ئۆزى گۈلدەك قىزلارنىڭ سۆزى...
ئاشۇ كۈنى قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ كۇچىغا چىققانىدىم.غۇبارسىز كۆك ئاسمان،ئالتۇن تاۋاقتەك نۇرانە قۇياش،رەسىمدەك گۈزەل شەھەر......
ئۇزۇن قىش ،تۇتۇق ھاۋادىن زىرىككەن كۆزلىرىم بۈگۈنكى بۇ ئۇچۇق ھاۋادىن قامىشىپ ،گۈزەل تۇيغۇغا چۆمۈلگەن ھالدا رۇھىم تولىمۇ كۆترەڭگۈ ئىدى.
قىزىمغا بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن تاللا بازىرىنى ئارىلاۋېتىپ،ماگىزىنغا كىرۋاتقان ئىككى قىزغا ئىختىيارسىز نەزىم چۈشۈپ قالدى.
پاھ!نېمانچە گۈزەل قىزلار بۇ!ئۇن بەش،ئون ئالتە ياشلاردىكى تازا تولىۋاتقان بۇ قىزلارغا قاراپ تەبىئەتنىڭ بۇ بىر جۈپ<<نادىرئەسرى>>گەھەيران قالدىم.
-ئاداش قېرىلارغا لايىقراق بىر نەرسە بارمىدۇ؟-دېدى.ھېلىقى قىزلارنىڭ بىرى.
-ئاپاڭغا بىر نەرسە ئالامتىڭ؟
-ياق ،ئئۇنىڭ ئېرى بولغاندىكىن ئېرى ئېلىپ بەرسۇن!
-ئەمىسە كىمگە....
-ۋاي -ۋۇي ئاپام دېگەن خۇتۇننىڭ ئانىسى،شۇ چوڭ ئانام دېگەن قېرىغا ياغلىق ،پايپاق دېگەندەك بىرەر تال نەرسە ئالاي دېگەنىدىم.
-بىرەر ئىش بولغانمىدى؟
-چوڭ ئاپام قېرىنىڭ ئاتمىش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن.شۇ باش قېتىمچىلىقى بولمامدۇ؟
-بۇ تازا ياخشى ئىشكەنغۇ؟بۇلتۇر ،مەنمۇ چوڭ ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر دەستە راسىت ئەتىرگۈل ئېلىپ بارغانىدىم دېگىنە،قەۋەتلا خوش بۇلۇپ كەتتى.كېيىن راسىت گۈللىكىنى بىلىپ :<<نېمىشقا گۈللەرنىڭ شېخىدىن ئۈزدىڭىز >>دەپ رەنجىدى. ئاپام چوڭ ئاپامغا بۇ گۈللەرنى مۇشۇنداق ئۈزۈپ ساتىدېغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
-سېنىڭ چوڭ ئاپاڭمۇ تازا ئالىجاناپ قېرىكەنغۇ؟
-تۈزۈك گەپ قىلە ،نىمانچە سەت گەپ قىلىسەن؟
چوڭ ئاپاڭ قېرى بولماي ،ياشمىدى؟
-شۇنداقتىمۇ چىرايلىق سۆز بىلەن ئىپادىلىمەمسەن؟
-ۋاي بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق ياسالما گەپ قىلىپ كۆنمىگەن...
-بىز خەق مەدىنىيەتنى بەك چۈشەنمەيمىز جۇمۇ،كىنولاردا كۆرمەيۋاتامسەن،چەت ئەللىكلەر بوۋىسى،مومىلىرىنىڭمۇ ئىسمىنى ئاتايدىكەنغۇ؟
-ئۇيغۇر دېگەن ئەجەپ مەتۇ...
ئكزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ ماگىزىندىن چىقىۋالمىسام ،ئۇ قىزلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارلىشىپ ،<<ئۆزىچېچەكتەك،قىلىقى ئېشەكتەك >>قىز بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قېلىپ ،خۇشال كەيپىمنى ئۇچۇرۋېتىدېغاندەك قىلاتتىم.
مەن شۇنداق كۆڭۈلسىز خىياللار بىلەن كېتىۋېتىپ ،بىر تۇنۇشۇمغا ئۇچراپ قالدىم.ئۇ تۆت ياشلىق قىزىنى بازارغا ئېلىپ چىققان بۇلۇپ،قىزى قىممەت باھالىق بىر كىيىمنى ئېلىپ بېرىسەن،دەپ تۇرۋاپتۇ.تۇنۇشۇم مال ساتقۇچى بىلەن باھادا كېلىشەلمەي ئۇ كىيىمنى ئالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزى ماگىزىندىن چىقىپلا ،خۇيلىنىپ ئولتۇرۋاپتۇ.
-ئاپپاق قىزىم،يۈرەڭ،مەن باشقا دۇكاندىن ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق كۆڭلەك ئېلىپ بېرىمەن.
-ياق،ساراڭ خۇتۇن ،ئۆزىگىلا كىيىم ئېلىپ،ماڭا ئېلىپ بەرمەيدۇ،دادامغا دەپ سېنى ئۇرغۇزىمەن.
-ھەي قىزىم،قۇپۇڭ!
ھېلىقى تۆت ياشلىق قىز ئاپىسىنىڭ پۇتلىرغا تېپىپ،تىللاپ يىغلايىتتى.مەن قىزچاقنىڭ ئانىسىغا قارىدىم،ئانا قىزىنىڭ بۇ قىلىقىدىن غەزەپلەنمەستىن يەنە قىزىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ:-بۇ قىز شۇنداق جاھىلكى ،قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قويمايدۇ.دېگىنىچە قىزىنى كۆتۈرۈپ بايا يېنىپ چىققان دۇكانغا قايتا كىرىپ كەتتى.
-مۇشتۇمدەك قىزىغا گىپىنى ئۆتكۈزەلمىسە،تۆت كۈندىن كىيىن بۇ قىز ئانىسىنىڭ بوينىغا مىنمەمدۇ؟توۋا بۇ كۈننىڭ باللىرى نېمە بۇلۇۋاتىدۇ...
تۇنۇشۇمنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ياشتا چوڭراق ئايال شۇنداق غۇدۇرىغاچ كېتىپ قالدى...
-ئاپا ،ئاۋۇ قىز بەك قىلىقسىزكەن،ماۋۇ چوڭ ئاپاشمۇ شۇ قىزدىن خاپا بۇلۇۋاتىدۇ،ئاپا،چوڭ ئاپام ماڭا كىچىك بالا چوڭلارنى تىللىسا <<تىلى كېسىلىپ كېتىدۇ>>دېگەنىدى.
ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ؟
-قاراڭ قىزىم،بۇ دېگىنى <<چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك،چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش چوڭ گۇناھ>>دېگەن مەنىدىكى گەپ.سىز كىچىك بولغاندىكى<<گۇناھ>>دېگەن سۆزلەرنى چۈشەنمەيسىز-دە،شۇڭا چوڭ ئانىڭىز قۇرقىتىدىغان شۇنداق سۆزلەر بىلەن سىزگە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن.مانا ئەمدى مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىقتىڭىز،ئۇ گەپلەرنى چۈشىنەلەيسىز؟
-چۈشىنەلەيمەن.
-چوڭلارنى ھۆرمەتلىمىسە قانداق بۇلىدۇ؟
-ئەخلاقسىزلىق بۇلىدۇ.
مەن قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.
شۇ كۈنى كەچتە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيگە ئۆز خىياللىرىم بىلەن كېتۋاتاتتىم.
-ھەي پاسكىنا،ياتىقىڭدا ئولتۇرماي نەگە باردىڭ؟
مەن بۇ قۇپال ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا قادىرىم،قىرىق نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال يانفۇنىنى ئېلىپ ئۆيىدە سۆزلەشكەندەك بەخرامان سۆزلىشىۋاتاتتى.
-ھە،تىل ئۆگۈنۈش كۇرسىغا باردىڭمۇ ياكى باشقا كۇرىسقىمۇ،خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،ھەر ھالدا غىت قىسىپ ئۇقۇ،بولمىسا چېچىڭنى يۇلۇپ تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۇۋېتىمەن،قانجۇق!ھە،چىرايلىق گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن.مەنچۇ سېنى مەندەك بۇلۇپ قالمىسۇن،دەپ مۇشۇنداق ۋاتىلداۋاتىمەن...قىزى تېلفۇننى قۇيۇۋەتتى بولغاي،غۇدۇرىغىنىچە ئىتتىك مېڭىپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
-شۇ مىنۇتتا جاپا چېكىپ بالا ئۇقۇتۇۋاتقان مۇنۇ ئانىغا ئەمەس،ئاغزى يامان قۇپال ئانىنىڭ قىزى بۇلۇپ قالغان،ئاشۇ نامەلۇم قىزغا ھىسداشلىقىم كەلدى.بىچارە قىز بەلكىم،راستىنلا تىل ئۆگىنىش كۇرىسىغا قاتناشقان بولغىيدى.ياقا يۇرىتتا ئۇقۇپ ،كەچلىكىمۇ يەنە ئۆگىنىشتىن چارچاپ كىرگەندە،ئانىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان چىرايلىق سۆزلىرنى ،نەسھەتلىرىنى ئاڭلىغان بولسا،قانداق خۇشال بۇلار ئىدى-ھە!بەلكىم بىر كۈنلۈك ھاردۇقى چىقىپ ،ئۆزىنى كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا تاشلاپ،راھەتلىنىپ ئۇخلىماسمىدى؟ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكمەسمىدى؟!...
بۈگۈن بىر كۈندە ئۇچراتقان ئانىلار بىلەن قىزلار ئۇتتۇرسىدىكى ئىشلار مېنى خېلىدىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن قىزلىرمىزنى تىربىيلەشكە پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيۋاتامدۇق قانداق؟دېگەن خىياللىرىمنى يەنە ئېسىمگە سېلىپ قويدى.
ئۆتكەندە بىر يىغىندا ئولتۇراتتىم.ئارقامدىلا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان بىر ياش چوكاننىڭ ئەنسىز ئاۋازىدا بۇشقىنا <<ۋىييەي قۇرسىقىم>>دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
-قۇرسىقىمدىكى بالام مىدىرلاۋاتىدۇ،قارىڭە قۇرسىقىمغا.ئەر كىشى گەپ قىلمىدى.ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىخىلداپ كۈلۈۋۈتقانلىقىنى سەزدىم.
مەن شۇ دىئالۇگلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپمۇ ناھايىتى ئەپسىزلىك ھېس قىلدىم.يىغىندىن قايتىپ چىقىۋېتىپ،ھېلىقى ئەرنىڭ يېنىدىكى چاخچاق قىلغۇچىغا رەنجىگەن ھالدا:
-نىمانداق قىلىقى سەت قىز بالا ئۇ ،چوڭ ئاكىسىدەك ئادەمگىمۇ قۇرسۇقىدىكى بالىسىنىڭ مىدىرلىشىنى دەپ بېرىدېغان،قۇرسىقىڭىزنى بېرىپ ئېرىڭغا بېرىپ ئىرىڭىزغا كۆرسىتىڭ دەۋېتەي دەپ...مۇشۇ كۈننىڭ قىزلىرىدا ھايامۇ قالمىدىكى،يوغان ئىش بولغاندەك بالىسى تۆت ئايلىق بۇلا-بولماي كېرىلىپ مېڭىپ....
-ۋاي،<<قوشناڭ قارىغۇ بولسا،بىر كۆزۈڭنى قىس>>دەپ،بۇلارمۇ شۇ باشقىلاردىن ئۆگىنىۋاتقان گەپ...
-ھازىرقى قىزلار ئادەم بىرىنى دېگۈچە ئوننى دەپ،كۆزۈڭگە مۇلۇندەك قاراپ تۇرۇشقان...
-ئادەم گەپ قىلىپ بولغۇچە ،بۇيۇنلىرىغىچە قىزىرىدېغان بۇرۇنقى ھايالىق قىزلىرمىز قالماپتۇ-دە.
-شۇنداق ،قىزلارنى تەربىيلەيدىغان ئېسىل ئانىلىزمىز تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ.<<ئانا كۆرۈپ قىز ئال،ئارقاق كۆرۈپ بۆز >>دەپ ئاڭلىغانمۇ...
ئەرلەرنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېتىۋېتىپ،كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى.بىز كىچىك چاغلاردا ئاممىۋى مۇنچىلارغا بېرىپ يۇيۇنۇپ كېلەتتۇق.يەتتە-سەككىز ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك ،مەھەللىدىكى چوڭ قىزلار بىلەن مۇنچىغا چۈشۈپ ئۆيگە كىرسەم قارىمايدىن تاغام كەپتۇ.مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ تاغامغا ئېسىلىپ كۆرۈشىۋاتسام تاغام مەندىن :-نەگە بېرىپ كەلدىڭ،قىزىم؟-دەپ سورىدى.مەن تەمتىرمەستىنلا:
-مەھەللىدىكى قىزلار بىلەن مۈنچىغا بېرىپ ،يۇيۇنۇپ كەلدىم،-دەپ جاۋاپ بەردىم.
-ھە،چوڭ ئىش قىپسىز،مېڭىڭ ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىڭ.ئاپام قۇلۇمدىن تارتىپلا مېنى يەنە بىر ئۆيگە كىرگۈزۈۋەتتى.ئاپامغا نېمە بولغاندۇ؟چۈنكى ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلەەندە<<سىزلەپ>>قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى.مەن گاڭگىراپ تۇرغىنىمدا ئاپام يېنىمغا كىرىپ:-ھەي ھايا دېگەننى ساڭا ئۆگتىپ بۇلالماپتىمەن-دە،قىز بالا دېگەن يۇيۇنغاننى ئەر كىشىلەر بار يەردە دېسە،بولمايدېغانلىقىنى مەن دېمىگەنمۇ؟-دېدى.
-ياق،سەن دېمىگەن،بۇ سەت گەپ ئەمەسقۇ؟-دېمىگەن بولسام ،بۈگۈندىن باشلاپ بىلىپ قال،قىز بالا دېگەن دادىسى ،ئاكىلىرى بار يەردە يۇيۇنغاننى دېمەيدۇ ھەم چاچلىرىدىكى ھۆللىرنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ،-دېدى.
ئاپامنىڭ شۇ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە چوڭ بولغاندىن كېيىن يەتتىم.
ئۆز كەچۈرنىشلىرىمدىن ئېلىپ ئېيتساممۇ ئانامنىڭ مىڭ قۇياشنىڭ تەپتىدەك ئىللىق مېھىرلىك قوينىدا چوڭ بولدۇم،تا ھازىرغىچە ئانا بۇلۇپ تۇرۇقلۇق ،ئانامنىڭ ئېتىكىگە بېشىمنى قويغان چاغدىكى،بەخىتنى ھېچقانداق بەخىتكە تەڭ .قىلالمايمەن.ئانام ماڭا شەپقەتنىلا ئەمەس ھەم تۇنجى تەلەپچان ئۇستازىم،ئانام ماڭا مېھرىبانلىقنى ،چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشنى،كىچىكلەرنى ئىززەت قىلىشنى،ئەدەمگەرچىلىكنى،مەردلىكنى،يەنە چىرايلىق سۆزلەشنى ،كۆڭۈل ئاياشنى قىزلارغا خاس ئەدەپ-ئەخلاقنى...نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن،ئۆگەتكەنلا ئەمەس ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ماڭا ياخشى ئۆلگە بۇلالىغان.ئانام بىزنى ھەرگىز سەت گەپ بىلەن تىللىمايىتتى.بەك ئاچچىقى كەلگەندە:<<يائاللا،ئامرىكا جاھانگىرلىكىدەك يامان بالا بۇپسەن>>دەيدېغان،ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ،بىرقېتىم ئانام چېچىمنى تاراۋېتىپ ،تالاغا چىققاندا بالىلار بىلەن سەت گەپ بىلەن تىللاشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلىۋاتقاندا،مەن ئانامدىن <<ئانا،باشقىلار مېنى تىللىسا،جىم تۇرامدىم>>دەپ سورىسام،<<ئاقچى-كۆكچى،ئىشكى يوق دۇمباقچى>>دە!دەپ ئۆزى كۈلۈپ كەتكەنىدى.
بىزنىڭ ئۆيدە ئانامنى پات-پات خاپا قىلىدىغان ئەڭ سەت گەپ<<ساراڭ>>دېگەن سۆز ئىدى.ئانام مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ ،ئەمما دىندا ئازراق ئۇقۇغان بولغاچقا،بىزنى نۇرغۇن ئەقىلغا مۇۋاپىق <<يامان بۇلىدۇ>>لار ئارقىلىق ،ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيلىگەن.
بەزى قىزلىرمىزدىكى قاشاڭلىق،سۇقۇشقاقلىق ،ھەسەتخورلۇق،ئەخلاقسىزلىقلارنى كۆرگىنىمدە،كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال قىزنى ئەمەس ئانىسىنى ئەيىپلەيدېغانلىقىنى بىلىمىز.قىز بالا ئاساسەن ئانىسىنى تارتىدۇ.چوڭلارنىڭ بەزىدە ھايالىق قىزلارنى ئۇچراتقاندا<<سىز كىمنىڭ قىزى؟ھە،شۇ ئانىڭىز رەھمەتللىك بەك ئىسىل ئايال ئىدى،ئانىڭىزنى دوراپسىز>>دېسە،يەنە <<ھەي مۇنۇ ۋىتىلداق كىمنىڭ قىزى ؟ۋاي ھېلىقى پالاننىڭ،ۋاييەي،ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەپ،بۇ ئانىسىنى بېسىپ چۈشىدېغان ئۇرۇشقاق بۇتۇمۇ ،نېمە؟>>دېەەن سۆزلىرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
كۇچا-كويلاردا،توي تۆكۈنلەردە شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغان خانىم-قىزلارنىڭ ئىچىدە <<ھەي ساراڭ،سەن بارمۇ ؟ھەي ماڭا پاسكىنا،سەن رەسمىي رەسۋاكەنسەنغۇ؟مېنى شۇنداقمۇ ئالدامسەن؟ۋىيەي ماۋۇ قانجۇقنى...سەن بارمۇ؟>>دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۆرشىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىنىمدا،شۇلار تۇغقان ،چوڭ قىلغان ،تەربىيلىگەن بالىلار ھېلىقىدەك چىرايلىق سۆزنى ياسالما سۆز دەيدېغان،كىچىك تۇرۇپ ئانىسى بىلەن كىيىمدە بەسلىشىدېغان ئەخلاقسىز بالىلاردىن بولماي،نېمە بولماقچى؟دەپ ئويلايمەن.
بىز ئاياللار ھاياتلىقتا ئائىلىنى قۇرۇپ،پەرزەنتلرىنى تەربىيلەپ،جەمىيەتنى شەكىللەندۈردىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇزۇر-ھالاۋەت،بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان ھەمدە ئائىلىنى مېھىر-مۇھەببەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇردىغان مۇقەددەس پىدائىيلىقنىڭ سىموۋولى ،پاك قەلب ،لاتاپەت ۋە گۈزەللىك پەرىشتىسى.
بىزنىڭ نۇرغۇن ئانىلىرمىز زىممىسسىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ھەسسىلەپ ئادا قىلىۋاتىدۇ.قىسمەن ئاياللىرمىز بولسا،خۇددى يۇقۇملۇق باكتېريىلەردەك،بالا تەربىيلەش ئەمەس،ھەتتا ئۆزىدىكى يامان كىسەللىكلەرنى ئەۋلاتلىرغا يۇقتۇرۋاتىدۇ.
قېنى كۆجۈم مەھەللىلەردە ئولتۇرۇپ ،ھال-مۇڭ قىلشىدىغان قۇلۇم-قوشنىلار؟قېنى بويىغا يەتكەن قىزلارغا كېلىن بۇلۇشنىڭ،ئايال بۇلۇشنىڭ ،ئانا بۇلۇشنىڭ يوللىرنى ئۆگىتىدىغان پەرىشتە سۈپەت ئانىلار؟قېنى ھايات گۈزەللىكىنى تۇنۇتىدىغان يۇلتۇزلۇق كېچىلەردىكى ئاپئاق چاچ مومىلىرىمىزنىڭ نەسىھەت مەنىسىنى ئالغان چۆچەك -داستانلىرى،ئۈگۈت-نەسىھەتلىرى...
زامانىۋى ئاڭ بىلەن ئەنئەنە،يىڭىلىق بىلەن ۋارىسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي،تۈتەك ئىچىدە قېلىۋاتقان قىزلىرمىز،كىيىم-كېچەك ،يۈرۈش -تۈرۈش ۋەپ گەپ-سۆزلەردىكى ئەخلاق مىزانلىرىمىزنى تەلۋىلەرچە بۇزۇپ تاشلىغانلىقلىرىنى ئۆزلىرىچە قانداقتۇ يېڭىلىق ،مەدىنىيەت ۋە ئاياللار ئەركىنلىكى ھېسابلاۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈگمەس قاتار چايلار،توي-تۆكۈن ھەشەمەتچىلىكى ،كېچە-كېچىلەپ قانال يۆتكەپ كۆرىدېغان تېلېزور مەستانلىكى ،ئىككى مېتىر ئارىقتىكى قوشنىلارنىڭ ھال-ئەھۋاللىدىن ئايلاپ،يىللاپ خەۋەرسىز قۇيۇۋاتقان قەۋەتلىك بىنالار غېرىبچىلىقى ،قۇلۇم-قوشنا ۋە ئائىلە مۇھەببىتىنى يىمىرىپ تاشلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئايال ئۇقۇتقۇچىلار قىز ئۇقۇغۇچىلىرمىز بىلەن،ئانىلار قىزلىرمىز بىلەن ھال-مۇڭ بۇلىشىمىز ،بۇرۇن يۇلتۇزلۇق ئاسمانلارغا قاراپ ،ئاڭلىغان ھېكايە-چۆچەكلىرمىزنى قىزلىرمىزغا سۆزلەپ بېرىشىمىز،ئۇلارنى ۋاپادار،ھايالىق ،مەرد بۇلۇشقا يېتەكلىشىمىز،گۈزەل تىلىمىز،توغرا ئەخلاق-مىزانلىرمىز بىلەن ئۇلارغا ئىگە بۇلۇشىمىز كېرەك.شۇندىلا باللىرمىز ۋە بىز ئىنتىلىۋاتقان،تەلپۈنىۋاتقان مەدەنىيەت چۇقۇم ئۆز خاسلىقىغا ئىگە بۇلىدۇ،شۇنىڭدىلا ياشلىرىمىز ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆز زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ ،ئۆز زېمىنىدا ۋايىغا يەتكەندىلا،ئاندىن ئۇ بىزگە ھەقىقى مەنسۇپ مەدىنىيەت بۇلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
مەنبە : زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
ئاپتورى:گۈلباھار سىدىق ئابباس