مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4423|ئىنكاس: 125

دوستۇم <ھۆكۈمران>سىزنى تەبىرىكلەيمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3586
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 12063
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2727 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 02:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزمۇسۇلمانلاردا تۇغۇلغان كۈننى مۇبارەكلەش يوق بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈنىڭىزدە سىزگە ئىككى ئېغىز، چىن سۆزۈمنى سۆزلەپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
دوستۇم ،سىز بۈگۈن تۇغۇلغان كۈننى مۇبارەكلەشنى ئويلاشقان چىغىڭىزدا، ئېىسل تائاملار بىلەن غىزالىنىپ كەيپىياتىڭىزنى كۈتۈرۈشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا ، ئالدى بىلەن سىز بۇ جاھاندا،شۇ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىد ابىر ۋاقلىق غىزاسى ئۈچۈنمۇ غىزا تاپالمايۋاتقانلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. شۇندىلا سىز بۇ نىيىتىڭىزدىن دەرھال يىنىپ ساۋابلىق ئىشنى ئويلىشىپ قالىسىز.

دوستۇم ،سىزبۈگۈنكىدەك تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە يىڭى كىيىم كىيىشنى ئويلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، دوستلىرىڭىزنىڭ ياكى يىقىنىڭىزنىڭ سوۋغىلىرىنى ئالماقچى بۇلىۋاتقىڭىزدا، دۇنيادا يالىڭاچ قىلىۋاتقان ھەم  بىركۈنى ئۆتسە شۇ كۈنىگە شۈكۈر قىلىۋاتقان، قېرىنداشلىرىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزكەلتۈرۈڭ. شۇندىلا سىزنىڭ دىلىڭىزنىڭ ئېرىپ كۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارسىز نەملەشكەنلكىنى ھېس قىلالايىسىز.

دوستۇم، سىزبۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى،مەنمۇ باشقىلاردەك ياۋرۇپاچە تەبىرىكلەپ بۈگۈنكىدەك، خۇشال كۈنۈمنى ئومدان ئۆتكۈزەيچۇ دىگەن چىغىڭىزدا، دەرھال يىشىڭىزغا يەنە بىر ياش قىتىلىپ، بىريىل ئۈمۈرۈڭىزىنىڭ قىسقىراپ مىڭىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ئۈمرۈڭىز ئىچىدە زادى قانچىلىك؟ ياخشى ساۋاب ئىشلارنى ،ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزگە چۈشۈرگەن پەرىزلەرنىڭ قانچىسىنى ئادا قىلغانلىقىڭىزنى ئويلىسىڭىز ، بۈگۈنكىدەك بىر كۈنلۈك ھاياتڭىزنىمۇبىھۇدە ئۆتكۈزمەي ،چۇقۇم ئۆزىڭىز ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقمىغانلىقىڭىزغا ئىختىيارسىز  ئۈكۈنگەنلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز.

دوستۇم ئاخىرىدا، سىزنىڭ كىيىنكى ھايات نىشانىڭىزدا چۇقۇم توغرا يولدا مىڭىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى دۇنيالىقىغا يۈز كىلەلىگۈدەك ھەقىقي مەرت ئوغلانلارغا خاس خۇددى قارغايدەك، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھەمدە ئاللاھ ئىگەمدىن سىزگە ئۇزۇن ئۈمۈر ، سالامەتلىك ، كامىل ئىمان، مۇستەھكەم ئىتقاد تىلەپ تىمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئاللاھ سىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن. ئاللاھ قا ئامانەت!


دوستىڭىز :كۈڭۈل


ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87873
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7324 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى تىلەكلەر سىزگە يار بولسۇن!

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

بۇدۇنيادا چىداپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3171
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2375 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:08:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۆمرۈڭىزنى ئۇزۇن ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ھۆكۈمران ئەپەندى[s:132] كۆڭۈل ھەدە يوقاپ كەتمەي مۇنداق نەرسە يوللاپ تۇرىڭە [s:132]

خۇدادىن زارلىنىپ بەندىدىن ئاغرىنىغۇچە،ئۆز يولۇڭنى تېپىپ مەزمۇت دەسسەپ ماڭ شۇندىلا ئۆزۈڭنىڭمۇقابىلىيەتلىكڭنى ھىس قىلىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2189
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك بوغىدەك مۇشۇنداق بولسا  [s:145]  [s:145]  [s:145]

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

كۈنسىر ئالغا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33284
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈمگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاپسىز ،قىسقغىنە ھايات مۇساپىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ ،ئۈز ئىزناللىرىڭىز ئارقلىق  تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلشىڭىزگە تېلەكداشمەن  [s:178]

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

مىسكىن قىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38349
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5113
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي بۈگۈن بۇ ھۈكۈمران   باشلىقنقڭ تۇغۇلغان كۈنىمىكەن  ،   شەرىئەتتە بولغان بولسا  تەبرىكلەر ئىدىم .    ئامال يوق  .   ھى  ھى ھى      بۈگۈن  سوۋغاتقا  تۇيىدىكەنسىز ئەمسە       باشلىق بولغاندىكىن   ئارقا ئىشىكلەرمۇ ئاز ئەمەستۇ  ؟  [s:159]  [s:152]  [s:127]  [s:127]  [s:127]  [s:127]

www.kaqkuz.comسىلەرنى قارشى ئالىدۇ

باھادىرنامە.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37446
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1581
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئوغۇل  بالا بولساڭ  قىلغان  ئىشىڭغا پۇشايمان قىما، ئەگەر  بىر  ئىشنى  قىلىپ  بۇلۇپ ،ئارقىدىن  پۇشايمان  قىلساڭ، ئۇ  ئىش دەل  سىنىڭ   ئاجىزلىقىڭ .

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3324 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەشنىڭ يامان تەسىرى يوق.ئۇ ھاياتلىقنى قەدىرلەشنىڭ بىر قېتىملىق سىگنال كۈنى،ئۈلۈمگە يېقىنلاۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى.بۇ يەنىلا ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دىگەندەك پان ئىسلام دىننىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلىگەندىن كۆپ ئەۋزەل.بۇنى ئاللا قوللايدۇ.

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11345
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  yanmas كە 2011-05-15 03:08 PMئەۋەتىلدى  :
ئاللاھ ئۆمرۈڭىزنى ئۇزۇن ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ھۆكۈمران ئەپەندى[s:132] كۆڭۈل ھەدە يوقاپ كەتمەي مۇنداق نەرسە يوللاپ تۇرىڭە [s:132]
ئىسلام دىنىدا ئەزەلدىن باشقىلارغا ياكى ئۆزىگە ئۆمۈر تىلەش يوق، ئادەمنىڭ قانچىلىك ياشىشى ئانسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا پۈتۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا باشقىلارغا ياكى ئۆزىگە ئۆمۈر تىلىمەي ئەڭ ياخشىسى كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىگەن ياخشى.
ئۈستىدىكى توردىشىمىز دىگەندەك بۇ تېما چاپان ئالماشتۇرۇپتۇ خالاس، ئەگەر ئۇ كۈننى ئۆتكۈزۈش يوق بولسا بۇ تېمىنى يوللاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1298
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15955
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8361 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن دوستۇم كۆڭۈلگە سەمىمىي رەخمەت ئېيتىمەن .
تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى بولمىسىمۇ ئەمما بۇ خىل ئىشلار ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدا كۆپىيىپ قالدى . ئەلۋەتتە 7 -8 يىل ئىلگىرى مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدىم . بۇمۇ ئادەملەردىكى بىر خىل ئۆتكۈنچى دەۋىر ئوخشايدۇ.
     بالىلىق چېغىمدا باشقىلار تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىلىسە شۇنچىلىك خوش بۇلۇپ كېتەتتىم . شۇ تەبرىكلەردە مېنىڭ كەلگۇسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشۇم ئۈچۈن قىلىنغان سەمىمىي تىلەكلەر، ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇپ ئۈسۈپ يېتىلىشىم ئۈچۈن قىلىنغان پەندى نەسىھەتلەر بار ئىدى . بەلكىم شۇ چاغدا تاپشۇرۇۋالىدىغان سوۋغاتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بولسا كېرەك، كېيىنكى تۇغۇلغان كۈنۈم تېزراق كەلسىكەن، ئۈزۈممۇ پاتراق چوڭ بولسامكەن دىگەننىلا ئويلايتىم .
      بىر كۈنلەردە << مەن كىم؟ >> دىگەن سۇئال تۇيۇقسىز مېڭەمدە ئەكس ئەتكىنىدە، ئاشۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدىگىنىمدە ھاياتىمنى تولىمۇ مەنىسىز ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . بۇرۇن ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان بولسام مانا ئەمدى ئۇلۇق ئاللاھدىن ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىشنى ، قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىمنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغان ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىشىنى كىچە - كۈندۈز تىلەيدىغان بولدۇم . قىسقىسى ۋاقىتنىڭ تولىمۇ ئاستا ئۈتۈشىنى، تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ بەكمۇ كېچىكىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغان بولدۇم. ئەمما ئامال يوق. ۋاقىت ئادەمگە، ئىرادىگە باقمايدىكەن .
     بىر نەچچە يىل بولدى، ئائىلىمىزدە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلسە ئۇرۇق - تۇققان ، قېرىنداشلار چوڭ ئۆيگە ( ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئۈيى) گە جەم بۇلۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق . گەرچە ئۇرۇق - تۇققان، قېرىنداشلار بىر شەھەردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، خىزمەت ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن جەم بولمىقىمىز ھەقىقەتەن تەس .( ھېيت كۈنلىرىدىن باشقا)
     ھەر قېتىمقى مۇشۇنداق كۈندە بارلىق ئۇرۇق- تۇققانلار چوڭ ئۆيگە يىغىلىپ، ئاتا - ئانىمىز بىلەن موڭداشقاچ، ئائىلىمىزدە قولمۇ- قول تۇتۇپ ئېتىلگەن مەزىلىك تاماقنى بىر داستىخاندا جەم بۇلۇپ يەيمىز،  ئاكا - ئىنى ، ھەدە - سىڭىللار ، كىيئوغۇل - كېلىنلەر ئۆز ئارا موڭدىشىپ، تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر خىل ئىشلارنى سۆزلىشىپ، ھەل قىلالمىغان ئىشلار توغرۇلۇق چوڭلاردىن مەسلىھەت ئالىمىز ، ئۇماق بالىلىرىمىزنى ، نەۋرىلەرنى تاتلىق ھەركەتلىرى بىلەن ناخشا -ئۇسۇلغا سالىمىز ، ئوپچە سۆرەتكە چۈشىمىز . سىنئالغۇغا ئالىمىز، ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلايمىز . قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىر - بىرىمىزگە بىلدۈرىمىز . قىسقىسى بۇ كۈندە ئۆيىمىزدە ئايەم بولىدۇ.

      تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىز ئۈچۈن ئادەت ئەمەس بەلكى قېرىنداشلارنى جەم قىلىدىغان ، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر باھانە خالاس.
تورداشلارنىڭ سەمىمىي كۆڭلىگە رەخمەت .  

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش