مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3222|ئىنكاس: 67

يۇقالسۇن تاياقچى ئەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد ئۈچۈن ياش

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 30253
تۆھپە نۇمۇرى: 624
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 12:24:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



-تاس .....تاس .....تاس
-جاراق -جۇرۇق ....
-چاراڭ -چۇرۇڭ
ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،يەنە شۇ نەس يولدۇشۇم ھاراق ئىچىپ كەيىپ بولۇپ دەلدەڭشىپ ئۆيىمىزنى تەستە تېپىپ كىرىپ بىر نەرسىگە پۇتلۇشۇپ يېقىلىپ يەردە تاشپاقىغا ئوخشاش تۈگۈلۈپ ياتقان ئىدى
ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنى يۆلەپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرمەكچى بولدۇم
-چاڭ
يۈزۇمگە ئۇنىڭ بىر تەستكى تەگدى
داجىپ ئۈزۈمنى تەستە ئوڭشاپ يەنە ئۇنى يۆلەش ئۈچۈن تۇتۇندۇم
ئۇ يەنە مېنى مۇشتى بىلەن بىرنى قۇيۇپ يەرگە يېقىلدى
سەۋىر قاچام توشتى دە ئېغىزىم ئېچىلدى
_شورۇڭ قۇرغۇر ،يە سەن ھاراق ئېچىپ ئۆلمىدىڭ يە مەن سېنىڭ تايقىڭغا ئۆلمۈدۇم،- دېدىم تاياق زەردىسىدە جاقىلداپ تىترەپ تۇرۇپ .
_خىڭ ئۆلگۈڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
ئۇ ئەلەس كۆزلىرىنى ماڭا تېكىپ يەرنى تېرەپ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كېلىپ پۇتىنى كۆتۇرۇپ مېنى تەپمەكچى بولدىيۇ بەك كۆپ ھاراق ئىچۋالغاچقا پۇتىنى كۆتۇرۇشكە مادارى يەتمەي يەرگە يېقىلدى ،يەنە تۇرماقچى بولدىيۇ تۇرالمىدى .
مىھمانخاندىكى كېرسلوغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاردىم ،ئۇ بىپەرۋالىق بىلەن بەش مىنۇتتىلا خورەكىنى دۈڭ تارتىپ ئۇيقۇغا تۇتۇندى.
ئىچ -ئېچىمدىن ئۇنىڭغا ئۆچلۈكۈم قوزغالدى ،تەقدىرىمنىڭ بىر ھاراقكەش بىلەن باغلىنىپ قالغىنغا ئەپسۇسلاندىم ،
بىر يىل بۇرۇنقى بۇلبۇل كەبى گۈل تاللاپ يۈرگەن ۋاقتلىرىم ئېسىمگە كېچىپ كۆزلۈرۈمدىن ياش ئەگىدى.
ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۇرۇپ ياخشى خىزمەت ئورنۇم ھەم پۇلدار ،ئابرويلۇق ئاتا -ئانامدىن ،چېرايلىق خۇش ناز كەبى چېرايمدىن زوقلۇنۇپ يۈرۈپ تاللاپ -تاللاپ ئاخىرى ئاتا -ئانام ھەم دوسلۇرۇمنىڭ كۆرستىشى بىلەن سوتتا ئىشلەيدىغان فورمىلۇق ،ئاتا-ئانسى پۇلدار ،تۇتسا سېپى بار چاقىرسا ئېتى بار دەپ بۇ يولدۇشۇمنى تاللىدىم ،تاللاپ توي قىلىپ بىر ھەپتدىن كىينلا "تاللاپ ،تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ "دېگەندەك ئىش بولغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم.
بۇ يولدۇشۇم تويدىن بۇرۇن بۇلبۇلۇم ئىدى ،تويدىن كىيىن چىل بۆرە بولدى ،كۈندە ئۆيگە مەس كېرىپ يوق باھانە بىلەن مېنى ئۇردىغان ،ئەتسى مەسلىكتىن يېشىلسىلا ماڭا يالۋۇرۇپ بۇندىن كېيىن قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىككە قەسەم قىلدىغان بۇلۋالدى ،مەنمۇ قۇرۇق ئىمىزىگىنى ئېمىپ يۈرېۋەردىم .يولدۇشۇمۇ ئۆزگەرمەي ئۆز سەنىمگە دەسسەپ يۈرىۋەردى .
   بىزار بولدۇم ،خۇددى دۇنياغا يولدۇشۇمنىڭ تايقىنى يېيىش ئۈچۈن يارالغاندەك ھەممە نەرسدىن بىزار بولدۇم ،
  بۈگۈنمۇ بۇ ئەبلەخ ھاراق ئىچىپ كىرىپ مېنى ئۇردى ، مانا كۆز ئالدىمدا چوشقىدەك خورەك تارتىپ مىنى تېخمۇ يىرگەندۇرمەكتە .
   تۇرمۇش نىمە ؟
  ئادەم نىمە ئۈچۈن ياشايدۇ ؟
  تۇرمۇش نىزامى نىمە ؟
  تۇرمۇش دېگەن ئازاب شۇمۇ ؟
كاللامغا كىرۋالغان ئەبجەش تىگى ،باش -ئاخىرى يوق ساراڭ خىياللار.
تۇرۇپ ئۆزۇمنى ئۆلتۈرۋالغۇم كېلۋاتدۇ.
توۋا نىمىشقا ئۆزۇمنى ئۆلتۈرۋالمەن ؟
ياق ئۆلۋېلشىم كېرەك ،مېنىڭ تارتىشقىدەك نېمەم بار ،ئاتا-ئانامنىڭ ئۆزىگە يېتىدۇ ، مۇنداقلا ئۆلسەم يولدۇشۇم مۇرادىغا يەتمەمدۇ ؟ راس ،ئالدى بىلەن بۇ ئادەم قېلپىدىن  چىقان چىل بۆرىنى ئۆلتۈرۋېتىپ ئاندىن ئۆزۇم ئۆلۋالاي .توغرا شۇنداق قىلشىم كېرەك ،شۇنداق قىلساملا دۇنيادىكى بارلىق تاياقچى ئەرلەرگە ئىبرەت بۇلدۇ .
خۇتۇننى بىكاردىن خورلىمايدىغان ،ئۇرمايدىغان بۇلىدۇ .بۇنى كىشلەرگە قانداق بىلدۇرۇش كېرەك ؟
ئامال تاپتىم .
ئاستا ئاشخانا ئۆيگە كىردىمدە قىڭراقتىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ شېرىن ئويقۇ قەسىردە ياتقان يولدۇشۇمنىڭ بېشىغا قىڭراق بىلەن نەچىنى چاپتىم "ئىڭ" قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ مۇشۈكتەك پۇشۇلداپ تىنىشى بىلەن خوقىراپ چوشقىدەك خۇركى ئۆچتى.
بىچارە ئۆزىنىڭ نەدە ؟نىمە بۇلۇپ ئۆلگۈننى بىلمەيلا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى دېسە ھى......ھى،.....خوپ بولدى
يولدۇشۇمنىڭ قېىنى بىلەن نەچچە يىل چامدىنىمدا ساقلىغان ئاپپاق بىر پارچە رەختىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆستىگە يوغان قىلىپ
"يۇقالسۇن تاياقچى ئەرلەر !"دېگەن شۇئارنى يېزىپ يولدۇشۇمنىڭ يۈزىگە ياپتىم- دە ،ئۆزۈمنىڭ تۇمۇرمنى كەستىم، قۇلۇمدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقماقتا ،مەن ئۆي تورىسىغا قاراپ يولدۇشۇم بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ئەسلەۋاتىمەن .
ھەي ،بىر خۇشاللىق ئەسلىمە بولسا نىمە دەي .
خەيىر ،توغرا تاللاپتىمەن .
"يۇقالسۇن ....يۇقالسۇن ....يۇقالسۇن پۈتۈن دۇنيادىكى تاياقچى ئەرلەر "

مەنبەسى :ئۈزۈم ھە

.

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭ قانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6636
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6310
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5350 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 12:56:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىسەم بۇلار،ئەڭ ياخشىسى ھىچنىمە دىمەي ئاياللار ھوقوقى تەشەببۇسچىلىرى ئۈچۈن ھىچقانداق يۇچۇق قالدۇرماي.

http://honzada.blogbus.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23566
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1727
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 4617 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 12:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ نەس ھاراقنىڭ ئىشى!!!!قانۇنچىلىق گىزىتىنى ئوقۇسىڭىز قاتىللىق،بۇلاڭچىلىق،ئوغۇرلۇق،ئىشقىلىپ %98 دىلودا ھاراقنىڭ سايىسى بار!!
جاھاندا ئىككى خىل ئادەمدىن قوق!!     (بىرى مەستىن!بىرى پەستىن)

ئالتۇن قونداق قەپەزدىن لىڭ لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!!!!! مەنبە: بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن

دۇنيا_مىھمانخان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5456
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 3047 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 12:59:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي............ ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ قولىدا قالغان ئاياللارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھاراق دىگەن نىجىس نەرسىنى ئىچسە مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، ئىككىلى دۇنيا قارا يۈز بولۇپ.

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق، مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3422
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5734
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:03:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاياقچى ئەرلەر، نىمىشقا باشتا تامغا بىرنى قاتتىق مۇش بىلەن ئۇرۇپ باقمايدىغاندۇ؟ۋەياكى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ سەكلەپ ئۈسۈپ باقمايدىغاندۇ؟
شۇ چاغدا تاياق يىسە قانداق بۇلىشىنى ئويلاپ قالاتتى. بىراققۇ ئۇنداق ئەرلەرگە كار قىلماسلىقى مۇمكىن. مەنغۇ تاياق يىيىشتىن بەك قورقىمەن، تاياق يەيدىغان ئىشلارغا ئۇچىراپ قالسام، يالغان ساراڭ بۇلاپ تۇرىۋالىدىغان گەپ. خۇدا ساقلىسۇن ھاراقكەشكە يۇلۇقۇپ قىلىشتىن. [s:151]

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4800
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 8150 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:04:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا -مانا دىمىدىممۇ ، كەپسىز قىز ، بۇرۇن سەلكىن مۇنبىرىدىمۇ كەپسىز ئىدى .
قۇرغۇيۇڭ بولاي، توغۇيۇڭ بولاي دىسە قاراپمۇ قويماي ،  خېلى-خېلى يېگىتلەرنى ياراتماي. ئەشۇ ھاراقكەش زابايغا ، تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپسىز . مانا .... [s:137]




كونىلارنىڭ دېگىنى توغرىمۇ نىمە :

ھاراقكەشتە خوتۇن تۇرمايدۇ  .
نېشىكەشتىن خوتۇن قاچمايدۇ .

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6614
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 6762 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:23:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كەپسىزلىك قىلىپ كەپسىز ھە!تولا تاللىسا تازغا يولىقىدۇ جۇمۇ؟

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

پاك تۇغۇلۇپ،ئۇي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37312
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1418
تۆھپە نۇمۇرى: 16
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2011-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:29:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مۇشۇ ھاراقكەشلەنى كۆرسەم ئاجايىپ سەسكىنىپ كىتىمەن...
ئاياللىرىغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ...ھەي ئاشۇ ھاراقنى ئىچكىچە چاي .ىچسە بولمامدۇ دەيمەن....ئىمانىنى نەدە ئۇنتۇپ ياكى يۈتتۈرۈپ يۈرىدىغاندۇ....

ياش ئىدۇق ئالى مەكتەپكە كىرگەندە بىز، ئەمدى بۇرۇت چاڭگاتىزدى قالدۇرۇپ يۈزلەردە ئىز.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2871
تۆھپە نۇمۇرى: 136
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:30:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇنى نىمە دىگۇلۇك ئەمدى بولدىلا ھىچ نىمە دىمەي

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37286
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 3
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2011-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:36:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ياخشىغا  بىر يامان دەيدىغا گەپ  بار.
بۇنداق ياخشى ئايالغا ئۇنداق  ئەسكى ئەر ئۇچرىغانغا ئوخشاش،ياخشى ئەرلەرگە يامان خۇتۇنلار ئۇچراپ  قالسىا ۋاي ئۆزلىرنىڭ  راس دەپ  بېشىمىزغا  ئېلىپ  كۆتۈرسەك  بولدىكەندە؟

مۇنبەر ئەمەس مۇن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40176
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 01:55:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئارقىڭىزدىن باراي ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38557
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2011-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 03:10:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم  شۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە  ئېنساپ بەسۇن !
خانىم -قىزلار نىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىغا  تاياق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلارنىڭ  زاۋۋال  كۇنىمۇ  بار تىخى !
ئانىمىزنى ، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ،دوست-قىرىنداشلىرىمىزنى،ھەمراھلىرىمىزنى   بىشىمىزدا   كوتەرسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15795
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 03:18:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<  قىلىچ  تەڭلىگەن  دۈشمىنىڭدىن  ھاراق  تەڭلىگەن  دوستۇڭ  خەتەرلىكتۇر  ،  ئالدىنقىسى 
 جىسمىڭىنى  زەخمىلەندۈرسە  ،  كىيىنكىسى  روھىڭنى  بۇلغاپ  زەخمىلەندۇرىدۇ >>

قاۋاقخانا  :  قاماقخاننىڭ  باشلىنىش  نوقتىسى...  

ھاراقكەشلەر  ،  ھاراقنىڭ  زىينى  توغرۇلۇق  نۇرغۇن  كىتابلار  يېزىلدى ،  ئەمما  كىشلەر   يۇقرى

گىرادۇسلۇق كۆيدۈرگۈچ ، بەدەننى  زەھەرلەيدىغان ، ئەقىلنى بۇلغايدىغان ئىسپىرىتنى  ئىچشىدۇ  .  

بۇ  تىمىدا ئىبرەت قىلىپ  ئېيتىلغىنىدەك  بىر  قىسىم  كىشلەر  ،  ھۇقۇق  ،  مال ـ دۇنيا  دەپلا  ئەر  بولغۇچى  تەرەپنىڭ  ئىتىقادى  ،  ئەخلاقى  بىلەن  ھىسابلاشمايلا  بەخىتسىز  بولۇپ 
 قالدۇ .  بىر  ئائىلىدە  ئىقتىساد  ئەلۋەتتە  مۇھىم  ئورۇندا  تۇرىدۇ  .  بىر  ئائىلنى  باياشات  تۇرمۇشقا 
 ئېرىشتۇرمەي  تۇرۇپ  مۇھەببەتكە  ،  سۆيۈلۈشكە  ئېرىشكىلى  بولمايدۇ .  پۇل  توغرا  يول  بىلەن  
تېپىلىپ  توغرا  ئىشلارغا  سەرىپ  قىلىنسا  ياخشى  بولىدۇ  ، ئەمما  ئېتىقاد  ـ  ئەخلاقتىن   چەتنەپ 
 كەتسە   بۇنداق  بايلىق  سىزنى نابۇت  قىلدۇ .

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .[

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 03:44:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي نىمىمۇدەي...يەنىلا  ھىش نىمە يىمىسەڭ ھىش نىمەبولمايسەن   ...ھىش نىمە دىمىسەڭ ھىش نىمە بولمايسەن ......... [s:127]  [s:127]  [s:127]  [s:127]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15795
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 03:54:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  MUNBARQI كە 2011-05-12 01:55 AMئەۋەتىلدى  :
ئۇنداق دىگەن بىلەن بەزى خوتۇنلار تاياققا ئامراق كىلىدۇ ، ھىچ بولمىغاندا ئەركىلىتىپ بولسىمۇ ئۇرۇش كىرەك !

تاياق يەپ تۇرمىسا تۇرمۇشى خۇشال ئۆتمەيدۇ ، يىيشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى چوقۇم يىيىشى كىرەك !
بولمىسا ........
سىزنىڭ  ئاچىڭىز  ،  سىڭلىڭىز  بىرەر  ھاراقكەشكە ياتلىق  بولۇپ  خورلانسىمۇ  مۇشۇنداق  پىكىر قىلامسىز ؟

بارلىق  بىساتىڭنى  سېتىپ بولسىمۇ  قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل  .  ئۆلىمانىڭ  قىزىنى  ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىڭدىن  ئايرىلساڭمۇ  ئەرزىيدۇ .[

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش