز يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك پەقەت جىسمىغىلا خوجا بوپ ئۆتىۋېرىدۇ ،،،بارا بارا ئايالىنىڭ نەزىرىدە ئەر ئەمەس پەقەت ئائىلە خوجايىنى سۇپىتىدە يولغا راۋان بلىدۇ،ئاندىچۇ ؟شۇ ئايالمۇ بىلىپ بىلمەي ئۆزىنىڭ ئاللىقانداق غايىۋى خىياللىرى ئاستىدا مۇڭلىنىپ بىراۋلارنىڭ ئۆزىنى چۇشىنىشىنى ئارزۇ قىلىپ يىگانە قەلبىگە جۆرە ئىزدەپ سىز دىگەندەك يولغا بىلىپ بىلمەي كىرىپ قالىدۇ خالاس ،،،،،ئەمما شۇ ئەرچۇ ؟مەن نىمە قىلىدىم نىمە قىلىۋاتىمەن دىگەننى ھەرگىز ئويلىمايدۇ دە بار گۇناھنى شۇ بىچارە ئايالغا يۇكلەپ ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن چەتنەيدۇ.....بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،،،ئەرلىرىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27103
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4691
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1634 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارمۇ ھەقىقى ئەركەكلەر نەدە سىلەر؟دەپ ياش تۈكىدۇ.

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19612
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7375 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر ئايالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى بىلسە، كۆڭلى يىرىم ۋاقىتتا كۆڭلىنى ياساپ ئەمىنلىك ھىس قىلدۇرالىسا، ئايالىغا ئۆزىنىڭ قەلبىدە ھەرقاچان ئۇنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرسا، ئاددىي بولسىمۇ تۇيۇقسىز خۇشال قىلالىسا، تۇرمۇش جەھەتتە ئايالىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلالىسا ئايالىدىن  مەڭگۈ خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.

خۇددى سىز دىگەندەك  ئەقلىي تەپەككۇرى نۇرمال بىر ئايال ھەرگىزمۇ يۇلدىشىنىڭ مال-دۇنياسىغا تەگمەيدۇ.
پەقەت يۇلدىشىدا ئايالىغا بولغان ئۆزگەرمەس كۆڭلى بولسىلا ئايال كىشى شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.

ئايال كىشى دىگەن مانا مۇشۇنداق ئۆچكە يىغى بولىدۇ. ئىككى ئىغىز تاتلىق گەپ قىلىپ قويسا مىڭ بالالىق خاپىلىق بولسىمۇ بىردەمدە ئۇنتۇيدۇ.

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ئىبراھىمجان ئىر

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26195
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6334 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:24:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە ئاياللارغا بايرام بولۇپ كەتتىمۇ نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ تىما ئاياللارغا بەك ياراپ كىتىپتىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6941 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  man.1 كە 2011-05-16 08:38 PMئەۋەتىلدى  :
توغرا بۇ  تېما  ناھايېتې  ياىشې  يېزېلېپتۇ.   اياللارغا  ھورپېيپ  قوسېقېڭ  توق كېيمېڭ  پۇتۇن ،سېنېڭ نېمەڭ كەم دەپ ھوكۇرەپ  روھې جەھەتېكې  بوشلۇقنې تويغۇزامېغان  بېرقېسېم  ەرلېرېمېز بار  شۇلار  وقۇپ  قويسا    ،  بەلكېم  اياللېرېمېز  تالاغا   قارېماس،ېللېق  اېلېسې  بۇزۇلماس  ېدې.ھە.



ئىملاغا دېققەت قىلساق

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5821
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىم!!               
          ئاساسىي بار!!

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش