2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇگىل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان OHA(Open Handset Alliance) گە نوكىيا دىن باشقا دۇنيادىكى ئالاقە ۋاستىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ قاتناشتى، ھەم تەتقىقات تۈرىگە ئورتاق كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇشمىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا بىر مۇنەۋۋەر يېڭى ئەۋلات يانغۇن سىستېمىسى (Android) ئانجروئىد دۇنياغا كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى: گۇگىلنىڭ قۇلىدىن چىققان بۇ مۇنەۋۋەر سىستېمىمۇ ھازىرغىچە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرقانداق يېزىققا نىسبەتەن تەلتۈكۈس قوللاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرمىدى. شۇ قاتاردا ئانجروئىد نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق قوللىشىمۇ يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى…
يېقىندا Uyghurdev يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تەجرىبىخانىسى Android Open Source Project دىن ئىرىشكەن كود ۋە ھەر قايسى نەشىر پەرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كۆپ ئىزدىنىش، نۇرغۇن سىناق ۋە تەجرىبىلەر قىلىش ئارقىلىق ئانجروئىدنىڭ 2.xx نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە تولۇق قوللاش خىزمىتىنى نەتىجىلىك تاماملىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى بولماسلىققا خاتىمە بېرىلگەن
تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىدىكى ئەسلى يازمىدىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
بۇ جەرياندا ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر تۈۋەندىكىچە :
1. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنى سىستېمىنىڭ يادرولۇق قوللىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقانداق ئورۇندا نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
2. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يۈنۈلۈش توغرىلاش ۋە ئارىلاش يېزىقلاردىكى يۈنۈلۈش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
3. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا ئىشلەنگەن تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
4. سىستېمىدا تەمىنلەنگەن يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئاساسىدا كوپ خىل يېزىقلىق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىنىپ، سىستېمىنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا خەت كىرگۈزۈش ھەل قىلىندى.
5. ئانجروئىدتىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياساپ چىقىلدى.
6. كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم قوللانما پروگرامما ئىشلەندى ھەم ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
7. كۆپرەك ئىشلىتىلگەن دەپ قارالغان HTC نىڭ بىر قانچە يانفۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان، ئۇيغۇرچە قوللاش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قۇشۇلغان ROM ياسىلىپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ ھەم پات ئارىدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ
تۈۋەندىكى ئۇيغۇرچە ROM يېزىلغان Google Nexus one يانفۇندىن كۈرۈنۈشلەر
تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى
تورخۇمار بىلوگى