مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 626|ئىنكاس: 11

دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇنازىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7194
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 05:31:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   دېھقان بىلەن يەرنىڭ مۇنازىرىسى

                                                   قىشلاق

ئاتا مىراس كەتمەن، نەچچە ئەۋلاد تىركچىلىكنىڭ مەنبەسى بولغان يەرنىڭ باغىرىغا زەرداب بىلەن تەگمەكتە. يەر يەنىلا بورۇنقىغا ئوخشاش بىر خىللا تۇرماقتا. ھالسىزلىنىپ كەتكەن دېھقان ئۆزىگە قاراپ تۇرغان يەرگە پەرىشانلىق ئىلكىدە باقماقتا. دېھقاننىڭ مۇڭغا پاتقان كۆزلىرىدىن خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان دېيەلمەي كېلىۋاتقان گەپلىرى باردەكلا قىلاتتى. مىسكىنللىك ۋە غېرىبلىق ئىلكىدە تولغىنىپ ياتقان يەرنىڭمۇ ئۇزاقتىن بۇيان بايان قىلىشنى ئويلىغان لىكىن، ئېغىزىدىن قاچان، قانداق ئوسۇلدا چىقىرىشنى بىلمەي، شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك چىدام، غەيرەتتە تۇراتتى.
  دېھقان قوللىرى تىتىرەپ تاماكىسىنى شۇنچە تەسلىكتە ئوراپ، بىر نەچچىنى قاتتىق شورىغاندىن كىيىن، دەردىنى يەرگە تۆكمەكچى، شۇ ئارقىلىق ئازابىنى يەڭگللەتمەكچى بولۇپ، يەرگە قاراپ:
-ھەي يەر ،سەن نەچچە يىللاردىن بۇيان مىنى شۇنداق قىيناپ كەلدىڭ. تاڭ يۇرىماستا سىنى يوقلاپ تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە بەزى ۋاقىتلاردا كېچىچە ھەمراھ بولدۇم. سەن ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتساممۇ، سەن ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسەممۇ، ئۆزەم ئاز يەپ، ساڭا كۆپ يىگۈزسەممۇ، ئۆزەم ئاز كىيىپ ساڭا كۆپ كەيدۈرسەممۇ، ساق ۋاقتىمدىمۇ، ساقسىز بولۇپ قالغان ۋاقتىمدىمۇ، سەن ئۈچۈن ئىشلىسەممۇ، نىمە ئۈچۈن قىلغان ئەجىرىمگە لايىق جاۋابقا ئېرىشەلمەيمەن؟ سەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتسەممۇ، نىمىشقا ئۈمىدىمنى يەردە قويىسەن؟ ساڭا شۇنچە ئىشەنچ باغلاپ، پۈتۈن مېھرىمنى بەرسەممۇ، يەنە نىمىشقا ئىشەنچىمگە لايىق ئىش قىلمايسەن؟ ساڭا شۇنچە ۋاپادارلىق كۆرسەتسەممۇ، نىمىشقا ۋاپاغا جاپا قىلىسەن؟ ئېيتىقىنا، ساڭا يەنە قانداق قىلسام، سەندىن كۈتكىنىمگە ئېرىشەلەيمەن؟- دېھقاننىڭ يەنە نىمىلەرنىدۇر دېگۈسى بار ئىدى لىكىن، بوغۇزىغا كەپلەشكەن ئەلەملىك گەپلىرىنى يۈتىۋەتتى.دېھقان گەپلىرىنى ئۈن – تىنسىز ، ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن ئاڭلاپ تۇرغان يەر غەيرەتكە كىلىپ، ئېغىز ئېچىپ تەمكىنىلك بىلەن ،-ھەي، جاپاكەش دېھقان تارتقان جاپالىرىڭنى بىلىمەن. سىنىڭ، مەن ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرىڭگە كۆزۈمنى يۇمۋالغان يىرىم يوق. مانا، ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن ھەر ۋاقىت ئالدىڭدا يۇۋاش – رايىشلىق بىلەن قول باغلاپ تۇرۋاتىمەنغۇ؟
     يەردىن ئاخىرى زۇۋان كەلدى.
  -ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەندىن بۇنداق نارازى بولدىغانلىقىڭنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەسلى سەن بۇنداق دىيىشتىن بۇرۇن، قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئوبدان بىر  ئويلاپ بېقىشىڭ كېرەك ئىدى.ماڭا قىلغان ئەجىرىڭگە مىننەت قىلدىڭمۇ ياكى مەندىن تېخمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشمەكچى بولدۇڭمۇ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. بۇرۇن يۈرەك باغرىمنى كەتمەن بىلەن تىلغىغان بولساڭ ، ھازىر كەتمەندىن نەچچە ھەسسە يوغان ، ئىتتىك ھەم رەھىمسىز بولغان سوقا بىلەن تىلغايسەن. يۈرىكمنى ئوڭ- تەتۈر ماتىلايسەن. بۇرۇن ياغاچتىن تۇقۇلغان يۇپۇرغا بىلەن جاراھىتىمگە تۇز سەپكەن بولساڭ، ھازىر ياغاچتىن نەچچە ھەسسە قاتتىق بولغان تۆمۈر ئاتلىق يۇپۇرغا بىلەن جاراھىتىمنىڭ قات- قاتلىرىغا تۇز سىپىسەن. نەيزىدىنمۇ ئۇچلۇق ھەم كۈچلۈك بولغان قۇزۇقلارنى جاراھەتتىن ساقايمىغان باغرىمغا قاقىسەن. قەيەردىندۇر تېپىپ ئەكەلگەن ئورۇقلارنى يۇمشاق ۋە ئىزىلگەن باغرىمغا چاچىسەن. بۇنىسى ئاز كەلگەندەك، ھەر خىل ماركىدىكى يالتىراق بىلەن يۈز- كۆزلىرىمنى چىڭ پۈركەيسەن. نەپسىم يىتىشمەي، سەندىن يۇشۇرۇن ساپ ھاۋادىن نەپسلىنىش ئۈچۈن شۇنچە جاپادا ئاچقان تۈشۈكلەرگە توپا تاشلايسەن. بورۇقتۇملۇق ئىچىدە بىھۇش بولۇپ ياتىمەن. بۇرۇن يەرلىك،تەبئى ئوغۇتلار بىلەن مىنىڭ كەم ماغدۇرلىق كېسىلىمنى داۋالايتىڭ. ھازىرچۇ، شىنجاڭنىڭ ھەتتا سەن چۈشىڭدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ۋە چەتئەلنىڭ تۈرلۈك خېمىيىۋى ئوغۇتلىرى بىلەن ماغدۇرسىزلىقمنى تۈگەتمەكچى بولىسەن لىكىن، بۇنىڭ تېخىمۇ بەك ماغدۇرسىزلىق پەيدا قىلدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايسەن. بىردەم ئۇ يەرنىڭ بىر دەم بۇ يەرنىڭ دەپ، خېمىيىۋى ئوغۇت بەرگىنىڭ ئاز كىلىپ قالغاندەك، زەھەرلىك دورىلارغا تەنلىرىمنى چىلايسەن. ئوغۇت ۋە دورىلارنى بېرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىمدىن ئاز- تولا سۇ يۈگۈرتۈپ قويىسەن. شۇنچىلىك سۇغا مەن قانامدىم. ئېغىر ھالسىزلىق ۋە زەھەرلىنىشتىن نىمجان بولغان تىنىم زور غەيرەتكە كىلىپ، سۇ، سۇ، ماڭا سۇ بەر دەپ قىلغان ئاجىز نىدايىمغا قولاق سېلىپمۇ قويمايسەن. بۇنى ئاز دەپ، مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ساقلاپ كىلۋاتقان يېپىنچا ئۆسۈملىكلەرنى يۇلۇپ يوقاتساڭ. مېنى قوغداۋاتقان قارۋۇللارنى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلساڭ. شۇ سەۋەبلىك يۈزۈمدىكى يۇمران قەۋەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراۋاتسا. كۈندىن – كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ ، ھالىم خارابلىشىپ، ئاچچىق ۋە قىسمەتلىك ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ، باغرىمغا قۇيۇلۋاتسىمۇ مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى. مەن تا ھازىرغىچىلىك قىلغانلىرىڭدىن ۋايساپمۇ باقمىدىم، سەندىن نارازى بولۇپمۇ باقمىدىم. ۋاپاغا جاپا قىلغىنىممۇ يوق. ئەكسىچە، ئۆزەمگە ئۆزەم تەسەللى بىرىپ، ئەڭ يۇقۇرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غەيرەت ۋە چىدامنى ھەر ۋاقىت يار قىلىپ قوينۇمدىن چىققان نىممەتلەر بىلەن سىنى بېىقىپ كەلدىم. بىلسەڭ، مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭدىنمۇ بەكەرەك ، ھۇسۇل برىشىنى مەنمۇ بىلىمەن.
سەن، مېنىڭ تەبئىلىكىمنى قايتۇرۇپ بەر. ھالىمغا يەت. ئۆزەڭنىلا ئويلىماي، مېنىمۇ ئويلاپ قوي. ‹‹ قونجۇڭدىن تۆكۈلسە، قوينۇڭغا ››، ‹‹ قول قولنى يۇيسا، قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيدۇ›› دېگەننى ئونۇتما››.
يەر گېپىنى تۆگىتىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، دېھقانغا كۈلۈمسىرەپ قارىدى.
دېھقان ، خىجلچىلىقتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي، نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كىتىۋاتاتتى.
يەر، دېھقاننىڭ بۇ ھالىنى كۈرۈپ :
   -پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەمدى ئارتۇقچە ئازابلىنىپ كەتمە. نۇمۇس قىلغان بولساڭ، خاتالىقىڭنى تۇنۇپ، بۇندىن كىيىن بۇنداق خاتالىقلارنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلانساڭ. مەن،سەن ئۈچۈن مەڭگۈ جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىمەن،-دېدى.
دېھقاننىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ئازاب ياشلىرىنىڭ ئورنىدا، ئەمدى خوشاللىق يېشى تۆكۈلمەكتە. دېھقان بىلەن يەرنىڭ چىھرىىدە كۈلكە.

مەنبە: قىشلاق قەلىمى.


كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36650
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 07:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى بەك چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ئىنسان ئۆلمەيدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7958
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5635
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1494 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 07:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ.راس تېمىڭىزدىكى<<يۇپۇرغا>>نىڭ مەنىسىنى بىر ئىزاھلاپ قويامسىز؟

ئاچچىق يەمسەن-تاتلىقمۇ  ساڭا ئىختىيار،بىراق شۇنى ئۇنۇتما ساھىپخانغا بىر كۈنى چوقۇم قايتۇرسەن!

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 07:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇڭقۇر مەنىلىك كەن  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]

ئۇزنىڭ خاتالىغى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34113
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1735
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 08:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلىك سۇينۇپ كەتىم  ھەم يەر بىلەن مەنمۇ سۇزلەشكەندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم  ھەراس يۇپۇرغا دىگەنىڭ مەنىسى نىمۇ

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 09:57:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنسى چۇڭقۇر چۈشۈنۈشلىك چىقىپتۇ. بىچارە دىھقان بىچارە يەرنىڭ ھال مۇڭلىرى ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن.

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8637
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5206
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەنىلىك يېزىلىپتۇ!!
يوپۇرغا:  يەرنى ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەرنى تۈزلەش(تەكشىلەش)ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچتىن ياسالغان سايمان `!

ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 11:49:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا مەنىسى چوڭقۇر تېمىكەن،تېمىڭىزغا رەھمەت.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئۇلۇغ اللادىن كۆ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40481
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 04:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
" سۇ يەرنىڭ قېنى ،  يەر دېھقاننىڭ جېنى " دەپ بىكارغا ئېيتمىغاندە ؟!

بەلكىم تاشلار بىر كۈنى  ،                                     سەن ياقتۇرغان كىشىلەر سېنى .

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7194
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 07:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم دېھقاننىڭ ھالال- مېھنەت بىلەن ئاققان تەرلىردىن يۇغۇرۇلغان نىممەتلەردىن ئۆزىنى تارتىپ باققان؟  قارىغاندا، تەبئىلىك بۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدىغاندەك؟!
يالتىراق ۋە خېمىيىۋىلىك ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنۋاتقان بۈگۈنىمزىدە يامراۋاتقان سۈنئىلىككە جەڭ ئېلان قىلغىدەك ماغدۇرىمىز راستىنلا قالمىدىمۇ؟ ھەي،ھەي [s:121]
دېھقانلىرىمىز بولمىغان بولسا بىز نەدە؟ شۇ تەبئىلىكىنى يوقاتمىغان يەرلەر بولمىغان بولسا شۇنچە قۇۋۋەتلىك نىممەتلەر نەدە؟ بوۋاي، مومايلار مۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى گۆشنىڭ چامغۇرچىلىكمۇ قۇۋۋىتى ۋە كۈچى يوق. بۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك ئەمەس.
دېھقاننى ئاسىراپ، يەرنىڭ تەبئىلىكىنى ساقلاپ قالايلى، قېرىنداشلار !

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2951
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 11:30:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىېما ئىكەن بۇ.ھازىرقى دېھقانچىلىق يەربىلەن دېھقانىڭ مۇنازىرىسى ئارقىلىق ئەپچىللىك بىلەن تەسۋىرلىنىپتۇ.  دېھقانلارغىمۇ ئامال يوق .ئۇغۇت دورىلارنى چاچمىسا ھوسۇل چىىقمىسا ، ئۇغۇت دورىلارنى چاچسا چىققان مەھسۇلاتنىڭ قالدۇق زەھەر دىن ئىستىمال قىلغانلار ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئاستا-ئاستا زەھەرلىنىپ بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقمىغان كېسەللەرگەگىرىپتار بولىۋاتسا ............

ئەجىرسىڭدۇرسەڭ تاشلىق تۈگەيدۇ. نامراتلىق بىلەن ئاشلىق تۈگەيدۇ، بۇگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويساڭ . ئەتە تۈگۈمەس ياشلىق تۈگەيدۇ،

艾山江玉散

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41044
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يىزىپسىز ئاللاتالا قۇلىڭىزغا دەت بەمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش