تۈنۈگۈن بىر تورداشنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى تېمىسىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىدىن بىرى بولغان ئەرەق ھەققىدىكى بايانلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. قارىسام بۇ ئەرەق رېتسىپى رېتسىپلار پىرىنسىپىغا ئانچە ئۇيغۇن بولمىغىنىغا قارىماي ، يەنە ئىچىش مىقدارىمۇ ئۆلچەم بويىچە ئەمەس ئىكەن. قېنى مۇشۇ تورداش بۇ ھەقتە نېمە دەيدىكىن سوراپ باقاي دېگەن نىيەت بىلەن بىر سوئال سورىسام ،كۈتمىگەن بىر جاۋابقا ئېرىشىپ قالدىم. سوئالىم ۋە ئۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:
سوئال: ماڭا ئاۋۇ ئەرەق دېگەن دورىنى دەپ بەرسىڭىز؟ ئۇنى قانداق قاينىتىمەن؟
جاۋاب:يوللانمىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇڭ بۇنىڭدا ئاپېلسىن پوستى بىلەن قىزىل ئۈزۈمدە ئەرەق تارتىپ دىيىلگەن .ئەرەق دېگەن دورا ئەمەس.بۇ مىللىي تىبابەتنىڭ كىتابى بولغاچقا ، ھاراق دېگەننى ، ئەرەق دەپ ئاپتۇ .چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن يانا چۈشەندۈرۈشكە تەييار .
دېمەك بۇ تورداش ماڭا ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ 1000 يىللارچە بولغان ئىلغار ياسالما تۈرىگە مانا مۇشۇنداق دەپ تەلىم بەردى. مىللى تىبابەت دېگىنىنى ئوقۇپ ئەرۋايىم تېخىمۇ ئۇچتى. ئەمدى مەن بۇ تورداشقا ۋە مۇشۇ تورداشتەك قاراشتىكىلەرگە ئەرەق ھەققىدە بىر بايان سۇناي.
ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىدىن –ئەرەق
ئەرەقلەرنىڭ تەرىپى:
بۇ خام دورىلارنى سۇغا چىلاپ مەخسۇس پار قازىنى ياكى ئىمبىقتا قاينىتىپ ، سوغۇق تەسىر قىلدۇرۇپ پارلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يامغۇرغا ئوخشاش تامچىلىتىپ ئېلىنىدىغان دورا ياسالمىسى بولۇپ ،سېلىنغان دورىنىڭ تەمى ۋە پۇرىقىغا ئىگە سۇيۇق، سۈزۈك دورىدىن ئىبارەت.(ئەرەق ئەرەبچە‹تەر›دېگەنلىك بولۇپ خۇددى تەر تامچىلىرىدەك يىغىپ ئېلىنىدىغان دورا دېگەن مەنانى ئۇقتۇرىدۇ.)
ئەرەقلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى:
ئەرەقلەر سۇيۇق دورىلار قاتارىدىكى ياسالما بولۇپ ، سۇيۇق دورىلاردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئەرەق دورا تۈرلىرى:
ئەرەق دورىلار ئاددى ئەرەقلەر ۋە مۇرەككەب ئەرەقلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
يالغۇز بىر خىل دورىدىن ئېلىنغان ئەرەق ئاددى ئەرەق بولىدۇ؛مەسىلەن: ئەرقى گۇلاپ،ئەرقى بەدىيان، ئەرقى نانىخا ۋە باشقىلار…..
كۆپ خىل دورا ماتىرىياللىرىنى قاينىتىپ ئېلىنغان پار سۈيى مۇرەككەپ ئەرەقلەر دېيىلىدۇ.مەسىلەن: ئەرقى ئەۋرىشىم،ئەرقى سەندەل ۋە باشقىلار….
ئەرەق دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى:
تەركىبىدە ئۇچۇچان ماددا تۇتقان گۈل-چېچەك، ياپراق، شاخ، يىلتىز ، ئۇرۇق قاتارلىق چۆپ دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئەخلەتلىرىنى ئايرىپ تازىلاپ ، بەزىلىرىنى زۈرۈر تېپىلسا ئازراق ئېزىۋەتكەندىن كېيىن مەخسۇس ياسالغان پارلاندۇرۇش قازىنىغا سېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ قۇيۇپ مەلۇم ۋاقىت(بىر سوتكا ئەتراپىدا ) چىلاپ تۇرغۇزۇپ، ئاندىن يەڭگىل ئوت بىلەن ياكى پار بىلەن قاينىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قايناپ چىققان دورىنىڭ پارلىرى سۇۋۇتقۇچ نەيچىلەردىن ئۆتۈپ سۇۋۇپ، سۇغا ئايلىنىپ تېمىپ چىقىدۇ. تېمىپ چىققان سۇيۇقلۇق بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندىن كېيىن ئوتنى توختىتىپ تېمىتىش ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر تېمىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئۈستىگە دورىنىڭ ياغ قىسمى قوشۇلۇپ چىققان بولسا ، ئۈستىگە لەيلەپ چىققان بۇ ياغنى داكا، پاختا ياكى سۈزگۈچ قەغەزلەر بىلەن سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ دورا پاك-پاكىزە قىلىنىدۇ.
ئەگەر تەييارلىماقچى بولغان دورا چۆپ، گۈل يۇپۇرماقلار بولسا تەخمىنەن بىر كلوگرام دورىغا ئالتە لىتىر قايناق سۇ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن ئۈچ لېتىر ئەرەق ئېلىنسا، ئۇرۇق دورىلار بولسا تەخمىنەن 4لېتىر ئەرەق ئېلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئەرەق تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بىر قىسىم قاتتىق دورىلارنى ئەرەق تارتىشتىن بۇرۇن قايناق سۇغا بىر كېچە كۈندۈز چىلاپ قويۇلىدۇ. بۇنداق قىلىنسا بۇ دورىلارنىڭ تەمىنى بىر قەدەر تۇلۇق ئېلىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئوتنى بىر خىل قالاپ دورىنىڭ قۇۋۋىتىنى تولۇق ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئوت كۈچى تەكشى بولماي ياكى خەۋەر ئالغۇچى خادىم ئىش ئۈستىدىن ئايرىلىپ كېتىپ دورا كۈيۈپ كېتىشتەك ھادىسىلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
دورا رەڭگىنىڭ سۈزۈك ۋە ياخشى چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەسلەپ چۈشكەن پار سۈيىنى ئاۋۋال كىچىك قاچىلارغا چۈشۈرۈپ ، تەكشۈرۈشتە لايىق كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن چوڭ قاچىلارغا چۈشۈرۈش چارىسىنى قوللىنىش لازىم ، بىر تامچە بۇزۇق چىققان ئەرەق ھەممە دورىنى بۇزىدۇ.
ئەرەق تارتىش قازانلىرى تەلەپكە لايىق بولۇشى ، قاچىلارنىڭ تازىلىقى ياخشى بولۇشى، ئاغزى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇشى لازىم.
تامچىلاپ چۈشۈۋاتقان دورىنىڭ تامچىلاش سۈرئىتى بىر خىل بولۇشى ، بىردەم تامچىلاپ، بىردەم ئۆزلغكسىز چۈشمەسلىكى لازىم. كورۇلداپ چۈشكەندە دورىنىڭ شىپالىق تەسىرى تۇلۇق چۈشمەيدۇ.
ئەرەقلەر تەركىبىدىكى گۈل ، چېچەك، شاخ، ياپراق، ئۇرۇق قاتارلىق دورىلار سوقۇلمايدۇ، يىلتىز ، غول ۋە ياغاچ خىلىدىكى دورىلار چالىراق سوقۇلىدۇ.
ئەرەقلەر قۇۋۋىتىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى
تەلەپكە لايىق تەييارلانغان ئەرەقلەر ياخشى ساقلانسا ئاسان بۇزۇلمايدۇ، ئەگەر قاچىنىڭ ئاغزى ئوچۇق قا لدۇرۇلسا ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر قاچىنىڭ ئاغزى ئۇچۇق قالدۇرۇلسا ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ.
ئەرەق دورىلارنى قاچىلاش ۋە ساقلاش
تەييارلىنىپ چىققان ئەرەق دورىلارنىنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئەينەك شېشە ، چىنە قاچىلار ۋە كوزىلارغا بەلگىلىك مىقداردا قاچىلاپ ئاغزىنى مەھكەم ئىتىپ سالقىن جايدا ساقلاش لازىم.
ئەرەق دورىلاردىن ئۈلگىلەر
ئەرقى كاسىنە
كاسىنە كلوگرام ، سۇ 6 لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
تەسىرى: قىزىتما چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، باكتىرىيەلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ئىسسىقتىن بولغان ھەر خىل قىزىتمىلارغا، بۆرەك ، جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 30-40 مىللىغىچە ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بېرىلىدۇ.
ئەرقى بەدىيان
بەدىيان بىر كلوگرام، سۇ 5 لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
تەسىرى: سۈيدۈك يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بۆرەك ، جىگەر ئاغرىقلىرى، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىقلار، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق ۋە سۈتى كەمچىل ئاياللارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20-25 مىللىغىچە .
ئەرقى بادىرەنجىبۇيا
بادىرەنجىبۇيا 1كلوگرام، سۇ 6 لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
تەسىرى: مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى كۈچەيتىش تەسىرىگە ئىگە.يەنە بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش ۋە دەم سىقىلىشنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھىر خىل نېرۋا ئاجىزلىقلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھۇشىدىن كېتىش، خاپىغان، بۆرەك كېسەللىكلىرىۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا 40-50 مىللىغىچە.
ئەرقى گاۋزىۋان
گاۋزىۋان1كلوگرام،سۇ 6 لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى:ئىسسىق.
تەسىرى: نېرۋىنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش،يۈرەك،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلىرى،خاپىغان، تۇتقاقلىق،مېڭە ، يۈرەك، جىگەر كېسەللىكلىرى،ساراڭلىق، ئۆپكى كېسەللىكلىرى، زىققە، گال ئاغرىقى ، ئۆپكە سىلىدە قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناشلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:چوڭلارغا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10-15 مىللىغىچە، بالىلارغا كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرقى نانىخا
نانىخا(جۇۋىنە)1كلوگرام، سۇ 5لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
تەسىرى: بەدەننى قۇرۇتۇش، يەل ماڭدۇرۇش، ئىچىنى يۇمشىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، قول تىترەش،پەي سۇستلۇق،كۆز ۋە قۇلاق ئاغرىقى، قۇلاق ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:چوڭلارغا كۈندە ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا 7-12 مىللىغىچە، بالىلارغا كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرقى شاھتەررە
شاھتەررە 1كلوگرام،سۇ6لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: مۆدىتىل.
تەسىرى: قاننى تازىلاش،ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش،ئىسسىق، قۇرۇق سۇغۇق سەۋدالارنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: جىگەر ، تال كېسەللىكلىرى، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ۋە قان تازىلاش مەقسىدىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلارغا كۈندە ئۈچ قېتىم 20-30 مىللىغىچە،بالىلارغا كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرقى گۇلاپ
قىزىلگۈل 1كلوگرام، سۇ 6 لېتىر.
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: مۆدىتىل.
تەسىرى: ئىسسىتما چۈشۈرۈش، نېرۋا پەسەيتىش، تەرەتنى مۇلايىم قىلىش، كېسەللىكلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل نېرۋا ئاغرىقلىرىغا، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ قىزىتمىلىرىغا، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە، بۆرەك، جىگەر كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.
ئىشلتىىش مىقدارى: چوڭلارغا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھىر قېتىمدا 30-40 مىللىغىچە .
ئەرقى كاكىنەچ
كاكىنەچ 1كلوگرام، سۇ 6 لېتىر
قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
تەسىرى: قاننى تازىلاش،نەپەسنى نورمال قىلىش، سۈيدۈك كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل كونا يارىلارغا، زىققە ، نەپەس كېسەللىكلىرى، ئۈچەيدىكى قىل قۇرتلار، سۈيدۈكى تۇتۇلغان كىشىلەر ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلارغا كۈندە ئۈچ قېتىم،ھەر قېتىمدا 30-40 مىللىغىچە، بالىلارغا كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى
ئۇيغۇر تېبابىتى داۋاسازلىق ۋە مۇرەككەب دورىلار ئىلمىدىن.
مەنبەسى:
http://www.4tadu.com/?p=289