مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 948|ئىنكاس: 8

ھىجران كۈيىگە يانداشقان تۇيغۇلار... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلە،قەدرىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3093
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11252
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2010-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 11:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىجران كۈيىگە يانداشقان تۇيغۇلار



سېنى ئازاپ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن بولغىيمىتىم!نېمە ئۈچۈن سېنى ئۇنتالمايمەن؟!
مېنى شۇنچە ئازاپلارغا مۇپتىلا قىلغىنىڭ ئۈچۈنمۇ؟سەن ماڭا ئازاپ ۋە يالغۇزلىقتىن باشقا نېمە ئېلىپ كېلەلىدىڭ؟
يەنە نېمە دەپ سېنى ئەسلەيمەن،سېنى سېخىنىمەن؟!ياكى سەن تۇنجى قېتىم دىل تارىمنى چەككىنىڭ ئۈچۈنمۇ؟...........
ئۆزەمدىن توختىماي شۇنداق سۇئاللارنى سۇئاللارنى سورايتىم.بۇ سۇئاللار بىلەن قوشۇلۇپ قانچىلغان
كۆز ياشلىرىمنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك مەڭزىمنى بويلاپ ئۈنسىز تۆكۈلگىنىنى ۋە قانچىلغان كۆز
ياشلىرىمنىڭ يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئېچىنىشلىق نالە قىلىپ،ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كەتكىنىنى بىلمەيتىم.
ئەمدى ھېس قىلسام،ئاخىرقى پەرىزىم جاۋاپسىز قالغان سۇئاللىرىمنىڭ نەق جاۋابسەن تۇنجى قېتىم مېنىڭ دىل تارىمنى چىكىپ،ئۇنىڭدىن شۇنداق لىرىكىلىق،شۇنداق مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق كۈي ھاسىل قىلغاندىڭ.مېنىڭ ئۇنتۇلالمايۋاتقىنىم
دەل شۇ كۈي،مېنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىممۇ ھەم مېنىڭ سېغىنىۋاتقىنىممۇ يەنىلا شۇ كۈي ئىكەن.مەن سەندىن ئايرىلغاندىن
بېرى بۇ كۈينى پەقەتلا ئاڭلىمىدىم.سەندىن ئايرىلىپ ماڭا ھەمرا بولغىنى ئېچىنىشلىق ھىجران كۈيى.



ئىككىمىز گويا ئىككى قۇتۇپتىكى ئادەم.ئارلىقىمىز شۈنچە يېقىن،ئەمما بۇ ئارلىقنى
ئۆزلىرىمىز قەستەن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ،بىر-بىرىمىزگە قارشى يۆلىنىشنى بويلاپ كېتىۋاتقان.
مەن ئالدىمغا قاراپ كېتىۋېتىپ ،پات-پات كەينىمگە ئىزتىراپ بىلەن قارايمەن.سەنمۇ ھەم شۇنداق،
سېنىڭ ئالدىڭغا قاراپ ناھايتى ئېغىر قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ چىدىمىدىم،ساڭا تەلمۈرۈپ
قاراپ تۇردۇم،ئۆزەمنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ،گەۋدەمنى تىك تۇتۇپ چوڭ-چوڭ
قەدەم بىلەن ماڭدىم.بەلكىم سەنمۇ مېنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ،ئالدىڭغا قارىۋالغانسەن،
بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.لېكىن ئارلىقىمىزنىڭ يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ قەدەملىرىمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى،
ناھايتى تەستە مېڭىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.ئۈستۈمدىن يەلكەمنى ناھايتى ئېغىر بىر نەرسە
بېسىۋاتقاندەك،دېمىم سىقىلىپ،يۈرەك بېغىشىمنى بىرتال ئىنچىكە قىل سىم بىلەن تارتىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ.
بۇ سىم مېنى ئارقامغا قاراشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.كەينىمگە قارىسام،سەنمۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپسەن سېنى كۆرۈپ
دەررۇر ئالدىمغا قارىۋالماقچى بولدۇم.لېكىن يە ئالدىمغا يا كەينىمگە قارىيالماي يېنىچە تۇرۇپ قالدىم.
ھېلىقى سىم بەك قاتتىق تارتىپ ئالدىمغا قاراشقا ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتاتتى.بەكرەك تارتسام يۈرۈكىمنى
ئېلىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.شۇئان يۈرۈكۈمگە ئامبۇردا قىسقاندەك قاتتىق ئاغرىق كىرىپ كەتتى
.ئامال يوق يەنە كەينىمگە قارىدىم،سەنمۇ جايىڭدا قېتىپ قېلغاندەك ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ.
شەپەق سېنىڭ ئۈستىڭدە جۇلالىنىپ نۇر چېچىۋاتاتتى.



-بۇ بىر چۈشمىدۇ قاچان ئويغىنارسىز؟....
سەن شۇنداق سورايتىڭ.مەن نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلمەي گاڭگىرايتىم،لېكىن بۇلارنىڭ
بىر چۈش بولۇشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم.
لېكىن بۇ چۈشتىن ئويغانغاندا بارلىق خوشاللىقىمدىن،ئىللىق تەبەسسۇملىرىمدىن،سۆيگۈ-مۇھاببىتىمدىن،
ھەممە..ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىپ،يەككە- يىگانە،تەنھا قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
بۇنچە تىز يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىم خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقماپتىكە.


مەنبەسى:قەلىمىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 30 لىرىك تۇيغۇ...جانلىق ھېسيات

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 30   باھا خاتىرىسى

بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 12:51:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنتۇش ئاسان بولغان بولسا ،دۇنيادا ئازاپ بولمىغان بولاتتى!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 02:12:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ھاۋا نىمە دىگەن ياخشى .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
ئۇيغۇرج بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 02:26:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 428
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3224
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2011-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 02:27:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق بىر قەدىرلىكنىڭ قەدىرى ،قولدىن كەتكەن ،يېنىدا يوق ۋاقىتلاردا ئاندىن نەقەدەر سۈيۈملۈكلىكى ،نەقەدەر قەدىرلىكلىكى نامايەن بۇلىدۇ.

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 10:24:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  mehriban كە 2010-07-11 12:51 AMئەۋەتىلدى  :
ئۇنتۇش ئاسان بولغان بولسا ،دۇنيادا ئازاپ بولمىغان بولاتتى!
سۆزىڭىز ئورۇنلۇق...،

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

يالپۇز تىۋىشلىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 10:43:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۇقىۋىرىپ ئىچىم ئاچچىق بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
مەن يەنە خىيالغا چۆكتۇم.

قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 02:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ  باشقىچە بوپ قالىمەن

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-11 05:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسىياتقا باي ئىكەنسىز ، بۇ پىچىرلاشلار بەك نازۇك چىقىپتۇ

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش