مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 0

پاكىستاندا پارتىلىتىش ۋەقەسى بولدى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 123429
تۆھپە نۇمۇرى: 2087
توردا: 12194 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 04:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     خەلق تورى بۈگۈن سائەت 13:24 تىكى خەۋىرى. پاكىستان يەرلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-ماي خەۋىرىدە، پاكىستاننىڭ غەربى شىمال قىسمىدىكى كارسىدا رايونىدىكى بىر چىگرا مۇداپىئە مەشىقى ئىنىستىتوتىغا يېقىن جايدا شۇ كۈنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە 80 ئادەم ئۆلۈپ، 140 ئادەم يارىلانغان. 


[align=justify]
     جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-مايدىكى تېلگراممىسىدا، پاكىستان تالىبان تەشكىلاتى 13-ماي كۈنى پاكىستاننىڭ غەربى شىمال قىسمىدىكى كارسىدا رايونىدىكى بىر چىگرا مۇداپىئە مەشىق مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىك پارتىلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بېن لادىن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى ھوجۇم ئېلىپ بارىمىز دەپ تەھدىد سالغان. نۆۋەتتە، بۇ قېتىملىق پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 ئادەمگە يەتكەن دەپ خەۋەر قىلىنغان.
    تالىباننىڭ بايانات ئىلان قىلغۇچىسى ئىھسان(Ehsanullah Ehsan) مەلۇم مەخپى ئورۇندا تېلېفون ئارقىلىق:" بۇ ئوسامە (لادىن) قازاغا ئۇچرىغاندىن كېينكى تۇنجى قېتىملىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تېخىمۇ زور كۆلەملىك ھوجۇمنى كۆرىسىلەر" دېگەن. 


تالىبان بىن لادىن ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، چىگرا مۇداپىئە قىسمىغا ھوجۇم قىلدى (مۇناسىۋەتلىك فىلىم)


    بۇ ئامېرىكا ئەلباشى ئوبامانىڭ پاكىستاندا "بازا"تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىسى لادىننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېينكى ، پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى پارتىلىش ۋەقەسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
     لادىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاكىستان چىگرىسى ئىچىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلار لادىننىڭ قىساسىنى ئېلىش توغرىسىدا قەسەم ئىچكەن ئىكەن.

مەنبە: تېڭشۈن تورى
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىن ئەلتېكىن تەرجىمىسى
http://news.qq.com/a/20110513/000844.htm?qq=0&ADUIN=1505567307&ADSESSION=1305258896&ADTAG=CLIENT.QQ.3307_.0


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش