مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 3

قىسمەت نامىلىق پوۋستنىڭ ئاخىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 04:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز قەلىمىم بىلەن يېزىلىپ كىلىۋاتقان  قىسمەت نامىلىق پوۋسىتىمنىڭ ئاخىرى.

زۆھرەنىڭ كۈزتۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىگە توپتوغرا 24سائەت بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئالالمىغان قادىر ناھايىتى تىت-تىت بۇلۇپ كۈزتۈش ئۆيى ئالدىدىن نېرى كەتمەي ساقلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ جىددىيلەشكەن نىرۋىللىرى بىرمەزگىل كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ قويغان ئىدى.
قادىر كۈزتۈش ئۆيىدىن خەۋەر بولمىغاندىن كېيىن دۇنياغا ئەمدى كۆز ئېچىپ تېخى ئانىسىنىڭ بىرەر قېتىم قاراپ قۇيىشىغىمۇ مەيەسسەر بۇلالمىغان بۇۋىقىنى ئىسىگە ئالدى-دە، يۈگۈرگەندەك زۆھرە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ياتاقققا كىرىپ كەلدى.ياتاق ئىچى جىمجىت بۇلۇپ بۇۋاق ياتقۇزۇلغان كىچىك كارۋدات بوش تۇراتتى.
قادىر نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تىزدىن سىېستىرا ئىشخانىسىغا كىرىپ بۇۋاقنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ بىراق بۇ يەردىنمۇ بۇۋاقنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلمەي قايتىپ چىقتى.
ئۇ ياتاققا كىرىپ نىمە ئىش بۇلغانلىقىنى يۈرەك پارسىنىڭ نەگە يۇقاپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي يىغلاپ تاشلىدى.
ياتاق ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان زۆھرەنىڭ مەسئۇل دوختۇرى شۇنداقلا قادىرنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدېشى لالە قادىرنىڭ ياتاق ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ياتاققا كىرىپ كەلدى ۋە قادىردىن:
- قادىر نىمە بولدى؟ نىمانچە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىسىز؟
-لالە مەن نىمە گۇناھ قىلغان بولغىتىم؟ زۆھرە كۈزتۈش ئۆيىدە. بالام يۇقاپ كەتتى. مەن ئەمدى زۆھرەگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن. ئۇ مۇشۇ بالا ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قۇيۇپ تىرىشىقان ئەمەسمىدى. ئۇنى دوختۇر تۇغسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر  يىتىدۇ . تۇغسىڭىز بولمايدۇ دىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ بۇ بالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەنمۇ كارى بولماي قۇساق كۈتۈرۈپ ئەمدى بىر بۇۋاقنى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغاندا مەن يارامسىز بۇۋاقنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ قادىر بەلكى باشقىلار چاقچاق قىلىپ سىرتلارغا ئېلىپ چىققان بولسا بىردەمدە ئەكىلىپ بىرەر؟
-ياق لالە مېنىڭ كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ تۇرۋاتىدۇ مەن بالامدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ قالدىم. بىچارە زۆھرە ھۇشۇغا كەلسە نىمە بۇلۇپ كىتەر؟
لالە بۇ ئىشنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى ۋە دەرھال قادىرغا تەسەللىي بىرىش بىلەن بىرگە قانداق قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئويلاندى.
-قادىر زۆھرەنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتايلى. ۋە مەن سىزگە ياردەملىشىپ ئىزلىشىپ بىرەي.
-زۆھرە ھوشۇغا كەلگەندىن كىيىن بەرىبىر بىلىدۇ. بۇ ئىشنى قانداق مەخپىي تۇتقىلى بولسۇن. ياكى بالا دىگەن بازاردىكى تاۋار بولمىسا، ئىزىغا بىرنى سېتىۋالغىلى.
لالەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ دەماللىقا بىر نىمە دىمىگەن بولسىمۇ بىراق بۇ ئىشتا دوختۇرخانىنىڭمۇ مەسئۇليىتى بولغانلىقتىن زۆھرە ھۇشىغا كەلگىچە بۇ ئىشنى زىقمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان قىلىپ چىرايلىقچە ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىرى چارىسى بالا تېپىلمىسا ئورنىغا يەنە بىر بۇۋاقنى ئالماشتۇرۇش ئىدى. بىراق بۇۋاقنى نەدىن تېپىش كىرەك؟
-قادىر كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ مەن سىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ۋە سىزگە ياردەم قىلىمەن. مەن ئىشخانىغا كىرىپ چىقاي،- دەپ قۇيۇپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
قادىر لالە چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كۆپ ئويلاندى بىراق بېشى ئېتىلىپ كەتكىدەك ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ  بۇۋاقنىڭ يۇقاپ كىتىش سەۋەبىنى زىدىلا بىلەلمىدى.
-لالە سېستىرا ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان پەيتتە سېسىترا ئىشخانىسى ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئىككى قىزنىڭ مۇنۇ گىپى قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.
-ئاداش سەن بىر چاغدا بىر دوستۇم بالا بېقىۋالماقچى ئىدى دېگەن ئىدىڭ بالا بېقىۋالالىدىمۇ؟
-ئۇلار توي قىلىپ بىر مەزگىلگىچە پەرزەنتلىك بۇلالماي بالا بېقىۋالماقچى بولغان ئىدى بىراق بالا تېپىلغۇچە ئارلىقتا ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن ئاللاھ تەسىرلەندىمۇ قانداق ئۇ دوستۇم ھازىر ھامىلدار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بالا بېقىۋېلىش نىيىتىدىن ياندى. قانداق بۇنى سۇراپ قالدىڭغۇ؟
-قېينانامنىڭ شەخسى دوختۇرخانىسى بارلىقىنى بىلىسەنغۇ؟ ئالدىنقى ئاخشام بىر خەنزۇ قىز كىرىپتىكەن كىچىچە بۇشۇنۇپ بۇلۇپلا بالىنى قۇيۇپ قېچىپ كىتىپتۇ. قېينىئانام تېلېفۇن قىلىپتىكەن بالا بېقىۋېلىشنى خالايدىغانلار بولسا بۇ بالىنى بىرۋىتەيلى دىيىشىپتۇ.
-كىيىن ئۇ قىز ئىزلەپ كىلىپ قالسا قانداق قىلىسىلەر؟
-ئۇ خەنزۇ قىز بۇ يەرلىك ئەمەسكەن. بالىنىڭ يېنىغا بىر پارچە خەت قۇيۇپ كىتىپتۇ. خەتتە بالىنى ئىككىنچى ئىزدىمەيدىغانلىقىنى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە بىرىۋىتىشنى ئېيىتىپتۇ.
-ھەي بىچارە ئامالسىز قاپتۇ-دە؟
-شۇنداق ئۇنىڭ يېنىدا دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزگەىدەك پۇلىمۇ يوق ئىكەن. ئۇ ئەتە دادام كىلىپ پۇل ئۆتكۈزىدۇ دىگەچكىلا قېينىئانام بۇ قىزنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ ياتاققا ئالغان ئىكەن.
ئەمدى ئۇ بۇۋاقنى قانداق قىلارسىلەر؟
قانداق قىلاتتۇق باشقىلارغا بىرىۋىتىمىز-دە.
لالە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ  بىر دەرھال ئىشخانىسىغا كىردىدە جىددىي ئويلۇنۇشقا باشلىدى.
-زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەگەر قادىرنىڭ بالىسى تېپىلمىسا بۇ بالىنى قادىر بېقىۋالسا قانداق بۇلار؟
لالە دوختۇرخانا ئىچىدىكى ئاممىېۋى تېلېفۇندىن بۇۋاقنى تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەن دوختۇرخانىغا تېلېفۇن قىلىپ بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ۋە سالامەتلىكلنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە بېقىىۋېلىشنى خالايدىغانلار بولسا بىرىدىغانلىقىنى بىلدى ۋە قادىرنىڭ يېنىغا چاپتى.
-قادىر بالىنىڭ دېرىكى بولدىمۇ؟
-ياق تېخى.
راستىلا قادىر بالىنىڭ دىرىكىنى مەخپى قىلغان بولسىمۇ بىراق دىرىكى بولمىغان ئىدى. كەڭ كۈلەمدە ئىزلەي دىسە زۆھرە ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ بۇ زەربىنى كۈترەلمەسلىكىدىن  ئەنسىرىگەن ئىدى.
-مىنىڭ مۇنداق بىر مەسلىھەتىم بار، ئەگەر خالىسىڭىززۆھرە ھۇشىغا كىلىشتىن بۇرۇن بىز دەرھال بىر بۇۋاق تېپىپ بالىڭىزنىڭ ئورنىغا ياتقۇزۇپ قۇيايلى زۆھرە تېخى بالىنى كۆرمىگەچكە زۆرە گۇمانلىنىپ كەتمەيدۇ.
-بىراق بۇۋاقنى نەدىن تاپىمىز؟  بالىمىز تېپپىلىپ قالسا ئۇ بۇۋاقنى قانداق قىلىمىز ؟
-ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ ئەگەر بالىڭىز تېپىلىپ قالغۇدەك بولسا زۆھرە بۇندىن كىيىن تۇغالمايدىغان بولغانلىقتىن بۇ بۇۋاقنى بېقىۋالدۇق دەپ چۈشەندۈرىسىز؟ بالا تېپىلمىسا مۇشۇ سىلەرنىڭ بالاڭلار بۇلۇپ قالىدۇ.
-قادىر لالەنىڭ گىپىنى ئۇرۇنلۇقتەك ھىس قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ بېقىپ كىتەلىشىدىن گۇمانلىنىۋاتاتتى.بىراق زۆھرەنىڭ سالامەتلىكى بالىسى يۇقاپ كىتىشتەك بۇندااق چوڭ زەربىنى كۈتۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس. قانداق قىلىش كىرەك؟ قادىر ئاخىرى قاتتىق ئويلۇنۇشلاردىن كىيىن لالەنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدى.
-لالە بۇۋاقنى نەدىن تاپىمىز. ۋاقىت ئىنتايىن قىس. ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدۇ؟
-بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ.
لالە ھېلىراقتا ئاڭلىغانلىرىنى دېيىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇۋاقنى ئۇقۇشۇپ قويغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتتى.
-لالە بۇ بالىنى قانداق قىلىپ بۇ جايغا ئەكىلىمىز ئىككىلىمىز بارساق بولمايدۇ-دە؟
لالە ھېلىدىن بىرى بېشىنى قاتۇرۇپ كىلىۋاتقان مەسلىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى دەۋەتقان شۇ مەزگىلدە كارىدۇردىن لالە دوختۇر تېلېفۇن دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قادىرغا چىقىپلا كىرەي دېدى-دە ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى.
دەرۋەقە تېلېفۇن لالەنىڭ قوشنا ناھيىدە ئىشلەيدىغان يولدىشىدىن كەلگەن ئىدى.
ئۇلار تېلېفۇندا بىر دەم سۆزلەشكەندىن كېيىن لالەدە دەرھال يولدىشىنى چاقىرىپ كىلىپ بۇۋاقنى يولدىشىغا ئەكەلدۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى-دە ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋىتىپ بولغان ئەھۋاللارنى يولدىشىغا چۈشەندۈرۈپ ياردەم قىلىشنى ئۈتۈندى.
-تاھىر ئەھۋال سىزگە دىگەندەك بۇ يەردە سىزنى ھىچكىشىم تۇنىمايدۇ شۇڭا سىزنىڭ يارىدىمىڭىزگە مۇھتاج بۇلۇپ قالدۇق.
-سىزنىڭچە بۇ ئىش قاملىشارمۇ؟
ئەلۋەتتە. سىز دەرھال كەلسىڭىز بۇلاتتى.
-بولىدۇ سىزنىڭ ساۋاقدېشىڭىز ئىكەن. بالىنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدە سىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىڭىز بار شۇڭا سىلەرگە ياردەم قىلاي.
شۇنىڭ بىلەن لالە بۇ خوشخەۋەرنى قادىرغا يەتكۈزدى ۋە يولدىشى يىتىپ كەلگەندىن كىيىن بالىنى ئۇڭۇشلۇق زۆھرەنىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ كەلدى.
ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىپ زۆھرەنىڭ ئوپراتسىيىسىگە بىرگە كىرگەن دوختۇر-سىستىرالارنىڭ ئاغزىنى ئىتىشتىلا قالغان ئىدى.
لالە بۇ ئىشنىمۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلدى.
لالە ئوپراتسىيىگە كىرگەن بىر ئايال دوختۇر بىلەن يەنە ئىككى سىستىراغا قادىرنىڭ بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە بىر بۇۋاقنى بېقىۋالغانلىقىنى بۇ ئىشنى ناھايىتى سىر ساقلىمىسا ئۆزلىرىنىڭمۇ مەسئۇليەتتىن قېچىپ قۇتلالمايدىغانلىقىنى بۇلۇپمۇ زۆھرەدىن قاتتىن سىر تۇتۇشنى ئېيتىپ ئۇلارنى قايىل قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ سىر قادىر بىلەن لالەنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغاندىن باشقا ھىچقانداق كىشى ۋە  زۆھرە بۇ سىردىن خەۋەرسىز، تۇغۇلغان بالىنى ئۆزۈمنىڭ بالىسى دەپ تۇنىدى. ئۇ ۋاقىتقىچە لالە تۇغۇلۇش ئىسپاتىنىمۇ ئۆزگەرتىپ سۇ كىرمىگىدەك قىلىپ قويغان ئىدى. كىيىن تاساددىبىي پۇرسەتتە بۇ سىردىن قادىرنىڭ بىردىن-بىر قېرىندىشى بولغان رەشىدەمۇ خەۋەر تېپىپ ئاكىسى ۋە يەڭگىسى ئۈچۈن كۆپ ئازاپ زەككەن ۋە ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلغادن ئىدى.
قادىرنى يىللاردىن بىرى ئازاپلاپ كىلىۋاتقان بۇ سىرنىڭ بۈگۈن قانداق بۇلۇپ يىشىلىپ قالغانلىقىغا ئەقلى  يەتمەي قالغان ئىدى.
رەشىدە بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر. بىراق بۇ ئىشنى زۆھرەگە قانداق چۈشەندۈرشۈمنى ھىچ بىلەلمەيۋاتىمەن.
-ئاكا بۇ ئىشنى يەڭگەمگە ھەر گىز دىمىگىن. يەڭگەمنىڭ 24يىلدىن بىرى ئۆز قىزىم دەپ بېقىپ كىلىۋاتقان راھىلەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلسە يەڭگەممۇ ۋە راھىلەمۇ بۇ زەربىنى كۈترەلمەيدۇ.
-ئەمسە قانداق قىلىمىز.
بولسا رەھىلە بىلەن ئادىلنىڭ تويىنى قىلىپ قۇيايلى.
-بىراق زۆھرە بۇ ئىشقا باشتىن ئاخىرى قارشى تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنى قانداق يۇمشۇتۇش كىرەك.
-ئاكا بۇ جەھەتتە مەن سىنى قوللايمەن. ئادىلمۇ ناھايىتى ياخشى بالا بولدى. مەن يەڭگەمگە چۈشەندۈرەي.
قادىر بىلەن رەشىدە زۆھرەگە قانداق خىزمەت ئىشلەش ۋە قانداق قايىل قىلىش توغرىسىدا بىرلككە كلەەەندىن كىيىن خوشلۇشۇپ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
راھىلەنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ناھايىتى ناچار بولسىمۇ بىراق سىنىپقا كىرگەندىن كىيىنلا كەيپىياتى سەل ياخشىلانغاندەك بولدى. ئۇ بىر سائەتلىك دەرسنى باللارغا ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن سىنىپتىن چىقكىپ ئۇدۇل ئادىلنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى ۋە ماتىرياللار دۆۋىسى ئىچىدە ئولتۇغان ئادىلنى سىرىتقا ئېلىپ چىقتى.
-ئادىل بولسا رەيھان ئاپام ئۆيىمىزگە بېرىپ كەلسە بۇلاتتى.
-ئاپاممۇ توي ئىشىم توغرىسىدا بېشىمنى ئاغرىتىپلا كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپامنىڭ كۈنلىرىمۇ ئاز قالغاندەك كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئۆيىڭىزدىكىلەر ئاپامغا ياخشى مۇئامىلكىدە بولماي قالسا  ئاپامغا زەربە بۇلۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
-ئەنسىرمەڭ يېقىندىن بىرى دادام داۋاملىق ئاپىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سۇراپ تۇرۋاتىدۇ دادام بىزنى قوللايدىغاندەك تۇرىدۇ.
-بىراق ئاپىڭىزچۇ؟
ئاپام سەل جاھىل بىراق ئاپامنىڭ كۆڭلى ياخشى.
راھىلە بىلەن ئادىل ئەتە رەيھان قادىرنىڭ ئۆيىگە قىز سۇراپ باردىغانغا كىلىشىپ ئايرىلىشتى.
رەيھان ئادىلنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدىۋە:
-بالام بەكلا ئىگىز شاخقا ئېسلىۋاپسەن. قادىر جۈيجاڭ كىم؟بىز كىم؟  راھىلەغۇ ناھايىتى ياخشى قىز . بىراق بىزگە قىلچە ماس كەلمەيدۇ. ئۇلار ساڭا قىزىنى بىرىشكە قۇشۇلارمۇ؟
-راھىلەنىڭ دادىسىنىڭ باشقا پىركىرى يوقتەك. بىراق ئاپىسى جاھىللىق قىلۋاتسا كىرەك.
رەيھان قادىرنىڭ، رەشىدەنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى-دە، رەشىدە بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىدە رەشىدەنىڭ ئۆيىگە كىردى.
-رەشىدە سىزمۇ بىلىسىز. مىنىڭ ئادىلدىن باشقا ھىچنىمەم يوق. ئومرۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خازان مەزگىلىدە ئادىلنىڭ تويىنى قىلۋىتەي دىگەن ئىدىم بىراق ئادىل راھىلە بىلەن توي قىلسام دەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭ بىز قانداقمۇ قادىر جۈيجاڭلار بىلەن تەك بۇلالايمىز.
-ئۇنداق دىمەڭ رەيھان. تەڭ كىلەلمەيمىز دىگەن قانداق گەپ. ئادىل ئالتۇنغا تىگىشكىسىز بالا بولدى ئۇنىڭ ئۈستىگە .......
رەيھان بوغزىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتىۋەتتى-دەگەپنى دەرھال گەپنى يۆتكىدى.
-ئاكامنىمۇ بىلىسىز ناھايىتى قاراتوغرا ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىلمۇ مىنىڭ ئالدىمدا چوڭ بولغان. بۇلارنىڭ ئىشىدا بىرەر ياردىمىم تىگىدىغان ئىش بولسا تارتىنماي دەۋىرىڭ.
-مەنمۇ يېنىڭىزغا شۇ ئىش بىلەن كىرگەن ئىدىم. ئادىل بىلەن راھىلە دىيىشكەن ئىكەن.ئادىل ئەتە مىنى قادىر جۈيجاڭنىڭ  ئۆيىگەبېرىپ كەلسىڭىز داۋاتىدۇ. شۇڭا سىزنى بىرگە بېرىشىپ بىرەمدىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-بولىدۇ رەيھان بىرگە بارايلى.
كەچتە رەشىدە قادىرغا تېلېفۇن قىلىپ ئەتە رەيھان بىلەن بىرگە ئادىل ئۈچۈن  قىز سۇراپ بارىدىغانلىقىنى زۆھرەگە ئىددىۋى خىزمەت ئىشلەپ قۇيىشىنى تاپىلاپ تېلېفۇن قىلدى.
قادىر ياتاق ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىن ئەتىكى ئىشنىڭ گىپىنى چىقىرىپ بولغۇچە زۆھرە قايناپلا كەتتى.
-نېمە دىدىڭىز. بېشىڭىزنى ھەرە چېقىۋالمىغاندۇ؟ سىز ئۆتەپ-تېشىپ بىر تازلىق ئىشچىسىنىڭ ئوغلىغا قىز بەرمەكچىمۇ؟ مەن قەتئى قۇشۇلمايمەن. يۇرىت-قفمائەت نېمە دەيدۇ؟
-ئۇنداق دەپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ خۇتۇن. رەشىدەنىڭ دېيىشىچە ئۇ يىگىت ناھايىتى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، كۈيۈمچان چوڭ بوپتىدەك. قىزىمىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا مەيلى بار تۇرسا بىز قارشى تۇرۇپ نىمىمۇ قىلارمىز؟
-سىز شۇنداق دىگەن بىلەن ھەر ئىش خىلى-خىلى بىلەن بولغىنى ياخشى. بىزمۇچۇ خېلى-خېلى كىشلەر بىلەن قۇدىلاشقۇچىلىكىمىز بار. ئۆتەپ-تېشىپ قۇداڭ كىم دىسە كۇچا سۈپۈردىغان تازلىقچى دەپ يۈرەمدىم. راھىلەگە ئەر چىقمىغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئۇ بىرنىمىگە بىرىدىغان قىزىم يوق.
-خۇتۇن ئۇنداق جاھىللىق قىلمايلى. ئۆزىمىزگە يېنىپ قالمىسۇن يەنە.
-بىزگە يانىدىغان نىمىسى بار. بەرمەيمەن دىدىم بەرمەيمەن.
قادىر بىلەن راھىلە ئەنە شۇنداق تالاش تارتىش بىلەن ئۇخلاپ قېلىشتى.
ئەتىسى رەشىدە بىلەن كىرىپ كەلگەن رەيھاننى زۆھرە سۇغۇقلا قارشى ئالدى ۋە ئالدىغا ئىككى پىيالە چاي قۇيغاندىن باشقا ھىچقانداق قەنىت-گىزەكمۇ تىزمىدى. رەشىدە يەڭگىسىنىڭ بۇ قىلىقىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ بىراق ھىچقانداق گەپ قىلالمىدى.
رەشىدە يەڭگىسىگە رەيھاننىڭ كىلىش مەخسىدىنى ئېيتقاندىن كىيىن رەشىدە كىسىپلا.
-ماڭا قارسىلا مىنىڭ قىزىمنىڭ لايىقى بار، يېقىندا تۇيىنى قىلماقچى بۇلاۋاتىمىز.
زۆھرەنىڭ گىپى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا ئۆيگە كىرىپ كەلگەن قادىر سىڭلىسى رەشىدە بىلەن كۈرۈشتى ۋە رەيھاننىڭ يېقىندىن بۇيانقى سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى.قادىر رەيھاننىڭ كىلىش مەخسىدىنى رەشىدەدىن ئاڭلاپ بولغاچقا كىسىپلا ئادىل بىلەن رەشىدەنىڭ توينى ئۆزىنىڭ قىلىپ قۇيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۆھرە يولدىشىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە ئەقلىنى يەتكۈزەلمەي ئاۋارە بولغاچقا قادىرغا گەپ قىلىشنىمۇ ئۇنتىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگەزۆھرە مىھمانلارنىڭ ئالدىدا قادىرغا نېمىمۇ دىيەلەيتى.
رەيھان قادىرنىڭ گىپىدىن ئالەمچە خۇشال بولغان بولسىمۇ بىراق زۆھرەنىڭ مۇئامىسى ۋە قادىرنىڭ كىسىپ ئېيىتقان جاۋابى رەيھاننى سەل ئەنسىرىتىپ قويدى.
رەيھان ئادىلغا قادىرنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىش بىلەن بىرگە قادىرنىڭ ئۆزى باش بۇلۇپ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قۇيىدىغانلىقىنىمۇ قويماي سۆزلەپ بەردى.ئادىل قادىرنىڭ ئالىي جاناپ خىسلىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندى ۋە كۆڭلىدا قادىرنىڭ ئۆزىنى مۇرادىغا يەتكۈزگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيىتتى.
رەيھان قايتىپ كەتكەندىن كىيىن قادىرنىڭ ئۆيىدە بىر مەيدان جەڭ باشلىنىپ كەتتى زۆھرە يەنىلا جاھىللىق بىلەن بۇ تويغا قەتئى قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيىتسا قادىر بۇ توينى رەيھانغا بىر موچەن چىقىم قىلدۇرماي ئۆزى قىلىپ قويدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. بىرەر ئىش چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرغان رەشىدە ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا قېلىپ كىمگە نىمە دىيىشىنىمۇ بىلەلمەي ئوتۇراتتى.
ئاخىرى قادىرنىڭ بۇ ئۆينىڭ بىردىن-بىر تۇۋرىكى بولغان ھۆكمىرانلىق ئورنى چوڭ كىلىپ بۇ توي روياپقا چىقىدىغان بولدى.

توي كۈنى بىكىتىلگەندىن كىيىن باغاقلارمۇ تارقىتىلىپ بولدى بۇ نىڭدا قادىر بىلەن رەشىدە كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ بىراق زۆھرە بۇ تويغا نارازى بولغانلىقتىن باتناپ توي ئىشلىرىغا يېقىنمۇ تۇرمىدى ۋە ئۆزىنىڭ يېقىن-يۇرۇقلىرىغا باغاقمۇ تارقاتمىدى.لىكىن قادىر نەچچە يىل كۈرۈشمىگەن بارلىق ئەل-ئاغىنە ۋە ساۋاقداشلىرىغا تۇلۇق باغاق تارقاتتى.
قادىرنىڭ قىزىنىڭ توي باغىقىنى  تاپشۇرۇپ ئالغان ياسىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۇ ئۇزۇن يىلدىن بىرى ئۆزىنى ئازاپلاپ كىلىۋاتقان ۋىجدان ئازابىنىڭ  قىلچە يىنىكلىمەي تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى بارا-بارا ھىس قىلىشقا باشلىغان ئىدى. باغاق خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ياسىننىڭ ۋىجدانىنى تېخىمۇ ئۆرتەپ ئۇنى قاتتىق ئارامسىزلاندۇرۋاتاتتى، ياسىن قولىدىكى باغاققا قاراپ خيال دېڭىزىدىكى تەنھا قېيىقچىدەك خىيال دېڭىزىدا ئەركىن پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى.
ياسىنننىڭ تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقىۋاتقان چاغلىرى ئىدى ئەنە شۇ چاغدا ياسىن تۇرۇپلا زۆھرەنى ياخشى كۈرۈپ قالدى بىراق ياسىنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشىقى يوق مەشۇقتەك بىر ئىش ئىدى. چۈنكى زۆھرە بىلەن قادىر ئاللا بۇرۇن بىر بىرسىگە تىرىك ئايرىلمايمىز، دەپ قەسەم بىرىشىپ بولغان چاغلىرى ئىدى. كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشىپ كىتىۋاتقان قادىر بىلەن زۆھرەنى كۆرگەن ياسىن خۇددى ئۇغا ئىچىۋالغان ئادەمدەك ئازاپلىنىپ يۈردى ۋە مەكتەپتە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇنداق يېقىن يۈرىشىدىن بىزار بۇلۇپ بىراقلا ئۇقىماي مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى. ياسىنىنىڭ ئاتا-ئانىسى قانچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ بىراق ياسىن گەپ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ئۇ مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن  مەكتەپتىن يانغان قادىرنى لۈكچەك دوستلىرىنى توپلاپ قاتتىق ئۇرغۇزۋەتكەن ئىدى
شۇنىڭ بىلەن ياسىن كوچىدىكى بىر قىسىم لۈكچەكلەر بىلەن ئارلىشىپ قىلمىغان ئەسكى ئىشى قالمىدى.ياسىن جىنايەت-پاقىقىغا كۈندىن كۈنگە پېتىپ كىتىۋاتقان شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياسىن ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ قالدى.
رەقىپلەر تار يەردە ئۇچرۇشۇپتۇ دىگەندەك قادىرنىڭ يېڭى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ ساقچىخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان چاغلىرى بولغانلىقتىن ياسىن بىلەن قادىر بۇ جايدا ئۇچرۇشۇپ قالدى.
 قادىر ساۋاقدېشىنى بۇنداق جايدا ئۇچرىتارمەن دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ياسىنمۇ ئۆزىگە رەقىپ ھىساپلاپ كەلگەن قادىرنىڭ ئالىدىدا بۇنداق نۇمۇسقا قېلىشىنى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرگۈزمىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى دىگۈدەك قادىرنى ئىزلەپ كىلىۋاتقان زۆھرەنى كۆرگەن ياسىن قادىر بىلەن زۆھرەگە ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ بۇلۇپ كەتتى.
شۇ قېتىملىق بۇلاڭچىلىقتا ياسىن ئەگەشكۈچى جىنايەتچى بولغانلىقتىن 3يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ قاماقتا يېتىش جەريانىدا قادىر بىلەن زۆھرەدىن قانداق ئۆز ئېلىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلاندى. ۋە ناھايىتى ئەپچىل چارىدىن بىرنى تېپىپ چىقتى.
توي ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تويغا ياسىنمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. قادىر خۇددى ياسىنغا  ئۇزۇن يىللىق قەدىناس دوستىدەك مۇئامىلە قىلىپ تۆرگە باشلىدى ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاشلا ھۆرمىتىنى قىلدى.
ياسىن تويغا كەلگەنلىكىگە كۆپ پۇشايمان قىلدى چۈنكى قادىرنىڭ كەڭ قۇرساقلىقى ياسىننىڭ ۋىجدان ئازابىنى ئېغىرلىتىپ يۈرەك يارىسىىنى يەنە بىر قېتىم قانىتىۋەتكەن ئىدى.
توي ھارغىنلىقى يەتكەن قادىر ۋە زۆھرەلەر ئۇغۇل قىزنى ئۆز ئۆيىگە يولغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى مىھمانلارنىمۇ ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ ئۆيىگە ماڭايلى دەپ تۇرغان ۋاقىتتا ياسىن پەيدا بۇلۇپ قالدى ۋە قادىرنىڭ تەكلىۋى بىلەن قادىرنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
قادىر ياسىننى مىھمانخانىدىكى دىۋانغا باشلىدى. زۆھرە ياسىن ۋە قادىرغا چاي قۇيۇپ قۇيۇپ ئەمدى قادىرنىڭ يېنىغا ئولتۇرشى ياسىن قادىر بىلەن زۆھرەنىڭ ئالدىدا تىزلاندى ۋە مىنى كەچۈرۈڭلار دىگەن بىر ئېغىز گەپنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى.
نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان قادىر بىلەن زۆھرە
-ياسىن بۇ نىمە ئىش. نىمىشكە مۇنداق قىلىسىز؟-دەپ دەرھال ياسىننى يۆلىمەكچى بولدى.
-مەن گۇناھكار. مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئولتۇرساممۇ گۈناھىمنى يۈيۈپ تۈگتەلمەيمەن.
ئىشىك قوڭغۇرقى جىرىڭلىدى. زۆھرە ئىتتىك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. بىر قولىدا كورا كۈتۈرگەن رەشىدە ئۆيگە كىرىپلا  پولدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ياسىننى كۈرۈپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تىڭىرقاپ قالدى.زۆھرە :
-قېنى ياسىن تىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، رەشىدە دىۋانغا كىلىپ ئولتۇرۇڭ دېگەچ رەشىدەنىڭ قولىدىكى كورىنى ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقتى.
ياسىن تېخىغىچە ئورنىدىن تۇرماي يۇم-يۇم يىغلاۋاتاتتى.قادىر:
-قېنى قانداق گىپىڭ بولسا ئورنۇڭىدىن تۇرۇپ دىگەن ئاداش.
ياسىن ئۆتمۈشتىكى بۇ قاباھەتلىك ئىشىنى بۈگۈن دىۋالمىسا قىيامەت قايىم بولىدىغاندەك  چىپىنى باشلىدى.
-قادىر، زۆھرە مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن. مەن ئادەم ئەمەس. بالا مىھرىنىڭ بۇنداق چۇڭقۇر بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ بالىلىق بولغاندىلا ئاندىن چۈشەندىم. مەن ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋان. ئەسلىدە زۆھرە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ مۇھاببەتلىشىپ يۈرگىنىڭلارنى كۈرۈپ پەقەت چىدىيالماي قالغان ئىدىم. چۈنكى مەن زۆھرەنى بۇرۇنلا ياخشى كۈرۈپ قالغان بولساممۇ بىراق زۆھرەگە كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇشتىن رايىم يېنىپ مەكتەپتىن چىكىندىم. جەميەتتىكى ناچار بالىلار بىلەن ئارلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قادىر ئىشلەۋەتقان ساقچىخانىدىكىلەرەە تۇتۇلۇپ 3يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم، بۇ ئىشلارنىمۇ قادىردىن كۈرۈپ قادىرغا چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ بۇلۇپ قادىردىن ئۆز ئېلىشقا بەل باغلىدىم. مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ قادىرنىڭ باشقا ناھيىدە ئىكەنلىكىنى ۋە زۆھرە بىلەن نەچچە ئاي بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى بىلدىم. مەن سىلەر تۇرغان ك ناھيىسىگە بېرىپ زۆھرە ۋە قادىر ئىشلەۋاتقان ئىدارىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئىككىڭلارنى نەچچە كۈنگىچە گۈزتۈپ يۈردۈم ۋە ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئويلاپ يۈردۈم.
بىر كۈنى كىتىپ بارسام سىتولبىغا چاپلانغان بالا ئىزلەش ئىلانىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە كۆز ئالدىم يۈرىغاندەك ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كەتتىم چۈنكى زۆھرە ھامىلدار بۇلۇپ ئاي-كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئىدى.
قادىرلار خۇددى بىر ھىكايە ئاڭلاۋااتقاندەك ۋە ھىكايە تۈگكەندىن كىيىن تىگىشلىك تەدبىر قوللۇنىدىغاندەك تۇيغۇدا گەپ-سۆز قىلماي ياسىننىڭ ھىكايىسىنى تىڭشاپ ئولتۇرشاتتى.
مەن كۈندە دىگۈدەك ئۆيۈڭلەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ قادىر  زۆھرەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان ۋاقتىدا سىلەرنىڭ كەينىڭلارغا چۈشتۈم ۋە قۇلۇمنى قەستەن يارلاندۇرۇپ كىسەلخانىغا ئۇرۇنلىشىۋالدىم.  مەن دوختۇرخانىدا تېخىمۇ ھۇشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ بالىنىڭ تۇغۇلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈپ تۇردۇم. ئاخىرى بالىمۇ تۇغۇلدى بىراق زۆھرەنىڭ تۇغۇتى قىيىن تۇغۇت بۇلۇپ زۆھرە ئېغىر كىسەللەرنى گۈزۈتۈش ئۆيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى بالىنى سىستىرالار زۆھرە ياتقان ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قادىر ۋە بىر سىستىرا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. مەن پەيىت كۈتۈپ تۇرغان شۇ ۋاقىتتا قادىر بالىنى يالغۇز قۇيۇپ ئېغىر كىسەللەر گۈزۈتۈش ئۆيى تەرەپكە كىتىپ قالدى مەن شۇ ۋاقىتتا بالاڭلارنى ئېلىپ قېچىپ يىراق بىر مەھەللىگە بارىدىغان ئورمانلىق ئىچىگە تاشلىۋەتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن سىلەردىن ئۆچ ئېلىش مەخسىدىمگە يەتكەندەك بولدۇم مەن شۇندىن كىيىن نۇرغۇن كىچىلەرنى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈگەن بولساممۇ بىراق يەنىلا كىچىككەن ئىدىم.
-زۆھرە ياسىننىڭ بۇ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمىگەندەك قادىرغا قارىدى. ۋە دەرھال ياسىننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.
-ئۇنداقتا راھىلە مېنىڭ بالام ئەمەسكەندە. مېنىڭ بالام زادى نەدە؟ سەن بالىنى نەگە يۈشۈرۈپ قويدۇڭ تىز دە.
-زۆھرە مەن ھايۋان. مەن بالىنىڭ ھازىر نەدىلىكىنى بىلمەيمەن، مەن كېيىن كۆپ ئىزلىگەن بولساممۇ بىراق بالىنى تاپالمىدىم.
-ھۇ ھايۋان. ئادەم قېلپىدىن چىققان مەخلۇق سەن 24يىلدىن بىرى قاندادق ياشاپ كەلدىڭ؟
قادىر ئەگەر ئادىلنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنىدە چۇقۇم ياسىننى تۇرمىگە قايتا سۇلاتقان ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈۋەتكەن بۇلاتتى، بىراق ئادىلنىڭ تېپىلىشى قادىر ئۈچۈن زور خۇشاللىق بولغاچقا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۋاتقان ئىدى. 
-قادىر ياسىننىڭ ياقىسىدىن زۆھرەنىڭ قۇلىنى ئاجراتتى ۋە :
-زۆھرە بولدى قىلىڭ بۇلار ئىش بۇلۇپتۇ ياسىننىڭ قىلمىشىنى ئىقرار قىلىشى بۇ خاتالىقىنى تۇنغانلىقىدىن.
-ئۇنداقتا سىز بۇرۇنلا بۇ ئىشلارنى بىلىدىكەنسىزدە؟
-شۇنداق مەن ئوغلىمىز يۇقاپ كەتكەندىن كېيىن ناھايىتى ئازاپلاندىم ۋە سىزنىڭ ھۇشىڭىزغا كىلىپ بۇ زەربىنى كۈترەلمەسلىكىڭىزدىن ناھايىتى ئەنسىردىم.
  قادىر بالا يۇقاپ كەتكەندن كىيىن راھىلەنى قانداق بېقىۋالغانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى تويى بولغان يىگىت ئادىلنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن رەشىدەدىن بىلگىنلىكلىرىنى چالا قويماي سۆزلەپ بەردى.
زۆھرە بالام دىدى-دە ئاياغ كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ .ئادىلنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈردى.

خاتىمە
رەيھان ئادىلنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ بۈگۈنكى قۇدۇللىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە بىر قېتىم ھۇشىدىن كەتتى. راھىلە بارلىق ھىكايىنى ئاڭلاپ تۈگەتكەندىن كىيىن يۇم-يۇم ياش تۈكۈپ ئادىلنىڭ قىسمەتلىرىگە ئېچىندى. ئۆزى گەرچە تاشلىۋىتىلگەن بۇۋاق بولسىمۇ بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھرىدە چوڭ بولغانلىقىدىن سۈيۈندى.
رەيھان قادىر بىلەن زۆھرەگە ئادىلنى تاپشۇرۇپ بىرىشنى ساقلاۋاتقاندەك، سىر ئېچىلىپ 3كۈندىن كىيىن  راھىتىدىن جاپاسى تۇلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. قادىر بىلەن زۆھرە ئۆز ئوغلىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان بۇ جاپاكەش ئانىنىڭ ئۆلۈمىنى ناھايىتى داغدۇغلۇق ئۇزۇتۇپ قويدى.
ھازىر راھىلە بىلەن ئادىل ئۇماق بىر بالىغا ئاتا-ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.


يازمام تامام
2011-10-ماي بارچۇق دىيارىدا تاماملاندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 07:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان .ئىشمۇ ياكى توقۇلمىمۇ؟

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 01:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۆزۈمنىڭ تۇقۇپ باققان ھىكايەم. مەن بىر ھەپتىدىن بىرى ئالدىراش تورغا چىقالمىغانلىقتىن ۋاقتىدا جاۋاپ يازالماپتىمەن كەچۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35312
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 11:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك تەسىرلەندىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش