ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ .tuz.ھەم 2011-05-15 01:08 PMئەۋەتىلدى ئاش تەڭ ،نان تەڭ ،سول نېمىشقا تار-كەڭ ؟! :
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار !
يەنى شۇ كونا گەپ ~
ماشىنا تىجارەتتىن توختىغىلى نەچچە كۈنلەر بولدى . ئۇيان دوقۇرۇپ ، بۇيان دوقۇرۇپ يۈرۈپ، ھېچ ئىشنى ئاقتۇرالماي ئېچىم سىقىلىپ بىكارچىلىقتا ، مەن تېگىگە يېتەلمىگەن ، شۇنداقلا چۈشەنەلمەي قالغان بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلىپ ، بىلمىگەن ئىشنى، بىلدىغانلار تورداشلاردىن بىلىۋالاي دېگەن مەقسەدتە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . بىلدىغانلارنىڭ بىلدۈرۈپ قويشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلمەن ~~~~~~
ئۆتكەندە يەكەنگە 15 توننا يۈكنى 1100 يۈئەنگە كېلىشىپ كىرا قىلىپ ماڭدىم . يولدا قاتناش ساقچىسى توستى. قاتناش ساقچىسى چاس بېرۋىتىپ :
.......
كەچۇرۇڭ بۇرادەر . تىمىڭىز مىنى ئازراق گۇمانغا سىلىپ قويدى. چۈنكى مەنمۇ شوپۇر.
بىرىنچىدىن: يەكەن، پوسكام ، قاغىلىق....ئىشقىلىپ كۆپىنچە ناھىيلەردە قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرغا ھەرگىزمۇ چاس بەرمەيدۇ. ئىشقىلىپ شۇنچە يىلدىن بىرى مەن ماشىنا ھەيدەپ چوڭ شەھەرلەردىن باشقا جايدا ساقچىلارنىڭ شوپۇرلارغا چاس بەرگىننى كۆرۈپ باقمىدىم.
ئىككىنچىدىن: سىز قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز قاتناش ساقچىسى نەخ مەيداندا نومۇر تارتالمايدۇ. نومۇرنى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىدە جەرىمانە تۆلىگەن ۋاقتىڭىزدا كومپىيۇتىردىن تارتىدۇ. نومۇر تارتىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 3نومۇر.(ۋەقە چىقمىسا، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمىسىڭىز)
تەۋسىيەم، سىز راستىنلا مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان بولسىڭىز، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن، يەكشەنبەچۈشتىن كىيىن سائەت 5يىرىمدا رادىئو ئاڭلاڭ. شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسنىڭ قاتناش قىزىق لىنىيە تىلفۇنىغا تىلفۇن قىلىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.