مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 15

كۆڭۈل رىشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 2846
توردا: 10194 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:19:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېكايە:كۆڭۈل رىشتى


 

كۆز شامىلى غۇر-غۇر دىمىققا ئۇرلۇپ تۇرىدېغان ،دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ تال-تال يەرگە تۈكۈلۈپ ئادەمگە بىر خىل غىرىپلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدېغان ،كۆز ئايلىرنىڭ مەلۈم بىر كۈنلىرى ئىدى.

يىقىن بىر دوستۇمنىڭ تويى بۇلۇپ تويىدا مەن قىز قولداش بولدۇم.رىستۇران ئىچى كۆركەم ،ئازادە بۇلۇپ،تاملارغا چاپلانغان نەقىشلەر ئادەمگە بىر خىل خۇشال-ئازادىلىق ئاتا قىلاتتى.رىستۇران ئىچىدە رەتلىك تىزىلغان ئۈستەللەر قىز- يىگىتكە تەييارلىغان ئۇزۇن ئۈستەلگە خىلمۇ-خىل نازۇ نىممەتلەر تىزىلغانىدى.قىز يىگىتلەر ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرۇشتۇق.مەن ئاپپاق بۇلۇتتەك توي كۆينىكى كىيىپ ،يۈزىنى نىپىز چۈمبەردىدە يېپىپ،چۈمبەردە ئېچىدە نازلىنىپ ئولتۇرغان دوستۇمنىڭ يېنىدا قولداشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ ،ئۇنىڭغا ئاللىقاندۇ بىر نىمىلەرنى پىچىرلاپ ئولتۇراتتىم.رىستۇرانغا جۈپ-جۈپ قىز-يىگىتلەر ئۇچمۇ-ئۇچ كىرمەكتە ئىدى.بىردەمنىڭ ئىچىدە شۇنچە چوڭ رىستۇراننىڭ ئىچى تۇشۇپ ئولتۇرغۇدەك بىرمۇ بوش ئۇرۇن قالمىدى.قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى بىر-بىرىدىن ئىسىل كىيىملەر ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيىتتى.يىگىتلەر مەردانە،قىزلار لاتاپەتلىك كۆرنەتتى.مەن تۇيۇقسىزلا ئالدىمغا قارىدىم،مېنىڭ كۆزۈم دەك ئالدىمدا ئولتۇرغان بىر يىگىتكە چۈشتى.

ئاھ ،نېمە دېگەن قاملاشقان ،كىلىشكەن ،خىزىر سۈپەت يىگىت بۇ؟!مەن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي ۋاقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم.يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز ئويناپ كەتتى.

ئۇ ھەقىقەتەن تۇلىمۇ چىرايلىق،كېلىشكەن يىگىت ئىدى.ئۇ بەسلىك،قاۋۇل بۇلۇپ،ئاپپاق ئۆڭ،قاراقاش،قارا كۆز ئىدى.ئۇنىڭ چوڭ-چوڭ ئوتلۇق كۆزلىرى كىشىنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قۇياتتى.قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلىرى،كېلىشكەن ئىنچىكە بۇرۇتلىرى كۆڭۈل قۇيۇپ ياسالغانىدى.

ئۇچىسىدا يوللۇق كاستۇيوم-شىم ،ئاق كۆڭلەك قىزىل گالاستوك ...پاھ نېمەدېگەن ياراشقان...مېنىڭ كۆرۋاتقىنىم ئوڭۇممۇ يا چۈشۈممۇ؟ئاللاھ -تائالا ماڭا بۇ يىگىتنى ئاتايەن ...-مەن ئۆز خىياللىرىمدىن ئۆزەمچىلا سۆيۈنۈپ كەتتىم.تۇمۇرلىرىمدىكى قانلىرىم قىزىپ بېشىم چىڭقىلىپ كېتىۋاتاتتى.ئۆزۈمنى تېخىمۇ نازاكەتلىك ھەم يىقىملىق شوخ كۆرسىتىشكە تىرىشتىم.سومكامغا سېلىقلىق كىچىككىنە ئەينىكىمنى ئېلىپ ئاستەغىنە جوزىنىڭ دالدىسىدا ئىسكەتىمنى تۈزەشتۈردۈم،سۇسلاپ قالغان گىرىملىرىمنى قايتىدىن  سۈركىدىم.مېنىڭ بارلىق ئەس-يادىم دىققىتىم ئاشۇ قامەتلىك، كىلىشكەن يىگىتتە بولغاچقا كۆزۈمگە ئاشۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيىتتى،قۇلۇقىمغا گەپمۇ كىرمەيىتتى.ئۇ مېنى گۇيا ماگىنىت تۈمۈرنى تارىتقاندەك ئۆزىگە تارىتقان ئىدى.قارىماي دېسەممۇ كۆزلىرىم ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە يۈگۈرەيتتى.مېنىڭ دىققىتىم يىگىت بىلەن بۇلۇپ كېتىپ تويى بولغان دوستۇمنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن.ئۇ ماڭا ئاللىقاندۇر بىر نېمىلەرنى دېسە مەن گىپىگە قۇلاق سالماي جاۋاپسىز قالدۇرۇپتىمەن.

ئۇ ئاخىرى مېنىڭ يۇتامنى قاتتىق چىمدېگەندىلا ھۇشۇمغا كەلدىم.مەن دوستۇمنىڭ قۇلىقىغا مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان يىگىتنى تۇنۇمسەن دەپ ئاستا پىچىرلىدىم.ئۇ نىپىز چۈمبەردە ئىچىدىن يىگىتكە قارىدى ھەم ماڭا قاراپ تۇنمايمەن دېگەن تەپەپپۇزدا بېشىنى چايقىدى.ئۇمۇ يىگىتكە ھەيران بولغاندەك قاراپ قالدى.ئاندىن يېنىدىكى يولدۇشىدىن سوراپ كۆرمەك بۇلۇپ تەمشىلۋىدى،مەن ئۇنىڭ قۇلىنى يېنىڭ قىسىپ بولدى قىل،دەپ تۇسۇپ قويدۇم.

يىگىت يېنىدىكى ھەمراھلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام چاخچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى...

ئۇ كۆزۈمگە تېخىمۇ سالاپەتلىك ،جۇشقۇن ،جەزبىدار كۆرۈنۈپ،مېنى بارغانچە ئۆزىگە ئەسىر قىلۋالدى.


 

كۆڭلۈمدە نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈپ كەتتىم،ئەگەر مۇشۇ يىگىت بىلەن توي قىلىش ماڭا نىسىپ بولغان بولسا بېشىم كۆككە يەتكەن بۇلاتتى.دېگەندەك شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ يەنە تۇساتتىن ،بۇ يىگىتنىڭ ئايالى،ياكى سۆيگۈنى بۇلۇپ قالسىچۇ ،ئۇ چاغدا قانداق قىلغۇلۇق بۇنچىلىك كېلىشكەن بىر يىگىتنىڭ لايىقى بولماي قالاتتىمۇ! دېگەن ئويلار كەچتى.كەينىدىنلا يەنە :ياق بۇ يىگىت چۇقۇم ئۆيلەنمىدى،نىكاھ غايىپ دەپ بۈگۈنكى تويدا ئىككىمىزنىڭ تاسادىبىي ئۇچرىشىپ قېلشىمىزغا قارغاندا چۇقۇم بىر-بىرىمىزگە نىكاھىمىز قۇشۇلىدۇ،دەپ ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزۈم خوش قىلىپ ئولتۇردۇم.

يىگىت يىنىدىكى دوسلىرغا گەپ قىلغاچ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قۇياتتى.ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى پات-پاتلا مېنىڭ كۆزۈم بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتى.

تويى بولغان دوستۇم ماڭا :ۋاي-ۋۇي،ئۇ يىگىتتىن كۆزۈڭنى ئۈزەلمەي قالدىڭغۇ؟ بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قالدىڭمۇ نېمە ؟دەپ چاخچاق قىلغىلى تۇردى.مەن بولسام ئېچىمدە ۋىلىقلاپ توختىماي كۈلەتتم.بۇ يىگىتنىڭ راستىنلا مېنىڭ بۇلۇپ قېلشىنى ئىچ-ئىچىمدىن تىلەيىتتىم.راستىمنى ئېيتسامم مەن بۇ يىگىتكە سەۋدالارچە ئاشىق-شەيدا بولدۇم.

دۇنيادا ھىسياتسىز ئىنسان بولمىسا كېرەك،بىراق قىزلار ئەزەلدىن ئۆز ھېسياتىنى يۇشۇرۇپ شەرمىي-ھايا بىلەن چوڭقۇر قەلبىگە يۇشۇرىدۇ.ئۇلار بىرەر يىگىتنى ھەر قانچە ياخشى كۆرۈپ قالسىمۇ ھەرگىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ دىيەلمەيدۇ.مانا مەنمۇ ۋۇجۇدۇمدىكى ئۆرتىنۋاتقان بۇ ھىسياتىمنى ئارا-ئاران دېگەندە بېسىۋېلىپ ئۆزۈمنى كۈلكىگە زولاپ ئولتۇرۋاتىمەن.

مېھمانلارغا تاماق تارتىلىپ جوزىلارغا ھەر خىل تاماق قۇرۇمىلار ھەم ئالىي قىزىل ھاراق كەلتۈرۈلدى.يىگىتلەرنىڭ ئالدىدىكى رومكىلار بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ قانلىرى قىززىپ قۇشقاچ تىللىرى چىقىشقا باشلىدى.

قىززىق-قىززىق يۇمۇر چاخچاق كۈلدۈرگىلىرى رىستۇران ئىچىنى بىر ئالدى.كۆپ چاغلاردا ئۇدۇلۇمدىكى يىگىت بىلەن چۇكىمىز دۇقۇرشىپ قالاتتى.....ئۇنداق چاغلاردا يىگىت توخۇ گۈشى بىلىقلارنى مەن تەرەپكە ئىتتىرىپ قۇياتتى.ۋە لېكىن قېنى تارتىنماي بېقىڭ دەپ قۇياتتى.پاھ،بۇ نېمە دېگەن تاتلىق مۇڭلۇق ئاۋاز .......

مەن بۇ ئەدەپلىك ،مېھرى ئىسسىق يىگىتنىڭ تاماقلارنى يىيشىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قالاتتىم.ئېسىت دەيىتتىم ئېچىمدە: مەن ئۇنىڭ لەۋلىرگە تىگىپ تۇرغان چۇكا بۇلۇپ قالسامچۇ،ياكى چۇكىغا قىسىپ ئېلىنغان كاۋاپ بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق ئېغىزىغا كىرىپ كەتسەمچۇ.......شۇنداق ئويلاۋېتىپ ئۆز خىياللىرىمدىن خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتتىم،ئاھ،خۇدايىم ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈپ قويدى.ئىچىمدە ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ،پاتراق ئۇسسۇل ،تاڭسا باشلانسا بۇپتىكەن بىرىنچى بۇلۇپ مېنى ئۇسسۇلغا تارىتسا ئىككىمىز ئۇسسۇل تاڭسا ئوينىساق ،مەن نازۇك قوللۇرۇمنى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئالقانلىرىغا قويسام ،يەنە بىر قۇلۇمنى ئۇنىڭ قاۋۇل تولغان گەۋدىسكە قۇيۇپ ئاشۇ جاننى ئالىدېغان سېھرىلىك كۆزلىرىگە چۆكسەم،تىنىقلىرىنى ھىدلىسام دەيىتتىم بىر خىل تەقەززارلىق ئىچىدە ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلسا،لايىقى بار يوقلىقىنى مېنى ياخشى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى بىلۋالسام كۆڭلۈم ئارام تاپار ئىدى.مەن بۈگۈنكى توينىڭ ئۇزاقراق داۋاملىشىشىنى بۇ يىگىتنىڭ مەن بىلەنلا ئۇسسۇل،تاڭسا ئوينىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.

مانا مەن كۈتكەن مىنۇتلار كېلىپ مۇزىكا لەرزان شوخ پەدىلەرگە چېلىنىشقا باشلىدى.جۈپ-جۈپ قىز-يىگىتلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ھەر خىل چىراق ئاستىدا قايناقلىق ھاسىل قىلدى...مەن كۆزۈمنى ئۇ يىگىتتىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتىم،لېكىن ئۇ يىگىت كۆڭلۈمنى چۈشەنمىگەندەك ئورنىدىن تۇرمىدى،بىر پەدە شوخ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلمۇ ئاخىرلاشتى.....ئەمدى تاڭسا مۇزىكىسى چېلىندى ،قىز-يىگىتلەر جۈپ-جۈپ بۇلۇشۇپ تاڭسا ئويناشقا باشلىدى.مەن بولسام باشقىلار تاڭسىغا تارىتسا ئوينىماي پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئۇ يىگىتتىن كۆزۈمنى ئۈزمەي ئولتۇراتتىم.ئۇ يەنىلا كۆڭلۈمنى بىلمىگەندەك ئولتۇرغان ئورنىدا جىملا ئولتۇراتتى.مېنىڭ ئىچىم تىتىلداپ كىتۋاتاتتى.

ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭدى.مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتىم. مەن تۇيۇقسىز بېشىمغا كالتەك تەككەندەك ،كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم،

بىرى بېشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ مىڭەم چىڭقىلىپ زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.مىنىڭدە بايىقى ئوتلۇق مۇھەببەت ،تەقەززارلىق،ئىنتىزارلىق ،قىززىقىش،ئاشىق-بىقارارلىقتىن قىلچە ئەسەرمۇقالمىدى.ھەممە نەرسە پەسكويغا چۈشۈپ خۇددى مەسقىلىش دورىسى يىگەن ئادەمدەك شۈكلەپ ئورنىمدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك ئولتۇرۇپلا قالدىم.مەن كۆيۈپ كۈل بۇلاي دەپ قالغان بۇ يىگىتنىڭ ئوتى شۇنچە تىز تۇتىشىپ شۇنچە تىز ئۆچتى.

ئاھ ،خۇدا بۇ سېنىڭ چاخچىقىڭمۇ ياكى مېنى سېنىغىنىڭمۇ؟بۇ يىگىتكە ئاشۇنچىلا قەددى-قامەت ،چىراي گۈزەللىكنى بوي بەسىتنى بىرىپسەن،نېمىشقا ئاشۇ قەددى قامىتىگە ماسلاشقان پۇتلىرىنى بىجىرىم ساق ياراتمىغان بولغۇيتىڭ!دەپ ئىچىمدە نىدا قىلدىم ،كۈلۈپ تۇرغىنىم بىلەن يۈرىكىم ئاچچىق ئەلەمدە يىغلايىتتى.

يىگىت سىرىتتىن كىرىپ مېنىڭ ئۈستەلدە يالغۇز قالغانلىقىمنى كۆرۈپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. مەن يىگىتكە بىپەرۋا ھالەتتە گەپ قىلسىمۇ پىسسەنىت قىلماي ئولتۇراتتىم.بايقى ئوتلۇق مۇھەببەتتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى. مۇزلاپ كەتكەن ۋۇجۇدۇم خۇددى سۇغۇقتا قالغاندەك غال-غال تىترەيىتتى...ئۇنىڭ ئاقساپ مېڭۋاتقان قىياپىتى كۆز ئالدىمنى خىرەلەشتۈرۋەتكەن ئىدى.مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،قۇشۇمام تۈرۈلگەن،باياتىنقى قۇشقاچتەك تىنماي سايراپ،ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرغان ئېغزىم بىرسى چاپلاپ قويغاندەكلا چىڭ يۇمۇلغان ئىدى.

مەن مۇزىكىنىڭ تىزرەك ئاخىرلىشىپ دوسلۇرۇمنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەپ ئولتۇرشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىپ كەتتىم.بايىقى يىقىملىق گۈزەل تۇيۇلغان رىستۇران ئىچى،ئەمدى ماڭا تۇلىمۇ يىقىمسىز غەشلىككە تولغاندەك كۆرنۈپ قەلبىمنى غەشلىك قاپلىۋالغان ئىدى.

-ئىسمىڭىزنى سوراشقا مۇمكىنمۇ دېدى يىگىت تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن.ئۇنىڭ گەپلىرى خۇددى قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ ئىسمىمنى سوراپ نېمەن قىلاتتىڭىز؟دېگىلى تاسلا قالدىم.بىراق بۇنداق ئەدەبسىزلىك كىشىگە ناھەق ئازار بەرگەنلىك بۇلاتتى.شۇڭا چاندۇرماي -ئىسمىمنى خوش ياقمىغان قىياپەتتە<<ئاينۇر>>دەپ دەپ بەردىم.

-ئاينۇر،ئاينۇر...يىگىت ئىسمىمنى ئاجايىپ بىر خىل سۈيۈنۈش ئىچىدە تەكرارلىدى.ئاندىن ئاينۇر سىزنىڭ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ چىرايىڭىز ئەجەپ قىزرىپ كىتىپتىغۇ؟ دېدى.كۆزلىرىمگە تىكلىپ تۇرۇپ قاراپ.

شۇنداق ئازراق مىجەزىم يوق دېدىم مەن پەرۋاسىزلىق بىلەن،ئۇ شۇنداق مۇلايىم كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە ئوتلۇق سۆزلىرى شۇنچە سىلىق ۋە ئەدەپلىك ئىدى.

توۋا دېدىم كۆڭۈل دېگەن ئەجەپمۇ ئۆزگىرىشچان غەلىتە بۇلىدېكەن.ئاھ خۇدا، مەن ساراڭ بولدۇممۇ نېمە،مېيىپ يارىلىش ئۇ يىگىتنىڭ سەۋەنلىكى بولمىسا يا!مېنى ئەخمەق قىلىپ تاشلىۋەتكەن بولمىسا يا!ئۇنىڭغا نېمانچە قۇپال تىگىپ ئۆچلۈك قىلىمەن.مەن ئەمدى ئۆزۈمنى ئەيىپلەشكە باشلىدىم،دۇنيادا نۇقسانسىز ئەيپى يوق ئىنسان بۇلاتتىمۇ! ناۋادا مەن بۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا بۇلۇپ قالغان بولسامچۇ؟ئۇمۇ ماڭا ئۆچلۈك قىلارمىدى،پۇت قۇلۇم مېيىپ تۇغۇلۇپ قالغان بولسام خەق مېنى كەمسىتسە قانچە ئازاپلىنار بولغۇيىتتىم.دېگەنلەرنى كاللامدىن بىر قۇر ئۆتكۈزۈپ چىقتىم.

مېنىڭ بۇ يىگىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالدىمۇ ياكى بايىقى يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئۆچۈشكە ئۈلگۈرمەي قالغان ئۇچقۇنلىرى قەلبىمدە يالقۇنچاۋاتامدۇ! بىلمىدىم،ۋۇجۇدۇم قايتا ئىللىشقا باشلىدى.

مەن خۇددى نەچچە يىل بەخرامان ئۇيقۇدا يېتىپ چۈش كۆرگەن نازىنىندەك يىگىتكە قاراپ كۈلدۈم ئاندىن يىگىتنىڭ ئىسمىنى سورۇدۇم.

-ئىسمىم ئۈمۈد ،دېدى يىگىت خۇش تەبەسسۇم بىلەن .

-مەن سىزنى بۇرۇن زادىلا ئۇچراتماپتىكەنمەن سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ دېدىم،مەن سوراپ.

-مەن مۇشۇ يەرلىك دېدى ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ،ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى ماڭا تەلمۈرەتتى.

ئۇھ دېدىم ،ئېچىمدە بىز توي ئاخىرلاشقۇچە بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ خۇشال ھالدا قايىتتۇق.

ئۆيگە بېرىپمۇ بۇ يىگىتنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپ قەلبىمگە زادىلا ئارام بەرمەيىتتى......ئالاھىزەل بىر ھەپتە ئۆتكەندە يىگىت مېنىڭ ئىدارەمنىڭ ئالدېغا بېرىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ.بىز بىللە تاماق يەپ كىلەچەكتىكى پاراڭلىرمىزنى دىيىشىپ كەتتۇق...شۇندىن كىيىن بىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ھۇلىمىز تېخىمۇ چىڭىپ نىكاھ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدۇق...كۆڭۈل رىشتى ئاجايىپ بۇلىدىكەن.چىن كۆڭۈلدىن ياخشى كۆرسە ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى كۆڭۈل رىشتىنى ئۈزۋېتەلمەيدېكەن.

مەنبە قەلىمىم


ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ھاياتىم كېپىل سە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31141
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 2343 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 02:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بۇ ھىكايە ماڭا ئازرا ق بولسىمۇ تەسىر قىلدى .دۇنيادا ئەيىبسىز نۇقسانسىز كىم بار ،  ھىكايە نۇتقىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيىتىمىزدە پۇت قولى بىجىرىم ئەمما قىلىپ يۈرگەن ئىشى ھايۋاندىن بەتتەر  يىگىتلىرىمىمۇ يوق ئەمەس .پەقەت قەلىب گۈزەللكى مۇھىم .ئۇنىڭ قەلبى ئاقساق بولمىسا مانا بۇ ھەقىقى تاللاش ...

بىر كۈنلەر كىلۇر،گۈللەر ئاچىلۇر،ئويغۇر ئەيىۋى ،شۇندا ياپىلۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 02:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ،سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن.
ئاللا خاتا يېىزىپ قويۇپتىمەن،قەلىمىم دېگەننى قەلبىم دەپ ئوقۇۋاپتىمەن.
كەچۇرۇڭ،شۇنداق بولسىمۇ كېيىنكى كۈنلىرىڭىزگە ئۇتۇق ۋە بەخىت تىلەيمەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەخلاق - ئادەم زى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32164
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3604
تۆھپە نۇمۇرى: 1302
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2011-2-28
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ .....سزنى شۇنداق رام قىلىۋالغان چىراي شەكلى قانداق يېگىتتۇر بۇ ....
ھە راسىت قارىغاندا يېقىندا ئۇ يىگىت بىلەن توي قلىماقچى بۇپسىزدە ، بىزنىمۇ
چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . [s:154]

مۇھەببەت دىڭىزدىنمۇ كەڭ ، شۇنداقلا دىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر بولغان سەمىمىي ساپ ھىسسياتتۇر .

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23870
تۆھپە نۇمۇرى: 999
توردا: 619 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 03:54:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ نەسرى ئەسەرلىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىدۇ...

ئۇلۇغ اللادىن كۆ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40481
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 04:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانداق ياخشى چىققان ھېكايە بۇ ؟! مەن تېخى قىز ئۇ يىگىتنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ يىگىت بىلەن قايتا ئالاقىلاشمايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ، قارىغاندا ئۇ قىز قەلىب گۈزەللىكىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئوخشايدۇ ...
      سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن !!!

بەلكىم تاشلار بىر كۈنى  ،                                     سەن ياقتۇرغان كىشىلەر سېنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27282
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2891
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1536 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 11:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن <<مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتىم. مەن تۇيۇقسىز بېشىمغا كالتەك تەككەندەك ،كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم>> ئۇقۇغاندا ئۇ ئۇغۇلنىڭ قىزدوستى ياكى بولمىسا بالىسى بار ئوخشايدۇ دپقاپتىمەن لېكىن ئۇنداق ئەمەسكەن بۇ ياخشى ئاخىرلىشىپتۇپ رەخمەت قولىڭىزغا دەركەلمىسۇن

كۈلۈپ ياشاڭ......

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11799
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 11:50:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغلانغاندا كۆڭۈل رىشتىسى،
كۆرۈنمەيدۇ كۆزلەرگە نوقسان.
چىن مۇھەببەت لىۋىدىن يېنىپ،
كېتەلىگەن قايسى بىر ئىنسان.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36904
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 04:52:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى يېزىپسىز   يازغان قولىلرڭىزغا دەت كەلمىسىۇن

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41061
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2011-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ .....سزنى شۇنداق رام قىلىۋالغان چىراي شەكلى قانداق يېگىتتۇر بۇ ....  
ھە راسىت قارىغاندا يېقىندا ئۇ يىگىت بىلەن توي قلىماقچى بۇپسىزدە ، بىزنىمۇ  
چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە .  [s:159]  [s:159]  [s:159]  [s:159]

ئارزۇ-ئۇمۇد لەربىلەن ياشا ئۇيغۇرئەۋلادى.ئىچمىگىن -چەكمىگىن ئاشۇ ھارامنى .ئاتا-ئاناڭ رازى بولسۇن قىرىنداشلار مۇھەم .ئۈتۇپ كىتەر بۇ كۇن لەرمۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41424
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2011-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 09:23:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! [s:174]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39478
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1618 سائەت
تىزىم: 2011-5-2
ئاخىرقى: 2011-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 12:22:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى يېزىپسىز . سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن. قىز قەلىب گۈزەللىكىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئوخشايدۇ ...  
[s:166]  [s:166]  [s:166]

ئىنساپلىق بولسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21349
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4503
تۆھپە نۇمۇرى: 219
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 03:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇپتۇ  ھە  ؟  بىراق ،،سىزنىڭ پۇتىڭىز مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا ئۇ بالا سىزگە قاراپمۇ قويماستى ،بەلكىم...... چۈنكى ،بەزى ئوغۇللار قىزلارنىڭ چىراي -بوي -تۇرقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن ئەمەسمۇ؟  [s:129]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41998
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-5-25
ئاخىرقى: 2011-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 11:09:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (fatima) نىڭ يازمىسىغا

شۇنچە گۈزەل گۈل-چېچەكلەرمۇ كۈز كېلىشى بىلەن تۇزۇپ تۈگەيدۇ،ئادەمنىڭ شۇنچە چىرايلىق ھۆسنى جامالىمۇ يىللارنىە ئۆتۈشى بىلەن قۇرۇق بېسىپ سەتلىشىپ كېتىدۇ،پەقەت قەلىب گۈزەللىكېلا تارىخ سەھنېسىدە مەڭگۈ ئالتۇندەك يالتىراپ چاقناپ تۇرىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38561
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 08:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى  ياخشى  بىر بۇلسا،  بەخت تىلەيدۇ.  ئىككى يامان  بىر بۇلسا،   پىچاق بىلەيدۇ.....  توي قىلىدىكەنسىز، بەخت تىلەيمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش