ئەيكون ۋە مۇزىكا
2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى "غەيرەت قىل ئافىرىقا !" ھەممىمىزگە تۇنۇشقۇ دەيمەن ھە ؟ بۇ ناخشىنى كىم ئورۇنلىغان ؟ نەق بۈگۈنكى تېمىمىزدا تۇنىشىدىغان داڭلىق نېگىر چولپان ئەيكون (Akon ) بىلەن داڭلىق ئايال ناخشىچى كېيرى خېلسۇن (Keri Hilson) بىرلىكتە ئورۇنلىغان. ئەيكون ئافىرىقىدا تۇغۇلغان. ئۇ يەنە رەھمەتلىك دۇنياۋى چولپان مايكول جېكسون بىلەنمۇ بىرلىكتە ناخشا ئورۇنلىغان. جېكسونىڭ ناخشىللىرىغا پىششىق باللارغا" Wanna Be Startin' Somethin" ناتۇنۇش ئەمەس.
1. قىسقىچە ماتىرىيالى :
ئەسلى ئىسمى :
Aliaune Damala Bouga Time Puru Nacka Lu Lu Lu Badara Akon Thiam
(دەھشەت ئۇزۇن ھە)
ئىنگىلىسچە ئىسمى : Akon
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 阿肯 (ئا كىڭ)
دۆلەت تەۋەلىكى : ئامىرىكا
دىنى : ئىسلام دىنى
تۇغۇلغان ئورنى : ئافىرىقا ،داكار
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1977 -يىلى 04-ئاينىڭ -16-كۈنى
كەسپى : ناخشىچى
ياخشى كۆرىدىغان چولپىنى : مايكول جېكسون !
ئۇ ئۆزىنىڭ قاچان تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەم ئانچە ئېتىۋار قىلىپ كەتمەيدۇ. خاتىرىلەردە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دەپ خاتىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن مەنمۇ مۇشۇ بويىچە يازدىم، (ئاكون ئۆزى توغرا چۈشىنەر..)
ئافىرىقىدا تۇغۇلغان ئەيكون 7ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى بىلەن ئامىرىكا يېڭى جېرسى شىتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتىراقلىشىىپ قالىدۇ. بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى ئەيكون تەنھەركەت جەھەتتىكى تالانتى ئارقىلىق ۋاسكىتبول كەسپىگە قەدەم قويۇپ قولىغا ۋاسكىتبولنى ئېلىپ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ئوڭۇشلۇق ئالى مەكتەپكە كىرىدۇ. ئەمدىلەتىن ۋاسكىتبولدا تالانتىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان ئەيكون ھەقىقى كەسپى ۋاسكىتپولچى بولۇپ مۇسابىقە ھاياتىنى باشلىشىغا تىزى ئېغىر يارلىنىپ ۋاسكىتبولدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىشسىز قالغان ئەيكون رەھىمسىز ئامىرىكا جەمىيىتىدە تىنەپ- تەمتىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە ماشىنا ئوغۇرلاش قىلمىشى بىلەن سوتلىنىپ تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئۈچ يىل تۈرمىدە قاتتىق ئازار چەككەن ئەيكونىڭ قەلبىدە مۇزىكىغا بولغان سېزىم سەنئەت يولىغا باشلايدۇ. ئۆزى تېكىسىت يازىدۇ، ئۆزى مۇزىكا ئىشلايدۇ، ئۆزى ئېيتىپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن "مۇھاببەت باش ئاغىرى" ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن ئامىرىكىدىن ئۆتۈپ ئەنگىلىيەدە بىر مەزگىل مودا بولۇپ ، ئەنگىلىيەنىڭ ئومۇمى ناخشىلارنى باھالاشتا ئۇدا ئىككى ھەپتە بىرىنجى تۇرۇشتەك چىمپىيون، R&B ناخشا تۈرىدە ئۇدا 6ھەپتە بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىراقلا ياۋرۇپاغا داڭ چىقىرىدۇ ! تۇنجى ناخشىسى "Lonely" ئەنگىلىيەدە مۇزىكا باھالىشىدە 2-ھەپتە بىرىنجىلىكتە تۇرىدۇ.
ياخشى ناخشا زېرىكىشلىك ئەمەس، بۇ زېرىكىشلىك ئەپەندىم ئۆزگىچە بولغان ئاۋازغا ئىگە بولۇپ ،ناخشىللىرىدىن بىرخىل مۇڭنى ھېس قىلالايسىز، ھەممە ناخشىللىرىدا ئۈمۈتكە تولغان يېڭى ھاياتلىقنى سېزىۋالغىنى بولىدۇ !
2. سەنئەت ساھەسىدىكى ئەيكون:
2004-يىلى ئەيكون ئۆزىنڭ مۇزىكا شىركىتى Konvict Music نى قۇرغان. بۇ شىركەتنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. ھازىر Konvict بايرىقى ئاستىدا بار بولغان داڭلىق سەنئەتكارلاردىن :
T-Pain ,Lady Gaga,American Yard ,Brick & Lace ,Colby O'Donis,D-Teck ,Dolla ,Glowb ,Gypsy Stokes,Jay Lyriq ,Kardinal Offishall,Lyfe Jennings,Nivea ,Qwes ,Ray Lavender,Red Cafe ,Sipsa Con Broccoli,Spida ,Sway DaSafo,Tariq L ،يەنە توختاملىق ناخشىچى Jason Miller قاتارلىقلار باردۇر
دادىسىنىڭ ئوتتەك قىزىقىشىدا ئەيكونىڭ ۋۇجۇدىدا مۇزىكا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن. ئاۋال جازىكودەك سازلارغا قىززىققان ئەيكون بارا-بارا hip hop قا قىزىقىپ كىيىن داڭلىق R&B ناخشا چولپىنى بولۇشىغا ئاساس بولۇپ قالغان.
2003-يىلى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەيكون ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش جەريانلىرىنى ئۆزىنىڭ كىيىنكى پىلاستىنىكىسى Konvicted ئىشلەشكە ئاساس قىلغان، ھەمدە بارلىقىنى شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ ئۆزىنى قۇتقۇزغان مۇزىكا يولىدا داۋاملىق ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. داڭلىق مۇزىكانت Mor Thiam نىڭ ئوغلى بولغان ئەيكون ئۆزىنىڭ نىمىش قىلىش كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھەر خىل مۇزىكا، چالغۇلاردىن كىشىلەرگە ھوزۇر بېغىشلالايدىغان ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مۇزىكا ئۇسلۇبىدىن يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك ئىزدەيدۇ. توختىماي ئۇسلۇپ ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئاكوننىڭ Konvicted ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش سانى 1مىلىيون 150مىڭغا يەتكەن.
4. نەتىجىلىك ناخشىللىرى :
1.Lonely
2.Locked Up - Feat Styles P
3.Don't matter
4.Smack that - Feat Eminem
5.Sorry,Blame It On Me
6.I Wanna Love You - Feat Snoop Dogg
7.Never Took The Time
8.Right Now (Na Na Na)
9.I'm So Paid - Feat Lil Wayne
10.Sunny Day - Feat Wyclef Jean
11.Hold My Hand - Feat Michael Jackson
ئەيكون نەتىجىللىرى :
2008-يىلى ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان مايكول جېكسون بىلەن ھەمكارلاشتى "THRILLER" يەنى پىلاستىنكىدىكى بىرناخشىدا داڭلىق ئىككى چولپان بىرلىكتە ناخشا ئورۇنلاپ مەستانىلەرنىڭ قەلبىنى تىتىرەتمەي تۇرالمىدى.
2008-يىلى ئەيكون يەنە بىر قېتىم مايكول جېكسون بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ رەھمەتلىك قازا قىلغاندىن كىيىن داڭقى چىقىپ كەتكەن 《hold my hand》نى بىرلىكتە ئورۇنلىدى.
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەيكون كورىيە كىچىك پەرىشتىسى Kwon BoA بىلەن توختام ئىمزالىدى.
09-يىلى ئەيكون دۆلىتىمىز كىچىك hip hop شاھزادىسى پەنۋېيبو بىلەن پىلاستىنكا ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.
2010-يىلى ئەيكون داڭلىق ئايال ناخشىچى كېيرى خېلسۇن بىلەن بىرلىكتە ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىللىرىدىن بولغان Oh Africa (غەيرەت قىل ئافىرىقا!) نى ئورۇنلىدى..
ئەيكون تىرىشىۋاتىدۇ.... ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى ئۈچۈن توختىماستىن ئىزدەنمەكتە...
مىسرانىم تەرجىمە ئەسەرلىرى
پايدىلانغان توربىكەتلەر :
تېڭشۇن بوشلۇق، بەيدۇ بەيكې، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى. بەيدۇ ناخشا قانىلى.
باشقا توربىكەتلەرگە كۆچۈرۈشكە قەتتى بولمايدۇ !