مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 4

تاغام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 7
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 06:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاغام ( ھېكايە )
دادام تۇرۇپلا :
_ سېنىڭ زامان دەيدىغان بىر تاغاڭ بولىدىغان يېشىڭ چوڭايغانچە مىجەزىڭ ، چىرايىڭ قۇيۇپ قويغاندەك تاغاڭنى تارتىۋاتىدۇ دەپ قوياتتى .
_-ئۇنداقتا ئاشۇ تاغام ھازىر نەدە ؟ دەپ سورايىتتم . مەن
ئوننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەممىمىزنى ئۆيلۈك _ ئوچاقلىق قىلىپ قويۇپ ئۆزى قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن . بىر _ ئىككى قېتىم تېلفۇن ئالاقىسى قىلغاندىن بۆلەك ھازىرغىچە دېرىكىنى ئالالمايۋاتىمەن تاغاڭ. ئەينى چاغدا ھەربىگە بارىمەن دەپ ئىككى يىل يۈگىرەپ ، ئېغىر تاشلارنى كۆتۈرۈپ مەشىق قىلغان ، بىراق ئارزۇيىغا يېتەلمىگەن .
دادامنىڭ مۇڭ تۆكىلىپ تۇرغان كۆزىدىن ئىنىسىنى قەۋەتلا سېغىنغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . بۇ چاغدا مەندە دادامغا ئاشۇ مەن كۆرمىگەن تاغامنى تېپىپ بېرىپ ئۇنى خۇش قىلغۇم كېلەتتىيۇ ، ئەمما بۇ ئىش قولۇمدىن كەلمەيىتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيىمىزنىڭ تېلفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى .
_ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
_ ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاكامما ؟
مەن دادامنى چاقىردىم ، دادام يۈگىرەپ دېگىدەك تېلفۇننى قولىغا ئالدى .
_ زامانمۇ سەن ؟ دادامنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى ، ئامانمۇ سەن ئۇكام ، ئۆزۈڭ نەدە ؟ يېنىڭدا تېلفۇنىڭ بارمۇ ؟ دادام بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە تاغامغا سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى . ئۈرۈمچىدە دېدىڭما ؟ توختا تېلىفۇنىڭنى يېزىۋالاي . بولە مۇرات بالام دەپتەر قەلەم ئەكەل . مەنمۇ چەبدەسلىك بىلەن دادام بۇيرىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ تېلفۇن نومۇرنى خاتىرىلىدىم . ئەپسۇس ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشمىدى . دادام كۆزىدىن ئاققان ياشقا ئىگە بولالماي ، تۇرۇپكىنى قويىۋەتتى . بىر ھازادىن كېيىن ئۆزىنى دەڭسىۋېلىپ ، قايتا تېلفۇن قىلدى .تېلىفۇن ئۇلانغىچە دادام بەكلا جىددىيلەشكەن ئىدى . تەلىيىمىزگە تېلفۇن ھايالشىمايلا ئۇلاندى . بۇ قېتىم ئۇلار خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى . تېلفۇنلىشىش توختىغاندىن كېيىن دادام گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ ، چىرايى نۇرلىنىپ كەتتى . ھەمدە :
_ بالام ، تاغاڭ كېلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ . بىز ئەتە تەييارلىق قىلىپ ئۆگۈنلا ئۈرۈمچىگە ماڭايلى . مېنىڭ مۇشۇ كۈنگە كېلىشىمگە ئۇ ئاز ياردەم قىلمىغان ، بىر كۆرمىسەم كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولمايدۇ دىدى . شۇنداق قىلىپ ئۆگىنى ئىككىمىز ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق . ھەر ئىككىمىز تۈگىمەس خىياللار بىلەن شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىمىزنى تۇيماي قاپتۇق . ئابتۇبۇستىن چۈشۈپ خۇددى توڭ ئىسكىلاتقا كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدۇق . تۇمان قاپلىغان ئۈرۈمچى شەھىرى شۇنداق سوغۇق ئىدىكى بىز تالادا بىردەم تۇرۇشقىمۇ تاقەت قىلالماي ، بېكەتكە كىردۇقتە تاغامغا تېلفۇن قىلىپ ئورنىمىزنى دېدۇق . ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن دادام
-_ئەنە تاغاڭ كېلىۋاتىدۇ ، دېگىنىچە سوغۇقتىن دالدىلىنىپ بېكەتكە كىرىۋالغان سانجاق ئادەملەر توپىنى يېرىپ ، مېنى يېتىلىگىنىچە بېكەت ئىشىكىدىن چىقتى .
يۈرىكىم تۇيدىمۇ خېلىلا يىراقتىن كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي ئادەمگە قاراپ ھەيران قالدىم . ئىت ئۆلگىدەك قارا سوغۇقتا يېلىڭلا كىيىنىۋالغان ھەتتا پۇتىدا كونىراپ ئەبجىقى قالمىغان شىبلىت بىلەن بىزگە ئېغىر قەدەم ئېلىپ يېقىنلاشماقتا ئىدى . مەن دادام ئىككىسى يىغا _ زارە قىلىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئۇنداق بولمىدى . ئۇلار سالماق قول ئېلىشتىدە ھەر ئىككىسى ئىككى يانغا قاراپ جىمىپ كېتىشتى . ئاشۇ جىمجىتلىققا دۇنيانىڭ مېھرى سىغقۇدەك بىر خىل مەنا سىڭگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . بىر ھازادىن كېيىن تاغام ئۆزىگە كېلىپ :
_ بۇ ياق مۇراتجانمۇ ؟ _ دەپ سورىدى .
_ ھەئە ، سەن ئىسمىنى قويۇپ بەرگەن بالام مۇراتجان مۇشۇ
_ چوپچوڭلا بولۇپ كېتىپتۇ ، نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن ۋاقىت . ئۇمېنى باغرىغا باستى . ئۇنىڭ قۇچاقلشىدىن بەكمۇ كۈچلۈك ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ئۇ مېنى قويىۋەتمىدى . قۇلىقىمغا ئىسسق سۇيۇقلۇقنىڭ تامچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . مېنىڭمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم . مەن بۇ قېتىم تېخىمۇ ھەيران قالدىم سەۋەبى تاغامنىڭ ئاستى_ ئۈستىچىشى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ كالپۇكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى.-
_ يۈرۈڭلار ، سوغۇقتا تۇرىۋەرمەي ئۆيگە بارايلى . سىلەرنىڭ كېلىشىڭلاردىن قىلچە خەۋەر تاپالماپتىمەن . ئابتۇبۇسقا چىققاندا تاغامنىڭ ئون يۈەندەك پۇل ئارىسىدىن كونىراپ كەتكەن ئۈچ يۈەننى بېلەت ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆرۈپ قالدىم . بىز ئالاھەزەل بىرەر سائەتتەك يۈرگەندىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى بىر كونا مەھەللىگە كېلىپ ئابتۇبۇستىن چۈشتۇق .
تاغامنىڭ تۇرۇپ _ تۇرۇپلا :
_ كېلىشىڭلاردىن خەۋەرسىزلا قاپتىمەن ، دېگىنىدىن ئۇنىڭ بىر ئىشتىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم . بىز بىر ھازا ئەگرى _ بۈگرى يوللارنى بېسىپ ماڭغاندىن كېيىن تولىمۇ كونىراپ ، مەينەتلىشىپ كەتكەن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق .
_ مەن مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقان ، قېنى ئۆيگە كىرىڭلار .
ئۆي ئىچى تولىمۇ ئاددى بولۇپ ، بۇلۇڭغا يىغىپ قويغان بىر كىشىلىك يوتقان _ كۆرپە ، رەڭسىز تېلىۋېزور ، پىلىتىلىك مەش ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن بۆلەك قولغا چىققۇدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى . تاغام بىر نەرسىدىن خىجالەت تارقاندەك بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ، بۇلۇڭدىكى ئۇن خالتىسىغا قاچىلاپ قويغان كۆمۈردىن ئېلىپ مەشكە ئوت قالدى _ دە ، دادامنىڭ شۇنچە توسىغىنىغا ئۇنىماي :
_ سىلەر بىرئاز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ، مەن چىقىپلا كىرەي دەپ تالاغا ماڭدى . خېلى ئۇزۇن ساقلىساقمۇ تاغام كىرمىگەندىن كېيىن بىز تالاغا چىقتۇق . ئۆيدىن يۈز قەدەمچە نېرىدا بىر يۈك ماشىنىسى تۇراتتى . ماشىنا ئۈستىدە بىرى بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي كۆمۈر چۈشۈرىۋاتاتتى .
_ دادا ئاۋۇ كۆمۈر چۈشىرىۋاتقان تاغامغۇ دېدىم ، مەن دادامغا قاراپ .
_ شۇكەن ، جۈر ئۆيگە كىرىۋالايلى . دادام ئىككىمىز ئۆي ئىچىدە شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىدە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ كەتتۇق . مەشتىكى ئوت تۇتۇشۇپ ، ئۈستىگە قويغان چۆگۈن غىڭىلداشقا باشلىدى .
ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن ئىشىك غىچىرلاپ ، تاغام كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ قولىدا ئېغىر خالتا بولۇپ ، چىراي قىزىرىپ چاچلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويۇپ ، تۆش يانچۇقىدىن كۆمۈر قارىسى يۇققان 20 يۈەننى ئالدىدە :
_ تۇتە مۇراتجان ، بۇ مېنىڭ كۆرۈملىكىم بولۇپ قالسۇن ، يانچۇقىڭغا سېلىپ قوي ئاز بولۇپ قالدى. مەن يىغلىۋېتىشكە تاس قالدىم . پۇلنى قەتئى ئالغۇم بولمىسىمۇ ، يەنىلا ئالدىم ، ھەم پۇلنى ئايرىم يانچۇقىمغا سېلىپ ، يەنە بىر يانچۇقىمدىكى ساقلاپ قويغان ئىككى يۈز يۈەندەك پۇلنى تاغامنىڭ تاماققا تۇتۇش قىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يېنىمغا قويۇپ قويغان چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويدۇم . تاماقمۇ پىشتى . شۇ كۈنى مەن ئۆمرۈمدە بۇنچىلىك مېزىلىك تاماق يېمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . بۇ جەرياندا داداممۇ تاغامدىن ، تاغاممۇ دادامدىن ھال _ ئەھۋالى تۇغۇرلۇق بىر نەرسە سوراشىمىدى . لېكىن ئىككىسىنىڭ يۈرىكىدە نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇردۇم . تاماق يېيىلىپ ، دۇئا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، دادام :
_ ئۇكام توغرا چۈشەنسەڭ ، ئۈرۈمچى قەۋەتلا سوغۇق ئىكەن . دېمىم سىقىپ كېتىپ بارىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇراتقىمۇ قېلىن كىيدۈرمەپتىمەن . سوغۇق ئۆتكۈزىۋالماي ، بىز كېتىۋالساق دېدى . تاغام بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى _ دە ،
_ بوپتۇ ، سەنمۇ ياخشى تۇرۇپسەن . مەنمۇ شۈكرە يامان ئەمەس . يازدا كېلەرسىلەر . ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كېتىۋاتاتتى . دادام يۇرتتىن ئەكەلگەن نەرسىلەرنى جوزىغا قويدى ھەم يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ تاغامغا تەڭلىدى . تاغام پۇلنى قەتئىيلا ئالغىلى ئۇنىمىدى .
_ مېنى ئايا دېدى ئۇ ئاخىرى ، مەن بىر جان ، سەن تۆت جان مەن قانداقلا قىلسام بىر جېنىمنى جان ئېتىپ كېتىمەن . مېنى ئايا . تاغام يىغلاپ سالىغاندەك قىلاتتى . دادام ئەمدى پۇلنى زورلىمىدى . دادام شۇ پۇلغا بازاردىن ئۇرۇق _ تۇققانلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ ، يۇرتقا كەلگەندە تۇققانلارنىڭ ئالدىغا « مۇراتنىڭ يوللىقى » دەپ قويدى . مەن تاغام بەرگەن كۆمۈر يۇقى 20 يۈەننى خاس ساندۇقىمدىكى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئىچىگە ئاۋايلاپ سېلىپ قويدۇم . شۇ كۈنى خېلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدىم . قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قاپتىمەن . چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە ئىنىم ئىككىمىز بىر _ بىرىمىزنى يۆلەپ ئېگىز بىر تاغقا چىقىپ كېتىۋاتقۇدەكمىز ، ئەتراپتا مېھىر _ مۇھەببەتنىڭ چىرايلىق گۈللىرى خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغۇدەكمىش.
ئاپتور: مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە ئاقىللار مەكتىۋىدىكى ئادىلجان ھەسەن.

شاھ نەزەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24131
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3245
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 08:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمىمىزگە مېھىر _ مۇھەببەت  گۈللىرى مەڭگۈ خۇش پۇراق چاچسۇن!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 09:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39297
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 492
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 12:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكتەتەسىرلىك كەن  قەلىمىڭز ھارمى غاي رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39626
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2011-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 10:58:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.رەخمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش