  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئاددى تەرجىمىسى:----- 
 دادا:- ئۇنىمە؟   بالا:-بىر قۇشقاچ   دادا:-ئۇنىمە؟   بالا:-دادا ، بايام ساڭا دىدىم غۇ ، ئۇبىر قۇشقاچ دەپ.   دادا:-ئۇنىمە؟   بالا:- دادا ، بايام ساڭا دىدىم ، ئۇ بىر قۇشقاچ،قۇش قاچ.   دادا:-ئۇنىمە؟   بالا:-سەن نىمانداق قىلىسەن،ساڭا نۇرغۇن قېتىم دىدمغۇ. ئۇ بىر قۇشقاچ،سەن ئاڭلىمىدىڭ مۇ؟ سەن نەگە بارىسەن؟   دادا:- بۇنى ئوقۇ، ئۈنلىگىرەك ئوقۇ.    بالا:- بۈگۈن 3ياشقا كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان كىچىك ئوغلۇم مەن بىلەن باغچىدا ئولتۇرغاندا ئۇچۇپ كەلگەن قۇشقاچنى كۆرۈپ مەندىن 21  قېتىم - ئۇنىمە؟- دەپ سورىدى ، مەنمۇ  ئېرىنمەي ئۇنىڭغا 21  قېتىم - ئۇ قۇشقاچ - دەپ جاۋاپ بەردىم. مەن ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قايتا-قايتا سورىغان سۇئالىغا ھارماي جاۋاپ بەردىم. چۈنكى ئۇمېنىڭ گۈدەك ئوغلۇم. 
 مەنبەسى:   «ئانا تىل بلوگى» ئادرىسى:  Http://Anatel.blogbus.com  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |