مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10408|ئىنكاس: 33

دادام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14106
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5647 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 08:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  

   دادا بىر ئۆينىڭ بىر تۈۋرۈكى، ئاتا-ئانىنى بىر قۇشقا ئوخشاتساق ئۇلار شۇ قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، قۇشنىڭ بىر قانتى كەم بولسا ئۇ كۆكتە پەرۋاز قىلالمايدۇ. ئەمدىلىكتە شۇ قۇشنىڭ بىر قانتىى سۇنۇپ قۇش كۆكتە پەرۋاز قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى بىر قانىتىدىن ئايرىلغان ئۇ قۇش نىمجان ھالەتتە تۇرۇپ بالىلىرىنى قانداق يېتىشتۈرۈپ قاتارغا قوشار؟ ئۇ قۇش كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئوزۇق تېپىپ بالىلىرىنى بېقىشى، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى كېرەك ئىدى، ئەمدىلىكتە بىر قانىتى يوق ئۇ قۇش ئۆمۈر بويى شۇنداق نىمجان، بىچارە ھالەتتە كۆكتە مەڭگۈ پەرۋاز قىلالماسمۇ؟ ئۇ يالغۇز ئۈچ بالىسىنى قانداق قىلىپ قاتارغا قوشار؟
...

  ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە مەن تۇغۇلغاندا داداممۇ باشقا دادىلاردەك خۇشاللىقىدا مېنى قولىغا ئېلىپ ئۆمرۈمنى، بەختىمنى تىلەپ پىشانەمگە سۆيۈپتىكەن. ھەممە كىشى دادىنى قىزىغا بەك ئامراق بولىدۇ، قىز بالىنىڭ كۆپ مىجەز خاراكتېرى دادىنى تارتىدۇ، دېيىشىدىكەن، شۇنىڭدەك مېنىڭ كۆپ قىسىم مېجەز-خاراكتېرىم دادامغا ئوخشايتتى. مەن بىرلا قىز بولغاچقىمىكىن دادام ئۆينىڭ چوڭى بولىشىمغا قارىماي ئىككى ئىنىمگە قارىغاندا ماڭا ئالاھىدە كۆيۈنەتتى ۋە ئامراقلىق قىلاتتى، ئاپام تەنقىدلىسە ھەمىشە مەن تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلەيتتى، ئىككى ئېنىم «بوزەك» ئەتسە گۇناھ كىمدە بولۇشىدىن قەتئينەزەر مېنىڭ تەرپىمنى ئالاتتى.

...

※           ※             ※           ※             ※            ※ 

كىچىك چاغلار ئۇيۇن بىلەنلا بولۇپ، بىلىپ-بىلمەيلا تېز ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

......

باشلانغۇچتىكى چاغلار...

-قىزىم، ئەمدى مەكتەپ يېشىغا توشتىڭىز، سىزمۇ باشقا بالىلاردەك مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇڭ، دەپ قولۇمغا ماڭا ئاتاپ يېڭىدىن سېتىۋالغان ئوقۇتۇش قۇراللىرىنى تۇتقۇزدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى، باشلانغۇچ مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇدۇم، 1-سىنىپتىكى ۋاقتىمدا پىيونېر بولغاندا، پىيونېر بولغانلار خۇشاللىقىمىزدا سەكرەپ، تاقلاپ، پىيونېر بولالمىغان ساۋاقداشلىرىمىزغا قىپقىزىل گالىستۇكىمىزنى كۆز-كۆز قىلىشاتتۇق، پىيونېر بولغىنىمنى كۆرۈپ ئاتا-ئانام شۇنداق خۇشال بولۇپ: ياخشى قىزىم، ھەر نىمە بولسا كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقتىڭىز، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇپ ئۈمىدىمىزنى ئاقلاڭ، دەپ خۇشاللىقىدا مېنى قولىغا ئېلىپ يۈز-كۆزلىرىمگە سۆيۈپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇ چاغدا پەقەت دەرستە ياخشى، ھەممە پەنلەردىن لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارلا پىيونېر بولالايتتى...

- دادا، ئوقۇتقۇچىمىز كىتاب بەدەل پۇلىنى تاپشۇرۇڭلار دېدى.

- قىزىم، ئەتە، ئۆگۈنگىچە ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولار، ھەمىشە ئوقۇتقۇچىڭىز پۇل ئەكىلىڭلار دەپ بولغۇچە كۈن ئاتلىمايلا دەپ بولىدىكەنسىز.

- ياق، بۈگۈنلا بېرىڭە دادا، سىنىپىمىزدىكى بالىلار بىلەن كىتاب پۇلى تاپشۇرۇشتىمۇ بەسلىشىمىز، دېسەم دادام كۈلۈپ كېتىپ يۈزۈمنى بوشقىنە نوقۇپ قويۇپ:

- قىزىم، سىز ئۇلار بىلەن بۇنداق ئىشلاردا بەسلەشمەي ئۆگىنىشتە بەسلىشىڭ، كىچىك بالا دىگەنزە ھەممە قىلىقى كىچىك، دەپ قويۇپ يەنە دەپ بولغىچە بېرەتتى. (ئۇ چاغلاردا كىتاب، بەدەل پۇلىنى ساۋاقداشلار بەسلىشىپ تاپشۇراتتۇق، ھەممە بالىلار تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆز-ئارا: سەن قانچىنچى بولۇپ تاپشۇرۇپسەن، مەن بىرىنچى بولۇپ تاپشۇرۇپتىمەن، مەن ئۈچىنچى بولۇپ تاپشۇرۇپتىمەن، دېيىشىپ كېتەتتۇق. شۇڭا ئوقۇتقۇچىمىز كىتاب پۇلى دەپ بولغۇچە دادامنىڭ «ئەتە بېرەي» دېيىشلىرىگە قارىماي ئېلىپ ماڭاتتىم، (ھەي، گۆدەكلىكتە).

   10 ياش چاغلىرىم ئىدى، دادام قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى، دادامنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەكىرىپ كەتكەندە ئاپام يىغلىغىنىچە: سەن ئەمدى 10 ياش، كىچىك ئېنىڭ 4 ياش تۇرسا، داداڭلار كېتىپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن؟ دەپ زار-زار يىغلىغانلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، دادام قۇتقۇزۇپ چىقىلىپ، ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن دوختۇر ئاپامغا دادامنىڭ «تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى»بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىش بىلەن بىرگە، تاماقتىنمۇ قاتتىق پەرھىز تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئازراقلا كېچىككەن بولساق دادامنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىكەن، ئاۋۋال ئاللانىڭ ياردىمى، ئاندىن قالسا دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن دادامغا بىر ئايچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن دادامنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، شۇنىڭدىن باشلاپ دادامنىڭ كېسەل ئازابى بىلەن ئاپامنىڭ يىغىسى ۋە دەرت-ئەلىمى تەڭلا باشلاندى. شۇ چاغدىكى جىددىيچىلىك، ئاپامنىڭ ئەنسىرەش ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ...

......

تولۇقسزدىكى چاغلار...

تولۇقسىزدىكى ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، بۇ مەزگىلدە دادامنى ئانچە-مۇنچە ياتاقتا ياتقۇزغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىزنى ئەنسىرەتكۈدەك ھالەتتە ئېغىرلىشىپ باقمىغانىدى. تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈدىغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنىڭ مېنىى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇش ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇتۇش توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمەي ھەر ئىككىيلەن ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. دادامنىڭ مېنى تولۇق ئوتتۇرىدا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش نىيىتى بار ئىدى، ئاپامنىڭ مېنى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇتۇپ بۇرۇنراق خىزمەتكە چىقىرىش ئارزۇسى بار ئىدى، ئۇلار مەندىن پىكىر ئالغاندا مەن ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەنىدىم. ئاپام دادام سىرتقا چقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماڭا:

-قىزىم، دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، بۇنى دېمىسەممۇ بىلگۈچىلىكىڭىز بار، سىز تولۇق ئوتتۇرىدا 3 يىل، ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئوقۇسىڭىز دادىڭىزنىڭ ئۆمرى شۇنىڭغا يار بېرەمدۇ-يوق بۇنى پەقەت بىر ئاللا ئۆزى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىزنىڭ ھازىر ھوقۇقى بولغاندىكىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلسىڭىز بىرەر ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشمەيدۇ، شۇڭا دادىڭىزنىڭ ھازىرقىدەك سالامەتلىكى ياخشى ۋاقتىدا ئوقۇشنى بۇرۇنراق تاماملاپ، سىزنى بۇرۇنراق خىزمەتكە چىقىرىۋالساق مېىڭ بىر غېمىم ئازىياتتى، دېدى.

  قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئاپامنىڭ سۆزلىرى كاللامدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىش توغرىسىدا دادامغا ئېغىز ئاچسام دادام : ئاۋۋال قاتنىشىپ بېقىڭ ئەمسە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ دارىلمۇئەللىمىندىن چاقىرىق كەلدى. لېكىن دادامنىڭ مېنى يەنىلا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇسى بار ئىدى، شۇنداقتىمۇ دادام يەنىلا ئاپام ئىككىمىزنىڭ تاللىشىغا قوشۇلدى. دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا ئاللا بىزنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر سىنىدى. دادامنىڭ بۇ قېتىمقى ئەھۋالى ئۆتكەنكىدىن خېلىلا ئېغىر ئىدى، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە دادامنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستا بولغاچقا، يۈرەك قوزغاتقۇچ سېلىنمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ داۋالىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دادام ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشىلىنىپ كەتتى. بۇنىڭدىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنداق خۇرسەن بولۇپ ئاللاغا كۆپ ھەمدۇ-سانالەر ئېيتتۇق، ئاللا بۇ قېتىم دادامغا يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى.

  دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇش پۈتىدىغان يىلى مەندە تۇيۇقسىزلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئىستىكى تۇغۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇنداق كىچىكلا خىزمەتكە چىققۇم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتا-ئانامغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بېقىش ئويۇمنى ئېيتسام، تەلىيىمگە يارىشا ھەر ئىككىيلەن ئىككىلەنمەيلا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن نۇقتىلىق قىلىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ پەقەت بوش ۋاقىتلاردىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلالىدىم، چۈنكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەك دپلوم ئالالماي ئۈچ يىل بىكارغىلا ئوقۇغان بولاتتۇق. دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇشنى پۈتكۈزۈشۈم بىلەن تەڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى. ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ئارزۇمۇ تولدۇرۇپ بولدۇق، مەن ئۆزۈم ۋە چوڭلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئارزۇغا يۇرتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى تولدۇردۇم، ئاخىرى ماڭا ئارزۇيۇم بويىچە ئۆزۈم تاللىغان مەكتەپ ۋە ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان كەسىپنىڭ تولۇق كۇرسىدىن چاقىرىق كەلدى، بۇنىڭدىن ئاتا-ئانام شۇنداق خۇشال بولدى، ئاپام چاقىرىق قەغىزىنى كۆرۈپ: ھە بوپتۇ قىزىم، ئەسلى سىزنى بۇرۇنراق خىزمەتكە چىقىۋالامدىن دەپتىكەنمەن، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنىكەنسىز ئوقۇۋېلىڭ، «يېرىم چىلەك سۇ بەك شالداقشىيدۇ» دەپتىكەن، بىراقلا ئوقۇپ پۈتۈن ئادەم بولۇپ كېتىڭ، دېدى، دادام بولسا: قىزىم، سىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، چوقۇم كۆزگە كۆرۈنگىدەك ياخشى ئوقۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ياراملىق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىر تونۇتۇپ قويىڭە بىزگە، دېگەنىدى.  

   شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى، كەسىپىي پەندە ئاساسىم ياخشى بولغاچقا، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن تاكى ئوقۇش پۈتكۈزگىچە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇپ ھەر يىلى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالىنىپ، يىلدا دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ھەر جەھەتتىن ئۆيدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتىم، بۇ چاغدا دادام ئۆزىنىڭ مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ توغرا قىلغىنىدىن قانائەت تاپقانلىقىنى ئېيتىۋىدى ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.

  ئالىي مەكتەپتە كۆرۈنەرلىك ياخشى ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن فاكولتېت رەھبەرلىرى ۋە سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا شەھىرىمىزدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ئورنىغا قوبۇل قىلىندىم، بۇنىڭدىن ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ دادام قەۋەتلا خۇش بولدى، چۈنكى دادامنىڭ مېنى بۇرۇندىنلا ئاخبارات خىزمەتچىسى قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئاخىرى دادامنىڭ بۇ ئۈمىدىنىمۇ ئاقلىغان بولدۇم. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ھەپتىدىن كېيىنلا خىزمەتكە چۈشتۈم، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ دادام كۆپ قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كېلىپ ئەھۋالى خېلى تۇراقلىشىپ قالغاچقىمىكىن دادامنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كېلىشىمۇ بىزگە ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى ماڭغاندا ھەمىمىزنىڭ كاللىسىدا «چوقۇم ياخشىلىنىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلايتتۇق.

   دادام كۆپىنچە قىش پەسلىدە داۋالىناتتى، بۇ قىشتا دادام يۇرتىمىزدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا دوختۇرلار دادامغا يۈرەك قوزغاتقۇچنىڭ ۋاقتى توشۇپ، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا چوقۇم ئۈرۈمچىگە بېرىپ يۈرەك قوزغاتقۇچ ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن دادام ئاپام بىلەن ۋاقىتنى سوزمايلا ئۈرۈمچىگە يول ئالدى.  ئۇلار ماڭىدىغان كۈنى ھەممە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئايرودرومغا ئۇلارنى ئۇزاتقىلى چىققانىدى، ئۇ كۈنى دادام تولىمۇ روھلۇق كۆرۈنەتتى. شۇ كۈنى تاغام دادامغا چاقچاق قىلىپ: تۇغلۇقكا، خۇددىي ساياھەتكە ماڭغاندەك كەيپىياتتا تۇرىلا، سېلى ھېچ بىر داۋالانغىلى ماڭغان ئادەمگە ئوخشىمايلا جۇمۇ، دېگەندە دادام: توغرا دەيلا ئۇكام، خۇدا بۇيرىسا ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە تازا بىر ئويناپ كېلەي دەيمەن، دېگەندە ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتكەنىدۇق. دادامنىڭ ئۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم توق بولۇپ قالغانىدى. بىز بۇ قېتىممۇ دادامنى ئىلگىرىكىدەك چوقۇم ساقىيىپ كېلىدۇ دېگەن ئىشەنچتە بولۇپ، بەك ئەنسىرەپ كەتمىگەنىدۇق.

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئىدى، مەن تەرجىمە قىلىدىغان ماتېرىيال چىقىپ قېلىپ ئىدارىغا كەتكەنىدىم. تازا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتسام ھاممام تېلېفون قىلىپ يىغلامسىرىغان ھالدا:

-      ئۇكام دەرھال قولىڭىزنى ئىشنى تاشلاپ ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ.

-      نېمە بولدى ئاچا، نېمىگە يىغلايسەن؟ دادامغا بىر ئىش بولمىغاندۇ؟

-      ياق ئۇكام، باشقا ئىش يوق، تۇغلۇقكام سەل ئۆزگىرىپ قاپتۇ، قايتىپ كېلىڭ.

  ھاممانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دادامغا بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىدىم-،دە يىغلىغان پېتى ئۆيگە چاپتىم. ئۆيگە كەلسەم ھامما-تاغىلىرىم ئۆيدە ئالاقىزادە بولۇپ ئۇياق-بۇياققا چېپىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلاردىن نېمىش بولغانلىقىنى سورسام ئۇلار دادامنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى، كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىكىمنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن گۇمانلىنىپلا تۇراتتىم. ئىش-كۈشلەرنى بىرەر قۇر تۈگەتكەندىن كېيىن تۇغقانلار ئەتىسى سەھەردە كېلىدىغانلىقىنى، بېشىمغا ياغلىق ئارتىۋېلىشىمنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى. شۇ كۈنى ناماز شامغا ئاز قالغاندا تاغامدىن ئاپام بىلەن چوڭ ئىنىمنىڭ دادامنى دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىدا ئەكىلىۋاتقانلىقىنى، دادامنىڭ ئەھۋالىنىڭ پەسلەپ قالغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ ئۆيگە ئەكىتىشىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدىم. دادامنى ئۈرۈمچىگە ئەكەتكەندىن تارتىپ تاكى سەكراتقا چۈشكىچە مەن باشتىن-ئاخىرى دادامنىڭ كېسەللىك بىخەۋەر يۈردۈم، ئاپام باشقىلارغا ماڭا دادامنىڭ ئەھۋالىنى قەتئىي بىلىندۈرمەسلىكنى ئېيتىپتىكەن، شۇڭا ماڭا ھېچكىم بۇ ھەقتە تىنماپتۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كېيىن ئاپامنىڭ مەن بىلەن كۆپ ئالاقە قىلمىغانلىقىنى، تېلېفوندا كۆرۈشكەندىمۇ «داداڭ ياخشى» دەپ گەپنى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم.

ئەتىسى ئۆيگە ئاپام ۋە دادام تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى يېغىپ كەتتى. ھەممەيلەن دادام-ئاپاملارنىڭ يولىغا قاراپلا قالدۇق. كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قارلىق كېيىم كېيىۋالغانىدى. بۇنىڭدىن سەل تەئەججۈپلەندىم ۋە: ئۇلار دادام تېخى ھايات تۇرسا، خۇددى دادامنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەندەك نېمىشقا قارلىق كىيىم كېيىۋالغاندۇ، دەپ ئاچچىقىم كەلگەنىدى. بىر چاغدا ئاپامنىڭ ھاممىسى ئىشىكتىن كىرىپلا ماڭا ئېسىلىپ: ۋاي كىچىك تۇرۇپ يېتىم بولغان بالام، تۇيۇڭنى كۆرەر دەپتىكەنمەن بالام، ئەمدى تۇيۇڭدا كىم تۇرار بالام، دەپ يىغلاپ كەتتى. « دادامنى ئۆيگە چوقۇم ھايات كېلىدۇ، ئاللا مۆجىزە ئاتا قىلىپ كېسىلى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئولتۇرسام بۇلار نېمە دەيدىغاندۇ»، دېگەن ئوي كاللامدىن كەچكەنىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا مەن دادامنى تېخى ھايات دەپ ئويلىغاچقا قارلىق كىيىممۇ كىيگۈم كەلمىگەنىدى. لېكىن ھاممامنىڭ بىر تۇغقىنىمىزغا: تۇغلۇقكام تۈنۈگۈن دوختۇرخانىدىن مېڭىپ 3 يېرىم سائەت بولغاندا يولدا قازا قىپتۇ، دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي، ئېسەدىگىنىمچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە قارلىق كىيىم كېيدىم. لېكىن ماڭا يەنىلا دادام ھايات قايتىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.

   بىز ئۇرۇق-تۇغقانلار، دادامنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتتۇق....

   ناماز شامغا ئاز قالغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيگە ئاز قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلار، قۇلۇم-قوشنىلار، دادامنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى سەل كەلگەندەك ئىشىك ئالدىغا يىغىلىپ تۇرۇشتۇق، ناماز شامدىن ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىزنىڭ ئۆي بار كوچا تەرەپتىن كىرىپ كەلدى، ئۇ ماشىنىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى، ماشىنا ئاستا-ئاستا بىز تەرەپكە يېقىنلاپ، ئۆي ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ماشىنا توختاپ ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئاپامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ: سەلىمە، قېنى سەن بالام، مەن داداڭنى ئېلىپ كەلدىم، داداڭنى كۆرۈۋال بالام، دېگىنىنى ئاڭلاپ ماشىنىنىڭ ئاپام ئورۇنلاشقان تەرىپىگە باردىم، ماشىنىغا چىقسام دادامنىڭ يۈزىگە ئاق داكا يېپىپ قويۇلغان بولۇپ، ئاپام دادامنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىلاپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ماشىنىغا چىقىشىم بىلەن تەڭ ئاپام قولۇمنى چىڭ تۇتقان پېتى ئېسىدەپ يىغلاپ : قارا قىزىم، داداڭنىڭ چىرايى نېمىدىگەن سۈزۈك، داداڭغا قاراپ باققىنە، دېگىنىچە دادامنىڭ يۈزىدىكى ئاق نەرسىنى ئېلىۋەتتى. دادام ئۇ چاغدا شۇنداق چىرايلىقلىشىپ، سۈزۈلۈپ كېتىپتۇكى دادامنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تاشلاپ شۇنداق چىقىراپ يىغلاپ، ئۆزۈمنى يوقىتىپلا قويدۇم. ئىنسان ئۈچۈن ئۆز داداسىنىڭ مېيتىنى كۆرۈشتىمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك.

  دادامنى ئەتىسى بامداتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. ئۆينى يىغا-زارە قاپلىدى. ئاپامغا قارىسام يۈز-كۆزلىرى ئىششىپ، جۈدەپ ئۆزىگە ئوخشىمايلا قاپتۇ، ئاپام توختىماي يىغلايتتى، ماڭا ئېسىلىپ: تويۇڭنى كۆرەر دەپتىكەنمەن بالام، تويۇڭنى كۆرەلىگەن بولسىمۇ ئارمىنىم يوقتى بالام، مەنزىل تېخى ئۇزۇن تۇرسا، مەن ئۆزۈم يالغۇز قانداق بېسىپ بولارمەن، دەپ يىغىسى تېخىمۇ ئەدەپ كېتەتتى....

   قۇلۇم-قوشنىلار ئۇزاپ ئۆي سەل جىمىغاندا ئاپامغا ئورۇن راسلاپ بېرىپ، ئۆزۈم دادامنىڭ مېيىتى قويۇلغان ئۆيگە چىقتىم، قارىسام دادامنىڭ ئۈستىگە ئاق كىرلىكى بار يوتقان، يۈزىگە ئاق داكا يېپىپ قويۇلغان ھالەتتە ياتاتتى، دادامنىڭ بېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلىدىم-، دە داكىنى ئېلىۋېتىپ يۈزلىرىنى سىلاپ تېخىمۇ ئىسەدەپ نەچچە سائەتكىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. كېيىن ئاپام چاقىرغاندىن كېيىنلا يېنىپ چىقتىم. دادامنىڭ يۈزىگە داكا يېپىقلىق ھالىتى تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

.......

  ئەتىسى سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدىن ئاشقاندا مېيىت يۇيىدىغان كىشىلەر كىرىپ دادامنى يۇيۇشقا كىرىشىپ كەتتى...

  دادامنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ، يۈزىنى يۆگەيدىغان چاغدا بىر مويسىپىت كىشى بىزگە دادام بىلەن دىدارلىشىۋېلىشنى ئېيتتى. ئاپام، ئىنىلىرىم بىلەن دادام ياتقان ئۆيگە كىردۇق، دادامنىڭ كېپەنلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ھەمىمىز خۇدىمىزنى يوقىتىپلا قويدۇق، توۋا دەيمەن، دادمانىڭ شۇ چاغدىكى چىرايى شۇنداق نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بەك سۈزۈك كۆرۈنەتتى. ئاپام دادامنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ چىقىپ كەتكىلى ئۇنىماي، مېيىت يۇغۇچىلارنى خېلىلا ئاۋارە قىلدى. دادامنى كېپەنلەپ جىنازىغا سالغاندىن كېيىن ھويلىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويدى-،دە ھەمىمىز دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يىغلىغان پېتى دادامنى ئۇزىتىپ قويدۇق. شۇنداق قىلىپ دادامنى نامىزىنى چۈشۈرگىلى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن پەقەت مۇشۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئوغۇل بالا بولۇپ قالمىغىنىمغا ئۆكۈندۈم، ئوغۇل بالا بولغان بولسام ھېچ بولمىسا دادامنىڭ جىنازىسىنىڭ بىر تەرىپىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان بولارىدىم. شۇ كۈنى قاتتىق قار ياغقانىدى. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن يۇرتىمىزدا قىش كىرگەندىن بۇيان ياغمىغان قار دادام تۈگەپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ توختىماي ئۈچ كۈن ياغدى. بۇچ اغدا بىر قىسىم كىشىلەر: بۇ قار بەك ياخشى چاغدا ياغدى، ئاق نەرسە ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، قار بىلەن تەڭ رەھمەتلىكنىڭ گۇناھلىرى تۆكۈلۈپ كېتەر، دېيىشتى. شۇ كۈنى كەچتە چوڭ ئىنىم: ئاچا، دادامنىڭ ماڭا ئوبدان كېلىدىغان قېلىنراق چاپىنىدىن بىرنى ئەپچىقىپ بېرە، دېدى، كىيىم ئىشكابى قويۇلغان ئۆيگە كىرىپ ئىشكابنى ئېچىپ قارىسام دادامنىڭ كىيىملىرى قاتار تىزىلىپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ دادامنىڭ چاپىنى بىلەن يۈزۈمنى ئەتكىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەنىدىم... 

  دادام كەتتى، خېلى بىر ۋاقىتقىچە بىزگە بۇ بىر چۈشتەكلا تۇيۇلۇپ رىئالىققا تەن بەرگىمىز كەلمىدى. لېكىن نېمە ئامال، ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇدە. ھەر قېتىم باشقىلار «دادا» دەپ چاقىرغاندا يۈرەكلىرىم پارە-پارەپ بولۇپ كۆزۈمگە يىغا ئولىشىدۇ. ھەمىمىزدىن بەك ئاپامغا زەپ بولدى، ئۇ كۈندە يىغىدىن توختىمىدى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئاپامغا بۇنداق تولا يىغلىماسلىقنى، تولا يىغلىسا ئۆلگۈچىگە ئازاب بولىدىغانلىقىنى، ئاللا ئۆزىنى ياقتۇرىدىغان بەندىسىنى بالدۇر ئەكىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياخشى تەسەللىي بەردى. ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ئاللانىڭ ئىلكىدە. تولا يىغلاش ئاللانىڭ ھۆكۈمىگە قارشى چىققانلىق بولىدىكەن. ئەمدى بىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىمىز ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئاللانىڭ دادامنىڭ ئاخرەتلىكىنى ياخشى قىلىشىنى تىلەش ئىدى. مەن ئاللانىڭ دادامنى ئۇ دۇنيادا ئەزىز قىلىشىنى، ئاپامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

(ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن بۇ تېمىنى تولىمۇ مۇرەككەپ ھېسسىياتتا تاماملىدىم، بىر قىسىم مەزمۇنلارنى يازغۇچە ھۆڭرەپ يىغلىدىم. بۇ تېمىنى مۇنبەرگە يوللاش-يوللىماسلىق توغرىسىدا كۆپ ئىككىلىنىپ، ئاخىرى يەنىلا يوللاشنى لايىق تاپتىم.  شۇڭا چېچىلاڭغۇ چىقىپ قالغان بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى، ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى، تېما توغرىسىدا سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.)

مەنبە: ئۆزۈم

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە سۇنۇلدى.

 

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahdunya110 + 10
anamihri + 100 تەسىرلىك .ياخشى چىقىپتۇ .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100  مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

يوقۇتۇشنىڭ تۈپ ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10230
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 10:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا توغورلۇق گەپ چىقسا ئىنتايىن كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ . چۈنكى مېنىڭ داداممۇ ئىنتايىن تۇيۇقسىزلا تۈگەپ كەتكەن . شۇنچە يىل بولۇپتۇ . ھەر يىلى 7 - ئايدا دادام تۈگەپ كەتكەن شۇ كۈندە بەكمۇ ئازاپلىنىپ كېتىمەن . ئاپامنىڭ غەمكىن كۆزلىرنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كىتىدۇ . بۇ ئەسىرىڭىزمۇ شۇنچىلىك تەسىرلىك چىقىپتۇ . قەلىمىڭزگە بەركەت تىلەيمەن . رەھمەت .

مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。

قىلالمايمەن دىي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 611
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12390
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7780 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 10:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز..كۆزلىرىمگە ياش كېلىپ كەتتى..

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6838
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 10:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى  سىز بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا ئوقۇپ چىقتىم . 4 كۈندىن كېيىن دادام بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلغىنىمىزغا 6 ئاي بولىدۇ . بۇ ھېسسىياتنى پەقەت شۇ جۇدالىق بېشىغا كەلگەن ئادەملا چۈشىنىشى  مۇمكىن . ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغىنىمدا ، كەچتە ياستۇققا باش قويغىنىمدا ... ئەشۇ جۇدالىق كۈن ، جاپاكەش دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ ....  شۇ تاپتا كونۇپكا تاختىسىنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن ... كۆز يېشى ھېچنەرسە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ئادەم  تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن ..............

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40076
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3797
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 10:34:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازما مەزمۇن جەھەتتىن ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ،ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ.شەكىل جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر ئاخبارات ئورنىدا ئىشلىگۈچىنىڭ يازمىسىغا ئوخشىماي قاپتۇ.ئەڭ ئاددىي بىر مىسال:يازمىدا نېمىدىگەن كۆپ ئابزاس ئۇ؟!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224334
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11687 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 10:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  turkinaz0992 كە 2011-05-12 10:30 PMئەۋەتىلدى  :
تېمىڭىزنى  سىز بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا ئوقۇپ چىقتىم . 4 كۈندىن كېيىن دادام بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلغىنىمىزغا 6 ئاي بولىدۇ . بۇ ھېسسىياتنى پەقەت شۇ جۇدالىق بېشىغا كەلگەن ئادەملا چۈشىنىشى  مۇمكىن . ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغىنىمدا ، كەچتە ياستۇققا باش قويغىنىمدا ... ئەشۇ جۇدالىق كۈن ، جاپاكەش دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ ....  شۇ تاپتا كونۇپكا تاختىسىنى كۆرۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن ... كۆز يېشى ھېچنەرسە قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ئادەم  تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن ..............
مىنىڭ دادامغا 16 يىل بولدى . [s:162]  [s:162]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت gherip كە 2011-05-12 10:50 PMئەۋەتىلدى :

مىنىڭ دادامغا 16 يىل بولدى . [s:162]   [s:162]



بولدى ئۇزىڭزنى بىسۋىلىڭ
تىتىك ياشاڭ

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم ، تىمىڭىزنى ئوقۇپ ئۇلتۇرۇپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلۇپ كەتتى . گەرچە مىنىڭ ئاتا ئانام ھايات بولسىمۇ .  سىز ھاممىڭىزنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ ئۆيگە كەلگەندە ، باشقىلار سىزنى ياغلىق چىگىۋىلىڭ دەپتۇ .سىز ئۇ چاغلاردا باشتاق يۈرۈيدىغان ئوخشايسىز ،بەلكىم دادىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن داۋاملىق ياغلىق ئارتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن .سىزگە ۋە بارلىق قىزلارغا نەسىھىتىم ، بىز ئاتا ئانىمىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز ، ئۇلار ھايات ۋاختىدا ياكى تۈگەپ كەتكەندە بولسۇن ،ئىسلام قائىدىسى ئىچىدە يۈرىشىمىز كىرەك .توي قىلغانلىرىمىز مۇ ئىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز ، ئىسلام قائىدىسى ئىچىدە يۈرىشىمىز كىرەك . چۈنكى ئاتا ئانىمىز ، ئەرلىرىمىز بىزنى گۇناھلاردىن توسمىغانلىقى ئۈچۈن  ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ . ھېچقايسىمىز  ئامراق ئاتا ئانىمىزنىڭ ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، چىن قەلبىمىزدىن ياخشى كۆرگەن ئىرىمىزنىڭ ئازاپ تارتىشىنى  خالىمايمىز . مەن قەلبىڭىزنى چۈشەندىم ، يارىڭىزغا تۇز سەپمەكچى ئەمەسمەن ،سىز ھەر كۈنى ئەتتىگەن ياكى كەچتە دادىڭىزنىڭ ھەققىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇڭ .دادىڭىزنىڭ ھەققىدە ئاجىزلارغا سەدىقە بىرىڭ .بۇ دادىڭىزنى رازى قىلغىنىڭىز بولىدۇ . كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ .  

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10391
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3516 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 12:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بىر ئۆينىڭ تۇۋرۇكى . مىنىڭ داداممۇ كىسەلچان ئالاھ  ئۇنىڭغا سالامەتچىلىك ئاتا قىلسۇن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 2282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19605
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10565 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 04:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەييييي... ... بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ... يۈرەكنى ئەزدىغۇ بۇ ئەسەر ...
[s:166]  [s:173]

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش