مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1750|ئىنكاس: 22

قاراماي - مەدەنىيەت كوچىسى ئارامگاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63976
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 03:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەدەنىيەت كوچىسى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى بىردىنبىر مەدەنىيەتنى ئاساسى تېما قىلغان پىيادىلەر كوچىسى. 2001-يىلى 1-يانۋار چوڭ مىس قوڭغۇراق تۇنجى قېتىم ئۇرۇلۇپ، قاراماي مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

ئۇ خۇددى « مىڭبىر كېچە» دىكى سىرلىق رىۋايەتلەردەك ئادەمگە ئۆزگىچە ھېس بېغىشلايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1065 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىردىن 70 مېتىرغىچە، ئومۇمىي كۆلىمى 70 مىڭ كېۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، خۇددى سىترولۇق سۈرەتلەردەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ.  بۇ جاي خۇددى ئۇزاققا سوزۇلغان، يېراققا تارالغان مۇڭلۇق سىمفونىيەدەك ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. 30مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان پىيادىلەر يولى، 40مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى، 4900 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سۇ رايونى بۇ مەنزىرىگاھنى يىراق بولمىغان جايدىكى خەلق مەيدانى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ.

پۈتۈن كوچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، سۈيى توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان بىر ئېرىق سۇ، ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلارغا سىموۋۇل قىلىنغان ھەر قايسى رايونلار، ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە راۋاق-سۇپىلار،،سەنئەتلىك ھەيكەللەر، مۇزىكىلىق فونتان، كىچىك كۆۋرۈكلەر، چاقپەلەك،چايخانا، شاھمات ئۆيى، كۆرگەزمە زالى، بالىلار شادلىق باغچىسى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ، سىرلىق مۇزىكا چېلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. كىشىلەر بۇ يەردە ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ، ئايلىنىدۇ، ئەتراپنى كۆرىدۇ. مەدەنىيەت كوچىسى خۇددى قەدىمىي شېئىرلاردىكى چىرايلىق سۆزلەر ، رەسىملەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قۇشلار، گۈل-گىياھلار، سالقىنلىق بېغىشلايدىغان ئېرىق يەنە تېخى بۇلۇتلارمۇ بار. كۆلدىكى نىلۇپەرلەر يېيىلىپ ئېچىلغان. زاماننىڭ قەدىمىگە يېتىشىۋاتقان، كەلگۈسىنى قوغلىشىۋاتقان كىچىك بالىلارنىڭ ھەيكەللىرى ياسالغان، يېزىلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسكە سالىدىغان قەدىمىي چاقپەلەك، سەھرانى ئەسلىتىدىغان مىس چۆگۈنلۈك چايخانا يەنە تېخى قاۋۇل ئاتلار چېپىپ كېتىۋاتقاندەك مەنزىرە ۋە يەنە قەھرىمانلار تېمىدىكى قاپارتما سۈرەتلەر بۇ يەرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدۇ.

مەدەنىيەت كوچىسى ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. يەنى،A بۆلىكى مەدەنىيەت مەنبەسى بۆلىكى، B بۆلىكى مەدەنىيەت تومۇرى بۆلىكى، C بۆلىكى مەدەنىيەت نۇرى بۆلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. مەدەنىيەت مەنبەسى بۆلىكىدىكى سۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىق چوڭ چاقپەلەك تارىخى مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى بىلەن ئۈزۈلمەي كەلگەن ھاياتلىق مەنبەسىگە سىموۋۇل قىلىنغان. قەھرىمانلار تېمىغا 98 شەخىسنىڭ قاپارتما سۈرىتىچۈشۈرۈلۈش ئارقىلىق، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ گىئولوگىيەلىك ئېچىلىشى ۋە قۇرۇلۇش-تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئىپادىلىگەن. مەدەنىيەت تومۇرى بۆلىكىدە رەسمىلىك تام، راۋاق-سۇپا، ئەگمە كۆۋرۈك، مىللەتلەر كوچىسى ھەم ھەيكەللەر، قوڭغۇراق مۇنارى قاتارلىقلار بار. مەدەنىيەت نۇرى بۆلىكىدە بولسا، ئالتە مەدەنىيەت تۈۋرۈكى ۋە « ئايال ئىلاھنىڭ ئاسماننى يامىشى»، «كۇافۇنىڭ قۇياشنى قوغلىشى»، «رەم سېلىش» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى رىۋايەتلىرى ھەمدە 12 مۈچەلدىكى ھايۋاناتلارنىڭ ھەيكىلى قاتارلىقلار زامانىۋى مۇزىكا ۋە يورۇقلۇقلار بىلەن فونتان مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ يەر  بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

تامدىكى قاپارتما سۈرەتلەرمۇ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن.بىرىنچى بۆلىكى دېنوزاۋۇر دەۋرىدىن ئوتتۇرا دەۋىرگىچە بولغان ئۆزگىرىش ۋە نېفىتنىڭ پەيدا بولۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئىككىنچى بۆلىكى، كونا،يېڭى ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ قاراماينى ئېچىش ،تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى 50 يىللىق يېڭىلىق يارىتىش تارىخى ۋە جەڭگىۋارلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۈچىنچى بۆلەكتە بولسا، سىموۋۇل ئۇسۇلى ئارقىلىق چوڭ نېفىتلىك ئىشلىرى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېزا-ئىگىلىكى ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ھەمدە چوڭ بازارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى نامايەن قىلىنغان.

ئىككى چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى مەدەنىيەت كارىدورىدا، قاراماينىڭ نېفىت مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا مال سېتېۋېلىش، غىزالىنىش، كۆۈل ئېچىش سورۇنلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ مۇھىتى ئازادە ھەم ئېسىل بولغاچقا كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ياخشى بارار جايغا ئايلانغان.

مەدەنىيەت كوچىسى مۇھىتى يېشىللاشقان، باغچىلاشقان، سەنئەت ئاممىۋىلاشقان ئورۇن.

بۇيەر ئىنچىكە، مۇكەممەل لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇنى جۇڭگو ئورمانچىلىقىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن غەرب ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەمدە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ بىرىكمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

قاراماي - مەدەنىيەت كوچىسى ئارامگاھى مەنزىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

 


 

 


 

 


 

 


 

 


 

 


 

 مەنبە: قاراماي تورى.


سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!
xelem بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 05:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 05:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulayhaھەدىمىزنىڭ يۇرتى خېلى چىرايلىقكەن ھە   پۇرسەت بولسا بىربېرىپ كۆرەپكەلمىسەم

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

چىرايلىق چىرايل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9637
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 05:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ... پاھ !!!!!!!!!!   نىمە دىگەن گۈزەل جاي بۇ .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 05:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىمايغا بىر باراي دەيمەن،ھېچبىر پۇرسەت كەلمەيدۇ،بۇيەر بەك ئېسىل لايىھىلىنىپتۇ،بەك گۈزەلكەن،بىر كۈنى بېرىپ قالسام زۇلەيخانى ئىزدىسەم بۇلامدۇ نىمە. [s:139]  [s:136]  [s:136]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1030 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 05:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرنى قۇرغۇچىلار ئابىدىلىرىنى تىكلەپ قويۇپتۇ - ھە ؟! جىق جاپا تارتتى بۇلار .
قاراماينىڭ تېگى پال-پال ،تېگىگە باققاندا ئۈستىمۇ ئاز-تولا پالپاللىشىپتۇ ھەر ھالدا ، چىرايلىقكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27897
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6646
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 1702 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 06:03:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك چىرايلىقكەنغۇ ،،قارىمايلىق دوستلۇرۇممۇ بەك چىرايلىق دەپ سۆزلەپ بىرەتتى !
خۇدايىم بۇيرىسا پۇرسەت بولۇپ قالسا بىر بىرىپ كەلمىسەم !!!!!

سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەڭ !!!

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 06:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلھايا قېرىندىشىم ، سىز يۇرتىڭىز قاراماينى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتىڭىز ،رەھمەت . ئاللاھ خالىسا بېرىپ كۆرۈپ كىلەرمىز .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40191
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3215
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 06:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ قارامايغا بېرىپ باقمىغان سىز بېرىپ باققانمۇ؟ رەسىملىرىنى كۈرۈپ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.تەتىلدە بارايمىكى.سىزمۇ بارامسىز؟بارمىسىڭىز مەيلى مەن كىتىۋىرىمەن.پويىزدا بارايمۇياكى ماشىنىدىمو؟بىر مەسلىھەت بىرىڭا! قانداق قىلاي؟

ber-ber.turk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 06:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش