ۋېيدى شىنجاڭدا پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالى ئۈستىدە زىيارەتتە
11- 12 چىسلادا جوڭگۇ پۇتبول تەنھەركىتى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەئىسى قۇشۇمچە جوڭگۇ پۇتبول جەمئىيتىنڭ شۇجىسى ۋېيدى ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەكشۈرۈش كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەتقىقاتتا بولدى. ھەمدە ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ھەيئەتلىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەرەققىياتى ئۈستىدە ھەمسۆھبەتتە بولدى.
تەتقىقات داۋامىدا ۋېيدى قىزىلسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سەككىز مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچىدىكى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى ۋە ئۈچتاش مەشىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى، ۋە مەشىق قىلىۋاتقان ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ: سىلەرنىڭ ئىككى ئاكاڭلار بارى ۋە مىرەخمەتجانلار بارغانسىرى جوڭگۇ توپ ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىقتى ، ھەتتا دۆلەت كوماندىسىغا كىردى،مەن سىلەرنىڭمۇ داۋاملىق تىرىشىشىڭلارنى ، سىلەرنىڭمۇ كۆلەڭگەڭلارنى كېيىنچە دۆلەت كوماندىسى ئىچىدە كۆرەلىشىمنى، ئۆز ماكانىڭلار شىنجاڭغا ۋە دۆلىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.
زىيارەتتىن كېيىن ۋېيدى شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭدىكى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىشتىن ئالدىنىقى نەچچە كۈندە شەندۇڭ، لياۋنىڭ، جىلىن،شاڭخەي قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم پۇتبول بازىسى قارالغان ئۆلكىلەردە زىيارەتتە بولغانتىم، ئەمما شىنجاڭدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتىكى مەكتەپلەر، ۋە شۇ مەكتەپلەردىكى مەشىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق ئەھۋالى بىزگە شۇنى تۇنۇتتىكى پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە بۇ تۇپراقتا ناھايىتى بۇرۇنلا بىخ تارتىپ ئۆسۈپ چىقىپتۇ،ئاۋام خارەكتىرلىق تەبىئىي پۇتبول ئاساسى ناھايىتى ياخشىكەن.شىنجاڭ بولسا دۆلىتىمىز تەۋەسىدە ئەڭ بۇرۇن پۇتبول تەنتەربىيەسى پەيدا بولغان ئورۇن، قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى مەزگىلىدىلا شىنجاڭ غەرپتىن پۇتبول دېگەن بۇ تەنھەركەتنى قۇبۇل قىلىپ بولغان. زىيارەت جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى پۇتبول تەنھەركىتى شىنجاڭدا ناھايىتى ئومۇملاشقان تەنتەبىيە ، بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئوخشاشلا ناھايىتى نورمال ھادىسە ئىكەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بىر يالاڭئاياق پۇتبول مۇسابىقىسى ياكى ياشانغانلار پۇتبول مۇسابىىقسى ئۆتكۈزۈلسە شىنجاڭ چوقۇم چىمپىيون بولىدۇ. شىنجاڭ پۇتبولى مۇشۇنداق ئاۋام كەيپىياتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ،تەشكىللەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلسا چوقۇم بىر ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى تاپالايدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز،بۇ جايدا تەكشۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەنە بىر جەھەتتىن، شىنجاڭدىكى ياش-ئۆسمۈرلەردىن كېينكى دۆلەت پۇتبول سېپىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈندۇر. مەقسەت پەقەت بىرلا، شىنجاڭنىڭ پۇتبولىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
مەنبە؛ پۇتبۇل مۇنبىرى