مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 0

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ mp3 نۇتىقى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2646
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 704
توردا: 4836 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-11 09:36:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوش تىل ۋەئائىلە مەدەنيىتى ھەققىدە نۇتۇق

(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

[align=justify]ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنمىسە ، كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا ، پەقەت قورساق بېقىش ۋەسۋەسىسىدىلا بولسا ، بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالالمىسا ، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ياشىشى مۇمكىن . ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ ، پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ ، سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ . >> ئۇستاز ، ئەدەبىياتشۇناس ، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 2005 - يىلى نەشىر قىلغان << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> ناملىق كىتابىدا يۇقارقى نەچچە جۈملە سۆزى ئارقىلىقلا ، مىللەت نوقتىسىدىنلا ئەمەس ، ئەڭ ئاددىيسى شەخسەن ئۆزىمىز، پەرزەنتىمىز ۋە ئائىلىمىز ئۈچۈنمۇ بىلىم ئېلىشنىڭ، مائارىپنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، تەخىرسىز ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشنىۋېلىشىمىزغا نۇرلۇق چىراق ياندۇرۇپ بەرگەن.
<< قوش تىل ئوقۇتۇش >> بۇ سۆز ھەممەيلەنگە بىردەك تونۇشلۇق بولغان ئۇقۇم بولۇپ قالدى. ئەمما بۇنىڭغا بولغان چۈشنىش ، قاراش ۋە بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش دىگەندەك بىر قاتار جەھەتلەردە خاتا چۈشەنچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن . ئەمما شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدۇكى ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ، ئائىلىڭىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ، تەرەقىياتىنى ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيىتقاندا ، بىز پەقەت قوش تىللىق بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، ئۈچ - تۆت تىللىق، كۆپ تىللىق بولىشىمىز بىز يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ تەلىۋى . مەزكۇر تېما ئەلچى تور دۇنياسىغا تەۋە
بۇ ھەقتە تولۇق ، ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دىسىڭىز 2010 - يىلى 1 - ئايدا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەشكىنلىشى ، تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇستاز ، ئەدەبىياتشۇناس ، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ توغرۇسىدا سۆزلىگەن ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز سۆزلۈرىدىن خەۋەردار بولۇڭ . ئىشىنىڭكى ، ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىز چوقۇم ئۇسساپ - چاڭقاپ ، جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغاندا سۈپ _ سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە ئېرىشكەندەك بولىسىز. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ چوڭقۇر كۆڭلىدىن مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتى ، مائارىپى ئۈچۈن يولۇمىزنى يورۇتقۇچى مەشئەللىك رولىنى ئوينايدىغان سوزلىرىنىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن مىللىي ياشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلگىنىنى بىلگىنىدە ، بۇ زاتمۇ چوقۇم بېز ئېرىشكەن سۈپ - سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە ئېرىشكەندەك بەخىت ، شادلىققا چۈمىدۇ.
قېنى ئەمىسە ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ، مىللىتىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى پىلاستىنكىنى پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن بىر قېتىم ئاڭلاپ چىققايسىز !!!!


مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە قىزىققان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ نۇتۇقنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ،ۋىجدانىمىز بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.

  

بۇ يەرنى بېسىپ ،ئاڭلاڭ

چۈشۈرۈش ئادرىسى:  


http://218.84.191.18/mp3/mp3/nutuk/01.mp3


مەنبە:چوغلان مۇنبىرى


سەرخىل تېمىلاردىن بەھىرلىنەي دىسىڭىز  نەزىرىڭىز چوغلان مۇنبىرىدە بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش