مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 21129|ئىنكاس: 44

مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ <تەلەي يۇلتۇزى> 14-س [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12654
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6947 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

14-سان تەلەي يۇلتۇزىنىڭ جاۋاپلىرى.




تەلەي.


1-سۇئال:- چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى قايسى يىلى ھالاك بولغان؟خىزر خوجىنى بىلەمسىز؟(قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ).

جاۋاپ:-مىلادىيە 840-يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولدى.شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە خىزىر خوجا (1389− 1399-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خانلىقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۇرپان رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى؛ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىدىن قۇمۇلنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى(جۈملىدىن قۇمۇل) دىكى كەڭ رايون ھەر قايسى مىللەتلەر تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان ئورتاق ماكان بولۇپ قالدى، يەنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

2-سۇئال:-شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە خانلىقتىن بىرىنچى بۇلۇپ كىم ئىسلام دىنىگە ئېتىقات قىلىدى؟1388-يىلى كىم بۇتخاننى مەسچىتكە ئوزگەرتكەن؟

جاۋاپ:-.شەرقىي چاغاتاي خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، خانلىقنىڭ ئاساسچىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلدى.ئۇ 1353-1354-يىللىرى 160 مىڭ موڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كوللېكتىپ ئېتىقات قىلدۇرغان.1388-يىلى ئەرشىدىن خوجا بۇتخانىلارنى مەسچىتكە ئۆزگەرتتى.

3- سۇئال :-  مىلادىيە 632 – يىلى كىم ۋاپات بولغان؟ئۇنىڭ ۋاپادار قىزىنىڭ ئىسمى نىمە؟ئۇ قاچان ۋاپات بولغان؟

جاۋاپ:- مىلادىيە632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغان، ۋاپادار قىزىنىڭ ئىسمى بۈۋى فاتىمە، ئۇ  بىرقاراشتىكىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن << يېرىم يىل كېيىن >> يەنى ھىجرىيىنىڭ 10 يىلى رامىزان ئاي ( 9 – ئاي ) ئۆتۈپ 4 – كۈنى ( 14 – كۈنى دەيدىغانلارمۇ بار ) دەيدۇ ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر : مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن << ئۈچ ئاي كېيىن >> يەنى شۇ يىلى ھىجرىيە جامادىلئاخىر ( 6 – ئاي ) نىڭ 15 – كۈنى دەيدۇ .

4- سۇئال:- ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇرلاردىن كىملەرنى بىلىسىز؟10دىن كام بولمىسۇن؟

جاۋاپ:-ئەفراسىياب، ئالىپ ئەرتۇڭا، تۇمارىس،ئاتىللا، ئوغۇزخان، قاراخان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،يۈسۈپ قىدىرخان،سۇلتان سەئىدخان،سۇلتان ئابدۇرەشىدخان،سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان،سۇلتان ئىسمايىلخان.

5-سۇئال:-  پاشىنىڭ غىڭشىشى ۋە تۇلپارنىڭ كىشنىشى كىمنىڭ ئەسىرى؟ئەسەردە قايسى ئىدىيە ئالغا سۇرۇلگەن؟

جاۋاپ:-. مەڭگۈتاشنىڭ ئەسىرى .مەركىزىي ئىدىيە: ئلتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى مىللىتىمىزنىڭ  ئىدىيە روھىي ھالىتى سېلىشتۇرۇلغان،ھازىقى جەمئىيىتىمىدىكى كۈنسېرى ئەۋىج ئېلىۋاتقان خۇشامەتچىلىك ، مەنمەنچىلىك،ئەخلاقسىزلىققا بولغان نارازىلىق ، ئېچىنىش ھېسسىياتى ، سۇسلىشىۋاتقان مېھرى مۇھەببەت، مىللىي ساپلىقنىڭ يوقىلىشغا بولغان ئېچىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.

6-سۇئال:- دۇنياغا تۇنۇلغان ئويغۇر ئالملاردىن كىملەرنى بىلىسىز؟مىراس ئەسەرلەردىن قايسسنى بىلىسىز؟

جاۋاپ:-

دۇنياۋى ئالىملاردىن :ئەل فارابى، مەھمۇد كاشىغەرى (Mehmud Kashghari)،يۈسۈپ خاس ھاجىپ (Yusup Has Hajip)،ئەھمەد يۈكنەكى،ئەھمەد يەسەۋىي، لۇتفى،ئەلىشىر ناۋائىي، بابا رەھىم شا مەشرەپ... قاتارلىقلار بار بولۇپ  مىراس ئەسەرلەردىن: دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك(تۈركىي تىللار دىۋانى)،قۇتادغۇ بىلىك،ئەتەبەتۇل ھەقايىق،خەمسەناۋائىي...قاتارلىقلا.


7-سۇئال:- ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كوپ شىئېر يازغان شائېركىم؟ئەسەرلىرىدىن قايسسىنى بىلىسىز؟

جاۋاپ:-ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ شېئىر يازغان شائىر ئەلشىرنەۋائىيى . نەۋائىي(1441-1501)، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا. شائىرنىڭ «خەمىسە»، «خەزائىنۇل مەئانى»(مەنىلەر خەزىنىسى)،« مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»(ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

8-سۇئال:-مۇڭغۇللارنىڭ<<جاڭغىر>> توغرىسىدا نىملەرنى بىلىسىز؟بۇ نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ئويغۇرلارنىڭ قايسى ئەسىرى

بۇ تىپقا كىرىدۇ؟


جاۋاپ:-.موڭغۇللارنىڭ جاڭغىر ناملىق ئېپوسى دۇنيادىكى سەككىز چوڭ ئېپوسنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوغۇزنامە»سى شۇ خىل تۈردىكى ئېپوس بولۇپ سانىلىدۇ.  

9-سۇئال:- دۇنيادا نوۋەتتىكى ئەڭ توغرا سىتاتىستىكىلىق سانلىق مەمۇماتنى يەنىلا ئىنسانشۇناس ئالىملىرىئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەرگە ئائىت تەتقىقاتلىرىدىن ئىسپاتلانغان دۇنيادا ئىشلىتىلگەن  نەچچە خىل تىل بار؟مەملىكىتىمىزدىچۇ؟

جاۋاپ:-9-دۇنيادا 5651 خىل تىل. مەملىكىتىمىزدە ھازىر 80 دىن ئارتۇق تىل 56 مىللەت 30 خىلدىن ئارتۇق يېزىق بار.

10-سۇئال:- بۇ ئۇيۇننى ئوينىغۇچى ئككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن،ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن،بىرى يەنەبىرىگە پاكىزلانغان بىر نەرسىنى تىشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.ئۇنى قۇبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ئېلىپ ياندا ساقلايدۇ.  بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىزئۇنى سۇرايدۇ. ئالغۇچى دەرھال ئۇ نەرسىنى يېنىدىن چىقىرىپ بىرىشى لازىم، شۇندىلا ئۇ ئۇتقان بۇلۇدۇ.( ئۇنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قېلىشقا،باشقا يەردە ساقلاشقا بولمايدۇ.چۇقۇم ئۆز يېنىدا بۇلۇشى كىرەك) شۇ چاغدا بەرگۈچى قوي،كالا،ھەتتا تۈگە سۇيۇپ چاي(مەشرەپ) بىرىپ،دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.مۇبادا دىگەن ۋاقتىدا ئۇ نەرسىنى  چىقىرىپبىرەلمىسە، ئالغۇچى ئۇتتۇرغان بۇلۇپ، ئۇتقۇچى تەرەپكە مەشرەپ چاي بىرىدۇ.ئېيتىڭە بۇ قانداق ئۇيۇن؟قايسى مىللەتنىڭ ئۇيۇنى؟بېرىلگەن نەرسە نىمۇ؟

جاۋاپ:.توپۇق ئويۇنى - شەرتى مېغىز، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇددىتى ئۇزۇن، ئەر - ئويۇنى...مۇددىتى ئۇزۇن، ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممىگە تەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن. بۇ ئويۇنمۇ دوستلۇقنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئۇنتۇلماس،ساداقەتمەن بولۇشنى سىناش ئويۇنى بولۇپ، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ توپۇقى لازىم. توپۇق قوي ياكى ئوچكىنىڭ  ئارقا پۇت سېنىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە. گۆش بىلەن توپۇق  ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمۋول قىلىنغان.ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ئويۇنى...

تاللاش سۇئاللىرنىڭ جاۋابى.

1-سۇئال:-راكنىڭ يۈرىكى :

جاۋاپ:-

ئا-بېشىدا بۇلىدۇ.

2-سۇئال:-


گەر تۇخۇ قالسىمۇ زۇڭتۇڭ سايلىنىپ،

             يۇرۇيدۇ سۇيدۇكتە ئاغىزى مايلىنىپ.

             گەرچە ئۇ تاغ كىيىپ يۇرگىنى بىلەن،

             گەندىنى تاپىدۇ چۇقۇم ئايلىنىپ.

بۇ ئەسەر،جاۋاپ:-ب:-زوردۇن سابىرنىڭ ئەسىرى.


3-سۇئال:-ئادەمنىڭ يۇرىكى قاننى قانچىلىك يىراقلىققا پۇركىيەلەيدۇ؟

جاۋاپ:-

ب:-30 سانىتىمىتىر.


4-سۇئال:-

جاھاننى سەل باسسا تەرەپ-تەرەپتە،

بولارمىش ئىشەكنىڭ غېمى ھەلەپتە.

ئەگەر سەن مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ،

ياشىما ئىشەكتەك شەخسى تەلەپتە.

بۇ ئەسەر،جاۋاپ:-

.س:-ئەخەت تۇردىنىڭ.

5-سۇئال:توغرا جاۋاپ:--ئا:-چاقماق سەرەڭگىدىن بالدۇر كەشىپ قىلىنغان.

6-سۇئال:-<<خەزائىنۇلمەئانى>>ناملىق لىرىك توپلىمىنىڭ ئۆزىگىلا :

جاۋاپ:-  ئا:-3132غەزەل44.803مىسرا شىئېر بار.


7-سۇئال:-100  ئامرىكا دوللىرى:

جاۋاپلارنىڭ ھېچقايسسى ئەمەس،توغرا جاۋاپ:-649.3506خەلق پۇلىغا تەڭ.


8-سۇئال:-2008-يىلى 7-ئايدا نەشىردىن چىققان ئاچىل ناملىق شېئىرلار توپلىمى:

جاۋاپ:-ب:-ئابدۇخالىق ئويغۇرنىڭ توپلامى.

9-سۇئال:-راڭپىزا،لەڭپۇڭلاردەك ئىگلىپ تۇرۇپ، ئاتالمىش ۋىجدان غورۇرنى دەستەك قىلىپ مەن ئەركەك دەپ مەيدىسگە ئۇرغان ئەركەكلەر بىر قىسىم ئاياللىرىمىز تەرپىدىن ئەڭ قارشىغا ئېلىنماقتا....شۇڭا ھەقىقىي ئەركەكلەر سانى چەكلەنمەكتە......

بۇ ئەسەر:-توغرا جاۋابى:-س:-زامانىنىڭ<< ۋىجدان،گۇناھ،مېھىرسۆزلىدى>>ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان.

10-سۇئال:-قاتتىق چۈشكۈرۈش:

ئا:-كۆكرەك قەپىسىنىڭ يېرىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.


11-سۇئال:-بۇ شئېر مۇنبەردىكى كىمنىڭ ئەسىردىن ئېلىنغان ؟


ﺋﺎﺭﺯﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ،

  ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﻰ ﻧﻪﺩﻩ ﺩﻩﭖ،

ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ "ﺩﻩﻡ "ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ.


ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻧﺴﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ -ﺷﻪﺭﻩﭖ،

ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ "ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ "ﺩﻩﭖ.

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺮﯨﺸﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎ،

ﻳﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻳﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ.

بۇ ئەسەر مۇنبىرىمىزدىكى kapsizkiz نىڭ سوغات قىلىنغان خاتىرە  ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان...

شۇنداق قىلىپ چىقىرلغان سۇئاللارنىڭ ئەھمىيىتىنى چۇشىنىپ يەتكەن دوسلارغا ھورمىتىمنى بىلدۇرمەن،مۇشۇ قېتىملىق پائاليەتتە مەن دوسلارغا مۇنبەر بىلىملىرىنىڭ ھەقىقى بىر ھىكمەت بۇلىقى ئىكەنلىكىنى ،ئەتىراپىدا،كۇندە كۇرۇپ تۇرغان مۇنبەر يۇزىدىمۇ  نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم.


توۋەندە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دوسلارنى ئېلان قىلىمىز:


مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە   

 مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى.

5000مۇنبەر پۇلى.

ئالاھىدە مۇكاپات

ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرىنجىلىكنى ساقلاپ قالغانلار،

بىر قېتىملىق سۇئالنىڭ ھەممىسىگە توغرا ۋە تۇلۇق جاۋاب بەرگەنلەر

10000مۇنبەر پۇلى ۋە تەلەي يۇلتۇزى مىدالىدىن بىر دانە.

1. دەرىجىلىك مۇكاپات

دېسنى

مۇكاپات سوممىسى 5000مۇنبەر پۇلى.

2-دەرىجىلىك مۇكاپات

گۈلبىكە

ئالتۇنبۆشۈك.

(ئىككى نەپەر)

3000 مۇنبەر پۇلى.

3-دەرىجىلىك مۇكاپات

(تۆت نەپەر)

مۇرات

سۇزۇك-ناز

روھزاد

ئېلىجان.

2000 مۇنبەر پۇلى

رىغبەتلەندۈرۈش (ئالتە نەپەر)


چېچەك0903

يۇچۇن ئادەم

مۇزەپپەر123

سانجار

ئېرپان0998

ئاي-تۇرۇك.

200مۇنبەر پۇلىدىن1000مۇنبەر پۇلىغىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.


كىلەر قېتىملىق سانىنى مۇنبىرىمىزدىكى روھزاد ئوتكۇزمەكچى،دوسلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلەپ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى سەممى سورايمىز.مۇكاپاتنى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يازغاندىن كىيىن نەخلەشتۈرلىدۇ  .

ھورمەت بىلەن:



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
سەھرا ئوغلى + 4000 13- ساننى مۇۋاقىيەتلىك چىقىرىپ جاپا تارى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 4000   باھا خاتىرىسى

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:53:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن...

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:55:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن قىرىنداشلىرىمنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن.

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6419
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239431
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12484 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 09:58:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن دوسلارنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن !
بۇندىن كىيىن دوسلارنىڭ مۇكاپاتنى تۇتقا قىلۋالماستىن بىلىم سەۋيىسىنى سىناپ ، ئۆزىدە بار بولغان قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

ھەر راس سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلمەي قالساق ئازراق ئارقا ئىشىك ماڭساق دەپ بىرەمسىلەر ؟ [s:179]  چاقچاق ھە !
مۇشۇنداق ئۆزىنى سىنايدىغان پائالىيەتلەرگە ساختىلىق ئارلىشىپ قېلىشىدىن ، يىراق بۇلايلى ھە ! [s:166]

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25877
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:00:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دوستلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن... مۇبارەك بولسۇن.
بۇنىڭدىن كېينكى ئىزدىنىش، ئەجىر -مېھنەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق ، تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، تورداشلارنىڭ قىزقىشىنى ئاشۇرۇپ،ياخشى بىر ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ،مۇنبەر ئارقىلىق پۇرسەت يارتىپ بەرگەن لەرزاننىڭ  تىرىشچانلىقىدىن سۆيۈندۈم... رەھمەت سىزگە.

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:04:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:14:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:16:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا مۇكاپات دىگەن نەرسە يوقما؟ مىنىڭ مۇكاپاتىمنى كىم ئېلىۋالدى؟ [s:127]

مەن

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:33:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2- بوپتىمەن..... [s:130]  [s:165]
كېلەر قېتىم يەنە تەلىيىمنى سىناپ باقاي، مۇشۇ جەرياندا خېلى بىلىمگە
ئىگە بولىۋالغۇدەكمەن... [s:136]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

سەن مەنپەئەت ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25966
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4414
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5505 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 10:35:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت Gulbike كە 2011-05-16 10:33 AMئەۋەتىلدى :
2- بوپتىمەن..... [s:130]   [s:165]
كېلەر قېتىم يەنە تەلىيىمنى سىناپ باقاي، مۇشۇ جەرياندا خېلى بىلىمگە
ئىگە بولىۋالغۇدەكمەن... [s:136]

مۇبارەك بولسۇن گۈلبىكە..................
كېلەر قېتىم 1-بولۇڭ ھە..............[s:165][s:165]

ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!! ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش